大数跨境

جۇدالىق سىرى (رومان ) 49ـ قىسىم

جۇدالىق سىرى (رومان ) 49ـ قىسىم aybarawazi
2022-11-05
4
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

  سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر !  تۆۋەندە  يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي قەلمىدە  پۈتكەن ( جۇدالىق سىرى ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 50 - قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ




ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمىلىرىنى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ 

    

1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48




 ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى . جەمئى 54 قىسىم 

ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ،  رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ  كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە  ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت . 





 (  جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن تۇلۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 


جۇدالىق سىرى


(رومان)



49-قىسىم



سەلىمە بىلەن ھاشىرخان ئانا بۇ كېچە زادىلا ئۇخلىمىدى، سەلىمەنىڭ بارلىق كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلىغان موماي ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇنىڭ ياش بىلەن نەمدەلگەن چىرايلىق يۈزلىرىنى نەچچە قېتىم سىيلاپ كەتتى: «مانا مەن ئاناڭ، جېنىم قىزىم، سېنى شۇنداق تەتۈر قىسمەتتە دەپ ئەسلا ئويلىماپتىمەن. ۋاي ئۆلەي، شۇنچە دەرد-ھەسرەتتە يۈرۈپمۇ شۇنداق غەيرەت قىلالاپسەن، جېنىم بالام... مانا ئەمدى ساڭا بۇ قىز ھەمراھ بوپتۇ، سېنى قۇتقۇزۇپ قاپتۇ... تەقدىر،بىزنىڭ پېشانىمىزگە نېمىلەرنى پۈتمەيدۇ ھە؟ئىشقىلىپ،پۈتۈلگەننى تارتماي ئىلاجىمىز يوق» دەيتتى ئۇ مىشىلداپ يىغلاپ ھەم سەلىمەگە تەسەللى بېرەتتى.

تاڭغا يېقىن سەلىمەنى ئۇيقۇ باستى. ئۇ ھاشىرخان ئانا تىكىپ بەرگەن يۇڭ يۆگەككە چىڭ زاكىلانغان قىزىنى مېھىر بىلەن پۇرىۋالدى، ھەر قېتىم بوۋاقنىڭ يۈرەك رېتىمى، يېنىك نەپىسى، بەدەن ھارارىتىنى ھېس قىلغاندا، ئۇنىڭدا يېڭىدىن يېڭى خۇشاللىق پەيدا بولاتتى. دەرۋەقە ئۇ ئۆزى ئارزۇ قىلغان بەختكە ئاخىرى يەتكەن ئىدى. شۇ دەقىقىدە ئۇنىڭ ۋۇجۇدى، قانلىرى، ھەم بارلىق سەزگۈلىرى قىزى بىلەن قوشۇلۇپ بىر تەن-بىر جان بولۇپ كەتكەن ئىدى.

ئانا-بالا بىر-بىرىنى ھىدلاپ ھېچنېمىنى تۇيمىغان ھالدا ئۆلۈكتەك ئۇخلىدى. ئەڭ ئاخىرىدا ھەممىدىن پەرۋايى پەلەك بوز تورغاي توختىماي سايراپ، ئۇلارنى تەڭلا ئويغىتىۋەتتى. بوۋاق قىرقىراپ يىغلىدى، ئۇ تىنىق قارا كۆزلىرى بىلەن سەلىمەگە بىر نېمىلەرنى ئۇقتۇرالمايۋاتقاندەك قىلاتتى.

ــ تاتلىق قىزىم، قورسىقىڭ ئاچتىمۇ؟ مانا ئاپاڭ ھازىرلا سېنى تويغۇزىدۇ... قىزىم، مېنىڭ جان جىگىرىم...

مانا مۇشۇنداق،بىر كېچىدىلا،ئانىلىق مۇھەببەتتە ئويغىنىش،سەلىمە ئۈچۈن ئېيتقۇسىز ھۇزۇر بولدى. ئۇ قىزىم، قىزىم دەپ توختىماي تەكرارلايتتى. قىزىنىڭ ئۆزىنى «ئاپا» دەپ چاقىرىشىنى بىردىنلا ئارزۇ قىلدى. كەلگۈسىدە ئاشۇ «ئاپا»، «قىزىم» دەپ تۈگىمەيدىغان بەختلىك تۇرمۇشنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ تېخىمۇ خۇشال بولۇپ كەتتى. ئانا بولۇش ـــ بىر ئايالنىڭ ئۆمۈرلۈك بەختى ئەمەسمۇ؟تەبىئەت،ئۇنىڭغىمۇ بۇ بەختنى بەردى،رەھمەت!... مۇشۇ سەھەردە، سەلىمەنىڭ ۋۇجۇدىدا كۆمۈلۈپ، ھەتتا ئۇنىڭغا تامامەن ياتلىشىپ كەتكەن، پەرزەنت ئۈچۈن، كەلگۈسى ئۈچۈن ياشاش، كۆرەش قىلىشتەك بىر جەسۇر روھ پۈتۈنلەي ئويغانغان ئىدى.

ــ قانداق ئانا سەن؟ قارىغىنە قىزىڭ يىغلاپ قىرقىراپ كېتىۋاتسىمۇ يەنە كۈلۈپ يايراپ ئولتۇرۇپسەن،ــ سوسكىغا ئىسسىق سۈتنى تولدۇرۇپ ئېلىپ كىرگەن ھاشىرخان ئانا ئۇنىڭغا كايىدى.

ــ قىزىمنىڭ زاكىسىنى ئالماشتۇردۇم ، ئۇنىڭ يۇمران بەدىنىنى ھۆلدە قويسام بولماس؟... يەنە كېلىپ ئاۋۇ سېرىق مۈشۈكىڭىزدىنمۇ ئەنسىرىدىم، قىزىمگە زىيان يەتكۈزۈپ قويارمۇ، دەپ قورقتۇم.

ــ ۋاي ئايلىناي! شۇنىمۇ گېپىم بار دەپ قىلغىن ئەمدى!  مۈشۈكنىڭ ئادەملەرگە زىيان يەتكۈزگىنى نەدە بار؟... ھا... ھا... ھا... قىزىڭنىڭ خۇشاللىقىدا كاللاڭمۇ ئايلىنىپ كېتىپتۇ سېنىڭ...ــ ھاشىرخان ئانا كۈلگىنىچە سۈتنى سەلىمەگە تۇتقۇزدى، سوسكا يېڭىلا سېتىۋېلىنغان ئىدى، سوسكىغا قاراپ سەلىمەنىڭ كۆزلىرىدە يەنە مىننەتدارلىق ياشلىرى پارلىدى.

ــ ئەمدى يىغلاپ يۈرسەڭ قىزىڭنىڭ ئالدىدا سەت بولىدۇ. ئانا بولدۇڭمۇ، ئەمدى ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان چىشى شىر بولدۇڭ، دېگەن گەپ! يىغلاپ، مىچىلداپ تۇرساڭ، بالىنىڭ ئۇۋالىغا قالىسەن! بولدى يىغلىما.  ئەتىگەندە ئوغلۇمنى ئاتقا مىندۈرۈپ، ئۆتەڭدىن سوسكا ئالدۇرۇپ كەلدىم، بۇنىڭدا بالىغا سۈت بېرىش ئاسانغا چۈشىدۇ.

ــ سىزنى مالال قىلىدىغان بولدۇم، ھاشىرخان ئانا، مېنىڭ سىز ۋە مۇشۇ بالىدىن باشقا ھېچنېمەم يوق. بىلگەن بولسام، ئاۋۇلار تويلۇق مېلى قىلىپ سېلىپ قويغان ئالتۇن جابدۇقلىرىمنى تاقاپ چىقاركەنمەن... ئەمما شۇ تاپ ئۇ ئۆيگە قايتا ئاياغ دەسسىگۈممۇ يوق، يەنە ئىككى ھەپتىدىن كېيىن دەرس باشلىنىدۇ، شۇنىڭغىچە سىزگە جاپايىمنى سالىدىغان بولدۇم.

ــ ھېچقىسى يوق، قىزىم. كېچىدىن جىق مۇڭداشتۇق، سېنى چۈشەندىم، سەنمۇ مېنى چۈشەندىڭ. ماڭا يىللاپ مېھمان بولساڭمۇ ئېغىرىنى سالدى، دېمەيمەن. ئەمما سەن دېگەندەك بالدۇرراق جان ساقلايدىغان ئىشنى قىلايلى، بۇ بالا شۇنداقلا تۇرسا يەنە نېمە ئىشلار بولىدۇ، بىلىپ بولمايدۇ. چېيىمنىمۇ ئىچىپ بولدۇم، ئاۋۇ تەرەپتىكى موڭغۇل يىگىتكە دەپ قويدۇم، ئۇ مېنى ماشىنىسى بىلەن بازارغا ئالغاچ كېتىدىغان بولدى، سەنمۇ بۇ يەردە بالىغا قارىغاچ ئارامىڭنى ئېلىپ ئولتۇر.

ھاشىرخان ئانا بازارغا كىرىپ، سەلىمەنىڭ قىزىغا كېرەكلىك نەرسە-كېرەك سېتىۋالغاچ، ئۆلۈپ كەتكەن ياش ئانىنىڭ خەۋىرىنى بىلىپ باقماقچى بولغان ئىدى، سەلىمە تارتىشمايلا ماقۇل بولدى.

ـــ مېنىڭ بۇ يەردىلىكىمنى بىرسىگە تىنغۇچى بولماڭ، جېنىم ئانا. سىزدىن ئۆتۈنەي،ــ دېدى ئۇ ھاشىرخان ئانىنىڭ قوللىرىنى يۈزىگە يېقىپ.

ـــ سەن ھاشىرخان ئاناڭغا ئىشەنمەمسەن؟... ئەمدى يەنە شۇنداق گەپ قىلىدىغان بولساڭ يۈزۈڭگە تۈكۈرۈۋېتىمەن!

ــ كەچۈرۈڭ، ئانا... مەن ئۆزۈمدىن ئەمەس، قىزىمدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىمەن.

ــ بىلىمەن، ئەخمەق قىز، بالىنى قايسى ئۇسۇلدا باقىدىغىنىڭنىمۇ ماڭا دېدىڭ، مەن چۈشىنىمەن... ئەمدى مەن ماڭاي.

ــ خوش ئەمىسە جېنىم ئانا، ئاق يوللۇق بولۇڭ...

سەلىمە شۇ كۈنى كەچكىچە يەنە بىر ۋەھىمە بىلەن ھاشىرخان ئانىنى ساقلاپ كۆزى تۆت بولدى، ئاخىرى ھاشىرخان ئانا كۆز باغلانغان مەھەلدە قايتىپ كەلدى. چىرايىمۇ ئۆمسىلە، ھەرىكەتلىرىمۇ سۇسلاپ قالغان ئىدى:

ــ ۋاي شور پېشانە قىزىمەي... قىزىڭنىڭ ئاپىسى راستلا ئۆلۈپ كېتىپتۇ، پۈتۈن بازاردا شۇ گەپ... ئۇنىڭ كىمنىڭ قىزى ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ تاپالمايسەنغۇ دەيمەن؟ـــ موماينىڭ شۈكلەپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ سەلىمەنىڭ يۈرىكى ئېغىپ كەتتى. ئۇ خۇددى بىرى ئىشىكنى ئېچىپلا كىرىپ، قىزىنى بۇلاپ چىقىپ كېتىدىغاندەك، بوۋاقنى باغرىغا چىڭڭىدە بېسىۋالغان ئىدى.

ـــ قورقما، سەلىمە... بازاردىكىلەر بۇ بالىنىڭ ئىشىنى بىلىدىغاندەك ئەمەس... بوۋاقنىڭ ئانىسى تۆرەمنىڭ رەشىد بىلەن قوشكېزەك قىزى رەشىدە ئىكەن ئەمەسمۇ؟...

بۇ خەۋەردىن سەلىمەنىڭ مېڭىسى چاراسلاپ كەتتى، ئۇ قۇچىقىدا بىخارامان ياتقان بوۋاققا ھاڭۋېقىپ قاراپ تۇرۇپ كەتتى-دە، ئىشەنمەسلىك نەزىرى بىلەن ھاشىرخان ئانىغا قارىغىنىچە تۇرۇپ قالدى. 

ــ بۇ، قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش بولدى ئەمدى، ھاشىرخان ئانا؟... مەن چۆگىلەپ كېلىپ يەنە ئاشۇ خەقنىڭ پۇشتىغا چېتىلىپ قالدىممۇ؟... بۇنداقمۇ ئۇدۇل كېلىپ قېلىش بولامدۇ-ھە؟... نېمىشقا قىزىمنىڭ ئىسمىنى رەشىدە قويۇڭ دەيدىكىن دېسەم... ئەسلىدە ئۇ رەشىدنىڭ سىڭلىسىكەن ئەمەسمۇ؟... ئۇلار ئەمدى  بۇ قىزنى تارتىۋالارمۇ، ھاشىرخان ئانا؟... مەن قىزىمدىن ئايرىلىشقا قانداق چىدايمەن؟ ئۇلار قىزىمنى قاچان ئېلىپ كىتەر؟... مېنى ھاياتقا باغلاپ تۇرغىنى مۇشۇ قىز تۇرسا...


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ


ــ گېپىمنى چۈشەنمەپسەن، ئەخمەق قىز... تاغدىكىلەرنىڭ ھەممىسى تۆرەمنىڭ قىزىنىڭ تۇغۇتىدا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلمەپتۇ. بىرسى ئۆلۈۋاپتۇ دەيدۇ، بىرسى كېسەلكەنتۇق دەيدۇ، بىرسى باققان ئاتا-ئانىسىدىن يۈز ئۆرۈپ، تۆرەمنىڭ يېنىغا قېچىپ كەپتىكەن، تۆرەم ئۆيىگە كىرگۈزمەپتۇ، شۇڭا ئاچچىقىدا ئۆلۈۋاپتۇ دەيدۇ... يەنە بەزىلەر ئۇ قىزنى قېچىپ كۇلىمۇ كۇلى يۈرۈپتىكەن، ئۆيىگە كىرىشتىن نومۇس قىلىپ، دەرياغا ئۆزىنى ئېتىپتۇ  دەيدۇ... ئىشقىلىپ پاراڭ جىق، بىراق ھېچكىم تېخى ئۇ قىزنى تۇغۇتىدا ئۆلۈپتۇ، بالىسىنى سەلىمە ئېلىپ كېتىپتۇ دەپ باقمىدى. مەن بەك سۈرۈشتۈردۈم، ئاغزى يۈگۈرۈكلەرنىڭ ھەممىسىدىن سورىدىم، ئۇلار ھەتتا سېنىڭ ياخشى گېپىڭنى قىلىشقىلى تۇرۇپتۇ، ھەسەلخېنىمنى ساڭا ئۇۋال قىلغاچقا، نەتىجىسىنى قىزىدىن كۆردى، دېيىشكەنلەرمۇ بار...

ــ ھەيرانمەن... ئادەملەرمۇ غەلىتە بولىدىكەن، بىرسىنىڭ بېشىغا كۈن كەلسە، مېنىڭ بېشىمغا كېلىپ قالسا قانداق قىلارمەن، دېمەي، ھە دەپ كەينىدىن گەپ تېپىشنىڭ كويىغا چۈشىدىكەن... تۈنۈگۈنگىچە پۈتۈن تاغلىقلار مېنى ئەيىبلەشكە تۇتۇنغان ئىدى، مېنىڭ ياخشى گېپىمنى قىلىدىغان بىرمۇ ئادەم قالمىغاندەكلا بولۇپ قاپتىكەن، مانا ئەمدى...ـــ دېدى سەلىمە، ئۇنىڭ يۈرىكى ھاشىرخان ئانىنىڭ گەپلىرى بىلەن سەل ئىزىغا چۈشتى.

ــ راست دەيسەن، ئادەم دېگەن ئەنە شۇنداق خام سۈت ئەمگەن نېمە... كىشىنىڭ بېشىغا كەلگەندە كۈلۈپ يايراپ تاماشا قىلىپ كېتىمىز، ئۆزىمىزنىڭكىگە كەلگەندە كالىدەك ھۆركىرەپ يىغلاپ، ئالەمنى بېشىمىزغا كىيىمىز، تاقەت قىلمايمىز...

ئەمدى بالىنىڭ ھەقىقى سالاھىيىتى ئېنىق بولغان ئىدى. بوۋاق تۆرەمنىڭ نەۋرىسى، رەشىدنىڭ سىڭلىسى رەشىدەنىڭ قىزى ئىدى... ئاشۇ مۇڭلۇق، مىسكىن ئاۋاز رەشىدەنىڭ ... سەلىمەنىڭ ئىچى بۇ خەۋەرنى بىلگەن دەسلەپكى سائەتتە بىر خىل سىقىلغان، چىن پۈتمىگەندەك گادىرماش بولغان ئىدى، ئەمما شۇ تاپتا ئۇ يەنە ئۆزىنى ئوڭشىۋالدى، قىزى ئۇنىڭدىن بەختلىك ئىكەن، ئۇ ھېچ بولمىغاندا ئانىسىنىڭ كىملىكىنى بىلىدىغان بولدى...

سەلىمە بۇ كېچىمۇ زادىلا كىرپىك قاقمىدى. قىزىنىڭ رەشىدبەگنىڭ جىيەن قىزى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ توي كېچىسىدىكى سوغوق مۇئامىلىلىرى، تۈرۈلگەن قاپاقلىرى، ھېلىقى سەۋزە قىستۇرۇلغان نان يۆگەلگەن داستىخان، ئاشۇ ھەيۋەتلىك، ئەمما سەلىمەگە ئازاب بەرگەن ھويلا-ئارام، ئۆي-زىمىن، ھەسەلخېنىمنىڭ تۈكۈرۈش-تىللاشلىرى....نى ھەر بىر ئويلىغىنىدا، ئۇنىڭ يۈرىكى ئۆرتەندى ۋە ھەسرەتتىن پۇچۇلاندى...

كېچە تەڭدىن ئاشقاندا  بوۋاق قىرقىراپ يىغلاشقا باشلىدى. ئۇنىڭ قورسىقى ئاچقان ئىدى. سەلىمە يۈگۈرۈپ قوپۇپ سۈتنى ئىسسىتتى. بالىنى قولىغا ئېلىپ، ھەدەپ چىرايلىق، تاتلىق گەپلەر بىلەن ئەللەي ئەتتى. بوۋاق سۈتنى غۇرتۇلدىتىپ ئىچىپ، قورسىقى تويغاندىن كېيىن يىغىسى پەس بولدى. ئۇ سەلىمەنىڭ كۆڭلىدىكى ئىككىلىنىشلىرىنى يوقاتماقچى بولغاندەك، قاپقارا كۆزلىرىنى ئۇنىڭغا تىكىپ، پىسىڭڭىدە كۈلدى. سەلىمەنىڭ يۈرىكى يەنە ۋىژژىدە ئېچىشىپ، تەبىئىي بولغان ئانىلىقنىڭ مۇقەددەس كۈچى ۋۇجۇدىغا يامرىدى:

ــ سەن دېگەن مېنىڭ بالام، پەقەت ۋە پەقەت مېنىڭلا... ئەمدى ئىككىلىنىپ تۇرماسلىقىم، ئىككىمىزگە يول ئېچىشىم، سېنى بېقىپ قاتارغا قوشۇشۇم، ھەر قانداق  ئازاب-ئوقۇبەت ۋە ھەسرەت- نادامەتلەرگە چىداشلىق بېرىشىم، قايمۇقۇپ نىشانىمدىن ئاداشماسلىقىم كېرەك!... شۇنداق، ئىككىمىزنىڭ نىشانى بىرلا: يەنى ياخشى ياشاش، بەختلىك ياشاش، ئۈمد بىلەن ياشاش...

سەلىمە ھاشىرخان ئانىنىڭ يېنىدا يەنە ئىككى ھەپتىنى ئۆتكۈزىۋەتتى. مەكتەپكە يىغىلىدىغان ئاشۇ كۈن كەلگەندە، ھېچنېمىگە قارىمايلا ئۇدۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە ــ ئىبراھىمنىڭ ئىشخانىسىغىلا كىردى. تەلىيىگە ئىبراھىم ئىشخانىسىدا بار بولۇپ چىقتى. ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پەيدا بولۇپ قالغان سەلىمەنى كۆرۈپ ئىبراھىم،ئۇنى سافاغا باشلاپ،ئالدىغا چاي قۇيدى:

ــ سىزنى گۆھەربانۇنىڭ ئۆيىدىن كېتىپ قاپتۇ، دەپ ئاڭلىدىم. ئەمما ئىزدەشكە ۋاقتىمىز چىقمىدى. ئاڭلىغان بولىشىڭىز مۇمكىن، رەشىدە دېگەن سىڭلىمىز تۈگەپ كەتتى، بۇ قىز رەشىدكە قوشماق ئىدى. بۇمۇ ئاز كەلگەندەك دانىيارمۇ قازا قىلدى... شۇ تاپتا ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسىلا مۇسىبەت ئىچىدە ساراڭدەكلا يۈرىۋاتىدۇ... مەنمۇ شۇ، قولۇم ھېچ ئىشقا بارمايدۇ، سىزگە قىلغانلىرىمىزنى ئويلاپ كۆڭلۈممۇ بەك يېرىم،ــ دېدى ئۇ سەلىمەگە كۆڭۈل قويۇپ. ئۇ سەلىمەنىڭ چىرايىنىڭ ئۆزى ئويلىغاندىكىدىن جىق ياخشى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، سەل خاتىرجەم بولدى.

ــ ئاڭلىدىم، ئىبراھىمكا، ئەمما كۆڭۈل سوراپ بېرىشقا ئامالىم بولمىدى،ـــ دېدى سەلىمە خىجىل بولۇپ.

ــ ياقەي، سىز ياخشى تۇرغان بولسىڭىزلا بىز خۇش، سىڭلىم... ئىشقا چۈشتۈڭلارمۇ؟ بالىلارنى تەتىلدىن يىغدىمۇ؟ ـــ دەپ سورىدى ئىبراھىم.

ــ ئەتە رەسمىي يىغىدۇ، ئىبراھىم ئاكا... سىزنى بالدۇرراق ئىزدەپ كېلەي دېگەنتىم، ئەمما ئۆي ئىچىدىكى مۇسىبەتتىن خەۋىرىم بولغاچقا، سىزنى يەنە ئاۋارە قىلىشقا خىجىل بولدۇم. ئەمدىمۇ كەلمەسلىككە ئامالىم بولمىدى... ئىبراھىم ئاكا، ماڭا ياردەم قىلىپ ... مېنى تۆمۈر تايدىن باشقا يەرگە يۆتكەپ قويغان بولسىڭىز... بىلىسىز... مەن ئەمدى ئۇ يەردە تۇرالمايمەن...

ــ ئۇنداق دېمەڭ، سەلىمە، سىزگە بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر ئۇۋال قىلدى، رەشىدمۇ شۇ... مانا كۆردىڭىز، ئائىلىمىزنى پالاكەت باسقىلى تۇردى... دادامنىڭ سىزنى ۋاقىتنى سوزمايلا ئۆيگە ياندۇرۇپ كەلگۈسى بار ئىدى، ھەم شۇنداق قارارمۇ تېپىپ بولغان. ئەمما رەشىدە، دانىيارغا كەينى-كەينىدىن ھادىسە كېلىپ، مۇسىبەتتە بولۇپ قالدۇق. بۇ ئىش شۇنىڭ بىلەن كېيىنگە قالدى. سىزنىڭ تۆمۈر تايتىن كەتكەنلىكىڭىزنى بىلگەندىن كېيىن دادام يەنە بىر قات ئېتىدىن چۈشۈپ كەتتى. سادىققا يۈز كېلەلمەيمەن، دەپ نەچچە قېتىم كۆز يېشى قىلدى. سىزنىڭ سۈرۈشتىڭىزمۇ بولدى، سىزنىڭ ھاشىرخاچامنىڭ  يېنىغا بېرىۋالغىنىڭىزنىمۇ دادام بىلىپتۇ. سىزنى كۆرگەنلەر ھاشىرخاننىڭ نەۋرىسىنى بېقىپ بېرىۋاتىدۇ، دېگەن گەپنى ئېلىپ كەپتۇ. بىزمۇ بۇ گەپتىن خاتىرجەم بولدۇق. مەكتەپكە بالىلار يىغىلغاندا كېلەر، شۇ چاغدا بىر گەپ بولسۇن دەپ ئولتۇردۇق... سىزنىڭ ئىشىڭىزنى دادام ئۇنتۇپ قالمىدى.

ــ ئىبراھىمكا، رەشىد ئىككىمىزگە ئەمدى يول يوق...قەتتى ئاۋارە بولمىغان بولساڭلار،ــ دېدى سەلىمە يىغلىۋېتىدىغاندەك ئۆمچىيىپ،ـــ مەن ئەمدىكى ھاياتىمنى باشقا يەردە ئۆتكۈزەي دېگەنتىم، مېنى تۆمۈر تايتىن يۆتكەپ قويغان بولسىڭىز،قانچە يىراق،قانچە جاپالىق يەر بولسىمۇ مەيلى دەيتتىم..

ــ بۇنداق ئۈمىدسىز بولماڭ، سەلىمە...

ــ ياق،ياق،بۇ مېنىڭ ئۈمىدسىزلەنگىنىم ئەمەس،پەقەت مەن شۇنى خالايمەن،ئاكا...ـــ دېدى سەلىمە ،بىردىنلا كۆز ياشلىرى تاراملاپ تۆكۈلۈپ، كۆڭلى يۇمشاق ئىبراھىمنىڭ باغرىنى تېخىمۇ ئەزدى.

ــ ماقۇل، مەن بۇنىڭ ئىلاجىنى قىلاي، سەلىمە، بۇ قولۇمدىن كېلىدۇ، مائارىپنىڭ قوينى كەڭ، سىزنى ناھىيەدىلا ئېلىپ قالسۇن، سىزنىڭمۇ ناھىيەلىك مەكتەپلەردە ئىشلەپ كەتكۈدەك قابىلىيىتىڭىز بار.

ــ ياق، ئىبراھىمكا، مېنى يەنە چۈشەنمىدىڭىز... مېنىڭ ناھىيەدىن، تۆمۈر تايدىن يىراق، بەكمۇ يىراق يەرگە يۆتكىلىپ ئىشلىگۈم بار ئىدى. مېنىڭ تارىخىمنى، يۈزۈمگە سوۋالغان قارىنى بىلمەيدىغان يەر بولغان بولسا... مېنىڭمۇ شۇنداق يەرگە كەتكىنىمنى ھېچكىمگە دېمىگەن بولسىڭىز، ھەتتا ئۆيىڭىزدىكىلەرگىمۇ... بىرەر ئىش بولسا سىزلا خەۋەر بەرسىڭىز، ھەرقانداق قىيىنچىلىق بولسىمۇ مەيلى، چىدايمەن، ئىبراھىمكا!



        داۋامى  بار .......


 ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319







سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k