大数跨境

جۇدالىق سىرى (رومان ) 38ـ قىسىم

جۇدالىق سىرى (رومان ) 38ـ قىسىم aybarawazi
2022-10-25
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر !  تۆۋەندە  يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي قەلمىدە  پۈتكەن ( جۇدالىق سىرى ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 39 - قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمىلىرىنى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ 

    

1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37




 ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى . جەمئى 54 قىسىم 

ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ،  رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ  كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە  ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت . 





 (  جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن تۇلۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 


جۇدالىق سىرى


(رومان)


38-قىسىم



شۇ ھالدا مىنۇت ئۆتتى، سائەت ئۆتتى، رىسالەت،جەمىلە بەلگىلەپ بەرگەن خاس ئايرىمخانىدا،يالغۇز ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ كاللىسى شۇنچىلىك ئۆتكۈرلىشىپ كەتكەن ئىدىكى، ئۇ «خوجايىن» نى، سەردارنى قايسى ئۇسۇلدا، قانداق ھالدا بىر-بىرلەپ ئۈلۈمگە يوللىۋېتىشنىڭ ئىنچىكە پىلانىنى كاللىسىغا تولۇق ھەم ئىشەنچلىك ئەكىلىپ بولدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ ۋۇجۇدى،پۈتمەس-تۈگىمەس غەزەپ-نەپرەتتىن يالقۇن بولۇپ كۆيۈۋاتاتتى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا قان ئىچىدە ياتقان سەردارنىڭ، خوجايىننىڭ قورقۇنچلۇق چىرايى ھە دېگەندىلا كۆرۈنۈپ، بەدىنىدە خۇشاللىق، ئىنتىلىش قوزغايتتى.شۇ تاپ،ئۇنىڭ ئۇچلۇق پۇرژۇنلۇق پىچاقنى تۇتقان قوللىرى تەرلەپ كەتكەن ئىدى. بۇ پىچاقنى ئالدىنقى ئايدا دېرەكسىزلا يوقاپ كەتكەن بىر رۇس قىز، ئۇ تاماق ئېلىپ كىرگەندە ئۇنىڭغا سۇنغان، بىر نېمىلەرنى دەپ يىغلىغان ئىدى. رىسالەت،ئۇنىڭ ئۇھسىنىشلىرىدىن،«بۇنى ھېچكىمگە كۆرسەتمەي ساقلاپ قوي، ئەسقاتىدىغان چاغ ھامان كېلىدۇ...» دېگەن مەنىنى ھېس قىلغانىدى. دەرۋەقە ئۇ قىز شۇ كېچىدىلا يوقاپ كەتتى، ئۇ قىزنىڭ يوقاپ كەتكىنىنى ھېچكىممۇ سۈرۈشتە قىلمىدى...

كەچ كىردى، ئايرىمخانىنىڭ مەخسۇس مۇلازىمى رىسالەتكە قاراپ يۆتىلىپ قويدى.رىسالەت ئۇنىڭ قەستەن گېلىنى قىرىشىدىن «مېھمانلار كەلدى» دېگەن مەنىنى چۈشەندى. شۇ چاغدا كارىدوردىن ئۈچ-تۆتەيلەننىڭ خۇشال كۈلۈشۈپ ئايرىمخانىغا قاراپ كېلىۋاتقانلىقى ئېنىقلا ئاڭلاندى. رىسالەتمۇ ئىختىيارسىزلا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ شۇنچە ئايلاردىن بۇيان كۈتۈۋاتقان ۋاقتى-سائىتى ئاخىرى يېتىپ كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئىچىدە ناھايىتى زەھەرخەندە بىر كۈلكە يامراپ كەتتى. ئۇ چوقۇم زەھەر تامىدىغان مۇشۇنداق كۈلكە بىلەن بۇ ئىپلاسلارنىڭ جېنىنى ئالىدۇ... رىسالەتنىڭ چىرايى قۇياشلىق ئاپتاپتەك پاللىدە يورۇپ كەتتى. ئۇ ئالدىراپ ئورۇندۇقنى سۈرتۈۋېتىپ،كۈلگىنىچە،«مېھمان» لارنىڭ ئالدىغا ماڭدى. ئۇنىڭ كۆزى بىرىنچى بولۇپلا سەردارنى كۆردى. سەردارمۇ رىسالەتكە لەپپىدە قاراپ قويۇپ،يېنىدىكى مېھمانغا خۇشامەت بىلەن قارىۋالدى. رىسالەتنىڭ كۆزى سەردارنىڭ يېنىدىكى مىھمانغا چۈشتى...

مېھمانغا بىرلا قاراش بىلەن رىسالەت «ئاھ!» دېگىنىچە كەينىگە سەنتۈرۈلۈپ كەتتى. خۇددى كۆزگە كۆرۈنمەس بىر قول ئاشۇ دەقىقىدە ئۇنى قاماللاپ تۇتۇۋالغاندەك، بىردىنلا ئىزىدا جاققىدە توختاپ قالدى. ئۇنىڭ نېرۋىلىرى، پۈتكۈل روھى ھالىتى ئاۋال تىترەشكە، كېيىن چىشلىرى ھەتتا كاسىلداپ بىر-بىرىگە ئۇرۇلۇشقا باشلىدى...

سەردارنىڭ يېنىدىكىسى دانىيار ـــ ئۇنىڭ ئاكىسى ئىدى!...

رىسالەتنىڭ كۆزلىرى،ئاغزى جامدەك ئېچىلدى.ھالبۇكى،شۇنچىلىك قىسقا ۋاقىتتا،ئۇنىڭ ئويلاپ، پەرەز قىلىپ ئۈلگۈرگىنى مۇنۇلار بولدى: «ئاكام سودىگەر، سودا ئىشى بىلەن بۇ يەرگە ئۇقۇشماستىن كىرىپ قالغان... ئاكام بەلكى مەخسۇس مېنىلا ئىزدەپ بۇ يەرگە كەلگەن، ئۇنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشى يوق... ئۇ مېنى بۇ يەردىن قۇتقۇزۇپ بولۇپلا، بىرىنچى بولۇپ سەردارنىڭ ئەدىپىنى بېرىدۇ، ھەتتا جېنىنى ئالىدۇ... ئەمما مەن ئۇنىڭغا قانداق قارايمەن؟ قانداق قىلىمەن؟ قايسى يۈزۈم بىلەن ئاكا دەيمەن؟... ئاھ، شەرمەندىچىلىك! ...»

ــ چوڭ خوجايىن يۇقىرىغا ئۆتۈڭ! سىزگە مەخسۇس ئاتىلىپ ساقلىنىۋاتقان مۇنۇ قىزنىڭ تاقىتى تاق بولدى...ـــ جەمىلە خىرىلداپ كۈلگىنىچە دانىيارغا شۇنداق دېدى.

رىسالەتكە،«چوڭ خوجايىن»،دېگەن بۇ سۆز،خۇددى جاللاتنىڭ قولىدىكى پىچاقتەك دەللا تەگدى، ئۇنىڭ كۆزلىرى ئاكىسىغا چۈشتى...

ــ خوجايىن ئۆز ئاكام ئىكەن-دە!...

رىسالەت،ئۈمىدسىزلىكنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتتى ۋە لەسسىدە بولۇپ يۈرىكىنىڭ بىردىنلا مۇزلاپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى.قانداقتۇر قېرىنداشلىق،قانداقشلىق،سودىگەرلىك،پۇل مال،ھوقۇق،ئىمتىياز،ھەمدە قىز بولۇپ تۆرەلگەندىن بۇيان،ئۆزى تىرىشىپ ئىزدىگەن قىزغىن مۇھەببەت،قايناپ تاشقان ئۇلۇغۋار ئارزۇلار...ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە شۇنچىلىك قەدىرسىز.دېمەك،بۇ دۇنيانىڭ،ئەمدى يامانلىغۇچىلىكى قالماپتۇ...

رىسالەتنىڭ نەپىسى قىسىلدى. پۈتكۈل ھاياتلىق، پۈتكۈل جاھان ئۇنىڭغا بىردىنلا ئېغىرلىقىنى يوقىتىپ، ئەتراپىدا ئۇچۇپ يۈرۈۋاتقاندەك، ئۆزىمۇ بىردە يانتۇ، بىردە لەيلەپ ئۇچۇپ يۈرگەندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. ئۇ ئاغزىنى،شۇنچىلىك بىچارىلىك بىلەن ئۆزىگە داڭ قالغان دانىيارغا قاراپ ئۆمەللىدى-يۇ، بىر ئېغىزمۇ زۇۋان سۈرەلمىدى. كۈلكىگىمۇ، يىغىغىمۇ ئوخشىمايدىغان بىر ئىپادە بىلەن خۇنۈكلەشكەن،بوتا كۆزلىرىدىن غىرىلداپ ئاققان ئىككى تامچە ياش،ئۇنىڭ سارغىيىپ كەتكەن يۈزلىرىنى بويلاپ ئىڭەكلىرى ئاستىغا دۇمىلاپ چۈشتى... رىسالەت ھۇشىدىن كەتتى...

بۇ ۋاقىتتا دانىيارمۇ قېتىپلا قالغان، خوجايىننىڭ كۆزلىرىدىكى دەھشەتتىن،نېمە بولغىنىنى بىلمەي قالغان سەردار بىلەن ئۇنىڭ يېنىدىكى جەمىلەنىڭ چىرايى،بىر ۋەھىمە بىلەن تاتىرىپ كەتكەن ئىدى. ئۇلارغا ئەگىشىپ كىرگەن ئىككى ئادەم، بۇ يەردە بىر-بىرىگە قادىلىپ قالغانلارنىڭ زادى قانداق مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي بىر جەمىلەگە، بىر دانىيارغا، بىر سونايلىنىپ ياتقان رىسالەتكە ھاڭۋېقىپ قاراپ تۇراتتى.

ــ رەشىدە!...ــ دانىيار ئېلىشىپ قالغاندەك،ھۆركىرىگىنىچە،رىسالەتنىڭ سونايلىنىپ ياتقان ئورۇق تېنىنى يۆلىدى.ۋە ئۇنىڭ بىر يانغىلا قىيسىيىپ قالغان بېشىنى مەيدىسىگە يېقىپ، ئۆلۈكتەك تاتىرىپ كەتكەن يۈزىنى،تەرلەر بىلەن نەمدەلگەن،بۇجغۇر،بۈدۈرە چاچلىرىنى سىيلىدى،ــ سەن بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىسەن، رەشىدە؟ جېنىم سىڭلىم!... كۆزۈڭنى ئاچ! نېمە بولدۇڭ؟!...ــ رىسالەت كۆزىنى ئاچمىدى، تىنىقلىرىمۇ بىلىنەرلىكلا ئاجىزلاپ كەتكەن ئىدى. دانىيارنىڭ كۆزلىرىگە قان قۇيۇلدى. يۈز مۇسكۇللىرى لىپىلداپ تارتىشىپ، چىشلىرى غۇچۇرلىدى. ئۇ رىسالەتنى شۇ ھالدا ياتقۇزۇپ قويۇپ، غەزەپ بىلەن ئۇدۇللا جەمىلەگە ئېتىلدى:

ــ ھۇ  قانجۇق! رەشىدەنى نەدىن ئالداپ ئەكەلدىڭ؟! ئۇ مېنىڭ سىڭلىم، ئۆز سىڭلىم!!!!! ئۇنى نېمە قىلدىڭ، ھۇ، جالاپ؟!...

دېمەك،دانىيارنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنچە غەزەپ قىلغىنى، رىسالەتنىڭ نېمە ئۈچۈن بىرلا چىرقىراپ ھۇشىدىن كەتكەنلىكى جەمىلەگىمۇ، سەردارگىمۇ ئايدىڭ بولغان ئىدى. سەردارنىڭ پۇت-قوللىرىدا جان دىدارى قالمىدى. بىر قورقۇنچتىن، ۋەھىمىدىن ھەتتا ئۆزىنى ئاقلىغۇدەك ھېچقانداق ۋەقەنى، يالغاننى ئويلىيالمىدى. دانىيار ئۇنىڭ كۆزىگە،جاننى ئالغۇچى قاتىلغا ئوخشاش سۈرلۈك كۆرۈنۈپ كەتتى.ھەقىقەتەن،ئۇنىڭ ئەجىلى توشقان،قاتىل،دانىيارنىڭ سىياقىدا ئالدىغىلا دىۋەيلەپ كەلگەن ئىدى.

ــ مەن بۇنى بىلمەيمەن، خوجايىن. بۇ قىزنى،مۇنۇ سەردار ماڭا سېتىپ بەرگەن... مەن تېخى ئۇنىڭغا ھېچنېمە قىلغىنىم يوق. ئۇنى بىرەر قېتىممۇ مېھمان كۈتكۈزۈپ باقمىدىم... ئۇنى ئايىدىم... ئىشەنمىسەڭ، سىڭلىڭ ھۇشىغا كەلگەندە،ئۆزىدىن سوراپ باق، يالغان ئېيتسام مېنى بۇ يەر بىلەن قوشۇپ كۆيدۈرىۋەتسەڭمۇ بىر ئېغىز گېپىم يوق!...ــ جەمىلە جىددىيلەشكەن ھالدا بولغان ئىشلارنى تاققا-تۇققۇ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى.بۇنىڭ بىلەن، دانىيارنىڭ ئۇنى قاماللىغان ئامبۇردەك قوللىرى بوشىدى، كۆزلىرىدىن چاچرىغان غەزەپ،بىراقلا يۆتكۈلۈپ كېلىپ، سەردارنىڭ پۈتۈن بەدەنلىرىنى سىرقىرىتىۋەتتى. سەردار ھېلىلا جېنى چىقىپ كېتىدىغاندەك دانىيارنىڭ ئايىغىغا چۆكتى:

ــ بىر قوشۇق قېنىمدىن كېچىڭ، خوجايىن! مەن بىلمەپتىمەن! بۇ قىزنىڭ سىڭلىڭىز ئىكەنلىكىنى پەقەتلا بىلمەپتىمەن!...


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ

ــ سەن ماڭا نېمىشقا ئەھۋالنى ئوچۇق دېمەيسەن؟ نېمىشقا؟!... سەن ھەتتا قوشباغدىن بىر قىز ئەكەلدىم، دەپمۇ تىنمىدىڭ؟... ھۇ ئىپلاس! ئۇنى كىملەرنىڭ ئايىغى ئاستىغا تاشلاپ بەردىڭ؟ سەن ساتمىغان مېنىڭ سىڭلىم قالغانمىتى چۈپرەندە!!!ـــ دانىيارنىڭ چىرايىدا ئادەمنىڭ تەلەتى قالمىغان، غەزەپتىن كۆكۈرۈپ، ئامبۇردەك قوللىرى بىلەن سەردارنىڭ كارنىيىدىن بوغۇپ بولغان ئىدى.

ــ ئۇنى ئاتا-ئانىسى تېپىۋالمىسۇن دەپ... ئەكەلگەن يېرىمنىمۇ باللىغا دېمىگەنتىم... ئەمما سىز سورىمىدىڭىز، بىز كۆرۈشەلمىدۇق...ــ سەردارنىڭ گاللىرى بوغۇلۇپ ئارانلا شۇلارنى دېيەلىدى. چىرايى قىزىرىپ، نەپىسى بوغۇلۇپ، خىرقىراپ قالغان بولغاچقا، بار كۈچى بىلەن دانىيارنىڭ كۈچلۈك قوللىرىدىن كارنىيىنى بوشىتىپ قۇتۇلۇپ كەتمەكچى بولاتتى.

يارىلانغان شىردەك كونترۇللۇقىنى، ئەقلىنى يوقاتقان دانىيارنىڭ پەيلىنى بىلگەن جەمىلە، ئۇنىڭ پۈتۈن ئەسيادى سەرداردىلا قالغان پۇرسەتتە،غىپپىدە سىرتقا تىكىۋەتتى. ئۇ دەرھال ئادەم چاقىرمىسا،بۇ يەردە، ئۆز ئادەملىرى ئىچىدە،بىر قانلىق جەڭ بولاتتى. ئەمما ئۇ كېچىكتى، دانىيار ھېچنېمىنى ئويلىيالمىدى. ئۇ ھەر قانچە ۋاپاسىز، دىتسىز، رەھىمسىز بولغاندىمۇ، ئۆز سىڭلىسىنى، بىردىنبىر سىڭلىسىنى نابۇت قىلغان سەردارنى كەچۈرەلمىدى، ئۇنى توغرا چۈشىنەلمىدى...

دانىيارنىڭ ئامبۇردەك چىڭ قىسقان قوللىرىدىن،مىڭ تەستە قۇتۇلۇپ،سىرتقا قېچىشقا ئۇرۇنۇپ،ئىشىككىچە بېرىپ بولغان سەردارغا،قاتىل،ئاللىقاچان نەزىرىنى ئاغدۇرۇپ بولغانىدى.دانىيار،ئىككى تاقلاپلا،ئۇنىڭغا يېتىشىۋالدى-دە،غولىغا ئۆتكۈر ئۇچلۇق پىچىقىنى گاچچىدىلا تىقىۋەتتى. سەردار،ئۆرۈلۈپ قاراشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي،ئالدىغا تىكلا چۈشتى،پەقەت ئۇنىڭ، ئالايغان كۆزلىرى،بۇ يەردە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارغا،ھەيران بولغاندەك،ئوچۇقلا قالدى...

جەمىلە ئەگەشتۈرۈپ كىرگەن بىر مۇنچە ئادەملەر دانىيارنى ھېچنېمە قىلالمىدى. قائىدە بويىچە بۇنداق ئىشلارنى «ئۆز ئىچىدىن چىقىشىۋېلىش»دەپ بىلىدىغان ئالاھىدە كەسپتىكىلەرگە بۇنداق ئۆلۈم بەكمۇ ئالاھىدە تۇيۇلمايتتى.

ــ مۇسا كۆرۈنمەيدىغۇ؟! ھېلىقى كاتىپچۇ؟!...ـــ شۇ چاغدا جەمىلە ۋارقىرىۋەتتى. بايىقى جىددىيچىلىكتە ئۇلار مۇسا بىلەن چىرايلىق كاتىپ قىزنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويغان ئىدى.

ــ ھۇ كالۋالار! ئۇلارنى چىقارمايدىغان ئىشتى ئەمەسمۇ؟ ماڭ دەرھال ئىزدەش! بولمىسا بۇ يەرگە،ھېلىلا ساقچى ياغىدۇ !ــ دېدى جەمىلە قول ئاستىدىكى يىگىتلەرنى قوغلاپ. ئەمما ئۇ كېچىكتى، بىردەمدىن كېيىنلا ئۆڭسۈلى ئۆچكەن قوغدىغۇچى يىگىتلەردىن بىرى،جەمىلەگە «ساقچىلارنىڭ ماشىنىسى كەلدى، بىرى ئادەم ئۆلدى دەپ، دىلو مەلۇم قىپتۇ» دەپ خەۋەر ئېلىپ كىردى.

ــ خوجايىن، بۇ يەردىن دەرھال كەت! ــ جەمىلە رىسالەتنى كۆتۈرۈپ بەزمىخانىدىن چىقىپ كېتىشكە تەمشەلگەن دانىيارنىڭ قوللىرىغا ئېسىلدى،ـــ سىڭلىڭنى قويۇپ قوي، ئۇ قىزغا ھېچ ئىش بولمايدۇ، مانا مەن بار! تېز بول! بولمىسا ئاشكارىلىنىپ قالىسەن!

دانىيارنىڭ يەنە ئىككىلىنىپ تۇرۇشقا ھېچقانداق ۋاقتىمۇ يوق ئىدى. ئەگەر ئۇنىڭ سەردارنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئاشكارىلىنىپلا قالسا، ساقچىلار مۇقەررەر ئۇنىڭ بارلىق جىنايىتىنى تېپىپ چىقاتتى. چۈنكى سەردار ساقچىلارنىڭ قولىغا تولا چۈشكەن، ئادەم سودىسى قىلىۋاتقان دەپ گۇمانغا ئېلىنغان ئادەتلەنگەن جىنايەتچى ئىدى. دانىيارنىڭ كاللىسى سەگەكلەشتى، ئۇ رىسالەتنى دەرھال يۇمشاق گىلەم ئۈستىگە ياتقۇزدى-دە، جەمىلە بىخەتەر دەپ كۆرسەتكەن ئىشىك تەرەپكە ماڭدى ھەم جەمىلەگە:

ــ جەمىلە، ساڭا ئىشىنىمەن... رەشىدە ساڭا قالدى، مەن ئاز كۈندىن كېيىن يېنىڭغا كېلىپ، سىڭلىمنى ئېلىپ كېتىمەن،ھازىرچە،سەن ئۇنى قوغداپ قال، بۇنىڭلىق بىلەن سەن ھەرگىز زىيان تارتمايسەن!ــ دېدى.  

ــ ئەنسىرىمە، دەرھال ماڭ!

دانىيار چىقىپ كېتىپ ھايال بولمايلا ساقچىلار يېتىپ كەلدى. جەمىلە ئىشەنچلىك بىر نەچچە قاقۋاش قوغدىغۇچى بىلەن نەق مەيداندىن ئايرىلمىغان ئىدى:

ــ ۋاي ساقچى ئەپەندىم، مېنىڭ بەزمىخانامدا ھېچقاچان ئادەم ئۆلىدىغان ئىش چىققان ئەمەس. ۋاي ئۆرگىلەي، قانداق بولۇپ كەتتى بۇ ئىش؟!... قورقۇپ جېنىم چىقايلا دېدىغۇ، بايا ماۋۇ ئايرىمخانىدا جىدەل چىقتى دېسە ئېرەڭشىمەپتىمەن... ئۆز ئىچىدىن شۇنداقلا سوقۇشقان چېغى دەپتىمەن،بۇنداق ئادەم ئۆلىدىغاننى كىم بىلدى؟...

ــ ئۆلگۈچىنى تونۇمسەن؟ــ جىددى تەكشۈرۈشتىن كېيىن ساقچى تەرەپ جەمىلەنىڭ ئىشخانىسىدا ئۇنىڭ بىلەن ئايرىم سۆزلەشتى.

ــ ياق، تونۇمايمەن. بۇ ئايرىمخانىنى ئىككى جۈپ ئەر- ئايال ئاچقۇزغان، ھېچقانداق مۇلازىمەت كېرەك ئەمەس، كېرەك بولغاندا ئۆزىمىز چاقىرتىمىز دېگەن بولغاچقا، ھېچقانداق كۈتكۈچى ياكى مۇلازىمنى قويماپتىكەنمەن، شۇڭا ھېچنېمىسىنى بىلمىدىم. ئالدىراشچىلىقتا ھەتتا بۇلارنىڭ چىرايىغىمۇ زەن سالماپتىمەن ...ــ جەمىلە تەمكىنلىك بىلەن شۇنداق دەپ جاۋاب بەردى، ئۇ بۇنداق يالغاننى توقۇشتا ھېچقانداق قىيلىنىپ قالمايتتى.

ــ سېنىڭچە قاتىل كىمدۇ؟

ــ ئەلۋەتتە قېچىپ كەتكەن ھېلىقى ئەر بولىدۇ-دە!

ــ بۇ دېلونىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى سەن راستلا بىلمەمسەن؟

ــ بىلسەم ئېيتىپ بەرمەمتىم؟ مەن ھەرگىز بىلمەيمەن!...

ــ ...

جەمىلە بىلەن بولغان سوراق يېرىم سائەتكە يەتمەيلا ئاياغلاشتى. خۇددى كۆندۈرۈلگەن شاتۇتىلاردەك ئايرىمخانىغا يېقىن كەلگەن مۇلازىملار، ئىشىك باقارلار، كۈتكۈچىلەرنىڭ ھەممىسىلا جەمىلەنىڭ سۆزىگە زىت كەلگۈدەك ياكى گۇمانىنى قوزغاپ قويغۇدەك ھېچقانداق يوچۇق قويمىدى. ئامالسىز قالغان ساقچى تەرەپ «ئىچكىرىلەپ تەكشۈرىمىز» دەپ، سەردارنىڭ ئۆلۈكىنى دوختۇرخانىنىڭ مىيىت ساقلاش ئۆيىگە ئېلىپ كەتتى. رىسالەتنى بولسا ئۇدۇللا دوختۇرخانىغا يۆتكىدى...

رىسالەت دوختۇرخانىدا ئۈچ كۈنلا ياتتى. ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، زىيادە چارچاش، بەدەن ئاجىزلىق، قان ئازلىق، تۆۋەن قان بېسىم... دېگەندەك بىر مۇنچە كېسەللەر بىلەن ئۈچ كۈن توختىماي ئوكۇل ئۇرۇلدى. ساقچى تەرەپنىڭ مۇھىم گۇۋاھلىق ئادىمى بولغاچقا، مەخسۇس ساقچىلار نۆۋەت بىلەن ئالمىشىپ ئۇنىڭغا قارىدى، گەپ سورىدى، لېكىن رىسالەتتىن ھا-شا دەپ بىر ئېغىزمۇ زۇۋان چىقمىدى. ئۇ روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك سونايلىنىپ ياتاتتى. بىرى ئۇنىڭغا قاراۋاتامدۇ، سوئال سوراۋاتامدۇ ياكى دۇمباق چېلىۋاتامدۇ، ئۇنىڭ ئۆرۈلۈپ ياكى كۆزىنى ئېچىپ قارىغۇدەك ھالى يوق ئىدى... ئۇنىڭدىن ھېچقانداق جاۋابنى ئالالمىغاندىن كېيىن، رىسالەت دوختۇرخانىدىن ئۇدۇللا،تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا يۆتكەلدى.سالامەتلىكىنىڭ ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىن ناچارلىشىپ كەتكەنلىكىنى، ھامىلىنىڭ ھەر ۋاقىت چۈشۈپ كېتىش ياكى بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى دوختۇرلار ساقچىلارغا ئۇقتۇردى.

ــ سەن نەدىن كەلگەن؟ يۇرتۇڭ قەيەر؟ كىملىكىڭ بارمۇ؟ قاچان كەلگەن؟ نېمە ئۈچۈن يۇرتۇڭدىن ئايرىلدىڭ؟ بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىسەن؟....

ــ ...

ــ سەردار دېگەن كىم؟ ئۇنىڭ بىلەن قانداق مۇناسىۋىتىڭ بار؟

 ــ ...

ــ سەن بىلەن بىللە كەلگەنلەر كىم؟...

ــ ...

ــ ئۆلگۈچى بار يەرگە نېمە ئىش بىلەن كىرگەن؟

ــ ...

ــ قاتىلنى تونۇمسەن؟

ــ ...

رىسالەتنى خېلىلا ئەسلىگە كېلىپ قالدى،دەپ،قارىغان،ساقچىلار،ئۇنى قايتا-قايتا سوراققا ئېلىپ كىردى. ئەمما رىسالەت زۇۋان سۈرمىدى. ئۇ كۈن-كۈنلەپ،سولاقخانىنىڭ ئىچىدە،مەلۇم بىر نۇقتىغا تىكىلگىنىچە قېتىپ ئولتۇراتتى.ئۇنىڭچە بولسا، مۇشۇ ئولتۇرغانچە گەپمۇ قىلمىسا، تاماقمۇ يىمىسە... جىمجىتلا ئۆلۈپ  كەتكەن بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى ھە!...


        داۋامى  بار .......


 ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319







سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k