大数跨境

جۇدالىق سىرى (رومان ) 48ـ قىسىم

جۇدالىق سىرى (رومان ) 48ـ قىسىم aybarawazi
2022-11-04
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

  سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر !  تۆۋەندە  يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي قەلمىدە  پۈتكەن ( جۇدالىق سىرى ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 49 - قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ




ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمىلىرىنى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ 

    

1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47





 ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى . جەمئى 54 قىسىم 

ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ،  رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ  كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە  ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت . 





 (  جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن تۇلۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 


جۇدالىق سىرى


(رومان)



48-قىسىم



رەشىدنىڭ يۈرىكى خۇددى ئۆتكۈر تىغ ئۇرۇلغاندەك قارتتىدە قىلىپ كەتتى. ئۇ ئىلگىرى ئۆزىدە ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ئازابلىق روھىي زەربىنى ھېس قىلدى، بۇ زەربىلەر شۇ تاپتا ئۇنىڭ باغرىنى ئېزىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا يۈرىكىگە قورقۇنچ سېلىپ تۇراتتى...

ــ مۇمكىنمۇ؟ شۇنداق بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ ـ دېدى ئۇ ئىشەنچسىزلىك بىلەن. 

ــ مەنمۇ، نۇرغۇن كىشىلەرمۇ بۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، دەپ قارايدىكەن، ئەمما بەزى قىزلاردا شۇنداق ئىش بولىدىكەن، خۇددى ماڭا ئوخشاش. مەن قىز چىقمىغانلىقىم سەۋەبلىك مەڭگۈلۈك قارىلىنىپ، پۈتكۈل بەختىمدىن ئايرىلىپ قالدىم...

رەشىدنىڭ كاللىسى ئايلىنىپلا كەتتى. دېمەك، ئۇ گۇناھسىز بىر قىزنى، ئۆزىدىن ئەپۇ قىلىشنى، ئۆزىنى چۈشىشنى مىڭلارچە تەمە قىلىپ تۇرغان بىر پاك قىزنى ئۆمۈرلۈك بەختسىزلىككە مۇپتىلا قىلغان ئىدى.

ــ مەنمۇ ئايالىمنى قىز چىقمىغاچقىلا،توينىڭ ئەتىسى ھەيدىۋەتكەن ئىدىم...ــ ئۇ تىلى كالۋالاشقان ھالدا يۈرىكىنى كۆيدۈرۈپ تۇرىدىغان بۇ سەۋەنلىكىنى تۇنجى قېتىم ئېغىزىغا ئالدى. سەلىمە يوقىغان ئاشۇ كۈندىن باشلاپ تاكى بۈگۈنگىچە ئۇ، سەلىمەنى ئالاھىدە سەۋەب بىلەن تىلغا ئېلىپ قالمىسا، يات كىشىلەرنىڭ ئالدىدا بىر قېتىممۇ تىلغا ئېلىپ باقمايتتى.

ــ نېمە؟ سىزنىڭ بېشىڭىزدىمۇ شۇ ئىش ئۆتكەنمىدى؟ 

ــ شۇنداق... ــ رەشىد سەۋەبىنى ئۆزىمۇ بىلمىگەن ئاجايىپ قاتتىق سىقىلىش ئىلكىدە ئۆزىنىڭ توي جەريانىنى سۆزلەپ بەردى. سەلىمەنىڭ ئۆزىگە يېلىنىپ-يالۋۇرغانلىرىنى دەۋاتقاندا، نېمىشقىدۇر كۆزلىرىگە مۆللىدە ياش كەلدى.

ــ مەغرۇرلۇقتا بېشىڭىز ئايلىنىپ كېتىپتۇ، بەگ. توغرا، سىز باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرىسىز، لېكىن سىزدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلارمۇ بار... ئەرلەر ئۆزىنى بەكلا قالتىس دەپ ئويلايدۇ، قالتىسلىقىغا ئېلىپ بىر قىزنى قاراپ تۇرۇپ ئوتقا تاشلىۋېتىدۇ.

ــ مەن ئۈچۈن ئۇ ھازىرمۇ پاك ئەمەس، مەن ئۇنىڭغا ئىشەنمەيمەن،ــ رەشىد ھەدەپ خاتالىقنى سەلىمەگە ئارتىپ ئۆزىنىڭ سەۋەنلىكىنى ياپماقچى بولدى.

ــ باھانە تېپىۋاتىسىز، شۇ چاغدىكى قىلغان-ئەتكەن خاتالىقىڭىزغا  پۇيشايمان قىلىپ تۇرسىڭىزمۇ، بوينىڭىزغا ئېلىشنى خالىمايۋاتىسىز ياكى ئۆزىڭىزنى قاچۇرۇۋاتىسىز. پەقەت ئەقىلسىز ئادەملەرلا يامانلىقنى قىلىپ بولۇپ: «ئۇ ئۇنداق قىلمىغان بولسا مەنمۇ مۇنداق قىلمايتتىم» دەپ باھانە تاپىدۇ، خاتالىقىنى تونۇشقا ئەمەس، يېپىشقا كۈچەيدۇ.

ــ بۇنداق دېسىڭىز ئادىل بولمايدۇ، مەن ئەزەلدىنلا قىلغان-ئەتكەنلىرىمگە ئىگە بولۇپ كەلگەن ئەركەك، ھېچقاچان رېئاللىقتىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ باققان ئەمەسمەن!

ــ بەلكىم شۇنداقتۇ؟ ئەمما بۇندىن كېيىنچۇ؟ مۇشۇ سۆزۈمنى ئاڭلىغاندىن كېيىنمۇ رېئاللىققا تىك قاراپ، ئايالىڭىزنىڭ ئالدىغا بارالامسىز؟ ياقكەن-دە؟ ۋاي ئەخمەق...

ــ شۇنداق، مەن ئۇنى تاشلىۋەتتىم... ئۇ ھازىر بىر يىراق سەھرادا... ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىشنى ئويلىدىم، ئەمما زادىلا نېسىپ بولمايۋاتىدۇ... مەن ئۇنى كۆرۈشنى خالىمىدىم، ئۇمۇ مېنى ئىزدەپ كەلمىدى...

ــ ئەمىسە سىلەر تېخى قانۇنلۇق ئەر-ئايال ئىكەنسىلەر-دە؟! ئايالىڭىزنى ئۆزىڭىزمۇ بىلمەيدىغان چەت سەھراغا تاشلىۋېتىپ، ئۇنىڭ ھېچنېمىسى بىلەن كارىڭىز يوق يۈرىۋاتامسىز؟  شۇنى بىلىڭ، بەگ، ئاشنىڭىزنى تاشلىۋەتسىڭىز بولىدۇ، ئەمما خوتۇنىڭىزنى تاشلىۋەتسىڭىز، بۇ تولىمۇ قاملاشمىغان ئىش. ..

ــ ئەمما بىز... شۇ چاغدىلا تۈگەشكەن.

ــ سىزمۇ مېنىڭ ئېرىمدەك نوچىلىقىڭىزغا ئېلىپ ئۇنى ھازىرغىچە كەچۈرمەيمەن،دەپ،تۇرۋاتامسىز؟

ــ ياق،ئۇنداققۇ ئەمەس،ئەمما بارغۇم كەلمىدى،شۇ،ــ دېدى ئۇ ئىختىيارسىز قىزىرىپ.

ــ تېخىغىچە ئالدىغا بارالمايۋاتقان بولسىڭىز،ھەم ئۇنىڭ خېتىنىمۇ بېرەلمەي يۈرىۋاتقان بولسىڭىز،سۆزسىزكى،سىز بارچە خاتالىقنىڭ  ئۆزىڭىزدە ئىكەنلىكىنى بىلىدىكەنسىز،پەقەت شۇ نومۇس كۈچىدىن ياكى قۇرۇق ئابرۇيغا ئالدىنىپ بارالمايۋېتىپسىز...

__ بۇنداق دېسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ئۇ،ماڭا قارا بولمىسا،شۇنداق قىلىمەنمۇ؟

__ نېمىلا دېگەن بىلەن،ئۇنىڭ ساداقىتىنى سىنايدىغانغا سىزدە يەنە پۇرسەت باركەن جۇمۇ. مەسىلەن،ئۇ،تېگىدىن بىر ساداقەتسىز، بۇزۇق قىز بولسا،ھازىر تۇرىۋاتقان يېرىدىمۇ،بۇزۇقلىقىنى قىلىدۇ. ئەگەر ئۇ پاك ئۆتكەن بىر قىز بولسا،بۇنىڭغا گەپ كەتمەيدۇ،شۇنداقمۇ؟...

__ بەلكىم...

قىپقىزىل ۋىنو ھەر ئىككەيلەننىڭ بەدىنىدە بىر خىل يېقىملىق ھارارەت دولقۇنىنى پەيدا قىلغانىدى. قىز ئورنىدىن تۇرۇپ دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ سۆزىنى داۋام قىلدى: 

ــ ئەمما مەن يامان يولغا كىرىپ قالدىم، باشتا ئېرىمنىڭ كالتە پەملىكىگىلا قېيىداپ مۇشۇنداق سورۇنلارغا كىرىپ كۆڭلۈمنى خۇش قىلىپ يۈردۈم. كۆڭۈل ئاغرىقىمغا ئەرلەردىن تاپقان پۇللاردىن شىپالىق تاپتىم. ئەمما ئېرىمگە چۈشەنچە بېرىدىغان پۇرسەتنى يەنە كەتكۈزۈپ قويدۇم. ئېرىم پۇشايمانمۇ قىپتۇ، مېنى ئىزدىمەكچىمۇ بوپتۇ، ھەم مەن تۇرۇۋاتقان ياتاققىمۇ كەپتۇ. بىراق مەن ئەخمەق ئۇ كۈنى بىر ئوينىشىمنى باشلاپ تانسىخانىدا يۈرۈپتىمەن، ئۇ ھەممىنى كۆرۈپتۇ... شۇنىڭ بىلەن،ئۇنىڭ قولىدا، مېنىڭ تويدىن بۇرۇنقى بۇزۇقلىقىمغا يېتەرلىك دەلىل ئىسپات بار بوپتۇ.. ئېرىم،ھازىر توي قىلىپ بولدى، بىر بالىسىمۇ بار... زىياننى مەن تارتتىم. چۈشەندۈرۈپ قويغۇدەك، ئۇنى مەڭگۈلۈك دەردتە قويغۇدەك پاك ئولتۇرالمىدىم... شۇڭا مەن ئۈچۈن ئەمدى ھەممە نېمە بەرىبىر...

ــ ئۇنداق دېمەڭ، سىز تېخى ياش،ئۈمىدسىزلەنمەڭ

ــ سىزنىڭ ئايالىڭىزنىڭ ئىسمى سەلىمەكەن-ھە؟...ــ دېدى قىز بىر ھازا جىمىپ كەتكەندىن كېيىن.

ــ شۇنداق... سىز قانداق بىلدىڭىز؟...

ــ بايا دېدىمغۇ؟ئەمىليەتتە، سىز ئۇنى ياخشى كۆرىدىكەنسىز... ھېچقاچان ئۇنتۇپ كېتەلمەپسىز. بىلەمسىز؟ سىز ئاخشام ئۇخلاۋېتىپمۇ «سەلىمە، سەن مېنىڭ خوتۇنۇم، سەن نەدە؟» دەپ توۋلاپ چىقتىڭىز. مېنى «سەلىمە، جېنىم سەلىمە!» دەپ ئۆزىڭىزگە تارتتىڭىز... ئىشقىلىپ «سەلىمە» دېگەن ئىسىم ئاغزىڭىزدىن چۈشمىدى.

دەرۋەقە رەشىد ھېچقاچان سەلىمەنى خىيالىدىن چىقىرىپ باقمىغان ئىدى.بولۇپمۇ،رەشىدە،يەرلىكىدە ياتقاندىن كېيىن، بىر خىل ئۈزۈلمەس رىشتە ئۇنى سەلىمەگە مەھكەم باغلاپ تۇراتتى. سەلىمەنىڭ مۇڭلۇق قاراشلىرى ۋە شۇنچە ئېچىنىشلىق يالۋۇرۇشلىرى پات-پاتلا كۆز ئالدىغا كېلىۋېلىپ، ئۇنى تەگسىز خىياللار قوينىغا سۆرەيتتى. ئۇ سەلىمەگە قىلغان-ئەتكەنلىرىنىڭ ئەسلىدىلا خاتا بولغانلىقىنى ئۇنىڭ ئۆز ئۆيىدىن داستىخان كۆتۈرۈپ قوغلانغاندىن كېيىنلا ھېس قىلغان ئىدى. ئۇ ھېچقاچان سەلىمەنىڭكىدەك بىچارىلىك، ھەم چەكسىز ئۇۋاللىق بىلەن يانغان بىچارە كۆزلەرنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. شۇ تاپتىمۇ ئۇنىڭدىكى ئارامسىزلىق دەۋرەپ تۇراتتى. قانداقتۇر بىر رەھىمسىز قول ئۇنىڭ كۆڭۈل قاتلىرىدىكى بىر قەۋەت سۇۋاق ئاستىدا ئېچىپ كەتكەن يىرىڭلىق جاراھىتىنى مۇجۇۋاتقاندەك قىلاتتى. ئارامسىزلىق ۋە ۋەسۋەسە ئۇنىڭ يۈرىكىنى باستى، ئۇ سەلىمەگە قىلغان-ئەتكەنلىرىنىڭ ھەقىقەتەن توغرا بولمىغانلىقىنى مانا بۈگۈن تىلىدىن چىقاردى.

ــ مەن ھەقىقەتەن خاتا قىلدىم،ھاكاۋۇرلۇقۇم ئۆزۈمگە ياندى...

ــ خاتالاشقان ئادەمنىڭ ئازابى،خاتالىقى يوق ئادەمنىڭكىدىن ئېغىر بولىدۇ. بەك ئازابلىنىپ كەتمەڭ،ئۇنىڭ ئۈستىگە،مېنىڭ پەرىزىمچە،سەلىمە،چوقۇمكى سىزدىن ياخشى ياشاۋاتىدۇ... بولمىسا ئۇنى ئىزدەپ بېقىڭ، راست دەپتىمەنمۇ ياكى يالغانمۇ؟بۇلامدۇ؟.

ــ مەن ئويلىشىمەن... سىزگە رەھمەت...


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ


رەشىد قىز بىلەن خوشلىشىۋېتىپ ئىختىيارسىز ئۇنىڭغا يەنە تەشەككۈر ئېيتتى. قىز گەرچە مەلۇم نۇقتىدىن نومۇسىنى سېتىپ، ئاياللار ئەخلاقىغا يات يولدا تېنەپ يۈرىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۈگۈنكى سەمىمىيلىكى رەشىدنىڭ دىل يارىسىغا خېلىلا شىپا بولغان ئىدى.

شۇ كۈندىن كېيىن،بىرنەچچە كۈنگىچە، رەشىدنىڭ قولى ھېچقانداق ئىشقا بارمىدى. بىر تۇرۇپ سەلىمەنىڭ يېنىغا دەرھاللا مېڭىشنى ئويلايتتى، بىر تۇرۇپ مۇشۇ يۈتكەنچە ئۇنى مەڭگۈ كۆرمەي، دەپمۇ خىيال قىلاتتى.سەلىمەدىن قورقۇۋاتاتتى.ئەمەلىيەتتە ئۇ ئىبراھىم ئاكىسى تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن، سەلىمەنى ئىزدەپ بېقىشنىمۇ ئويلىغان ئىدى. ئەمما نېمە دەپ ئىزدەيدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئىزدەيدۇ؟ ئۇنىڭغا نېمە دەيدۇ؟ بۇ تەرەپلىرىنى بىلەلمىگەن ئىدى... ھېچ بولمىسا «ئاجرىشىپ كېتەيلى» دەپ باھانە كۆرسەتسىمۇ بولىدىغۇ؟... لېكىن ئەزەلدىنلا بىر ئىشقا باھانە تېپىپ، چۆگىلىتىپ، ئەگىتىپ يۈرىدىغان ئادەملەرنى يامان كۆرىدىغان رەشىدنىڭ،سەلىمەنىڭ ئالدىدا باھانە كۆرسىتىپ تىرناق كوچىلاشقا كۆڭلى ئۇنىمىغان ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭغا ئەمدى قىزىل قەغەزمۇ،كۆك قەغەزمۇ زۆرۈر ئەمەس ئىدى. سەلىمەگە لازىم بولغاندا،ئۆزى ئىزدەپ كېلەر ياكى شۇ ھالدا تۇرىۋېرەر، دەپمۇ ئويلىغانىدى... بۈگۈنمۇ رەشىد ئۆزىنى شۇنداق خىياللار بىلەن ئاۋۇندۇردى. ئەمما كۆڭلى تىنجىمىدى، سەلىمەنىڭ ئايانچلىق ئاۋازى، يەرنىڭ تېگىدىن چىققاندەك بوغۇق نالىسى شۇ تاپتا قۇلاق تۈۋىدە قايتا جاراڭلايتتى. «ئۇنىڭ ئالدىغا قايسى يۈزۈم بىلەن بارىمەن؟ نېمە دەپ خاتالىقىمنى تونۇيمەن؟ يەنە كېلىپ... ئۇ راستلا تويدىن بۇرۇنلا ھېلىقىدەك قىز بولۇپ بولغان بولسىچۇ؟» گۇمان ھەم ئىشەنچسىزلىك ئۇنى يېرىم كېچىگىچە قىيناپ ئارام ئالغۇزمىدى. پەقەت تاڭغا يېقىن ئۇخلاپ قالغان رەشىد غەلىتىلا بىر چۈش كۆردى: 

تاتىرىپ كەتكەن، دەلدەڭشىپ نىمجانلا بولۇپ قالغان سەلىمە،رەشىدەنىڭ ئۆلۈكىنى كۆتۈرۈپ  ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىۋاتاتتى... رەشىد چۆچۈپ سەلىمەنىڭ ئالدىغا باردى. «رەشىدە! رەشىدە!» دەپ توۋلىغىنىچە سىڭلىسىنى،قۇچىقىغا ئېلىپ ھۆركىرەپ يىغلاپ كەتتى. يەنە تۇرۇپلا رەشىدەگە جان كىرىپ، بىر يۇلقۇنۇش بىلەن كىچىك چاغلىرىدىكى قىياپىتىگە كىرىپ قالدى ۋە قاقاقلاپ كۈلگىنىچە رەشىدنىڭ بويۇنلىرىدىن قۇچاقلىۋالدى. «ئاكا، ئاكا... مەن رەشىدە، مېنى ئۆلۈپ كەتتى دەپ كىم شۇنداق دېدى سىزگە ؟» دەيتتى ئۇ. بىر چەتتە سەلىمەمۇ كۈلۈپ تۇراتتى...

رەشىد چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتى... ئۇ رەشىدە تۈگەپ كېتىپ ھېچقاچان ئۇنى بۈگۈنكىدەك ئوچۇق ھالەتتە چۈشىمىگەن ئىدى. رەشىد خېلىغىچە چۈشىدىكى غەلىتە كۆرۈنۈشتىن ئۆزىنى يوقىتىپ كارۋىتىدا ئولتۇرۇپ قالدى...

 شۇ چۈشتىن كېيىن ئۇنىڭ كۆڭلى پۈتۈن بىر كۈن غەشلىكتىن قۇتۇلالمىدى، بىر خىل تىت- تىتلىق، دىلخەستىلىك ئۇنىڭغا زادىلا ئاراملىق بەرمەيۋاتاتتى...

5

سەلىمە ئاشۇ كۈنى بوۋاقنى باغرىغا تېڭىپ ئۇدۇللا قىشلاققا ماڭدى. تەلىيىگە يولدا ھارۋىسىغا قېرى ئىنەكنى قوشۇۋالغان قازاق ئايال ئۇچراپ قېلىپ،ئۇنى ھارۋىسىغا چىقىرىۋالدى. ئىنەكنى سېغىپ، ئاچ- ئۇسسۇزلۇق دەردىدە قىرقىراپ يىغلاشقا باشلىغان بوۋاققا سۈت بېرىپ، ئۇنى تويغۇزدى. سەلىمە،چۈشتىن قايرىلغان مەزگىلدە،ئۆزى كۆڭلىگە پۈككەن ھاشىرخاننىڭ ئۆيىگە بارالىدى. ھاشىرخان سادىقنىڭ كونا قوشنىسى ئىدى، بىر چاغلاردا سادىق بىلەن ئېلىپ-تېگىشىدىغانمۇ بولۇپ ۋەدىلەشكەن، كېيىن ھاشىرخاننىڭ دادىسى،سادىقنى ئىگە-چاقىسىز، يوقسۇز كۆرۈپ، قىزىنى ئۇنىڭغا بەرمىگەن ئىدى. سادىق تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن ھاشىرخان پات-پات سەلىمەنى مەكتىپىگە ئىزدەپ كېلىپ يوقلاپ تۇراتتى. خۇددى بۈگۈنكى كۈننىڭ بولىدىغىنىنى تۇيغاندەك: «ئېغىر كۈنگە يولۇقساڭ، مېنىڭ يېنىمغىلا بارغىن» دەپ قايتا-قايتا جېكىلىگەن ئىدى.

سەلىمە ئاشۇ ھالقىلىق پەيتتە،ھاشىرخان ئاچىنى ئويلاپ قالغان ئىدى، ھەم ھىچ ئىككىلىنىپ ئولتۇرماي ئۇدۇللا ئۇنىڭكىگە كەلدى. ھاشىرخان ياشتا ئۇنچە چوڭ بولمىغىنى بىلەن، ئېرىدىن ياشلا تۇل قېلىپ، تۇرمۇشنىڭ ئېغىر-قاتتىق دوقاللىرىدا تولا پىشىلغاچقا قېرى ئاياللارنىڭ سىڭىرىغا كىرىپ قالغانىدى.

سەلىمەنى كۆرۈپ،ئۇ خۇشال بولدى، ئەمما ئۇنىڭ نۇرسىز، قىزىرىپ تۇرغان كۆزلىرى سەلىمەنىڭ خۇشاللىق تېپىپ تۇرغان چىرايىغا ئەمەس، قۇچىقىدىكى بالىغا قادىلىپلا قالدى.

ــ قۇچىقىڭدىكى كىمنىڭ بالىسى، جېنىم قىزىم؟ تويۇڭ بوپتۇ دەپ ئاڭلىدىم، يەنە... بىر مۇنچە كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ بولغىنى قۇلىقىمغا يەتتى... ئەمدى بىر بوۋاقنى كۆتۈرۈپلا كەپسەن مانا... بۇ نېمە ئىش؟ــ دېدى ئۇ بىر ھازادىن كېيىن.

ــ بۇ بالا مېنىڭ قىزىم، ھاشىرخان ئانا. مېنىڭ قىزىم بولدى... خاپا بولمىسىڭىز، قىزىمغا سۈت بەرگەن بولسىڭىز، سىزدىن سۆيۈنەتتىم، جېنىم ئانا...ـــ سەلىمەنىڭ چىرايى ئېچىلىپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭدا ئانىلارنىڭ ۋۇجۇدىغا مۇجەسسەملەنگەن ئانىلىق بەختتىن باشقا ھېچقانداق قايغۇ-ھەسرەت، دەرد-پىراقنىڭ ئىزنالىرى يوق ئىدى. سەلىمەنى قانچىلىك ئىچىگە ئۇرۇپ كەتكەندۇ، دەپ ئەنسىرەپ، ئۇنى يوقلاپ كېلىشنىڭ غېمىدە قالغان ھاشىرخان ئانا سەلىمەنىڭ شۇ تاپتىكى خۇشخۇي، يېنىك ھەرىكەتلىرىنى كۆرۈپ خېلىلا يېنىكلەپ قالدى.

ــ بولىدۇ قىزىم، بولىدۇ... بۇ بالا بەكلا كىچىككەن.. .ۋاي ئانىمەي، قانچىلىك سۈت ئىچەر بۇ ئەمدى؟ توختا، ھازىرلا كالىنى ساغاي، ئىسسىق سۈت تازا ياقىدۇ...ــ ھاشىرخان ئانا شۇنداق دەپ تەئەججۈپ ئىلكىدە دوڭغاقلاپ ھويلىسىغا يۈگۈردى. ئۇ سەلىمەنىڭ غەمكىن چىرايىنى، ئېچىنىشلىق يىغىسىنى كۆرىمەن دەپ ئويلىغان بولغاچقا، پۇچۇلانغان كۆڭلى شۇ تاپتا بىردىنلا تىنچلىنىپ، سەلىمەنىڭ خۇشاللىقىغا جۈر بولغان ئىدى.

قىشلاق ھاشىرخانغا تەۋە يايلاق بولۇپ، مالنى قىشتىن ئۆتكۈزىدىغان ئەپلىك جاي ئىدى. بۇ يەردە ئوت بولۇق ئۆسەتتى، قاتمۇ-قات تاغلارنىڭ قورشاۋىدا تۇرغىنى ئۈچۈنمۇ، ھاۋاسى ھىم ئىدى. سوغوق ئۇدۇل سوقمايتتى، شۇڭا قىش كۈنلىرى چارۋىچىلار ماللىرىنى بۇ يەردە بىمالال، خاتىرجەم قىشتىن چىقىراتتى.

بىر چاغلاردا تۆرەمنىڭ ئاتۇشتىن كەلگەن بىر شىرەم تۇغقىنى بۇ يەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىگە ھەۋەس قىلىپ، «چارۋىچىلار ئارامگاھى» قۇردى. ئەمما بەكلا ئىچكىرىدە، قاتناشمۇ، توكمۇ قولايسىز بولغاچقا، بۇ ئارامگاھ ئانچە ئاقمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى چارۋىچىلارغا ئارامگاھ ئۈچۈن سالدۇرغان ئۆيلىرىنى ئېلىشىغا سېتىۋېتىپ، بۇ يەردىن كېتىپ قالغان ئىدى. ئاشۇ پاكار خىش ئۆينىڭ بىرىدە ھاشىرخان كىچىك ئوغلى بىلەن بىللە تۇراتتى.

جىن چىراغنىڭ ئاجىز نۇرى بۇ ئۆينى غۇۋا يورۇتقان ئىدى. يايلاقنىڭ ساپ ھاۋاسى كىچىككىنە دېرىزىدىن كىرىپ تۇراتتى.


        داۋامى  بار .......


 ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319







سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k