
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! تۆۋەندە ( ئاق ئەتىرگۈل ) ناملىق پوۋېست ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !

بۇ ئەسەرنىڭ5 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
بۇ ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىگە يوللاندى ، تۆۋەندىكى سۆرەتىنى بېسىپ تولۇق قىسىمىنى ئاڭلاڭ .
بۇ پوۋېستنىڭ ئاۋازلىقىنى تولۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

ئاق ئەتىرگۈل
ئاپتورى : راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال
ئۇدارىم مىدىياسىدا ئىشلەندى
ئۇ قىزنىڭ ناتىۋان تۇرقىدىن ئۆزىنىڭ تۇنجى قىتىم بويىدا قالغاندا ئازاپ تارتقان مەزگىللىرىنى ئەسلەپ ئازاپ چەكسە بۇنداق ئازاپ چەككەن ئادەمنىڭ تۇنجسى ياكى ئەڭ ئاخىرقسى ئەمەسلىگىنى ھىس قىلىپ يەنە بىر جەھەتتىن ئۆزىگە تەسەللى بەردى. كۇڭلىدە توي قىلماي دۇنيادا مەنلا ئەمەسكەنمەن . دىگەن غالىپلىق تۇيغۇسى ھۆكۇم سۇرۇپ قىزىنى بەزلگەن بۇلۇپ ئۆزىنى بەزلەشكە باشلىدى . ئارىدىكى زىرىكىشلىك كەيپىياتنى بۇراش ئۇچۇن ئۇ قىزدىن ئوقۇمسز؟ دەپ سورىدى . -شۇنداق دىدى قىز شەلپەردەك قىزارغانچە ؛
-قايسى مەكتەپتە؟ دىدى روخسار ئۇنىڭدىن باشقا بىر سۇئاللارنى سوراش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئازابىنى بىر دەم بولسمۇ ئۇنتۇلدۇرۇش ئۇچۇن. -سەنئەت مەكتەپتە دىدى قىز يىغىدىن سەل پەس بۇلۇپ ؛
-ئاتا ئانىڭىز بۇ يەردە ئەمەسمۇ دەپ سورىدى روخسار
-ئاتا ئانام يەكەندە دىدى قىز كۆز ياشلىرىنى سۇرتۇپ
-بۇ يىل نەچچىگە كىردىڭىز دەپ سورىدى روخسار قىزنىڭ يىشنىڭ ئۆزى ئويلىغاندىنمۇ كىچكلىگىنى ھىس قىلىپ
-بۇ يىل ئون ئالتىگە كىردىم دىدى قىز
روخسار ئەمدى ئۇنىڭدىن سورايدىغان گەپ قالمىغاندەك ھىس قىلىپ يەنە بىر ھازا تۇرۇپ كەتتى . سىزمۇ مۇشۇ ئىشقا كەلدىڭىزمۇ؟ دىدى قىز ئۇنىڭغا تەبئىلا بىر خىل قاراپ . -شۇنداق دىدى روخسار ئەمدى نۆۋەتنىڭ ئۆزىگە كەلگەنلىگىنى ھىس قىلىپ ئۇ نۇمۇر ئىلىپ ساقلاپ تۇردىغانلارنىڭ بارغانسىرى كۆپىيۋاتقانلىغىنى ھىس قىلىپ ۋەھىمە ۋە ئەنسزلىك ئىچىدە تونۇشلار كىلىپ قالمسا بۇلاتتىغۇ دەپ ئويلىغاچ قىزنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاپ بىرىۋاتاتتى ، ئۇ قىزغا يالغاندىن تەسەللى بەرگەن بىلەن ئەمەليەتتە ئۆ قىزدىنمۇ بەك قورقىۋاتاتتى . شۇڭا دوختۇر ھەر قىتىم نۇمۇر بىلەن ئادەم چاقىرىغاندا ئەنسىزلىك بىلەن قولىدىكى نۇمۇرغا قاراپ قوياتتى . ئۇ بىر كەچكىچە ئولتۇرسىمۇ نۆۋەتنىڭ ئۆزىگە كەلمەسلىگىنى ئۆمىت قىلاتتى . بىر تۇرۇپ مۇشتەك بۇ قىزغا ئىچ ئاغىرىتسا ئۇنىڭ يىنىدا قاراپ تۇرغان لۇكچەك چىراي بالىغا قاراپ يىرگىنەتتى . يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىگە ئىچ ئاغىرتاتتى . بۇ باللار كىچىك بولسىمۇ قىلغان ئىشىغا ئىگە بۇلۇپ قىزلارغا ئەگىشىپ كەپتۇ . لىكىن ئۇنىڭ بىلەن تىخى بىرەر ئەر بۇ يەرگە بىللە كىلىپ باقمىغاندى . بىر چاغدا نۆۋەت قىزغا كىلىپ قىز ئوپىراتسيە ئۆيىگە كىرىشتىن بۇرۇن روخسارغا قاراپ قويۇپ چىرايىدا قان دىدارى يوق ھالدا خۇددى ئۇلۇمگە ھۆكۇم قىلىنغاندەك تۇيغۇ بىلەن تەسلىكتە قەدىمىنى يۆتكەپ كىرىپ كەتتى. قىزىنىڭ ئورنىدىن تۇرىشى ئۇنىڭ روھىدىكى بىر ئىغىر يۇكنى ئىلىپ تاشلىغاندەك بۇلۇپ بىر ئاز راھەتلىنىپ قالدى . ئۇ ئەمدى خەقلەر كۆرۇپ قالمسۇن دىگەن خىيالدىن نىرى بۇلۇپ يۇرەكلىك ھالدا ئەتراپقا قارىدى . قارىدىيۇ تۇيۇقسىز تونۇش بىر كۆز بىلەن كۆزى ئۇچۇرشۇپ قالدى . ئۇ سادىق بۇلۇپ بىر چاغلاردا ئۇنىڭ بىلەن بىر مەزگىل ياخشى ئۆتكەندى . ئۇمۇ يەھياغا ئوخشاش ئۇنى بىر قىتىملىق سورۇنغا تەكلىپ قىلىپ ئىككىسى خۇدىنى ئۇقمىغىدەك مەس بۇلۇپ بىللە يىتىپ قالغاندى . بىر چاغلاردا سادىقمۇ يەھياغا ئوخشاشلا ئوپىراتسيە پۇلىنى ئۇنىڭ يۇزىگە ئىتىپ ئىشكىدىنلا ئۇنى يولغا سىلىپ قويغاندى. ئۇ بۇ ئىشلارنى ئەسلەپ ئەمدى سادىققا قارىماسلققا تىرىشسمۇ لىكىن يەنە بىر تەرەپتىن يىنىدىكى ئايالنى كۆرۇپ باق دىگەندەك قىلىپ يەنە قاراشقا مەجبۇر قىلدى . ئۇ ئىككىنچى رەت بىشنى كۆتۇرۇپ قارىغاندا باشقا بىرى ئەمەس دەل ئۆزىنىڭ دوستى بولغان پەرىدەنى كۆرۇپ گىلىغا بىر نەرسە قاپلىشىپ قالغاندەك بۇلۇپ نەپەس ئالالماي قالدى . پەرىدە بۇرۇن ئۇنىڭ يىقىن دوستى بۇلۇپ ئۇ تىخى نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا توي قىلغان . يولدىشى جەنۇپنىڭ بىر ناھىيسگە بىر يىللىق خىزمەت بىلەن كەتكەندى . روخسار ھىچكىمگە دىمىگەن سىرىنى پەرىدەگە دەپ بەرگەن ھەم سادىق بىلەن بولغان ئىشىنى ئۇنىڭ ئۆزىگە قىلغان مۇئامىلىسدىن تارتىپ ناھايىتى تەپسىلى ئىيتىپ بەرگەندى . ئۇ ئەمدى يەرگە قاراي دەپ تۇرىشىغا پەرىدە ئۇنى كۆرۇپ قىلىپ يالىت قىلىپ غەزەپ بىلەن روخسارغا بىر قارىۋەتكەندىن كىين ئىتتكلا سادىققا قارىۋىتىپ ئاندىن يەرگە قارىۋالدى . شۇ تاپتا ھەر ئىككى تەرەپ ۋىجدان ئازابى تارتىۋاتاتتى . ئۇلار بىر بىرگە قارىشىپ قويۇش بىلەنلا بولدى قىلغان بىلەن ئەمەليەتتە سۆزلىشىۋاتتى . روھىدا كۆرەش بۇلىۋاتاتتى . بىراق سادىق ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنىڭ ئۇچراشقانلىغىنى كۆرمىگەنگە سىلىپ روخسارغا ئۇدۇل كىلىدىغان كارىدۇرغا چىقىپ سىرىتقا قارىغانچە تاماكا چىكىۋاتاتتى . روخسار پەرىدەنىڭ يولدىشى ئامان بىلەن بۇرۇندىن تونۇش بۇلۇپ سادىق ئۇنىڭ ئاغىنسى ئىدى . مەن پەرىدەگە ھەممە ئىشنى دەپ بەرگەن تۇرسام ئۇ نىمە دەپ يەنە سادىق بۇ ئىشلارنى قىلغاندۇ ؟ دىگەن سۇئال ئۇنىڭ كاللىسدا پەيدا بۇلىشى بىلە تەڭ كاللىسىدا چاقماق چاققاندەك بۇلۇپ جەميەتنىڭ ئشلىرىنى ئاددى كاللىسى بىلەن تەسەۋۋۇر قىلىپ يىتەلمەيدىغانلىغىنى تۇنجى قىتىم ھىس قىلغاندەك بۇلۇپ بىشىنى تۆۋەن قىلىۋالدى . مۇشۇ كۇنلەردە بۇ شەھەردە مودا بۇلىۋاتقان ئەڭ يىقىن دوستڭىز خوتۇنىڭىزنىڭ ئاشنىسى دىگەن گەپلەرنى روخسار ئاڭلمىغان بولسمۇ لىكىن بىر تۇرۇپ ئۇلارغا ھەيران قالمايتتى . چۇنكى ئۆزىنىڭ ئىخلاس ئەقىدىسىنى ئىخلاس يىپىغا باغلاپ پاكىزە ھالەتتە تۇتالايدىغان ياش شەھەر ئاھالسىدىن نەچچىلىك بار ؟ تەكشۇرسە ئاساسەن چاتاق چىقىدىغانلىغى ئىنىق . چۇنكى غورا مەڭگۇ غورا پىتى تۇرىۋەرمەيدۇ . ئائىلىسىگە سادىغلىق بىلەن ئىگە بۇلۇشنى ۋە خاتىرجەملىكنى خالايدىغان نادان ئاياللارمۇ ئاخىرى بىر كۇنى بۇ ھەقىقەتنى تونۇپ يىتىپ ھامان بىر كۇنى ئەرلەرنى تەتقىق قىلىپ ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىغىنى ھىس قىلىدىغان پەيلاسۇپقا ئايلىنىپ كىتىدۇ . شۇ تاپتا پەرىدەنىڭ يولدىشى ئوتتەك ھسيات بىلەن ئۇنى سىغىنىش ئىچىدە كۆنلىرىنى ئۆتكۇزەتتى . مەنغۇ ئىرىم يوق ئادەم بىراق ئۇنىڭ ئىرى بارغۇ؟ مەن ئەينى چاغدا سادىق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم توغۇرسىدا ئۇنىڭغا ئىيتقاندىمغۇ ؟ سادىق ئاماننىڭ ئۇزۇن يىللىق دوستى تۇرۇپ يەنە ئۇنىڭىغا خىيانەت قىلالاپتۇ . دىگەن بىر پىكىر تەڭلا باش كۆتۇرۇپ يەنە ئۆزى ھەققىدە ئويلىنشقا باشلىدى. سادىق چەتئەلگە ئائىلە سايمانلىرى ساتىدىغان بىر شىركەت ئاچقان بۇلۇپ يىقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچدىلا تىزلا بىيىپ كەتكەندى. روخسار سادىقنىڭ كورىيەنىڭ داڭلىق ماركىلىق ماشىنسدىن بىرنى ھەيدەپ يۇرگىننى ھەپتە بۇرۇن كۆرگەندى . بۇ شەھەردە ماشىنا دىگەن ئۆزىنىڭ پۇل مىلىنى خەققە كۆستىدىغان بىر بەلگە ئىدى . بانكىدىكى پۇلىنى بىر مۇنچە ئادەم بار يەرگە سورىۋىتپ يەنە تىرىۋالغىلى بولمىغاندىن كىين يىڭى پۇل تاپقانلار مانا مۇشۇنداق ئالاھىدە نەرسلىرى ئارقىلىق جەميەتتە كۆزگە چىلىقىش ئارقىلىق جەميەتتە پۇل نامغا ھەۋەس قىلىدىغان بايقۇشلارنى ئاسانلا قىلتىقىغا چۇشۇرۋالالايتتى . پەرىدە ھەممىنى كۆرگەن . ھەممە ئويۇننى ئوينىغان . بىراق بەز يىگەك مۇشۇكنىڭ مىجەزى ئۆلگەندە ئۆزگىرىدۇ دىگەن گەپنى قايسى ئاقىل دىگەن بولغىتتىكىن تاڭ ؟
ئۇ خىياللار بىلەن ئولتۇرۇشنى مەڭگۇ ئۆزىگە نۆۋەت كەلمەسلىكنى ئۆمىت قىلغان بولسمۇ لىكىن دوختۇر ئۇنىڭ ئۇنىڭ نۇمۇرىنى چاقىرىدى . ئۇ ئېسمىنى تىزىملاتقان چىغىدا باشقا بىر ئېسم دەپ بەرگەندى . خەنزۇ دوختۇر سانىيە دەپ بىر نەچچە قىتىم چاقىرغاندا ئۇ خىيال بىلەن ھاڭۋىقىپ ئولتۇراتتى . بىراق دوختۇرنىڭ كەسكىن ئاۋازى ئۇنىڭ خىيال يىپىنى ئۇزۇپ تاشلاپ نۇمۇرىنى يەنە بىر قىتىم توۋلىغاندا ئاندىن يەلكىسگە مىڭ پاتمان تاشنى ئارتىپ قويغاندەك ئىغىرلىق بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ئوپىراتسيە ئۆيىگە ماڭدى . شۇ تاپتا ئۇ قاتىللىق قىلماقچى ئىدى . ئاشۇ مۇدھىش ئۆيگە كىرسىلا بىر جاننىڭ بىشىغا چىقاتتى . توغرا بۇ بىرىنچى قىتملىق قاتىللىق قىلىشى ئەمەس . لىكىن ئۆزىنى غىرىپلىق بىسىپ تۇرغان مۇشۇنداق پەيىتلەردە ئۇمۇ باشقا ئاياللاردەك ئۆزىنىڭ ئوماق باللرىنى باغرىغا بىسپ كوچىلارنى ئايلىنىش . ئۇنىڭغا چىرايلىق كىيملەرنى ئىلىپ بىرىپ قوچاقتەك ياساپ قويۇپ ئۆنىڭغا تاتلىق كۇلكلىرىدىن ھۇزۇر سۇرۇش بىلەن بىرگە ئانىلق بۇرچىنى ئادا قىلىپ ياشاش ھوقۇق بار ئىدىغۇ ؟ لىكىن ئۇ تەقدىر ئۇنىڭغا تەڭسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدى . ئادەملەر ئۇنىڭ ماڭغان ھەر بىر قەدىمگە توزاق قۇرۇپ ئۇنى جەميەتنىڭ يەمچۇكىگە پەقەت ئەرلەر كۇڭۇل ئاچىدىغان بىر ئويۇنچۇققا ئايلاندۇرۇپ قويدى .
ئۇنىڭ تىنى كارۋاتقا چىقىرىلغاندا روھى ئۇنىڭدىن نارازى بولغاندەك نالە قىلىۋاتاتتى . ئۇ تۇيۇقسزلا ئورنىدىن تۇرماقچى بولدى . لىكىن پۇت قوللىرى مەھكەم چىگىۋىتلىگەچكە ئورنىدىن تۇرۇشقا ئامالسىز ئىدى . دوختۇرلارنىڭ ھەركىتى ناھايىتى تىز بۇلۇپ ئۇنى خۇددى قۇشخانىدا ئۆلتۇرۇشكە تەييار قىلىنغان كالىدەك مەھكەم چىرماپ باغلاپ ئۆزىنىڭ گىپىنى قىلىپ بولغىچە ھەممە ئىشنى تىزلا پۇتتۇرۇش ئۇچۇن ئالدىراۋاتتى . ئەگەر ئۇ ئوپىراتسينى قىلدۇرمايمەن دىسە دوختۇرلار چوقۇم قوشۇلمايتتى . چۇنكى ئۇ تىزىملاتقان ئىكەن ئۇنىڭ بىر قارارغا كىلىپ بولغانلىغىنى ئسپاتلايتتى . ئۇ تۇيۇقسىز بالىنى ئوپىراتسيە قىلدۇرمايمەن دىگەن خىيالغا كىلىپ ماڭا تەگمەڭلار دىگەنچە دوختۇرلارنىڭ قولىنى سىلكىپ ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشەلدى . بولدى ئوپىراتسيە قىلدۇرمايمەن دىدى ئۇ كىيملىرىنى ئوڭشاۋىتىپ . دوختۇر سېسترالار ئۇنىڭ نىمە ئويلاۋاتقانلىغىنى بىلمەيتتى. لىكىن ئۇنىڭ پۇلىدىن قۇرۇق قالىدىغان بولدۇق دىگەن خىيال بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى . ئوپىراتسىيە پۇلىنى ئىلۋىرىڭلار بولدى دىدى ئۇ ئوپىراتسيە ئۆيىدىن چىقىۋىتىپ ئۇ سىرىتقا چىقىشى بىلەنلا كۆزىدىن يەنە كەلكۇندەك ياش تۆكۇلۇشكە باشلىغاندى . بىر جان ئىگىسى . گۇناھسز بىر نارسدىنى نىمە دەپ قۇربان قىلىمەن ؟ ئۇ مىنىڭ يۇرەك پارەم خەق نىمە دىسە مەيلى . مەن ئۇنى تۇغىمەن . قانچىلىك جاپا تارتسام مەيلى ئۇنى چوقۇم بىقىپ چوڭ قىلىمەن دىگەن تۇيغۇ بىلەن دوختۇرخانا كارىدۇرغا چىققاندىن كىين بىنادىن چۇشۇپ كوچىغا چىقتى بىنانىڭ ئالدىغا چىقىپ تاكسىدىن بىرنى توسۇپ ئۇدۇل ئۆيگىلا كەتتى . ئۆيگە بارغاندىن كىين كارۋاتتا سۇنايلىنىپ يىتىپ ئانىسى ياتقان كارۋاتنى كۇرۇپ ئاندىن ئاتا – ئانسنى ئىسگە ئىلىپ بىردىنلا يەنە بىئارام بۇلۇشقا باشلىدى . ئۇ ھەممىنى ئۇنتۇپ بىر دەم ئۇخلىماقچى بولغان بولسىمۇ لىكىن ئۆستىدىكى قەۋەتكە چىققان ئادەملەرنىڭ ئاياغ تىۋىشىلىرى خۇددى ئانسنىڭ قەدىمدەك تۇيۇلۇپ ئۇخلىيالمىدى . ئۇ بۇ بالىنى تۇغۇش قارارىغا كەلگەنلگىنى ئانىسغا ئىيتسا ئانا نىمە دەر ؟ دادىسى بىلسچۇ ؟ ياق ياق . بولمايدۇ . ئاتا ئانىسى دادىسى ئىنىق ئەمەس بىر بالىنى تۇغۇشقا يول قويمىغاندىن سىرىت بۇنداق نۇمۇسسز . ئىپلاس بىر قىزنى باققانلىغى ئۇچۇن ئۇنىڭدىن چوقۇم كىچىدۇ . ئۇ بۇ خىياللارنى قىلىپ ئاخىرىغچە ئويلاشقا پىتىنالماي ئۆيدە تۇرماسلىق قارارىغا كەلدى . ھىچ بولمسا ئانام مىنىڭ ھاراق ئىچىدىغانلىغىمنى بىلدى . شۇڭا ئۇنىڭغا دەردىمنى بىلىندۇرمەسلىك ئۇچۇن بولسىمۇ چىقىپ كىتەي دىگەن بىر خىيال كەلدى . ئۇ سائەتكە قاراپ ئانسنىڭ كىلىدىغان ۋاختىنىڭ بولمىغانلىغىنى ھىس قىلىپ يەنە كارۋاتقا كىلىپ ئولتۇردى . قوسىغىدىكى جاننى قۇربان قىلىشقا نىمىشقا كۆڭلى ئۇنىمىغانلىغى ھەققىدىمۇ بىر ئىشلارنى ئويلاشنى خالىمايتتى. بوۋاي ئۇخلاپ ئويغۇنۇپ كارۋاتنىڭ بىشىدا ئۇگدەپ ئولتۇرغان ئايالنى پۇتى بىلەن ئىتتىرىپ قوپە ئۆرە تۇرۇپ ئۇخلىماي . قورساق ئاچتى دەپ كاكىرىدى.
ئانا ئۇنىڭ ئەڭ چىرايلىق بۇ گىپىنى ئاڭلاپ يەنە كۇلۇپ كەتكەنچە كۆزىنى ئىچىۋىتىپ شەھەر ياراشقىلى تۇردى سىزگە دىدى ئۇ ئاچچىغى كىلىشنىڭ ئورنىغا كۈلۈمسرەپ قۇرۇپ كەتكۇر جادۇگەر . ساق بولغان بولسام مۇشۇ تاپتا كۆلگەن يۇزۇڭنى ھازىرلا دىدى بوۋاي ئاچچىغىدا گىپىنىڭ ئاخىرىنى يۇتىۋىتىپ موماي ياش قىزلاردەك چاققانلىق بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ پەسكە چۇشۇپ بىنانىڭ ئالدىدىكى چۇچۇرخانىغا كىردى . بوۋاي چۆچۆرىگە ئامراق ئىدى . ئۇ چۆچۇرنى بۇيرۇتۇپ ئولتۇرغاندىن كىين ئاشخانىنىڭ سەل ئىچكىرىسدە ئولتۇرۇپ مۇڭدىشۋاتقان بىر جۇپ ئەر ئايالنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ قالدى.
داۋامى بار
داۋامىنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى كۆرسىتىلگەن رەسىمنى چىكىپ ئەپچىمىزدىن ئالدىن ئاڭلىسىڭىز بولىدۇ ئەپچىمىزگە تولۇق يوللاندى
بۇ پوۋېستنىڭ ئاۋازلىقىنى تولۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى

ساياھەت قىلشىنى ياخشى كۆرەمسىز ؟ ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟ ئۇنداق بولسا شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ،
ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ، يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ، شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى ئېچىلدى . ساياھەت شىركىتىمىز يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ ، تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ .
ئالاقىلاشقۇچى : ئايبەر
ئالاقىلىشىش تېلىفون ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى : 19999706319










سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە :
سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )
ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ