
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر تۆۋەندە ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ئاتاقلىق يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي قەلمىدە پۈتكەن ( جۇدالىق سىرى ) ناملىق رومان ، بۇ روماننى شىنجاڭ ئايبەر خەلقئارا ساياھەت شىركىتى ئالاھىدە قوللىغان ، ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن گۈل قەلەم سالۇندا تارقتىدۇ ، ئايبەر ئاۋازى سالۇندا ئۇلاپ تەكرار تارقىتىلىدۇ ، بۇ روماننى دەل ۋاقتىدا ئاڭلاشنى خالىساڭلار ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ گۈل قەلەم سالۇننى قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ ، ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى ،
ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ، رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت .
( جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
( جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ خەتلىكىنى ئالدىن ئوقۇماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
………
…………
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى مانا بۇ تىرناق ئىچىدە
ساننى بېسىپ كىرىپ ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
|
جۇدالىق سىرى
(رومان)
ئاپتۇرى:نۇرگۈل ئەبەي
3
سادىق،چۈشتىن قايرىلغاندا،ئۇزاپ ماڭدى.ئېلاخۇن قويچى،ئەر-خوتۇن ئۇنى ئۇزۇتۇپ،ياغاچ دەرۋازىنىڭ ئالدىغىچە چىقتى.بۇ چاغدا، ئاسماننىڭ يۈزى تېخىمۇ بەتتەر تۈس ئالغان،خۇددى چاقماق گۈلدۈرلەش ئالدىدىكى ھاۋادەك بۇ تۇتۇق ھاۋا،پايانسىز چىغلىقتىكى بۇ ئۈچ چوڭ ئادەمنىڭ ئۈستىگە ھازىرلا مالامەتلىرىنى ياغدۇرىۋېتىدىغاندەك كۆرۈنەتتى.يىراقتىن بوران ئاۋازى ئاڭلانغىنى بىلەن بوران يوق،ئەتراپ غەلىتە تىمتاسلىققا چۆمگەنىدى.
__ ئەتىگىچە ماڭامسەن يا؟__ دېدى مەرەم ئانا،ئەنسىز كۆزلىرى بىلەن ئاسمان بېتىگە بىر قاراپ قويۇپ.
__ بولدى ئاچا،ھېلىمۇ بىر كۈن ئارتۇق ھايال بولدۇم،قادىركام بالدۇر يان،دېگەن،بارمىسام خاپا بولۇپ قالمىسۇن.__دېدى سادىق ياخشى كۆڭۈللۈك بۇ ئەر-ئاياللارغا ئۆزرە ئېيتىپ.
__ قادىرۋاينىڭ قويلىرىغا قاچانغىچە قارىشىپ بېرىدىغان بولغانىدىڭ؟__ دېدى ئېلاخۇن قويچى،__ ئۇنىڭ يايلىقىدا تۈزۈك ئوت يوق،بۆرىسى يامان يەر ئۇ،پەخەس بول.
__ شۇ،شۇ...دەسلەپ بىرەر يىل بېقىشارمەن دەپ ئويلىغان ھېلىمۇئىككى يىل بوپ كەتتى ،لېكىن قادىركام خىجىل قىلىپ تۇرۋېلىپ،بۇ يىلمۇ،باشقا قويچى تاپقۇچە قارىشىپ بېرىدىغان بولغان...__ دېدى سادىق جاۋابەن.
ئۇلار چىرايلىق ئايرىلىپ،سادىق يولىغا ماڭدى.ئېلاخۇن قويچى،قويلىرىغا ئوت سامان بېرىش ئۈچۈن ئېغىلغا كىردى.سەھەردە،سادىق ھەلەپ ئېتىپ،ھەممىنى تەييار قىلىپ قويغانىدى. بىراق نېمىشقىكىن،ئېغىلنىڭ بىر چېتىگە باغلاپ قويغان ئايغىر تىترەپ ئۈركۈيتتى.مىكىيانلار جان ساقلاش كويىدا باشلىرىنى كۆكرىكىگە پۈكۈۋالغانىدى.ئىتلار بىكاردىن بىكار قاۋايتتى ۋە بىر بىرى بىلەن سەۋەبسىز تالىشاتتى.تاغىل مۈشۈك توختىماي مىياڭشىپ،تالاغا چىقىۋالغان،ئالاقزادىلىك چىقىپ تۇرغان سېرىق كۆزلىرىنى، ھېلى ئېلاخۇن قويچىغا ھېلى مەرەم ئانىغا بىر ئىلتىجا بىلەن تىككىنىچە كەينىدىن ئەگىشىپ يۈرەتتى.دېمەك،ھاۋادىكى قارا بۇلۇتنىڭ تۆۋەنلىشى بارلىق جانۋارلارنى چەكسىز ساراسىمىگە سېلىۋەتكەنىدى.
مەرەم ئانا،ئالدىراپ يۈرۈپ ئۆچكىسىنى ساغدى.لېكىن ياۋاش ئۆچكە بۈگۈن كەيپسىز،خۇددى ئارغامچىسىنى ئۈزۈۋالىدىغاندەك جانجەھلى بىلەن ۋاقىرايتتى.مەرەم ئانا،ھەيران ۋە ئەنسىز بولدى.نېمە بولدى بۇ جانۋارلارغا،دېگىنىچە،بىر جاۋۇر سۈتنى كۆتۈرۈپ،ئېرىنىڭ يېنىغا كەلدى.دەل شۇ چاغدا تۇيۇقسىز گۈركىرىگەن دەھشەتلىك بۇغۇق ئاۋازنى ئاڭلاپ، ئېلاخۇن قويچىمۇ سىرتقا چىققان ۋە كېلىۋاتقان خوتۇنىغا قارىغىنىچە داڭقېتىپ تۇرۇپ قالدى.يەر-زىمىن، تام-تورۇسلار تىترەۋاتاتتى.ئۇلاپلا، ئەتىگەندىن بېرى زۇۋانى بېسىقماي مۆرەۋاتقان كالا-قويلار، توخۇ–كەپتەر،بۆدۈنە،قىرغاۋۇللار جان جەھلى بىلەن تەرەپ-تەرەپكە پېتىراشقا،ئۆرلەپ ئۇچۇشقا باشلىدى. گويا جاھان كۈكۈم تالقان بولىدىغاندەكلا قىلاتتى.ئەنسىرگەنكىدەك،كونا قوتان گۈلدۈرلەپ ئۆرۈلدى،ئۇلاپلا پاكار ئۈچ ئېغىزلىق كېسەك ئۆيمۇ قەغەز لەمپىدەك لەپپەڭشىشكە باشلىدى.مانا شۇندىلا نېمە ۋەقە بولغانلىقىنى ئاڭقىرالىغان ئېلاخۇن قويچى «سەلىمە!»دەپ ۋارقىرىدى ۋە ھېچ ئىككىلىنىپ تۇرماي ئۆي ئىچىگە قاراپ ئېتىلدى، لېكىن ئۇ بوۋاقنى ئېلىپ چىقىشقا ئۈلگۈرەلمىدى،ئىشىككە پۇت قويغان ئاشۇ دەقىقىدە تام ئۆرۈلۈپ، پۈتۈن سۈرۈكلا ئادەم تام ئاستىدا قالدى.
ـــ ۋاي،ئېلاخۇن!ـــ مەرەم ئانا ھېچنېمىگە قارىماي بوۋىيىنىڭ كەينىدىن يۈگۈردى، ئەمما ئۇ خۇددى دولقۇندەك يۇپۇرلۇپ كەلگەن بىر كۈچلۈك تەۋرىنىشتىن دەلدۈگۈنۈپ يىقىلدى. ئۇلاپ،كونا تام-تورۇسلار بىراقلا ئۆرۈلۈپ،ھاينى ھۇيت دېگۈچە مەرەم ئانىنىڭ كۆز ئالدىدا بىر دۆۋە خارابىلىك پەيدا بولدى. ئۆرۈلگەن تاملار ئارىسىدىن قويۇق توپا-چاڭ كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى. ئەتراپتىن قورقۇنچلۇق گۈرۈلدەشلەر ئۈزۈلمەي ئاڭلىناتتى. يەر-زىمىن قاتتىق بىر سىلكىنگەندەك، تىترىگەندەك، قەھر بىلەن نەرە تارتقاندەك پۈتۈن كائىناتنى غەلىتىلا بىر سۈر بېسىپ كېتىۋاتاتتى.لېكىن ھايال ئۆتمەي،جاھان يەنە شۇنداق تېز تىنجىپ قالدى.ئەمما مەھەللە تەرەپتىن قۇلاقنى يارغۇدەك، يۈرەكنى ئەزگۈدەك قىيا-چىيا، ۋاررۇ-ۋۇررۇلار، يىغلاش-قاقشاشلار ئاڭلىنىشقا باشلىدى.
مەرەم ئانا بىلدى.دېمەك،مەھەللىدە قاتتىق يەر تەۋرىگەن ئىدى.ئانا،خۇدىنى بىر بىلىپ،بىر بىلمەي،دەلدۈگۈنۈپ تۇردى-دە، بايىلا بوۋىيى كۆمۈلۈپ قالغان توپا دۆۋىسىگە ئۆزىنى ئاتتى. ئۇ قوللىرىنىڭ قاناپ يېرىلىپ كەتكىنىنىمۇ سەزمىدى. بار كۈچى بىلەن توپىلارنىڭ ئاستىدىن ئېرىنى ئىزدەيتتى. ھەرىكىتى شۇنچىلىك چاققان ھەم قەيسەر ئىدىكى، يوغان-يوغان كېسەك،چەنزە-ياغاچلارنى خۇددى قەغەز پارچىلىرىنى تاشلىغاندەك، پىرىلدىتىپ نېرىغا ئاتاتتى. بىر چاغدا ئېلاخۇن قويچىنىڭ دۈم ھالەتتە تۇرغان بېشى كۆرۈندى. موماي تېخىمۇ جىددىيلىشىپ، مىنۇت ئىچىدىلا بوۋاينى بېسىپ تۇرغان تاش-كېسەكلەرنى نېرىغا ئېتىپ، ئۇنى توپىلار ئاستىدىن سۆرەپ چىقتى:
ـــ بوۋاي كۆزلىرىنى ئاچسىلا! كۆزلىرىنى ئاچسىلا!...ـــ ئېلاخۇن قويچىدىن زۇۋان چىقمىدى.ئەمما ئۇنىڭ تىنىقى بار،ئەمما چىقىۋاتقان قانلا ھېچ توختاي دېمەيتتى. مەرەم ئانا كۆڭلىكىنىڭ پېشىنى چىشلەپ يىرتىپ، بوۋىيىنىڭ بېشىنى تاڭدى،تاڭغاچ،ئېرىنىڭ ئىسمىنى توختىماي چاقىراتتى.
ـــ ئىڭڭە...ـــ يەر تېگىدىن چىقىۋاتقاندەك ئاڭلىنىۋاتقان بۇ ئاۋازدىن موماي چىپپىدە توختاپ قالدى، بايىقى جىددىيچىلىكتە تۈنۈگۈنلا بۇ ئۆيگە مېھمان بولۇپ كەلگەن بوۋاق ـــ سەلىمە ئۇنىڭ ئېسىدىن پۈتۈنلەي كۆتۈرلۈپ كەتكەن ئىدى...
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ
ـــ سەلىمە...يىغلاۋاتىدۇ...ـــ ئېلاخۇن قويچىنىڭ ئۈزۈك-ئۈزۈك ئاۋازىنى ئاڭلاپ مەرەم ئانا تېخىمۇ يىغلاپ كەتتى. ئۇ بالىنىڭ ئاۋازىدىن بەكرەك بوۋىيىنىڭ ھۇشىنىڭ بارلىقىدىن خۇش بولغان ئىدى.
ـــ سەلى... مەنى تېپىپ... كەلگىن موماي، مەن ياخشى... ئەنسىرىمە... ـــ ئېلاخۇن قويچى زورۇقۇپ يۈرۈپ مومىيىغا شۇلارنى تاپىلىدى، ھەم موماينى خاتىرجەم قىلماقچى بولغاندەك سەل-پەل كۈلۈمسىرىدى.
ـــ ماقۇل، دادىسى، ماقۇل......ــ ئو شۇنداق دېگىنىچە،ئېرىنىڭ بېشىنى كونا پالاسقا ئاۋايلاپ قويدى-دە، بالىنىڭ ئاۋازى كېلىۋاتقان جايغا بۇرۇلدى. ئاۋاز بارغانسېرى كۈچىيىۋاتاتتى، ياڭراق ھەم سۈزۈك ئىدى. موماي بالىنىڭ ساق-سالامەت ئىكەنلىكىگە ئىشەندى ۋە خارابىلەر ئارىسىدا تىمىسقىلاشقا باشلىدى. ئۇ چوقچىيىپ تۇرغان يوغان لىملارنى ئاۋايلاپ يۆتكەيتتى. بالىنىڭ ئاۋازى يېقىنلا يەردىن كېلىۋاتقاندەك ئىدى. شۇ چاغدا قورقۇنچتىن كۆزلىرى جامدەك چەكچىيىپ كەتكەن سادىق پەيدا بولدى. ئۇ قان ئىچىدە ياتقان ئېلاخۇن قويچىنىڭ قېشىغا يۈگۈرۈپ كەلدى.
ـــ ئېلاڭكا... قانداقراق تۇرىلا؟ــ دېدى ئۆڭسۈلى ئۈچۈپ.
ـــ ياخشى... ماڭغىن، بېرىپ سەلىمەنى تېپىشىپ بەر... ئاڭلىغىنا، ئۇ يىغلاۋاتىدۇ...ــ دېدى ئېلاخۇن قويچى ئاجىز تىنىقلىرى بىلەن ئىڭراپ.
سادىق مەرەم ئانىغا ياردەملىشىپ، خارابىلەر ئىچىدىن بالىنى ئىزدەشكە باشلىدى. ئالاھىزەل يېرىم سائەتلەردىن كېيىن بالا تېپىلدى. بالا بۆشۈكتە يىغلاپ ياتاتتى، تامغا يۆلەپ قويۇلغان قوپال ياغاچلىق يوغان تاماق ئۈستىلى بۆشۈكنىڭ ئۈستىگىلا كىيىلىپ قالغان، ئەمبەلنىڭ قېلىن تاختايلىرى ۋە ئېگىز پۇتلىرى بوۋاققا قالقان بولغان ئىدى.بۇ كارامەتتىن مەرەم ئانىمۇ، سادىقمۇ ھەيرانۇ-ھەس بولدى. «ئەگەر ياشىشى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولسا،پاختىنىڭ ئىچىدە چوغ تۇرىدۇ،ئاپىرىن!» بالىنىڭ توپا باسقان يۈزلىرىنى سىيلاپ تۇرغان مەرەم ئانا،شۇنداق دەپ تەشەككۈرلەر ئېيتتى.ۋە بالىنى بۆشۈك بىلەنلا كۆتۈرۈپ ئېلاخۇن قويچىنىڭ يېنىغا ئېلىپ كەلدى:
ـــ قارىسىلا دادىسى، سەلىمە ساقكەن، ھېچنېمە بولماپتۇ، بالا ساق- سالامەت ئىكەن، ــ دېدى مەرەم ئانا بوۋىيىنىڭ بېشىغا يۈكۈنۈپ،ــ سېلىنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارايلى....
ـــ شۇنداق قىلايلى...ــ دېدى سادىق ھەم ئۆرۈلۈپ كەتكەن ئاتخانىغا ئىختىيارسىز قارىدى، ئاتلارنىڭ بىرىمۇ كۆرۈنمەيتتى. ئاتلا ئەمەس، قوتاندا بېقىلىۋاتقان ھېچقانداق جاندارنىڭ دىدارى يوق ئىدى.
ـــ مەن ئېلانىكامنى يۈدۈپ ماڭاي...ــ دېدى ئۇ ئۈمىدسىزلەنگىنىنى چاندۇرماسلىققا تىرىشىپ، ئەمما ئېلاخۇن قويچى سارغىيىپ كەتكەن قوللىرى بىلەن ئۇنى توستى:
ـــ بولدى قىل، سادىق... مەن دوختۇرخانىغا پايلىمايمەن... ــ دىدى ئۇ.بىچارە قويچىنىڭ بېشىدىن ئېقىۋاتقان قان مۇزدەك سوغوق يەردە قېتىپ قالغان ئىدى،ـــ خوتۇن، مەن سەندىن رازىمەن، سەندىن رازى.....
ـــ مەنمەنمۇ رازى، بوۋاي، سېلىدىن رازىمەن،سىلىمۇ مەندىن رازى بولسىلا،كەم ئەقىللىق قىلىپ ۋاقىراپ سالدىم،تاماقلىرى ۋاختىدا پىشمىدى ھەم ئوخشىتالمىدىم...ـــ دېدى مەرەم ئانىمۇ زار-زار يىغلاپ.
__ رازى...رازى...سېنىڭچىلىك خوتۇن بىلەن ئۆتكىنىم مېنىڭ بەختىم ئەمەسمۇ؟...
ـــ ئېلاڭكا، مەندىن رازى بولسىلا... سېلىگە بالانى مەن تېپىپ بەردىممۇ ئەمدى... ھەممە ئادەم قاچقان بۇ بالىنى سېلىگە ئەكىلىپ بېرىپ،راست،مەن ھەممىنى ۋەيران قىلدىم... مەن رىزۋانىخان دېگەن ئايالنىڭ گېپىنى ئاڭلىسام بوپتىكەن...ــ سادىق بۇغۇنۇقۇپ تۇرۇپ شۇنداق دېۋىدى،ئېلاخۇن قويچى،ئۇنىڭ توپا باسقان چىرايىغا شۇنداق نەپرەتلىك تۇيغۇسى بىلەن قارىدىكى،نەتىجىدە سادىق پوكاندەك قىزىرىپ، لام جىم دېمەستىن بېشىنى تۆۋەن سالدى.
ـــ نېمە دېگىنىڭ بۇ؟... بۇنداق دېسەڭ توغرا بولامدۇ؟... بۇ بالا بىزگە بېرىلگەن مۇكاپات.... موماي، سەنمۇ ھەرگىز بۇ بالىنى ئاپەت دەپ قارىما. قاراپ تۇر، مۇشۇ سەلىمە سېنىڭ ئامىتىڭ بولىدۇ كېيىن...
ـــ ماقۇل، مەن ھەرگىز باشقا خەقتەك ئويلىمايمەن،دادىسى... سەلىمەنى ھاياتلا بولسام ئۆز قىزىمدەك بېقىپ قاتارغا قوشىمەن،ئوقۇتىمەن...ـــ مەرەم ئانا مىڭ تۆكۈلۈپ بوۋىيىغا ۋەدە قىلدى. شۇندىلا ئېلاخۇن قويچىنىڭ كۆزى يۇمۇلغاندەك بولدى، بىر خاتىرجەملىك بىلەن بۆشۈكتە يىغلاپ ياتقان سەلىمەگە قاراپ قىيماسلىق ئىچىدە ئۆمسىلا بىر كۈلدى-دە، بۇ دۇنيادىن مەڭگۈگە خوشلاشتى...
سادىق تارام-تارام ياش تۆككىنىچە ئېلاخۇن قويچىنىڭ ئېڭىكىنى تېڭىپ، پۇتىنىڭ باش بارمىقىنى چېتىۋاتقاندا،موماي بوۋاقنى بۆشۈكتىن ئاۋايلاپ يەشتى.خۇددى پۈتۈن ھاياتى مۇشۇ بالىغىلا مەركەزلىشىپ قالغاندەك،مۇڭ-مۇڭ يىغلاپ، ئۇنى باغرىغا،كېيىن ئۇچىسىدىكى توپىغا مىلەنگەن كەڭ پاختىلىق چاپىنىنىڭ ئىچىگە چىڭ تاڭدى.
باھارنىڭ سوغوق شامىلى بەدەنگە نەشتەردەك سانجىلاتتى، ھالبۇكى،مەھەللە تەرەپتىن ئاڭلىنىۋاتقان نالە-زارلار، داد-پەرياتلار شامالنىڭ سوغوقىدىنمۇ بەكرەك يۈرەككە تېگەتتى.ھالبۇكى، سەلىمە قاپقارا كۆزلىرىنى ھەيرانلىق بىلەن ئەتراپقا، پۈتۈنلەي ئېچىلىپ قالغان كەڭ دالىغا، مۇڭ-مۇڭ ياش تۆكۈپ ئولتۇرغان مىسكىن مومايغا تىكىپ،نېمىلەرنىدۇر دەپ گۇڭۇراپ ياتاتتى...
شۇ تەرىقىدە خېلى چاغ ئۆتتى، مەھەللىگە ياردەم سوراپ كەتكەن سادىق تېزلا قايتىپ كەلدى، ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن ئىدى، ئىڭەكلىرى سوغوقتىن بەكرەك بىر قورقۇشتىن كاسىلداپ تىترەپ تۇراتتى.
ـــ كونا كېسەك ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىلا ئۆرۈلۈپ كېتىپتۇ... مەھەللە ئىچى تاش-كېسەك ئاستىدا قاپتۇ... ئۆلۈپ كەتكەنلەرمۇ جىق چېغى... ــ دېدى ئۇ ئۆزىگە ئۈمتۈلۈپ تۇرغان مەرەم ئانانىڭ ياشلىق كۆزلىرىگە تىك قارىيالماي. ئۇ خۇددى ئېغىر بىر خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك، بىر گەپنى دېگۈسى كەلمىگەندەك سەل ئىككىلەندى-يۇ، يەنە گېپىنى داۋاملاشتۇردى،ـــ مەھەللىگە كىرىشىم بىلەنلا ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن رىزۋانىخاننى ئۇچراتتىم، ئۇ بارلىق پېشكەللىكنى،بوۋاقنىڭ شۇم ئايىغىدىن، دەپ بىلىدىكەن...ئۇنىڭغا بۇلۇشۇپ، ئەلىمىنى يۇتالماي قالغان بىر نەچچىسى مېنى سۈرۈپ كەتتى...ـــ دېدى تېخىمۇ دۇدۇقلاپ.
مومايدىن ئۈن چىقمىدى،ئەمما ئۇ بوۋاقنى يەنىمۇ چىڭ قۇچاقلاپ، بوۋىيىنىڭ قېتىپ كەتكەن جەسىتى ئالدىدا ، مىڭ يېرىدىن ياش تۆكۈپ ئولتۇرىۋەردى.
ـــ كېلىۋاتسام ھەربى،ساقچى،ھۆكۈمەت كادىرلىرىدىن نەچچە ماشىنا ئۆتۈپ كەتتى،كېيىن يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ماشىنىسىمىكىن، بىر ماشىنا يېنىمدا توختاپ ئەھۋالىمنى سورىدى. بۇ ياقتىكى ئەھۋالنى تولۇق دېدىم،ئېلاخۇنكامنىڭ تۈگەپ كەتكىنىنىمۇ بىلدى...ـــ دەپ گېپىگە قوشۇپ قويدى سادىق موماينىڭ يېنىغا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ. ئۇلار تاكى ھۆكۈمەت تەيىنلىگەن قۇتقۇزۇش خادىملىرى ماشىنىسىنى ھۇشقۇيتۇپ، ئۆرۈلۈپ چۈشكەن دەرۋازا ئالدىغا كەلگۈچە شۇ ھالدا ئولتۇردى.
شاقىلداق،شاقىلداق بولۇپ ھېچقاچان،ئاشۇ قېتىمقىدەك ئېغىر يەر تەۋرەپ باقمىغان ئىدى. ئالتە بال تەۋرەپ، نەچچە دەقىقە داۋام قىلغان بۇ ئاپەتتە ئۆلۈپ كەتكەن، ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى كۆپ ئىدى. ئالدىن بېيىپ، ئۆيلىرىنى ئانچە-مۇنچە يېڭىلىۋالغان بىر نەچچە ئائىلىلەردىن باشقا ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى بىر دۆۋە ئۆلۈك توپىغا ئايلانغان، جان-جانىۋارلار، يىقىلغان تېرەكلەرمۇ ساناقسىز ئىدى... مەھەللە ئىچىنى يىغا-زارە قاپلىدى. يېقىنلىرىدىن، ئاتا-ئانىلىرىدىن، قېرىنداشلىرىدىن، پەرزەنتلىرىدىن، مال- جاندارلىرىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يىغىسى يۈرەكنى ئېزەتتى. خۇددى ھېلىقى خوتۇنلار ئەنسىرىگەندەك بىر قارا ئاپەت مەھەللە ئىچىگە توپتوغرىلا باسۇرۇپ كەلگەن ئىدى.
داۋامى بار

ساياھەت قىلشىنى ياخشى كۆرەمسىز ؟ ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟ ئۇنداق بولسا شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ،
ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ، يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ، شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى ئېچىلدى . ساياھەت شىركىتىمىز يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ ، تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ .
ئالاقىلاشقۇچى : ئايبەر
ئالاقىلىشىش تېلىفون ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى : 19999706319






سالون تەۋسىيەسى


گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز ، ئىنكاس رايۇنىدا كۆرۈشەيلى




