大数跨境

جۇدالىق سىرى (رومان ) 25ـ قىسىم

جۇدالىق سىرى (رومان ) 25ـ قىسىم aybarawazi
2022-10-12
3
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

  سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر تۆۋەندە ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى  ئاتاقلىق يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي قەلمىدە  پۈتكەن ( جۇدالىق سىرى ) ناملىق رومان ،  بۇ روماننى شىنجاڭ ئايبەر خەلقئارا ساياھەت شىركىتى ئالاھىدە قوللىغان ،  ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن  گۈل قەلەم   سالۇندا  تارقتىدۇ ،  ئايبەر ئاۋازى سالۇندا  ئۇلاپ تەكرار  تارقىتىلىدۇ ، بۇ روماننى  دەل ۋاقتىدا ئاڭلاشنى خالىساڭلار  ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ گۈل قەلەم سالۇننى قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ  ، ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى ، 

ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ،  رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ  كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە  ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت . 




 (  جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

(  جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ خەتلىكىنى ئالدىن ئوقۇماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ


………………… 


ئاۋازلىقى



1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
















جۇدالىق سىرى


(رومان)


ئاپتۇرى:نۇرگۈل ئەبەي


25-قىسىم



سەلىمە چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ ئىڭراپ تاشلىدى.ئۆزىنىڭ تېخىچە ئۆلمەي، پىكىر قىلىپ، سېزىپ تۇرغىنىغا قاتتىق كۆڭلى يېرىم ئىدى. ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئاچلىققا، ئۇسسۇزلۇققا بەرداشلىق بېرەلمىگىنى بىلەن؛ تاياق-توقماققا، تولىمۇ دەھشەتلىك بولغىنى ھەر ۋاقىت يانغىندەك يامراپ تۇرىدىغان تىل-ئاھانەت، قارا بەدناملارغا چىداش ئىقتىدارىنىڭ غايەت زور بولىدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلدى. يەنە ئۆلمەي، قاراڭغۇلۇققا پاتقان گۆردەك سوغوق ئۆيدە تۈگۈلۈپ يېتىش ئۇنىڭغا گويا شۇ چاغقىچە كۆرۈۋاتقان قاباھەتلىك چۈشىنىڭ داۋامىدەك بىلىنىپ كېتىۋاتاتتى.ئۇ ئازابلانغان ھالدا،ئاستا بېشىنى كۆتۈردى.پېتىۋاتقان قۇياشتىن تارىلىپ، بۇ قاراڭغۇلۇقنى ۋاقىتلىق بولسىمۇ يورۇتۇپ تۇرغان قىپقىزىل شەپەق نۇرى كونا ئىشكاپ بېشىدىكى، سادىقنىڭ بەش سۇڭلۇق سارغىيىپ كەتكەن رەسىمىنى يورۇتۇپ تۇراتتى. شۇ تاپتا سادىقنىڭ قىزغا ئىچ ئاغرىتىپ مىسكىن قاراۋاتقان جانسىز كۆزلىرىلا،بۇ ئۆيدە، سەلىمەگە بىردىنبىر ھەمراھ ھەم تەسەللىي بولۇۋاتاتتى...

سەلىمە دىر-دىر تىترىگىنىچە سۆرۈلۈپ يۈرۈپ،مىڭ تەستە ئۆزىنى كارىۋاتقا ئالدى. ئوڭ پۇتىنى قانچە قىلىپمۇ دەسسىيەلمىدى. ئاغرىق ئازابى ئۇنى ئىختىيارسىز «ۋايجان!» دەپ توۋلىغۇزىۋەتتى. لېكىن ئۇنىڭ يېنىغا:«نېمە بولدۇڭ؟» دەپ كىرىدىغان ئادەم يوق،ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى ھېسسىياتىنى، غېرىبلىقىنى، يېگانىلىقىنى تىل بىلەن ئىپادىلەش قىيىن ئىدى.

يان ئۆيدىن گۆھەربانۇنىڭ زەھەردەك ئاچچىق تىل-ئاھانەتلىرى ھېلىمۇ ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ھېكىمگە كىمدۇر بىرلىرى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، ئاچچىققا ھاي بېرىش توغرىلىق نەسىھەت قىلىۋاتاتتى. يەنە كىملەردۇر سەلىمەنى ئۆلۈپ قالمىغىيدى، دېگەندەك بېشىنى تىقىپ، ئۇنىڭ ئازابلىق ئىڭراشلىرىغا قۇلاق سېلىپ، يەنە چىقىپ كېتەتتى.

ـــ ئۇ ئۆلۈپ قالمىسىلا بولاتتى...ـــ بۇ شەيدانىڭ ئاۋازى ئىدى. شەيدا باياتىن سەلىمەنىڭ يېنىغا نەچچە كىرىپ چىققان ئىدى.

ـــ ئۆلۈپ كەتسە تېخى ياخشى، قۇتۇلىدىغان گەپ! يۈزىمىز يورۇق بولىدۇ شۇ!ـــ ھېكىم شۇنداق دەپ ۋارقىرىدى. ئۇنىڭ ئاچچىقى تېخىچە يانمىغان، قوشنىلار نەسىھەت قىلغانسېرى تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ، گۈركىرەپ كېتىۋاتقان ئوتقا ئوخشاش ئىدى. ئۇنىڭ ئەزەلدىنلا شۇنداق ئادىتى بار، ھاي بولدى قىل، دېگەنسېرى ئەزۋەيلەيتتى.

ـــ ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋەتسەڭ، ساڭا نېمە پايدىسى بولار؟ يۈزى يورۇق بولدى دېمەي،نومۇسنى قان بىلەن يۇدى،دېمەي، ئۇدۇللا قاتىل دەپ سولايدۇ شۇ!

ـــ ھۇ شۇم ئېغىز! نېمە پوق يەپ ئولتۇرىسەن؟ ئاكاڭ ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويغۇدەك نېمە ئىش بوپتىكەن؟

ـــ بولدى قىلغىنە، ئاپا، ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپارمىساڭلار ئۆلۈپ قالىدۇ جۇمۇ! مېنى دېمىدى دېمە... ئۇ ھازىر قىزىپ،ئوت كاۋاپ بولۇپ ياتىدۇ.

ـــ ئۇنى يەنە دوختۇرخانىغا ئاپىرىدىغان گەپمۇ تېخى؟ ئۇخلاپ چۈش كۆرۈپسەن! ئۇنچىلىك تاياق يىگەنگە ئۆلۈپ كېتەرمىش! ئالدىرىمىساڭ، ھەممىڭنىڭ پولوسىنى يەپ ئۆلىدۇ بۇ بۇزۇق!

ـــ سىلەرگە گەپ كەتمەيدىكەن بولدى!

ـــ نەگە بارىسەن شۇم زۇۋان؟

ـــ سەلىمەگە ھېچ بولمىسا بىر پىيالە چاي بېرەي!

ـــ ھۇ دۆت قانجۇق! شۇنداق قىلغىنىڭنى بىر كۆرەي مەن!

ـــ سوقۇشماڭلار، دەرۋازىدا ماشىنا توختىدى... تۆرەمنىڭ ماشىنىسىغۇ؟ ئۆمەركام بىلەن ئىبراھىمجان،خانئايىم ئاچاملار كىرىۋاتىدىغۇ...

ـــ راستلا شۇلاركەن... بول ھېكىم، ئالدىغا چىق...

سىرتتا ئوپۇر-توپۇر ئاۋازلار كۆپەيدى، مىنۇت ئۆتمەي گۆھەربانۇنىڭ مىچىلداپ يىغلىغان،   مېھمانخانىغا بىر توپ ئادەملەرنىڭ كىرگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.

شەيدا سەلىمەنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ چىراغنى ياقتى. چىراغ نۇرى ئاجىز بولسىمۇ، سەلىمەنىڭ يۈز-كۆزىدىكى قان، كۆك، ئىششىقلاردىن ئادەمنىڭ قورققىسى كېلەتتى. ھەتتا شەيدانىمۇ سۈر باسقاندەك، ھېچ گەپ قىلماي يەنە شۇنداق تېزلىك بىلەن سىرتقا چىقىپ كەتتى.

سەلىمە ھويلىغا كىملەرنىڭ كېلىپ-كەتكىنىنى بىلىپ تۇراتتى. ئۆمەر چوڭنىڭ، ئىبراھىم ئاكىنىڭ،خوتۇنلىرى بىلەن كەلگىنىنىمۇ بىلدى. ئەمما ئۇنىڭ بۇ كىشىلەرگە قارىتا ھېچقانداق ئارزۇسى، ئۈمىدىمۇ يوق ئىدى. نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى پەرەز قىلىشنىمۇ خالىمايتتى.ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەممە نەرسىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن ئىدى. ھەتتا ئۇ تۆرەمنىڭ ھويلىسىدىن يۈگۈرۈپ كەلگەندىمۇ، ۋاز كېچەلمىگەن بۇ خار جاننىڭ تارتىشىپ ئولتۇرىدىغان ۋاقتى قالمىغان ئىدى. ئۇنىڭ پۈتكۈل روھىدا قايناپ تېشىۋاتقىنى ئايىغى چىقماس چۈشكۈنلۈك ھەم تېگى يوق ئۆلۈم ئارزۇسى ئىدى...

ــ بۇ بىر نېمىنى يۈزۈمگە ئاياغ قويىدۇ دەپ ئويلىمىغان ئىكەنمەن ئىبراھىمجان. ھەسەل خېنىمنىڭ،تۆرەم باشلىق ھەرقايسىلىرىنىڭ ئالدىدا ئىلگىرىكىن شەرمەندە بولدۇمغۇ ئەمدى!ۋاي نومۇس،ۋاي نومۇسۇم! ھۈ... ھۈ...  ھۈ...ـــ گۆھەربانۇنىڭ يىغا ئاۋازى كىرگۈچىلەرگە داستىخان سېلىنىپ، ئۇلارنىڭ كېلىش مەقسىتى ئايان بولغىچىمۇ ئۈزۈلۈپ قالمىدى.ئۇنىڭ،مېھمانلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋېلىپ ئۆزىگە ھېچقانداق گۇناھ يۇقتۇرماسلىققا تىرىشىۋاتقىنى،ئەمىليەتتە،مۇشۇ ياسالما يىغىلىرىدىن مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇراتتى.

ـــ سىلەرمۇ بىلىسىلەر، بۇ قىز مېنىڭ تەربىيەمدە چوڭ بولغان ئەمەس، چوپچوڭلا بولۇپ قالغاندا  سادىقاخۇن «ماڭا ئامانەت قىز ئىدى» دەپلا باشلاپ كەلدى.بوپتۇ، قارا يېتىمكەن، دەپ شەيداغا جۈپ قىلىپ مىڭ ئەجىر سىڭدۈردۈم. ياۋايى ئىدى، ئىككى ئېغىز گەپنى ئوڭشاپ قىلالمايتتى، ھاڭۋاقتىلىقىغا گەپ كەتمەيتتى. شۇ يامان خۇيلىرىنىغۇ ئۆزگەرتتىم، لېكىن ئۇنىڭ زاكىسىدىلا قوماچ يەپ بولغىنىنى ئويلىماپتىمەن كۆرسەڭلا... تۆرەمنىڭ، ھەسەلخېنىمنىڭ خىزمىتىنى قىلسا، تېخىمۇ كۆكلەپ قالار، دەپ باش-ئاخىرىنى ئويلىمايلا بۇ تويغا ماقۇل بوپتىمەن،بۇ تېگى پەسنىڭ ئەسلىدىلا رەشىد بەگكە خوپ كەلمەيدىغنالىقىنى ئۇنتۇپتىمەن!ئېسىت،ئېسىت!مىڭەمنى قاغا چۇقۇۋالغان ئوخشايدۇ!ئەسلى ئىشەنچلىك قىز دېگەن،ئۆزۈمنىڭ ئۆيۈمدىلا ئەمەسمىدى؟...


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ


ــــ سەلىمە... ئۇ قىز شۇ تاپتا نەدە ؟ ـــ بۇ يالغانچىلىقلارنى ئاڭلاپ تۇرىۋېرىشقا چىداپ بولالمىغان ئۆمەرگە،گۆھەربانۇنىڭ قانداق ئايال ئىكەنلىكىنى، سادىق يوق چاغلاردا تاغدا نېمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەنلىكىنى،سەلىمەگە قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقىنى ھەركىمدىنمۇ بەكرەك ئايان ئىدى.ئۇنىڭچە بولغاندا،گۆھەربانۇ ئويناۋاتقان بۇ رەزىل كومىدىيەنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلغانلىقتىن باشقا ئىش ئەمەس ئىدى.

ـــ ئاۋۇ ئۆيدە ياتىدىغۇ تاڭ...خۇددى چوڭ بىر ئىش قىلىۋەتكەندەك،نومۇسمۇ قىلماي،چاچلىرىنى سالۋارىتىپ،بايا ھويلىغا كىرىپتىكەن،ھېكىمدىن تازا دۇمبا يەۋالدى،ـــ گۆھەربانۇ شۇنداق دەپ جاۋاب بەردى.

ـــ دادام بىلەن ئانام،بىزنى،سىڭىلچاقنى قايتۇرۇپ كېلىشكە ئالدىڭلىغا ئەۋەتكەنىدى.ئۇقۇشماستىن بەزىبىر خاپىلىقلار بوپتۇ،دادام بەك خاپا بولدى،ئۆيدە يىراق-يېقىندىن كەلگەن مېھمانلار جىق بولغاچقا،ئانامنى ئېلىپ كېلەلمىدى،تېنچلىقنى بەرسە،ئەتىگىچە ئالدىڭلارغا ئۆزرە سوراپ،ئۆزى كەلمەكچى...__ ئىبراھىم ئەدەب بىلەن ئۆزلىرىنىڭ كېلىش مەخسىدىنى ئېيتتى،__ سەلىمەنى چاقىرغان بولساڭلار، بەك كەچ كىرىپ كەتكۈچە كېتىۋالغان بولساق.

بۇنداق نەتىجىنى كۈتمىگەن گۆھەربانۇ،خاتا ئاڭلاپ قالدىممۇ قانداق،دېگەندەك،يالتتىدە،شەيدا بىلەن كۆز سوقۇشتۇرىۋالدى.شۇ ۋاقىتتا،ئۇنىڭ كاللىسىغا،تاياق-دۇمبادىن قارىغۇسىز بولۇپ كەتكەن سەلىمەنىڭ ئىششىق، قان-زەرداپقا مىلەنگەن بىسەرەمجان تۇرقى كەلگەن ئىدى.بايا بۇ ھېكىم دېگەن گالۋاڭ،ئۇنى قاتتىق ئۇرۇۋەتتى،بىرەر يەرلىرى سۇنبۇپ كەتسىمۇ كەتتى بەلكى...ئۇنىڭ قىزىپ كاۋاپتەك بولۇپ كەتكىنىنى شەيدا نەچچە قېتىم دېگەندە،ھە،دەپ،ماۋۇ ئۆيگە ياندۇرۇپ چىقسىمۇ بولاركەن.ۋاي ئىسىت ، بۇلارنىڭ قىزىمىزنى بېرىڭلار، دەپ كېلىشىنى بىلگەن بولسا،بۇنچىۋالا پاراكەندىچىلىك بولماستى؟قانداق قىلغۇلۇق؟«مانا كېلىنىڭلار» دەپلا قوشۇپ قۇيسا قانداق بولار؟ «ھۇ، دۆت ئىشەك! تۇتۇۋالمىغان بولسام،ئۇ يىتىم ئوغلاقنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋېتەركەن گالۋاڭ!...» گۆھەربانۇ،كۆزىنىڭ پاختىسىنى چىقىرىپ،بىر چەتتە شۈمشىيىپ تۇرغان ھېكىمگە ئالايدى-دە، ئۆزرە سورىغان تەلەپپۇزدا شۇنداق دېدى:

ـــ سەلىمەغۇ بار،ئەكەتسەڭلار نېمە دەيتتۇق،خوش بولىمىز ئەلۋەتتە،شۇغىنىسى.... ماۋۇ ھېكىمجان،بايا،ئەمدى رەشىد ئاكامنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمەن، دەپ ئاچچىقىغا پايلىماي،ئۇنى سەل قاتتىقراق ئۇرىۋالدى.ئۆزىمۇ ئەسلىدىلا ئۇششۇق بۇ قىز! بىر نەچچە شاپىلاق بىلەن بۇرنىدىن قان چىقىۋىدى،ھەممە يېرىگە سۇۋاپ قارىغۇسىزلا بولۇپ كېتىپتۇ...

ئىبراھىم، ئولتۇرۇشقان ئاياللارغا لەپپىدە بىر قارىۋېلىپ،قوزغىلىڭلار،دېگەن مەنادا، باش لىڭشىتىپ قويدى.ئۇ،بۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ قانداق ئادەملەر ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلگەچكە،ھېكىمنىڭ سەلىمەنى نېمە ئۈچۈن،قايسى دەرىجىدە دۇمبالىغانلىقىغا  ئۇنچە ھەيران بولۇپمۇ كەتمىدى.

ـــ مەيلى نېمە ئىشلار بولسۇن،سەلىمە،قانۇنى جەھەتتىن ئىنىمىزنىڭ ئىلكىدىكى ئادەم ھەم بىزنىڭ ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى ئۇكىمىز ياش،نادانلىق قىىپ قاپتۇ.ھېلىمۇ گەپ يەيدۇ،دادام-ئانامنىڭ گېپىنى يىرمايدۇ،بۇ جەھەتتە سىلەر خاتىرجەم بولۇپ،سىڭلىمىزنى چاقىرىپ بەرسەڭلا،بىز ماڭىلى.ـــ دېدى ئۆمەرنىڭ خوتۇنى زەيتۇنە ھەم ئۆمەرگە شۇنداق قىلايلى، دېگەندەك قاراپ قويۇپ ئورنىدىن تۇردى-دە،ھويلىغا چىقىپ،سەلىمەنى كۈتۈشتى.

ـــ ئالدىراشمىسىلا،شەيدا ئاش-تاماققا تۇتۇش قىلىپ بولدى، ئازراق بىر نەرسە يەپ ئاندىن قوزغىلىشسىلا بەلەن بولاتتى...ـــ تۈزۈت قىلدى گۆھەربانۇ. ئۇ كۆزلىرى بىلەن شەيدانى ئىزدىدى، شەيدانىڭ  ھېچ بولمىغاندا،سەلىمەنىڭ يۈزلىرىدىكى قانلارنى بولسىمۇ سۈرتۈپ بولغىنىغا ئىشىنەتتى.

ـــ بولدى، تاماق كېيىنگە قالسۇن،تەكەللۇپ قىلمىسىلا گۆھەربانۇ ئاچا،__ دېدى ئىبراھىمنىڭ ئايالى،ئېرىنىڭ،سەلىمەنى ئۆزىڭىز ئېلىپ چىقىڭ،دېگەن ئىشارىسىنى چۈشىنىپ يېتىپ،__ سەلىمە قايسى ئۆيدە؟يېنىغا ئۆزۈمىزلا كىرەيلى.

__ مەيلى ئەمىسە...

ھويلىدىكى غۇۋا چىراغ يورۇپ تۇرغان ئۆيگە،ئاۋال ئۆمەرنىڭ خوتۇنى، ئارقىدىن گۆھەربانۇ كىرىپ كەتتى.ئەرلەر كاۋا بارىڭى ئاستىدىكى سۇپىدا سەلىمەنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرۇشتى.ئۆينىڭ ئىچىدىن، ئاياللارنىڭ بوش ئاۋازدا سەلىمەگە بىر نېمىلەرنى دەۋاتقانلىقى ئېنىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئارىدىن 10 مىنۇتتەك ۋاقىت ئۆتۈپ، ئۆمەرنىڭ ئايالى قاپاقلىرى سېلىنىپ يېنىپ چىقتى-دە، ئۆزىنىڭ ئاغزىغىلا قاراپ قالغان ئۆمەر بىلەن ئىبراھىمغا:

ـــ بۇ خېنىم:«ئەمدى ھېچنەگە بارمايمەن، مېنىڭ ھېچنەگە بارغۇم يوق» دەيدۇ،ـــ دېدى. ئۆمەرمۇ، ئىبراھىممۇ سەلىمەنى ياق دەپ بويۇن تولغايدۇ، دەپ ئويلىمىغان بولغاچقا، نېمە قىلىشنى بىلەلمەي ھاڭۋېقىپ بىردەم تۇرۇپ قالدى. سەلىمە ئۈچۈن خەقنىڭ ئالدىدا ئازراق بولسىمۇ باش كۆتۈرۈپ يۈرۈشكە، ئۆزىنى رەشىدكە مەجبۇرى بولسىمۇ چېتىپ تۇرماقتىن باشقا ياخشى چارە يوق ئىدى،شۇڭا سەلىمەنىڭ رەت قىلىشى ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەس ئىدى.

ـــ مەن كىرىپ باقاي،ــ ئىبراھىم شۇنداق دەپ سەلىمە ياتقان ئۆيگە كىردى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئۆمەرمۇ كىردى، ئۇلار كىرىپلا داڭقېتىپ تۇرۇپ قالدى. يۈزىنى تام تەرەپكە قىلىپ، مىدىر-سىدىر قىلماي ياتقان سەلىمەنىڭ كىرگەنلەرگە ئۆرۈلۈپ قارايدىغانغىمۇ ھالى يوق ئىدى.

ـــ مېنىڭ ھېچنەگە بارغۇم يوق... مېنى ھېچنەگە يۆتكىمەڭلار...ــــ سەلىمەنىڭ ئاۋازى يەرنىڭ تېگىدىن چىقىۋاتقاندەك ئاجىز ئىدى. ھالسىراپ تۇرۇپ ئۈزۈپ-ئۈزۈپ سۆزلەيتتى، ھەم بۇ سۆزنى توختىماي تەكرارلايتتى.بۇ ئاۋازدىكى ئۈمىدسىزلىك، سۇلغۇنلۇققا ھەر قانداق ئادەمنىڭمۇ يۈرىكى ئېزىلەتتى.شۇنداق دەپ سۇسىز چاك-چاك كەتكەن، قېتىپ كەتكەن قانلار بىلەن بۇلغانغان ئىششىق لەۋلىرىنى كۈچەپ مىدىرلىتاتتى.ئۇنىڭ ئالقانلىرى ھېلىمۇ چوغداندەك قىزىپ كەتكەن بولۇپ، پۇت-قوللىرى كۈپتەك ئىششىپ، مىدىراتقۇسىز ھالدا ئېغىر كۆتەكتەك تاشلىنىپ ياتاتتى.

ـــ سەلىمە... مەن ئىبراھىم ئاكىڭىز، رەشىد بىزنى ئەۋەتتى، غەيرەت قىلىڭ، بىز ئۆيىمىزگە كېتەيلى، بۇنداق ياتماڭ...ـــ دېدى ئىبراھىم ئىختىيارسىز سەلىمەنىڭ قوپال ياغاچ كارۋىتىنىڭ قىرىغا زوڭزىيىپ.

ئىبراھىمنىڭ  ئۆپكىسى ئۆرۈلدى، شۇ تاپتا ئۇ بىر قىزنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان روھى دۇنياسىنى شۇنداق ئېنىق كۆرۈپ يەتكەن، سەلىمەگە بولغان ئىچ ئاغرىتىشى ئۇنىڭ كىشىلەر ئالدىدا ھەر قاچان ساقلاپ تۇرىدىغان سالاپىتىنىمۇ ئۇنتۇلدۇرغان ئىدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا يوقاپ كېتىپ ھازىرغىچە دېرىكى بولماي يۈرۈۋاتقان رەشىدەنىڭ تېڭىرقىغان سىيماسى كەلگەندەك بولدى.قىزلارنىڭ شۇ قەدەر ئاجىزلىقىنى سەلىمەنىڭ ۋۇجۇدىدىن تۇنجى قېتىم تونۇپ يېتىۋاتقاندەك بىر تۇيغۇ بىلەن ئىچ-ئىچىدىن پۇچۇلىناتتى...

ـــ مېنىڭ... بۇ دۇنيادا يەنە كۆڭلۈم تارتىپ... بارارغا ئۆيۈم يوق، ئىبراھىم ئاكا... ياشلىرىمنى تۆكۈپ بىرەرگىمۇ ئادىمىم يوق... مەن بۇ دۇنياغا تۆرەلگىنىم بىلەن،بۇ دۇنيادىكى بارلىق كىشىلەرگە شۇنچىلىك ياتكەنمەن، بەكلا ياتكەنمەن...ئەمدى ھېچكىمدىن ئۈمىد كۈتمەيمەن،ھېچنېمىنى ئارزۇمۇ قىلمايمەن،ئەگەر مېنىڭدە بۇ دۇنياغا تەۋە يەنە ئازراق ئارزۇ-ئۈمىد بار بولغان بولسا...مەن ئالدىڭلاردا بۇ قەدەر قەدىرسىز يېتىپ قالمايتتىم،بىر چاشقان تۈشۈكىگە بولسىمۇ كىرىۋالاتتىم،ھېچكىمگە كۆرۈنمەيتتىم...شۇنداق،ھېچكىم مېنى كۆرمىسە... كىچىكلەپ كەتسەم.... كىچىكلەپ ئىنساننىڭ بىر تال بارمىقىمۇ پاتمىغۇدەك بىر يەرگە بېكىنىپ قالغان بولسام...قانداق ياخشى بولاتتى ھە!مېنىڭ  ئارزۇيۇم  پەقەتلا شۇ ئىدى...ئەمما ئۇلار شۇنچىلىك ئارزۇيۇمنىڭ بولىشىغىمۇ يول قويۇشمىدى...ئاكا، مېنى ھالىمغا قويۇڭ... ئەمدى مېنىڭ ھېچقانداق ئېرىممۇ، قېيىنئاتا-قېيىنئاناممۇ يوق...بولسا، ماڭا رەھىم قىلىپ،بۇنداق قارىمىسىڭىز... ھېچكىم قارىمىسا... ھەممىڭلار چىقىپ كەتكەن بولساڭلار...ئاندىن مۇشۇ كونا تامنى تەرەكتۇر بىلەن بىرلا ئىتتىرىپ، مېنى كۆمۈۋەتكەن بولساڭلارغۇ... سىلەردىن  مىڭ مەرتىۋە رازى بولغان بولاتتىم...شۇنداق بولسا،بۇ ئادەم دېگەنلەر ئۆلۈكۈمنىمۇ، تىرىكىمنىمۇ كۆرمىگەن بولاتتى.مەنمۇ ئارزۇيۇمغا يېتەتتىم... مۇرادىم ھاسىل بولاتتى...

ـــ نېمە دەپ جۆيلۈيسەن بەغەرەز؟!ئىبراھىمجان بىر چىرايلىق گەپ قىلىۋاتسا،قاراڭە،جاھىللىقىنى...ـــ دېدى گۆھەربانۇ چىچچاڭشىپ.ئەمما ئۆمەرنىڭ ئايالى ئۇنى جىملەپ،سېسىق زۇۋانىنى ئۆچۈردى.ئىبراھىمنىڭ كۆزلىرىگە چىڭقاپ كەلگەن ياشنى توختىتىپ تۇرالمىدى.

ـــ دۇنيادا ئازمايدىغان ئادەم يوق، سەلىمە. سىز تېخى ياش، يەنە نۇرغۇن يىل ياشايسىز، ئۇنداق كاجلىق قىلماڭ، رەشىدنىڭ كەچۈرۈمىگە ئېرىشىپ،ئىجىل ئىناق بولساڭلار،كىم بىرنېمە دېيەلەيتتى؟ جاھان تېخى ئۇزۇن...__ دېدى ئۆمەر تەسەللى بېرىپ.

__ ئۆمەركا،سىز دەڭە،مەن نېمە گۇناھ قىلغانغا ،خەقنىڭ كەچۈرۈمىگە ئېرىشىدىكەنمەن؟مەن ھېچ ئىش قىلمىغان تۇرسام؟نېمىشقا ھەممىڭلار شۇنداق دەيسىلەر؟...__ دېدى سەلىمە ھەسرەتلىك ئۇھ تارتىپ.


داۋامى  بار


 ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319




سالون تەۋسىيەسى


ياخشى مەزمۇن يوللىيالمىساق تىللايدىغانلار كۆپ. ياخشى مەزمۇن يوللىساق قوللايدىغانلار يوق. ئۆزئارا قوللايلى ئەزىزلەر. سىلەر قوللاپ قويۇڭلار. بىزمۇ ياخشى مەزمۇن يوللاشقا تىرىشايلى،

گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە   ھەمراھ 


قىممەتلىك تەكلىپ  پىكىرىڭىزنى  ئايىمىغايسىز ، ئىنكاس رايۇنىدا كۆرۈشەيلى

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k