大数跨境

جۇدالىق سىرى (رومان ) 51ـ قىسىم

جۇدالىق سىرى (رومان ) 51ـ قىسىم aybarawazi
2022-11-07
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

  سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر !  تۆۋەندە  يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي قەلمىدە  پۈتكەن ( جۇدالىق سىرى ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 52 - قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ




ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمىلىرىنى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ 

    

1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50


 ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى . جەمئى 54 قىسىم 

ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ،  رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ  كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە  ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت . 





 (  جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن تۇلۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 


جۇدالىق سىرى


(رومان)



51-قىسىم


 رەشىد،زادىلا بېسىپ بولماس ئىچكى ھاياجان بىلەن كەلگەن پېتى قىزنى باغرىغا باستى. پۈتۈن تېنى ئۇنىڭغا بولغان ئاجايىپ بىر مېھىر-مۇھەببەت بىلەن دولقۇنلاندى.قىزچاق،دەسلەپ،سەل قورۇنۇپ،ھەتتا ئۆزىنى ئۇنىڭ كۈچلۈك باغرىدىن ئېلىپ قاچماقچى بولدى.

ــ سىز كىم بولىسىز؟ مېنىڭ ئىسمىمنى قانداق بىلىسىز؟ـــ دەيتتى ئۇ،ئۇنىڭ كۆزلىرى تەمتىرەش، ئەندىكىش ۋە تارتىنىش ئىلكىدە،تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالغان رەشىدكە،تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى. بۇ قاراش رەشىدنىڭ ۋۇجۇدىنى شىددەت بىلەن كۆيدۈرۈشكە باشلىدى. ئاشۇ مىسكىن، تونۇش كۆز نۇرىلا ئۇنىڭغا جاۋابى تولىمۇ ئېنىق بولغان بىر سوئالنى قويۇۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى...

ـــ ئىسمىڭىز رەشىدەما؟... سىز راستلا رەشىدەمۇ؟ـــ رەشىد كۆز ئالدىدا بىردىنلا پەيدا بولۇپ قالغان بۇ كىچىكلىتىۋىتىلگەن سىڭلىسىغا قاراپ، نە چۈش كۆرۈۋاتقانلىقىنى، نە رېئاللىقتا تۇرىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەي، قىزچاقنىڭ تېنىدىن كېلىۋاتقان بالىلىققا تەۋە خۇشپۇراق ھىدقا، ئۇنىڭ سۆيۈملۈك چىرايىغا قاراپ،سۇئالىنى قايتا قايتا تەكرارلىدى.

ــ ھەئە، مېنىڭ ئىسمىم رەشىدە.

ــ سىز كىمنىڭ بالىسى؟

ــ مەن ئاپامنىڭ بالىسى.

ــ ئاپىڭىزنىڭ ئىسمى نېمە؟

ــ ئاپامنىڭ ئىسمى سەلىمە مۇئەللىم،ــ دېدى قىزچاق ھەيرانلىق بىلەن چىرايلىق كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ.

ــ سەلىمە؟... سەلىمە سىزنىڭ ئاپىڭىز؟... ــ رەشىد تېخىمۇ ھەيران بولدى. «سەلىمەنىڭ قىزى؟ سەلىمەنىڭ قىزى ئەلۋەتتە مېنىڭمۇ قىزىم بولىدۇ دە؟...بۇ قىز راستلا مېنىڭ قىزىممىدۇ؟...» بۇ جاۋاب بىلەن،ئۇنىڭ يۈرىكى ھەم خوشاللىق ھەم تېڭىرقاش بىلەن قاتتىق تېپچەكلەپ كەتتى. بۇ كۈتۈلمىگەن بەخت،تەقدىر تەرىپىدىن ئۇنىڭ پىغانلىق دىلىغا ئاتايىتەن تاشلاپ بېرىلگەن شىپالىق مەلھەمگە ئەمەسمۇ؟.

 ــ ھەئە، مەن سەلىمە مۇئەللىمنىڭ قىزى... سىز كىم بولىسىز داداش؟

ــ مەن رەشىد...

ــ رەشىد؟... ئىككىمىزنىڭ ئىسمى بەكلا ئوخشايدىكەنغۇ؟.

ــ شۇ،شۇ،راست... بەك ئوخشايدىكەن...

ــ نېمە بولدىڭىز داداش؟ نېمىشقا يىغلايسىز؟ چوڭ داداش تۇرۇپمۇ يىغلامسىز؟ سىزنى بىرسى ئۇردىمۇ يە؟ 

ــ ياق، ياق... مېنى ھېچكىم ئۇرمىدى...

ــ ئۇرسا ماڭا دەڭ،ھە، مەن قادىر ئاكامغا دەپ،ئۇ بالىنى ئۇرغۇزۇپ بېرىمەن، ئاندىن يىغلىمايسىز.

ــ قادىر ئاكام دېگەن كىم ئۇ؟

ــ تۇنىساخان چوڭ ئانامنىڭ بالىسى، ئۇ ئاكام ساقچى، بەك يامان!

رەشىد ھەيرانلىق، خۇشاللىق، قايمۇقۇش ئىچىدە قىزچاقنىڭ تاتلىق، چۈچۈك تىللىرىغا مەستانە بولۇپ، ئۇنىڭ چۇۋۇرلاشلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرىۋەردى. ئەمما كاللىسىدىكى تۈرلۈك-تۈمەن زىددىيەتلىك سوئاللار مېڭىسىدە،ئالا توپىلاڭ كۆتۈرەتتى. «سەلىمەغۇ توي قىلىۋالمىغاندۇ؟... ياق! مۇمكىن ئەمەس! بۇ مېنىڭ قىزىم!...» شۇنچە رەت قىلىپ تۇرغىنىغا قارىماي، كاللىسىدىن كەچكەن بۇ خىيال ئۇنى گويا ئېگىز يارنىڭ لېۋىگە ئەكىلىپ قويغاندەك، يۈرىكى بىر ئەنسىزچىلىكتىن قاتتىق پۇچۇلىنىشقا باشلىدى...

ــ دادىڭىز بارمۇ رەشىدە؟ــ بۇ سوئالنى سورىغاندا ئۇنىڭ ئاۋازى تىترەپ چىقتى.كىچىك رەشىدە ئۇنىڭ نىمە دېگەنلىكىنى دەماللىققا پەرق ئىتەلمەي قالغاندەك بولدى.

ــ ياق، دادام يوق... بىراق دادامنىڭ رەسىمى بار، سىزگە كۆرسىتىپ قويايمۇ؟ تۇنىساخان چوڭ ئانام مېنى داداڭغا بەك ئوخشايسەن دەيدۇ.

ــ بولىدۇ،دادىڭىزنىڭ رەسىمى بار بولسا،ئاچىقىپ بېقىڭە،قېنى،مەن بىر كۆرەي. 

قىزچاق پىلتىڭلاپ يۈگۈرۈپ باغدىن چىقىپ كەتتى، رەشىدمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ قورودىكى سۇپىغا كېلىپ ئولتۇرغاچ، قىزنى ساقلىدى.

ــ مانا قاراڭ، بۇ مېنىڭ دادام، بۇ ئاپام...ـــ قىزچاق ھايال قالمايلا رەشىد بىلەن سەلىمەنىڭ تويلۇق گۇۋاھنامىسىنى كۆتۈرۈپ چىقتى. گۇۋاھنامىدىكى رەسىم گەرچە كىرىشتۈرۈلگەن بولسىمۇ، خۇددى سەلىمە بىلەن رەشىد بىر يەرگە كېلىپ تارتىلغاندەك كۆرۈنەتتى. رەسىمنى كۆرسىتىپ قىزچاقمۇ رەشىدكە ھەيرانلىق بىلەن قاراپلا قالدى.

ــ سىز رەسىمدىكى مۇشۇ ئادەم شۇمۇ؟ــ دېدى قىزچاق بىردىنلا جىددىيلىشىپ،ـــ رەسىمدىكى دادام شۇمۇ؟

رەشىد نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالغان بولسىمۇ، دەرھاللا ئېسىنى تاپتى:

ــ سىز دەڭە، مەن شۇمىكەنمەن؟...

ــ ئازراق ئوخشايدىكەنسىز... ياق، ئەمەسكەنسىز... سىز ئورۇقكەنسىز...ـــ بالىنىڭ قاپقارا كۆزلىرىدىن رەشىدنى چۈشىنىشكە بولغان ئادەتتىن تاشقىرى تەشنالىق چىقىپ تۇراتتى.

رەشىدنى يىغا تۇتتى، ھەقىقەتەن ئۇنىڭ شۇ تۇرقى رەسىمدىكىدىن پەرقلىقلا بولۇپ كەتكەن. چىرايى سۇلغۇن، روھسىز، چۈشكۈن ئىدى.

ــ شۇنداقمۇ؟... ئانىڭىز قېنى؟ سىز نېمىشقا يالغۇز ئوينايسىز؟ قورقمامسىز بالام؟ــ دېدى ئۇ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا تىرىشىپ.«بالام»دېگەندە،يۈرىكىگە يامراپ كەلگەن مېھىر ئوتى بىلەن،كۆزلىرىگە لۆممىدە ياش كەلدى. 

ــ ياق، نېمىشقا قورققۇدەكمەن؟ ئاپام،چوڭ ئانام بىلەن پاتىخان ئاناشنىڭ ئۆيىگە چىقىپ كەتتى، ھېلىلا كىرىدۇ...ئۇلار نان يېقىۋاتىدۇ... داداش،مەن ئاپامنى چاقىرىپ كىرەيمۇ يە؟.. قاراڭ، بىزنىڭ ئۆينىڭ ئالدىدىكى ،ئاۋۇ ئۆي شۇ،يېقىن...

ــ ياق، ساقلايلى... چاقىرماڭ... بىز گەپلىشىپ ئولتۇرۇپ تۇرايلى.

__ ماقۇل...

رەشىد،ئۆزىگە تىنماي چۇۋۇرلاپ بېرىۋاتقان،رەشىدەنىڭ،ئوماق چىرايىغا قاراپ تويمايتتى. يۇمران قوللىرىنى سىيلاپ، پېشانىسىگە سۆيۈپ قانمايتتى. ئۇ قىزچاقنى ئەركىلەتكەن، بۇجغۇر بۈدرە چاچلىرىنى،سەبى تىنىقىنىڭ،يۈزىگە ئۇرۇلۇشلىرىنى ھېس قىلغان چېغىدا، ئۆزىدە بىر خىل روھىي ئازادىلىكنى سەزسە،قىزچاقنىڭ نېمىلەرنىدۇر تەمە قىلىپ تۇرغان مەسۈم كۆزلىرىگە دىققەت قىلغاندا، ساددا سوئاللىرغا جاۋاب بېرىۋاتقاندا، روھى ئېيتقۇسىز ئاراملىققا ئېرىشكەندەك بولاتتى...دەرۋەقە، قىزچاقنىڭ چىرايى شۇنچە سەبى، شۇنچە پاك. ئۇنىڭ ھەر بىر قىلىقلىرىدىن بىر خىل گۆدەكلىك ۋە سەبىيلىك چىقىپ تۇراتتى. رەشىدنىڭ قىزغا بولغان ھېسسىياتى ئۆزلىگىدىنلا پەيدا بولدى. بۇ ھېسسىياتنىڭ ھېچقانداق ئەقلىي ئاساسى يوق ئىدى.


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ


ــ ئاپا... ئاپام كەلدى! ــ قىزچاق رەشىدنىڭ قولىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ، دەرۋازىدا،ئۆزلىرىگە قاراپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالغان،سەلىمەگە،قاراپ ئۆزىنى ئاتتى.  رەشىدنى كۆرۈپ،سەلىمە،ئۆزىنى يوقىتىپلا قويغان ھەم پۈتكۈل ۋۇجۇدىنى بىر خىل ئەنسىزلىك چىرمىۋالغانىدى.

توغرا،كۈندىن كۈنگە،رەشىدكە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشاپ،چوڭ بولۇۋاتقان،قىزىنىڭ  مۇشۇ چىرايىلا،ئۇنىڭغا ھامان بىر كۈنى،مۇشۇنداق بىر كۈننىڭ يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ بولغان،ھەم ئۇنىڭ ئىدىيىسىدە ئازراق تەييارلىقىمۇ بار ئىدى.بىراق بۇ قورقۇنچلۇق كۈن يېتىپ كەلگەندە،سەلىمە قېتىپلا قالدى.كاللىسى ئىشلەشتىن توختىدى.ئەمدى نېمە ئىشلار يۈز بېرەر؟قانداق قىسمەتلەر،سەلىمەنىڭ بېشىغا چۈشەر؟ناۋادا،رەشىد،رەشىدەنى،بىزنىڭ ئائىلىنىڭ بالىسى،دەپ،مۇتىھەملىك بىلەن ئېلىپ كەتسە،قانداق قىلغۇلۇق؟ئېسىت،ئۇنىڭ شۇنچە يىل تىرىشىپ ئېرىشكەنلىرى،ئۆزىنىڭ،بالىسى بارلىقىنى،ئىبراھىمغا،دەپ قويمىسۇن،دەپ،مەكتەپ مۇدىرىغا،سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەي،يالۋۇرۇپ كەتكەنلىكلىرى...نى ئويلاپ،سەلىمە،بىردىنلا ھۇشىنى تاپتى.

ــ سىز... نېمىگە كەلدىڭىز؟ــ دېدى ئۇ قىزىنى ھېلىلا بىرى بۇلاپ كېتىدىغاندەك،ۋە ئۇنىڭ يۇمران قوللىرىدىن چىڭڭىدە تۇتۇۋالدى.

ــ سىزنى يوقلاپ كەلدىم، سەلىمە...ـــ دېدى رەشىد ھودۇقۇپ. ئۇ سەلىمەنىڭ، سولغان كۆزلىرىدىن چەككەن روھى ئازابلىرىنى، ئۆتكەن يىللارنىڭ ئۇنىڭغا قالدۇرغان قايغۇ-ئەلەملىرىنى كۆردى.

بۇ گەپنى ئاڭلاپ،سەلىمەنىڭ قاپىقى تۈرۈلدى، ئاشۇ نومۇسلۇق تويدا رەشىدنىڭ ئۆزىنى رەت قىلىشى بىلەن كۆرگەن ھاقارىتى،بەدىنىدە خۇددى يېڭى پەيدا بولغان جاراھەتتەك يۈرىكىنى قايتا مۇجىدى...

ــ سىز مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇياتلىق ھەم ئازابلىق ئەسلىمەمدىن باشقا ھېچنېمە ئەمەس، بولدى،بۇ يەردىن چىقىپ كېتىڭ،بۇ يەردە،سىزنى قارشى ئالىدىغان ئادەم يوق!

رەشىدنىڭ يۈرىكى ئاغقاندەك بولدى،ئۇمۇ،سەلىمەگە ئوخشاشلا تەبى بولالمايۋاتاتتى.ھەتتا تاپىنى ئاستىدىكى قاتتىق يەر بىردىنلا لۆمشۈپ كەتكەندەك، ئالدىغا، سەلىمەگە قاراپ تاشلانغان قەدەملىرىنى باشقۇرالماي جايىدا تۇرۇپلا قالدى. ئۇ سەلىمەنى ئۆزىگە بۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ، دەپ ئويلىمىغان ھەم ئەزەلدىنلا بىراۋ ئۇنىڭغا بۇنچە ئاۋازلىق، قەھرى بىلەن تىكىلىپ، ۋارقىراپ باقمىغان ئىدى. شۇڭا ئۇ، نېمە دېيىشىنى، قانداق قىلىشنى بىلمەي، ئاجايىپ بىر قولايسىزلىق بىلەن سەلىمەگە بىچارىلەرچە تىكىلدى.

شۇنچە يىللاردىن بۇيان ئۇ سەلىمەنى ئويلاشنى خالىماي كەلگەن ئىدى. سەلىمەنى ئەسلەش نېمىشقىدۇر ئۇنىڭ كۆڭلىنى خىرە قىلاتتى. خۇددى سەلىمەنىڭ ۋەيرانە قىسمىتىدە ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك بىر نەرسە باردەك، ئۇنىڭ بىلەن چېتىلغان بۇ مۇناسىۋەت ئەسلى ئۇنداق ئاياقلاشماسلىقى كېرەكتەك تۇيۇلاتتى... ئۇ كۆڭلىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان شۇنچە باھانىلەرنى تېپىپ تۇرسىمۇ، «پاك»لىقىنى ساقلىيالمىغان قىزلارنى ئاغزىدا مىڭ ئەيىبلەپ تۇرسىمۇ، سەلىمەگە كەلگەندە ھامان بىر ئازابنى، بۇرۇختۇملۇقنى سېزەتتى. ئۇنىڭ بىلەن بولغان كۆڭۈلسىز توي كېلىشىمىنى ئۈزۈۋەتسەملا قۇتۇلىمەنغۇ، دەيدىغان قاراشقىمۇ كېلەتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇ سەلىمەنى كۆرمەي تۇرۇپمۇ، بىرەر ئادۋۇكاتنىڭ ئارىغا كىرىشى بىلەنلا بۇ مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلالايتتى. ئەمما ئۇ يەنىلا ئۇنداق قىلالمىدى. ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن ۋاقىتنى، جەرياننى بۇنچە كەينىگە سوزىدىغانلىقىنىڭ تېگىگە يىتەلمەيتتى. سەلىمە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قانداقتۇر  مۇرەككەپ بىر مۇناسىۋەتتەك، ئۇنىڭ بىلىش، چۈشىنىش دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەندەك ئىدى...

شۇ ئېنىقكى، شۇ دەقىقىدە ئۇنىڭدا بىر تۇيغۇ پەيدا بولدى. گەرچە بۇنى ئۇ ئوچۇق ئىپادىلەپ بېرەلمىسىمۇ، بۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىدى. ئۇنىڭ تۇرمۇشى، ھاياتى مەيلى بۇرۇن، مەيلى كېيىن بولسۇن سەلىمەگە باغلىنىپ، قوشۇلۇپ كەتكەن ئىدى... كىچىك رەشىدەنىڭ ئۆزىلا ئۇ شۇ چاغقىچە بىلىپ، چۈشىنىپ بولالمىغان بارلىق سوئالنىڭ جاۋابى ئىدى...

سەلىمە كىچىك رەشىدەنى خۇددى رەشىد تارتىپ كېتىدىغاندەك چىڭڭىدە قۇچاقلىۋالغان، رەشىدمۇ ئۆلۈكتەك تاتىرىپ، نېمە قىلىشىنى بىلمەي تۇرۇۋاتقان شۇ ۋاقىتتا، تۇنىساخان كىرىپ قالدى. ئۇ كەلگەن مېھمانغا، سەلىمەنىڭ چىرايىغا، رەشىدەنىڭ ھەيرانلىق، تېڭىرقاش ئىچىدە قاراپ قالغان بىغۇبار كۆزلىرىگە قاراپ بولۇۋاتقان ئىشنى ئازراق پەملىگەندەك بولدى. رەشىدمۇ موماينى كۆردى، ئۇنىڭ كىچىك رەشىدەنىڭ چوڭ ئانىسى ئىكەنلىكىنى پەملىدى.

ــ تىنچ كەلدىلىمۇ، بالام؟ــ تۇنىساخان ئانا ئۇنىڭغا چىرايلىق سالام قىلدى. رەشىد ئوڭايسىزلانغان ھالدا مومايغا جاۋاب سالام قايتۇردى.كۆزلىرى،مومايغا بىر ئۆتۈنۈش بىلەن تىكىلەتتى. ئۇنىڭ ئاشۇ قارىشىدىكى مىسكىنلىك، ئاجىزلىقنى كۆرۈپ تۇنساخان ئانىنىڭ يۈرىكى ئېچىشتى. راستىنى دېگەندە، تۇنىساخان،سەلىمەنىڭ،ئۆتمۈشىدىن خەۋەرسىز ئىدى. پەقەت تۇنساخان ئانا،بىر تاسادىپى سەۋەب بىلەن سەلىمەنىڭ توي خېتى گۇۋاھنامىسىنى كۆرۈپ قالغان ئىدى. سەلىمەنىڭ تويى توغرۇلۇق، قىزىنىڭ دادىسى توغرۇلۇق زۇۋان سۈرمەيدىغانلىقىغا قاراپ، تۇنىساخان ئۇنى ئېرىدىن قاتتىق كۆڭلى ئاغرىغان بىچارە چوكان، دەپلا بىلەتتى. شۇڭا كىچىك رەشىدەنىڭ دادىسى توغرىسىدىكى بەزى سوئاللىرىغا جاۋاب تاپالماي، بىر نەچچە قېتىم، ئانىسىغا دېمەسلىك شەرتى بىلەن قىزىل قەغەزدىكى «دادىسى»نى قىزچاققا كۆرسىتىپ قويدى.

دېمەك،شۇ تاپتا ئاشۇ گۇۋاھنامىدىكى ئەر پەيدا بولغان ئىدى. سەلىمەگە شۇنچە يىللاردىن بۇيان يېزىدىن خېلى كۆپ لايىق چىقتى، ئەمما سەلىمە:«مەن توي قىلغان ئايال، ئېرىم چەتئەلدە» دەپلا گەپنى ئۈزگەن ئىدى. ھەتتا زادىلا ئاراملىق بەرمىگەن بىر نەچچە يەرگە توي گۇۋاھنامىسىنىمۇ كۆرسەتكەن ئىدى. «نېمىلا بولمىسۇن بۇ چەتئەللىك ئەر، ۋاپاسىز ئەر قايتىپ كەپتۇ. بۇ بىچارە چوكانغىمۇ تەقدىرنىڭ رەھمى كەپتۇ، بۇنچىلىك ماي تارتىشىش، قېيىداپ ئۆيگە كىرگۈزمەسلىك دېگەن ھېچ ئىش ئەمەس» دەپ ئويلىغان تۇنىساخان رەشىدكە ئادەتتىن تاشقىرى ئېچىلىپ مۇئامىلە قىلدى:

ــ سىز رەشىدەنىڭ دادىسى ئىكەنسىز-دە؟ سىزنىڭ رەسىمىڭىزنىلا كۆرگەنتىم...ـــ رەشىدنىڭ تەڭقىسلىقتا تۇرغىنىنى كۆرۈپ ئۇنى يەنە ئۆيگە تەكلىپ قىلدى،ـــ جۈرۈڭ بالام ئۆيگە، مۇزدەك سوغوق قېتىق بار، ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ.

ــ تۇنىساخان ئانا، بولدى قىلسىلا... ئۇ قايتىپ كېتىدىغان ئادەم...ـــ دېدى سەلىمە بوغۇلۇپ.

ــ نەگە كېتەتتى؟ قىزى، ئايالى بۇ يەردە تۇرسا، يەنە نەگە باراتتى بۇ بالا؟... جۈرۈڭ، باشلىسام ئۆزۈمنىڭ ئۆيىگە باشلىدىم، سەلىمەنىڭ ئۆيى ئاۋۇ...ــ تۇنىساخان ھەييارلىق بىلەن رەشىدكە كۆز قىسىپ، ئىڭىكى بىلەن سەلىمە تۇرىدىغان ياندىكى ئۆينى ئىشارەت قىلدى. رەشىدمۇ موماينىڭ ئۆز كۆڭلىنى چۈشەنگىنىدىن سۆيۈنۈپ، ئۇ باشلىغان مېھمانخانىغا كىردى.

ــ رەشىدە، كەلگىن قىزىم... داداڭ كەلگەندە ئۇ يەردە ھاڭۋېقىپ تۇرما! قارا، ساڭا قۇيۇپ قويغاندەكلا ئوخشايدىغان داداڭ كەپتۇ، جىگىرىم!

ــ ۋاي بولدى قىلسىلا تۇنىساخان ئانا!...ــ سەلىمە ئۆكسۈپ تۇرۇپ شۇنداق دېۋىدى، رەشىد تەرەپكە ئۆمتۈلگەن كىچىك قىزچاق يەنە ئانىسىغا يامىشىپ تۇرىۋەردى، ئۇ تەڭلىكتە قالغاندەك بىردە رەشىدكە، بىردە ئانىسىغا تەلمۈرۈپ قارايتتى...

تۇنىساخان كۈلگىنىچە رەشىدنى ئۆيىگە ئەكىرىپ كەتتى، ھەم ئۇنىڭ ئۇنمىغىنىغا قويماي داستىخان راسلاپ چاي قويدى. سەلىمەنىڭمۇ ئۆيىگە كىرىپ كەتكىنىنى كۆرگەندىن كېيىنلا ئاۋازىنى بوش چىقىرىپ سەلىمە توغرىلىق گەپ باشلىدى:


        داۋامى  بار .......


 ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319







سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0