大数跨境

جۇدالىق سىرى (رومان ) 50ـ قىسىم

جۇدالىق سىرى (رومان ) 50ـ قىسىم aybarawazi
2022-11-06
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

  سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر !  تۆۋەندە  يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي قەلمىدە  پۈتكەن ( جۇدالىق سىرى ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 51 - قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ




ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمىلىرىنى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ 

    

1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49



 ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى . جەمئى 54 قىسىم 

ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ،  رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ  كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە  ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت . 





 (  جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن تۇلۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 


جۇدالىق سىرى


(رومان)



50-قىسىم



ئىبراھىم سەلىمەنىڭ كۆڭلىنى چۈشەندى، بىچارە قىز ئۆتمۈشتىكى بارلىق دەد-ھەسرەتلىرىنى ئۇنتۇپ كېتەي دەۋاتسا، يەنە سالا قىلىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟

ــ چۈشەندىم سىڭلىم... سىزگە ئۈچ كۈن ئىچىدە خەۋەر بېرەي، مەن بۈگۈنلا بۇ ئىشنى پۈتتۈرىۋېتەي... بىزنىڭ ئۆيدىكىلەردىن، رەشىدتىن رازى بولۇپ كېتىڭ، سەلىمە... رەشىدنىڭ نەزىرى شۇنداق ئۈستۈن، ھېچقايسىمىزغا ئوخشىمايدۇ، ــ دېدى ئىبراھىم تەڭلىك بولۇپ.

ــ مەن رازى بولمىغۇدەك ھېچ ئىش بولغىنى يوق، ئىبراھىمكا، ھەممىسى مېنىڭ تەلەيسىزلىكىمدىن بولدى، ھىچقايسىڭلارنىڭ ھاردۇقۇڭلارنى چىقىرالمىدىم. بۇنى ئويلىسام سىلەرگە مەڭگۈ قەرزدارمەن تېخى...

سەلىمە ئىبراھىم بىلەن خوشلىشىپ يېنىپ چىقتى، ئۇنىڭ تۇنجى قەدىمى ئوڭۇشلۇق بولغان ئىدى. ئەسلىدە ئۇ تۆرەمگە مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق ئادەمنى ئىزدىمەسلىكنى ئويلىغان، ئەمما ئۆزىنىڭ تۆرەمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن باشقا ياردەم تەلەپ قىلىدىغان بىرەر ئادىمىنىڭ يوقلىقىنى ئويلاپ، قىزى ئۈچۈن بولسىمۇ بۇ يولغا قەدەم باسقان ئىدى.

دەرۋەقە ئۈچ كۈندىن كېيىن ئىبراھىمنى قايتا ئىزدەپ كىرگەن سەلىمەنىڭ قولىغا ناھىيەدىن 120 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قۇمدۆڭ باشلانغۇچ مەكتەپكە يۆتكەلگەنلىك ئۇختۇرۇشى تۇتقۇزۇلدى.

ــ بۇ يەر بەكلا چەت، ئەمما ھاۋاسى ساپ، ئادەملىرى ساددا، يېقىشلىق خەق، ئۇ يەرنىڭ سىزگە يات تۇيۇلمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، سەلىمە،ـــ دېدى ئىبراھىم كۆيۈنۈش تەلەپپۇزىدا.

ــ رەھمەت، ئىبراھىمكا، سىزنىڭ ياخشىلىقىڭىزنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالمايمەن، مەن بەختسىزنىڭ بېشىنى سىلىغان قولىڭىزغا دەرت يەتمىسۇن!ـــ سەلىمە قاتتىق تەسىرلىنىپ كۆز يېشى قىلدى.

ــ سەلىمە، ھەر يەردە دادىل ياشاڭ، سىز شۇنداق ئاق كۆڭۈل  ھەم شۇنداق ساغلام پىكىرلىك بىر قىزسىز... ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ،ـــ ئىبراھىمنىڭ سەلىمەگە يەنە باشقا گەپلەرنى دېگۈسىمۇ بار ئىدى، ئەمما كاتىپى ئۇنى جىددى يىغىنغا چاقىرىپ قالدى.

ــ ئېسىمدە تۇتىمەن، ئىبراھىمكا... بۇ گەپلىرىڭىزنى مەڭگۈ ئېسىمدە تۇتىمەن، ــ دېدى سەلىمە يىغلامسىراپ.

ــ مېنى ئاكا دېدىڭىز، ھەم مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلايدىغان بولدىڭىز، ئەمدى بۇنى ئېلىڭ، رەت قىلسىڭىز كۆڭلۈمگە كېلىدۇ. كىم بىلىدۇ، بۇ جاھاننىڭ ئىشىنى... سىزنى يەنە قاچان كۆرىمەن؟ سىزگە يەنە ياردەم بېرەلەمدىم يوق،بىلگىلى بولمايدۇ،ـــ ئىبراھىم شۇنداق دەپلا قويۇن يانچۇقىدىن بىر تۇتام پۇلنى ئېلىپ، سەلىمەنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى،ــ ئېلىڭ، ئەمدى قولۇمنى قايتۇرسىڭىز خاپا بولىمەن. كۆردىڭىز، جىددى يىغىن باركەن، بولمىسا قۇمدۆڭگە ئۆزۈم ئاپىرىپ قوياتتىم. ھېلىمۇ ھەممىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇم، ئۇ مەكتەپكە بارسىڭىز ئالدىڭىزغا ئادەم چىقىدۇ، ياتسىرىمايسىز، ــ دېدى ئىبراھىم ھەم پۇلنى سەلىمەنىڭ ئالقانلىرىغا زورلاپ تۇتقۇزغىنىچە خوشلىشىپ چىقىپ كەتتى.

سەلىمە ئىبراھىمدىن تەسىرلەنگەن، سۆيۈنگەن ھالدا بىنادىن چىقىپ،بېكەتكە قاراپ ماڭدى.قىشلاققا،قىزىنىڭ يېتىپ كەلگەندە،قاراڭغۇلۇق ئۇنى مەھكەم ئورىۋالغانىدى.ئىككىنچى كۈنى،تۈن پەردىسى قايرىلغاندا،ئۇ،ھاشىرخان ئانا بىلەن خوشلىشىپ،كېلىشىپ قويغان ماشىنىغا چىقتى.بۈگۈندىن باشلاپ،ئۇ ئۆزىنىڭ يېڭى تۇرمۇشىنى كۈتىۋالماقچى.سەلىمە،سۈبھىدىكى گىرىمسەن ئاسمانغا قاراپ،كۈن چىقىشتىن بۇرۇنقى غۇۋا بىر نۇرنىڭ ئاستا كۆتۈرۈلۈپ قىزىنىڭ يۈزىنى سۈيۈپ ئۆتكەنلىكىنى كۆردى.بۇ خىل تۇيغۇ خۇددى دۇنياغا كۆز ئېچىش ئالدىدىكى تۇيغۇنىڭ ئۆزى ئىدى...

6

 بۇ سىنتەبىر ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئىدى، ئەتراپتىكى سالا-سالا ئېتىزلاردا ئىشلەپ يۈرگەن دېھقانلار كۈزلۈك يىغىمنىڭ خۇشاللىقىغا چۆمگەن ئىدى.سەلىمە قۇمدۆڭگە كېلىپ، شوپۇر كۆرسىتىپ قويغان يول بىلەن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ قوروسىنى ئىزدەپ ماڭدى. ئۇنىڭ ئالدىدىلا بىر توپ ياش يىگىتلەر شوخ  ناخشا ئېيتىپ كېلىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بېشىغا چىمەن دوپپا، ئۈستىگە بىر تو قىلىپ كۈلرەڭ سارجىدا تىكىلگەن،ئېگىن كەيگەن ياش يىگىتكە قاراپلا،ئۇنىڭ تويى بولۇۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس ئىدى. يىگىتلەرنىڭ شوخ توي ناخشىلىرى، قوشاق، يۇمۇرلىرى سەلىمەگە خۇددى خۇشاللىق بۇلۇتلىرى يوپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقاندەك تۇيغۇ بەردى. بۇ بۇلۇت بارغانسېرى يىقىنلاۋاتاتتى، ئۇنى ئورىۋېلىۋاتاتتى. ئۇ تۇرغان جاي، دەل-دەرەخلەر، پۈتۈن يېزا، يىراقتىكى دالالار...ھەممىسى بۇ توۋلاشلار، ئىسقىرتىشلار ۋە خۇشال ناخشا سادالىرىنىڭ كۈچى بىلەن تەۋرەنمەكتە، دولقۇنلانماقتا ئىدى.

بۇ ساغلام ئويۇن-كۈلكىگە سەلىمەنىڭمۇ ھەۋىسى كېلىپ، بۇ خۇشال ھايات قىزغىنلىقىغا بىردىنلا قوشۇلغىسى كېلىپ كەتتى. بۈگۈنكىدەك مۇشۇنداق بەختلىك توي خۇشاللىقىغا قوشۇلۇشنى ئۇ كىچىك چاغلىرىدىن باشلاپلا ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ ئاللىقاچان ئۆتمۈشكە ئايلىنىپ كەتكەن مىسكىن  بالىلىق چاغلىرىنى، مەھەللىسىدە پات-پات ئاڭلىنىپ قالىدىغان مۇشۇنداق كونا ئاھاڭلارنى يادىغا كەلتۈردى، شۇ تاپتا ئۇ ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان بارلىق كۆڭۈلسىزلىكلەرنىمۇ ئۇنتۇغان ئىدى. ئاشۇ تونۇش مۇڭ، ئاشۇ تونۇش كۈي ۋۇجۇدىدىن تېشىۋاتقان ۋولقاندەك كۈۋەجەپ تۇراتتى...

يىگىتلەر خۇشال توۋلايتتى،ناخشا-قوشاقلىرىدا يۇرتىغا بولغان پاك مۇھەببىتىنى ئىپادىلەيتتى. ئۇلارغا ئەگىشىپ كەلگەن يەنە بىر توپ ئاياللار بىلەن ئەرلەر ياندىكى كوچىغىلا بۇرۇلدى، يان كوچىدىكى بىر ئۆيدىمۇ توي خۇشاللىقى ئەۋجىگە چىققان ئىدى... خۇددى تاغنىڭ قار-يامغۇر، جۇدۇن-شىۋىرغانلىرى بۇ يەردە ئاسانلىقچە پەيدا بولمايدىغانلىقىغا ئوخشاش، سەلىمەنىڭ كۆڭلىدىكى بۆھرانمۇ، ئۇنىڭدىكى غەلىتە ۋە قورقۇنچلۇق يۈرەك ئاغرىقىمۇ  ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى... چەت ھەم قالاق بولسىمۇ بۇ يەردە  ساپ ۋە پاكىزە بولغان ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇراتتى...


خۇددى يىگىتلەر ناخشا-قوشاقلىرىغا قوشقاندەك، قۇمدۆڭدە قۇم ئەتىۋار ئىدى. شوپۇرنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، قۇمدۆڭدە ئىلگىرى ئادەمنىڭ قورققۇسى كەلگۈدەك قۇم بارخانلىرى بار ئىكەنمىش. ئەمما يېقىندا بۇ يەردىكى قۇملارنىڭ ئالتۇن تەركىبى يۇقىرى دەپ ئېنىقلىنىپ، مەخسۇس ئالتۇن كان قۇرۇلۇپتۇ. قۇملىرى تاسقىلىپ، يۇيۇلۇپ، ئالتۇنلىرى سۈزۈۋېلىنغاندىن كېيىن، قالغانلىرى شەھەرنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا، سانائەت ئەشيالىرىغا ئىشلىتىلىدىغان بوپتۇ.

سەلىمەنى مەكتەپ مۇدىرى ئۆزى بىر قوللۇق كۈتۈۋالدى، مۇدىر يۈرۈش-تۇرۇشى سالماق، ئېغىر-بېسىق ئادەم ئىدى. بەدىنىدىن بىر خىل كۈچ-قۇدرەت ئۇرغۇپ تۇراتتى. ئۇنىڭ خاتىرجەم،  تاقەتلىك ھەرىكەتلىرى ھەقىقىي ئەركەكلەرنى ئەسلىتەتتى. گەپ سۆزلىرىدىكى  بۆلەكچە كەسكىنلىك  سەلىمەدە يېقىشلىق تەسىرات قالدۇردى.

ــ قۇچاقتا بالىڭىز باركەن-دە؟ ھېچقىسى يوق،  سەلىمە مۇئەللىم. سىز كەلگۈچە ياتىقىڭىزنى تەييارلاپ قويغان ئىدىم. ئەنە ئاۋۇ بىر كىشلىك ياتاق شۇ، ئەمدى قارىسام سىزگە ئۇ ياتاق سەل كىچىكلىك قىلغۇدەك... سىزنى بالىڭىزغا قارىشىپ بەرگۈدەك بىرەرسىنىڭ ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرسام قانداق دەيسىز؟ ئىشقا چۈشكەندە سىزمۇ بالىڭىزدىن ئەنسىرىمەيسىز...ـــ دېدى مۇدىر كۆيۈنۈش ئاھاڭىدا.

ــ سېلىگە ئېغىرىمنى سالدىم، مۇدىر، سېلى نېمە دېسىلى شۇ بولسۇن.

مۇدىر يەنە بىر ئەر ئوقۇتقۇچىنى چاقىرىپ، سەلىمەنىڭ نەرسە-كېرەكلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ، مەكتەپنىڭ  كەينى تەرىپىدىكى يول بىلەن كىرىدىغان كوچىغا كىردى، ھەم ئاپپاق ئاقارتىلغان، ھويلىلىرىدا  ھەر خىل گۈللەر ئۆستۈرۈلگەن ئەپچىل بىر ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ توۋلىدى:

ــ تۇنىساخان ئاچا! ھاي تۇنىساخان ئاچا... بارمۇ يە؟


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ


چايخانىنىڭ ئالدىدىكى ئەپچىل قىلىپ ياسالغان گۈلزارلىقنىڭ ئىچىنى يۇمشىتىۋاتقان بىرىنىڭ   بېشى كۆرۈندى. بۇ، يېشى 50 لەرگە ئۇلاشقان، خۇشخۇي، نۇرانە چىراي ئايال ئىدى. سەلىمە ئۇنىڭ تاتلىق كۈلۈپ ئۆزلىرىنى ئۆيىگە باشلىغان چەبدەس، تېتىك ھەرىكىتىگە قاراپ، ئۇنىڭ قولى گۈل، ئىشچان ئايال ئىكەنلىكىنى قىياس قىلدى. چىنىدەك پاكىز  تازىلانغان قورودىن بىر خىل روھى ئاراملىق چىقىپ تۇراتتى. ھۈپپىدە ئېچىلىپ كەتكەن ھەر خىل گۈللەر قورونى تېخىمۇ زىننەتلەپ تۇراتتى.

ــ بۇ مېھمان مەكتەپكە يېڭى كەلگەن مۇئەللىم قىز، بالىسى بولغاچقا يالغۇز قويساق قاملاشماس دەپ ئويلاپ، ئۇدۇللا سېلىنىڭكىگە ئېلىپ كەلدىم، بىزنىڭ ئايال ناھىيەگە بىر ئىش بىلەن كەتكەن ئىدى، بۇ مۇئەللىم قىز سېلىنىڭكىدە بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ تۇرسۇن، بالىسى بەكلا كىچىككەن، سېلىنى بالا بېقىشقا ئېپى بار دەپ ئۇدۇللا يانلىرىغا كىرىشىم،ـــ دېدى مۇدىر تۇنىساخان داستىخان سېلىۋاتقاندا، گەپنى ئۇدۇللا قىلىپ.

ــ تازا بەلەن ئويلاپلا شوجاڭ، مېنىڭ يالغۇزچىلىقتا زېرىكىپ ئولتۇرغىنىمغا ئىچىلىرى ئاغرىپتۇ-دە! بۇ قىزىمنىڭ بالىسى مېنىڭ نەۋرەم بىلەن ئوخشاشلا...

تۇنىساخاننىڭ ئېرى ئالدىنقى يىلى كېسەل بىلەن تۈگەپ كەتكەن ئىكەن، ئېرى مەكتەپنىڭ كونا ئىشچىسى بولغاچقا، مەكتەپ ئۇنىڭ ھالىدىن ئانچە-مۇنچە خەۋەر ئالىدىكەن. تۇنىساخاننىڭ ئۈچ قىزى بولۇپ، ھەممىسىلا ياتلىق قىلىنىپ بوپتۇ، ئەڭ كىچىك ئوغلى ئۈرۈمچىدە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋېتىپتۇ.

ــ ئاشۇ بالامنى ئوقۇتۇۋېلىپ تۈگەپ كەتسەم  مەندە ھېچ ئارمان يوق ئىدى،ــ دەپ يىغلاپ بەردى تۇنىساخان سەلىمەگە.

تۇنىساخانغىمۇ، سەلىمەگىمۇ بۇ قوشنىدارچىلىق تازا ياقتى. چۈنكى تۇنىساخان سەلىمەنىڭ بالىسىنى بېقىپ بەرگىنىگە سەلىمەدىن ئوبدانلا ھەق ئالاتتى. بۇ پۇل بىلەن ئوغلىنىڭ ئايلىق ئوقۇش راسخودى قامدىلىپ قالاتتى. سەلىمەمۇ تۇنىساخاندەك بالىسىنى پاكىز، چېچەنلىك بىلەن باقىدىغان ئايالغا ئۇلاشقىنىغا خۇشال ئىدى.

 مەكتەپ مۇدىرىمۇ مۇشۇلارنى كۆزدە تۇتقان بولسا كېرەك، شۇڭا سەلىمەنى ئۇدۇللا بۇ ئائىلىگە باشلاپ كىرگەن ئىدى. سەلىمە كۆڭلى-كۆكسىدىن چىقىرىپ، مائاشىنىڭ كۆپ قىسمىنى مۇشۇ ئائىلىنىڭ كۈندۈلۈك چىقىملىرىغا ئىشلىتەتتى. كېيىنكى كۈنلەردە بۇ ئائىلە ئۇنىڭ ئۈچۈن، ھەم قىزى رەشىدە ئۈچۈنمۇ ئۆز ئۆيى بىلەن باراۋەر بولۇپ قالدى.

ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، سەلىمەگە تېخىمۇ پەۋقۇلاددە تۇيۇلىۋاتقىنى بۇ يەردىكىلەرنىڭ ئۆزىگە تۇتقان مۇئامىلىسى ئىدى. ئۇ تۈنۈگۈنكى گۇمانلىق، سۈرلۈك، نەپرەتلىك قاراشلاردىن قۇتۇلۇپ، ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ھۆرمىتىگە ئىگە بولغان ئىدى. قىز-چوكانلار كۈلۈمسىرەپ، ئۇنىڭغا ئىللىق قاراپ سالام قىلاتتى. تەڭتۇش ئاياللار ئۇنىڭغا چاقچاق قىلاتتى، ئوقۇغۇچىلار: «مۇئەللىم، مۇئەللىم» دەپ ئۇنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانە بولاتتى. مۇدىرمۇ ئۇنى ئالاھىدە ئەتىۋارلايتتى، ئۇنىڭ ئەستايىدىللىقى، مەسئۇلىيەتچانلىقىدىن سۆيۈنەتتى.

رەشىدە كۈندىن كۈنگە چوڭ بولۇۋاتاتتى، سەلىمەنىڭ ئازار يىگەن قەلبى ۋە سۇلغان روھىنى كىچىك رەشىدەنىڭ گۇڭۇلدىشى، كۈلۈشى، تۈرلۈك قىلىق چىقىرىپ ئويناپ بېرىشى داۋالغۇتاتتى. قىزى ۋە قىزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئىشلار ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇشاللىقنىڭ تۈگىمەس مەنبىيى بولغانىدى. سەلىمە ھەر قېتىم ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ، كۆڭۈلسىز ۋەقەلەرنىڭ قاينىمىغا چۆكۈپ قالغاندا، قىزىنىڭ يېنىغا كەلسىلا ئۇنىڭ بۇدرۇق، تاتلىق يۈزىنى يۈزىگە يېقىپ، بىر مېھىر بىلەن سۆيۈۋالسىلا دىلى يايراپ كېتەتتى، ئىلھامى قاينايتتى، كۆڭلى ئارام تاپاتتى. قىزى ئۇنىڭ ھاياتى، بەختى، غايە-ئىستىقبالىغا ئايلانغان ئىدى. قىزىنىڭ كۈلۈپ بېرىشلىرى، «ئاپا، ئاپا...»دەپ توۋلاشلىرى، چۇۋۇرلاشلىرى ئۇنىڭغا ئالەمچە خۇشاللىق ئاتا قىلاتتى.

شۇنداق قىلىپ تۈگىمەس ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى، كىچىككىنە رەشىدەنىڭ ساغلام، زىيادە ئەقىللىق چوڭ بولۇشى... سەلىمەگە ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتتى. يېزا تۇرمۇشىنىڭ ئۇششاق، لېكىن ئەھمىيەتلىك ئىشلىرىمۇ ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئاشۇ كۆڭۈلسىزلىكلەرنى، بەختسىزلىكلەرنى ئاستا- ئاستا ئۇنتۇلدۇردى...

شۇنىسى ئېنىقكى، رەشىدە چوڭ بولغانسىرى ئۇنىڭ چىرايى، كۆز-قاشلىرى، ھەرىكەتلىرى، بۈدرە چاچلىرى، ھەتتا قاپاق تۈرۈشلىرى... رەشىدكە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشاپ كېتىۋاتاتتى. بۇنداق ئوخشاشلىق سەلىمەنى ساراسىمىگە سالاتتى، چۈشىنىكسىز بىر ئەنسىزلىكنىڭ قارا سايىسى ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئاچچىق غەشلىك تارىتاتتى...

شۇنداق قىلىپ بەش يىل ۋاقىت ھەش-پەش دېگۈچە ئۆتۈپ كەتتى. ئانا-بالىنىڭ ھاياتى ئىنتايىن قانائەتلىنەرلىك ئىدى، يېنىدا پىلتىڭلاپ ئويناپ، تىنىمسىز سوئال سوراپ يۈرىدىغان كىچىك رەشىدە سەلىمەگە پۈتكۈل ئالەمنىڭ ھوزۇرىنى بېرەتتى. بۇ جەرياندا ئانا-بالىنىڭ ھاياتىدا ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكۈدەك ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئالاھىدە سىرلىق ئەھۋالمۇ يوق ئىدى، تەقدىرمۇ ئادەمنى ھەيران قالدۇرغۇدەك ئالاھىدە كارامەت كۆرسەتمىدى...

7

رەشىد بىر بېسىپ-ئىككى بېسىپ تۇنىساخان ئانىنىڭ قوروسىغا كىردى. ئەتراپقا قارىدى. «ئادەم بارمۇ؟» دەپ توۋلاشقا تىلى بارماي، ئەتەي گېلىنى قىرىپ يۈتەلدى، لېكىن ئۆي ئىچىدە ھېچقانداق شەپە يوق ئىدى. باسما قۇدۇقنىڭ يېنىغىلا ئۆرۈلۈپ كەتكەن ئىۋرىقتىن سۇ تامچىپ تۇراتتى. سېرىق چاچلىق بىر قونچاق قۇدۇقنىڭ بېشىغىلا تاشلاپ قويۇلغان ئىدى. قورونىڭ ئۇ يەر-بۇ يېرىدە كىچىك قىزلار ئوينايدىغان ئويۇنچۇقلار چېچىلىپ تۇراتتى. رەشىد، ئاستا مېڭىپ قورودىن باغقا چىقىدىغان شاخشىنى ئاچتى. بۇ ئىشىك ياغاچ رىشاتكىغا،توغراق چىۋىقلىرى  گىرەلەشتۈرۈپ ياسالغان بولۇپ، مىخ ۋە ئارغامچا بىلەن ئېتىپ قويۇلغاندى.

ئۇ يەردە، تال باراڭنىڭ كەينىدە بەش ياشلار چامىسىدىكى كىچىككىنە قىزچاق يالغۇز ئولتۇرۇپ لاي قونچاق ئىتىپ ئوينىماقتا ئىدى. قىزنىڭ قاپقارا بۈدرە چاچلىرى ئاپتاپتا ۋىل ۋىل يالتىراپ تۇراتتى.

ــ ئۆيدىكىلەر نەگە كەتتى؟ــ رەشىدنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ دىڭڭىدە چۆچۈپ كەتكەن قىزچاق ئۆرۈلۈپلا رەشىدكە قارىدى.رەشىدنىڭ ھەيرانلىق ۋە چەكسىز ھاياجانغا تولغان كۆزلىرىمۇ قىزچاققا تىكىلدى.ۋاي ئانىمەي،بۇ يەردە،رەشىدە ئولتۇرىدىغۇ!ۋاقىت توختاپ قالدى،ياق،كەينىگە كېتىۋاتاتتى.ھالبۇكى،رەشىد ھەيرانلىقتا دېمىنىمۇ چىقارماي،كىچىككىنە قىزچاقنىڭ بۇلاق سۈيىدەك سۈزۈك كۆزلىرىگە قاراپ تۇرۇشتىن باشقىنى بىلمەيتتى.راست،بۇ رەشىدەنىڭ كۆزلىرى.ۋاي ئانىمەي،بۇ ئېنىقلا،رەشىدەنىڭ ئۆزى ئەمەسمۇ!

ــ رەشىدە!...ـــ رەشىد كەينىگە ئۇچۇپ كەتكىلى تاسلا قالدى.غايەت زور ھەيرانلىق ئۇنى چۇلغىۋالغانىدى.دېمىسىمۇ، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا «رەشىدە» قاراپ تۇراتتى! كىرپىكلىرى تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان ئاشۇ قارا كۆز، ئېقىپ چۈشكىدەك يۇمران بۇرۇن، غۇنچىدەك قىزىرىپ تۇرغان ئويماقتەك ئېغىز، سۈتتەك ئاق يۈز، قاپقارا بۈدرە چاچ... ھەممىسى كىچىك رەشىدەنىڭ ئۆزى ئىدى.



        داۋامى  بار .......


 ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319







سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k