大数跨境

جۇدالىق سىرى (رومان ) 24ـ قىسىم

جۇدالىق سىرى (رومان ) 24ـ قىسىم aybarawazi
2022-10-11
6
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

  سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر تۆۋەندە ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى  ئاتاقلىق يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي قەلمىدە  پۈتكەن ( جۇدالىق سىرى ) ناملىق رومان ،  بۇ روماننى شىنجاڭ ئايبەر خەلقئارا ساياھەت شىركىتى ئالاھىدە قوللىغان ،  ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن  گۈل قەلەم   سالۇندا  تارقتىدۇ ،  ئايبەر ئاۋازى سالۇندا  ئۇلاپ تەكرار  تارقىتىلىدۇ ، بۇ روماننى  دەل ۋاقتىدا ئاڭلاشنى خالىساڭلار  ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ گۈل قەلەم سالۇننى قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ  ، ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى ، 

ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ،  رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ  كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە  ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت . 




 (  جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

(  جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ خەتلىكىنى ئالدىن ئوقۇماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ


………………… 


ئاۋازلىقى



1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23

















جۇدالىق سىرى


(رومان)


ئاپتۇرى:نۇرگۈل ئەبەي


24-قىسىم



رەشىدە توغرىسىدىكى يۇقارقىدەك ئېچىنىشلىق رېئاللىق،ئاتا-بالا،ئۈچەيلەننىڭ كاللىسىدا بىراقلا ئايان بولۇپ، ھەممىسىنىڭ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ ئولتۇرىشاتتى.

ــ دانىيار دېگەن كالۋا ئېشەك نەلەردە يۈرۈپتۇ، كۆردۈڭمۇ ئۇنى؟ـــ دېدى تۆرەم جىملىقنى بۇزۇپ ئېغىر ئۇھسىنىۋەتكەندىن كېيىن. ئۇ خېلىدىن بېرى «ئۆز ئالدىمغا سودا قىلىمەن» دەپ يوقاپ كەتكەن بەڭۋاش ئوغلى دانىيارنى سوراۋاتاتتى.

ـــ ئۇ ھازىر شىنجىندىكەن، مەن بىلەن كۆرۈشكىلى ئۇنىمىدى، دادا. ئۇ بەك ئالدىراشمەن دەيدۇ، تېلېفوندىلا كۆرۈشتۇق. رەشىدەنىڭ ئىشىنى،ئۇنىڭغىمۇ دەپ قويدۇم، «جىم تۇرماي سەنمۇ ئىزدەپ كۆرگىن» دېسەم،ئەنسىرمە،ئۆزۈم تاپىمەن،دەيدۇ.

ـــ ھە... ئۇ،ئۇ تەرەپلەردە،زادى نېمە ئىش قىلىدىكەن؟

ـــ ھېچ بىلمىدىم، دادا...تىجارەت قىلىمەنلا دەيدۇ،ئېنىقىنى سورىساممۇ دېگىلى ئۇنمىدى.

ــــ دېگىلى ئۇنمىغان بولسا،ئېنىقكى،ئۇ يەنە شۇ خەقنى قاقتى سوقتى قىلىپ،دۇرۇست يولدا ئەمەسكەن...بولدىلا،بىر كۈنى بۇرنىغا يەپ،ئادەم بولار...ئەمما ئىككىڭلار،دەپ قويۇڭلار،بىزنىڭ بالىلار ئۇ كاززاپ بىلەن ئېلىشىپ يۈرمىسۇن،ـــ دېدى تۆرەم ئۆمەرگە قاراپ. تۆرەمنىڭ «بىزنىڭ بالىلار» دېگىنى ،ئىچكىردىكى،ئۆز سودىسىنى بىجىرىۋاتقان ئىشەنچلىك تاغلىق بالىلار، تۇغقانلار ئىدى.

ــــ ئۇقتۇم، دادا، مەنغۇ تاپىلىغان،شۇنداق بولسىمۇ، غەنىگە يەنە تېلېفون قىلىمەن.

ـــ ئىبراھىم،بالام،سەن ماۋۇ ئۆمەر بىلەن سادىقنىڭ ئۆيىگە بىر بېرىپ كەلگىنە... ھېلىلا،ـــ دېدى تۆرەم بىر ئاز ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن،ـــ ئاناڭ دېگەن كالۋانىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشىنى قارا، ئۇ كىشىنىڭ قىزىغا ئازار قىلىۋاتقاندا، نېمىشقا رەشىدەنى بولسىمۇ ئويلاپ قويمايدىغاندۇ؟ئەقلىم ھەيران جۇمۇ!

ـــ بولدىلا دادا،ئايال كىشى دېگەن كەم ئەقىل بولىدىكەن شۇ...ئۇنىڭ ئۈستىگە،قارىسام ئانام،بۇ ئىشتا،خەقنىڭ گېپىگە كىرىپ كەتكەندەك قىلىدۇ، بولۇپمۇ ھېلىقى ۋىت-ۋىت خوتۇن... ئىسمى نېمىدى؟... بۇسارىخان؟.. ھە، شۇ ئايال، بايا كىرسەم شۇ خوتۇن ئانامغا: «توغرا ئىش قىلدىلا» دەپ بېشىنى ئايلاندۇرۇپ ئولتۇرۇپتىكەن،ـــ دېدى ئىبراھىم ئانىسىنى ئاقلاپ.

ـــ شۇ خوتۇن كىرسىلا بىر پېشكەللىك بولىدۇ زادى... ئەمما ئاناڭ يەنە شۇ خوتۇنغا شۇنداق ئامراق...ئېلىشمىغىچە تېپىشماس دېگەنكىدەك،ئاشۇ خوتۇننىڭ ئېرىمۇ،خوتۇن كىشىدەك غەيۋەت-شىكايەتكە تىلىنى ئۆگىتىپلا ئالغان ئادەمكەن،ـــ تۆرەم شۇنداق دەپ غۇتۇلدىدى،ـــ ئاغىينەڭ قاغا بولسا يېيىشىڭ پوق دېگەننى بىلمەيلا ئۆتتى بۇ بەغەرەز ئاناڭ! بۇ كالۋانىڭ ئاشۇ بۇسارىخاننىڭ كەينىگە كىرىپ يىگەن پوقى ئاز ئەمەس بولمىسا!

ـــ ئاناممۇ قولۇم-قوشنا دەپ يۈز قارىغاندۇ، دادا.خاپا بولماڭ، رەشىدەنىڭ خەۋىرى بولسىلا، غەنى ماڭا تېلېفون بەرمەكچى، بەك ئەنسىرەپ كەتمەيلى،قورققانغا،يانداشقاندەك ئىش بولمىسۇن،ـــ ئىبراھىم شۇنداق دەپ ئاتىسىغا تەسەللىي بەردى.شۇنداق دېگىنى بىلەن، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى بەرىبىر تىنچلىنالمىدى. بىر قورقۇنچلۇق قارا قۇيۇننىڭ،ئۆزلىرى  تامان پات يېقىندا يوپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقانلىقى ھەركىمنىڭ دىلىغا ئايان ئىدى.

ـــ ئەمىسە سادىقنىڭكىگە ھازىرلا بېرىپ باقامسىلەر باللا؟ ـــ دېدى تۆرەم.

ـــ ماقۇل،بىز بارىلى دادا، ـــ دېدى ئۆمەر. 

ئۆمەرنىڭ سىرلىرى قاپقارا پارقىراپ تۇرىدىغان كىچىك ماشىنىسى،تۆرەمنى ئۆيىگە چۈشۈرۈپ قويۇپ، گۆھەربانۇنىڭ ئۆيى تامان يول ئالدى. تۆرەم،ئىبراھىمنىڭ بۇ ئىشنى قاملاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلالايدىغانلىقىنى بىلەتتى.ئۇنىڭ قىلىدىغان ئىشى،رەشىدنى دەرھال تاپتۇرۇپ كېلىپ، ئۇنىڭغا تەربىيە قىلىش كېرەك.ئىشقىلىپ،قانداقلا قىلىپ بولسىمۇ،كېلىنچەك يېنىپ كېلىدۇ،شۇ چاغدا،رەشىد،نادانلىقىغا ئېلىپ،يەنە خۇيلىنىپ ئولتۇرىۋالسا،ياكى سەلىمەگە قايتا ئىزا قىلسا قاملاشمايدۇ...

12

سەلىمە،تۆرە باقىنىڭ ھويلىسىدىن قوغلانغاندىن كېيىن،ئالدى كەينىگە قارىماي،بىرنەچچە چوڭ كوچىلارنى كېسىپ ئۆتتى.كوچىدا ئۇچرىغانلىكى ئادەم ئۇنىڭغا بىگىز بارمىقىنى چىنەپ،بىرنېمىلەرنى دەپ،كەينىدىن قاراپ قالاتتى ۋە ئۇنىڭ ئۆلۈكنىڭكىدەك تاتىرىپ كەتكەن چىرايى،ئەرۋەڭ سەرۋەڭ تۇرقى بىلەن نەگە كېتىۋاتقانلىقىغا قىزىقسىنىپ، ئاللىكىملەرنىڭ قېشىغا ئالدىراپ چاپاتتى.لېكىن بۇنىڭ بىلەن،سەلىمەنىڭ پەرۋايى پەلەك،ئۇ،توختاپ قالمىسا،مۇشۇ يەردىن،ئادەملەرنىڭ نەزىرىدىن غايىب بولسىلا بولدى.سەلىمە،ئۆزىنى باغرىغا ئالمايۋاتقان كوچىلار، ئۆيلەر، دەل-دەرەخل، ئىمارەتلەر، ئادەملەردىن نەپرەتلەندى. گويا بۇ نەرسىلەردە ئۆچى باردىكىدەك،گويا بۇ يەردىكى ئوماق بالىلارنى ئوقۇتۇپ باقمىغاندەك،ھەممىسىگە ئۆچمەنلىك نەزىرى بىلەن قارايتتى:«يۈگۈرگىن،تېخىمۇ تېزرەك يۈگۈرگىن،بىر بۇلۇڭ،بەلكىم بۇ دۇنياغا تەئەللۇق بولمىغان شۇنداق بىر پىنھان جاي،سېنى كۈتىۋاتقاندۇ؟شۇ يەرگە مۈكۈنىۋال-دە،ئۇلار سېنى ئەبەدىي تاپالمىسۇن»دەيتتى ئۆز ئۆزىگە...

  سەلىمە،بىر كوچىدىن ئۆتكەندە،كوچىنىڭ بېشىدىكى يوغان ياغاچتا،خۇددى تۇخۇم بېسىۋاتقان قېرى مىكىيانلاردەك قاتار ئولتۇرۇشقان،بىر توپ خوتۇنلارغا دۇچ كەلدى-دە،بۇرۇلۇپلا كەينىگە ياندى.خوتۇنلار ئۇنىڭ ئارقىسىدىن يېقىمسىز كۈلۈشۈپ قالدى.«كۆرۈۋېلىڭلار،يەتكۈچە كۈلۈۋېلىڭلار...»سەلىمە،كېتىۋېتىپ،شۇنداق،دەپ ئەلەم بىلەن پىچىرلاپ قويدى.مەيلى ئەمەسمۇ؟ئۇلار كۈلسۇن.كۈلىۋەرسۇن...ئايىغۇدەك،خىجىل بولغۇدەك نېمىسى قالدى؟ئۇلار،كۈلسىمۇ، كۈلمىسىمۇ بەرىبىر ئوخشاش؟بەرىبىر ئۇ لەت بولدى. پۈتۈن ئالەم ئۇنىڭ شەرمەندە بولغانلىقىنى، ئېرى تەرىپىدىن قولتۇقىغا سەۋزە قىستۇرۇلغان ھالدا قوغلانغانلىقىنى بىلىدۇ...


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ



ئۇ، شۇ ھالدا چارەك سائەتكىچە يۈگۈردى. نەگە بېرىشنى ئۆزىمۇ بىلمەيتتى. پەقەت ئۆزىگە ئۇۋال قىلىنغان، ئۇنى ناھەقلا شەرمەندە، بۇزۇققا چىقىرىۋەتكەن بۇ يەردىن يىراقلارغا كېتىشنىلا ئويلايتتى.شۇ چاغدا، ئۇ،ئۆزىنىڭ،ئۆز ئۆيىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالغانلىقىنى تۇيدى. ئۇ بۇ ئۆيدە،ساقمۇ ساق ئالتە يىل ياشىدى.ئالتە يىلنىڭ ئالدىدا،سادىق دادىسى،ئۇنى باشلاپ بۇ ئۆيگە كىرگەن ۋە ئۇنىڭغا:«مانا بۇ سىزنىڭ ئۆيىڭىز»دېگەن ئىدى.ئاشۇ مەنزىرە كۆز ئۆڭىدە ئايان بولغاندا،سەلىمە ئىختىيارسىز ھاسىرىغان، قارا تەرگە چۆمگەن ھالدا قەدىمىنى ئاستىلاتتى.تاملىرى ئېگىز،بۇ مەزمۇت قورۇغا تەكشى قاراپ،قەلبى ئىختىيارسىز بىر ئۈمىدكە تولدى. 

ـــ بۇ ئۆي سىزنىڭ، قىزىم، بۇ تاملارنى مەن سالغان، ھەرگىزمۇ يات ھېس قىلماڭ، ھەر قانداق ئادەمگە بىر ماكان قالقان بولغىنىغا ئوخشاش، بۇ ئۆيمۇ سىزگە بىر كۈنى قالقان بولىدۇ. بېشىڭىزغا ئېغىر كۈن كەلگەندە سىزنى قوينىغا ئالىدىغىنى دەل مەن سالغان مۇشۇ ئۆي... ئۆيدىكىلەر بىلەن چاتىقىڭىز بولمىسۇن، سىز مېنى دەپ كەلدىڭىز، مېنىڭ ئۆيۈمدە تۇرىسىز، كۆڭلىڭىز ئازار يەپ قالسىمۇ، ئۇلاردىن ناھەقچىلىق كۆرسىڭىزمۇ ئىچىڭىزگە ئالماڭ، چۈنكى سىز مېنىڭلا قىزىمسىز! پەقەت مېنىڭلا قىزىم...

سەلىمە،بېشىنى كۆتۈرۈپ،ئاپپاق بۇلۇتلار ئۈزۈپ يۈرگەن زەڭگەر ئاسمان بېتىگە قارىدى.ئاشۇ كۈرەك بۇلۇتلارنىڭ قانداقتۇر بىر يېرىدە،سادىق،ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپ قاراپ تۇراتتى.سەلىمەنىڭ بۇرنى ئېچىشىپ،كۆزلىرىگە ياشلار يامرىدى،ئەمما ئۇنىڭغاا قايتا كۈچ كىرگەنىدى.ئۇ كۆپ ئىككىلىنىپ تۇرمايلا، جۈرئىتىگە ئېلىپ،كونا دەرۋازىنىڭ مەزمۇت قاناتلىرىنى ھاڭقىرقاي ئېچىپ، ئۆزىنى ھويلىنىڭ ئىچىگە ئاتتى.

ھويلىدا گۆھەربانۇ تامدەك تاتىرىپ ئولتۇراتتى، ئۇنى ئورىۋېلىپ، ئاللىقانداق چوڭ «كېڭەش»تە ئولتۇرغانلاردىن: ھېكىم، شەيدا، ئەنۋەر ھەم بىر نەچچە قولۇم-قوشنىلار بار ئىدى. ھەممەيلەن دەرۋازىنىڭ جالاقلاپ ئېچىلىشى بىلەن دىڭڭىدە چۆچۈپ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى.ئۇلار سەلىمەنى كۆرمەستىمۇ ئاچچىقتىن ئۆزىنى قويارغا يەر تاپالماي يېرىلىپ كەتكۈدەك بولۇپ ئولتۇرۇشقان ئىدى، مانا ئەمدى سەلىمەنىڭ ھېچ ئىش بولمىغاندەك ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ،دەرۋازىنى تاراڭشىتىپ ئېچىپ كىرىپ كېلىشى،خۇددى ئوتنىڭ ئۈستىگە ماي چاچقاندەك رول ئوينىغاچقا،ھەممەيلەن دېگۈدەكلا سەلىمەنىڭ ئالدىغا ئېتىلىپ كېلىشتى.ئۇلارنىڭ ئىچىدە،كۆزلىرى بىر جۈپ كۆمۈر چوغىدەك قىزىرىپ كەتكەن ھېكىم ئىككى تاقلاپلا سەلىمەنىڭ ئالدىغا ئېتىلىپ كەلدى.شۇ تاپ ئۇنىڭ چىشلىرى كىرىشكەن،چىشلىرىلا ئەمەس،تۆمۈردەك قاتتىق يوغان مۇشتلىرىمۇ كىرىشىپ كېتىۋاتاتتى.

 ھېكىم كەلگىنىچە كېلىپ،سەلىمەنىڭ سارغىيىپ كەتكەن يۈزىگە كېلىشتۈرۈپ بىر مۇشت سالدى، ھەم ئارقا-ئارقىدىن ئۇچرىغانلا يېرىگە تېپىپ، دەسسەپ چەيلەشكە باشلىدى.سەلىمەنىڭ قورساقلىرى پۈكۈلدى،تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قالدى، كىچىككىنە قوللىرى بىلەن تەبىئىي ھالدا بېشىنى توسۇۋالدى...بىراز ۋاقىت ئەنە شۇنداق ئۆتۈپ كەتتى.بۇنىسى ئاز كەلگەندەك، گۆھەربانۇمۇ ئېغىزغا ئالغۇسىز گەپلەر بىلەن سەلىمەنى تىللاپ قارغايتتى.ھەم سەلىمەنىڭ،قولىغا ئىلەشكەنلىكى يەرلىرىنى چىمدىپ،ئاچچىقى بىلەن يۇناتتى.گاچا ئەنۋەرگىمۇ تىل چىققان،گەپنىڭ سەتلىكىدىن شالۋىقى ھەريان چاچرايتتى. 

ــــ ھۇ رەسۋا،نېمىشقا كەلدىڭ؟ قايسى يۈزۈڭ بىلەن بۇ ئىشىكتىن كىردىڭ؟ دەريا بويىغا ماڭساڭ بولمامدۇ؟ بۇ ئۆينى تاپقۇچە مەينەت تېنىڭنى بېلىقلارغا يەم قىلىپ بەرسەڭ بولماسمىتى؟ ئەمدى مەن تۆرەمغا قانداق قارايمەن؟ نېمە دەپ ئالدىغا بارىمەن؟!

ـــ پاسكىنا بۇزۇق، ئۆلسەڭ بولماسمىتى؟! ھۇ كەلگۈندى ياۋا مۈشۈك!

ـــ ئۇرە، تازا سالە! ئۆلمەيدىغان يېرىگە سال،ھېكىم! بۇزۇقچىلىق قىلغانغا تويسۇن بۇ پاسكىنا!

ـــ ۋاي ئاكا، بولدى قىل! بولدى قىلىڭلار ئانا،ئۇ ئۆلۈپ قالايلا دېدى!...ۋايجان! ئادەم ئۆلگىلىۋاتىدۇ! قويۇپ بەرگىن ئاپا!...__ شەيدا ھېچ ئايرىپ بولالماي چىر چىر چىقىرايتتى.تۇرغانلارنى ياردەملىشىشكە چاقىراتتى.

ـــ ۋوي،ئاكامنى تۇتىۋېلىڭلارچۇ خوشنىلار!ئايرىپ قويۇڭلار،ھېلى ئۆلۈم جوداسى چىقىدۇ!

__ ...

سەلىمە يۈرىكىنى ھەرىكەتتىن توختاپ قالغاندەك ھېس قىلدى.دېمىسىمۇ،شۇ تاپتا بىر چوڭ تاش ئۇنىڭ كۆكرىكىدىن بېسىپ،نەپسىنى قىسىپ كېتىۋاتاتتى.ئۇنىڭ شەيداغا ياندۇرۇپ گەپ قىلغۇسى،ئۇنىڭغا:كارىڭىز بولمىسۇن!ھېچكىم مېنى قۇتقۇزىۋالمىسۇن»دېگۈسى كەلدى.بىراق شۇنچىلىك گەپنى قىلغۇدەك ئاراملىق يوق،مۇشت تېپىكلەر،تىل ئاھانەتلەر شىددەتلىك ملۆلدۈر كەبى ئۈستىگە ياغاتتى.كېيىن ئۇ پۈتۈنلەي خارامۇش بولۇپ قالدى. پۈتۈن نېرۋىلىرى، سەزگۈلىرىمۇ سېزىمىنى يوقاتقاندەك ئىدى.«ئۆلۈپ كەتسەم قانداق ياخشى ھە؟ھەرگىز توختاپ قالماڭلار ئادەملەر!مېنىڭ ئۆلۈپ كەتكۈم بار...»دېدى ئۇ پىچىرلاپ.شۇنداق، ئۇنىڭ بۇ دۇنيانىڭ ھەرقانداق نەرسىسى،ئادەملىرى ھەتتا مال جاندارلىرىدىنمۇ كۆڭلى قالماقتا ئىدى. نېمە دەپ، يەنە قايسى ئۈمىد بىلەن بۇ يەرگە قېچىپ كەلگىنىنى چۈشىنەلمىدى، ھەم چۈشەنگۈدەك، ئويلىرىنىڭ نەتىجىسىنى چىقارغۇدەك ھېچقانداق جاۋابمۇ تاپالمايتتى...بەلكىم ئۇ،قارلىغاچتەك ۋىچىرلىشىپ كېلىپ:«مۇئەللىم، مۇئەللىم» دەپ چۇرۇقلايدىغان مەسۇم ئوقۇغۇچىلىرىغا تارتىشقاندۇ؟ بەلكىم شۇنچە يىلدىن بېرى «ئانا-بالا، قېرىنداش» بولۇپ ئۆتكەن ماۋۇ «تۇغقان»لىرىغا ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىدىنى باغلىماقچى بولغاندۇ؟ئۇلارنى،مېنى ھېچكىمگە كۆرسەتمەي، بىر قاراڭغۇلۇققا مۆكتۈرۈپ قويىدۇ، دەپ ئىشەنگەندۇ؟...

ئەپسۇس،مىڭ ئەپسۇسكى،ئەسلى جاھاننىڭ ئارزۇلىغۇدەك،تارتىشقۇدەك ھېچنېمىسى يوقكەن،ھەتتا ئۇنىڭ بىر بۇلۇڭغا مۆكۈنىۋېلىپ، ئۆزىنى باشقىلارغا كۆرسەتمەسلىكتىن ئىبارەت ئەڭ ئاددى، ئەڭ ئىپتىدائىي ئارزۇسىمۇ بۇ ئالەمدە ئەمەلگە ئاشمايدىكەن.ئۇنى كۈتۈپ تۇرغىنى نەدىمۇ قېرىنداشلىرى بولسۇن؟بۇلار--يۈرەكنى تېخىمۇ سىرقىرىتىپ، جاننى ئالىدىغان تاياق-توقماق، مۇشت-تېپىك، ئىزا-ئاھانەتنىڭ نەق ئۆزى ئەمەسمۇ؟...

شۇنداق،بۇ دۇنيادا،ياق،مۇشۇ تاپتا مېنىڭ ئەتراپىمدا نەپرەت ھەم ھاقارەتتىن باشقا ھېچنېمە يوق، تەسەللىي، ھېسداشلىق دېگەنلەردىن سۆز ئېچىش،ماڭا ئەمدى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس... سەلىمە شۇنداق ئويلىدى.بارا–بارا ئۇنىڭ مېڭىسىمۇ ئىشلەشتىن قالدى. «دېمەك،مېنىڭ بۇ ئائىلىدىكىلەر بىلەنلا ئەمەس، پۈتكۈل ئىنسانلار بىلەنمۇ باغلىنىپ قالغۇدەك ھېچبىر مۇناسىۋىتىم يوق. ئېھ،تەقدىر ئادىل بولسا،كۆزۈم مۇشۇ يۇمۇلغانچە ھەرگىز ئېچىلمىسۇن،ئۇدۇللا،ئاشۇ جانجىگەر مەرەم ئانامنىڭ يېنىغا كېتىشنى جان دەپ خالايمەن...»بۇ ئۇنىڭ مېڭىسىدە ئەكس ئەتكەن ئەڭ ئاخىرقى ئىنكاس بولدى.كېيىن،سەلىمە ھېچنىمىنى تۇيمىدى،مۇشۇ ۋاقىتتا،چىدىغۇسىز ئاغرىپ كېتىۋاتقان پۇت-قوللىرى پەيدەك يېنىكلەپ كەتكەن، ئۆزىنى تېگى كۆرۈنمەس بىر يار بويىدىن پەسكە قاراپ ئۇچۇپ كېتىۋاتقاندەك تۇياتتى...

قانداق چاغلار بولدى، نېمە ئىشلار يۈز بەردى، سەلىمە تۇيمىدى. ئەمما پۈتۈن بەدىنىنىڭ قىزىشىپ ئاغرىشلىرى، قاپاقلىرىنىڭ ئېچىشىشلىرى، چىڭقىلىپ تۇرغان بېشى، يېرىلىپ كېتىدىغاندەك لوقۇلداپ تۇرغان ئوڭ پۇتى ئۇنى ئاستا-ئاستا سېزىمگە ئىگە قىلدى. ئۇ ئاستا كۆزىنى ئاچتى.دېمەك،ئۇ ئۆلۈپ كەتمىگەن، ھۇجرىسىدا،سوغوق داق يەردىلا ياتاتتى. ئۇنىڭ كىيىملىرى قارىغۇسىز بولۇپ كەتكەن، مەيدىسى يىرتىلىپ، كۆكسىمۇ كۆرۈنۈپ قالغان ئىدى. سەلىمە، تەبىئىي بىر نومۇسلۇق تۇيغۇ ئىچىدە ئېچىلىپ قالغان كۆكسىنى ياپتى، ئەمما قوللىرىمۇ چېقىلىپ كەتكەندەك ئاغرىپ كېتىۋاتاتتى. بىر كۆزى ئىششىپ كەتكەن، قاپاقلىرىدىن سىرغىغان قان بىلەن پۈتۈنلەي يۇمۇلۇپ قالغان ئىدى.ئېنىقكى،شۇنچە سوغوق يەردە بەدىنى ئوتتەك قىزىغان، ئىچ-ئىچىدىن ئوقچۇپ چىقىۋاتقان بىر قىزىق تەپ بىلەن دىر دىر تىترەيتتى...



داۋامى  بار


 ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319




سالون تەۋسىيەسى


ياخشى مەزمۇن يوللىيالمىساق تىللايدىغانلار كۆپ. ياخشى مەزمۇن يوللىساق قوللايدىغانلار يوق. ئۆزئارا قوللايلى ئەزىزلەر. سىلەر قوللاپ قويۇڭلار. بىزمۇ ياخشى مەزمۇن يوللاشقا تىرىشايلى،

گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە   ھەمراھ 


قىممەتلىك تەكلىپ  پىكىرىڭىزنى  ئايىمىغايسىز ، ئىنكاس رايۇنىدا كۆرۈشەيلى

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k