
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! تۆۋەندە ( ئاق ئەتىرگۈل ) ناملىق پوۋېست ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !

بۇ ئەسەرنىڭ7 - قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
بۇ ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىگە يوللاندى ، تۆۋەندىكى سۆرەتىنى بېسىپ تولۇق قىسىمىنى ئاڭلاڭ .
بۇ پوۋېستنىڭ ئاۋازلىقىنى تولۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

ئاق ئەتىرگۈل
ئاپتورى : راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال
ئۇدارىم مىدىياسىدا ئىشلەندى
-توي قىلمىغانمىدىڭىز دىدى ئانا ئۇنىڭغا قارىمايلا ئۆز ئىشنى قىلغاچ
-باللىرىم بار ھازىر كانادادا . ئايالىم ئۇلار بىلەن بىللە تۇرىۋاتىدۇ دىدى بوۋاي خىجىل بولغاندەك تۇرۇپ كىتىپ.
-سىز نىمىشقا چىقىپ كەتمدىڭىز ؟ سورىدى ئانا يەنە ئىشىنى قىلغاچ. قىرىغاندا ماڭا يات ئەلدە نىمە بار . ئۇلارنىڭ ھەممىسى چىقىپ كەتتى . مەن كىتىشنى خالىماي مۇشۇ يەردە قالدىم . بىر ئوغلۇم دوكتۇر . دىدى بۇۋاي قىسقا بىرنى يۆتەلگەندىن كىين سىزچۇ ؟ بىر يەردە ئىشلىگەنما سورىدى موماي قولىدىكى لاتىنى قاراش تاش تاختىنىڭ ئۆستىگە تاشلاۋىتىپ.
-مەن ئارتىس ئىدىم . سىز قۇملۇقتىكى ناخشا ئاۋازى دىگەن فىلىمنى كۇرگەنمۇ ؟
-ياق دەپ جاۋاپ بەردى ئانا
ئەمسە مۇز تاغقا كەلگەن مىھماننى كۆرگەنمۇ ؟
-ئىسمدە قالماپتۇ. بەلكىم كۇرگەندىمەن دىدى ئانا يەنە پەرۋاسىزلا ؛
بوۋاي ئۆزىنىڭ قانداق ئادەملگىنى ئىسپاتلاش ئۇچۇن شۇنچە تىرىشقان بولسىمۇ لىكىن موماي ئۇنى ئىختيارسىزلا ئۆمۈتسزلەندۇرۇپ قويغاندى.
ئۇ بوۋاينىڭ چىرايدىكى غەشلىكنى كۇرۇپ سىز دىگەن كىنولارنى كۇرگەندەكمۇ قىلىمەن دەپ قويدى ئۇنىڭ كۇڭلىنى ياساش ئۇچۇن. بوۋاينىڭ چىرايغا كۇلكە يۇگۇرۇپ . مەن شۇ كىنۇلاردا رول ئالغان . كىين ئاۋاز بۇلۇمىگە چىقىپ ئاۋاز بەردىم . ئۇنىڭدىن كىين پىنسيگە چىقتىم . ھازىر مانا مۇشۇ ئۆيدە يالغۇز تۇرىۋاتىمەن دىدى بوۋاي.
ئانا بىر دەم تۇرىۋەتكەندىن كىين -ئىتڭىز كۆرۇنمەيدىغۇ ؟ دىدى بوۋايغا قايرىلىپ قاراپ .
-ھە ئۇنى باغلاپ قويدۇم. سىز قايتىپ كەلسڭىز قورقۇتىۋەتمسۇن دەپ بالكۇنغا باغلاپ قويدۇم دىدى ئۇ تىخمۇ غەيرىتى ئاشقاندەك بۇلۇپ.
نىمىشقا مىنى دەپ باغلاپ قويسىز دىدى ئانا ئۇنىڭغا تىكىلىپ بوۋاي بەدىننى توك تۇتىۋالغاندەك بىئاراملىق ئىچىدە ئاننىڭ كۆزىدىن كۆزلىرىنى ئىلىپ قىچىپ ئىتقۇ ئادەم چشلىمەيدۇ . بىراق سىزنى قورقۇپ كەتمسۇن دەپ شۇڭا باغلاپ قويغان دىدى يەنە قايتۇرۇپ.
-ئەتتىگەن بىر ساق قالغانتىڭىز نىمە بولدى دىدى موماي .
بوۋاي بىر نەرسىلەرنى دىيىش ئۇچۇن ئىتتىك گەپ قىلماقچى بولغان بولسمۇ لىكىن تىلىدىن كاللىسى ئىتتىك كىلىپ جىم بۇلۇپ قالغاندى كىين نىمە بولسا بۇلا دەي دىگەندەك يەنە بىر ئاز سۇكۇتتە تۇرغاندىن كىين سىزنى كىلىپ قالسا پەلەمپەيدىن ئىلىپ چىقىپ قوياي دەپ شۇڭا دەرىزنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغاندىم . ئەينەك مەينەت بوپ كىتىپتۇ . شۇڭا دەرىزنى ئىچىۋىتىپ ئولتۇرۇپ شامال تەككۇزىۋالغان ئوخشايمەن دىدى بۇۋاي بۇ گەپنى قىلىپ بۇلۇپلا ئارقسىغا يىنىپ
-ئانا ئۇنىڭ گىپىنى ئويلانغاچ بىرىپ يىتىڭ بەك قىزىزىپ كىتىپسز . بولسا سۇيۇق تاماق ئىچكەن بولسڭىز ياخشى بۇلۇپ قالاتتىڭىز دىدى ئۇ چەينەكنىڭ قايناپ كەتكىننى كۇرۇپ ئوتنى ئۆچۇرگەندىن كىين.
-ئەمسە سىز ئىتىپ بىرىڭ . بىللە تاماق يەيلى . مەن سىزگە ياردەملىشەي دىدى بوۋاي .
ئانا بۇ گەپنى دەپ بۇلۇپ ئەتسەم ئىتەي ئەمسە بولدى سىز بىرىپ ئارام ئىلىڭ دىدى بوۋايغا . بوۋاي ئارقىسىغا يىنىپ بىر نەرسىلەرنى ئاختۇرغاندىن كىين چىرايلىق كەشتە ئىشلەنگەن يىپ يىڭى بىر پەشتاماننى ئانىغا ئۇزۇتۇپ بۇنى تاقىۋىلىڭ دەپ تەڭلىدى . ئانا ئۇنىڭغا قاراپ قويۇپ رەھمەت دىگەنچە قولنى ئۇزاتتى . بوۋاينىڭ قوللىرى سۇس تىترەيتتى . ئانا ئۇننى ئىلىپ تاماق ئىتىشكە تۇتۇش قىلىشقا باشلىدى . بوۋاي ئاستا بىرىپ كارۋىتىدا ياتقاندىن كىين تىلۋۇزۇر كۆرۇشكە باشلىدى . ئانا بىر نەرسە لازىم بولسا يۇقۇرى ئاۋازدا بوۋايدىن سورايتتى . بوۋاي ئۇنىڭغا دەپ بىرەتتى . شۇنداق قىلىپ بۇ ئۆي ئىككىسنىڭ ئاۋازى بىلەن قىزغىنلىققا تولدى . ئانا كىرگەندىن كىين ئىتنىڭ ئاۋازىمۇ ئاڭلانمىدى . ئىت بۇ مىھماننى قورقۇتۇپ قويماي دىگەندەك تىۋىش چىقارماي مۇگدەپ ياتماقتا ئىدى.
روخسار خىيالىدا دادام رەھىمسز بىر ئادەم . ئۇ داۋاملىق ئانامنى خورلايدۇ دەپ ئويلايتتى . شۇ سەۋەپتىن ئۇ ئالاھىدە بىر ئەر ئىزدىگەندى . لىكىن ئاللا ئەۋەتكەن ئالاھىدە ئەرلەر بىلەن ئۇچۇرشۇش پۇرسىتىگە ئىگە بۇلالمايلا مانا قىرى بىر خوتۇنغا ئايلىنىپ قالاي دىگەندى . ئۇنىڭ كاللسى ئەر ئاياللىق تۇرمۇش ھەققىدىكى خاتا ئۇقۇملار بىلەن تولۇپ كەتكەچكە ئۇ ئۆزى ياكى تەقدىر تەرىپىدىن ئەمەس ئەنە شۇ خاتا ئۇقۇملار تەرىپىدىن ئۆزىنى ئۆزى ۋەيران قىلغاندى . لىكىن ئۇ تەن بەرمەيتتى . بەزىدە تەن بەرسىمۇ ئىتراپ قىلشقا جۇرئەت قىلالماي بۇ ئىشلارنى ئويلىماسلىق ئۇچۇن قاۋاقخانىغا بىرىپ قانغىچە ئىچەتتى . ئۇنىڭ ھاياتى ئاشۇ نىجىس نەس باسقان يەردە ھالاكەتكە يۇزلەنگەن بولسمۇ لىكن ئۇ يەرگە يەنىلا ئامراق ئىدى . ئەمەليەتتە ئۇ ھىچ نەرسگە ئامراق ئەمەس ئىدى . ئۇنىڭ نەزىرىدىكى ھايات مەڭگۇ چۇڭقۇرلاشقلى بولمايدىغان بىر پارچە تاشتىن تۇزۇلگەندى . ئۇ بىر تاش ئەينەك ئىدى . ئۇنىڭدىن بەزىدە بەختنىڭ سايسى كۇرىنەتتى . بەزىدە ھىچ نەرسە كۇرۇنمەيتتى . روخسار ھەممىلا ئادەمگە ئوخشاش ئۆمىتسزلىنىش . چۇشكۇنلىشىش ئىچىدە بۇ تاش ئەينەككە قاراشقا مەجبۇر ئىدى . ئۇنىڭ نەزىرىدە ھايات تەكتىگە يەتكىلى بولمايدىغان سىرلىق سۇئاللار بىلەن ئورالغان بىمەنە ئويۇندىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى
ئۇ ئويناۋاتتى . باشقىلارغا ئوخشاش ئويناۋاتاتتى خۇددى كىچىك چىغىدا قورچاق ئوينىغاندەك باشقا باللار بىلەن لايدىن ئۆي ياساپ ئوينغاندەك ئويناۋاتتى . لىكىن بۇ ئويۇندا ئىشەنچ يوق ئىدى . ئۇ ئامالسز ئوينايتتى . ئويناش پەقەت ئويناشلا ئۇنىڭ ھاياتنىڭ ئەڭ مەزمۇنلۇق پەيىتلىرى ئىدى ئۇ كىملەر ئۇچۇن ئۆزىنى بىغشلىشى كىرەك . كىملەر ئۇچۇن سەممى ساداقەت بىلەن ياشىشى كىرەك بۇنى بىلمەيتتى . ھەممىلا ئادەم . ھەممىلا ئەرلەر باشتا ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇشقا ئامراق ئىدى . لىكىن ئارىدا بىر ئىش يۇز بەردىمۇ بولدى ھەممسى ئۇنىڭدىن خۇددى نىجىس كسەلدىن يىرگەنگەندەك يىرگىنەتتى . قاچاتتى . يوللاردا ئۇچىراپ قالسا تونۇماس قىياپەتكە كىرىۋىلىپ كارى بولمايتتى . ھەممىلا ئادەم ئۇنى تاشلاپ كىتەتتى . مانا ئۇ بۇ ھەقىقەت ئىدى . ئادەملەرنىڭ ئۇنى ياخشى كۇرگىنى يالغان تاشلاپ كەتكىنى راس ئىدى . بىر ئايال يالغۇز ھاياتتا پايانسىز ئەركىنلىكنىڭ قۇلىغا ئايلىنىدۇ . ئۇنىڭدىكى مۇتلەق ئەركىنلىكنى يالغۇز بىر ئەر ئەمەس بىر توپ ئەر . بىر جەميەت ئەر . ئايالى بار مۇھەببىتى بار . يالغۇز ئەر ، ئىش قىلىپ ئەر جىنسلىق ھەممىلا ئىگەللىۋىلىش ئۇچۇن ئىنتىلەتتى . دۇنيادا مۇتلەق ئەركىنلىك مەۋجۇت ئەمەس . بىر ئايالنىڭ باشپاناھسىز قالغانلىغى ھەتتاكى بىر ئەرنىڭ خورلىشغىمۇ نائىل بۇلۇپ ياشيالماسلىغى بەختسزلىك ئەمەسمۇ ؟ ئېنسان ھامان بىر بىرگە مۇھتاج بۇلۇپ يارالغان . ھەممە نىمسى تەل شاھنىڭمۇ گادايغا ھاجىتى چۇشىدىغان چىغى بۇلىدۇ. ھەممىلا ئادەم ئۆزىنىڭ نەپىسى ئۇچۇن ھاجىتى ئۇچۇن ياشايدۇ . يالغۇز بىر ئايال. بەختلىك ئائىلە قۇرۇش ئستگىدە ياشاشتىن كۆڭلى ئاينىپ كەتكەن بىر ئايالنىڭ مانا مۇشۇنداق ياشاشتىن باشقا ھىچقانداق يولى يوق ئىدى . لىكىن ھەممىلا ئادەم ئۇنى ئىگەللىۋىلىشنى ئويلايتتى . ئۇنىڭغا بىر قىتىم ئىرىششىنى ئويلايتتى . لىكىن ئادەملەرنىڭ ئىنتىلگىنى ئەسلىدىنلا سۇزۇك ئەينەك دانچسدەك روھى ئالىمى ئەمەس تىنى ئىدى . ھەممىلا ئادەم ئۇنىڭ ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان ئالتۇن پەسلىگە . ھەر قانداق بىر ئەردە جىنسى ھاياجان پەيدا قىلالايدىغان تولغان ۋۇجۇدىغا ئىنتلگەن بىلەن روھىغا يىقىنلىششنى ئۇنىڭ قايغۇ ھەسرىتىگە ئورتاق بۇلۇپ ياشاشنى ئارمان قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىر جان بىر تەن بۇلۇشنى خالايدىغان بىر ئادەمنى تاپالمايتتى . مانا مۇشۇنداق روھى ھالەت بىلەن ياشاۋاتقان ئايالنىڭ مەن توي قىلىمەن دىيىشى مۇمكىنمۇ ؟ جاھاندىن . جەميەتتىن كۆڭلى قالغان . ياشاشتىن تويۇپ سەسكەنگەن بىر ئايالنىڭ يەنە بىر ئەر بىلەن بىر ئۇمۇر ھەمرا بۇلۇپ . ئۇنىڭ ئۆزىگە قىلىۋاتقان خىيانەتلىرىنى كەچۇرۇپ . جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇپ . مەينەتلىرىنى تازلاپ . يالغانلىرىغا ئىشنىپ . ئىنسان تاقەت قىلغۇسىز ناچار قوپال مىجەزلىرىگە بەرداشلىق بىرىپ ئاشخانىدا ئاشپەر . ھۇجىرىدا پاھىشە بۇلۇپ ياشىغىنى يەتمىگەندەك يەنە قورساق كۇتۇرۇپ تۇغۇپ ، جىنىغا جاپا بۇلىدىغان مىھىرلىك ئاۋارىچلىقلارنى تارتىپ ، ھاياتنىڭ ساختلىقلىرىغا قۇل بۇلۇش ئۇچۇن دۇنياغا كىلىدىغان بىر توپ باللارنى چوڭ قىلىپ ياشاش ھاياتمۇ ؟ ئۆزىنىڭ قىلدەك ئارزۇ ئارمىنغا يىتەلمەستىن ھاياتنى پەقەت باشقىلارنى بەختلىك قىلىش ئۇچۇنلا ياشاش بىر ئايالغا . بىر جان ئىگىسگە قىلىنغان ئۇۋاللىق ئەمەسمۇ ؟ شۇ تاپتا ئۇنىڭ تىنى بىلەن مۇناسىۋىتى ئۇزۇلگەندى . قايسى ئەر ئۇنى قەدىرلەپ باقتى . بىر كىملەر بىلەن ياخشى ئۇتۇپ ئۇنىڭ بىلەن مەڭگۇلۇك تەقدىرداش ھەمنەپەس بۇلۇپ ياشاش ئىستەكلىرىدە تالايلاپ ئۆزىنى ئۇلارنىڭ خۇشاللىغى ئۇچۇن قۇربان قىلغىننى كىم چۇشەندى ؟ ئۇلار پەقەت ئۇنىڭغا جالاپ دىگەن نامنى ھەدىيە قىلدى خالاس
ئۇ شۇنىڭ ئۇچۇن ھاراق ئىچەتتى . ھاراق ئىچىپ ۋۇجۇدىنىڭ سىزىمى پۇتۇنلەي يوقالغاندا ئاندىن باشقىلارنىڭ ئۆزنى قانداق قىلىشى بىلەن چاتىغى يوق ئىدى . غەرىق مەس ھالەتتە ئەرلەرنىڭ قانماس نەپىسنى قاندۇرۇشتىن باشقا ئىشقا كارغا كەلمەيدىغان ۋۇجۇدىنى كىرەكسىز بىر پارچە گۆشتەك ئۇلارنىڭ ئالدىغا تاشلاپ بىرەتتى . ئۇ شۇ ئارقىلىق قانداقتۇر بىر كىملەردىن قىساس ئالاتتى . ھەممە ئايال ئۇنىڭ نەزىرىدە ئەرلەرنىڭ ئويۇنچۇغى . ئۇلارمۇ ئوخشاشلا تۇرلۇك شەكىلدە ئەرلەرنىڭ بىقىندىسى بۇلۇپ ياشايتتى . بىچارە ئەرلەر ئائىلىدىكى مۇھەببەت كونىراپ كىرەكتىن چىققان ھېسياتنى باشقا بىر ئايال بىلەن يىڭىلاشنى . تولدۇرۇشنى ئويلايدۇ . شۇنىڭ ئۇچۇن ھەممىلا ئادەمگە ئۆزىنىڭ خوتۇنىدىن باشقا ھەر قانداق ئايال چىرايلىق كۇرۇنىدۇ . تۇرمۇش رىتىمنىڭ بىر خىلدا داۋام ئىتىشى دىمىق ھاۋادا دىمى سىقىلغاندەك كىشلىك ھاياتنىڭ ھەر بىر تىۋىشنى يىڭىلىق ھىساپلاپ ياشاش ۋە ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىدىغان بىر خىل رىتىمنى يەنە باشقا بىركۇيگە باشلاش ھەممىلا ئادەمنىڭ ئارزۇسى بىراق كىملەر ئۆز ئارزۇسى بويىچە ياشيالايدۇ ؟
ئۇ بەزىدە ئۆزىنىڭ نىمىشقا ئاجىز بىر قىز بۇلۇپ تۇغۇلۇپ قالغانلىغى ئۇكۇنەتتى . ئارقىدىن يەنە بۇ خىياللىرىدىن بىزار بۇلاتتى . چۇنكى ئۇنىڭ نەزىرىدە ئەر كىشى پەقەتلا بىر تۇرلۇك ھايۋان . ھەتتاكى بەزىلىرى ھايۋانچىلىكمۇ ئەمەس . ئۇلارنىڭ ئىنتىلىدىغىنى . بايلىق . نام شۆھرەت . چىرايلىق ئايال . ھەممە ئەرگە بۇزۇق ئاياللار كىرەك . بالا تۇغۇپ ئۆي تۇتىدىغان ئايالمۇ كىرەك . ئىش قىلىپ ئۆزىگە كىرەككە كىلىدىغان كەلمەيدىغان ھەممە نەرسە ئۇلارغا كىرەك . ئۇلار ئۆزىگە كىرەك بولمىغان نەرسىنى ئىرششتىن بۇرۇن ھىس قىلىپ يەتمەيدۇ . ھەممىلا نەرسىنى مىنىڭ بولسىكەن دەپ ئويلايدۇ . ئىرىشىپ بولغان نەرسىلەر شۇ ھامان ئەڭ ئەھمىيەتسز ، قەدىرسىز بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ . شۇنىڭ بىلەن يەنە يىڭى نەرسىلەرنى ئىزدەيدۇ ھايات ئەنە شۇنداق داۋام ئىتىدۇ . لىكىن كۇپىنچە ئاياللار يەنىلا بىر كىشىلىك خاتىرجەم تۇرمۇشتا ياشاشنى ئارمان قىلىدۇ . شۇڭا ئۆيگە . بالىغا . ئىرىغا سادىغلىق بىلەن ياشايدۇ . ئىللىق ئائىلگە ئىگە بۇلۇشقا پۇرسەت بولمىغان ياكى ئەرلەرنىڭ تاشلىۋىتىشى بىلەن ئائىلە مىھرىدىن مەھرۇم قالغانلار ئازاپلىنىش ۋە قىيداش ئىچىدە باشقا بىر ئەرنىڭ كارۋىتىغا چىقىپ قالىدۇ .
داۋامى بار
داۋامىنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى كۆرسىتىلگەن رەسىمنى چىكىپ ئەپچىمىزدىن ئالدىن ئاڭلىسىڭىز بولىدۇ ئەپچىمىزگە تولۇق يوللاندى
بۇ پوۋېستنىڭ ئاۋازلىقىنى تولۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى

ساياھەت قىلشىنى ياخشى كۆرەمسىز ؟ ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟ ئۇنداق بولسا شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ،
ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ، يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ، شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى ئېچىلدى . ساياھەت شىركىتىمىز يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ ، تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ .
ئالاقىلاشقۇچى : ئايبەر
ئالاقىلىشىش تېلىفون ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى : 19999706319










سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە :
سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )
ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ