大数跨境

جۇدالىق سىرى (رومان ) 45ـ قىسىم

جۇدالىق سىرى (رومان ) 45ـ قىسىم aybarawazi
2022-11-01
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

  سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر !  تۆۋەندە  يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي قەلمىدە  پۈتكەن ( جۇدالىق سىرى ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 46 - قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ




ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمىلىرىنى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ 

    

1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44








 ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى . جەمئى 54 قىسىم 

ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ،  رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ  كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە  ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت . 





 (  جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن تۇلۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 


جۇدالىق سىرى


(رومان)


45-قىسىم



ھېچكىممۇ ئۇنى جىملىمىدى. تۆرەم بولسا خۇدىنى يوقىتىپلا قويغان ئىدى. تېخىچە،رەشىد دېگەن گەپكە بىر ئىشىنىپ، بىر ئىشەنمەي پېشانىسىگە ئەلەم بىلەن شاپىلاقلاپ ئولتۇراتتى.

ــ قايسىڭ بار؟ــ ئۆمەر ئانىسىنىڭ ئېچىنىشلىق نالىسىگە چىدىيالماي ۋارقىرىدى.  ئىشىك تۈۋىدىلا نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي تۇرغان ئۆمەرنىڭ خوتۇنى يۈگۈرۈپلا كىردى.

ــ ئانامنى ئاچىقىپ ياتقۇزۇپ قويغىن... ئارام ئالسۇن! بۈگۈن ئۆيگە باشقا ئادەم باشلىما،ــ دېدى ئۆمەر خوتۇنىغا. شۇ تاپتا پەقەت ئۆمەرلا ئۆزىنى تۇتۇۋالغان، ئىشنىڭ قايسى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتەلىگەن ئىدى.

ــ ئانا... يىغلىمىسىلا، ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالسىلا...ــ ئىبراھىمنىڭ ئايالىمۇ يەڭگىسىگە ياردەملىشىپ، ھەسەلخېنىمنى يۆلەشتۈرۈپ ھۇجرا ئۆيگە ئاچىقىپ كەتتى.

ــ ئۇ ياقتىكىلەرگە تېلېفون قىلدىڭمۇ؟ ئۇ ئۆيگە بېرىپتىمۇ؟ــ دېدى تۆرەم غەزىپىنى بېسىشقا تىرىشىپ.

ــ ياق، بارماپتۇ...

ــ نەدە يۈرىدىغاندۇ بۇ قىز؟...

ــ مېڭىڭلار... ھەممىڭلار ئىزدەڭلار! ـــ تۆرەم چەكسىز ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە جانسىز نالە قىلدى.

ــ ماقۇل، دادا...

ئۆمەر بىلەن رەشىد ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ، تېخى ھويلىدىن چىقىپ بولالمىغان ئىدى. يان قوشنىسىنىڭ ئايالى ئالدىراپ كىرىپ كەلدى.

ــ دەريا تەرەپتە بىر قىزنى ئۆلۈۋاپتۇ دەيدۇيا؟ــ دېدى ئۇ ئۆمەرگە سالام قىلغاچ. رەشىدنىڭ يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ قالدى، ئۆيدە تىتىلداپ ئولتۇرالمايلا قالغان تۆرەممۇ بۇ خەۋەرنى تولۇق ئاڭلاپ ھويلىغا چىقىپ بولدى.

ــ كىمكەن ئۇ؟ ــ دېدى تۆرەم قوشنىسىنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئېلىشنىمۇ ئۇنتۇپ.

ــ ۋاي تاڭەي... بىزنىڭ ياسىنجان ئەتىگەن ماللارنى ئەچىقىپ كەتكەنتى، بىردەمدىلا ھېلىقى گەپنى كۆتىرىپ يېنىپ كەپتۇ، ئاۋۇ ئادەم بىلەن ئاكىسى كۆرۈپ باقايلى دەپ كېتىشتى، كۆڭلۈم ئەمەسلا بولۇپ ھەسەلخېنىمنىڭ يېنىغا مېڭىشىم ئىدى... ھەسەلخېنىم بارمۇ تۆرەم؟...

تۆرەم جاۋاب بەرمىدى، بىر شۇملۇقنىڭ شەپىسى ئۇنى دەھشەتكە سېلىۋەتكەن ئىدى.

ــ ئانام بازارغا چىقىپ كېتىۋىدى، ئۆيدە يوق،ــ دادىسىنىڭ ئورنىدا ئۆمەر جاۋاب بەردى. دادا-بالىلارنىڭ ئۆمسىلە چىرايىغا، ئۆزىنى زادىلا خالىماي تۇرغان كەيپىياتىغا قاراپ، قوشنىسى ئۆمەرگە خوش دەپ ھويلىدىن چىقىپ كەتتى. ئەمدى گەپ كەتمەيتتى، ھەممىسىنىڭ كاللىسىدا«رەشىدە»دېگەن ئىسىم ئەكس سادا قايتۇراتتى... تۆرەم ئۇدۇللا رەشىدنىڭ ماشىنىسىغا چىقتى، ئۆمەرمۇ دادىسىنىڭ يېنىغا جايلاشتى، رەشىد يۈرىكى سىرقىرىغان ھالدا ماشىنىسىنى قۇيۇن- تۈتۈن دەريا تەرەپكە قاراپ ھەيدەپ كەتتى.

دەريا بويىغا ئېلىپ بارىدىغان چوڭ يولنىڭ بويىغا بىر مۇنچە كىشىلەر توپلىشىۋېلىشقان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ساياھەتچىلەرمۇ، يەرلىك چارۋىچىلارمۇ، ئېلىپ-ساتار سودىگەرلەرمۇ بار ئىدى. يەرلىك ساقچىخانىنىڭ بىر نەچچە ساقچىلىرىمۇ كەلگەن، ئۇ يەردە سوزۇلۇپ ياتقان مىيىتنىڭ ئۈستىگە ئاق رەخت يېپىپ، ساقچىخانىغا ئېلىپ كېتىش ياكى قانۇن دوختۇرلىرىنى ساقلاپ تۇرۇش مەسىلىسىدە ئىككىلىنىپ قېلىشقان ئىدى. ئۇلاردىن ھېچكىممۇ ئۆلۈپ كەتكۈچىنى تونۇمىغاچقا، ئۇنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتىنى بىلەلمىگەن ئىدى.

تۆرەم كىشىلەر توپىنى يېرىپ ئالدىغا قاراپ ماڭدى. كىشىلەر قىزىقسىنغان، قايغۇغا چۆمگەن ھالدا چەتكە ئۆتۈپ ئۇلارغا يول بېرىشتى. ئەمما يۈرىكى دەھشەت بىلەن سوقۇپ كەتكەن رەشىد، دادىسىنىڭ ئالدىدا ئۇچقاندەك بېرىپ مىيىتنىڭ يۈزىگە يېپىلغان ئاق رەختنى ئالدى-دە، چىرايى شۇ ھامان ئۆڭۈپ كەتتى.

ــ رەشىدە؟... جېنىم سىڭلىم!!ـــ رەشىد ئەس-ھۇشىنى يوقاتقان ھالدا ۋارقىراپ تاشلىدى. ئۇنىڭ خۇددى بەزگەك بولغان ئادەمدەك چىشلىرى كاسىلداپ، يۈزىدە قان دىدارى قالمىغان ئىدى...

بۇ سۆز گويا بومبا بولۇپ پارتلاپ، ئەتراپنى كۇمپەيكۇم قىلىۋەتكەندەك، تۆرەمگە پۈتۈن يەر-جاھان پىرقىراپ، قارا تۈتەكتە قالغاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى... ئۆمەرنىڭ چىرايىمۇ قورقۇنچلىق تۈس ئېلىپ، تۈرۈم-تۈرۈم پۈرۈشتى. ئۇ ئەس-ھۇشىنى يوقاتقان ھالدا قېتىپ تۇرغان دادىسىنى يۆلەپ، ئۇخلاپ تۇرغاندەك بىخارامان ياتقان رەشىدەنىڭ يېنىغا ئەكەلدى. رەشىدە خۇددى قاتمۇ-قات ئازاب-ئۇقۇبەتلەر يۈكىدىن بىراقلا قۇتۇلۇپ، ئەبەدىيلىك راھەت-پاراغەتنىڭ قۇچىقىدا ئەللەيلىنىۋاتقاندەك جىمجىت ياتاتتى. ئۇنىڭ ئاقىرىپ كەتكەن يۈزلىرىدە خاتىرجەملىكنىڭ ئىپادىسى قېتىپ قالغان ئىدى... رەشىدەنىڭ مىيىتىنى كۆرۈپ تۆرەمنىڭ يوغان گەۋدىسى مۇشت تەگكەندەكلا سەنتۈرۈلۈپ كەتتى...

رەشىدەنىڭ ئۆلۈمى تۆرە باقى ھەم ئۇنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىدىلەرگە خۇددى ئوچۇق ئاسماندا چاقماق چېقىلغاندەك قاتتىق تەسىر قىلدى. ئۇلارنىڭ قەلبى ئېچىلماي توزىغان غۇنچىدەك قازا تاپقان بۇ گۈزەل، ئوماق قىزغا قارىتا ئازابلىق ھەسرەتكە، پۇشايمانغا تولغان ئىدى. ھەسەلخېنىم ئاغرىپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى. نە بىراۋغا تاپا-تەنە قىلىشنى، نە بىرلەرنى تىللاپ پۇخادىن چىقىشنى بىلمەيتتى. رەشىدەنى بەختتىن ئايرىۋەتكەنمۇ ئۆزى ئىدى. دانىيارنى ئاچكۆز، شەخسىيەتچى قىلىپ تەربىيەلەپ، دادىسىدىن قاچۇرۇپ مۇشۇنداق مۇتىھەم قىلىۋەتكەنمۇ دەل ئۇ ئۆزى ئىدى...

پالاكەتچىلىك رەشىدەنىڭ ئۆلۈمى بىلەنلا كەتمىدى، تەقدىر تۆرە باقىنىڭ سەۋر قاچىسىنىڭ تۈۋىنى ئۆلچەپ باقماقچى بولۇۋاتقاندەك، بۇ ئائىلىگە تېخىمۇ قورقۇنچلۇق چاقچاقلارنى كەينى- كەينىدىن قىلىۋەردى.

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ


رەشىدەنىڭ مىيىتىنى دەپنە قىقىپ تېخى نېرى-بېرىنى ئاڭقىرماي تۇرۇپلا، دانىيارنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى كەلدى. دانىيار ساقچىلار قوغلاۋاتقاندا ماشىنىنى تېز ھەيدەپ، تېز سۈرئەتلىك تاشيولدىن پەسكە قاڭقىپ چۈشۈپ كەتكەن ئىدى.

دانىيارنىڭ ئۈلۈكىنى ئۆمەر بىلەن ئىبراھىم مىڭ بىر جاپالار بىلەن تاغقا ياندۇرۇپ كەلدى، ھەم جىمجىتلا يەرلىكىدە قويدى. ھەسەلخېنىمنىڭ ھەسرىتى تېخىمۇ ئېغىرلاپ كەتتى. بار دەردىنى كېلىنى ئالتۇنخان ۋە ئۇنىڭ ئانىسىدىنلا ئالدى:

ــ خوتۇن كىشى دېگەن بىر ئەرگە قانائەت قىلمىسا بار بالاسى ئېرىگە بولىدۇ. دانىيارنى باسقان پالاكەتنىڭ،ھەممىسىنى،خوتۇنىنىڭ بۇزۇقلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇ ئېرى سىرتتا يۈرگەندە ھايانى ئۇنتۇپ، ھېچكىمدىن ھېيىقماي، نەدىكى تېرىچى، تاسمىچىلارنىڭ كەينىدە يۈردى.ۋاي ئەر مەستانىسى... بىچارە بالام،مۇشۇ مەينەت خوتۇنىنىڭ پالاكىتىگە كەتتى. «قىزنى بۇزغان ئانىسى» دەپتىكەن، قىزىم، ئېرىڭ سودا قىلىۋاتىدۇ، ئۆيۈڭدە غىت قىسىپ ئولتۇر، قېيىنئاناڭنىڭ خىزمىتىنى قىل، دېمىدى يا ئاۋۇ قېرى دەللىمۇ؟ھە دېسە ئۆيىگە ئاپىرىۋېلىپ، يولدا بۇزدى، قىزىنىڭ كۆكىنى سېتىپ خەجلىدى... ھۈ... ھۈ... ھۈ... جېنىم بالام....

ھەسەلخېنىمنىڭ يىغىسى ھېچ توختاي دېمەيتتى.بۇنداق چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن گەپلەردىن تۆرەمنىڭمۇ چىشلىرى قېرىشتى. ئۆزى ھەسەلخېنىمنىڭ يېنىغا نەچچە كىرىپ، «ئاغزىڭنى يىغىۋال،قالايمىقان گەپ قىلما، بالىلىرىمىزنىڭ ئۆمرى شۇنچىلىككەن،خەقتىن كۆرۈشكە بولمايدۇ»... دەپ ۋارقىراپمۇ باقتى. ھەتتا سىلكىشلەپ دوقمۇ قىلدى. ئەمما خوتۇنىنى يىغىسىدىن توختىتالمىدى. ھەسەلخېنىم گويا ئۆزىدىكى بارلىق سەۋەنلىكنى، رەشىدەگە، دانىيارغا بولغان پۇشايمانلىق ئوت-پىراقنى،بىراۋغا مانا مۇشۇنداق ئارتىپ قويۇش ئارقىلىق ئۆچۈرمەك بولۇۋاتقاندەك قىلاتتى. ئەسلىدىمۇ ئۇنىڭ بىرەر سەۋەنلىكنى باشقىلارغا ئارتىپ قويۇش، باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى ئەيىبلەپ كۆنگەن خۇيى شۇ تاپتىمۇ ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىۋاتاتتى. شۇڭا ئۇ،دانىيارنىڭ،ئۆلۈمىنىمۇ كېچىكىپ ئاڭلاپ، قاياقتىندۇر پەيدا بولۇپ قالغان كېلىنى ئالتۇنخاننى كۆرۈپلا،ئالدىغا ئېتىلىپ باردى-دە،  كېلىنچەكنى قولى يەتكەن يەردە ئۇرۇپ، تىللاپمۇ زادىلا پۇخادىن چىقمىدى. ئالتۇنخان شۇ كۈنى،ئانىسىنى ئېلىپ چوڭ ئۆيگە كەتتى، قېيىنئانىسىنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان تىل-ھاقارەتكە ئۇ چىداپ تۇرالمىغانىدى...

ــ ھۇ بۇزۇق مەينەت! ئېرىنىڭ بېشىغا چىققان كاراسكا... ھۇ پەسەندى... مەينەت يۈرۈپ بالامنىڭ بېشىنى يىدىڭ! لەنەت ساڭا، لەنەت بالامنىڭ ئېشىنىمۇ، بېشىنىمۇ يىگەن زۇۋانىڭغا! ــ ھەسەلخېنىمنىڭ پەرياد-نالىلىرى 40 كۈنگىچە زادىلا بېسىقىپ قالمىدى. ئاشۇ مەينەت ئالتۇنخانغا لەنەت ياغدۇرغاندا، ئۇنىڭ ئاۋازى بوغۇلۇپ، خىرقىراپ كېتەتتى... تاغلىقلارغا،دانىيارنىڭ ماشىنا ۋەقەسىدە ئۆلۈپ كەتكەنلىكىلا ئۇقتۇرۇلدى. رەشىدەنىڭ نېمە ئۈچۈن تۆمۈر تايغا كېلىپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى غۇلغۇلا قىلىدىغانغا تاغلىقلارنىڭ ئەقلى يەتمىدى. رەشىدە توغرىلىق، دانىيار توغرىلىق ئەپقاچتى گەپلەر ھەر خىل ئىدى.

«رەشىدەنىڭ ئۆلۈكىنى دەريادىن سۈزۈۋاپتۇ» دېگۈچىلەرمۇ، رەشىدەنى قانسىراپ كېتىپتۇ، دېگۈچىلەرمۇ بولدى. تەجرىبىلىك بەزى ئاياللار رەشىدەنى تۇغۇتىدا تۈگەپ كېتىپتۇ دەپمۇ پەرەز قىلىشتى. ئۇلارنىڭ بۇنداق دېيىشىدە مىيىتنىڭ ياتقان جايىدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا، يامغۇر سۈيى يۇيۇشقا ئۈلگۈرەلمىگەن قان ئىزلىرى بار ئىدى. ئەمما كىشىلەر ھېچقانداق گەپكە ئىشەنمىدى، ھەم ھېچكىم ھەسەلخېنىمغا ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۆزلىرىنىڭ گۇمانى قاراشلىرىنى دېيەلمىدى.

رەشىدەنى يەرلىكىگە قويۇشتىن بۇرۇن،ئۇنىڭ،ئۆلۈپ كېتىش سەۋەبى توغرىلىق ساقچى تەرەپ تۆرەمگە ئېنىق ئۇقتۇرۇش قىلدى.يەنى،رەشىدە،تۇغۇتىدا ئۆلۈپ كەتكەن،ئەمما تۇغۇتىدا ئۆلۈپ كەتكەن بولسا،بوۋاق نەدە؟بۇ سۇئال،تۆرەمنىڭ يۈرىكىدىكى ھېچكىشىگە ئېيتالمايدىغان سىر بولۇپ قالدى.

شۇ تەرىقىدە ئىككى ئاي ئۆتتى،نادان تاغلىقلار دانىيارنىڭ ئۆلۈمىنى ئۆزىنى باشقۇرالمىغان بۇزۇق خوتۇنى ئالتۇنخاننىڭ پېشكەللىكىدىنمۇ كۆردى.ئۆز قېنىغا پېتىپ يۈرەلمىگەن،قىلىقسىزلىقىغىمۇ جۆرۈشتى.شۇنداق جۈرۈپ يۈرۈپ،ئاغزىمۇ بېسىقتى.ئەمما ھەسەلخېنىمنىڭ پىغانى بېسىقمىدى، خۇددى ئېلىشىپ قالغان ئادەمدەك، ھە دېگەندىلا كېلىنلىرىگە، ئېرىگە، ھەتتا ئوغۇللىرىغا تاپا قىلاتتى:

ــ دانىيارغا كۆڭۈل بۆلۈشمىدىڭ، ئۆزۈڭنىڭ ئىشى بىلەنلا بولدۇڭ، ھە دېسە ئۇنى تەييارتاپ، ھورۇن... دەپ تىللاپ، ئاخىرى ئۇنى شۇ  سەنىمىگە ئۇسسۇلغا سېلىپ بەردىڭ...

ــ نەدىكى مەينەت پاسكىنىلارنى كېلىن دەپ ئۆيگە ئەكىرىپ، ئۆيىمىزنىڭ بوسۇغىسى بۇلغاندى. ئوغلۇمنىڭ ئۆلىمىدە،ئاشۇ سەلىمە دېگەن مەينەتنىڭ دومىلىسىمۇ يوق ئەمەس. ئاشۇ پاسكىنىنى قاچان كېلىن قىلدىم، شۇندىن باشلاپ بۇ ئۆينى كەينى-كەينىدىن پالاكەت باستى. بىردەمدىلا ئىككى بالامدىن ئايرىلدىم... تېخى ئاشۇ پاسكىنىنى يەنە كېلىن قىلىمەن، دەيدۇ بۇ گالۋاڭ قېرى! قاراپ تۇر، شۇنداقلا قىلساڭ، كۆرىدىغىنىڭ ئالدىڭدا تېخى!... ۋاي بالىلىرىم،ۋاي مېنىڭ يۈرەك پارىلىرىم.. قارا يۈز كېلىنلەرنىڭ پوقىغا كەتكەن چىرايلىقلىرىم...ـــ ھەسەلخېنىمنى زادىلا پەس قىلالمىغان تۆرەم ئۇنى ئېلىشىپ قالغانمىدۇ، دەپمۇ ئويلايدىغان بولۇپ قالدى. دېمىسىمۇ ھەسەلخېنىمنىڭ ئىلگىرىكى گەپ-سۆزلىرى، يۈرۈش-تۇرۇشلىرى يوقالغان بولۇپ، بەزىدە پۈتۈنلەي ساراڭنىڭلا قىلىقىنى قىلاتتى.«ۋاي بالىلىرىم» دەپ،بىر باشلىۋالىدىغان بولسا، كۈن-كۈنلەپ يىغلاپ، قاقشاپ، ھويلىدا باشتاق يۈگۈرۈپ يۈرەتتى. تۆرەم خوتۇنىنىڭ قىلىقلىرىغا قاراپ دانىيارنىمۇ، رەشىدەنىمۇ ئۇنتۇدى، ئەسيادى خوتۇنىنى داۋالىتىشتا قالدى.

شۇنداق كۈنلەردە،يەنى رەشىدە بىلەن دانىيارنىڭ يىل نەزىرسىدىن كېيىن،بۇ ئائىلىنىڭ بېشىغا يەنە بىر قاتتىقچىلىق چۈشتى. تۇرۇپ-تۇرۇپلا كۆڭلى ئاينىپ يۈرگەن ئىبراھىم دوختۇرخانىغا تەكشۈرتۈشكە بېرىۋىدى، «جىگەر راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى» بولۇپ چىقتى...

ئىبراھىمنى ساقايماس كېسەل باسقانلىقىنى بىلىپ ھەسەلخېنىمنىڭ ساراڭلىقىمۇ ئوڭشىلىپ قالدى. تۆرەمگە ئوخشاش بار ئەسىيادى بىلەن ئىبراھىمنى قۇتقۇزىۋېلىشنىڭ پېيىغا چۈشتى. قىلغان-ئەتكەنلىرىنى، بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى تولا ئويلايدىغان،تولا نالە قىلىپ ئۆزىدىن كەتكەن ھاكاۋۇرلۇقلارغا پۇشايمان قىلىدىغان بولۇپ كەتتى. ئەمما بولغۇلۇق بولۇپ بولغاندا،نېمە پايدىسى دېگەندەك، ئىبراھىمنىڭ كېسىلى بارغانچە يامانلاپ كەتتى.

رەشىد بۇ مېھرىبان ئاكىسىنى نەدە ئۈمىد باركەن، نەدە ئۇستا دوختۇر باركەن، دېسە، شۇ يەرگە ئېلىپ باردى. ئەمما ئىبراھىم بارغانسىرى بوشاپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ ھەر قېتىم ئاغرىق ئازابىدىن قىلدەك تولغانغاندا، ھەسەلخېنىممۇ ئىچ-ئىچىدىن تۈگىشىپ، يېرىلىپ كېتەيلا دەيتتى. ھاياتىنىڭ ئەڭ قىران چاغلىرىدا تۇرۇۋاتقان ئىبراھىمنى ھېچكىمنىڭ مۇشۇنداقلا كېتىپ قالىدۇ، دېگۈسى كەلمەيتتى. ئىبراھىمنىڭ كېلىشكەن قەددى-قامىتى بىراقلا سولدى. قاپقارا چاچلىرى خىمىيەلىك داۋالاشتا پۈتۈنلەي چۈشۈپ، تاقىرلىشىپ كەتتى. ئىلگىرىكى شوخ- تېتىكلىكىدىن ئەسەرمۇ قالمىدى. كۈن بويى جان غېمى بىلەنلا قالغان ئىبراھىمنى كۆرگەن ھەر قانداق ئادەم ئۇنىڭ بىر يىل ئىلگىرىكى چىرايلىق يىگىت ئىكەنلىكىگە ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۆزىنى ئىشەندۈرەلمەيتتى...


        داۋامى  بار .......


 ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319







سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k