
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! تۆۋەندە يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي قەلمىدە پۈتكەن ( جۇدالىق سىرى ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !

بۇ ئەسەرنىڭ 45 - قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمىلىرىنى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 33 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
|
ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى . جەمئى 54 قىسىم
ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ، رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت .
( جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن تۇلۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
………
…………
جۇدالىق سىرى
(رومان)
44-قىسىم
ھەممىگە ئايان ئىدىكى، ئۇنى شۇنداق يوغىنىتىپ، يۈرىكىنى قاپتەك قىلىۋەتكەن يەنىلا دادىسىنىڭ خورىماس بايلىق مەنبەسى بىلەن بۇ ئائىلىنىڭ جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگىچە چېتىلدىغان يىمىرىلمەس مۇناسىۋەت تورى ئىدى. كىچىك چاغلىرىدا ئۇنى ھە دېسىلا قانات ئاستىغا ئېلىپ، يامان قىلىقلىرىنى يېپىپ، ئۇچۇرۇپ يۈرىدىغان ھەسەلخېنىمنىڭ تۆھپىسىنىمۇ بىر چەتكە قايرىپ قويغىلى بولمايدۇ،ئەلۋەتتە. دەل شۇنداق بولغاچقا، دانىيار ئۈچۈن پۇل ۋە مالنىڭ تېرىقچىلىكمۇ قەدرى يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن سودا قىلىش، پۇل تېپىش پەقەت ۋە پەقەت باشقىلارغا، ھەر زامان ئۆزىدىن نارازى بولۇپ كوتۇلداپلا يۈرىدىغان دادىسىغا، ئاكىلىرىغا ئۆزىنىڭ كىملىكىنى، نوچىلىقىنى بىر كۆرسىتىپ قويۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. شۇڭا ئۇ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، قانداقتۇر بىر سودىنىڭ پېشىنى تۇتۇۋاتىمەن، دەپ باھانە قىلىپ، تاغدىن تۇرۇپ-تۇرۇپلا يوقاپ كېتىدىغان بولىۋالدى. ئۇنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى، نەگە بېرىپ، نەدە توختاپ يۈرگىنىنى بىلگىلى بولمايتتى.
ــ مەنمۇ ئاكىلىرىمغا ئوخشاش چوڭ ئىش قىلىۋاتىمەن، دادامغا تايانمايمۇ پۇل تېپىۋاتىمەن،ــ دەپ ئانىسىنى خاتىرجەم قىلاتتى ئۇ تېلېفوندا.
ئەمما دانىيارنىڭ مۇشۇ «چوڭ سودىسى»لا ھەسەلخېنىمنىڭ يۈرىكىنى سىرقىرىتاتتى. ئۇنى بىرەر پوققا پېتىپ قالمىغىيدى دەپ ئەنسىرەپ، ئېرى يوق چاغلاردا ئۆمەرگە، ئىبراھىم ۋە رەشىدلەرگە تاپىلاپ ھارمايتتى: «ئۇنىڭغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ قويۇڭلار، يامان يولغا كىرىپ قالمىسۇن. نەدە يۈرگىنىنى، نېمە ئىش قىلىۋاتقىنىنى سۈرۈشتۈرۈپ كۆرۈڭلار...» دەيتتى. ئەمما،دانىيارنىڭ پوقىنى،كىچىكىدىن تارتىپلا تولا ئادالاپ،بىزار بولۇپ كەتكەن ئاكىلىرى،ئانىسىغا ماقۇل دەپلا قوياتتى-يۇ، بىرەرسىمۇ دانىيارنى سەن نەدە؟ نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن، دەپ سۈرۈشتۈرمەيتتى. يەنە كېلىپ،ئۇلارنىڭمۇ باش تاتىلىغۇدەك ئارامى يوق ئىدى. ئانچە-مۇنچە سۈرۈشتۈردى، دېگەندىمۇ، دانىيارنىڭ: «مەن قىلىۋاتقان سودىدا سىلەرنىڭ ئۈلۈشىڭلار يوق، خاتىرجەم بولۇڭلار، سىلەرگە ئىش تېپىپ بەرمەيمەن...» دېگەن سېسىق گېپىنى ئاڭلاپلا،بولدى قىلاتتى. ۋاقتى-سائىتى كەلگەندە،ئۇلار دانىيارنى قاتتىقراق «ساۋاق»قا چۈشمىسە ئادەم بولمايدۇ، دەپمۇ قارايتتى.
ھەسەلخېنىمنىڭ ھەسرىتى ئاز كەلگەندەك، ئۈچ كۈندىن بۇيان دانىيارنىڭ خوتۇنىمۇ يوق. «ئېلىشمىغۇچە تېپىشماس» دېگەندەك،دانىيارنىڭ تاللىۋالغان خوتۇنىمۇ خۇددى ئۆزىدەكلا تەنتەك ئايال ئىدى. ئۇنىڭ خوتۇنى ئالتۇنگۈل،باشتا دانىيارنى باشقۇرالمىغىنىدىن تولا زارلاپ يۈرگەندەك قىلدى. كېيىنچە دانىيارنىڭ كەينىدىن بىر نەچچە قېتىم شەھەر كۆرۈپ كېلىۋىدى، باشقىچە يوغىناپ، كۆزى ئېچىلىپ كەتتى. ھەسەلخېنىم بىلمەسكە، ئۇقماسقا سېلىۋالغان بىلەن بۇ خوتۇندىن چاتاق چىققىلى خېلى بولدى. خۇيى تۇتۇپ يامانلاپ كەتتى، ھەتتا تۆرەمگە، ھەسەلخېنىمغا قىرچە-يانچە تېگىدىغان، سۆزلىرىنى،ئوغلۇڭلارنى باشقۇرالمىدىڭلار، مېنىمۇ بەختسىز قىلدىڭلار، دېگەن يەرگىچە ئاپىرىدىغان بولۇۋالدى. دانىيارغا خوتۇنۇڭ ئۇنداق قىلدى، مۇنداق قىلدى، دېيىشكە ھەسەلخېنىمنىڭ تېخىمۇ تىلى بارمايتتى. ئۇ دانىيارنىڭ قارام ھەم قىزىققانلىقىنى بىلەتتى. مۇبادا خوتۇنىنىڭ ئۆزى يوق چاغدا،ئانىسىنىڭ ئۆيىگە تۇرۇپلا كېتىۋالىدىغانلىقىنى، پات-پات يات ئەرلەرنىڭ ماشىنىسىغا ئولتۇرىدىغىنىنى بىلىپ قالىدىغان بولسا،،بۇ خوتۇنمۇ،،ئۇنى ئانىسىنىڭكىگە ئاپىرىپ قويىدىغان تېرە سودىگىرىمۇ جېنىدىن ئايرىلاتتى. ئۇنداق بولمىدى دېگەندىمۇ، بىر يېرى مېيىپ بولۇپ كۆرگۈلىكىنى كۆرەتتى.
شۇڭا ھەسەلخېنىم ئېپىنى تېپىپ،كېلىنىگە تولا تەربىيە قىلدى. دانىيارنىڭ،قارام، قىزىققانلىقىنى پەش قىلدى. ئەمما ئۇنىڭ خوتۇنى تەپتارتمايلا ھەسەلخېنىمغا: «ۋاي ئانا، دانىيار يىل بويى ئۆيدە تۈزۈك تۇرمىغاندىكىن، ئانامنىڭ ئۆيىگە ئانچە-مۇنچە بېرىپ قونۇپ كەلگۈم كېلىدىكەن شۇ. ئاناملار قىشلاققا كېتىۋالغان بولغاچقا، بىرلا قېتىم ئاشۇ سودىگەرنىڭ ماشىنىسىغا چىقىپ قالدىم، باشقا ئىش يوق...» دەپ چۈشەندۈرپ گەپنى يوق قىلاتتى. ئەمما ھەسەلخېنىمنىڭ كۆڭلى كېلىنىگە قارا بولۇپ قالدى، يىل بويى ئېرىدىن ئايرىلىپ ياشاۋاتقان ياش چوكاننى زېرىكمەيدۇ،يامان يولغا كىرمەيدۇ، دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟ يەنە كېلىپ بۇ كېلىنى ئىبراھىمنىڭ ئايالىغا قارىغاندا يامان، ۋىتىلداق، ئاغزىغا كەلگەننى ئاچچىقىم كەلدى، دەپلا بۇغۇزىغا يۈتمەي دەۋېتىدىغانلاردىن ئىدى. شۇ ئاغزى ئىتتىكلىكى ئۈچۈن نەچچە قېتىم ئېرىنىڭ قولىدا تاياق يەپ ئۆلگىلى تاس قالغان ئىدى...
ھەسەلخېنىم ئوغلىنىڭ مىجەزىنى بىلگەچكە، بۇ كېلىنىنى ئىتتىكلا ئوغلىغا يامانشىتالمايتتى. پەقەت ئوغلىغا چىرايلىقچە ئۇنى قويدۇرىۋېتىشنىڭ كويىدا يۈرەتتى، ئەمما دانىيار تاغقا كەلمىگىلى ئۇزۇن بولۇپ كەتكەچكە، ھەسەلخېنىمنىڭ بۇ خىيالىمۇ خىيال پېتى قېلىۋاتاتتى.
ھەسەلخېنىم كېلىنىنى ئانىسىنىڭ ئۆيىدىن سۈرۈشتۈرىۋىدى، ئۇ يەردىمۇ يوق بولۇپ چىقتى. ھەسەلخېنىمنىڭ ئىچىنى پۇشۇرغان بۇ ئىش تۆرەمدىن سىر ئىدى. تۆرەم بۇ كېلىننى ئەزەلدىنلا ياخشى كۆرۈپ باقمىغان. ۋىتىلداقلىقىنى، ئاغزىنىڭ ئىتتىكلىكىنى يامان كۆرەتتى. «ئېرىنىڭ ئەھۋالى شۇ بولغاندىكىن، خوتۇنى قانداق بولماقچىتى؟» دەپ ئوغلىدىن يەنىمۇ ئاغرىنىپ كېتەتتى. دانىيارنى ئېرىگە زادىلا ياخشى كۆرسىتەلمىگەن ھەسەلخېنىم كۈچىنىڭ يېتىشىچە بۇ كېلىنىنىڭمۇ يامان خۇيلىرىنى تۆرەمدىن يوشۇرۇشقا تىرىشاتتى. ئامال بار يوشۇرۇپ-تاراپ ئۆتۈپ كېتەتتى. شۇ تاپتىمۇ ئۇ كېلىننىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېرىگە دەيمۇ-دېمەيمۇ، دەپ كۆڭۈل توختىتالماي ئولتۇراتتى...
بىر ئەرنىڭ كەينىدىن قېچىپ كەتكەن رەشىدە بولسا،ھەسەلخېنىمنىڭ ھەم نەپرىتىنى ھەم ھەسرىتىنى،قوزغاپ تۇرىۋاتقان،كۆڭۈل ئاغرىقلىرىنىڭ يەنە بىرى ئىدى. بىردىنبىر قىزىنى تۇغقان دەپ،كىچىككىنە كېسەلگە بەرداشلىق بېرەلمەي،باشقىلارنىڭ قولىغا ئىككى قوللاپ بېرىۋەتكىنى، ساقايغاندىن كىيىنمۇ يەنە كۆڭۈل ئاياپ،قىزىنى قايتۇرۇپ ئەكىلىۋالمىغىنىنى ئويلاپ، مىڭ پۇشايماندا قىلدەك تولغىناتتى. ئەگەر رەشىدە ئەقلىنى جۆرىسىلا، ھەسەلخېنىم ئۇنى ئەمدى ھەرگىزمۇ تۆرەمدىن قورقۇپ ياكى رەشىدەنىڭ باققان ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ ئولتۇرمايدۇ، دەرھال يېنىغا تارتىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا ھەتتا تۆرەم بىلەن سوقۇشىدۇ...
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ
ــ دادا، رەشىدتىن تېلېفون كەپتۇ، ئۇ يولدىكەن، دادام ھېچنەگە كەتمەي تۇرۇپ تۇرسۇن، دەيدۇ،ــ ھەسەلخېنىم ئېرىنىڭ سېسىق تاپا-تەنىسىگە قانداق ئىپادە بىلدۈرۈشنى بىلمەي تۇرغاندا، ئىبراھىمنىڭ ئايالى رەشىدنىڭ خەۋىرىنى ئېلىپ كىردى.
ــ نېمە؟ رەشىد نەدىكەن؟
ــ يولدىكەن، دادا، ھازىرلا كېلىمەن، دەيدۇ.
ــ ھىم... ئۆمەرگە تېلېفون قىلىڭ، بالام. ئۇمۇ دەرھال كەلسۇن! ئىبراھىمچۇ؟ ئۇنىمۇ چاقىرىڭلار.
ــ ماقۇل، دادا...
تۆرەم خوتۇنىغا لەپپىدە قاراپ قويدى، ئۇنىڭ بۇ مەنىلىك قارىشىدىن: «رەشىدنىڭ توي ئىشىغا سەن ئارىلىشىۋالما، مېنىڭ دېگىنىمدەك قىل» دېگەن مەنە چىقىپ تۇراتتى. تۆرەم سەلىمەنى رەشىدكە چاتقىنىم چاتقان، قانداق قىلىپ بولسىمۇ رەشىدكە گېپىمنى ئۆتكۈزىمەن، دىگەن خىيالدا ئىدى. سەلىمەنىڭ،گۆھەربانۇنىڭ ئۆيىدە،خۇددى ئوتقا چۈشكەن قىلدەك قىينىلىۋاتقانلىقىدىن تولۇق خەۋىرى بولغاچقا، قىزنى قانچە بالدۇر ياندۇرۇپ كەلسەك، شۇنچە ياخشى، دەپ ئۆمەر بىلەن مەسلىھەتنى پىشۇرۇپمۇ بولغان ئىدى. شۇڭا رەشىدنىڭ قايتىپ كەلگىنى،تۆرەمنىڭ بىسەرەمجان كۆڭلىگە،ئازراق بولسىمۇ تەسەللىي بولدى. ئۇ ئۆز گېپىنى ئوغۇللىرىنىڭ زادىلا يىرمايدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئوغۇللىرى كىرىپ كەلگۈچە بولغان شۇ ئارىلىقتا تۆرەم سەلىمەنى بۈگۈنلا ئۆيگە ياندۇرۇپ كېلىپ، قىزنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇشنىمۇ ئويلاپ بولدى
ھايال قالماي ئىبراھىم مېھمانخانىغا كىردى، ئۇ دادىسىدىن ئەھۋال سوراپ بولغۇچە، رەشىدمۇ ئىشىكتىن كىردى. رەشىدنىڭ ساقاللىرى ئۆسۈپ، توي سەۋەبلىك تېپىۋالغان كۆڭۈل ئاغرىقىدىن بىراقلا تۈگىشىپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى. ئۆيدىكىلەر سوئال-سوراقسىز جىممىلا كۆرۈشۈپ ھال- ئەھۋال سوراشتى. رەشىدنىڭ ئىچى پۇشۇپ، يۈرىكىدىكى ئازابنى ئاغزىدىن قانداق چىقىرىشنى بىلمەي تۇرغان بىسەرەمجان تۇرقىغا قاراپ، ھەسەلخېنىمنىڭ ئىچى تېخىمۇ ئېچىشتى. ئۇ بۇ ئوغلىنى «كۆڭۈلسىز توي شۇنداق كاردىن چىقىرىۋەتتى» دەپ ئويلاپ قالغان ئىدى.
ــ نەچچە كۈندىن بېرى نەلەردە يۈردۈڭ؟ ـــ تۆرەم قاپىقىنى تۈرۈپ، ئۇنىڭدىن ناخۇش ھالدا سورىدى. ئۇ گەپنى قانداق باشلاشنى، رەشىدكە گېپىنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى بىلمەي قالغان ئىدى.
ــ رەشىدەنى ئىزدەپ كەلدىم...ــ دېدى رەشىد روھسىز ھالدا. رەشىدنى شۇ چىقىپ كەتكەنچە ئۆزىنىڭ تىجارىتى بىلەن بولدى، دەپ ئويلىغان تۆرەممۇ، ئۆمەرمۇ، ھەسەلخېنىممۇ بۇ جاۋابتىن سەل ھەيران قالدى-يۇ، ئوغلىنىڭ يۇمشاق كۆڭۈللىكىدىن دەقىقە ئىچىدە بىردىنلا سۆيۈندى.
ــ رەشىدە نەدىكەن؟ــ ئالدىراپ سورىدى ھەسەلخېنىم،ــ بىتەلەي قىزىمنى تاپالىدىڭىزمۇ؟...
ــ رەشىدەنى ساقچى تەرەپ... شىنجاڭغا قايتۇرىۋېتىپتۇ... 10 كۈندىن ئېشىپتۇ...
ــ ساقچى تەرەپ؟ ئۇنىڭ ساقچى تەرەپ بىلەن نېمە چېتىشلىقى باركەن؟ــ تۆرەمنىڭ كۆزلىرى ھەيرانلىقتىن بىردىنلا چەكچىيىپ كەتتى. ئولتۇرغانلارنىڭ چىراي ئىپادىسىمۇ ئومۇمەن شۇ ھالدا ئىدى. ھېچقايسىسى رەشىدەنى «ساقچىغا چېتىلىپ قالىدۇ» دەپ ئويلىمىغان، ئۇنى ئىچىكىرىدىكى مەلۇم بىر شەھەردە قايسىبىر ئالاقاپ بىلەن «ئەر- خوتۇن» بولۇپ، تىجارەت قىلىۋاتىدۇ، دەپلا ئويلىغان بولغاچقا، رەشىدنىڭ جاۋابى ھەممىسىنى تاڭ قالدۇردى.
ــ رەشىدەنىڭ خەۋىرىنى گۇاڭجۇدىكى غەنى ئازراق ئىگىلەپتىكەن... مەن غەنىلەرىڭ يېنىغا بارغان ئىدىم،ــ دېدى رەشىد سۇلغۇن ھالدا،ــ رەشىدە يىغىۋېلىشتا ئۈچ ئايچە يېتىپتۇ، ئۇ بىر قاتىللىق ئەنزىسىگە چېتىلىپ قاپتىكەن...
ــ قاتىللىق؟! نىمىشقا؟...گەپ قىلمامسەن؟!ــ زىيادە جىددىيلىشىپ كەتكەن ھەسەلخېنىم ئىختىيارسىز رەشىدنى سەنلەپ ۋارقىرىدى.
ــ شۇنداق... رەشىدە بىر ئادەم سودىگىرىگە ئالدىنىپ يېزىدىن چىقىپ كېتىپتىكەن، كېيىن ئۇ...ــ رەشىد قانداق قىلىپمۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرالمىدى. ئاۋازى بوغۇلۇپ مىڭ يېرىدىن تۆكۈلۈپ يىغلاپ كەتتى،ــ رەشىدە ئالدىنىپ بىر جوھوتنىڭ كەينىدىن شىنجىنغا بېرىپتۇ، كېيىن ئۇ يەردىن يەنە گۇاڭجۇغا سېتىلىپتۇ...ــ رەشىد ئۈن قويۇپ ھۆركىرەپ يىغلاپ، سۆزىنى داۋام قىلالمىدى.
ــ سېتىلىپتۇ، دېگەن قانداق گەپ؟! نېمە يىغلايسەن؟! تولا ئەزمەڭنى ئەزمە، گەپ قىل!ــ تۆرەم بېشىغا چاقماق چۈشكەندەك دىرىلدەپ تىترەپ، يىغلاۋاتقان رەشىدكە مىختەك قادالدى. ئۆزىنىڭمۇ كۆزلىرىدىن ياشلار سىيرىلىپ چۈشتى، ھەسەلخېنىم دات-پەريات كۆتۈردى:
ــ ۋاي جېنىم قىزىم، بىتەلەي قىىزىم، بۇ نېمە ئىش؟ بىچارە قىزىم! ۋاي مېنىڭ رەشىدە يالغۇزۇم قىزىم... گۆھىرىم بالام،سىز نەدە؟! ھۈ... ھۈ... ھۈ...ـــ ئاڭغىچە ئىبراھىمنىڭ ئايالى، ئۆمەرنىڭ ئايالىمۇ قېيىنئانىسىنىڭ ئېچىنىشلىق نالىسىدىن چۆچۈشۈپ،ئۆي ئىچىگە كىردى-دە، دەرھال ھەسەلخېنىمنىڭ يېنىغا يۈكۈنۈپ، «نېمە ئىش بولدى؟» دېگەندەك ئۆمەرگە، رەشىدكە قاراشتى.
ــ بۇ يەردە يىغلىغۇچە، ماڭ بېرىپ كوچىغا چىقىپ يىغلا،بەكرەك سازايى بولىسەن! ھۇ ئەقىلسىز كالۋا! ــ تۆرەمنىڭ ئاۋازى خىرقىراپ،يېنىدىلا ئولتۇرغان ھەسەلخېنىمنى قەھر بىلەن ئىتتەردى. بۇنىڭدىن،بۇ ئائىلىدە بىر نومۇسلۇق ئىشنىڭ يۈز بەرگىنىنى،ھەم بۇنداق نومۇسلۇق ئىشلارنى،ئۆزلىرىنىڭ،بىلىش ھوقۇقىنىڭ،ئەزەلدىن يوقلىقىنى ئاڭقىرغان كېلىنلەر،دەرھال قىزىق چاي ئالماشتۇرۇشنى باھانە قىلىپ ئۆزلىرىنى سىرتقا ئالدى. شۇندىلا ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى، نومۇسلۇق يېرىنى بىلگەندەك ھەسەلخېنىمنىڭ زۇۋانى ئۆچۈپ، بوغۇلۇپ يىغلىغىنىچە،رەشىدنىڭ ئاغزىغا قارىدى. رەشىد دادىسىدىن بەتتەر تىترەپ، بوغۇلۇپ كەتكەن ئىدى.
ــ رەشىد، گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە... دەۋەرگىنە، نېمە بوپتۇ رەشىدەگە زادى؟ سېتىلىپتۇ دېگەن قانداق گەپ؟ ــ دېدى ئۆمەر ئۆزىنى بېسىۋېلىشقا تىرىشىپ.
ــ رەشىدە پاھىشخانىغا سېتىلىپتۇ، ئاكا... ئۇنى ئالداپ چىققان بالا، مەخسۇس قىزلارنى ئالداپ چىقىپ، پاھىشىخانىلارغا تۇتۇپ بېرىدىغان ئىپلاسكەن،ــ رەشىد شۇنداق دېدى،ئەمما كۆز ياشلىرى تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ئۇ ئىشنىڭ تېخىمۇ ئېچىنىشلىق، غەزەپلىك يېرىنى قانداق قىلىپ ئېغىزدىن چىقىرىشنى بىلمەي بۇغۇلاتتى. ئانىسىنىڭ،ئۆزىنى پۈتۈنلەيلا يوقىتىپ قويغىنىغا،دادىسىنىڭ، دىرىلدەپ تىترەپ، كۆزلىرىنىڭ قىزىرىپ كەتكىنىگە قاراپ، ئۆزىنىڭ بۇ خەۋەرنى،مۇشۇنداق ئۇدۇللا ئېيتىپ، خېلىلا يېنىكلىك قىلغانلىقىنى سەزدى. بىراق ئوق يادىن چىقىپ بولغان، ئەمدى قانداق قىلىپمۇ بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقەنى يوشۇرۇپ، يېپىپ كەتكىلى بولمايتى. شۇڭا ئۇ رەشىدەنىڭ قوشباغدىن قانداق چىقىپ كەتكەنلىكىنى، ئىچكىرىدە قانداق كۈن كۆرگەنلىكىنى، سەردار دېگەن ھايانكەشنىڭ قانداق ئۆلگەنلىكىنى، رەشىدەنىڭ تۈرمىدىن قانداق چىققانلىقىنى، شىنجاڭغا قاچان قايتىپ كەتكەنلىكىنى... بىر باشتىن سۆزلەپ بەردى، ھەممەيلەننىڭ يۈرەك-باغرى پارە-پارە بولدى. تۆرەممۇ، ھەسەلخېنىممۇ ئىچ-ئىچىدىن ئاھ ئۇراتتى.
ــ ئۇ ئىپلاسنى «خوجايىن»ى نېمىشقا ئۆلتۈرىۋېتىپتۇ؟ رەشىدەنى تونۇمدىكەن يە؟... ــ ئۆمەرنىڭ بۇ سوئالىغا قانداق جاۋاب بېرىشنى رەشىد بىلمىدى. بۇ ھەقىقەت ھەممەيلەن ئۈچۈن چىدىغۇسىز ئازاب ئىدى.
ــ «خوجايىن»... دانىياركەن دادا! بىزنىڭ دانىيار دېگەن جوھوت،ئاشۇ ئىپلاسنىڭ خوجايىنى ئىكەن! رەشىدەنى سېتىپ پۇلىنى يانچۇقىغا سالغان دەل بىزنىڭ دانىياركەن!ـــ رەشىد مۇشتۇملىرىنى تۈگۈپ داستىخاننى مۇشتلاپ،ھۈ تارتىپ يىغلاشقا باشلىدى.
ــ ئىشەنمەيمەن! ئىشەنمەيمەن!...ــ ھەسەلخېنىمنىڭ چىرايى ئۆلۈكتەك تاتىرىپ،بېشىنى ساراڭغا ئوخشاش قايتا قايتا چايقىدى. كۆزلىرى چانىقىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك قورقۇنچلۇق چەكچىيىپ كېتىۋاتاتتى،ـــ بۇنداقمۇ يۈزسىزلىك بولماس؟ بۇنداقمۇ ئۇدۇل كېلىپ قالماس؟... رەشىدەنى ھە؟ دانىيار دېگەن ئۇنىڭ ئاكىسى تۇرسا؟ ئۆز ئاكىسى تۇرسا ئۇ؟...ـــ دېدى ئۇ ئەلەڭ-سەلەڭ بولۇپ كەينىگە سەنتۈرۈلۈپ.
ــ سەن خاتا... ئاڭلاپ قالغانسەنمۇ رەشىد؟ دېمىسىمۇ شۇنداقمۇ ئۇدۇل كېلىپ قالغان بارمۇ؟... ئانا، ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ، دادا سىزمۇ...ــ ئۆمەر خۇدىنى يوقىتىپ،چەكچىيىپلا قالغان تۆرەمنىڭ قولىنى سىقىپ، ئورنىدىن تۇرۇشقا ھەرىكەتلىنىپمۇ يەنىلا تۇرالمايۋاتقان ھەسەلخېنىمنىڭ يەلكىسىدىن بېسىپ، ئانىسىنى جايىغا ئولتۇرغۇزدى.
ــ دانىيار ئىككى يىلدىن بېرى ئادەم سودىسى قىلىۋېتىپتۇ، دادا... بىز بىلمەپتۇق، ئۇنىڭ شېرىكلىرى شىنجاڭدىن قىزلارنى، بالىلارنى ئالداپ چىقىدىكەن، سودىنى دانىيار قىلىدىكەن! مەن بۇ ئىشنى ئۇجۇر-بۇجۇرىغىچە سۈرۈشتۈردۈم، دانىيارنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى يىپىدىن يىڭنىسىغىچە بىلىپ، ئۇقۇپ بولدۇم. تېخى ئۈچ كۈن بۇرۇن ئۇنىڭ مۇھىم بىر شېرىكى تۇتۇلۇپ قېلىپ، دانىيارمۇ پاش بوپتۇ. دانىيارنى ھازىر ساقچىلار ئىزدەپ يۈرۈۋېتىپتۇ. غەنىلەرنىمۇ ئالاقىسى بارمىكىن دەپ قاراپ، ساقچىلار ئىزدەپ كەلدى. غەنى مېنى ساقچىلارنىڭ گۇمانىغا قالما، دەپ تۈنۈگۈن ئايروپىلان بىلەن ماڭدۇرىۋەتتى. بىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى ئىشەنچلىك... رەشىدەنىمۇ، بىزنىمۇ ئىزدەپ ھەر ۋاقىت ساقچىلار كېلىپ قېلىشى مۇمكىن، دادا... شۇ تاپتا رەشىدەنى تېپىش ھەممىدىن مۇھىم... ئانا، سىز ئەمدى دانىيارنى قانات ئاستىڭىزغا ئالماڭ... دەرھال رەشىدەنى تاپايلى...
ــ ۋاي ئۆلەي... ۋاي ئۆلەي... مەن ئۆلەي...ــ ئۆي ئىچىنى ھەسەلخېنىمنىڭ ئېچىنىشلىق دات-پەريادى، يىغا ئاۋازى بىر ئالدى.
داۋامى بار .......

ساياھەت قىلشىنى ياخشى كۆرەمسىز ؟ ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟ ئۇنداق بولسا شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ،
ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ، يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ، شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى ئېچىلدى . ساياھەت شىركىتىمىز يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ ، تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ .
ئالاقىلاشقۇچى : ئايبەر
ئالاقىلىشىش تېلىفون ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى : 19999706319










سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە :
سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )
ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ



