
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! تۆۋەندە يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي قەلمىدە پۈتكەن ( جۇدالىق سىرى ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !

بۇ ئەسەرنىڭ 53 - قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمىلىرىنى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 33 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى . جەمئى 54 قىسىم
ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ، رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت .
( جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن تۇلۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
………
…………
جۇدالىق سىرى
(رومان)
52-قىسىم
ــ سەلىمەگىمۇ ئۇۋال، بۇ يەرگە كەلگەندە رەشىدە تېخى ئىككى ئايغا توشمىغان ئاجىز بوۋاقكەنتۇق. ئانىسىنىڭ سۈتىمۇ يوق، كالا سۈتى بىلەن بېقىپ، مۇشۇنچىلىك قاتارغا قوشقىچە كۆرمىگىنى قالمىدى بىچارىنىڭ. نى-نى يەرلەردىن لايىق چىقتى، كادىرمۇ، دېھقانمۇ، سودىگەرمۇ ئۇنىڭغا ئەلچى قويدى. بىراق زادىلا توي قىلغىلى ئۇنىمىدى. ھە دېسە ھېلىقى قىزىل قەغىزىنى كۆرسىتىپ: «مەن دېگەن كىشىنىڭ ئىلكىدىكى ئايال» دەپ داۋراڭ سالىدۇ. «ئاجرىشىپ كەتكىن، ئۇنداق بەش يىل تاشلىۋەتكەن ئەرنى نېمىمۇ قىلارسەن؟» دېسەم تېخى ئۇنىمايدۇ... قارىسام شۇ سىزنى كۈتتى، ساقلىدى، ئادەم بولۇپ ئالدىمغا كېلىدىغۇ، دەپ ئىشەندى بالام... مانا ئەمدى رەشىدە بۇ يىل نەق بەش ياشقا كىردى، كۈن دېگەن ئۆتىۋېرىدىكەن... ئەمدى قىزىڭىزنىمۇ، سەلىمەنىمۇ قولىڭىزغا ئېلىڭ.
موماينىڭ سۆزى رەشىدنى تېخىمۇ ئويلاندۇرۇپ قويدى. رەشىدە تۆت ياشقا كىرسە توغرا بولمامدۇ؟ دېگەن خىيال كاللىسىغا كىرىۋالغان ئىدى.
ــ رەشىدە بۇ يىل تۆت ياشقا كىردىغۇ دەيمەن؟ــ دەپ سورىدى ئۇ تۇنىساخاندىن.
ــ ياقەي، بۇ يىل نەق بەش ياشقا كىرىپ ئازراق ئاشتى تېخى! ۋاي ئانىماي، قاراڭە قىزىڭىزنىڭ يېشىنىمۇ ئۇنتۇپسىز... ئانا-بالا بىزنىڭكىگە يېڭى كەلگەندە كىچىك ئوغلۇم يېڭىلا داشۆگە ماڭغانتى، بۇ يىل شۇ بالاممۇ بەش يىللىق ئوقۇشىنى تۈگىتىپ خىزمەتكە چىقتى، خاتا يېرى يوق، رەشىدە بەش ياشقا كىردى،ــ دېدى موماي ئىشەنچلىك قىلىپ.
ــ ھە... ئۇنتۇپتىمەن...ــ رەشىدنىڭ كاللىسى ئەمدى بىراقلا پىرقىراپ كەتتى، جاۋابىنى تېپىش بەكمۇ قىيىن بولغان بىر مەسىلە ئۇنىڭ ئالدىدا تۇراتتى، ئۇ بۇ تېپىشماقنى تاپماي تۇرۇپ تىنچلىنالمايتتى...
بۇ چاغدا ياندىكى ئۆيدە يىغلاپ ئولتۇرغان سەلىمەنى كىچىك رەشىدە قىيناپ ئارام بەرمەيۋاتاتتى:
ــ ئاپا، ئۇنداق قىلماڭچۇ؟ دادامنىڭ يېنىغا كىرىڭچۇ؟ دادام كېتىپ قالامدىكىن دەۋاتىمەن... شۇنداق بولۇپ قالسا، دادام كېتىپ قالسا... مەن قانداق قىلىمەن ئاپا؟.. ئەمىسە مېنى چىققىلى قويۇڭ... دادام بىز بىلەن بىللە تۇرسۇن، بولامدۇ؟
ــ ...
ــ دادام بەك چىرايلىقكەن ئاپا، مەن دادامغا بەكلا ئوخشايدىكەنمەن...
ــ ...
ــ ئاپا، دادام كەلسە مېنى نىمىشقا ئۇنى كۆرگىلى قويمايسىز؟... مەن دادامنى ياخشى كۆرىمەن! مەن دادامغا ئامراق!
ــ ...
ــ ھەممە بالىلارنىڭ دادىسى باركەن، نېمىشقا مېنىڭ دادام يوقتۇ، دەپ سىز يوق چاغدا يىغلىدىم، ئاپا...
ــ ...
ــ دادىسى بولسا قىزىنى موتوتسېكىلىتقا مىندۈرىدىكەن، ماشىنىسىغا چىقىرىدىكەن، مەھلىيانى دادىسى كەچكىچە موتوتسېكىلىتىغا مىندۈرۈپ بازارغا ئاپىرىدىكەن، مېنى ھېچكىم ئۇنداق مىندۈرمەيدۇ....
ــ ...
ــ بىزنىڭ سىنىپتا،دادىسى بار بالىلاردىن قورقۇپ،ھېچكىم ئۇلارنى بوزەك قىلالمايدۇ جۇمۇ،ئاپا، لېكىن مەن تالاغا چىقساملا بالىلار ئۇرىدۇ، «دادىسى يوق ييتىمەك» دەپ تىللايدۇ،تېخى...
ــ ...
ــ ئاپا، مېنى دادامنىڭ يېنىغا ئەچىقىڭچۇ؟ دادام كېتىپ قالسا بىز قانداق قىلىمىز؟...
ــ ...
ــ سىز چىقمىسىڭىز مەن چىقايمۇ يا؟ دادام خاپا بولۇپ كېتىپ قالمىسۇن يەنە....
ــ ...
قىزىنىڭ نالىسىغا چىدىمىغان سەلىمە ئاخىرى ئۇنى رايىغا قويدى. قىز خۇددى بىرسى ھازىرلا ئۇنى تۇتۇۋالىدىغاندەك ئانىسىنىڭ يېنىدىن ئۇچۇپ دېگۈدەك چىقىپ كەتتى. سەلىمەنىڭ يۈرىكى قىزى بىلەن بىللە سۇغۇرۇلۇپلا چىقىپ كەتكەندەك بولدى... نە ئامال؟... كىچىككىنە قىزچاقنىڭ تۇيۇقسىزلا پەيدا بولۇپ قالغان «دادىسى»دىن شۇنچىلىك سۆيۈنىدىغانلىقىنى، خۇشال بولىدىغانلىقىنى، دادىسى سەۋەبلىك ئاشۇ كىچىككىنە يېشىدا نۇرغۇن ئازاب ۋە ھەسرەتلەرگە چۆكىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يىتىش بىلەن سەلىمەنىڭ يۈرىكى ۋىژژىدە ئېچىشىپ كەتتى.
ئۇ قىزىنى شۇنچە يىللاردىن بويان گۈلدەك ياساپ، تاراپ، يىغلاتماي، ئاغرىتماي، خۇددى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاياپ چوڭ قىلدى. ئەمما بۇ قىز نېمىشقىدۇر باشقا بالىلارغا ئوخشاش كەپسىز، شوخ ئەمەس ئىدى. خۇددى ئادەم بىلمەيدىغان بىر يوشۇرۇن كېسىلى باردەك ئۇنچىلا ئېچىلىپ-يېيىلىپ كەتمەيتتى. بەزىدە خۇددى چوڭ ئادەملەردەك جىمجىت خىيالغا چۆكۈپ قالاتتى... ئەسلىدە ئۇنىڭ كىچىككىنە يۈرىكىگە سىغدىلىۋالغان ھەسرەت دادىسىزلىق ئىكەن- دە! سەلىمە قىزىنىڭ بايىقى گەپ-سۆزلىرىدىن، جىددىيلىشىشلىرىدىن، ئازابلىنىشلىرىدىن بۇنى چۈشەنگەندەك بولدى... قانداق قىلىش كېرەك؟.. سەلىمە ھېچ ئىش قىلالمىدى، ھەم بىرەر ئىشنى، بىرەر ئامالىنى قىلىشقا ئەقلىنىمۇ ئىشلىتەلمىدى.
ــ ۋاي ۋۇي... رەشىدەچۇ، دادىسىغا مىنىپ ئويناپ، خۇشاللىقنىڭ دەردىدە ئۆزىنىڭ كىملىكىنىمۇ ئۇنتۇپتۇ. ۋاي ۋاي ۋاي... بىچارە قىزىم، بۇ يەرگە كەلگەندىن بېرى ئۇنىڭ مۇشۇنچىلىك قېقىقداپ كۈلگىنىنى كۆرمەپتىكەنمەن... رەشىدە سېرىق قۇشقاچنىڭ ئۆزىلا بوپتۇغۇ بۈگۈن... ۋىچىرلاپ سايراپ، دادىسىنىڭ ھىچ ھالىنى قويمىدى... دادا-بالا ئىككىسىنى مىڭ يولنىڭ نېرىسىغا ئاپىرىۋەتسەڭمۇ تاندۇرالمىغۇدەكسەن، سەلىمە؟ نېمە دېگەن ئوخشاشلىق ھوي!
ــ ...
ئالدىراش تاماققا تۇتۇش قىلىۋاتقان تۇنىساخان ئۇيان-بۇيان ئۆتكەچ سەلىمەنىڭ يېنىغا كىرىپ چىقىپ، ئۇنىڭ بۇتتەك قېتىپ تۇرغان تۇرقىغا قاراپ ئەتەي شۇنداق دەيتتى. بىچارە موماي، سەلىمەنىڭ دەرد-ھەسرىتىنىڭ قانچىلىك چوڭقۇر، قانچىلىك ھەسرەتلىك ئىكەنلىكىنى نەدىن بىلسۇن؟
كەچ كىردى، سەلىمەنىڭ تۇنىساخان ئەتكەن لەغمەنگىمۇ كۆڭلى تارتمىدى. بىر پىيالە چاينىمۇ ئىچمىدى، خۇددى قېتىپ قالغاندەك بىر ئىزىدا مىدىرلىماي ئولتۇراتتى. قانداق قىلىش كېرەك؟ قانداق قىلىش كېرەك؟...رەشىد، ئۈمىدسىزلىك ئىچىدىكى ئاچچىق كۈلكە.بۇ ياخشى ئادەم ئەمەس.بىراق مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا،رەشىد،ئىللىق نۇر بەرگۈچى قۇياشقا ئوخشايدۇ.ھەممە،بۇ كىچىك قۇياشقا باغلىنىشلىق.بۇندىن بەش يىل ئىلگىركى،ئاشۇ توي كېچىسىدىن تارتىپ،رەشىد،سەلىمەنىڭ تۇرمۇشىدا مەۋجۇت بولدى.گەرچە ئۇ،ئۇنىڭ ھاياتىغا،ئۆمۈرلۈك بەختسىزلىكنىڭ تامغىسىنى بېسىپ قويغان بولسىمۇ،بىراق،سەلىمە،تۇپراققا كىرىپ كېتىش ئالدىدىكى ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلاردا،يەنىلا بۇ ئادەمنى ئويلىشى مۈمكىن.نېمە دېگەن قورقۇنچلۇق!بىر ئىنسان شۇنچە كۆپ ئازابلارنى قالدۇرۇپ بولۇپمۇ،يەنە شۇنچە كۆپ نەرسىدىن دېرەك بەرسە،شۇنچە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ قالسا ھە...
مانا،شۇ رەشىد ئۇنى ئىزدەپ كەپتۇ.ئۇ نېمىشقا،ئۇنى قوغلاپ چىقارمايدۇ؟نېمىشقا يولنى بويلاپ يۈگۈرگىنىچە قىزىنى ئېلىپ قېچىپ كەتمەيدۇ؟نېمىشقا ئۇنى كۆرگەندە،قايتىدىن رۇسلىنىدۇ؟قايتىدىن ئۈمىدلىنىدۇ ھەتتا خوشال بولىدۇ؟مانا بۇ رەشىد.سەلىمە،تۇرمۇشىدىن قوغلاپ چىقىرۋەتمەكچى بولغان نەپرەتلىك ئادەم.ئۇ بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ،بۇ ئادەمنى پاك پاكىزە ئۇنتۇلۇپ كەتمەكچى بولمىدىمۇ؟ماۋۇ رەشىدە،دېگەن يۈزسىز جىنتەكنى كۆرمەمدىغان!ئۇ،ھېچ بولمىغاندا،ئانىسىنىڭ قۇچىقىدىن ئايرىلمىسا،رەشىدكە قارىماي تۇرىۋالسا توغرا بولاتتى ئەمەسمۇ؟
سەلىمە،ئىچى تىتىلدىغان،قورققان ۋە ئەنسىرىگەن ھالدا،نېمە قىلارىنى بىلمەي تەرگە چۈمۈلۈپ ئولتۇرىۋەردى.خۇيى تۇتتى.ئورنىدىن تۇرۇپ،يان ئۆيدىكى،ئۇ ئەركىشى بىلەن تازا ئۇرۇشماقچى،ئۇنى يەلكىسىدىن ئىتتىرگىنىچە يىراق تۆمۈر تايغا قوغلىۋەتكۈسى كەلدى.بىراق ئۇنىڭدا،ئۇنچىلىك جاسارەت يوق.بولدىلا،تەن ئال سەلىمە،سەن،ئەمىليەتتە،دەل،مۇشۇ كۈننى،مۇشۇ ئادەمنى كۈتۈپ ياشاۋاتىسەن.ئەمىسە خوش،بۇ ئەرنى قوغلاپ چىقىرىشقا ئىمكانىيىتىڭ بولمىسا،ئۇنداقتا،ئۇنى كەچۈر،ۋە قىزىڭنى ئاتىسىزلىقنىڭ دەشتلىرىدە يىغلاتما...
كەچ كىرىپ،گىرىمسەن قاراڭغۇلۇق،ئۆينىڭ ئىچىدىكى،سەلىمەنى باغرىغا ئالغاندا،«لاپپىدە»چىراق يېقىپ،رەشىد كىرىپ كەلدى.
ــ كەچۈرۈڭ، مېنى كەچۈرۈڭ سەلىمە...ـــ دېدى ئۇ.
ــ ياق، كەچۈرمەيمەن... بىزنى ئارامىمىزدا قويۇڭ...ــ سەلىمەنىڭ ئاۋازىدا روشەن تىترەك سېزىلىپ تۇراتتى.
ــ رەشىدەنىڭ ھەققى ھۆرمىتى ئۈچۈن... ئۇنىڭ دادىسى بولۇپ قالغانلىقىمنىڭ ھەققى ھۆرمىتى ئۈچۈن... مېنى كەچۈرىۋېتىڭ!ــ دېدى رەشىد ئايانچلىق ئاۋازدا.سەلىمە،باش كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئىلپتەك بۇرۇنلىرىغا،يىمىرلىپ تۇرغان لەۋلىرىگە،قەتتىيلىك چىقىپ تۇرىدىغان كۆزلىرى ۋە بۇجغۇر بۈدۈرە چاچلىرىغا تىكىلدى.رەشىدنىڭ قولى تاماكىنى ئېغىزىغا ئاپاردى.سەلىمە،ئۇ بارماقلارنىڭ تىترەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ سۇس ئۇھسىنىپ قويدى.
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ
ــ ياق... ئۇ ماڭا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىكەن، ئۇ مېنىڭ سىڭلىم رەشىدەنىڭ كىچىك ۋاقتىنىڭ ئۆزىلىكەن،ــ دېدى رەشىد ئىشەنچلىك ھالدا.
ــ ئىشقىلىپ،بۇ رەشىدە سىزنىڭ بالىڭىز ئەمەس...ـــ دېدى سەلىمە بەكمۇ بوش ئاۋازدا.
ــ ئۇنداقتا،ئۇ ماڭا نېمىشقا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدۇ؟...
ــ مەنمۇ بىلمەيمەن...
ــ ئەمىسە دەڭە،ئۇ كىمنىڭ قىزى؟...
ــ سىز بىلىسىزغۇ؟مەن دېگەن ناپاك قىز... سوراش كەتمەيدۇ... كىمنىڭ بالىسى بولسا بولىۋىرىدۇ، ئەمما ئۇ سىزنىڭ ئەمەس...ــ سەلىمە شۇنداق دېگەندە بوغۇلۇپ،ئاۋازى چىقمايلا قالدى.
ــ ئىشەنمەيمەن... سىز ئۇنداق قىز ئەمەس...ئۆزۈمنىڭ شاپلىقى بىلەن،ئۆزۈمنىڭ يۈزىگە ئۇرغۇزىۋاتىسىزغۇ ھە؟بىلىمەن،مەن سىزنى ناھەق ئەيىبلىدىم... ئۆتۈنۈپ قالاي، ماڭا بۇ يەردە بولغان بارچە ئەھۋالنى سۆزلەپ بەرسىڭىز؟ بۇ بالا راستلا مېنىڭ قىزىم بولمىسا... ئۇ نېمىشقا ماڭا شۇنداق ئوخشايدۇ؟ خۇددى رەشىدەنىڭ ئۆزىلا...
ــ ...
ــ سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي، سەلىمە، مېنى مۇشۇ ھەقتە جاۋابسىز قويمىسىڭىز...
ــ ...
ــ مېنى بۇنداق قىينىماڭ، ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمىگۈچە مەن بۇ يەردىن ھەرگىزمۇ كەتمەيمەن، مېنى كەتكۈزىۋېتىپلا قۇتۇلىمەن دەپ خام خىيال قىلماڭ... سىز دېگەن مېنىڭ قانۇنلۇق ئايالىم سىز!
ــ ئەمدىما؟ مەن سىزنىڭ ئايالىڭىزما؟ قانداق ئادەم خوتۇننى بەش يىل تاشلىۋېتىدىكەن؟! چۈش كۆرۈپ قاپسىز رەشىد! ـــ سەلىمەنىڭ جۇدۇنى ئۆرلىدى. رەشىدنىڭ جاھىللىقىغا قاراپ «ئۇ رەشىدەنى ئېلىپ كېتىشنى پىلانلاۋېتىپتۇ» دەپمۇ قىياس قىلدى. «رەشىدەنى ئېلىپ كېتىمەن دېگىنى مېنىڭ جېنىمنىمۇ ئالىمەن دېگىنى ئەمەسمۇ!»دەپ ئويلىدى سەلىمە.
ــ بۇنى تەن ئالىمەن... مەن سىزگە راستلا ئەلەم قىلدىم، ئەمما سىزگە شۇ ئەلەمنى قىلىپ قويۇپ، بىزنىڭ تارتىپ كەتكەن كۈنلىرىمىزنىڭ قانداق بولغانلىقىنى بىلەمسىز؟ رەشىدە ئۆلۈپ كەتتى، ئاشۇ تاغدا، دەريانىڭ بويىدا ئۆلۈپ كەتتى... دانىيار قاتناش ۋەقەسىدە ھاڭغا چۈشۈپ، ئۈلۈكى تىتما كاتاڭ بولۇپ كەتتى، ئىبراھىم ئاكام... ئىبراھىم ئاكاممۇ جىگەر راكى بىلەن تۈگەپ كەتكىلى بىر يىلدىن ئاشتى... دادام بىلەن ئاناممۇ 100 يىللىق ھالىدىن كەتتى... سىز بىلمەيسىز، سەلىمە... بىز تارتقان روھىي ئازابمۇ سىزنىڭكىدىن ئاز ئەمەس... سىزدىنمۇ بەتتەر كۈنگە قالدۇق... تارتىپ كەتكەن بارلىق ئازابلىرىم بىلەن سىزگە قىلىپ قويغان خاتالىقىم يۇيۇلۇپمۇ تۈگىگەندۇ؟ شۇ تاپتا مەن رەشىدەنى قايتا كۆرۈۋاتىمەن. ئۇ ئۆلۈپ كەتكەن رەشىدەنىڭ نەق ئۆزىلا... ئۇنىڭ ماڭا ئەركىلەشلىرى، قىلىقلىرى، گەپ-سۆزلىرى، خۇيلىرى... ھەممىسى سىڭلىم رەشىدەنىڭ ئۆزى... مۇبادا ئۇنى كۆتۈرۈپ ئانامنىڭ، دادامنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارالىغان بولسام، قانداق ياخشى بولۇپ كېتەر ھە؟ بىچارىلەرنىڭ رەشىدە تىرىلىپ كەپتۇ.... دەپ خۇشاللىقتىن بېشى ئاسمانغا يېتەر ئىدى...
رەشىد بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى، ئۇنىڭ يىغا ئاۋازى سەلىمەنىڭ ئىچىنى ئېچىشتۇردى، ئۇ شۇ كەمگە كەلگۈچە بىرەر ئەر كىشىنىڭ بۇنچە ئېچىنىشلىق يىغلىغىنىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى.
ــ ئىبراھىمكام... تۈگەپ كەتتىما؟ ــ سەلىمەمۇ يىغلاپ تاشلىدى، ئۇ ئىبراھىمنىڭ سالماق، مۇلايىم چىرايىنى، ئۆزىگە قىلغان ياخشىلىقىنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ كېتەلمەيتتى.
ــ شۇنداق... ئۆتكەن يىلى...
ــ ئۇ كىشى ماڭا كۆپ ياخشىلىق قىلغان ئىدى، مېنىڭ بېشىمنى سىيلىغان ھىماتچىم ئىدى، ئەپسۇس... تۈگەپ كېتەر دەپ ئويلىماپتىكەنمەن، ئېسىت... ــ دېدى ئۇ بۇقۇلداپ.
ــ ئاكام سەكراتتا تۇرغان ۋاقتىدا سىزنىڭ گېپىڭىزنى قىلغان، سىزنىڭ مۇشۇ يەردە ئىشلەۋاتقانلىقىڭىزنى دېگەن ئىدى... مەن ئاكامنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە شۇ چاغنىڭ ئۆزىدىلا ئالدىڭىزغا كېلەيمۇ دېدىم، ئەمما يۈزۈم چىدىمىدى... سىزگە چۈشەندۈرەلمەيمەن...
ــ ئەمدىچۇ؟... شۇنچە يىل ئىزدىمەي ئەمدى نېمە دەپ كەلدىڭىز؟...ـــ سەلىمە بوغۇلۇپ يىغلايتتى، كۆز ياشلىرى يۈزلىرىنى يۇياتتى.
ــ مەن سىزنى ھېچقاچان ئۇنتۇپ قالمىدىم، سەلىمە. پەقەت ۋە پەقەت ئالدىڭىزغا كېلىشتىن نومۇس قىلدىم، قورقتۇم... بىز يارىشۋالايلى، مېنى كەچۈرىۋېتىڭ... ماڭا بىر قېتىم پۇرسەت بېرىڭ...ــ دېدى رەشىد كىچىك بالىلاردەك ئۆمچىيىپ.
ــ ياق، مەن ياراشمايمەن... ھۈ... ھۈ... ھۈ...ــ سەلىمە ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ تازا يىغلىدى. ئۇنىڭ شۇ يىغىسىدا ئۈنسىز مۇڭلىرى، قەلب قېتىغا چوڭقۇرلاپ كەتكەن ئاھۇ-زارلىرى بار ئىدى. ئۇ بىر ئاجىز قىز ئىدى، ئۇ ئۆزىگە كۆيۈنىدىغان بىر كۈچلۈك ئەركەكنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلاتتى. كىچىكىدىن تارتىپلا يەكلەش، چەتكە قېقىلىشنىڭ ئىچىدە چوڭ بولغان قىز ئۈچۈن،مۇشۇ رەشىد،ئەينى ۋاقىتتا خۇددى گىگانت تاغدەك بۈيۈك ھەم سولماس كەبى ئەمەسمىدى؟...
داۋامى بار .......

ساياھەت قىلشىنى ياخشى كۆرەمسىز ؟ ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟ ئۇنداق بولسا شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ،
ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ، يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ، شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى ئېچىلدى . ساياھەت شىركىتىمىز يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ ، تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ .
ئالاقىلاشقۇچى : ئايبەر
ئالاقىلىشىش تېلىفون ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى : 19999706319










سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە :
سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )
ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ



