大数跨境

ئاق ئەتىرگۈل ( پوۋېسىت ) 5- قىسم

ئاق ئەتىرگۈل ( پوۋېسىت ) 5- قىسم aybarawazi
2022-12-22
1
导读:سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! تۆۋەندە ( ئاق ئەتى

 سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر !  تۆۋەندە ( ئاق ئەتىرگۈل ) ناملىق پوۋېست ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ6 - قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ

ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
  3
4






بۇ ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىگە يوللاندى  ، تۆۋەندىكى سۆرەتىنى بېسىپ تولۇق قىسىمىنى ئاڭلاڭ .




 بۇ پوۋېستنىڭ  ئاۋازلىقىنى تولۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ



ئاق ئەتىرگۈل

(پوۋسىت)
ئاپتورى : راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال
ئۇدارىم مىدىياسىدا ئىشلەندى

5- قىسىم


-يەنە قالسا قانداق قىلارمەن يا مىنى ئالمىدىڭىز دىدى ئوتتۇز ياشلاردا بار ئالما چىچىگى رەڭلىك قولتۇغى ئۇچوق ئۇزۇن كۆينەك كىيىۋالغان بىر ئايال. - نىمانداق ئالتە ئايدا توققۇز قىتىم قالىدۇ . يىنىڭدا ئەر كىشى ئولتۇرۇپ تاماق يىگەچ چاپىننىڭ پىشى تىگىپ كەتسىمۇ قالامدۇ نىمە ؟ يىراقراق ئولتۇراي بىكار ئىككى قات بوپ كەتمە دىدى سىمدەك بۇرۇت قويىۋالغان ئەر شاللاقلارچە كۆلۇپ .
-ئۆتەپ بارا ساراڭ . دىدى ئايال ئۇنىڭغا مۇشۇكتەك سۇۋۇنۇپ  مومايغا ئۇلارنىڭ گىپى قىززىق تۇيۇلىۋاتاتتى. سەۋەبى ئۇلارنىڭ نىمە دىيشۋاتقانلىغىنى چۇشەنمسىمۇ لىكىن ئۇلارنىڭ گىپى قىززىق تۇيۇلىۋاتاتتى . قاپتۇ دىگەن گەپ نىمە گەپ ئەمدى دەپ ئويلىنىپ بولغىچە تاماق پىشىپ قالغاچقا موماي قاچىغا بەش سوم زاكالەت بىرىپ تاماقنى ئىلىپ ئاشخانىدىن چىقىپ كەتتى.  
موماي ياتاققا كىرگەندە بوۋاي دەرىزنىڭ يىنغىا كىلىۋىلىپ تاماكىنى پۇرقىرىتىپ چىكىپ ئولتۇراتتى . ئۇنىڭ بىلەن تەڭ كىرگەن سېسترا قىز بوۋاينىڭ قولىدىكى تاماكىنى يۇلۇپ ئالغاندىن كىيىن غەزەپ بىلەن -سىز جاندىن تويسڭىزمۇ بىزگە جاننىڭ كىرىگى بار . بۇ يەر ھاجەتخانا ئەمەس دوختۇرخانا دىدى قىز بوۋاينىڭ تاماكىنى بۇلۇڭدىكى ئەخلەت سىۋىتىگە تاشلاۋىتىپ .
-بالام سىز قەشقەردىنما دىدى بوۋاي قىزغا كۇلۇمسرەپ قاراپ
-ياق دەپلا ئارقىدىن كۆلەيدى قىز . -قانداق دەيسز دىدى ئۇ بوۋايىڭ گىپىگە قىزىقسنىپ ؛ 
-مۇشۇ قەشقەرنىڭ ئەدەملىرى سەل مۇشۇنداق گەپ قىلىمىزچۇ دىدى بوۋاي تىخىمۇ قىزغىنلىق بىلەن .
-بولدى تاماق سوۋىدى دىدى ئانا بوۋاينىڭ ئۆزى بىلەن كارى بولماستىن سىزىپ ئويناپ كىتىۋاتقان كۆز قارچۇقلىرىغا قاراپ   
-ۋاي ئاپىرە  شۇ تامىغىڭنى دىدى بوۋاي قىز بىلەن بىر دەم پاراڭلاشماقچى بۇلۇپ؛ 
-بولدى مەنمۇ چىقىپ ئشىمنى قىلاي دىدى سېستىرا قىز ئشىكتىن چىقىپ كىتىۋىتىپ ؛
-مانا مانا بىر ياخشى قىز بىلەن ئەمدى تونۇشۇپ قانداق قىلساق دوختۇر پۇلنى ئەرزان قىلغىلى بۇلىدۇ دەپ تۇرسام تاماقنىڭ گىپىنى قىلىپ ، دىتى يوق خوتۇن سەندە دىتى يوق دىدى بوۋاي تاماققا ئىتتىك قول ئۇزارتىپ ؛
موماي تاماقنى بەرمەي تۇرۇپ ئەمسە مەن يەنە چاقىرىپ كىلەي . بىردەم ئەھۋاللىشىڭ دىدى موماي تاماقنى دەرىزىگە قويۇپ 
-ھەي جادۇ ئەكەل بولدى . قورساق ئىچىپ بۇلالماي قالدىم دىدى بوۋاي جىددىلىك بىلەن .
-موماي ئۇنى تۇنجى قىتىم كۆرۋاتقاندەك قارىۋىتىپ ئاندىن قاچىنى ئۇنىڭغا سۇندى.  
بوۋاي نەچچە كۇندىن بىرى ئېششىپ كەتكەندى . موماي ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ ئەمدى ئۇلۇپ قالىدىغان بولدى دەپ  قاتتىق ئەنسرگەندى . دوختۇرخانىغا ئىلىپ كەلگەندىن كىين دوختۇرلار بىر نەچچە كۇن كۇزىتمىز  دەپ دۇرا يىزىپ بەردى ھەم دۇرىنىڭ ئۇنۇمى خىلى ياخشى بولغاچقا بىر كۇننىڭ ئىچىدە ئىششغى يىنشقا باشلىدى . بوۋاينىڭ يۇرەكتە دەردى بۇلۇپ ناھىيلىك دوختۇرخاندىن يۇرەكنىڭ كىلاپىنى كىڭيىپ كەتكەن . چوڭ شەھەرگە بىرىپ داۋالانسۇن دەپ خەت يىزىپ بەرگەندى . بوۋاي سەل ياخشى بۇلۇپلا يەنە بۇرۇنقى مىجەزىگە ياندى . ئۇ ئەمەليەتتە موماي بىلەن ياخشى ئۇتەتتى . بەزىدە موماينى خاپا قىلسمۇ كۇپىنچە ھاللاردا يەنىلا ئۇنىڭغا كۆڭۇل بۇلەتتى . بوۋاي شەھەرگە كەلگەندىن بىرى قىزنى ئويلاپلا يەنە خۇيى تۇتۇپ قالغاندى . ئوتتۇزدىن ئاشقان بىر قىز يەنە توي قىلماي يۇرسە ئۇنىڭ ئۇچۇنمۇ سەت ئىدى . ناھىيلەردىكى ئوتتۇز ياشلىق توي قىلمىغان ئاياللارنىڭ نى ھالەتتە يۇردىغانلىغى ئۇنىڭغا ئايان ئىدى . شۇ ياشقا كىرىپمۇ يەنە قىز كوچىسدىن قالمىغان بۇ ئادەم ئاياللارنىڭ بۇ ياشتا نىمىلەرگە ئىھتىياجىلىق بۇلىدىغانلىغىنى ياخشى بىلەتتى . شۇڭا ئۇ قىزىنى ھەر قىتىم ئويلسا خۇيى تۇتۇپ قالاتتى . ئەمەليەتتە ئۇ قىزىنمۇ شۇنچىلىك ياخشى كۇرەتتى . لىكىن ئۇنى ياخشى كۇردىغانلىغىنى ئەزەلدىن قىزىغا بىلدۇرمەي كەلگەندى .  ئۇ تاماقنى تىز تىز يەپ بۇلۇپ بولدى مەن بىر دەم ئارام ئالاي دەپ بىشىدىكى ياستۇقنى ئىگىز قىلىپ ياتتى. موماي ھىلىقى خوشنا بوۋاي توغۇرلۇق ئويلانغانچە چىننى سۇخانىغا ئىلىپ چىقىپ پاكىز چايقىغاندىن كىين ئۇنى ئاشخانغا ئىلىپ چىقىپ كەتتى . موماينىڭ كۆزىگە ھەممە نەرسە يىڭىلىق تۇيۇلاتتى . لىفىتنىڭ بىراقلا كۇتۇرلۇپ چۇششى ئۇنىڭ بىشىنى قايدۇرسىمۇ كىچىك بالا يىڭى بىر ئويۇن تىپىۋالغاندەك خۇشال بۇلاتتى . كوچىلاردا باللارنى يىتىلەپ يۇرگەن ئەر ئاياللارغا قارىسا ھەۋىسى كىلىپ شۇ ھامان قىزىنى ئسگە ئالاتتى . ئۇنى ئويلىماي دىسمۇ بۇ شەھەرنىڭ ھەممە نەرسسى . ئادەملىرى روخسارنى ئىسگە سالاتتى . ئۇ ھاراق ئىچىدىكەن ئەمەسمۇ ؟ ئايال خەقنىڭ ھاراق ئىچكىنى نەدە بار ؟ دەپ قوياتتى قىزىنىڭ مەس ھالىتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۇرۇپ ئۇ قىزى ئۇچۇن بىر ئىشلارنى قىلىپ بىرىشنى ئويلايتتى . لىكىن نىمە قىلشنى بىلمەيتتى . قاملاشقان بىر يىگىتلەرنى كۇرۇپ قالسا ئايالى بارمىدۇ  ؟ بولمىغان بولسا روخسار بىلەن توي قىلغان بولسا ھە دەپ ئويلاپ تۇرۇپ كىتەتتى .   بۇ شەھەردە شۇنچە يىل ياشاپ بىرەرسىنىڭ پىشىنى تۇتالمىغاندىن كىين ئۇزۇڭگىمۇ ئاز دەپ ئاچچىغلاپ قوياتتى تۇرۇپلا . ئانا  قاچىنى كۇتۇرۇپ يۇرۇپ ھەيۋەتلىك بىر بازارنىڭ ئالدىغا كىلىپ قالغاچقا دەرھال ئاشخانىغا كىرىشنى ئۇنتۇپ بىر دەم ئايلىنىپ يۇردى . ئادەملەر قىم  قىم كوچىغا قاراپ ھەيران بولغانچە . ئۆز ئۆزىگە سۆزلەپ . ھەممە ئادەم بۇ يەرگە كىلىۋالغاندەكلا كۇرۇندى . ئىلىم سىتم سودا ئىشلىرىنى كۇرگەچ بىر دەم ئايلىنىپ كۇڭلى خىلى كۇتۇرلۇپ قالغان ئانا بىر دەمدىلا كەچ چۇشۇپ كەتكىننمۇ ئىلغا قىلالماي قالغاندى . ئۇ بىر دەم ئايلىنىپ دوختۇرخانا بىناسىنىڭ كىرست بەلگسنى نىشان قىلىپ ئاندىن ئاشخاننى ئاران تاپقاندىن كىين چىننى قايتۇرۇپ  بىرىشكە كىرگەندى . ئاشپەز چاخچاق قىلىپ كەچلىك تاماققا كەلدىڭىزمۇ سورىدى  ئۇنىڭدىن . ئۇ نىمە دىيشنى بىلەلمەي سىىرتقا قارىۋەتكەندىن كىين ھەئە . ئسىم قۇرسۇن . كەچ بولغىننمۇ بىلمەيلا قاپتىمەن دەپ گىپىنى قىلغاچ چىننى ئۇستامغا ئۇزاتتى . ئارقىدىن بىر قاچا لەغمەن بۇيرۇپ بولغاندىن كىين ئۆزىنىڭمۇ بىر كۇن تۇزۇك تاماق يىمىگەنلىگىنى ئويلاپ نارىندىن بىرنى بۇيرۇتتى . تاماق بىردەمدىلا چىقتى . ئۇ نارىننى ئالدىرماي ئولتۇرپ يەپ ئاندىن لەغمەننى ئىلىپ يەنە بىناغا چىقىپ كەتتى . بوۋاي چەكچەيگەنچە ئۇنى ساقلاپ تۇراتتى . موماي چىقىپلا بوۋاينىڭ ئاچچىغلانغان ھالىتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۇرۇپ لىفىتتىن چىققچە كۆلىۋەتكەندى .  ئۇ چىقىپلا كۆز ئالدىغا ئەكەلگەن ئاشۇ چىراينى كۇرۇپ ئۆزىنى تۇتىۋالالماستىن يۇقۇرى ئاۋازدا كۇلىۋەتتى . بوۋاي ئۇنىڭ تۇرقىغا قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كىين بىشىنى لىڭىشتىپ تۇرۇپ 
-شەھەر بەك ياراشتى جۇمۇ ساڭا . خەپ سىنى كېسەلدىنمۇ ساقىيارمەن . كۇرگىلىگىڭ بار مەندىن دىگەچ موماينىڭ قولىدىكى قاچىنى يۇلۇپ ئىلىپ لەغمەننى ئىشتىھا بىلەن تارتىشقا باشلىدى . موماي ئۇنىڭغا يىقىن كىلىپ ئۇنىڭ بىشىنى سىلاپ ئولتۇردى . بوۋاينىڭ ئاچچىغى بىر دەمدىلا يىنىپ ئۇنىڭغا بولغان باتنشمۇ تەلەپپۇزىمۇ ئۆزگىرىشكە باشلىدى.
-بۇگۇن كەچتە بۇ يەردە ياتايمۇ دىدى موماي
-ياق بولدى ئۆيگە كەت داق يەردە يىتىپ ئاغرىپ بەرسەڭ سىنى كىم باقىدۇ دىدى بوۋاي ئىغىزنى قەغەز بىلەن سۇرتكەچ . بوپتۇ ئەمسە مەن روخسارنىڭ يىنىغا باراي دىدى ئانا.  
-ماقۇل ئەمسە بارغىن ھە راس ئۇ جىن مىنى سىغىنماپتىمۇ ھەجەپ مىنى يوقلاپ كەلمەيدا دەپ قوي ئۇنداق قىزىم يوق مىنىڭ مىنى بىر قىتىم يوقلىماي يولغا سالىدىغان ئوخشايدۇ ئۇ جىن دىدى بوۋاي يەنە قەھرىگە قايتىپ .
خىزمىتى ئالدىراشكەن ئەتە بارىمەن دىگەن ئالدىرماي تۇرمامسىز بىر تەرەپتىن كىلىپلا تەرىڭىزنى بۇزماي دىدى موماي ئۇنڭغا يالغان سۆزلەپ  . بۇ سىنىڭ گىپىڭ . ئۇ ھەرگىز مىنى يوقلاپ كەلمەيدۇ . بىراق دەپ قوي . مىنى يوقلاپ كەلمسمۇ مەيلى لىكىن تىزراق تويىنى قىلىۋالسۇن . مەن شۇنىڭغا خوش دىدى بوۋاي  باشقىلار ئاڭلاپ قالمسۇن دىگەندەك ئاخىرىقى گەپنى ئاۋازىنى بوش چىقىرىپ مەن دەيمەن خاتىرجەم بۇلۇڭ دىدى موماي . قاچىنى ئىلىپ چىقىپ كىتىۋىتىپ . ئۇ قاچىنى يۇيۇپ كىرگەندىن كىين ياخشى ئارام ئىلىڭ  . ئانچە مۇنچە ھەركەت قىلىڭ . بوداققا سالغان قويدەك پاقىراپ ياتماي . مەن ماڭدىم . كەچ چۇشۇپ كەتسە ئۆينى تاپالماي يۇرمەي يەنە دىدى ئانا  قوللىرىنى لۇڭگە بىلەن سۇرىتكەچ . بوۋاي ئۇنىڭغا ئالىيىپ قويۇپ يەنە ياستۇقنى قىرلىدى . ئانا ياتاقتىن چىقىپ كەتتى. ئۇ ئاپتۇبۇس بىلەن قايتىپ بىنانىڭ ئىشكىدىن چىقاي دىگەندە ئىتنىڭ ئاۋازى يەنە ئاڭلاندى  . ئۇ پەلەمپەينىڭ ياندىكى تۇتقۇچىنى تۇتۇپ ئاستا يۇقۇرى ئۆرلىدى  بۇۋاي كۆرۇنمەيتتى . لىكىن ئىشىك ئوچوق ئىدى . ئىتنىڭ ئاۋازى ئۇزۇلۇپ ئۇزلۇپ ئاڭلىنىپ تۇراتتى . لىكىن موماي ئوچۇق ئىشكنىڭ ئالدىدىن ئۆتۇشكە پىتىنالماي پەلەمپەينىڭ ئالدىدا بىر ئۇزۇن تۇردى  ئىتنىڭ ئاۋازى بىسلغاندىن كىين بوۋاينىڭ ئاغرىق ئازابىدا تىرەپ نەپەس ئىلىۋاتقان ئۇنى ئاڭلاندى.  ئانا ئىشىكنى چىكىپ سىز بارمۇ دىدى يىقىملىق ئاۋازدا :
-كىرىڭ مەن بار دىدى بۇۋاي 
ئانا ئۆينىڭ ھەممە يىرىنى كۆزەتكەچ ئاستا مىڭىپ ئۆيگە كىردى . بوۋاي كارۋاتتا ئاللىقاچان ئۆلگەن بىر ئادەمدەك ياتاتتى . ئۇ بوۋاينىڭ بەكلا بىئارام بۇلۇپ كىتىۋاتقانلىغىنى ھىس قىلىپ ئۇنىڭ يىنىغا كىلىپ ئولتۇرۇپ نىمە بولدىڭىز دەپ سورىدى بوۋايدىن . بوۋاي ئاۋازىنى قويىۋىتىپ خۇددى كىچىك بالىدەك يىغلىۋەتتى . ئانا ھەيران بۇلۇپ راستىنلا كىچىك بالىكەن دىگەنچە ئۇنىڭ پىشانسنى تۇتۇپ باقتى . ئۇ قىزىزىپ كەتكەندى . ۋاي بولماپتۇ سىزگە سۇغۇق ئۆتتىمۇ نىمە بولدى . دوختۇرغا بىرىش كىرەك . بولمىسا ئىش چاتاق دىدى ئانا . ئۇ ياش چىغىدا سىستىرا بولغاندى . شۇڭا بوۋاينىڭ ئەھۋالىدىن راستىنلا ئەنسرەپ قالغاندى . بوۋاي بىر ھازا ئۆمچىيىپ يىغلاپ بولغاندىن كىين يالغۇزلۇق نىمە دىگەن يامان دىگەنچە يەنە يىغلاشقا باشلىدى. 
ئانا ئۇنىڭ دىلى سۇنۇق بىر ئادەملىگىنى ھىس قىلىپ بالسىنى ئەركىلەتكەندەك ئۇنىڭ بىشىنى ئىللىق قولى بىلەن تۇتۇپ بولدى ئەمدى يىغلىماڭ . مەن سىزگە قايناق سۇ قاينىتىپ بىرەي دىدى . لىكىن ئۇ بۇ ئۆيدىكى نەرىسلەرنىڭ نەدە ئىكەنلىگىنى بىلمەيتتى . ھازىرلا جىمجىت يىغلاپ ياتقان بوۋاي بۇ گەپنى ئاڭلاپ سەكرەپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئاشخانا ئۆينىڭ چىرىغىنى ياندۇرغاندىن كىين چەينەك مەيەدە . تۇربا مەيەدە دەپ ھەممىنى كۆرسىتىپ قويغاندىن كىين ئوچاقنىڭ ئوتنى گاز ئوچاقنىڭ ئوتىنى سۇس قىلىپ ياندۇرۇپ قويۇپ چىقىپ كەتتى . ئانا سۇنى ئوتقا قويۇپ ئاشخاننىڭ تارتمىلىق ئىشكاپلىرىنى بىر بىرلەپ  ئىچىپ چىققاندىن كىين  نىمىنىڭ  نەدىلىگىنى بىلىۋالدى . ئاشخانا ئۆي قالايمىقان ئىدى . بىراق ئۆي جاھازلىرى خىلى قىممەت باھالىق نەرسىلەر بولغاچقا يەنىلا چىرايلىق كۇرىنەتتى .  ئۇ ئۇ ئوچاق بىشىنى تازلاۋاتقاندا بۇۋاي كىچك بالىدەك ئشىككە يىقىن تۇرۇپ ئۇنىڭ ھەركىتىنى بىر مەھەل كۆزەتكەندىن كىين بۇ ئاشخانىغا ئايال زاتىنىڭ كىرمىگىنگە بەش يىلدىن ئاشتى دىدى ئۇھسنىش ئىچىدە 

داۋامى بار


داۋامىنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى كۆرسىتىلگەن رەسىمنى چىكىپ ئەپچىمىزدىن ئالدىن ئاڭلىسىڭىز بولىدۇ  ئەپچىمىزگە  تولۇق يوللاندى





 بۇ پوۋېستنىڭ  ئاۋازلىقىنى تولۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ



شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0