
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر تۆۋەندە ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ئاتاقلىق يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي قەلمىدە پۈتكەن ( جۇدالىق سىرى ) ناملىق رومان ، بۇ روماننى شىنجاڭ ئايبەر خەلقئارا ساياھەت شىركىتى ئالاھىدە قوللىغان ، ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن گۈل قەلەم سالۇندا تارقتىدۇ ، ئايبەر ئاۋازى سالۇندا ئۇلاپ تەكرار تارقىتىلىدۇ ، بۇ روماننى دەل ۋاقتىدا ئاڭلاشنى خالىساڭلار ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ گۈل قەلەم سالۇننى قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ ، ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى ،
ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ، رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت .
( جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
( جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ خەتلىكىنى ئالدىن ئوقۇماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
………
…………
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى مانا بۇ تىرناق ئىچىدە
ساننى بېسىپ كىرىپ ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
جۇدالىق سىرى
(رومان)
ئاپتۇرى:نۇرگۈل ئەبەي
13-قىسىم
ئىنسان قەلبى مۇرەككەپ، ئىنساننىڭ ئەقىلسىزلىقى شۇنىڭدىكى، ئۇ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتنى ھېچقاچان ئۆزىدىن ياكى تەقدىر قىسمەتتىن كۆرمەيدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، مەھەللىدىكى ھايات قالغانلار، كىتاپ كۆرەلەيدىغان پالچى- سۇخەنچىلەر بېشىغا كەلگەن بۇ ئاپەتلەرنىڭ ھەننىۋاسىنى ئاشۇ نارسىدە بوۋاقتىن كۆرۈۋاتاتتى.جاھاننىڭ غەۋە غۇدۇرلىرى،ئازاب ھەسرەتلىرىدىن بىخەۋەر تاتلىق گۇڭراپ ياتقان بۇ قىز بوۋاق خۇددى ئاشۇ ئاپەتنىڭ يىلتىزى،مەھەللىدىكىلەرنىڭ بەخت تەلىيىنى سۈپۈرۈپ تاشلايدىغان سامادىكى نىجىس سۈپۈرگە يۇلتۇزى ئىدى.دېمەك،ئاشۇ بوۋاقلا بۇ يۇرتتا بولسا،چوقۇمكى ئاپەت تۈگىمەيدۇ،بەلكى كەينى كەينىدىن ئۇلاپ كېلىدۇ.
ئېلاخۇن قويچىنىڭ تام ئاستىدا قېلىپ قازا قىلغانلىقىغا مومىيى ھەم سادىقدىن باشقا ئىچ ئاغرىتىدىغانلار بولمىدى.
بارا بارا سەلىمە بار ئاشۇ چىغلىق ئالۋاستىنىڭ ماكانىغا، ئېلاخۇن قويچىنىڭ خوتۇنى مەرەم ئانا ئالۋاستى ئىگىلىۋالغان ساراڭغا چىقىرىلدى. ھەتتا كىشىلەر چىغلىق كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان يول ئۈستىدىن كېچىلىرى ماڭمايدىغان، مەرەم ئانا ھەم ھېلىقى بوۋەقنىڭ ئۈستىدىن سۆز چۆچەكلەر ئۈزۈلمەيدىغان بولدى...
يۇقۇرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت،بارلىق جەمىيەتنى سەپەرۋەر قىلىپ،مەخسۇس خىراجەت ئاجرىتىپ، يەر تەۋرەتە خارب بولغان بارلىق بارچە ئۆيلەرنى،يەر تەۋرەشكە چىداملىق، پىشىق خىشلىق قىلىپ باشقىدىن قوپۇرۇپ بەردى.مەرەم ئانىغا ئوخشاش قارىغۇچىسى يوق ئانىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش،يايلىق پونكىتىدىكى خادىملارغا قاراپ ھەمدەم بولاتتى.
شۇ تەرىقىدە يەنە بىرنەچچە يىل ۋاقىت ئۆتتى. مەھەللىدىكىلەر سادىقنىڭلا ئەمەس،بەلكى خىزمەتچى خادىملار،قاراقسىز قالغان مال-چارۋىلارنىڭ چىغلىققا كىرىپ چىقىپمۇ ھېچقانداق ئالۋاستىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىمىغانلىقىغا دىققەت قىلماي تۇرالمايتتى.چىغ ئورۇش ئۈچۈن كۈزدە چىقىدىغان ئىشلەمچىلەرمۇ موماينىڭ ئۆيىدە ئارام ئېلىپ، تامىقىنى يەپ، ئۇخلاپ نەچچە ئون كۈن تۇرۇپ قالدى. ھېچكىم ھۇقۇش تامدۇرغان «ئالۋاستى بالا»نىڭ چاڭگىلىدا ئۆلمىدى ياكى ئۇنىڭ بالاسىغا ئۇچراپ، كىشىلەرنىڭ ئاغزىغا چىقىپ قالمىدى. تېخى چىغ ئورۇغۇچىلار سەلىمەنىڭ كىچىك تۇرۇپلا ئىشتا پىشقانلىقىنى، ئەقىللىقلىقىنى ماختاپ ئۇچۇرۇپ، مەھەللىدىكىلەرنىڭ قۇلىقىغا ئاپاردى.
ھالبۇكى، ئادەملەر ئاشۇ چاغدىكى يەر تەۋرەشتە يۈرىكىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن دەرد- پىراقنى، جۇدالىق ھەم قايغۇ ھەسرەتلىرىنى، دىللىرىنى ھەر زامان ئۆرتەپ تۇرىدىغان يېقىن- يورۇقلىرىنىڭ، مال-جاندارلىرىنىڭ قازاسىنى، ئاشۇ چاغدا تۇيۇقسىزلا پەيدا بولۇپ قالغان ھۇقۇش، سەلىمەدىن ئايرىپ تەسەۋۇر قىلالمايتتى... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەخسۇس قوغدىلىپ، باشقىچە باراقسانلىشىپ كەتكەن چىغلىقنى كۆرگەن كىشىلەرنى ھامان چۈشىنىكسىز ۋەھىمە باساتتى.
سادىقنىڭ تۆمۈر تايدىن رايى يېنىپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭچە بولسا مۇشۇ يەردە، مەرەم ئانادەك مېھىرلىك ئايالنىڭ يېنىدا قالغۇسى،تۆمۈر تايدا قالغان خوتۇن- بالىلىرىنىمۇ ئەكەلدۈرۈپ، تىنچ-خاتىرجەم كۈن كۆرگۈسى بار ئىدى. ھەقىقەتەن بۇ يەرنى تۆمۈر تايدىكى تېز تەرەققىيات بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايتتى. ئەمما بۇ يەردە، بولۇپمۇ مەرەم ئانىنىڭ ۋۇجۇدىدا ئادەم ئۆزىنى ئۇنتۇيدىغان، بارلىق مەۋجۇداتنى تەمەسىز، تىۋىشسىز پاك بىر قەلبتە سۆيىدىغان يۈكسەك روھنى ھېس قىلغان ئىدى.ھەرقانداق ئىنسان، پەقەت مۇشۇ كامالەتكە يېتەلىگەندىلا ئاندىن مەڭگۈلۈك خاتىرجەملىك ۋە بەخت-سائادەتكە ئېرىشەتتى.سادىق،بۇ يەردە،ئاشۇنداق بىر ئادەم بولۇشنى ئويلايتتى.ھالبۇكى،ئۇنىڭ،خوتۇن بالىلىق ئەر ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن،مەرەم ئانا خاپا بولدى ۋە ئۇنى دەرھال خەت يېزىپ،ئائىلىسىدىكىلەرگە خەۋەر بېرىشكە كۆندۈردى.
ئۇزۇنغا قالمايلا گۆھەربانۇدىن جاۋاب خەت كەلدى. گۆھەربانۇ شاقىلداققا كېلىشنى رەت قىلغان ئىدى.دېيىشىچە، سادىق باش ئېلىپ چىقىپ كەتكەندە، قورسىقىدا قالغان بالىسى ئەنۋەر ئەقىلدە گال تۇغۇلۇپ قاپتۇ، داۋاملىق داۋالىنىش ھەم كۈتۈنۈشكە مۇھتاج ئىكەن. گۆھەربانۇ:«سادىق، دەرھال قايتىپ كېلىڭ،ماڭا ئىچىڭىز ئاغرىمىسىمۇ،ئاشۇ مېيىپ ئوغلىڭىزغا ئىچىڭىز ئاغرىسۇن ...» دېگەن ئىدى. ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلگەندىن كېيىن، مەرەم ئانا سادىقنى تېخىمۇ ئولتۇرغۇزمىدى:
ـــ يىلتىزسىز دەرەخ سۇغۇرۇپ پەرۋىش قىلغانلىق بىلەنلا مېۋە بېرىۋەرمەيدۇ بالام، بارغىن، خۇتۇنۇڭ ۋە بالىلىرىڭ ياشاۋاتقان ئۆز تۇپرىقىڭغا كەت، شۇ يەردە يىلتىز تارتقىن، سەن دېگەن بىر بالىغا دادا، بىر ئايالغا ئەر! بۇ دۇنيادا بالىلىرىڭغا، ئايالىڭغا قارىتا ئۈستۈڭگە ئالمىساڭ بولمايدىغان ئۆمۈرلۈك مەسئۇلىيىتىڭ بار،ـــ دېدى موماي ھەم سادىقنى شۇ ھەپتىنىڭ ئىچىدىلا يولغا سالدى.
5
سەلىمە شۇ تەرىقىدە 8 ياشقا كىردى. سادىق كەتكەندىن چىغلىققا باشقا قارىغۇچى قۇيۇلدى، مەرەم ئانىغا بېرىلىدىغان تۇرمۇش خىراجىتىنى ھۆكىمەت ئۈزۈپ قويمىدى. شۇ كۈنلەردە مەرەم ئانىنىڭ ھەممىدىن بېشىنى قاتۇرغىنى سەلىمەنىڭ ئوقۇش ئىشى ئىدى. ئۇنىڭچە ئوقۇش يېشىغا يەتكەن سەلىمە مەھەللىدىكىلەرنىڭ گېپىدىن قورقۇپ، ئوقۇشسىز قالسا بولمايتتى.
بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەھەللىدىكىلەر مەرەم ئانىنىڭ سەلىمەنى يېتىلەپ، مەھەللە ئىچىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، ئۇدۇللا يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى.شۇ چاغدا،سەلىمەنىڭ چىرايىدا تېڭىرقاش ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى. ئۇ ئوقۇيالايدىغانلىقىغا، بىر مۇنچە بالىلار بىلەن دوست-ئاداش بولالايدىغانلىقىغا، چىغلىقتىن چىقىپ مومىسى ئېيتقاندەك چوڭ-چوڭ ئىشلارنى ئاشۇ ئوقۇش بىلەن باشلاپ كېتەلەيدىغانلىقىغا خۇشال ئىدى. ئەمما كىشىلەرنىڭ غەزىپىنى يوشۇرالمىغان ھالدا ئۆزلىرىگە سوغوق قاراپ تۇرغان نۇرسىز كۆزلىرىنى كۆرگەندە، قورقۇپ تۈگۈلۈپ كېتەتتى. مومىسىنىڭ قولىدىن «پارتلا» قىلىپ قاچقانچە ئاشۇ ھېچكىم بېرىشقا پېتىنالمايدىغان چىغلىقنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكۈسى كېلەتتى....
ئەمما موماي ئۇنداق ئەمەس ئىدى، ئۇ باشقىلارنىڭ سەت، يامان قارىغىنىنىمۇ كۆرمىگەندەك، سەلىمەنى ئۇدۇللا يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپكە ئەكىرىپ بەردى... سەلىمەنى كۆرۈپ بىر مۇنچە بالىلار ئىلگىرىكىدەكلا: «ھۇقۇش بالا، ھۇقۇش بالا!» دەپ توۋلاپ كەينىگە كىرىۋالدى. بالىلار يەكلەيدۇ، دەپ ئۇنى سىنىپىغا ئالمىغان ئوقۇتقۇچىلارمۇ بار ئىدى. لېكىن سەلىمەنىڭ، موماينىڭ ئەپتىدىن ھەرگىزمۇ رەھىمسىز تەقدىرنىڭ قۇربانىغا ئايلانغانلىقىنى كۆرگىلى بولمايتتى. موماي كىشىلەرنىڭ، پۈتۈن مەكتەپتىكى بالىلار، ھەتتا ئۇستازلارنىڭ غەلىتە قاراشلىرىغا پىسەنت قىلمىغان ھالدا مۇدىرنىڭ ئىشخانىسىدا بېشىنى تىك تۇتۇپ قاراپ تۇراتتى.
مۇدىر مومايغا ئىختىيارسىز زەن سالدى، ئۇنىڭ مۇلايىم تەققى-تۇرقىدىن ئەبەدىي خورىماس بىر كۈچ تېمىپ تۇراتتى. پەقەت خۇنۈكرەك، تېشىغا پولتىيىپ چىققان نۇرسىز كۆزلىرىدىكى ئويچانلىق ھەم ھارغىنلىقلا ئۇنىڭ كىشىلەرگە، مەھەللىداشلىرىغا، مۇدىرغا نەقەدەر مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ تۇراتتى...
ـــ بۇ قىزنى مەن ئورۇنلاشتۇرىمەن، خاتىرجەم بولۇڭ، موما،ـــ مۇدىر ئىختىيارسىز ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ
مۇدىر ئەزەلدىنلا جىن-ئالۋاستى دېگەنلەرگە ئىشەنمەيدىغان ياش يىگىت ئىدى. ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى ئىككى يىل بۇرۇن ئۇنى چېنىقتۇرۇش ئۈچۈن قاراتمىلىق ھالدا تۆۋەنگە مەخسۇس چۈشۈرگەن ئىدى. ئۆزى ئوچۇق، باشقىلارنىڭ ھالىغا يېتەتتى. گەرچە ئۇ ئاشۇ قېتىملىق ئېچىنىشلىق يەر تەۋرەشنى بېشىدىن كەچۈرۈپ باقمىغان بولسىمۇ، مەھەللىدىكىلەرنىڭ سەلىمە ۋە چىغلىق ھەققىدىكى ھېكايە-چۆچەكلىرىگە زادىلا ئىشەنمەيتتى. يېزىلىقلارنىڭ ساددا، خۇراپىي قاراشلىرىغا بەزىدە قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتەتتى.
ـــ رەھمەت بالام، بۇ قىز ئۇنچىلا بەڭۋاش ئەمەس، خالىسا ئۇ بىر ئەلاچى بولغۇسى،ـــ موماي چوقۇم شۇنداق بولىدۇ، دېگەندەك سەلىمەنىڭ كىچىك قوللىرىنى مېھىر بىلەن چىڭ قىستى. سەلىمە مەيۈس كۈلۈمسىرىدى، ئۇنىڭ ساپ، مەسۇم، تىنىق قوي كۆزلىرىدە ئۆزىگە مۇزدەك سوغوق قاراۋاتقان بالىلارغا، چوڭلارغا قارىتا بىزارلىق بولغىنى بىلەن، ھېچقانداق ئاداۋەت يوق ئىدى. چۈنكى ئۇ پەرىشتىدەك بىر مومايدىن مەدەت ھەم ئىشەنچ ئالغان ئىدى. بۇ ئىشەنچ ئۇنىڭ ھەم يالغۇز ھەم زېرىكىشلىك تۇرمۇشىدىكى بىردىنبىر نۇر ئىدى. بۇ نۇر ئۇنىڭ ھاياتىنى قوغدايتتى، بارلىق قىيىنچىلىق ھەم دەرد-ئەلەمگە تىك قارايدىغان جاسارەتنى بېرەتتى.
سەلىمەدىكى ئەقىل ھەم تاقەت سەككىز ياشلىق يۇمران يېشىغا ئەسلا ماس كەلمەيتتى. ئۇنىڭ چۈشىنىش، بىلىش، سېزىش دەرىجىسى باشقىچە ئىدى.
ئۇ بىر بالا، تېخى كىچىككىنە بىر قىزچاق بولغىنىغا، بالىلارچە شوخلۇق، كەپسىزلىك پۈتۈن بەدىنىدە جۇش ئۇرۇپ قايناپ تېشىۋاتقىنىغا، كىشىلەر ئۇلارغا بەرگەن ئادالەتسىز مۇئامىلىگە مىڭ نارازى بولۇپ تۇرغىنىغا قارىماي، ئۆزىنى ھەر ۋاقىت تاقەتكە، غەيرەت ھەم شىجائەتكە، ھەممىلا تەڭسىزلىككە چىداشلىق بېرىشكە ئۆگەتكەن ئىدى. مومىسى دائىم:«بۇ قىيىنچىلىقلىرىمىز ۋاقىتلىق، بىز چۇقۇم يېڭىپ كېتەلەيمىز.» دەپ ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ بارلىق كۈچ – قۇۋۋىتى مانا مۇشۇنداق بىر ئىشەنچ ئۈچۈنلا پورەكلەپ تۇراتتى. بۇ خىل قاراش مەرەم ئانا ئارقىلىق سەلىمەنىڭ يۇمران تەپەككۇرىغا چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن ئىدى...
شۇنداق قىلىپ ئاپەت بىلەن تەڭلا بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولغان سەلىمە، يېزىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇپ قالدى. چىغلىق بىلەن مەكتەپ ئارىسىدىكى يول 7 كىلومېتىر كېلەتتى. ھەر كۈنى ئەتىگەنلىكى موماي ياۋاش قېرى ئېشىكىنى ياغاچ ھارۋىسىغا قوشۇپ سەلىمەنى دەل ۋاقتىدا مەكتىپىگە ئېلىپ كېلەتتى. كەچتە ئالغىلى كېلەتتى.«بۈگۈن نېمىلەرنى ئۆگەندىڭ، قىزىم؟» دەپ سەلىمەنىڭ ئالدىغا كېلەتتى موماي. بىراق: «بۈگۈن خۇشال تۇردۇڭمۇ قىزىم؟»دەپ سوراپ قالمايتتى، چۈنكى مومايغا سەلىمەنىڭ ئەھۋالى ئايان ئىدى، ئۇ مەكتەپتە ھەرگىز خۇشال يۈرەلمەيتتى، يەككە-يېگانە، بىر بۇلۇڭدا تىكەندەك ئولتۇراتتى، پەقەت بالىلارنىڭ ئالدىدا مېڭىش، ئوقۇتقۇچىمۇ ئۆتمىگەن يېڭى دەرسلەرنى تەكرار قىلىش، ۋىلايەتتىن چىققان ئوتلاق پونكىتى كادىرلىرى ئالغاچ كەلگەن ھېكايە كىتابلارنى ئوقۇش ئارقىلىقلا بىر كۈننى توشقۇزاتتى. ئەمما مەكتەپتە ئۆزى ئۇچرىغان بارلىق تەڭسىزلىك، كەمسىتىشلەرنى مەرەم ئاناغا زىنھار تىنمايتتى.
6
يىللار يەنە ئاققان سۇدەك ئۆتىۋەردى، سەلىمە ئون سەككىز ياشقا كىردى، ئون سەككىز يىللىق ھايات سەلىمەنىڭ روھى كەچۈرمىشىگە نىسبەتەن يىراق ھەم ئازابلىق مۇساپە ئىدى. باشقىلار ساناپ، تەشنا بولۇپ كۈتكەن ۋە ئۆتكۈزگەن ھەر بىر كۈننى سەلىمە كىشىلەرنىڭ سوغوق نەزىرى، مەھەللىدىكىلەرنىڭ، ساۋاقداشلىرىنىڭ يەكلىشى ئاستىدا تولىمۇ مۈشكۈل ھەم ئازاب ئىچىدە بىر-بىرلەپ بېسىپ كەلدى.
بۇ چاغقا كەلگەندە، سەلىمە چوپچوڭلا بىر قىز ئىدى.مەرەم ئانا،قىزنىڭ بارغانچە رەڭلىنىپ بېرىۋاتقان گۈلدەك چىرايىغا ھەر قېتىم باققىنىدا، ئۇنىڭدا ئاپتاپتەك جىلۋىلىنىۋاتقان ئەقىل-پاراسەتتىن ھەيران قالاتتى. ئەمما ئۇ ئۆزى بارغانسېرى بوشاپ كېتىۋاتاتتى. قېرىلىق ئۇنىڭ دەرمانىنى شورىماقتا ئىدى. ئۇ سەلىمەنىڭ يۈرىكىدىكى ئەڭ زور ۋەھىمە بولغان ئۆزىدىن ئايرىلىپ قېلىش قورقۇنچىنى قۇترىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈنلا، تېنىدىكى بارلىق ئازاب ھەم ئاجىزلىقنى يوشۇراتتى.
شۇ كۈنلەردە ئانىدىكى بىردىنبىر ئارزۇ سەلىمەنى تۇرمۇشتا،بىر يۆلەنچۈككە ئىگە قىلىش ئىدى. ئەمما قانداق ئىگە قىلىدۇ؟ كىمگە تاپشۇرىدۇ؟ بۇ ئىش مەرەم ئانىنىڭ بېشىنى قاتۇراتتى. ئۇنى چوڭ بولدۇڭ دەپلا ياتلىق قىلىۋېتىشكە تېخىمۇ بولمايتتى.
سەلىمەنى ئوقۇتۇش، چوڭ مەكتەپلەرگە ماڭدۇرۇپ ئۇنى ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇشلا مەرەم ئانىنىڭ ئاخىرقى ئارزۇسى، سەلىمەنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولى بولۇپ قالغان ئىدى. لېكىن ئانا،سەلىمەگە يانتاياق بولۇپ، ئۇنىڭ ھاياتىدىكى بۇ ھالقىلىق پەيتنى بىللە تۈگىتەلەمدۇ يوق؟ ئۇ بۇنى بىلمەيتتى. ۋە بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن تەقدىردىن ئۆزىگە بىر نەچچە يىل ئارتۇق ئۆمۈر بېرىشنى كېچە كۈندۈز ئۈمىد قىلاتتى.
ـــ ئىنسان بۇ دۇنياغا مەڭگۈلۈك باقىۋەندە ئەمەس، بىز ھامان بىر كۈنى كېتىپ قالىمىز ،مانا ئۆمۈر مۇساپەمنىڭ ئاخىرقى دەملىرىدە ياشاۋېتىپتىمەن،شۇنچە يىللارنى،ئىشىنىمەنكى توغرا يولدا ياشاپ،ۋە توغرا يولدا ئەجىر قىلىپ بېسىپ كەلدىم. ھېچكىمگىمۇ قەرزدار ئەمەسمەن،ھەم ھېچكىمنىڭمۇ كۆڭلىنى چىگكەن يېرىم يوق.ناۋادا، تۇيۇقسىز كېتىپ قالسام، پۈتۈن ئەل- مەھەللىدىن، سېنىڭدىن مىڭ مەرتىۋە رازىمەن، قىزىم. شۇ چاغقىچە،ئانا بالا ئىككىمىز،تۇرمۇشنىڭ ھەر تۈرلۈك سىناقلىرىغا چىداپ ھەم تاقەت قىلىپ كەلدۇق. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ، مەندىن ئايرىلىپ يالغۇز قالغىنىڭدىمۇ يەنە شۇنداق ياشاپ،ئەل مەھەللىگە قارا يۈز بولماسلىقىڭنى ئارزۇ قىلىمەن...
كەچكۈزدە، چىغلىق ئالتۇن رەڭدە تاۋلىنىپ، ئۇنىڭ پىشقان ئورۇقلىرى كەچكۈزنىڭ سەلكىن شاماللىرىدا ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇشقا باشلىغاندا، مەرەم ئانا كېچىچە قېقىلىپ يۆتىلىپ زادىلا تىنالماي قالدى. يۈرىكى ھەتتا توختاپ قالغاندەك شۇنداق ئاجىز سوقاتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ 76 ياشلىق ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى چەككە يەتكەنلىكىنى تۇيدى.ئۆلۈم ئۆينىڭ ئىچىدىلا موماي بىلەن سەلىمەگە ئۈنسىز قاراپ تۇراتتى. موماي ئاجىزلاپ كەتكەن ئەڭ ئاخىرقى كۈچ-قۇۋۋىتىنى شۇ تاپتا يۇم-يۇم ياش تۆكۈپ مۇڭلىنىۋاتقان سەلىمەگە سىڭدۈرمەكتە ئىدى...
ـــ ئۇنداق دېمەڭ، جېنىم موما... مەن بەختى قارىنى تاشلاپ قانداقمۇ خاتىرجەم كۆز يۇمالايسىز؟دەڭە،سىز بولمىسىڭىز مەن يەنە كىم ئۈچۈن ياشايمەن؟ نېمىگە تارتىشىمەن؟ سىزدىن ئايرىلىپ ئاخىرىنى چىقارغۇدەك قانچىلىك ئارزۇيۇم بولسۇن دەيسىز؟ئۇنىڭدىن سىز بىلەن تەڭمۇ تەڭ كەتكىنىم ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟بەرىبىر،مېنى بۇ دۇنيادا،سىزدىن بۆلەك ياخشى كۆرىدىغان ئادەم يوق...ـــ سەلىمە زار-زار يىغلايتتى. ئورۇق، ئىنچىكە قوللىرى بىلەن مەرەم ئانىنىڭ ئاللىبۇرۇن مۇزلاپ قېتىپ بولغان قوللىرىدىن تۇتۇۋالغان ئىدى. گويا كۆزلىرىنى يۇمسىلا مەرەم ئانا ئۆلۈپ كېتىپ،ئۇنىڭدىن مەڭگۈلۈككە ئايرىلىپ قالىدىغاندەك ياشلىق كۆزلىرىنى موماينىڭ خىرەلەشكەن نۇرسىز كۆزلىرىدىن ئۈزەلمەيتتى.
ــــ سېنى بىكارغىلا بېقىپتىمەن، سەلىمە... مۇشۇ گەپنى قانداق ئاغزىڭغا پاتۇرىۋاتىسەن؟ ... ئاڭلىغىنكى، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش دېگەن ئەڭ يارىماس ، قورقۇنچاق نادانلارنىڭ ئىشى ،شۇ ئېسىڭدە بولسۇن قىزىم،كۈلكە بىلەن يىغا قوشماق تۇققان ، بىرى كەتسە بىرى كىلىدۇ، مال دۇنيانىڭ ئۆزىمۇ شۇ،كىلىدۇ ھەم كىتىدۇ...ئىنساننى پەقەت قانائەتچانلىق بىلەن ئۆزلۈكىسىز ئالغا ئىلگىرلەشلا باي قىلىدۇ ، شۇڭا ھەر قانچە مۈشكۈللۈكتە قالساڭمۇ ئۆز جېنىڭغا قەست قىلىدىغان نادان بولمىغايسەن، تىلىڭ تاتلىق، قول پۇتۇڭ چاققان ئىشلىق بولغايسەن، كېچە ھەرقانچە قاراڭغۇ بولسىمۇ ھامان تاڭ ئاتىدۇ، بەلكىم مەن كەتكەندىن كىيىن سادىق كېلىشى سېنى بىللە ئېلىپ كىتىشى مۇمكىن ،بىلەمسەن قىزىم مەن سىلەرنىڭ مۇدىر ئارقىلىق ئۇنىڭغا خەت قالدۇردۇم، جېنىم بالام ئۇ بەكلا ئاقكۆڭۈل مەسئۇليەتچان ئادەم ئىدى ،سېنى ئۆز قىزىدەكلا كۆرەتتى ، ئۇ كەلمىگەن تەغدىردىمۇ ھەرگىز ئۈمىدسىزلەنمە، چۆمۈلە ھەرقانچە ئاجىز بولسىمۇ ئاچ قالمايدۇ !شىر كۈچلۈك بولسىمۇ ھەمىشە توق يۈرەلمەيدۇ ، شۇڭا ھەركىم قىلغان ئەمگىكىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ جېنىم قىزىم ...
ـــ بولدى گەپ قىلماڭ موما، ماڭا پەقەت سىزلا كېرەك، باشقا ھېچكىم كېرەك ئەمەس، موما... مېنى قورقۇتماڭ!
ـــ نادان قىز... ماڭا ئوخشاش قېرى ئايالنىڭ قولىدىن نېمىلەر كەلسۇن؟ ئۆلۈمنىڭ ئوقىنى ئاجىز ئىنساننىڭ كەينىگە قايتۇرالىشى مۇمكىنمۇ؟... قولۇمدىن كەلسە... بۇ ھالدا سېنى تاشلاپ ماڭماس ئىدىم...
تۇيۇقسىز كەلگەن بىر يۆتەل بىلەن مەرەم ئانا بۇغۇلۇپ بۇغۇلۇپ يۆتۈلۈپ كەتتى.خۇددى مۇشۇ يۆتەل بىلەن ئۆپكىسىنى ئاغزىدىن چىقىرۋېتىدىغاندەك قېقىلاتتى.موماي ئادەتتىمۇ تولا يۆتۈلەتتى.لېكىن بۇنداق قاتتىق تۇتمىغان بولغاچقا،سەلىمە چۆچۈپ كېتىپ،موماينىڭ بېشىنى قۇچىقىغا ئالدى-دە، مەيدىسىنى سىيلاپ،غولىغا يېنىك شاپلاقلشقا باشلىدى.بىراق بۇلارنىڭ ھېچقانداق ياردىمى بولمايۋاتاتتى.مەرەم ئانا ئاخىرى يۆتۈلە يۆتۈلە مىڭ قىيلىنىپ تۇرۇپ ئازراق بەلغەم تۈكۈرگەن بولدى،ئاندىن پۈتۈن بەدىنى چىپ چىپ تەرلەپ،ئۆزىنى تاشلىۋەتتى،ۋە شۇنىڭدىن كېيىن كۆزىنى ئاچمىدى،ئاچالمىدى.
ــ موما! موما!كۆزىڭىزنى ئېچىڭە موما، مىنى قورقۇتماڭ موما...ــ سەلىمە ھەر قانچە زارلىنىپ يىغلىغان بولسىمۇ،ئاخىرى مومىسىنىڭ جېنىغا تىكىلگەن بۇ ئەجەلگە يەنىلا ئارا بولالمىدى...
داۋامى بار

ساياھەت قىلشىنى ياخشى كۆرەمسىز ؟ ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟ ئۇنداق بولسا شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ،
ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ، يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ، شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى ئېچىلدى . ساياھەت شىركىتىمىز يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ ، تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ .
ئالاقىلاشقۇچى : ئايبەر
ئالاقىلىشىش تېلىفون ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى : 19999706319






سالون تەۋسىيەسى


گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز ، ئىنكاس رايۇنىدا كۆرۈشەيلى




