
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! تۆۋەندە يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي قەلمىدە پۈتكەن ( جۇدالىق سىرى ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !

بۇ ئەسەرنىڭ 54 - قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمىلىرىنى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 33 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى . جەمئى 54 قىسىم
ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ، رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت .
( جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن تۇلۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
………
…………
جۇدالىق سىرى
(رومان)
53-قىسىم
رەشىدمۇ سەلىمەدىن كۆزىنى ئۈزۈۋالالمايتتى.يىللار رەھىمسىز بولغىنى بىلەن سەلىمەنىڭ گۈزەل چىرايىنى ئۆزگەرتىشكە قۇربى يەتمىگەن ئىدى. ئۇنىڭ قاپقارا كۆزلىرى، تال-تال كىرپىكلىرى، چىرايلىق قوشۇما قاشلىرى، ئاق ئۇپىدەك سۈزۈك يۈزلىرى يەنىلا شۇنداق گۈزەل ئىدى. نۇرانە پېشانىسى كەڭ ھەم تولۇق ئىدى. بىرلا يېرى ئۇنىڭ مۇڭغا تولغان شەھلا كۆزلىرىگە ئويچانلىق ھەم ھارغىنلىق چوڭقۇرلاپ سىڭگەن ئىدى.رەشىد،سەلىمەنىڭ ئورۇق يەلكىلىرىدىن تۇتۇپ ئاستا ئۆزىگە تارتتى. سەلىمە بۇ كۈتۈلمىگەن ھەرىكەتتىن ئۇدۇق-بۇدۇق بولۇپ دەرھال ئۆزىنى ئېلىپ قاچتى. ئەمما رەشىدنىڭ بۇ يېقىنلىقى بىلەن يۈرىكىدە بېسىپ بولمايدىغان ھاياجاننىڭ بىراقلا پەيدا بولغانلىقىنى ھېس قىلدى. رەشىدنىڭ كۈچلۈك بىلەكلىرى، ئوتتەك قىزىپ كەتكەن ئالقانلىرىنىڭ تەپتى ئۇنىڭ يەنە تارتىشىپ تۇرغۇدەك جاسارىتىنىمۇ قويمىغان ئىدى...
ــ سىزنى چوڭ بىلگەنتىم، سىزدىن شۇنچىلىك چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتكەن ئىدىم، ھاياتىمنىڭ يورۇق چاغلىرى سىز بىلەن باشلىنىدۇ دەپ ئىشەنگەنتىم...ــ دېدى ئۇ بېشىنى يانغا بۇراپ ئېسەدىگەن ھالدا، ــ گەرچە شۇ چاغلاردا سىزگە ئاشىق ئىدىم، سىزنى ياخشى كۆرەتتىم دېيەلمىسەممۇ، مېنىڭ سىزگە بولغان چوقۇنۇشۇم ھېچ بىر ئاشىقلىقتىن كەم ئەمەس ئىدى... ئۆزۈممۇ چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىغان يوقلا بىر سەۋەب بىلەن سىز مېنى رەت قىلدىڭىز. سىزلا ئەمەس، پۈتۈن جاھان رەت قىلدى... مېنىڭ ياشاشقا ھېچقانداق ئاساسىم، سەۋەبىم قالمىدى... مەن ئۆلۈپ كەتمەكچى، بۇنداق قەدىرسىز، ئىشەنچسىز ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولدۇم... مەن شۇ كۈنى كېچىسى دەريا بويىغا ماڭدىم، مۇزدەك سوغوق سۇنىڭ ئاستىغا تۇنجۇقۇپ، يىراق-يىراق يەرلەرگىچە ئېقىپ كېتىشنى ئويلايتتىم... دەل شۇ چاغدا ماڭا بوۋاقنىڭ يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى، ھەم ھەيران ھەم قورققان ھالدا بالىنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ باردىم. بالا يېڭىلا تۇغۇلغان،ئەمما ئۇنىڭ ئانىسى پۈتۈنلەي خاراب بولغان،بىچارە بوۋىقىنى قوغداپ تۇرغۇدەك، باغرىغا باسقۇدەكمۇ ھالى يوق ئىدى...«قىزىمنىڭ ئىسمىنى رەشىدە قويۇڭ... ئۇ مېنىڭ ئىزىمنى ئۇلىسۇن» دېدى بىچارە قىز... ئۇ بەكلا نومۇسچان ئىكەن. ئۆزىنىڭ بالا تۇغۇپ قويغىنىدىن قاتتىق خىجىل بولغانلىقى چىقىپلا تۇراتتى... «رەشىدەنى ھېچكىمگە كۆرسەتمەڭ، ئۇنى ھېچكىم بىلمەيدىغان يەرگە ئېلىپ كېتىڭ، تاغدىكىلەر بۇ ئىشنى بىلمىسۇن...» دېدى ئۇ قىينالغان ھالدا... مەن ئۇنىڭ نېمىدىن خۇدۇكسىرىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگەن ئىدىم... ئۇنى تۇغۇتنىڭ دەھشىتى قالدۇرغان مەيداندىن باشقا يەرگە يۆتكەپ تاكى كۆز يۇمغىچە بېشىدا قاراپ تۇردۇم... ئۇ چاغدا،مەن ئۇنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلمەيتتىم. نېمىشقا ئاشۇ تاغدا پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى، نېمە ئۈچۈن دەريا بويىدا تۇغۇپ قويغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتىم. بىراق ھاياتىمنىڭ، ئۇ ماڭا ئامانەت قىلغان قىزى بىلەن باشقىچە مەنەغا ئىگە بولغىنىنى چۈشەندىم... ئۇ مېنى قۇتقۇزۇپ قالدى، قىزى ماڭا يېڭى ھاياتلىق نىشانىنى كۆرسەتتى... مەن رەشىدەنى ئېلىپ قىشلاققا بارغاندىن كېيىنلا... ئۇ بىچارە قىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلدىم...
سەلىمە چاماداندىن ئەتىۋارلاپ ساقلاپ كەلگەن بىر جۈپ ھالقىنى رەشىدنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.
ــ بۇ ھالقىنى ئۇ ئەڭ ئاخىرقى تىنىقى قالغاندا قىزىغا يادنامە قىلىپ قالدۇرغان ئىدى، سىز بۇنى تونۇمسىزكىن، بىلمىدىم...ــ دېدى سەلىمە رەشىدكە غەمكىن قاراپ.
رەشىد ئىككى قولى بىلەن بېشىنى چاڭگاللاپ ئولتۇراتتى. ئۇ سەلىمە دەۋاتقان بىچارە قىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئاللىقاچان بىلىپ بولغان ئىدى. ئۇ ھەسرەت، ئېچىنىش، ئىچ ئاغرىتىش بىلەن چوغدەك قىزىرىپ كەتكەن يۈزىنى كۆتۈرۈپ، سەلىمە تەڭلىگەن تونۇش ھالقىنى قولىغا ئالدى:
ـــ بۇ رەشىدەنىڭ ھالقىسى،سەلىمە... بۇ مېنىڭ سىڭلىمنىڭ ھالقىسى... بىچارە سىڭلىم، ئەخمەق سىڭلىم... ئىنساننىڭ نام-ئابرۇيى بىر ئادەمنىڭ ھاياتىدىنمۇ مۇھىم بولامدۇ؟ ئاتا-ئانىسىنىڭ، قېرىنداشلىرىنىڭ ئىناۋىتىنى، غۇرۇرىنى ئۆزىنىڭ ئەزىز جېنىغا تېگىشىپ كەتكەنمۇ بارمۇ؟... ۋاي ئىسىت ! ئۇنىڭ ئۆلىمى نېمە دېگەن ئېچىنىشلىق بولغان!ــــ رەشىد بارماقلىرى بىلەن چاچلىرىنى قاماللىغىنىچە سەلىمەنىڭ كۆزلىرىگە قارىدى.بۇ قىزنىڭ پاك بىغۇبارلىقى ئالدىدا ئۆزىنى ۋە ئائىلىسىنى يەتكۈچە ئىپلاس كۆردى. ئۇنىڭ بۇ چاغدىكى،چىراي ئىپادىسى،شۇنچىلىك ھەسرەتلىك ئىدىكى، سەلىمە ئىختىيارسىز ئۇنىڭ چاچلىرىنى يۇلۇۋاتقان قوللىرىنى تۇتۇۋېلىپ، ياشلار بىلەن يۇيۇلغان مەڭزىنى مەيدىسىگە ياقتى:
ــ سىڭلىڭىز ئۆلۈپ كەتمىدى، رەشىد. ئۇنىڭ بىر بۆلىكى تېخى ھايات! ئۇنى«بالىلىقىغا قايتتى، مەسۈملىكىگە قايتتى، يېنىمغا قايتتى...» دەپلا بىلىڭ. شۇنىڭدا ھەسرەتلىرىڭىز يېنىكلەيدۇ، ــ دېدى ئۇ مىڭ يېرىدىن تۆكۈلۈپ.
ــ سەلىمە... سەلىمە... مېنى كەچۈرۈڭ! ئاھ،مەن بىلمەپتىمەن،مېنىڭ ئەقىلسىزلىقىمنى كەچۈرىۋېتىڭ، ھەممە ئىشلارغا سالاۋات... ھەقىقەتەن رەشىدە تېخى ھايات، بىزمۇ ھەم شۇنداق... كېچىكىپ بولسىمۇ ئالدىمىزدىكى بەختنى تۇتۇۋالايلى، رەشىدەنى بىللە بېقىپ چوڭ قىلايلى،ـــ دېدى رەشىد ئىچ-ئىچىدىن ئۇرغۇپ چىققان بىر سادا بىلەن. ئۇ سەلىمەنىڭ ياشلار بۇلدۇقلاپ تۇرغان بۇلاقتەك چىرايلىق كۆزلىرىگە سۆيدى، يۈزلىرىنى ئالقانلىرى ئارىسىغا ئالدى.
رەشىدنىڭ سەمىمىيىتى، مىڭ ئۈمىد بىلەن چاقناپ كەتكەن كۆزلىرىدە ئىپادىلىنەتتى. سەلىمەنىڭ ۋۇجۇدىدا چۈشىنىپ بولمايدىغان بىر ئىسسىق ئېقىم پەيدا بولدى. ئۇنىڭ ئۇزۇندىن بېرى كۈتۈلمىگەن جۇدالىق بىلەن قايغۇ-ھەسرەتتىن قار-مۇز بولۇپ ئۇخلاپ قالغان قىزلىق ھېس-تۇيغۇسى رەشىدنىڭ ئوتلۇق كۆزلىرى، ئىللىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇ تاپتا ئويغانغان ئىدى...
ــ مومام ماڭا ھىچقانداق ئادەمگە ئاداۋەت تۇتماسلىقنى ئۆگەتكەن ئىدى. رەشىدە مېنىڭ قىزىم، ئۇ سىزنىڭمۇ قىزىڭىز... مەن قىزىمنىڭ دادىسىغا قانداقمۇ ئاداۋەت ساقلاي؟...ـــ ئۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي، رەشىدنىڭ بوينىدىن چىڭڭىدە قۇچاقلاپ تېخىمۇ ئېسەدەپ يىغلاپ كەتتى. رەشىدمۇ سەلىمەنى قۇچاقلىدى، بۇ قۇچاقلىشىش بىلەن ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئۆتۈپ كەتكەن ئاشۇ كۈنلەر پەيدا قىلغان ھەسرەت گويا باھار قارلىرىدەك ئاستا-ئاستا ئېرىشكە باشلىدى.بۇ چۈش ئەمەس.ئېھ،ھىجران،ئۇزاققا سوزۇلغان ھىجران.بۇ يەنە بىر مۇقەددەس باغلىنىش.خۇددى كائىناتتەك سىرلىق.
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ
كېچە،قىيامىغا يېتىپ،يۇلتۇزلار چاراقلاپ يېنىپ كەتكەن ئىدى.جەنۇبى يېرىم شاردىكى يۇلتۇزلار،گويا،ئۆيىگە پاتماي بىر بىرىنى ئىتتىرشىپ ئوينىشىۋاتقان كەپسىز بالىلارغا ئوخشاش،ئاسمان گۈمبىزىدە ئاستا ئايلىنىشقا باشلىدى.تاڭ سۈزۈلۈشكە باشلىغان،كەپسىز يۇلتۇزلارلارمۇ ھېرىپ قالغاندەك،ئۇيقۇچان كۆرۈنەتتى.ھالبۇكى،بارغانچە تولۇپ بېرىۋاتقان چىرايلىق تولۇن ئاي،ئاقىرىۋاتقان ئۇيقۇلۇق زېمىندىكى،يېڭىدىن ھۈپپىدە ئېچىلىپ كەتكەن ئەتتىرگۈل،ھىندى پەرەڭ گۈلى،باغدىكى قاشلىق ئوت،غۇچچىدە چېچەكلەپ كەتكەن جۇخۇئار گۈللىرىگە،كۈمۈش رەڭ نۇرلىرىنى سېخىيلىق بىلەن سەپمەكتە ئىدى.
مۇشۇ سەھەردە،رەشىد بىلەن سەلىمە، بىر-بىرىدىن تارتىنغان، ۋۇجۇدى چەكسىز مۇھەببەتنىڭ شېرىن لەززىتىدىن مەست بولغان ھالدا،ئورنىدىن تۇردى. قولمۇ قول ياتقان ئورۇنلىرىنى تۈزەشتۈرۈشكە باشلىدى. دەل شۇ پەيتتە،رەشىد،بىر ئىشتىن شۇنچىلىك ھۇدۇقۇپ كەتتىكى، كۆزلىرى ھەيرانلىق ئىچىدە نە كۈلۈشىنى، نە يىغلاشنى بىلمەي،خۇددى ئۆزىدەكلا ھەيرانلىققا پاتقان سەلىمەگە تىكىلگىنىچە قېتىپ قالدى...
كارىۋاتتا، تېخى ئاخشاملا ئاپپاق تۇرغان كىرلىك ئۈستىدە ئۈچ تېمىم قىپقىزىل تامچە، خۇددى ۋايىغا يىتىپ قىزارغان شاپتۇلنىڭ نازۇك بەرگىسىدەك باشقىچە جۇلالىنىپ تۇراتتى...
* * * * * *
باھار كەتتى
غېرىپلىق يەتتى
غازىڭى چۈشكەن قاقشال دەرەخ
جۇت سوغوقتا رىيازەت چەكتى...
.....
بارلىق ئۆيلەرنىڭ ئىشىكى ئۇچۇق بولغانلىقتىن،مېھمانخانا ئۆيدە قويۇلىۋاتقان رادىئو ئاۋازى،بالكۇندا چوڭ كوچىلارغا،قاراپ،ئۈنسىز ئولتۇرغان تۆرە باقىنىڭ قۇلىقىغا كىرىۋېدى، نېمىشقىدۇر ناخشىدىكى مىسكىنلىك ئۇنىڭ يۈرىكىگىلا تەگدى.ئۇ ھازىر بەكمۇ جۈدىگەن، كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن بۇلۇپ،گويا كۈزدىكى خازان كەبى سولاشقانىدى.نۇرسىز چىرايىدىن كۆتىرىپ قوپقۇسىز ئازاب ۋە چۈشكۈنلۈك چىقىپ تۇراتتى.
شۇ كۈنلەردە، تۆرەمنىڭ يۈرىكىمۇ تازا ياخشى ئەمەس ئىدى، شۇنداق بولىشىغا قارىماي ئۇ داۋالىنىشنى، ھىچ بولمىسا دوختۇر تەكلىپ قىلىپ كۆرۈنۈپ بېقىشنىمۇ خالىمايتتى. گۈزەل كېلىنى ئارزۇ، باراقسان ئۆسكەن ياش قارغايدەك مەزمۇت، كېلىشكەن ئوغلى ئىبراھىم، گۈلدەك يۇمران رەشىدە...دانىيارلارنىڭ ھاياتىغا،قايسى دوختۇر ئارا تۇرالىدى؟ئۇلار،يەنىلا بىر-بىرلەپ قارا تۇپراقنى ماكان ئەتتى. شۇنچە ياش ھاياتىنى قارا تۇپراق ئۆزىگە يەم قىلدى، ئۆمۈردە ۋاپا يوقكەن،ھەم ئۆلۈمنىڭ نۆۋىتى يوقكەن. ۋاقتى- سائىتى كەلگەندە ئۇ ھىچقاچان ياش- قېرى، ساق -مېيىپ دەپ تارتىشىپ تۇرمايدىكەن.شۇنداق ئىكەن، ئەمدى ئۇنىڭ ئۈچۈن،بۇ ھاياتنىڭ،تارتىشقۇدەك يەنە نېمىسى قالدى شۇنچە؟... ئىلگىرى بۇ زەئىپ يۈرەك ھەممە ئىشنى قىلغان، ئائىلىسىنىڭ، پەرزەنتلىرىنىڭ، ئەلنىڭ ئىشقىدا كۆيگەن، كۈلگەن، شادلانغان ھەم ئىزگۈلۈك ناخشىلارنى ئېيتقان ئىدى، ھالبۇكى، ئۇنىڭغا ئاقىۋەتتە يار بولغىنى يەنىلا ئايىغى چىقماس ئازابلىق پەرزەنت سەۋداسى.
تۆرەم،ئىلگىرى،پەقەت ئورنىغا كەلتۈرگىلى بولمايدىغان ئىشلارنىلا ھەقىقى بەختسىزلىك دەپ قارايتتى، كىچىككىنە ئىنساننىڭ تەبىئەتنىمۇ ئۆزگەرتەلەيدىغان كۈچ قۇدرىتىگە ھەيرانۇ ھەس بولاتتى،ئۆزىنىڭ، ئاشۇ قۇدرىتى بىلەن ئائىلىسىگە كەلگەن ھەرقانداق بەختسىزلىكنى توسۇپ تۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى، ھەرقاچان ئۆزىنى بەك قالتىس ئىش قىلۋەتتىم ، تاغلىقلارغا چوڭ ياخشىلىق قىلىۋەتتىم،ئۇلارنىڭ،مېنى چوڭ بىلىشى ۋە ھۆرمەتلىكلەر قاتارىدا قويۇشى،شۇنداق بولۇشى مۇقەرەر بولغان،ھەقىقەت،دەپ،چۈشىنەتتى.ئەپسۇس،تەقدىر، ئۇنىڭغا شۇنچە كۆپ قۇدرەت ھەم ئەقىلنى بەرگەن بىلەن، ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن مۈشكۈلاتنى كۆتۈرىۋېتەلىگۈدەك كۈچ ئاتا قىلماپتىكەن،ئەكسىچە،تەقدىر، ئۇنىڭغا ئىنسان قۇدرىتىنىڭ تولىمۇ چەكلىك ئىكەنلىكىنى،ئىنساننىڭ تەبىئەتنىڭ قۇدرىتى ۋە چەكسىزلىكى ئالدىدا، ھەتتا تىلغا ئالغۇچىلىكىمۇ يوق،ئەرزىمەسلىكى ۋە بىقۇۋۇللىقىنى تونۇتتى.تۆرە باقى،بۇ ھەقىقەتنى تونۇپ يەتكەندە،ئۇ ئاللىبۇرۇن كېچىككەن،پەرزەنتلىرىدىن ئاللىبۇرۇن ئايرىلىپ بولغان ئىدى.شۇنىڭ ئۈچۈن،ئۇ ئۆزىنى قۇيارغا يەر تاپالماي يۈرەتتى،ھامان ھەسرىتى قايناپ تاشاتتى.ھەممە نېمىسى تەل،پەرزەنتلىرى يېنىدا بولغان،ئاشۇ بەختلىك چاغلىرىدا،ئۆزىنىڭ،نېمىشقا بۇ ھەقىقەتنى تونۇپ يېتەلمىگەنلىكىگە ئاچچىقى كېلەتتى. «شام تىلىدىن كۆيىدۇ» دەيدىغان كونىلار، تۆرەملەر ئائىلىسىنىڭ ئانچىكى مەغرۇرلىقى،ھېچكىمنى ئۆزىگە تەڭ تۇتمايدىغان ھاكاۋۇرلۇقى، ئۇلارنىڭ بېشىغا بالا بولدى ۋە ئۇلارنى مەڭگۈلۈك بەختسىز قىلدى.تۆرەمنىڭ، ھەسەلخېنىمنىڭ شۇ كۈنلەردىكى ھالىتى، بىرلا تىلىدىن كۆيىۋاتقان شام ئەمەس، بەلكى ئۇلۇغ ئوتنىڭ ئىچىگە كىرىپ قېلىپ ھەر تەرەپتىن كۈيىۋاتقان،قاقشال قارغاينىڭ ئۆزىگىلا ئوخشايتى.
داۋامى بار .......

ساياھەت قىلشىنى ياخشى كۆرەمسىز ؟ ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟ ئۇنداق بولسا شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ،
ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ، يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ، شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى ئېچىلدى . ساياھەت شىركىتىمىز يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ ، تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ .
ئالاقىلاشقۇچى : ئايبەر
ئالاقىلىشىش تېلىفون ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى : 19999706319










سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە :
سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )
ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ



