
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! تۆۋەندە يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي قەلمىدە پۈتكەن ( جۇدالىق سىرى ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !

بۇ ئەسەرنىڭ 37 - قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمىلىرىنى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 33 |
34 |
35 |
36 |
| 27 |
ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى . جەمئى 54 قىسىم
ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ، رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت .
( جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن تۇلۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
………
…………
جۇدالىق سىرى
(رومان)
36-قىسىم
رىسالەتنىڭ يېڭى ھاياتى شەھەردىكى ھەممىگە تونۇش بولۇپ كەتكەن قىزىل پانۇس كوچىسىدا باشلاندى. مۇشۇ كوچىنىڭ ئۆزىلا شەھەردىكى داڭلىق كۆڭۈل ئېچىش مەركىزى ئىدى. بۇ يەردە تېپىلمايدىغان كۆڭۈل خۇشى بولمايتتى. تانسا، ناخشا، قىمار، ئىچىشۋازلىق، بۇزۇقچۇلۇق... لارنىڭ ھەممىسىلا بايلارنىڭ، سودىگەرلەرنىڭ، ئىشرەتخور ئەرلەرنىڭ قېنىنى قىزىتىپ، روھىنى ئۇرغۇتاتتى.
رىسالەت تۇرۇۋاتقان بەزمىخانا كوچىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بۇلۇپ،خوجايىن خەنزۇ تىلىنى سۇدەك بىلىدىغان ئايال ـــ جەمىلە ئىدى.ئۇ،يوغان بۇرۇن، گۆش تاغىرىدەك سېمىز ئايال بولۇپ، خورازنىڭ تاجىسىدەك قىزىرىپلا تۇرىدىغان،سەپكۈنلۈك يۈزىدە بىر خىل رەھىمسىزلىك، كۆكەمىلىك، جىلىخورلوق مانا مەن دەپلا بىلىنىپ تۇراتتى.بىراق ئۇنىڭ شۇنچە سېمىز بەدىنى ئادەمنىڭ ئەقلى ھەيران قالغۇدەك دەرىجىدە چاققان، تېتىك بولۇپ،ھىيلىگەرلىك ۋە پايدا مەنپەئەتكە كەلگەندە،ھېچكىم ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمەيتتى. شىنجاڭدىن رىسالەت بىلەن قوشقاندا جەمئى ئۈچ قىز بار ئىدى. ئادەتتە ئۇلار ئۆزلىرىنى بىر يۇرتلۇق دەۋالغاچقا، ھەر ھالدا بىر-بىرىگە قولىدىن كېلىدىغانلىكى ياردەملەرنى قىلىپ ئۆتىشەتتى...
ــ بۇ قىزنى ئاستا-ئاستا كۆندۈرىۋال...ــ رىسالەتنىڭ سودىسى پۈتكەندە سەردار نېمىشقىدۇر جەمىلەدىن شۇلارنى ئۆتۈندى،ـــ بۇ قىز مېنى دەپلا چىققان... ئۇنىڭغا مۇقىم خېرىدار بولسا كۈتكۈزگىن، بولمىسا بەك قىينىۋەتمىگىن... بۇنى ئەسلى «چوڭام»غا ئاتىغاچقا،بۈىر مەزگىل يېنىمدا تۇتتۇم.ئەمما قارىسام، ئۇ يېقىن مەزگىلدە بۇ يەرلەرگە كېلەلمىگۈدەك، شۇڭا ساڭا ئەكەلدىم...
ــ ئۇنداق بولسا،بۇ سودىنى مەن بىلەن قىلىۋاتقىنىڭنى ئۇ بىلەمدۇ؟ ئۇنىڭ بىلەن بىر مالنى دەپ ئازارلىشىپ قېلىشنى خالىمايمەن جۇمۇ،سەردار؟ باش ئاغرىتىدىغان ئىش بولسا، بۇ سودىدىن ھازىرلا يانىمەن ، ياخشىسى گەپنى ئۇچۇق قىل،ـــ دېدى جەمىلە گەپنى كىسىپ.
ــ سەن خاتا چۈشىنىپ قاپسەن، جەمىلە. خوجايىن بىر قىزنى،ئەچىققىنىمنى بىلىدۇ،ئەمما ئۇ،بۇنى كۆرۈپ باقمىدى.لازىم بولغان بولسا،بىرنېم دەيتتى.
ــ ئۇنداق بولسا مەيلى... ھەي، سەنمۇ قاقۋاش نەرسە ھە؟ قىزلارنى ئاسانلا ئىندەككە كەلتۈرىدىغان مۇشۇ قاملاشقان چىرايىڭغا، يۇمشاق زۇۋانىڭغا،ھامىنى بىر كۈنى ئوت كېتىدىغۇ زادى... ھا... ھا... ھا...
شۇ سۆھبەتتىن كېيىن جەمىلە رىسالەتكە راستلا ئىچ ئاغرىتىپ قالدىمۇ ياكى سەردارنىڭ گېپى بويىچە قەرەللىك خېرىدارنىڭ كېلىشىنى كۈتتىمۇ، ئىشقىلىپ رىسالەتنى ئالدىراپ خېرىدار كۈتۈشكە چىقارمىدى. رىسالەتكە مېھمان كۈتۈشنى ئۈگىنىۋال دېدى-يۇ، ھەقىقىي ئۆگىنىدىغان يەردىن ئەتەي قاچۇرۇپ، ئۇنى كۈن بويى تاماق ئېتىدىغان ئۇستامغا ياردەملىشىپ قاچا-قۇچا، كىر-قات يۇيۇشقا قويدى.
ــ ئۇ ئادەتتە ھېچقانداق قىزنى بۇنچە ئاياپ قويمايتتى، ساڭا بىر شۇملۇق ئويلاۋاتامدۇ قانداق؟ـــ شىنجاڭلىق قىز راھىلە شۇنداق دەپ رىسالەتنى بەزىدە دەككە-دۈككىگە سالاتتى. لېكىن رىسالەت ئۈچۈن،سۆيگەن ئادىمى تەرپىدىن ئالدىنىپ،ئىشرەتخانىغا سېتىۋېتىلىشتىنمۇ ئارتۇق قورقۇنچلۇق ئىش بولمىغاچقا، ئۇ ئۆزىنى يەنە تېزلا تۇتۇۋالدى...
ــ مەن تۇنجى قېتىمدىلا ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن ئادىمىم تەرىپىدىن ئالداندىم، بۇلغاندىم، پۈتۈنلەي ھالاك بولدۇم! بىر قىز ئۈچۈن،مانا بۇنىڭدىنمۇ قورقۇنچلۇق ئىش بولماس؟ ئەمدى باشقىلار تەرىپىدىن ئىككىنچى قېتىم بۇلغانسام نېمە بولدى؟ 3-4-... قېتىم بۇلغانسام يەنە نېمە بولدى؟... مەن ئۈچۈن ئەمدى قورققۇدەك، قارشىلاشقۇدەك، رەت قىلغۇدەك ئىشمۇ قالمىدى. ھاياتىم ئاللىبۇرۇن مەغلۇبىيەتنىڭ قارا تۇپرىقىغا كۆمۈلۈپ كەتتى...ـــ ئۇنىڭ غەمكىن ئاۋازى، دەرد بىلەن لىقمۇ لىق تولغان يۈرەك ساداسىنى ئاڭلىغان بەزى قىزلار ئېچىنىپ، ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرەتتى:
ــ بۇنداق دەپ،ئۆزۈڭنى تاشلىۋەتسەڭ بولمايدۇ،بۇ كاللاڭدىن ئۆتكۈزەلمىگۈدەك ئىشمۇ ئەمەس، بىز دېگەن جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن كىشىلەرگە ئوخشاش،مۇشۇنداق بىر «كەسپ»نىڭ ئىگىسى. ئوخشىمايدىغان يېرى بۇ كەسپنى ئەخلاق چەتكە قاقىدۇ شۇ. ئاددى كىشىلەر قوبۇل قىلالمايدۇ، بۇزۇقچىلىق دەپ قارايدۇ. ئويلاپ باق،زامان تەرەققى قىلدى.بۇنداق زاماندا،كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىلا بولسا، شۇ ئېھتىياجنى قاندۇرىدىغان ھەر خىل كەسپلەر بولىدۇ. بىز تايىنلىق،جەمئىيەتنىڭ،مۇشۇ ساھەدىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرىۋاتىمىز،خالاس. بۇنىڭ شۇنچە چۈشكۈنلىشىپ كەتكۈدەك ھېچ يېرى يوق.سەل چېچەنرەك بولساق، بۇ ساھەدە جىق پۇل تاپالايمىز،سەنمۇ ئوبدان ئىشلەپ بەرسەڭ، بىر يىلغا قالماي بىرەر خوجايىننىڭ نەزىرىگە ئىلىنىپ قېلىپ،تۇيۇقسىز ئالتۇن سۇمرۇغقا ئايلىنىپ قالساڭمۇ ئەجەب ئەمەس...
رىسالەتنىڭ بۇ بىچارە ھەم چۈشكۈن «خېنىم»لار بىلەن يەنە دەتالاش قىلغۇسىمۇ يوق ئىدى.بەلكىم مۇشۇ روھى تەسەللىدىنمۇ ئايرىلىپ قالسا، ئۇلارغا يەنە نېمە قالىدۇ؟
رىسالەتنىڭ كۈنلىرى شۇ تەرىقىدە ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى، ئۇنىڭ بارلىق ئىشلارنى خالىغانچە ئويلىشىغا، تەپەككۇر قىلىشىغا، ھەسرەت، پۇشايمان ئىچىدە بوغۇلۇپ يىغلىشىغا، ئۆزىنى مىڭ زار بىلەن كۈتۈۋاتقان ئاتا-ئانىسىنى سېغىنىش، ئۇلاردىن ئۈنسىز ئەپۇ سورىرىشى...ىغا بۇ يەردە ۋاقىت دېگەن يېتەرلىك ئىدى...
ئارزۇ قىلساڭ تاپارسەن، دەيدىغان ئۇنىڭ ئانىسى. مانا ئەمدى ئۇ راستلا تىلەپ تاپتى. بۇ تۇرمۇشنى ئۆزى خالاپ، ئارزۇلاپ تاللىۋالدى. ئۇ يېزىدىكى ياشلارنى، ئاددى-ساددا، پاك- پاكىز كەسپتە،قانائەت بىلەن ياشايدىغان يىگىتلەرنى كىچىكىدىنلا ياراتمايتتى. ھە دېسە چوڭ سودا قىلىدىغان، ئاكىلىرىدەك چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىدىغان ئەرلەرنى خىيال قىلاتتى. تەقدىردىن ئۆزىگە شۇنداق بىر ئەركەكنى نېسىپ قىلىشىنى تىلەيتتى.مەھەللىدىكى ھېلىقى ياۋاش، مۇلايىم تاجى بەگ،ئىسىملىك بالىنى بولسا، چىش-تىرنىقىغىچە يامان كۆرەتتى... ئەمما سەرداردەك ئىپلاس ھايۋانغا سېلىشتۇرغاندا ئاشۇ ساددا سەھرالىق يىگىتلەر، ئۆزى «خېنىم تاجەك» دەپ تىللىغان تاجى بەگ قانداق ئالىيجاناب-ھە؟...
ئۈمىدسىزلىككە پاتقان رىسالەت، شۇ كۈنلەردە ئۆزىگە بىر چاغلاردا كۆز تاشلاپ يۈرگەن يېزىدىكى يىگىتلەرنى پات-پات كۆز ئالدىغا ئەكىلىدىغان، سېغىنىدىغان بولۇپ قالدى.ئاشۇ ھەسرەتلىك ،ئىللىق ،ئاجايىب كۈنلەرنى،مانا ئەمدى پۇلغا سېتىۋالغىلى بولمايتتى.ئاشۇ شېرىن كۈنلەرنى ھەم ھېچنەرسىگە تېگىشكىلىمۇ بولمايدۇ.ئېسىت... مۇبادا ئاشۇ يىگىتلەر رىسالەتنىڭ شۇ ھالدىكى پەسلەشكەن ھالىنى بىلەلىسە، ئۇنىڭ ئۈستىدىن قانداق گەپلەنى قىلار؟ «خوپ بوپتۇ!بۇ ھاكاۋۇرلۇق قىلغاننىڭ جاجىسى زادى! سودىگەرگە تويسۇن! تازا بەلەن سودا قىلسۇن!...» دېيىشىمۇ مۇمكىن، ھېلىقى تاجى بەگ چوقۇملا ياقا تۇتۇپ «ۋاي ئانىمەي» دەيدۇ...ۋاي،ياق،نېمىلەرنى ئويلاۋاتىمەن ھە؟بىزنىڭ يېزىدىكى ياشلار، ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ ئازابىدىن ھۇزۇرلىنىپ كۈلىدىغانلاردىن ئەمەس، ئۇلار مېنىڭ بۇ ھالىمنى بىلسە، ياقا تۇتۇپلا تۇرماي، يەنە مەيدە كېرىپ ئوتتۇرىغا چۈشىشىمۇ مۈمكىن. ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن قورقماي،ئەڭ ئالدىدا ماڭىدىغىنى تاجى بەگ بولسىمۇ،ھەيران قالغۇچىلىكى يوق.مۇشۇنداق ئويلىغاندا، رىسالەت خۇددى بىر توپ يېزا ياشلىرىنى كۆرۈپ قالىدىغاندەك،بوينىنى سوزۇپ،يىراق يىراقلارغا تەلمۈرۈپ قارايتتى-دە،كېيىن بىردىنلا تىترەپ كېتەتتى. چۈنكى ئۇنىڭ بۇ يەردىن ئازات بولغان تەقدىردىمۇ، پارلاپ تۇرغان قۇياشقا، ئاشۇ ساپ، ساددا دېھقان يىگىتلىرىگە تىك بېقىپ قارىغۇدەك جاسارىتى يوق ئىدى...
رىسالەت،قەلبىدىكى ئازابلىرىنى ئېغىزىدىن چىقارماسلىق ئۈچۈن چىشىنى چىشلەپ بەرداشلىق بېرىشكە باشلىدى.ئۇنىڭ ھازىر ھاۋا ئوچۇق ياكى تۇتۇقلىقى ۋە ياكى يامغۇرلۇق كۈنلەردە بولسۇن پىكىر يۈرگۈزۈشكە ھەپسىلىسى يوق،شۇنداق گراڭلىقتا،ئۇ،يەنە بىر ئاي ۋاقىتنى ئۆتكۈزدى.نېمىلا قىلسا زېھنىنى يىغالمايتتى.ئىشتىھاسى يوق،ئۇيقۇسى تېخىمۇ يوق،كۈندىن كۈنگە چىرايى مومدەك ئېرىپ، ئورۇقلاپ كېتىۋاتاتتى. كۆڭلى يېيىش-ئىچىش تۈگۈل، بىرەر تال مېۋە- چېۋىگىمۇ تارتمايتتى. كۈلۈشلىرىدە ئاغرىق ئادەمنىڭ دەرمانسىزلىقى، قاراشلىرىدا ھاڭۋاقتىلىق، ئاۋازىدا بوغۇق بىر ئاھاڭ پەيدا بولۇپ،پەقەت،ئۇ،ئۆزىنى،بۇ رەزگى تۇرمۇشتىن قۇتقۇزۇپ چىقىدىغان بىر كۈن،يەنى سەردار كېلىدىغان ئاشۇ بىر كۈننىڭ تېزرەك يېتىپ كېلىشىنى جىددى ئارزۇ قىلاتتى.
ــ ھەيرانمەن،مۇشۇ سەردارغا،شۇنچىكى باغلىنىپلا قالغان قىز بولسا،ئۇنىڭدىن ئاسانلىقچە ئۈمىدىنى ئۈزەلمەيدىكەن دېسە؟ھەتتا،سەردارنىڭ ئۆزىنى سېتىۋەتكىنىنى بىلىپ تۇرسىمۇ،خوشاللىق بىلەن،سېتىلغان پۇلنى بىللە سانىشىپ بېرىدىكەن! سەنمۇ شۇغۇ ھە؟سەردار قېنى،قاچان كېلەر؟دەپ،سورىغىنىڭ سورىغان!مېنى دېسەڭ،ئۆپكەڭنى سەل بېسىۋال،ئۇ بەرىبىر بۇ يەردىن كېتەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ سودىسى، كۆڭۈل خۇشى ھەممىسى بۇ يەر بىلەن چېتىشلىق تۇرسا،شۇنداق ئەمەسمۇ؟... ـــ بىر كۈنى رىسالەت،«قوغدىغۇچى»دىن،سەردارنىڭ دېرىكىنى قىلىۋېدى،«قوغدىغۇچى»شۇنداق دەپ،ئۇنى مازاق قىلىپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى. ئۇ رىسالەتنى سەردارنى سېغىنىپ،چىدىيالماي قاپتۇ، دەپ ئويلاپ قالغان ئىدى.
رىسالەت،ئارتۇق گەپ قىلمىدى.ئەمما كۆڭلى ئېلىشىپ،ياندۇرغۇسى كېلىپ كېتىۋاتاتتى،«ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك» دېگەندەك،شۇ كۈنلەردە، رىسالەت ئۆزىدە غەيرى بىئاراملىقنى ھېس قىلماي تۇرالمايتتى. قورسىقى يوغىناپ، بەدىنىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتكەن،سۇس قوڭۇر داغلار كۈندىن كۈنگە يېيىلىپ كەتكەن ئىدى.
ــ ھامىلدار ئىكەنسەن، ھامىلدار ئىكەنلىكىڭنى جەمىلە بىلىپلا قالسا تۈگەشكىنىڭ شۇ...ــ راھىلە،شۇ كۈنى كەچلىك تاماق ۋاختىدا،ئۇنىڭغا شۇنداق دېدى.رىسالەت،ئۈندېمىدى.ئەمىليەتتە،ئۇنىڭ كۆڭلى بۇنى تۇيغان،ھامىلدارلىقنىڭ بارلىق ئالامەتلىرى،ئۇنىڭدا پەيدا بولغىلى خېلى كۈنلەر بولۇپ قالغانىدى.شۇنداقتىمۇ،ئۇ،ئۆزىنى،ئۆزى ئالداپ،مۇشۇنداق بىر قىياسنى مېڭىسىدىن قوغلاپ كۈنلىرىنى ئۆتكۈزگەنىدى.مانا،راھىلە،شۇنداق دېگەندە،ئۇ،بىردىنلا تېڭىرقاپ قالدى.قانداق قىلىش كېرەك؟بۇ بالا زادى كىمنىڭ بالىسى؟ھېلىقى ياۋا بۇقىنىڭمۇ ياكى سەردارنىڭ؟كىمنىڭلا بولسا،بەرىبىر،بۇنىڭ پەرقى بارمۇ؟ھەم مۇشۇنداق بىر بالىنى تۇغۇش،بۇ مۇمكىن بولىدىغان ئىشمۇ؟...ئەجىبا،بېشىمغا كەلگەن شۇنچە پالاكەتچىلىكلەرمۇ يېتىپ ئاشمىغانمىدۇ؟ مەن يەنە قانداق رەسۋاچىلىقلارغا ئۇچرىسام،ئاندىن بۇ خورلۇقۇم چېكىگە يەتكەن بولىدۇ؟
شۇ كۈندىن كېيىن، رىسالەت مۇشۇنداق پەريات چېكىپ،كېچىلىرى،زۇۋانسىز سەكرەپ ـ تاقلاپ، كۈندۈزلىرى ئەڭ ئېغىر ئىشلارنى قىلىپ، بۇ «بوخچا»دىن قۇتۇلۇش نىيتىگە كەلدى. ئەپسۇس،ئۇنىڭ نىيتى،نىيەت بولۇپلا قېلىپ،ھېچ ئەمەلدە كۆرۈلمەيتتى.يەنى ئۇنىڭ قوسىقى يوغۇنالىۋەردى.سېزىكىمۇ قاتتىق ئىدى..
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ
ــ قورسىقىڭدىكى تېخىچە بارمۇ؟ جەمىلە بىلىپ قالغۇچە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىۋەت ئەخمەق، بولمىسا تېخىمۇ ئېغىر باش ئاغرىقى تارتىۋالىسەن،ـــ بىر كۈنى راھىلە يەنە ئۇنىڭغا ئۇچراپ قېلىپ بىر ساراسىمىدە شۇنداق دېدى.
ــ بىلىپ قالسا مەيلى راھىلە،بولسا،نېمىشقا ئېغىر ئاياق بوپ قالدىڭ،دەپ، ئۇرۇپ-دەسسەپ،ئۇنى چۈشۈرىۋەتسە تېخى ياخشى !ـــ دېدى رىسالەت ئاچچىقى بىلەن.
ــ ئۇرۇپ-دەسسەپ چۈشۈرىۋەتسىغۇ مەيلىتى، ئەمما جەمىلە بىلىپلا قالسا سېنى تۇغدۇرىدۇ ياكى قورسىقىڭ يوغىنىغاندا ئوپېراتسىيە قىلىپ بالىنى ئېلىۋالىدۇ، بۇنداق ئىش بۇ يەردە تولا بولغان.
ــ نېمە دەيسەن؟ ئېلىۋېلىپ قانداق قىلىدۇ؟ــ رىسالەتنىڭ ھەيرانلىقتىن ئاغزى ئېچىلىپلا قالدى.
ــ مۇشۇنداق ھېچ ئىشنى بىلمەيسەن-دە... ئۇلار بالىنى ئېلىۋېلىپ، باشقا لاۋبەنلەرگە ساتىدۇ، ئەڭ ياخشىسى ياۋاش، يۇمشاق يۈرگىن. ئەمما ماۋۇ قورسىقىڭدىكىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىۋەتكىن...
بۇنداق ۋەھشىلىكنى ھېچقاچان ئاڭلاپ باقمىغان رىسالەتنىڭ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپلا كەتتى، بەجايىكى يوپيۇرۇق زالدىن قاراڭغۇلۇق ئىچىگە كىرىپ قېلىپ، ھېچنېمىنى پەرق ئېتەلمەي قالغان ئادەمدەك،ئۆز ئەھۋالىنىڭ بارغانچە ئېچىنىشلىق بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماي تۇرالمىدى.
شۇندىن كېيىن،گاراڭلىق، ئۈمىدسىزلىك، چۈشكۈنلۈك... رىسالەتنىڭ ۋۇجۇدىدىكى مەغرۇر قاراشلارنى، غۇنچىدەك سۈزۈك چىراي ھەم يېقىملىق تەبەسسۇملىرىنىڭ ھېچقانداق ئىزناسىنىمۇ قويمىدى.ئۇنىڭ،ئۆلۈپلا،بۇ ئايىقى چىقماس قايغۇ ھەسرەت،دەرت پىراقلاردىن،بىر يولى قۇتۇلۇپ كېتىشنى ئارزۇ قىلاتتى.ناۋادا،شۇنداقلا بولسا،سەردار،يەنە خاتىرجەم دەۋران سۈرىدۇ.رىسالەتنىڭ،ئۆلۈۋالغانلىقى،سەۋەبلىك،ئۇ ئىچ ئاغرىقى تارتىپ،جىنايەتلىك يوللاردىن قايتىشى،پۇشايمان بىلەن ئۆمرىنى ئاياقلاشتۇرىشى پۈتۈنلەي مۈمكىن ئەمەس.شۇنداق،شۇنداق...رىسالەت،ئۆز ھاياتىنى، مۇشۇنداقلا ئاياقلاشتۇرماسلىقى،سەرداردىن چوقۇم ئىنتىقام ئېلىۋېلىپ،ئاندىن ئۆلۈشى كېرەك.رىسالەت، قورسىقىنى تارشىدەك تېڭىۋېتىپ،سەردارنى كۈتۈشنى داۋاملاشتۇردى.ھالبۇكى،سەردارنىڭ قارىسى زادىلا كۆرۈنمەي،يەنە بىر ئاي ئۆتۈپ كەتتى.
دەسلەپ،رىسالەتنى كۆزدىن نېرى قىلماي، ھەر ۋاقىت چېچەن ئاپشاركىدەك قادىلىپلا تۇرىدىغان «ئامانلىق ساقلىغۇچى»،شۇ كۈنلەردە رىسالەتكە بولغان نازارەتنى بوشىتىپ قويغان ئىدى. چۈنكى رىسالەتنىڭ بارلىق ھەرىكىتىدە «قېچىش» دېگەندەك ئالامەتلەرنىڭ ھېچقايسىسى يوق ئىدى.
ــ قېچىپ كېتىشنى ئويلىمىدىڭمۇ؟... شۇنداق خىيالىڭ بولسا، مەن ساڭا ئامالىنى قىلىپ بېرىمەن، بەرىبىر سەن بۇ يەردە مېھمان كۈتمىگەندىكىن، قېچىپ كەتسەڭمۇ سېنى سۈرۈشتە قىلىدىغان ئادەم يوق،ــ بىر كۈنى قېرى ئاشپەز نازارەتچىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئۇنى گەپكە سېلىپ باقتى.
ــ ياق،قاچمايمەن،قېچىپ نەگە بارىتىم؟مېنىڭ قېچىپ،چىقىپ كەتكۈدەك يېرىممۇ، خەققە قارىغۇدەك يۈزۈممۇ يوق...
6
ــ بۈگۈن ساڭا ئالاھىدە بىر مېھمان بار،ــ رىسالەتنى ئاتايىتەن ئالدىغا چاقىرتقان جەمىلە ئۇنىڭ كۈزدىكى خازان كەبى سولاشقان چىرايىنى كۆرۈپ،ئېچىلغان قاپاقلىرى،بىردىنلا تۈرۈلۈپ كەتتى،ــ نېمانچە بولۇپ كەتتى ماۋۇ؟ ئاشخانىدىكى كىرچى خوتۇنلارمۇ سېنىڭدىن تۈزۈكرەك جۇمۇ؟ ماڭ! كۆزۈمگە سەت كۆرۈنمەي، ئۇدۇللا گىرىمخانىغا بار!.... ھەي، قايسىڭ بار؟ مۇنۇ قىزنى چىرايلىقراق ياساپ جابدۇڭلار! بۈگۈن مېھمان كۈتىدۇ!
ــ ئۆتۈنۈپ قالاي... مېنى ھاجەتخانا تازىلاتسىڭىزمۇ، ھېچكىم قىلمايدىغان ئەڭ ئېغىر ئىشقا سالسىڭىزمۇ مەيلى، مېھمان كۈتىدىغان ئىشنى قىلمىغان بولسام!...ــ رىسالەت: «بېشىمغا كەلگەننى كۆرىمەن، ھېچنېمىدىن قورقمايمەن، ھەتتا مېھمان كۈتۈشتىنمۇ قورقمايمەن، بەرىبىر بۇلغىنىپ بولدۇم، ئايىغۇدەك نېمەم قالدى؟ تاكى سەرداردىن قىساسىمنى ئالمىغۇچە ھەر نېمە قىلىپ بولسىمۇ ياشايمەن...» دەپ ئۆز-ئۆزىگە سۆزلىگىنى بىلەن، راستلا مېھمان كۈتۈشكە توغرا كەلگەندە،بىردىنلا بەدەنلىرى سىرقىراپ كەتتى.
ــ بولدى، كاپشىما! ئۇلار سېنىڭ يۇرتلۇقۇڭ، كونا خېرىدار، تەلىپىمۇ ساڭا ئوخشاش ئۆز تىلىدىكى بىر قىزنى تېپىش!ئەمما، شۇ تاپتا،سەتلىشىپ گۆردىكى ئۆلۈكتىن پەرقىڭ يوق بولۇپ كېتىپسەن! خەق يارىتامدىكىن تاڭ، بىلمىدىم... سېنى ئايىدىم، دەپ، قارا، سەتلىشىپ كەتكىنىڭگە؟ ئۆزىنى شۇنداقمۇ تاشلىۋەتكەن بارمۇ؟ سېنى ئايىغۇدەك، ئەتىۋارلىغۇدەك يېرىڭمۇ قالماپتۇ، ئېسىت! يۈزلىرىڭگە داغمۇ چۈشۈپتۇ تېخى! ۋاي سەتلىكىنى، ئورۇقلاپ ياغاچقىلا ئوخشاپ قاپتۇ دېسە!
ھايال بولمايلا ئۇلارنىڭ يېنىغا ئىشرەتخانىنىڭ گىرىمچىكى فاڭ فاڭ كىرىپ كەلدى ھەم رىسالەتنى تارتقۇشلاپ ئېلىپ ماڭدى.
ــ ئۇنى تۈزۈكرەك ياساندۇر جۇمۇ، «چوڭ خوجايىن» كېلىدۇ... ـــ جەمىلە ئۇلار ئىشىكتىن چىقىپ كېتىۋاتقاندا گىرىمچىككە شۇنداق دەپ ۋارقىرىدى. «چوڭ خوجايىن»؟!... رىسالەتنىڭ مېڭىسى بىردىنلا سەگەكلەشتى.
ــ چوڭ خوجايىن دېگەن كىمۇ ئۇ؟ـــ دەپ سورىدى ئۇ گىرىمخانىغا كىرگەندە ئۆزىنى بېسىۋېلىشقا تىرىشىپ.
ــ قورقما، ئۇ كىشىمۇ ساڭا ئوخشاش شىنجاڭدىن كېلىدۇ.
ــ ھە... سەردارچۇ؟
ــ سەردارما؟ ھېلىقى سېرىق چاچلىق بالىما؟
ــ ھەئە...
ــ ئۇنى تېخى تۈنۈگۈن بۇ يەردە كۆرگەنتىم. باردۇر بەلكىم؟ ئۇنى سوراپ نېمە قىلىسەن؟
ــ ھېچنېمە... ئۇنى ئىزدىسەم تاپالارمەنمۇ؟
ــ بۇ يەردە بىر ئادەمنى ئىزدەپ تاپقىلى بولمايدۇ... قائىدىنى بىلىسەن، ئەمما «چوڭ خوجايىن» كەلگەندە،سەردار،ئەلۋەتتە ئىگىسىدىن ئايرىلمايدۇ-دە.ئىشقىلىپ، خوجاجيىننى كۆرسەڭ، تەبىئىي ھالدا سەردارنىمۇ كۆرىسەن. ئەمما قىزچاق، «خوجايىن» بار يەردە سەردارگە تىكىلىپ قارىغۇچىمۇ بولما، بولمىسا ئۆلگىنىڭ شۇ!
رىسالەت گىرىمچىككە ماسلىشىپ،قاتتىق ئورۇندۇقتا قانچىلىك ۋاقىت ئولتۇرغىنىنى بىلمىدى.دېمەك، «چوڭ خوجايىن»مۇ، سەردارمۇ ئۆز ئايىغى بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالغان. ئۇنىڭ ئۈستىدە بولۇپ ئۆتكەن بارلىق يۈزسىزلىك، ئالدامچىلىق، بۇزۇقچىلىقلارغا خاتىمە بېرىلىدىغان چاغ يېقىنلاپ كەلگەن ئىدى.كونتۇرۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر كۈچلۈك بوران رىسالەتنى قۇترىتىۋاتاتتى.بۇ بوران ئۇنىڭ تۇغۇلىشىدىنلا بار بولغان ھاكاۋۇرلۇقىدىن،ھەتتا ئۇنىڭ غۇرۇرىدىنمۇ كۈچلۈك ئىدى.بۇ بوران يۈرەكنى پارە پارە قىلىۋېتىدىغان بولسىمۇ،پۈتۈن بەدەنگە كۈچ ماغدۇر ئاتا قىلىدىغان قىساس ئېلىش ئىدى.
داۋامى بار .......

ساياھەت قىلشىنى ياخشى كۆرەمسىز ؟ ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟ ئۇنداق بولسا شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ،
ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ، يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ، شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى ئېچىلدى . ساياھەت شىركىتىمىز يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ ، تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ .
ئالاقىلاشقۇچى : ئايبەر
ئالاقىلىشىش تېلىفون ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى : 19999706319










سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە :
سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )
ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ



