
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر تۆۋەندە ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ئاتاقلىق يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي قەلمىدە پۈتكەن ( جۇدالىق سىرى ) ناملىق رومان ، بۇ روماننى شىنجاڭ ئايبەر خەلقئارا ساياھەت شىركىتى ئالاھىدە قوللىغان ، ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن گۈل قەلەم سالۇندا تارقتىدۇ ، ئايبەر ئاۋازى سالۇندا ئۇلاپ تەكرار تارقىتىلىدۇ ، بۇ روماننى دەل ۋاقتىدا ئاڭلاشنى خالىساڭلار ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ گۈل قەلەم سالۇننى قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ ، ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى ،
ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ، رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت .
( جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
( جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ خەتلىكىنى ئالدىن ئوقۇماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
………
…………
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
|||
جۇدالىق سىرى
(رومان)
ئاپتۇرى:نۇرگۈل ئەبەي
10-قىسىم
.ئەمىليەتتە،ئۇلارنىڭ شۇنداقراق چاغدا قايتىۋالغىنىمۇ ئوبدان بولغانىدى.بىردەمدىن كېيىن،يامغۇرىنى تۈكۈۋېتىدىغاندەك بوزارغان ئاسمان بىر ياندا قېلىپ،شىمال تەرەپتە خۇددى ئاسماندىن چۈشكەندەك تۈرۈلۈپ،يىراقتىن بوران ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى.چاقماق ئۇپۇقتا لاپ لاپ يېنىپ ئۆچەتتى.ئارقىدىن گۈلدۈرماما خۇددى غايەت زور دېڭىز دولقۇنىدەك جاھاننى زىل زىلىگە كەلتۈردى.جاھان قاراڭغۇلۇققا پاتتى.ئاسمان بىلەن زىمىننى تۇتاشتۇرۇپىدىغان ھەيۋەتلىك بىر ئاق نۇر دەرغەزەپ بىلەن ھەرتەرەپكە تارىلاتتى.يىغىلاتتى.ھويلىسىغا ئارانلا كىرۋېلىشقا ئۈلگۈرگەن رىزۋانىخان ھاۋادا يۈز بېرىۋاتقان بۇ سۈر ھەيۋىدىن قورقۇپ كۆزلىرىنىمۇ ئاچالمىدى.شۇ چاغدا باغ ئىشىكى ئېچىلىپ،ئاياغ تىۋىشى ئاڭلانغان تەرەپتىن كۆك ئىشتان،ئاق شاپاق دوپپا كىيگەن سادىق،قىزىل تاۋار يۆگەككە يۆگەلگەن بىر بوۋاقنى كۆتۈرگىنىچە ئۇنىڭ ئالدىغا ھىجىيىپ كەلدى.سادىق،ئىككى يىلدىن بۇيان،ئۇلارنىڭ ئۆيىدە،تاغدىكى چارۋىلارغا قارىشىپ،يىللىققچى بولۇپ تۇرىۋاتاتتى.ئادەتتە،تاغدىن چۈشمەيتتى.بۇدا مەھەللىگە بىر مۇھىم ئىش سەۋەبىدىن كەلگەن،تېخى قايتىپ كەتكۈدەك بولمىغانىدى.
__ قاراڭە يەڭگە،ماۋۇ بالىنى قانداق نۇمۇسسىزكىن،بىزنىڭ باغنىڭ ئىچىگە تاشلاپ قويۇپتۇ.بايا بىر بوۋاق يىغلايدۇ،يىغلايدۇ...خاتا ئاڭلاپ قالدىممۇ دەپ،باشتا ئېرەنشىمەپتىمەن،كېيىن بۇ يىغا ئاۋازى بارغانسېرى كۈچەيدى.بىر بېسىپ،ئىككى بېسىپ باغقا چىقسام،قېرى ئۈرۈكنىڭ تۈۋىدە بۇ بالا يېتىپتۇ،قارىسام چىرايلىقلا بالىكەن،قۇچىقىمغا چىقىپلا يىغىسىدىن توختىدى،... ئۆزىنىڭ بالىسىنىمۇ باقمايدىغان قانداق نۇمۇسسىزلاردۇ ھە؟...__ دېدى ئۇ رىزۋانىخانغا يېقىنلاشقاچ.لېكىن رىزۋانىخاننىڭ چىرايىدىكى ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغان قورقۇنچ ۋە ساراسىمىنى كۆرۈپ،گېپىدىن،ئىزىدىنمۇ شاققىدە توختىدى،__ نېمە بولدى ئاچا؟سىزگە بىر ئىش بولدىمۇ؟
رىزۋانىخاننىڭ كۆزلىرى جامدەك ئېچىلىپ،ئەتيېنىنى ئىختىيارسىز بىر دەھشەت باستى.بۇ، خوتۇنلار بايا ئېتىزدا گېپىنى قىلىشقان ھېلىقى بوۋاق شۇ دېگەن قاراشقا كەلدى.دېمەك،بايا كىشىلەرنىڭ خۇددى ھېكايە،چۆچەك تەرىقىسىدە دېيىشكەن،بولۇشى ناھايىتى يىراق ھەتتا مۈمكىن بولمايدىغاندەك كۆرۈنىدىغان بۇ ئاپەت،مانا بىردىنلا يېقىن،مۈمكىن بولىدىغان،مۇقەرەر نەرسە بولۇشقا باشلىغانىدى.
__ ۋاي قانداق قىلاي؟ۋاي ماۋۇ نەسلىكنى كۆرمەمدىغان؟!...نەدىن ئەكەلگەن بولسىڭىز شۇ يەرگە تاشلاڭ سادىقجان!بىلسىڭىز،بۇ بالا ئەمەس،بەلكىم بىر بالاقازا!...__ دەپ ۋاقىردى رىزۋانىخان،شۇنداق دەپ بىرنەچچە قەدەم كەينىگە چېكىندى.
__ نېمە دەيسىز ئاچا؟بۇ بىر بوۋاققۇ؟قاراڭە...
__ ۋاي مەن سىزنى تاشلاڭ دېدىممۇ تاشلاڭ!نەدىن ئەكەلگەن بولسىڭىز شۇ يەرگە تاشلىۋېتىڭ،جۈگۈرۈڭ!__ رىزۋانىخان تېخىمۇ ۋاقىراشقا باشلىدى.
__ نېمە بولدى ئاچا؟بۇ بىر بوۋاق...قاراڭە،يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق بۇ!__ سادىق،رىزۋانىخاننىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرىپ بولالماي،يەنە قايتىدىن چۈشەندۈرگىلى تۇردى ۋە دەرۋازىنىڭ يېنىغا بېرىۋالغان ئايالنىڭ ئالدىغا قاراپ بىرنەچچە قەدەم ئالدى.
__ يېقىن كەلمەڭ،خوش بولاي...مەن قورقىمەن!__ رىزۋانىخان كەسكىن بۇيرۇق قىلىپ سادىقنى مېڭىشتىن توختاتتى ۋە تاققا تۇققۇ قىلىپ شاقىلداقتا،خوشنا كەنتتە يۈز بەرگەن بوۋاق ۋەقەسىنى سۆزلەپ بەردى.
__ نەگە تاشلايمەن؟باغقىمۇ؟
__ باغقىمۇ؟نېمە دەپ بىزنىڭ باغقا تاشلايتتىڭىز؟ئەلۋەتتە،باشقا يەرگە تاشلايسىز-دە!قارا گېپىنى!...
بۇنداق بولارىنى كۈتمىگەن سادىق نېمە قىلارىنى بىلەلمەي،ھاڭۋېقىپ،بىردە رىزۋانىخان قورققان ۋە قايغۇرغان بەدرەڭ چىرايىغا،بىردە خىرامان ئۇخلاپ ھەتتا تاتلىققىنە كۈلۈمسىرەپ ياتقان ئاي يۈزلۈك چىرايلىق بوۋاققا قارايتتى.
__ ۋاي نېمە دەلدىيىپ تۇرىدىغاندۇ ما ئادەم؟!تېز تېز بولمامسىز دەيمەن؟!__ رىزۋانىخان يەر تېپىپ ۋاقىراشلىرىدىن ئۇ سەل ئېسىگە كەلدى.
__ يەڭگە...بۇ بىر بالىغۇ؟تاشلا،دەپلا تاشلىۋەتسەك قىساسى بولماسمۇ؟__ دېدى ئۇ يەنە بىر قەدەم ئالدىغا چامداپ،__ ئىشەنمىسىڭىز بىر قاراڭە ،شۇنداق چىرايلىق بىر قىز...
__ ۋاي ئاپىرىڭ نېرى!سىزمۇ يوقۇلۇڭە بولدى!بۇ ئۆيگىمۇ ئىككىنچى دەسسىگۈچى بولماڭ،يوقۇلۇڭ،ۋاي يوقۇلۇڭ!!
__ سىز راستلا ساراڭ بوپ قاپسىز جۇمۇ!__ دېدى سادىق بىردىنلا غەزەبلىنىپ،__ يوقالسام يوقالدىم!سىزنىڭ ئىشىكىڭىزگە قەلەندەرچىلىك قىلىپ كەپ قالغان ئادەم ئەمەس مەن!...رەسمى ئېلىشىپ قاپتۇغۇ بۇ خوتۇن!...
سادىق شامال سەۋەبىدىن ھەريان قىيسىيىپ كەتكەن پاكار پاكار توخۇمەك دەرەخلىك مەھەللە يولىدا،نەگە بېرىشنىمۇ بىلەلمىگەن ھالدا ئالدىغا قاراپ كېتىۋاتاتتى. كىرەرگە ئۆيى يوق مۇساپىر تۇرۇپ ھېچكىم باقمايدىغان ھەم بېقىش تۈگۈل يىراق قاچىدىغان بىر قىزبوۋاقنى كۆتۈرۈپ،كېتىۋاتقىنى ئۈچۈن ئۆزىنى ھەتتا ساراڭ بولۇپ قالىدىغاندەك ھېس قىلاتتى.قانداق قىلىش،نەگە بېرىش كېرەك؟تەقدىر نېمىشقا ئۇنى ھېچ كۈتمىگەن ئەھۋالدا ھەرخىل كويلارغا،ھەرخىل ئىش ۋەقەلەرگە دۇچار قىلىپ سىنايدىغاندۇ؟ئەسلىمىلەر كۆز ئالدىدىن بىر بىرلەپ تىزىلىپ ئۆتمەكتە.ئۇ پۈتۈن ھاياتىدا زادى قايسى ئىشنى خاتا قىلىپ قويغانلىقىنى ئەسلىيەلمەيتتى. بوۋىسى تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا رەسمى غېرىبلىق يەتتى.ئانىسى ئەردە تېگىپ،ئۈچىنچى بالىسىنى تۇغىۋالغاندىن كېيىن،ئاكا ئۇكا ئىككىيلەننى پاك پاكىزە ئېسىدىن چىقىرۋەتتى بولغاي،تۆمۈر تايغا بالىلىرىم،دەپ،بىر قېتىم دەسسەپ قويمىدى.ئاكا-ئۇكا بىر بىرىگە ھەمدەم مەدەتكار بولۇپ ئۆتسىمۇ،مەيلى ئىدى،بىراق سەلىمنىڭ ئۇنچىلىك دىتى يوق،قاچانلا قارىسا خوتۇنى سىزىپ قويغان سىزىقتىن نېرىغا ئاتلاپ كېتەلمەي،ئەمگەك قىلمىسىمۇ كېلىۋېرىدىغان بىر بايلىقنىڭ تاماسىنى قىلىپ ئۆتەتتى.تېخى ئۇ،ئۇكامنى ئۆيلەپ قويدۇم،دەپ،جار سالىدۇ. بىراق شۇنىسى ئېنىق،تېپىپ كەلگىنى خوتۇنىنىڭ نەۋرە سىڭلىسى،بويىدا كىشىنىڭ بالىسىنى ئېلىپ يۈرگەن جۇۋان.سەلىم شۇ چاغدا ئىنىسىغا،قېيىن سىڭلىسىنىڭ يۈزىنى يۇيۇپ قويۇشنى ئۆتۈنۈپ يالۋۇردى.دېيىشىچە،سادىق،ياقلا،دېسە،خوتۇنى قۇچاقتىكى بالىسىنىمۇ تاشلىۋېتىپ، خېتىنى ئېلىپ سىڭلىسى بىلەن يۇرتىغا كېتىمىش.سادىق، دۇنيالىقتىكى بىردىن بىر قېرىندىشى ئۈچۈن ئېلاجىسىز ماقۇل بولدى.شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭمۇ ئايرىم ئۆيى بولدى.ئەمما،ئۇ بۇ ئۆيدە خۇددى سېسىق كۆلدىكى نىمجان بېلىقتەك بىرنەچچە يىلنى ئۆتكۈزدى.خوتۇنى گۆھەربانۇ،قوسىقىدىكى بالىنى تۇغىۋالغۇچە،ياۋاش مۇلايىمدەك كۆرۈنىۋېدى،كېيىن ئۇنىڭغىمۇ چىش چىقتى،ھە دېسە سادىقنى ياۋاش،يۇمشاق،ئالقىنىدىغا كىرگەن تەييار ئاشنىمۇ ئاغزىغا ئېلىپ بارالمايدۇ، دەپ ئاغرىناتتى.قوسىقىغا كىرىپ چىقسا،ئۇ،سادىقتىن گۇمانلىناتتى.سادىقنى قانداقتۇر غايىب غەزىنىنىڭ ئورنىنى بىلىدۇ،دەپ،قارايتتى.بۇ خىيالنى ئۇنىڭ كاللىسىغا ئېلىپ كىرگىنى يەنىلا شۇ دورجى ۋە ئۇنىڭ پالۋان سۈپەت جىيەنلىرى.شۇ كۈنى كەچلىك تاماق ۋاختىدا،دورجى جىيەنلىرىنى باشلاپ،سادىقنىڭ ئۆيىگە تەرەپباللا كىرىپ كەلدى.
__ بىلىدىغانلىرىڭنى ئېيتىپ بەر،ئۇكا!_ دەپ سۈرەن سالدى ئاقساقال،__ مېنىڭ چۈشىنىشىمچە،سەن،ئۇ غەزىنىنى بىلىسەن،ھەتتا بىر يەرگە يۇشۇرۇپ قويدۇڭ!بەلكى تۆرە باقى بىلەن بىرلىشىۋالغان بولۇشۇڭ مۈمكىن؟بولمىسا تۆت تال مائاشقا قاراشلىق يۈرگەن بىر ساياق قەلەندەر قانداقسىگە شۇنچە چوڭ بايلىقنىڭ ئېگىسى بولۇپ قالىدۇ؟مەن دۆت ئەمەس،ئۇكاڭزا،ياخشىسى راستىڭنى دە!ئاندىن بۇ گەپ مۇشۇ يەردىلا قالىدۇ،بىزمۇ باركەن يا يوقكەن ،دەپ،تىنچىيمىز،شۇنداق ئەمەسمۇ؟
_ سىلەر نېمە دەۋاتىسىلەر ئاكىلار؟نەدىكى غەزىنىنىڭ گېپى بۇ؟مەن ھېچنېمىنى بىلمەيمەن،شۇنداق تۇرسا قانداقسىگە تۆرە باقى بىلەن بىرلىشىۋالغان بولاي؟_ سادىق ئۆزىنى توختۇتۇپ شۇنداق جاۋاب بەردى.بىراق دورجى ئاقساقال ئىشەنمەيتتى.
__ غەزىنە ساقلانغان جاينىڭ ئەتراپىدا ھېلى كان ئاچىمىز،ھېلى تەكشۈرۋاتىمىز،دەپ،ئابلىڭ چوڭ بىلەن ئېغىز بۇرۇن يالىشىپ يۈرۈشكىنىڭنى كىم بىلمەيدۇ؟يەنە كېلىپ بىز ئىزدەۋاتقان ئۇ خەزىنىنى سېنىڭ بوۋاڭ تېپىۋالغان ھەم ساڭا ئېيتىپ بەرگەن بولۇشى تامامەن مۈمكىنغۇ؟بىزنىڭ دەيدىغىنىمىز،بوپتۇ،ئالساڭلارمۇ ئېلىڭلار،ئەممازە بىزدەك،بىۋاستە تۇققانلىرىنىڭ ئۆلۈشىنىمۇ بېرىپراق ئالسىلەر-دە،بۇ ئەقەللى ساۋات.
_ مەن بىلمەيمەن...راستلا بىلمەيمەن...
مانا شۇ تەرزدە،ئىككى تەرەپ تۈن تەڭ بولغۇچە،خىقىراپ تۇرۇپ زۇكۇنلاشتى.سادىق،مۇشۇنداق بىر ئىشنىڭ بارلىقىنى خوتۇنىغا بىلدۈرۈشنى خالىمىغاندەك،كىرگۈچىلەرمۇ بۇ ئىشنىڭ ئاشكارە بولۇپ قېلىشىنى خالىمايتتى.
__ سەن جاھىللىق قىلىۋاتىسەن سادىق!بىز بۇ ئىشنى شۇنداقلا بولدى قىلمايمىز،بىز بولدى قىلساقمۇ بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز سەنلەرنى بوش قويمايدۇ!ئوبدان ئويلان!__ دورجى ئۇزاش ئۈچۈن ئىشىكنىڭ تۈۋىگە بېرىپ بولۇپ،ئۆرۈلۈپ يەنە شۇنداق دېدى. __ تاكى سەن راست گەپ قىلغۇچە،مانا مۇشۇنداق بىز سېنى ئىزدەپ تۇرىمىز!
سادىق لام جىم دېمىدى. ئۇزىتىپ كەينىدىنمۇ چىقمىدى.ئەمىليەتتە، ئۇ تۆرە باقىنىڭ ئاشۇ نۇرلۇق يۈزىنى ياخشى كۆرەتتى.ئۇنىڭ بۇرنى قاڭشارلىق ھەم پارقىراق،قاشلىرى قارا ھەم قۇيۇق،كۆزلىرى ئۆتكۈر ۋە سىرلىق.يۇمىلاق كەلگەن ئىڭەكلىرى قاچانلا قارىسا شۇنداق پاكىز قىرىلىپ تۇرغان!ئۇ ئىچىدە پىچىرلىدى.ناۋادا ئۇ ئاشۇ بايلىقلارنى ئېلىۋالمىغان،ماڭا بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزىۋەتمىگەن بولسا قانداق ياخشى بولاتتى ھە!سادىق،ئۇنى خۇددى ئاتىسىدەك ھۆرمەت قىلىپ ئۆتۈپ كېتەتتى ...
ئىككىنچى كۈنى دورجى جىيەنلىرىنى ئالماي ئۆزى يالغۇزلا كەلدى.يەنە شۇ گەپنى تەكرارلىدى.ئۈچىنچى،تۆتىنچى كۈنىمۇ كەلدى.ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كەلگەندە، دورجى ئۆرە تۇرالمايتتى.ئاغزىدىن ھاراقنىڭ بۇسى پۇرقىراپ چىقاتتى:
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ
__ ناۋادا،ئەجداتلىرىم قالدۇرغان ئاشۇ ئامانەتنى سەن خەق سەۋەبلىك قولۇمغا ئالالماي،مۇشۇنداقلا ئۆلۈپ كەتسەم،چوقۇمكى ئۆلگەندىن كېيىنمۇ سەنلەرنى ئىزدەپ كېلىپ،ئىنتىقام ئالىمەن قاراپ تۇر!
دورجى شۇنداق دەپ كەينىگە تورۇق ئېتىغا مىندى.سادىقنىڭ يۈرىكى سىقىرىدى.ئەمما ئۇ راست ئىشلارنى ئۇنىڭغا ئېيتالمايتتى.ئېيتسا قانداق بولار؟ئەلۋەتتە تۆرە باقى،چوڭ بالالارغا قالىدۇ.ئۇلاپ ئۇ ۋەيران بولىدۇ،ئۇنىڭدىن ئاش يەۋاتقان نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ كىرىم مەنبەسى ئۈزۈلىدۇ...سادىق ئېيتماسلىق قارارىغا كەلدى.ھالبۇكى،ئۇ،ئاشۇ سوغوق كېچىدە دورجىنىڭ ئاتتىن يىقىلىپ چۈشۈپ،يىقىلغان يېرىدىلا جان تەسلىم قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆرمىگەنىدى.دورجى ئۆلۈپ كېتىپ،خېلى بىر مەزگىلگىچە سادىقنى ئىزدەيدىغان،تەھدىت سالىدىغان ئادەم كەلمىدى.ئەمما دورجى ھەر كۈنى ئۇنىڭ چۈشىدە كېلەتتى.بەزىدە ئاتلىق،بەزىدە پىيادە ئىشىكنى چېكىپ،تېخىمۇ سۈرلۈك بىر ئاۋازى بىلەن:«غەزىنىنى تاپشۇر،راست گەپ قىل!»دەپ تەھدىت سالاتتى.
بۇنداق ئىشلار قايتا قايتا تەكرارلانغاندىن كېيىن،سادىقنىڭ يەنە قارشى چىققۇدەك،نورمال ھالىتىنى ساقلاپ قالغۇدەك ھالى قالمىدى.كۈنبويى شۈكلەپ يۈرىدىغان،ھەتتا چۆچۈپ ئويغىنىپ،خېلى ئۇزۇنغىچە ئۆزىنىڭ نەدىلىكىنى ئاڭقىرالمايدىغان ھالغا يەتتى.يەنە كېلىپ،دورجىنىڭ جىيەنلىرى ئۇنى تۈن كېچىلەردە ئىزدەپ كېلىپ تەھدىت سالاتتى.
__ كېتەيلى...__ بىر كۈنى سادىق خوتۇنى بىلەن ئەمدىلا ئايىقى چىققان ئوغلىغا قاراپ ئولتۇرۇپ شۇنداق دېدى،دېمىسىمۇ،ئەمدى كەتمىسە بولمايدىغان ھالغا يەتكەنىدى.كېتىپ بنېمىش قىلىدۇ،نەگە بارىدۇ،تېخىمۇ بىلمەيتتى.
__ نېمىشقا؟نېمىشقا كېتىتۇق؟نېمىش بولدى زادى؟_گۆھەربانۇ قۇشۇلمىدى.__ مەن ھېچنەگە كەتمەيمەن...
__ مېنى دېسەڭ تولا سورىما،بۇ يەردە ئەمدى ياشاپ بولغىلى بولمايدۇ...دۈشمەنلىك بوپ قالدۇق.
__ ھېلىقى كىشىلەرمۇ؟ دەڭە،ئۇلار نېمىشقا ھە دېسە سىزنىڭ كۆزىڭىزگە كىرىشىۋالىدۇ؟قەرزدارمۇ يا سىز؟يا باشقا ئىش بولدىمۇ؟
__ سورىما دېدىمغۇ؟...
__ ماقۇل،مەن سورىماي!ئەمما مېنىڭ گېپىم ئوچۇق،بۇ يەردىن كەتمەيمەن!
__ ئەمىسە مەن كېتەي...__ سادىق شۇنداق دەپ ئېغىر ئۇھ تارتتى.مۇشۇ تاپنىڭ ئۆزىدە،بۇ يەردىن كېتىش ئەڭ ئاقىلانە چارىدەك ئىدى.ئاشۇ غەزىنىگە سوغوق قول تەگكەندىن بۇيان،ئۇ،يۈرىگالدىلا يۈردى.ئۆزىگە ھاي بېرىپ،ئۆزىگە مەدەت بېرىپ شۇ كۈنلەرگە كەلدى.ھالبۇكى، ھەرقانداق كىشىنىڭ ئەجدادى بولىدۇ،ھەرقانداق كىشى ئەجداتلىرىنىڭ ھېيقىدۇ.ئۇنى ساراسىمىگە سېلىۋاتقىنى،غەزىنىگە مۇناسىۋەتلىك ئاشۇ كۆرگىلى ياكى تۇتقىلى بولمايدىغان نەرسىلەر ئىدى.بەزىدە ئۇ نەرسىلەر ئاللىنېمىلەرگە ئايلىنىپ ئۇنىڭ ئىچىنىڭ بىر يەرلىرىدە كۈلىۋاتقاندەك،بەزىدە ھەسرەتلىك يىغلاۋاتقاندەك تۇيغۇلارنى بېرەتتى. ئاشۇ ھەسرەتلىك يىغا ئاۋازى ئۇنىڭغا ئەڭ قورقۇنچلۇق ۋەھىمە، دورجىنىڭ،جىيەنلىرىنىڭ تەھدىدى بولماستىن بەلكى ئاشۇ تۇش ساندۇقتا ياتقان ئەجداتلارنىڭ روھى ئىكەنلىكىنى پىچىرلايتتى...
مانا سادىقنىڭ تۆمۈر تايدىن يېنىپ چىققىنىغا ئاز كەم ئۈچ يىل بوپتۇ.ئاشۇ تۇش ساندۇقنى،تۆرە باقىنىڭ تېرە خالتىنى كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقاندىكى مولۇندەك چاققان ھەركىتىنى،شۇ كېچىدە قېلىن قوش قاپاقلىرى ئاستىدىكى خۇددى پانۇستەك يېنىپ كەتكەن كۆزلىرى،دورجى ۋە ئۇنىڭ جىيەنلىرىنى ھەر بىر ئەسكە ئالسا،بىچارە سادىق،خۇددى قىل ئارغامچىدەك تولغىنىپ كېتىدۇ.شۇ تاپ ئۇ تۇغۇلغان يۇرتىغا شۇنچە يىراق بولغان دۇنيادا نېمە دېگەن ئېغىر كۈنلەرنى تارتىۋاتىدۇ ھە!بۇلارنىڭ زادى نېمىگە كېرىكى بارىكىن؟نېمىشقا شۇنچە قورقۇنچلۇق چەمبەرلەر،مال ئالغان ئوغۇرىنى ئەمەس،بەلكى ئوغۇرىنى كۆرۈپ قالغان ئۇنى شۇنچە چىڭ ئورىۋالىدۇ؟نېمىشقا ئۇ قەدەدممۇ قەدەم ئەڭ ئېغىر قىيىن قىستاقلارغا ئېلىنىدۇ؟بۇ نېمە ئۈچۈن؟ كىم ئۈچۈن؟
كىشىنى ئەندىكتۈرىدىغان سوغوق شامال قارارلىشىپ قالغان قانداقتۇر بىر خىل ۋەھىمىدىن دېرەك بېرەتتى.ئەمما سادىق،بۇ ۋەھىمىدىن بىخەۋەر،شۇ مېڭىشىدا، مەھەللە چېتىدىكى ئېلاخۇن قويچىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ قالغانلىقىنىمۇ تۇيمىدى. بۇ ئۆي شەرىقتىن غەربكە سېلىنغان بولۇپ،خۇددى قېرىلىق ۋە ئاغرىق ئازابىدىن مۈكچىيىپ قالغان قېرى ئادەمنىڭ ھارغىن تۇرقىغىلا ئوخشايتتى.
2
داۋامى بار

ساياھەت قىلشىنى ياخشى كۆرەمسىز ؟ ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟ ئۇنداق بولسا شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ،
ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ، يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ، شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى ئېچىلدى . ساياھەت شىركىتىمىز يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ ، تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ .
ئالاقىلاشقۇچى : ئايبەر
ئالاقىلىشىش تېلىفون ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى : 19999706319






سالون تەۋسىيەسى


گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز ، ئىنكاس رايۇنىدا كۆرۈشەيلى




