大数跨境

جۇدالىق سىرى (رومان ) 46ـ قىسىم

جۇدالىق سىرى (رومان ) 46ـ قىسىم aybarawazi
2022-11-02
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

  سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر !  تۆۋەندە  يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي قەلمىدە  پۈتكەن ( جۇدالىق سىرى ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 47 - قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمىلىرىنى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ 

    

1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45







 ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى . جەمئى 54 قىسىم 

ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ،  رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ  كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە  ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت . 





 (  جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن تۇلۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 


جۇدالىق سىرى


(رومان)


46-قىسىم


شۇ ھالدا بىر قىش ئۆتۈپ كەتتى، باھار بىلەن ئالمىشىپ تومۇزمۇ كىردى. ئىبراھىمدا ھېچقانداق ئۈمىد قالمىدى، ئۇنى بېيجىڭغا نەچچە ئاپىرىپ كەلگەن رەشىدمۇ ئۈمىدىنى ئۈزدى، ئەڭ ئاخىرقى چاغلاردا ئىبراھىم ھەر قاچان دىرىلدەپ تىترەپ، ئۆزىنىڭ جان قايغۇسىدىلا قالغان ئىدى.

ئاكىسىغا قاراپ يۈرىكى لەختە-لەختە بولغان رەشىدنىڭ بۇ دۇنيادىن بىردىنلا رايى ياندى. دېمىسىمۇ ئۇنىڭ قولىدىكى پۇل، ئىناۋات ھەم ئابرۇي ئاكىسىنىڭ كېسىلىگە ھېچقانداق ئارا تۇرالمىغانىدى. ئەكسىچە مۇشۇ پۇل-پۇچەك، مال-دۇنيالار بۇ ئائىلىنى ۋەيران قىلىۋەتتى. دانىيار بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولدى. ھەددىدىن زىيادە پۇل خەجلەشكە، مەنمەنچىلىككە كۆنگەن دانىيار ئاخىرى پۇلنىڭ ۋەسۋەسىدە ئۆلۈپ كەتتى، سىڭلىسىنى بىر قوللۇق ۋەيران قىلدى. شۇنچە كۆپ پۇلنى تۇتۇپ تۇرىۋاتقان تۆرەم ئۆزىنىڭ بىردىنبىر قىزى رەشىدەنى، يۈرەك ئاغرىقى بىلەن كېتىپ قالغان ئارزۇنى قۇتقۇزۇپ قالالمىدى... مانا ئەمدى ئىبراھىم...

پۇل، ھوقۇقمۇ، ئىناۋەت ھەم ئابرۇيمۇ ئىبراھىمدە كەم ئەمەس ئىدى. بەلكى يەتكۈچە بار ئىدى. ئەمما قايسىسى ئىبراھىمنىڭ جېنىغا ئارا تۇرالىدى؟

سۆيۈملۈك ئايالى ئارزۇدىن ئايرىلىپ قالغاندا، رەشىدنىڭ سودىدىن، پۇل تېپىشتىن بىردىنلا رايى يېنىپ كەتكەن ئىدى. بىر جانغا ئارا تۇرالمىغان پۇل-پۈچەكنىڭ نېمە قىممىتى بولسۇن، دەپ بىر مەزگىل ئۆزىنى تاشلىۋەتكەن،مانا ھازىرمۇ شۇنداق كەيپىيات ئۇنى ئىلكىگە ئېلىۋالغان ئىدى...

ئىچى پۇشقان رەشىد ئاكىسى ئىبراھىمنى ئۇنىڭ ياۋاش ئايالىغا قالدۇرۇپ ھويلىغا چىقتى. ھويلىنىڭ ئايىغىدىكى ئۆزى بىر چاغدا ھۇجرا ئۆي قىلغان ئىككى ئېغىزلىق ئۆيدىن ئانىسىنىڭ يىغا ئاۋازى كېلىۋاتاتتى. رەشىدنىڭ يۈرىكى ئېچىشتى، ئانىسىغا تەسەللىي بەرمەك بولۇپ ئۆيگە كىردى.ئۇ،شۇ كۈنلەردە ئۆزىنى قويارغا يەر تاپالماي قالغان ئىدى. ئۇ ئىبراھىمدىن چاتاق چىقار، دەپ ئويلاپمۇ باقمىغان بولغاچقا،تەقدىرنىڭ ئۆزىگە بېرىۋاتقان بۇ قىسمىتىگە ھەيران بولماي تۇرالمىدى:

ــ ھەممىسى مەندىن ئۆتتى،مەن ھاكاۋۇرلۇق قىلدىم، مەن ئۆزۈمنى تونۇمۇدۇم،مال دۇنيادىن،خەقلەرنىڭ ۋاي ۋايلىرىدىن كاللام ئاينىپ قالدى.شۇنداق ئەمەسمۇ؟مانا شۇ ھاكاۋۇرلۇقۇم ئۆزۈمگە ياندى.شۇ چاغدا،كاللام ئاينىپ،دانىيار بالامنىڭ ئۆلۈمىنى،ئۇنىڭ بۇزۇق ئايالىدىن،رەشىدەنىڭ ئۆلۈمىنى،سەلىمەنىڭ ئايىغىنىڭ قۇرغاقلىقىدىن كۆرۈپ قاقشاپتىمەن،ئۇلارنى قارغاپ يىغلاپتىمەن.تېخى،ئاشۇ يىتىم قىزنى كەچۈرۈشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭغا ئىزا-ئەلەم قىلىپ، پۈتۈن ئەل-مەھەللىنىڭ ئالدىدا شەرمىساز قىپتىمەن. ئۇنى بۇزۇق چىقتىڭ، ئۆلۈۋال... دەپ ئۆلۈشكە قىستاپتىمەن!... ئاشۇ قىزنى ئۆلۈۋېلىشقا قىستىغان ۋاقتىم دەل مېنىڭ قىزىمنىڭمۇ ئۆلۈشكە قىستىلىۋاتقان مەزگىلى ئىكەن ئەمەسمۇ؟.ناۋادا،مەن شۇ چاغدا،ئاشۇ قىزغا ئازراق كەڭ قورساقلىق قىلالىغان بولسام، قىزىممۇ،بىر سەۋەب بىلەن،بىر ياردەمگە ئېرىشكەن بولار ئىدى... مەن سەلىمەنىڭ قولتۇقىغا سەۋزە قىستۇرۇلغان داستىخاننى بېرىپ، ئۇنىڭ بۇزۇقلىقىنى سازايى قىلدىم، باشقا قىزلارغا ساۋاق قىلدىم، دەپ خۇشال بوپتىكەنمەن، قىلغىنىمدىن پەخىرلىنىپ كېتىپتىمەن-يۇ،ئەمما شۇ بىر تال قىزىمنىڭ كۆز ئالدىمدىلا رەسۋا بولىدىغىنىنى ئويلىماپتىمەن... ۋاي ئىسىت ،بارچە خاتالىق مەندە،مەن شۇ سەلىمەنىڭ، ئالتۇنخاننىڭ ئەيىبىنى ياپالمىدىم،ئۇلارنى جاھانغا سازايى قىلدىم. ئاقىۋەتتە،تەقدىر،مېنىڭ، پەرزەنتلىرىمنىڭ ئەيىبىنى يېپىشنى رەت قىلدى...بۇ دېگەن مېنىڭ كۆرگۈلۈكۈمكەن ئەمەسمۇ؟...دانىيارغۇ،بۇزۇق خوتۇنىنىڭ كاشىلىسى بىلەن كەتسۇن، مانا ئەمدى ھېچ خاتالىقى يوق، ئاقكۆڭۈل  سۆيۈملۈك خوتۇنى بار،ئىبراھىمنىڭ،مۇشۇنداق يامان ئاغرىقتا يېتىشى نېمە ۋەجىدىن؟تەقدىر،مېنى،بۇ قېتىم قانداق قىلاركىن؟ ئىبراھىمنىڭ ئۆلۈمىنى يەنە كىمدىن كۆرەركىن، دەۋاتىدۇ ھەقىچان؟...ۋاي ۋاي مەن پۇشايمان قىلدىم،خاتالىقىمنى  تونۇدۇم،بارچە خاتالىق مەندە،بالىلىرىمدا ئەمەس، مەن جازالىناي،ئەمما بالىلىرىم ئامان بولسۇن!... ھۈ... ھۈ... ھۈ...

روھىي ئازابنىڭ زەھەرلىك چىشلىرى ھەسەلخېنىمنى قاساۋاتقان،جىسمىدىكى مەڭگۈ ھارمايدىغاندەك كۆرۈنىدىغان كۈچ قۇدرەت،ئەمدى كەلمەسكە كەتكەنىدى. ئانىسىنىڭ ئېچىنىشلىق نالىسى رەشىدنىڭ باغرىنى ئەزدى.ئەمما بىرنېمە دەپ،يىغىسىدىن توختىتالمىدى.ئۇ يەنە نېمە دېيەلىسۇن؟ئەگەر مۇشۇنداقلا،تەپپەكۇر قىلىنىدىغان بولسا،بۇ يەردە،رەشىدنىڭ خاتالىقى ھەممىدىن ئېغىرمۇ قانداق؟ ... رەشىدنىڭ يۈرىكىگە پىچاق سانچىلغاندەك بىر ئاغرىق كىردى.ئانىسى توغرا ئېيتىدۇ ۋە توغرا تەھلىل قىلدى.دەرۋەقە،بارچە خاتالىق ئۇنىڭدا.

ــ سەلىمە!...

شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى ئۇ سەلىمەنى تۈزۈكرەكمۇ ئويلاپ باقمىغان، ئۇنىڭغا،سەلىمەنى ئويلىغۇدەك ۋاقىتمۇ بولمىغان ئىدى. ئۇ ئاشۇ نەس تويدىن كېيىن ئۇدۇللا ئىچكىرىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، رەشىدەنى تېپىش ئۈچۈن ئۇ ياققا چىقىپ كەتتى. ئۇ يەردىكى دىشۋارچىلىقنىڭ قايسىسىنى دېسۇن؟... دانىيارنىڭ مۇدھىش جىنايىتىلا ئۇنىڭ كاللىسىنى قوچۇپ، ئۇھ دېگۈدەك يېرىنى قويمىدى، رەشىدە ئۆلدى... دانىيارمۇ ئۆلۈپ تۈگىدى... ئۇلاپلا ئىبراھىم... ئۇنىڭ كاللىسىدا نۇرغۇن ئىشلار بار ئىدى. دادىسى، ئانىسى، قېرىنداشلىرىنىڭ ھاياتلىق ئىشلىرى، دەپنە ئىشلىرى، ئۆزۈمنى تارتتىم دەپلا تارتىپ كەتكىلى بولمايۋاتقان سودا ئىشلىرى،ئۇنىڭ ئېسىگە سەلىمەنى بەكلا ئاز كەلتۈرەتتى. توغرىسى ئۇ سەلىمە دېگەن بۇ قىزنى زادىلا ئويلاشنى خالىمايتتى. قىزنىڭ ئاشۇ ئەتىگەندىكى يەرنىڭ تېگىدىن دېگۈدەك كېلىۋاتقان مىسكىن ئاۋازىلا ئۇنىڭ يۈرىكىنى قىيىپ تۇراتتى. دەرۋازا تۈۋىدىكى تىكىلىشلىرىچۇ تېخى!ئەمىليەتتە، ئۇ سەلىمەنىڭ ئاشۇ چاغدىكى چىراي ئىپادىسىنى ھەرگىز ئۇنتۇيالمايتتى. ئۇ تا شۇ كەمگىچە بۇنچە مۇڭلانغان، بۇنداق مىسكىن، بۇنچە بىچارە ۋە بۇنداق ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە پۇچۇلانغان چىراينى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى...


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ


شۇنداق،ئانىسىنىڭ دېگەنلىرى توغرا! ئۇلار سەلىمەنىڭ بىر چاكار بولۇشتەك ئەڭ ئاددى، ئەڭ ئاسان ئارزۇسىنىمۇ قاندۇرۇپ قويمىدى ئەمەسمۇ؟ بىر ئەركىن ئادەم، ئۆزۈم خالاپ،سىلەرگە چاكار بولاي، دېسىمۇ،ئۇنى رەت قىلدى... مانا ئەمدى تەقدىر ۋاقىتنى ھېچ سوزمايلا ئۇلارنىڭ قىزىغا، سىڭلىسىغا، قېرىنداشلىرىغا چاكار بولۇش ئەمەس، ھەتتاكى كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرۈش پۇرسىتىنىمۇ بەرمىدى... شۇنداق، تەقدىرنىڭ بۇ ئائىلىدىكىلەرگە، رەشىدكە بەرگەن جازاسى رەشدەنىڭ، دانىيارنىڭ، مانا ئەمدى ئەجەلنىڭ سىرتمىقىغا چۈشۈپ بولغان ئىبراھىمنىڭ ئۆلۈمى ئارقىلىق كەلگەن ئىدى...

رەشىد تېخىمۇ پاراكەندە بولغان ھالدا ئاستا كەينىگە ياندى. دادىسىنى ئىزلىدى، ئۇنىڭ دادىسى بىلەن ئۇزۇن پاراڭلاشقۇسى، يۈرىكىدىكى زەرداپلىرىنى دادىسىنىڭ چوڭقۇر مەنىلىك سۆزلىرى بىلەن تۈگەتكۈسى كەلدى. بىراق تۆرەم شۇ كۈنلەردە كەم سۆز، ئويچان ۋە چېچىلغاق بولۇپ قالغان ئىدى. خۇددى ئېغىر كېسەل تەگكەندەك بېلى پۈكۈلۈپ، مەڭزى تاتىرىپ، كۆزلىرى گۆردەك ئولتۇرشۇپ كەتكەن ئىدى. ھەدېسىلا نېمىدىندۇر گۇمانلىنىپ، بىر نېمىلەرنى پىچىرلاپ يالغۇز  ئولتۇرۇۋالاتتى. ئىبراھىمنىڭ يېنىغىمۇ تۈزۈك كىرمەيدىغان بولۇۋالدى. بۇ تۆرەمنىڭ رەشىدنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازىغا، توغرىسى كىشىلەر قەلبىدە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تىكلىنىپ، ئەتىۋارلىنىپ كېلىۋاتقان ئوبرازىغا ئۇيغۇن كەلمەيتتى...

ئۇ ئوتقاشتەك رەڭدار گىلەملەر سېلىنغان، ئىنتايىن كەڭ ۋە ئازادە ئۆيلەرنى بىرمۇ بىر ئاختۇرۇپمۇ دادىسىنى تاپالمىدى. تۆرەم نەگىدۇر كېتىپ قالغان ئىدى. دادىسىنى تاپالمىغاندىن كېيىن رەشىدنىڭ  قەلبىنى چىرماپ تۇرغان قايغۇ، سوغوقلۇق ۋە كۆڭۈلسىز ئازاب تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتكەندەك بولدى. قورقۇنچلىق بىر ۋەقە، يەنە بىر كۆڭۈلسىزلىك ھېلىلا ئۇنىڭغا قاراپ يوپۇرۇلۇپ كېلىدىغاندەك بىئارامچىلىق ئۇنى قىساتتى.

دەرۋەقە، ئۇ كاللىسىنى ئازراق ئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن سىرتقا مېڭىۋېدى، ئىبراھىمنىڭ ئايالى ئالاقزادە بولغان ھالدا ئۇنى توۋلاپ قالدى:

ــ رەشىد،ئۇكام... سىزنى ئاكىڭىز چاقىرىۋاتىدۇ.

ــ مانا ھازىر..

رەشىد ئىبراھىمنىڭ يېنىغا كىرگەندە، ئىبراھىم قاتمۇ-قات كۆرپىلەر ئۈستىدە توختام سۇدا لەيلەپ قالغان بىر تال ساماندەك سوزۇلۇپ ياتاتتى.

ــ ساڭا دەيدىغان بىر گېپىم بار ئىدى...ــ دېدى ئىبراھىم چوغداندەك قىزىپ كەتكەن ئالقىنىنى ئۇكىسىغا سوزۇپ،ـــ سەلىمە... گەرچە سەن ئۇنى كەتكۈزىۋەتكەن بولساڭمۇ ئۇ ھېلىمۇ سېنىڭ قانۇنلۇق ئايالىڭ... رەشىد، ئۇ قىزنى مەن... قۇمدۆڭگە يۆتكەپ قويغان...ھازىر  شۇ يەردە مۇئەللىم بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ... ئۇ ئۆزىنىڭ ھازىرقى ئورنىنى ساڭا دېمەسلىكىمنى بەكلا تاپىلىغان ئىدى... ئۇنىڭ ھېچكىمنى كۆرگىسى يوقكەن... سەن بۇنى بىلىپ قال... ـــ ھالسىراۋاتقان ئىبراھىم ئۈزۈپ-ئۈزۈپ سۆزلەيتتى. قانسىز لەۋلىرى كۈچسىز مىدىرايتتى، ئاۋازى بۇرنىدىن چىققاندەك ئاجىز ئىدى...

بۇ چاغدا ھەسەلخېنىم كىرىپ ئىبراھىمنىڭ بېشىغا كېلىپ ئولتۇردى. دەرد-ھەسرەت، ئوغلىنىڭ ياش جېنىغا كەلگەن ئەجەلدىن،ئۇنىڭ باغرى كۆيۈپ كۈل بولغان ئىدى.

ــ بىلدىم، ئاكا...ــ دېدى رەشىد تىترەك ئاۋازدا.

ــ ئۇ سېنىڭ ئىلكىڭدە... ئۇ بىر بىچارە قىز... ئۇنىڭغا بەك ئۇۋال قىلدۇق... ئانا، سېلىمۇ ئۇنى كەچۈرىۋەتسىلە، رەشىدەنىڭ روھى بولسىمۇ خۇش بولۇپ قالار...__ دېدى ئىبراھىم ئانىسىغا قاراپ،ئۆتۈنۈش تەلەپپۇزىدا.

ــ شۇنداق... مەن خاتالىقىمنى يۇيىمەن، ئاكا...

ــ مەن ئۇ قىزنى كەچۈردۈم، بالام. كەچۈرەلمەيۋاتقىنىم ئۆزۈم شۇ تاپ...ـــ ھەسەلخېنىم مىچچىدە يىغلىۋەتتى.

ــ رەشىد، ئېسىڭدە بولسۇن، ئۇكام... جاھاندا سۇنماس ئەر، چېقىلماس تاش بولمايدۇ... بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرى،ئەمىليەتتە،مانا شۇنچىلىكلا... كەچۈردۈم-كەچۈرمىدىم، دېگۈدەك ھېچ ئىش يوق... ئەر- خۇتۇنچىلىقتا تېخىمۇ شۇنداق... مېنىڭ بالىلىرىم ساڭا ئامانەت،ئۇكام... ئۇلارنىڭ ھالىدىن مەن بار چاغدىكىدەك خەۋەر ئېلىپ، يېتىمچىلىكنىڭ دەردىنى تارتقۇزمىغايسەن...

ــ خاتىرجەم بول، ئاكا...

ــ مەن بۇ دۇنيادا... مەن بىلەن ئالاقىدە بولغان-بولمىغان بارلىق ئادەملەردىن رازىمەن... ئۇكام ، ئۇلارنىڭ مېنىڭدىن ئالىدىغان ھەققى بولسا ئۆمەر بىلەن ئىككىڭلا بېرىۋېتىڭلا، ئەمما مېنىڭ ھېچكىشىدە ئالىدىغىنىم يوق، بولسىمۇ مەن رازى بولدۇم... ماڭا رازىلىق بەرگەن بولسىلا، ئانا...

ــ سېلىدىن مىڭ مەرتىۋە رازىمەن، بالام،دادىلىرىمۇ سېلىدىن مىڭ مەرتىۋە رازى... سېلى بىزگە ياخشىلىقلا قىلدىلا، ھېچبىر يامانلىق قىلمىدىلا...

ئۆي ئىچىدە مىچىلداپ يىغلاشلار باشلاندى، ئىبراھىمنىڭ ئايالىمۇ ئېرىنىڭ ئاخىرقى ۋەسىيىتىگە قۇلاق سېلىپ، دەرد ئىچىدە ئۈن قويۇپ يىغلاپ ئولتۇراتتى. شۇ ھالدا يەنە خېلى ۋاقىت ئۆتتى، ئىبراھىمنىڭ كاۋاپتەك قىزىپ تۇرغان پىشانىسى تۇرۇپلا سوۋۇپ كەتتى، رەشىد قانچە زەن قويۇپمۇ ئاكىسىنىڭ نەپىسىنى تىڭشىيالمىدى...

ــ ئىبراھىم، ئاكا!... ئىبراھىم ئاكا!...

ــ جېنىم بالام!...ــ ئۆي ئىچىدىن يۈرەكنى ئەزگۈدەك ھازا ئاۋازى ياڭرىدى. خېلى كۈنلەردىن بۇيان دىققەتتە بولۇپ تۇرىۋاتقان قولۇم-قوشنىلار بىردەمدىلا ھويلىغا يۈگۈرۈپ كىردى. كىمدۇر بىرەيلەن تۆرەم بىلەن كاندىكى ئۆمەرنى تېپىپ كېلىش ئۈچۈن چاپتى...

4


        داۋامى  بار .......


 ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319







سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k