大数跨境

ئاق ئەتىرگۈل ( رومان ) 3 ـ قىسىم

ئاق ئەتىرگۈل ( رومان ) 3 ـ قىسىم aybarawazi
2022-12-20
2

 سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر !  تۆۋەندە ( ئاق ئەتىرگۈل ) ناملىق پوۋېست ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 4 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2








بۇ ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىگە يوللاندى  ، تۆۋەندىكى سۆرەتىنى بېسىپ تولۇق قىسىمىنى ئاڭلاڭ ..






 بۇ پوۋېستنىڭ  ئاۋازلىقىنى تولۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




ئاق ئەتىرگۈل


(پوۋسىت)

ئاپتورى : راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

ئۇدارىم مىدىياسىدا ئىشلەندى

3 - قىسىم




روخسار ئورنىدىن تۇرغاندا سائەت ئون ئىككى بولغاندى . ئۇ ئانىسنى ئىزدەپ ئاشخانا ئۆيگە قاراپ قويۇپ ئاندىن يۇزىنى يۇيۇپلا ناشتا قىلماستىن ئالدىراپلا ئشىكنى قۇلۇپلاپ چوڭ يولدىن تاكسى توسىدى . ئۇ يۇك توشوش بىكىتىگە بارغاندا يەھيا ئەمدى ماشىننى قوزغاپ يولغا چىقاي دەپ تۇرغاندى . روخسار ئۇدۇل كەلگەنچە ماشىننىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىدى . يەھيانىڭ يىنىدا يەنە بىر شوپور تاماكا چىكىپ ئولتۇراتتى . يەھيا دوستىدىن نۇمۇس قىلغاندەك بۇلۇپ روخسارنى كۇرۇپ ئىتتكلا  ماشنىدىن چۇشتى .

-نەگە ماڭدىڭىز؟ دىدى روخسار ئۇنىڭدىن 

-قىرغىزىستانغا دىدى، يەھيا قولىدىكى لۇڭگىنى ئويناپ تۇرۇپ؛ 

-مەن قانداق قىلىمەن دىدى روخسار. 

-ئۆزىڭىز بىر ئىش قىلغاچ تۇرۇڭ دىدى يەھيا يانچۇغىدىن تاماكسنى ئىلىپ ئوت يىقىۋىتىپ  ؛

-دادىسى كىم دىسە نىمە دەيمەن ؟ ئۇزۇملا بارامدىم دىدى روخسار .

-سىز دەڭە ئەمسە مەن قانداق قىلاي دىدى يەھيا روخسارنى مەسخىرە قىلغاندەك ھىجىيىپ ؛

-بارماڭ مەن بىلەن دوختۇرغا بىرىپ بالىنى چۇشۇرۋەتكەندىن مىڭىڭ دىدى روخسار

-مۇنداق دەڭ دىدى يەھيا ئۇنلۇك ئاۋازدا . مەن سەپەرگە ماڭماي سىز بىلەن ئوينسام خوتۇن باللىرىمنى كىم باقىدۇ ؟ دىدى يەھيا گىپنىڭ ئاخىرىنى كۈلكىگە ئارلاشتۇرۇپ 

-مىنمۇ باقىدىغان ئادەم يوق ئۇزۇمنى ئۇزۇم بىقىۋاتمەنغۇ دىدى روخسار ئەلەم بىلەن يىرىلغىدەك بۇلۇپ 

-بىراق مىنىڭ ئايالىم سىزگە ئوخشمايدۇ . ھە راس ئۇنتۇپ قاپتىمەن ئۇ يىقىندا بوشانماقچى . ماڭا پاقلاندەك بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەرمەكچى دىدى يەھيا روخسارنىڭ قۇلقىغا ئىغىزنى يىقىن ئەكىلىپ روخسار ئۇنىڭ مەسخىرە قىلىشغا تاقەت قىلىپ تۇرالماي ئۇنىڭ يۇزىگە تۇكۇرىۋەتتى.  ئىپلاس ھامان بىر كۈنى  جاجاڭنى يەيسەن، ئالدىرىماي تۇر. دىگەنچە ئارقىغا ئۆرۇلۇپ ماڭدى. ئۇ شۇ تاپتا ئۇنىڭ دىمى سىقىلىپ بىر تەرەپتىن يول ماڭغاچ بىر تەرەپتىن قوسىغىنى تۇتۇپ ئەمدىلا بىكەتنىڭ دەرۋازىسدىن چىقاي دىگەندە يەھيا ئارقىدىن تاپ باستۇرۇپ كەلگەنچە  مانا بۇ ئوپىراتسيە پۇلى . مەن كىلىپ يوقلايمەن دىگەنچە ئارقىغا ئۆرۇلۇپ يۇگۇرگەنچە كىتىپ قالدى  . روخسار پۇلنى ئۇنىڭ يۇزىگە ئىتىپ يەنە بىر قىتىم تۇكۇرمەكچى ئىدى . بىراق ئارقىسغا بۇرۇلۇپ قاراپ يەھيانىڭ يەرگە كىرىپ كەتكەندەك سايىسنى كۆرەلمىدى ھەم ئۆزىدىمۇ ئۇنچىلىك ماغدۇر قالمغانلىغىنى ھىس قىلىپ ئىزىدىلا تۇرۇپ قالدى . ئۇ يەھيا تاشلاپ كەتكەن ئىپلاس پۇلنى غەزەپ ۋە ئۆرتىنىش ئىچىدە مىجىغانچە دەرۋازىدىن چىقىپ ھالسز قەدەملىرىنى ئاران – ئاران يۆتكەپ يولنىڭ بىر چىتىدىكى تاش ئورۇندۇقتا ئولتۇردى . ئىسسىق ياش تامچىلىرى ئۇنىڭ كۆزىدىن ئىقىپ ئايىقىغا تامچىلاۋاتاتتى . كۆزلىرىدىن ئىتىلىپ چىقىۋاتقان ياش كەلگۇندەك ئىتىلىپ كەلگەنچە ئۇنىڭ قەلبىدىكى بارلىق ھەسرەت تۇمانلىرىنى ئىقىتىپ كىتىۋاتاتتى .  شۇ تاپتا ئۇ مۇشۇ قىتىملىق ئىش ئۇچۇنلا ئەمەس ھەممىلا ئادەم ئۆزىنى ۋاي دەيدىغان لىكىن ئەستايدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلمايدىغان قەدىرسىز ياشلىغى ۋە ئۇنتۇلغۇسىز ھەسرەت بىلەن تولغان نۇمۇسلۇق ئۆتمۇشى ئۇچۇن يىغلاۋاتاتتى بۇرۇن قىز چىغىدا باشقا قىزلارغا ئوخشاش ئەرگە تىگىشنى بىر تۇرلۇك يۇك . ياش تۇرۇپ ياتلىق بۇلۇش ئۆلمەي تۇرۇپ ئوتقا  كىرىش بىلەن باراۋەر دەپ ئويلىغاندى . شۇڭلاشقا كۆڭلى قاياققا باشلسا شۇ تەرەپكە مىڭىپ ئۆزىنىڭ گۇزەللىگىنىڭ بىرلا ئادەمگە نىسپ بۇلۇپ قالسا بەكلا ئىسراپچىلىققا يول قويغاندەك ھسياتتا بىلەن ئالدىراپ توي قىلىپ قويۇپ كىين پۇشايمان قىلماسلىق ئۇچۇن ئويلىناتتى . بەزى دوستلىرى توي قىلىپ بۇلۇپ بۇ كوچىدىن تىخى ئۇزۇل كېسل قول ئۆزمىگەندى . ئۇلارنىڭ ئەرلىرى بىر تەرەپتە . ئاياللىرى بىر تەرەپتە ئوينايتتى . ئۆزى بىلەن بىللە بولغان ئاشۇ ئەرلەرنىڭ نەچچسنىڭ ئايالى يوق؟ ھەممسنىڭ بار . شۇڭا ئۇ ئەنسرەيتتى . ھاياتتىكى قانچىلىك ئىغىر جاپا مۇشاقەت بولسا چىدايتتىكى ئىرىنىڭ ئاشنىسى بۇلۇشنى مەڭگۇ قۇبۇل قىلالمايتتى . ئۇ تۇرۇپ ئويلاپ كىچىك چاغلىرىدا دادىسنىڭ ئانىسغا قىلغان مۇئامىلسنى كۆرسىلا يىغلىغۇسى كىلەتتى . چۇنكى دادىسى چىكىدىن ئاشقان كۇنلەمچى .  ھاراقكەش ۋە قىمارۋاز بىر ئادەم ئىدى . تىخى بىر نەچچە قىتىم بۇزۇق ئاياللار بىلەن تۇتۇلۇپ قىلىپ ساقچخانىغا كىرىپ قالغاندا ئانسى ئۇنى جەرىمانە تۆلەپ قۇتقۇزۋالغاندى . ئۇ دادىسدەك بىر ئادەمگە يولۇقۇپ قىلىشنى خۇددى دادىسدەك ئەر كىشنىڭ بارلىق ناچار خاھىش ۋە بۇزۇقچىلىقلىرىنى ۋۇجۇدىغا جەملىگەن بىر ئادەمگە خوتۇن بۇلۇپ قىلىشنى خالمايتتى . شۇڭا ئۇ ھەممىلا ئەردىن ئاساسەن ئەيىپ تىپىپ كەلگەچكە بارلىق ئەرلەر ئۇنىڭ ئالدىدا ئاجىز ۋە ھەممسنىڭ بىر تاغاردىن ئەيىپى بىلەن ئالدىدا پەيدا بولغاچقا ئۇ تۇتقان يولۇم توغرا . چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە دەپ بىر مەزگىل ياشاپ تۇراي دەپ ئويلىغاندى . لىكىن بۇنداق «ياشاپ» تۇرۇش ئۇنىڭغا ئاسانغا چۇشمىدى . ياشلىقنڭ ئاخىرىقى چىكى ئۇستىدە ئويلىنىپ بولغىچە تەڭتۇشلىرى ئىككىدىن بالىلىق بۇلۇپ ئۇلارنى ئايلاپ يىللاپ كۆرگىلى بولماس بۇلۇپ كەتتى . ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى ئائىلسى . باللىرى . خىزمىتى بىلەن ئالدىراش بولغاچقا ئۇ خۇددى ئۆزىنى ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى دەملىرىنى ئۆتكۇزۋاتقان سەكراتتىكى ئادەمدەك ھىس قىلىدىغان . تەڭتۇشلىرىنىڭ ھەممسى ئۇلۇپ تۇگەپ ئۆزى دۇنيادا يەككە يىگانە قالغان بىر مومايدەك ھىس قىلىدىغان بۇلۇپ قالغاندى . شۇڭا ئۇ ئۇزى ئىچىشنى ئويلاپمۇ باقمىغان ھاراققا ئۇگىنىۋىلىپ ئىچ پۇشىغىنى ھاراقتىن ئالىدىغان بۇلىۋالغاندى . لىكىن بۇ ئىشمۇ ئۇنىڭغا نەپ بەرمىدى . ئۇ ئۆلگىدەك ئىچىپ كىملەرنىڭ قۇچىغىدا يىتىپ قالغانلىغىنمۇ ئىلغا قىلالمايدىغان ھالەتلەردە يۇردى. ئۇ تۇيۇقسز بىئارام بۇلۇپ قالسا دەرھال دوختۇرغا باراتتى . 

دوختۇر ئۇنىڭ بويىدا قالغانلىغىنى ئىيتاتتى . ئۇ دەرھال بىر مۇنچە پۇل تۆلەپ ئوپىراتسيە قىلدۇراتتى . ھەر قىتىم ئوپىراتسينىڭ ئازابىدا ئىككىنچلەپ ئىچىدىغان بولسام . ئىككىنچىلەپ ئەر كىشى بىلەن بىللە بۇلىدىغان بولسام دەپ قەسەم ئىچسمۇ كۇڭلىنىڭ سۇنۇقلىغى . بىر كىملەرنىڭ زورلاشلىرى ۋە ئۆزىنىڭ سالاغا بوشلىغى بىلەن يەنە بىر سورۇنلاردا  مەس بۇلۇپ كىملەر بىلەندۇ ياتقانلىغىنى ئىلغا قىلىپ بولغىچە يەنە بويىدا قالاتتى . ئۇنىڭ ھەممىلا ئادەم قارشى ئالىدىغان تىنى ئەمەليەتتە كىرەكسز ۋە بىر دەملىك ھۇزۇر سۇرۇشكە بۇلىدىغان ، لىكىن ئۇزۇن مەزگىللىك قولىدا تۇتۇشقا يارىمايدىغان ئەرزان مالدەك قولدىن قولغا ئۇتۇپ ئاخىرى مۇشۇ ھالغا كىلىپ قالغاندى . ئۇ مۇشۇ سەۋەپتىن خىزمەتتىن ھەيدەلدى .  تاللا بازىرىدا ئىشلىدى . ئۇ ئۆزىنىڭ بىر جىننى بىقىپ كىتەلىسمۇ لىكىن ھاياتتا ئۇنىڭ قايغۇلىرى ۋە خۇشاللىقلىرى ئورتاق بۇلىدىغان ئادەمنىڭ بولماسلىغى ئۇنى چەكسز دەرىتكە مۇپتىلا قىلاتتى. 

لىكىن بىر يەردە ئادەم ئۆلىۋاتسا بىر يەردە توي ناغىرىسى ياڭىرايدىغان بۇ شەھەردە ھالىڭ نىچۇك دەپ سورايدىغان ئادىمى بولمىغاننىڭ ئۆستگە ھەممىلا ئەر كىشى ئۇنىڭغا يىپىشدىغان قىز دوستلىرى ئۇنىڭدىن قاچىدىغان بۇلىۋالغانلىغى ئۇنىڭ ئۇچۇن تىخىمۇ ئەلەم بولىۋاتاتتى. چەكسز چۆلگە كىرىپ قالغاندەك باش ئاخىرى يوق خىياللارنى قىلىشتىن ساقلىنالماي يالغۇز ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچەتتى ۋە مەس بۇلۇپ كاللىسى توكى ئۆچكەن ئۆيدەك بىر پارچە بوشلۇققا ئايلىنىپ قالغاندىن كىين ئاندىن ئۇخلاش ئۇنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىپ قالغاندى . كۇڭلى مۇشۇنداق بىئارام ۋاختىدا دادىسى كېسەل بۇلۇپ قالغاچقا ئەمدى دادىسنىڭ كىسلىنى كۇتۇش بىلەن بولمسا بولمايتتى . لىكىن دادىسى ئۇنىڭغا ئانىسغا مۇئامىلە قىلغاندەكلا ياخشى مۇئامىلە قىلمايتتى . شۇنىڭ ئۇچۇن ئۇ دادىسنى كۇرمەسلىك ئۇچۇن . ئۇنىڭ سۇغۇق ۋە داۋاملىق تۈرۇلۇپ تۇردىغان قاپىغىنى كۆرمەسلىك ئۇچۇن كىچىكلا ئۆيدىن چىقىپ كەتكەندى . بىراق ئۇنىڭ بارلىغىنى مۇشۇ جەميەت ۋە ئادەملەر يۇتۇپ كەتتى. ئۇنىڭدا كىرەككە كىلىدىغان نەرسلام بولسا ئادەملەر تارتىۋالدى . پايدىلاندى . ۋە يەنە تارتىۋالاتتى ۋە يەنە پايدىلىناتتى . مانا ئەمدى مۇشۇنداق بىئەپ ۋاختىدا ئۆزىنى . ئۆگەي قىزچىلىكمۇ كۆرمەيدىغان دادىسى كىلىپ قالدى . ئۇنىڭ بويىدا قالغانلىغىنى دادىسى . ئانىسى بىلىپ قالسا بولمايتتى . شۇڭا ئۇ ئاۋال ئۆزىنىڭ ئشىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىۋىتىپ ئاندىن دادىسىنىڭ غىمىنى قىلىشى كىرەك ئىدى . 

شۇڭا ئۇ يەھيانىڭ قىشىغا بارغاندى . يەھيانىڭ تولا  سەپەرگە چىقىدىغانلىغىنى بىلگەچكە بۇگۇن ئىزدەپ  بىرىپ كۆڭلى ئازار يىدى . مۇشۇنداق ھاقارەتلىك تۇرمۇشتا قاچانغىچە ياشايدىغانلىغىنى بىلمەي گاڭگىراش ئىچ ئىچىدىن نالە قىلىپ قاتتىق يىغلىدى  . ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتۇشۇپ تۇرغان ئادەملەر ئۇنىڭ قىقىلىپ يىغلاۋاتقان ھالىتىگە قاراپ ئىچ ئاغىرتىقانچە يەنە ئۆز يولىغا راۋان بۇلۇشماقتا ئىدى . ئۇ بىر تونۇش بىر كىملەر كۆرۇپ قالمىسۇن دىگەن خىيالدىنمۇ پەرۋايى پەلەك ھالدا قىقىلىپ يىغلاپ بىر ئاز يەڭگىللەپ قالغاندىن كىين ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ دوختۇرخانىغا ماڭدى . ئۇ دوختۇرخاننىڭ ئالدىغا كىلىپ بۇلۇپ تۇيۇقسىز بىر ئىشنى ئېسگە ئالغاندەك بۇلۇپ يەنە ئارقىغا ياندى . ئىمكان بار تونۇشلىرى يوق دوختۇر سىېستىرالىرى ناتونۇش بىر دوختۇرخانىغا بىرىشى كىرەك ئىدى . شۇڭا ئۇ كوچىدا گىزىت سىتىۋاتقان بىر بوۋاينىڭ يىنىغا كىلىپ گىزىتلەرنى بىر دەم ئاختۇرغاندىن كىين ئاغىرىتماي بالا چۇشۇرمىز . دىگەن چوڭ قىزىل خەتلىك ئىلان بار بىر گىزىتنى قولغا ئىلىپ پۇلنى بەرگەندىن كىين بىر نەچچە پارچە گىزىتنىڭ ئىچىدىن ئىلان بار بىر تالنى ئايرىۋىلىپ قالغىننى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋىتىپ قولىدا قالغان گىزىتنىڭ ئادىرىسغا قارىدى . چاڭجىياڭ يولى 33-  قورۇ دىگەن خىتىنى كۆرگەندىن كىين تاكسىدىن بىرىگە چىقىپ دوختۇرخانىغا ماڭدى  دوختۇرخانا يىڭى ئىچىلغاندەك تۇراتتى . ئادەملەر بۇ يەرگە ئۇزۇلمەي كىلىپ تۇراتتى. ھەممسى قىز يىگىت بۇلۇپ بەزى ئالى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ باردەك قىلاتتى . ئۇ يەنە تونۇشلارغا ئۇچراپ قالماسلىق ئۇچۇن بىشىنى تۆۋەن قىلىپ ئىمكان بار باشقىلارغا قارىماسلىققا تىرىشتى . بىر چاغدا ئۇنىڭ قۇلاق تۇۋىدە يىغلامسرىغان بىر ئاۋاز پەيدا بولدى .

- ھەدە ماڭا ياردەم قىلامسز دىدى ئىنچىكە بىر ئاۋاز

-نىمە ئىش دىدى روخسار غىرىپلىق بىسىپ ئىتىلىپ چىقاي دەپ قالغان كۆز ياشلىرىنى قىزدىن يوشۇرۇپ . ئوپىراتسيە قىلسا بەك ئاغرىمدۇ سىزمۇ ئوپىراتىسيە قىلدۇرامسز ياكى دوختۇرمۇ دىدى قىزچاق تارتىنغان لىكىن ئىلاجسز قالغان كەيپىيات بىلەن  ئۇ نىمە دىيشنى دەرھال بىلەلمەي ؛

-نىمە ئوپىراتىسيە قىلدۇراتتڭىز؟ دىدى قىزغا قاراپ؛ قىزچاق ئەمدى ئون يەنە ئون سەككىزنىڭ قارىسنى ئالغان بۇلۇپ تۇرقىدىن سەبىلىك تۆكۇلۇپ تۇراتتى . ئۇنىڭغا يىقىنراق بىر يەردە قىز بىلەن تەڭتۇش بىر يىگىت سارغايغانچە ئۇنى نىمە دەيدىكىن دىگەندەك قىلىپ ئىغىزىغا قاراپ تۇراتتى . قىز روخسارنىڭ گىپىگە جاۋاپ بىرىپ بۇلالماي تىلىقىپ يىغلىغانچە ئۆزىنى روخسارنىڭ قوينىغا تاشلىدى. يۇمران بىر تەن، ئۆزىگە ئوخشاشلا گۇناھسىز بىر بىر قىزنىڭ ئېسسىق تىنى ئۇنىڭغا يىپىشىپ روخسارنى تىخىمۇ بىئارام قىلىۋەتسىمۇ ئۇ ئامال بار ئۆزىنى تۇتىۋىلىپ قىزغا تەسەللى بىرىش ئۇچۇن يىغلىماڭ . بولدى يىغلىماڭ بىر دەمدىلا ئىش پۇتىدۇ دىيەلىدى ئارانلا .




داۋامى بار


………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k