
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! تۆۋەندە يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي قەلمىدە پۈتكەن ( جۇدالىق سىرى ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !

بۇ ئەسەرنىڭ 48 - قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمىلىرىنى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 33 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
||
ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى . جەمئى 54 قىسىم
ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ، رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت .
( جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن تۇلۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
………
…………
جۇدالىق سىرى
(رومان)
47-قىسىم
ئىبراھىمنى كۆمۈپ قويغاندىن كېيىن تۆرەم بىلەن ھەسەلخېنىم بىراقلا مۈكچىيىپ قالدى. تۆت يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتنىڭ ئىچىدىلا كەينى-كەينىدىن ئۈچ پەرزەنتىنى ئۇزىتىپ قويۇش ئۇلارنى ئوبدانلا ھالسىرىتىپ قويدى. ئىللىق قۇياش ئېتىز-ئېرىق، ئۆي-جايلارغا نۇر چېچىپ، پۈتكۈل تاغ قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ قەلبىنى زىمىستان قىش قاپلىغان ئىدى.
رەشىدكە كەلسەك، ئۇ يەنىلا ئىلگىرىكى تىجارىتى بىلەن ئالدىراش ئىدى. خۇددى مەجبۇرى سوقىغا قېتىلغان بىچارە كالىدەك، ئۆزى بىر چاغلاردا جان كۆيدۈرۈپ تىكلىگەن ئىگىلىكنىڭ غېمىدە يۈرەتتى. شۇنداق قىلمايمۇ ئامالى يوق. ئۇنىڭ مۇشۇ تىجارەتتىن باشقا يېقىنلاشقۇدەك ھېچنېمىسى قالمىغان ئىدى.ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇنىڭ،تۇنجى ئايالى ئارزۇغا بولغان ئەسلىمىلىرى سۇسلاشتى.ئەسلىمە دېگەن شۇنداق بولىدۇ.ھەرقانچە چوڭقۇر مۇھەببەتلىك ئەسلىمە بولسىمۇ،ۋاقىت ئۇنى ئۇپرىتىپ تۈگۈتۇ.خۇددى يۈرەكتىكى،داۋاسىز دەپ قارىلىدىغان ئېغىر جاراھەتلەرنىڭ پۈتۈشىگىمۇ،تىۋىشسىز ۋە شەكىلسىز بىر جەريان بولغىنىغا ئوخشاش،ھەرگىز ئۇنتۇيالمايمەن،مەڭگۈ مۇشۇنداق بولىدۇ، دەپ قارىغان نۇرغۇن ئىشلار،نۇرغۇن ۋەقە ھادىسىلەرمۇ ۋاقىت تەرپىدىن ئاستا ئاستا ئۇنتۇلىدۇ.رەشىدكە نىسبەتەن،ئارزۇنىڭ،ھۆرمەتكە سازاۋەر،گۈزەل سىيماسى بارا بارا غايىۋى ئوبرازغا ئايلاندى.رەشىدنىڭ،ئۇنى قاتتىق سېغىنىشلىرى مانا مۇشۇنداق بېسىلدى.ئەمما سەلىمەگە بولغان ئوي-پىكىرلىرى بىر خىل سۈكۈت قىلشقا ئايلاندى.ئۇنىڭ قىز ئاياللارغا بولغان قىزغىنلىقى پۈتۈنلەي ئۆچتى.ئۆلۈك سۇدەك قايتا بۇژغۇنلىمىدى.
ئوخشاشلا، ئۇنىڭ تۆمۈر تايغا بارغۇسى كەلمەيتتى.تۆمۈر تاي ئۇنىڭغا ھەسرەتلىك بىر ھېكايىنى شىۋىرلاپ تۇرۇۋاتقاندەك، كىمدۇر بىرى «سەلىمە... سەلىمە...» دەپ پىچىرلاپ تۇرۇۋاتقاندەك بىئارام بولاتتى. خۇددى بۇ يەرگە خاتا كېلىپ قالغاندەك، كىشىلەر ئۇنى قولى بىلەن چىنەپ: «سەلىمەنىڭ ئۇۋالىنى تارتىۋاتقان بەگ مۇشۇ شۇ...» دەۋاتقاندەك،پۈتۈن سۈرۈك تاغ، قارىغاي، ئارچىلار، ھەر بىر كوچا- دوقمۇشلار، ھەتتا ئادەملەرمۇ ئۇنىڭغا بىر خىل سوغوق ھەم يات نەزەردە قاراۋاتقاندەك بىلىنەتتى. شۇڭا ئۇ تۆمۈر تايغا ئاساسەن بارمايتتى، بارسىمۇ كىشىلەرنىڭ كۆزىگە كۆرۈنۈشتىن قورققاندەك تېزلا قايتىپ كېلەتتى.
بۇ كۈنگە كەلگەندە،ئۇنىڭ قارام، كەسكىن مىجەزى پۈتۈنلەي ئۆزگەردى. خۇددى ھارغىن بەدەنگە ئۇيقۇ ياماشقاندەك،ئۇنىڭ ئەقلىگە بارا-بارا بىر خىل بىخۇتلۇق چىرمىشىۋاتاتتى. ئۇ جۇدالىق، پۇشايمان كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ كۆڭۈلسىزلىكلەردىن بىر كۈن بولسىمۇ قۇتۇلۇش، يىراقراق تۇرۇش، تارىدەك چىڭىپ كەتكەن ئەسەبلىرىنى ئاز-تولا ئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن خېلى ئىشلارغىمۇ پەرۋاسىز قارايدىغان، بەك زىغىرلاپ كەتمەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. ھەتتا پات-پات شەھەردىكى مەلۇم كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا ئىشتىراك قىلاتتى، سورۇندىكى قىزلارغا ئىلگىرىكىدەك نەپرەت بىلەن ئەمەس، بىر خىل ئىچ ئاغرىتىش بىلەن قارايتتى.
بۈگۈنمۇ شۇنداق بولدى،ئاغىينىسىنىڭ،يىراقتىن كەلگەن بىر ئاغىينىسىنى،دەپ،ئالىي دەرىجىلىك بىر رېستۇراننىڭ ئايرىمخانىسىغا كىرىپ ئورۇنلاشتى.ھاراق سورۇنىدىكى قىزغىن كەيپىيات،ئاق قىزىل ھاراقنىڭ نۆۋەتلىشىشى،قەدەھ تۇتۇپ،كۆڭۈل ئىزھار قىلىشلارنىڭ دەستىدىىن ئۇ ئۆزىمۇ تۇيمايلا جىق ئىچىۋەتتى.
ــ ساھىبجامال بىر نەچچە قىزنى باشلاپ ھازىرلا كېلىدۇ، ـــ دېدى تۇرسۇن ئىسىملىك بىرى رەشىد بىلەن مېھمانغا قاراپ كۆزىنى قىسىپ.قالغانلار،چاق چاق قىلىشقا باشلىدى.
ــ ھە... روشەننىمۇ چاقىر...
ــ پەزىلەتچۇ؟
ــ بۇنچە جىق قىزلارنى،نېمە قىلىسەن؟ قۇچىقىڭغا پاتقۇدەك ئىشنى قىلمامسەن،دەيمەن؟ ئورۇقلىقىغا باقماي،بۇنىڭ نەپسىنىڭ يوغانلىقىنى قارا ...
ــ نەپسىنى يوغان قىلىپ،ئورۇقلاپ شۈمەكتەك بولۇپ كەتكەن نېمە بۇ!.. ھا ھا ھا...
سورۇندىكىلەر شۇنداق كۈلۈشمەك قىلىپ ئولتۇرغاندا،دېگەنكىدەك، سۈرەتتەك چىرايلىق بىر نەچچە قىز ئايرىمخانىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ، خۇددى ئۆز ئۆيىگە كىرىۋاتقاندەك، ھېچ بىر تۈزۈتسىزلا شىرەنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالدى. قىقاس-چۇقان ئەۋجىگە چىقتى، ئەرلەرنىڭ جاسارىتىنى ئۇرغۇتىدىغان ئالىي دەرىجىلىك ھاراقلارمۇ، كۆڭلىنى ئۇتىدىغان قىزلارمۇ تەق بولغاچقا، سورۇن ئەھلى بىردىنلا جانلىنىپ كەتتى، رومكىلارغا تولدۇرۇپ ھاراق قۇيۇلدى.
رەشىد شۇ كۈنلەردە ھاراقنى ياق دېمەيلا ئىچىدىغان بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئىلگىرى سورۇننىڭ يۈز خاتىرسى ئۈچۈنلا زورلاپ ئىچىدىغان رەشىد،قېرىنداشلىرى بىر-بىرلەپ تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن،بەكلا ئىچىدىغان، ئىچسىلا يىغلاپ-يىغلاپ ئۇخلاپ قالىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى.
بۈگۈنمۇ شۇنداق بولدى، ئۇ رەشىدە..! رەشىدە! ئاكا... جان كۆيەر ئاكا... دەپ يىغلاپ، ئاللىكىملەرنى تىللاپ چىقتى. ئاندىن دوستلىرى تەرىپىدىن مېھمانخانىغا ياتقۇزۇپ قويۇلدى. پەقەت ھېچنېمىنى تۇيمىغۇدەك ئىچىپ، خاتىرسى پۈتۈنلەي زەئىپلەشكەندىلا، ئۇ بىر ئاز پۇخادىن چىققاندەك بولاتتى...
تاڭ ئېتىپ كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگەندىن كېيىن رەشىد ئۇيقۇسىنى ئېچىپ، سائەتنىڭ خېلى بىر يەرگە بارغانلىقىنى بىلدى. دەرھال ئورنىدىن تۇرماقچى بولۇپ يېنىغا ئۆرۈلىۋىدى، يېنىدىلا ياتقان بىر قىزنى كۆردى. رەشىد چۆچۈپ كەتتى، ھەر قانداق ئەھۋالدىمۇ ئۇ ھازىرغىچە بىرەر قىز بىلەن مۇنداق خۇدىنى بىلمىگەن ئەھۋالدا بىللە بولۇپ باقمىغان ئىدى. بۇ قانداق ئىش؟ رەشىد ھېچمنېمىنى ئۇقماي ياتقان قىزنى ئويغىتىپ يۈرمەيلا، تۇرسۇنغا تېلېفون قىلدى:
ــ بۇ يەردە ياتقان كىم بۇ؟ــ دېدى ئۇ زەردە بىلەن.
ــ ئۇ قىز پەزىلەتنىڭ دوستىكەن... سىز ئۇنى ئاخشام سەلىمە... دەپ زادىلا قويۇپ بەرمىدىڭىز... شۇڭا ئامال يوق يېنىڭىزغا كىرگۈزىۋاتقان ئىدۇق...ـــ تۇرسۇن رەشىدنىڭ مىجەزىنى بىلەتتى. ئەزەلدىن قالايمىقان قىزلارنى ئۆزىگە يېقىن كەلتۈرمەيدىغان خۇيىنى بىلەتتى.
ــ نېمە دەپ يۈرىسەن ھوي؟ سەلىمە؟...
ــ شۇنداق خوجايىن، سىز سەلىمە.. سەلىمە... مېنىڭ خوتۇنۇم... دەپ ئۇنى زادىلا قويۇپ بەرمىدىڭىز...
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ
ــ ماڭغىنا ساراڭ...
ئۆزىنىڭ سەلىمەنى چاقىرغىنىغا، ئۇنى يەنە خوتۇنۇم دەپ توۋلىغىنىغا ھېچ ئىشەنگۈسى كەلمىگەندەك رەشىدنىڭ ئۆز ئۆزىگە ھەم ئاچچىقى كەلدى ھەم ھەيران بولدى. سەلىمەنىڭ ئايانچلىق بىچارە تۇرقى، مۇڭلۇق قاراشلىرى، كۆزلىرىدىكى ھېلىقى كۆيدۈرگۈچ نۇر... ئۇنىڭغا يەنە كۆرۈندى.ئۇ مۇنۇ قىزنىڭ سەلىمەگە ئوخشايدىغان بىر يېرى بارمىدۇ، دېگەندەك چۈشىنىكسىز بىر تۇيغۇدا قىزغا لەپپىدە قارىدى.
ئاڭغىچە ھېلىقى قىز ئۇيقۇلۇق كۆزلىرىنى ئۇۋۇلاپ، ئورنىدىن تۇردى، كىيىملىرى پۈتۈن ئىدى. قارىغاندا ھېچ ئىش يۈز بەرمىگەندەك كۆرۈنەتتى.
ــ مەن چىقىپ كېتەي... ئارىمىزدا ھېچ ئىشنىڭ بولغىنى يوق، خاتىرجەم بولۇڭ...ـــ دېدى قىز ھېچبىر قورۇنۇپ ئولتۇرماستىن. ئۇنىڭ ساپسېرىق بۈدرە چاچلىرى بىلەن زەڭگەر كۆزلىرى خېلىلا چىرايلىق ئىدى.
ــ ئاخشام سىزنى بىرسىگە ئوخشىتىپ خېلىلا ئاۋارە قىلغان ئوخشايمەن، مېنى كەچۈرۈڭ، ناۋادا خاتا چۈشىنىپ قالمىسىڭىز، تاماق يەپ كېتىڭ،ـــ رەشىد قىزنىڭ دەرھال چىقىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىپ تۇرسىمۇ، تەكەللۇپ يۈزىسىدىن شۇنداق دېدى.
ــ ئەمما مەندىن بىزار بولۇپ تۇرغاندەكلا كۆرۈنىسىز،ـــ قىز شۇنداق دەپ ئەركىلىگەن پېتى مۇلايىم مۈشۈكتەك رەشىدكە سۈركەلدى. ئۇنىڭ يۇمشاق لەۋلىرى رەشىدنىڭ بوينىغا، ئىڭەكلىرىگە تەگدى... سۆيۈلۈشنىڭ جانغا ئارام بېرىدىغان كەيپىدىن رەشىدتە ناھايىتى يەڭگىل، ئازادە بىر تۇيغۇ بۇلاق سۈيىدەك ئوخچۇپ، كىملەرنىدۇر سېغىنىشنىڭ تاتلىق خۇمارى ئۇنى قورشاۋغا ئالدى.
ــ بىر رۇمكىدىن ئىچىپ قويامدۇق؟... بېشىم ئاغرىپ تۇرۇۋاتىدۇ،ــ دېدى ئۇ ئۆزىنى قىزدىن قاچۇرۇپ.
ــ مەيلى، بىر رومكا ئەمەس، ئۈچ رومكا ئىچەيلى.
ــ بولىدۇ... توختاڭ، مەن مۇلازىمغا دەپ ناشتىلىق كەلتۈرەي.
ئۇلار شۇ ھالدا يەنە خېلىغىچە تاغدىن-باغدىن پاراڭلىشىپ ئولتۇردى، قىزنىڭ ئىسمى ئادىلە ئىكەن،رەشد ئاخشام دوستلىرى بىلەن ئولتۇرغان رېستۇراندا كۈتكۈچى بولۇپ ئىشلەيدىكەن.
ــ بۇنداق ئەرلەر بار سورۇننى ھار ئالمامدىكەنسىز، ئادىلە؟ـــ رەشىد پۇرسەت بولسىلا مۇشۇنداق قىزلارنى گەپكە سېلىپ باقاتتى، سوئالنى ئۇدۇللا سورايتتى.
ــ ياق، مەن ھەتتا ئەرلەر بىلەن بىللە بولساممۇ ھار ئالمايمەن، ھار ئالغۇدەك ئىشلار... ئۆتۈپ كەتكەن...
قىز شۇنداق دېگىنىچە تېخىمۇ يېقىن سىلجىپ، رەشىدنىڭ بەدىنىگە چاپلاشتى. ئۇنىڭ يۇمشاق، بۇدرۇق، ئىسسىق تېنى دەسلەپ رەشىدنىڭ بىلەك ۋە مۈرىلىرىگە تەگكەن چاغدا، ئۇ خۇددى ئاتەشكە ئوخشاش بىر نەرسىگە يېقىنلاشقاندەك تاتلىق، لەززەتلىك بىر سېزىمدىن ئېرىپ كەتكەن ئىدى. ئەمما شۇ تاپتا قىزنىڭ تولغان كۆكسى، رەشىدنىڭ كالتە يەڭ كۆڭلەكلىك بىلەكلىرىگە خېلى ئۇزاق سۈركەلگەندىمۇ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ھېچقانداق ھارارەت پەيدا قىلمىدى.
ــ دەپ بېقىڭە؟ قىزلار ئۈچۈن بىر ئەركىشىنىڭ ئويۇنچۇقى بولۇشتىنمۇ ئېغىر ئازاب بارمۇ؟ ـــ دېدى ئۇ قىزغا يىرگەنگەندەك قاراپ.
ــ خالاپ ئويۇنچۇق بولۇش بىلەن خالىماي ئويۇنچۇق بولۇشنىڭ پەرقى بار. مەن خالاپ ئويۇنچۇق بولغاچقا، بۇ ئىشلار ماڭا ئېغىر كەلمەيدۇ، يەنە كېلىپ مەن ئۆزۈمنى ئويۇنچۇق بولدۇم دېمەيمەن، مېنىڭ مەقسىتىم باشقا.
ــ نېمە مەقسەت؟...
ــ مەن توي قىلغان...
ــ ئېرىڭىز بارمۇ تېخى؟ ئېرىڭىز بار تۇرۇپ، مۇشۇ يەرگە كېلىپ يۈرەمسىز؟...
ــ ھازىر يوق... بىز ئاجرىشىپ كەتكەن، پەقەت بىر ئاخشاملا ئۆي تۇتۇپ ئاجرىشىپ كەتتۇق.
ــ بىر ئاخشاملا؟.. بۇ قانداق گەپ؟
ــ ھېچقانداق گەپ ئەمەس... مەن قىز چىقمىدىم شۇ...
ــ ...
رەشىد گەپ قىلمىدى، كاللىسىغا ئۆزىنىڭمۇ بەش يىل بۇرۇن سەلىمە بىلەن بىر ئاخشاملا ئەر-خۇتۇن بولغان ئاشۇ كۆڭۈلسىز تويى كەلدى.
ــ گەپ قىلمايسىزغۇ؟ ــ قىز مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن رەشىدكە قاراپ پىسىڭڭىدە كۈلدى.
ـــ يەنە گەپ قىلىش كېتەمدۇ؟ قىز چىقمىغان خوتۇننى ساقلاپ يۈرىدىغان ئەركەكلەرنى ئەركەك دېگىلى بولمايدۇ. تويدىن بۇرۇنلا ئېرىگە ساداقەتسىزلىك قىلغان ئايالنىڭ تويدىن كېيىنكى ساداقىتىگە ئىشىنىش مۇمكىنمۇ؟ــ دېدى رەشىد مەسخىرە بىلەن ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ.
ئۇ قىزغا باشقىدىنلا قاراپ كەتتى. قىزنىڭ چاچلىرى ساپسېرىق، قاپاقلىرى ۋە كىرپىكلىرى كۆپكۆك رەڭ بىلەن بويالغان، شۇ تاپتا بەدىنى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان نېپىز، قىممەت باھالىق كىيىملەرنى كىيىپ، زادىلا ھېيىقىش يوق، پۇتلىرىنى ئالماپ، يانفونىنى ئويناپ ئولتۇراتتى. ئۇنى بىر چاغلاردا ساددا، يېقىشلىق قىز ئىدى، دېسە، ھېچكىمنىڭمۇ ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى. «بۇنداق قىزلاردا پاكلىق نېمە قىلسۇن؟ ئۇنىڭ خۇلق-مىجەزىدە ھېچقانداق ساددىلىق، ھېچقانداق پاكلىق ھەم نازاكەت يوق...» دەپ ئويلىدى رەشىد بىر خىل كۆڭۈل غەشلىكى بىلەن.
ــ شۇنداق، سىزنىڭ دېگىنىڭىزگە قوشۇلىمەن، ساداقەتسىزلىك قىلغان قىزلار ئېرى تەرىپىدىن قانداق جازالانسىمۇ ھەق، ئەمما ساداقەىتسىزلىك قىلمىغان قىزلارچۇ؟ ئۇلار ناھەقلا ساداقەتسىزلىك قىلغانغا، بۇلغانغان مەينەتكە چىقىپ كەتسىچۇ؟ــ بىر ھەسرەتتىن قىزنىڭ ئاۋازىمۇ تىترەپ كەتتى.
ــ ساداقەتسىزلىك قىلمىغان قىزلارنى مەڭگۈ قەدىرلەش، مەڭگۈ ئاسراش كېرەك... ساداقەت بىلەن ساداقەتسىزلىكنىڭ چېگرىسى توي بولغان كۈندە مانا مەن دەپ ئېنىقلا ئايرىلىدۇ، بۇنىڭغا گەپ كەتمەيدۇ.
ــ بىراق ئايرىلمايدىغان تويمۇ بولىدىكەن، مەن ئېرىم بىلەن بىر-بىرىمىزنى ياخشى كۆرۈشۈپ توي قىلغان، تويدىن بۇرۇن مەن ھېچقانداق ئەركەك زاتى بىلەن قول تۇتۇشۇپ باققانمۇ ئەمەسمەن، ئەمما مەن توي كېچىسى قىز چىقمىدىم.
ــ يالغان ئېيتماڭ!... سىز ھېچكىمنىڭ قولىنىڭ ئۇچىنى تۇتمىغان بولسىڭىز، ئەلۋەتتە قىز چىقىسىز!ـــ رەشىد ئىختىيارسىز چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ، قولىدىكى ھاراقنى بىراقلا كۆتۈرۈۋەتتى.
ــ سىزنى ئالداپ نېمە قىلاتتىم؟ سىزگە تېگىش، سىزدىن بىر نەرسە ئۈندۈرىۋېلىش خىيالىم ئەسلا يوق! ئەمما مەن راستلا قىز چىقمىدىم... مېنى سەن بۇزۇقكەنسەن دەپ، ئېرىم ھار ئېلىپ،ئىككى كۈنمۇ ساقلىماي،ئۆيۈمگە قوغلىۋەتتى.ئۇنىڭغا يىغلاپمۇ، چۈشەندۈرۈپمۇ ئۇقتۇرالمىدىم.بۇنىسى ئاز كەلگەندەك،توي بولغان كۈننىڭ ئەتىسى،قېينىئانام داستىخاننىڭ چوڭىنى چىگىپ، مېنى،ئانامنىڭ ئالدىغا ئەچىقىپ بەردى... شۇ كۈننى ئويلىسام ھازىرمۇ نومۇستىن يۈزلىرىم تارتىشىپ كېتىدۇ. دادام، ئانام... مېنى دەپ كەلگەن ئۇرۇق- تۇغقانلىرىم... ھەممىسىنىڭ يۈزىنى تۆكتۈم. ئاكام شۇ ئاچچىقىدا ئۆزىنى كاچاتلىغان، دادام ھۇشىدىن كەتكەن... مەن يۇرتۇمدا تۇرالمىدىم، تۇرغۇدەكمۇ يۈزۈم قالمىدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ يەرگە يېنىپ چىقتىم... كېيىن بىز ئاجرىشىپ كەتتۇق...ــ قىزنىڭ كۆزلىرى لىققىدە ياشقا تولغان ئىدى،ـــ مەن ئۆزۈمنىڭ نېمىشقا قىز چىقمىغانلىقىمنى ھازىرغىچە بىلمەيمەن، دوختۇرخانىغىمۇ باردىم، ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق پەرەزلىرى باركەن... بىلەمسىز؟ تا شۇ كەمگىچە قىزلىقىمنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىدىم...
داۋامى بار .......

ساياھەت قىلشىنى ياخشى كۆرەمسىز ؟ ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟ ئۇنداق بولسا شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ،
ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ، يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ، شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى ئېچىلدى . ساياھەت شىركىتىمىز يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ ، تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ .
ئالاقىلاشقۇچى : ئايبەر
ئالاقىلىشىش تېلىفون ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى : 19999706319










سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە :
سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )
ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ



