
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر تۆۋەندە ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ئاتاقلىق يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي قەلمىدە پۈتكەن ( جۇدالىق سىرى ) ناملىق رومان ، بۇ روماننى شىنجاڭ ئايبەر خەلقئارا ساياھەت شىركىتى ئالاھىدە قوللىغان ، ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن گۈل قەلەم سالۇندا تارقتىدۇ ، ئايبەر ئاۋازى سالۇندا ئۇلاپ تەكرار تارقىتىلىدۇ ، بۇ روماننى دەل ۋاقتىدا ئاڭلاشنى خالىساڭلار ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ گۈل قەلەم سالۇننى قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ ، ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى ،
ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ، رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت .
( جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
( جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ خەتلىكىنى ئالدىن ئوقۇماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
………
…………
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
|||
جۇدالىق سىرى
(رومان)
ئاپتۇرى:نۇرگۈل ئەبەي
26-قىسىم
ئەمىليەتتە،سەلمەنى ئەڭ ئازابلاۋاتقان مەسىلىمۇ،بىرمۇ ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا ئىشەنمەسلىكى ئىدى.شۇڭا ئۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۆزىنى ئاقلاپ،تەقدىرگە قارشى يۇلقۇنۇپ باقتى.ئەمما ئۇنىڭغا ئايانكى،ئۇ ئاغزىدا ئۆزىنى مىڭ قېتىملاپ «مەن پاكىز، بۇلغانمىغان قىزمەن» دەپ ئاقلاپ، ئۆلۈپ بەرسىمۇ،گېپىگە ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ... دېمىسىمۇ،ئۇ نېمە ئۈچۈن «پاكىز»چىقماي قالدى؟زادى كىمدىن،قانداق سەۋەنلىك ئۆتىۋاتىدۇ؟ بۇلارنى تېخىمۇ بىلمەيتتى... ،ئىگە-چاقىسىز بىر يىتىم ئۈچۈن «بەخت» دېگەن نەرسىنىڭ باھاسى نەقەدەر قىممەت-ھە؟ ئۇزۇنغا سوزۇلغان تۇرمۇش يولى... بىر ئايال كىشىگە نىسبەتەن ھېچبىر سەھۋەنلىكسىز كىشىلەرگە،مۇھىمى ئېرىگە، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا... مەڭگۈ ئۇياتلىق بىر ئىش بىلەن يەرگە قاراپ ئۆتۈشتىنمۇ ئارتۇق ئازاب بارمۇ؟ناۋادا، بۇ ئادەملەرنىڭ ئىچىدىكى بىرەرسى ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىش يۈزىسىدىن بولسىمۇ،سىزگە ئىشەندۇق،دەپ،قويغان بولسا،سەلىمە قانداق خوشال بولۇپ كېتەر ئىدى ھە؟ئەمما ھېچكىم ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ-دە!...سەلىمەنىڭ قۇلىقىغا ئۆپچۆرىسىدىكى نەسىھەتلەر، تەنبىھلەرنىڭ بەزىسى كىردى،بەزىسى كىرمىدى.ھالبۇكى، ئۇنىڭ غېرىبانە كۆڭۈل كۆزى،قالغان ئۆمرىدىكى ماۋۇ كىشىلەر ئېيتىۋاتقان، ئۇزۇنغا سوزۇلغان، زېرىكىشلىك، ئازابلىق قانداقتۇر كۆرۈنۈشلەرگە پۈتۈنلەي ئىشەنچسىز قادىلىپلا قالغان ئىدى. ئەمدى يەنە ياشىغىلىمۇ بولارمۇ؟... قانداقسىگە ھە؟ياق...
ـــ مېنىڭ ھېچنەگە بارغۇم يوق... رەشىد دېگەن كىشى بىلەنمۇ ھېچقانداق ئىشىم يوق... بىز بارلىق مۇناسىۋىتىمىزنى ئۈزۈپ بولدۇق...مېنى ئۇنتۇپ كېتىڭلار...__ دېدى ئۇ پىچىرلاپ دېگۈدەك،ئاندىن بۇ سۆزىنى بىرنەچچە قېتىم تەكرارلىدى.
گۆھەربانۇمۇ،ئۆمەرمۇ،ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ خوتۇنىمۇ قاتتىق تەڭلىكتە قالغانىدى.ئاخىرى،ئۆمەرنىڭ خوتۇنى، سەلىمەنى مەجبۇرلاپ بولسىمۇ ئورنىدىن تۇرغۇزماقچى بولۇپ،شۇنداقلا قول سوزۇۋېدى،سەلىمەنىڭ قورقۇنچلۇق بىر چىرقىرىشى بىلەن چۆچۈپ قوللىرىنى تارتىۋېلىشتى.ئاخىرى ئۇلار،سەلىمەنىڭ ياۋاش بولۇپلا قالماي،يەنە ئۇنىڭ تولىمۇ جاھىل ھەم ئۆزۈمچىللىكىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمىدى... پەقەت ئىبراھىملا گەپ قىلمايتتى.
ـــ بىز قايتايلى... گۆھەربانۇ ئاچا، سەلىمەگە ھېلىلا دوختۇر ئەۋەتىمەن، سەلىمە ئەمدى بىزنىڭ ئائىلىنىڭ سىلەرگە بەرگەن ئامانىتىمىز. ئۇنىڭغا ئەمدى ئازار قىلماڭلار، مەن رەشىدنى ئېلىپ ئەتىگىچە كېلىمەن...ـــ دېدى ئىبراھىم.
ـــ بولىدۇ...ـــ ئامالسىز قالغان گۆھەربانۇ شۇنداق دەپ ۋەدە قىلدى. شۇ تاپتا ئۇ سەلىمەنى ئۇرۇپ شۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان ھېكىمگىمۇ، مۇنۇ ئابرۇيىنى قىلغاننى بىلمەيدىغان ئۆلۈمتۈك قىزغىمۇ ئىچ-ئىچىدىن ئۆچلۈك قىلىپ كېتىۋاتاتتى...
ئۆمەر، ئىبراھىملار چىقىپ كەتتى. سەلىمە تار ھەم قاراڭغۇ قازناق ئۆيدە خۇددى دېڭىزغا تاشلاپ كېتىلگەن كىچىككىنە قولۋاقتەك يەككە-يېگانە قالدى...
ئىبراھىم قاتارلىقلارنى ئۇزىتىپ قويۇپ كىرگەن گۆھەربانۇنىڭ جۇدۇنى تېخىمۇ ئۆرلەپ كېتىۋاتاتتى، ئۇ قانداق قىلىپ بولسىمۇ سەلىمەنىڭ،رەشىدنىڭ ئۆيىگەبارمايمەن،دەپ جاھىللىق قىلىپ تۇرۇۋالغانلىقىنى ئەقلىگە سىغدۇرالمايتتى.
ــــ ھەي! نېمىنى ئويلايسەن ھە؟ كىمگە خۇي قىلىسەن؟ بۇزۇقچىلىقنىڭ ھەممىسىنى ئۆزۈڭ قىلىپ، يەنە تېخى بارمايمەن، قىلمايمەن، ئەتمەيمەن... دەيسىنا؟ تۈفى! لەنىتى پاسكىنا، بۇ يەردىن باشقا ھېچنەگە بارمايمەن، دەپ كېتىپتىمىش! سەن سېسىق پوقنى يەنە مەن ساقلامدىكەنمەن؟ يوقال، پاسكىنا مەينەت، شەرمەندە جالاپ!
ـــ ۋاي بولدى قىلىڭچۇ،ئاپا؟ بايا ئىبراھىمكام،سىزگە نېمە دېدى؟ئۇنى، بىزنىڭ ئامانىتىمىز دېدىغۇ؟ بوپتۇ،بۇ ئامانەتنى ئۇلار ئۈچۈن بولسىمۇ ساقلايلى، رەشىدبەگ كېلىپ ئۆزى ئېلىپ كېتەمدۇ تېخى، بىر نېمە دەپ بولمايدۇ.تۆرەمنى،ئوغۇللىرىنى ئەۋەتىدۇ،دەپ، بايا قايسىمىز ئويلىغان؟... شۇڭا ياخشى تەرەپتىن ئويلاڭە،ئۇنچە ئاچچىقلاشنىڭ نېمە پايدىسى؟...ـــ سەلىمە ياتقان ئۆيگە بويۇنداپ، تىل سېلىشقا باشلىغان گۆھەربانۇنى،شەيدا شۇنداق دەپ يۈرۈپ تۇتۇۋالماقچى بولدى.
ــــ رەشىدبەگ كېلىپ ئېلىپ كېتەرمىش تېخى! مۇشۇ مەينەتنى ئالاي دېگەندە ئۇ چوقۇم مەست ياكى كاللىسى باشقا نېمە بولۇپ قالغان.ئەگەر ساق ئەركەك بولسا،ھەرگىز بۇنى ئالاي دېمەيدۇ! رەشىدبەگ دېگەن كىم ئۇ؟مەغرۇر بۈركۈت! بۇ قانجۇقچۇ؟ يۇندا يالاپ چوڭ بولغان بىر شاپاقچى!... رەشدبەگ كېلەرمىش تېخى!سەن چۈش كۆرۈۋېتىپسەن، شەيدا! بۇ پاسكىنىچۇ قارا،ئاشۇ رەشىدبەگ،ئېزىپ-تېزىپ تېگىپ قويغان مەينەت تېنىنى سىيلاپ،بىر ئۆمۈر ئارماندا ئۆتىدۇ، كۆرىسەن!ـــ گۆھەربانۇ تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ، سەلىمە ياتقان ئۆينىڭ ئىشىكىنى بىر تېپىپلا ئۇلۇغ ئېچىۋەتتى.
ـــ ئاكا،سەن يەنە نېمە قىلاي دەيسەن؟ يەنە ئۇرماقچىمۇ يا؟ ئۇنىڭ تاياق كۆتۈرگۈدەك ھالى قالماپتۇ جۇمۇ،مەن سىلەرگە دەپ قوياي؟ـــ شەيدا دەرۋازىدىن يەنە ھۈرپەيگەن پېتى سەلىمە ياتقان ئۆينىڭ ئىشىكى ئالدىغا دىۋەيلەپ كېلىۋاتقان ھېكىمنىمۇ توستى،ـــ بايا ئاڭلىمىدىڭمۇ ئاكا؟ سەلىمەنى كېلىن قىلامدۇ، قۇل قىلامدۇ، ئەمدى ئۇ رەشىدكامنىڭ ئىلكىدىكى ئىش.ئۆمەركام بايا ئۆز ئاغزى بىلەن:«بىزنىڭ ئامانىتىمىز، ئەمدى ئازار قىلماڭلار» دېدىغۇ؟
ـــ مەن بولغان بولسام، ئۇستىخانلىرىم چېقىلىپ، كۆكۈم-تالقان بولۇپ كەتسىمۇ، تۆرەمنىڭ ئۆيىدە قالىمەن ھە؟ بۇنىڭغا بارمايمەن دەيدىغانغا نېمە قويۇپتۇ؟ غۇرۇرلۇق بولۇپ كەتكىنىمىكىنا بۇنىڭ ؟! مەن يەنە بۇ ئۆيدە تۇرسام،بۇ پاسكىنىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغۇدەكمەن جۇمۇ!ئەڭ ياخشىسى يوقۇلاي!
ـــ سەن گالۋاڭمىچۇ،كىشى كۆرمەيدىغان يېرىگە سالىتىڭ؟!.. ۋاي بولدىلا، كۆزۈڭنى ماڭا كېرىمەي،جۇگۇ،يولۇڭغا ماڭغىنا!ماڭا تېخىمۇ ئىش تېپىپ بېرىۋاتىسەن،كاللاڭ بولسا بۇندىن كېيىن،گەدەنكەشلىك قىلماي،ھۇشۇڭنى بىلىپ ئىشلەرسەن..
ـــ نېمىشقا؟ بۇ پاسكىنىنى مەن بۇزۇپتىكەنمەنمۇ يا؟!
ــ نېمە ۋارقىرايسەن؟ كاللاڭ بارمۇ سېنىڭ ھە؟ بىزچۇ، ئەمدى تۆرەملارغا قۇدا ئەمەس، دۈشمەن بولدۇق، بىلدىڭما؟ ئۇلارنىڭ پۇشقىقىغا سۇۋۇشۇپ كۈنىمىزنى ئالايلى دەۋاتىمەن...
ئەلەمدىن بوغۇلۇپ كەتكەن ھېكىم سەلىمەگە يەۋېتىدىغاندەك بىر ئالىيىۋېتىپ، ئىشىكنى جالاقشىتىپ يېپىپ چىقىپ كەتتى. گۆھەربانۇ بىردە شەيدانى تىللاپ، بىردە سەلىمەگە تىل سېلىپ بىرەر سائەتچە چالۋاقىدى. پەقەت دوختۇرخانىنىڭ جىددى كېسەللەرنى ئېلىپ ماڭىدىغان ئاپپاق ماشىنىسى ئىشىكى ئالدىغا كەلگەندىلا ئاندىن زۇۋانى بېسىقتى...
14
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ
ئىبراھىملار كېتىپ بىر سائەتكە قالمايلا بازارلىق شىپاخانىنىڭ تاشقى كېسەللەر دوختۇرى بىر نەپەر سېستىرا بىلەن گۆھەربانۇنىڭ ئۆيىدە پەيدا بولدى. ئۇلارنى ئۆمەرنىڭ شوپۇرى باشلاپ كەلگەن ئىدى.دوختۇر سەلىمەنىڭ ئىششىپ كەتكەن پۇت-قوللىرىغا، قارىداپ كەتكەن كۆكلەرگە قاراپ دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىشنى تەۋسىيە قىلىپ،ئۆمەرگە تېلېفونمۇ قىلىشتى. ئۆمەرمۇ دەرھال دوختۇرخانىدا ياتقۇزۇشنى، ناۋادا ئەھۋال خەتەرلىك بولسا، چوڭ دوختۇرخانىغا يۆتكەشنى ئېيتتى.
شۇنداق قىلىپ سەلىمە دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىلدى، شەيدا سەلىمەگە ئەگىشىپ ئۇنىڭ بىلەن دوختۇرخانىغا بارماقچى بولىۋىدى، گۆھەربانۇ ئۇنىمىدى. ئۇنىڭچە سەلىمە ئەمدى ئۇلار بىلەن پۈتۈنلەي مۇناسىۋەتسىز ئىدى. ئۇ تۆرەمغا، رەشىدكە يامان كۆرۈنۈپ قالغان سەلىمەنى پەقەت ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىش ئارقىلىقلا،بۇ ئىشتا ئۆزىنىڭ قولى يوقلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولۇۋاتاتتى. كېيىنكى كۈنلەردە سەلىمە مەيلى تۆرەمنىڭ كېلىنى بولسۇن، بولمىسۇن، بەرىبىر كىشىلەر ئالدىدا يۈز كۆتۈرۈپ يۈرەلمەيتتى. «سۇ كەلگۈچە توغان سال» دېگەندەك، گۆھەربانۇ بۇ كۆڭۈلسىزلىكتىن پەقەت سەلىمەنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىش ئارقىلىقلا قۇتۇلۇپ كېتەلەيتتى.
سەلىمە ئۆزىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىۋاتقاندا كىشىلەر بىلەن قارشىلاشقۇدەك دەرمانى يوق ھالدا ئىدى. ئۇ چوغدەك قىزىپ، سېزىمىمۇ قالايمىقانلىشىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ شۇ ھالدا ھېچنېمىنى سەزمەي دېگۈدەك يالغۇز كىشىلىك بالنىسقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. قارايدىغان ھېچ ئادىمى بولمىغاچ، مەخسۇس سېستىرا قويۇلدى. شۇ ھالدا ئۈچ كۈن ئۆتۈپ كەتتى. ئۇنىڭ پۇت-قوللىرى ھەر ھالدا ساق ئىدى، ئەمما بەدەن مۇسكۇللىرى قاتتىق زەخمە يىگەچكە، مىدىراتقۇسىز دەرىجىدە ئاغرىپ تۇراتتى.
پەقەت تۆتىنچى كۈنىلا سەلىمە ئېسىگە كەلدى، ئۇنىڭ قىزىتمىسى پۈتۈنلەي يانغان ئىدى. ئۇنىڭغا قاراشقا مەسئۇل بولغان سېستىرا پات-پات كىرىپ، ئۇنىڭ ئوڭ قولىغا ئېسىپ قويۇلغان ئوكۇل سۇيۇقلىقىنىڭ چۈشۈش ئەھۋالىغا دەممۇ-دەم قاراپ قويۇپ چىقىپ كېتەتتى. سەلىمە تاملىرى ئاپپاق ئاقارتىلغان كېسەلخانىدا ئۆزىنىڭ شۇ دەرىجىدە يالغۇز ياتقانلىقىغا خۇشال بولدى. نېمىلا بولمىسۇن، ئۇنىڭ ھېچكىمگە كۆرۈنمەسلىك ئارزۇسى شۇ تاپتا ئەمەلگە ئاشقاندەك بولۇپ قالغان ئىدى. ئەگەر مۇمكىن بولسا، مۇنۇ سېستىرامۇ كىرمىگەن بولسا، ئۇنىڭغا ئىنساننىڭ ئاۋازىمۇ ئاڭلانمىسا...
ئېھ، چىغلىق! ئۇ بالىلىقى ئۆتكەن چەكسىز چىغلىقنى سېغىندى. شۇ يەرگە قانچىلىك ئارىلىق قالدىكىن؟ ئۇ يەر ھازىر قانداق ھالدىكىن؟ ھازىر چوقۇم پۈتكۈل چىغلىق ياپيېشىل ياشىرىپ كەتتى. چىغ ئارىلىرىدا مۆكۈ-مۆكۈلەڭ ئوينايدىغان ياۋا توشقانلار قانداق بولدىكىن؟ كىشىلەر ھە دېسىلا ئۇلارغا قىسماق قۇرۇپ، پۇتلىرىنى سۇندۇرپ، بىچارىلەرنىڭ يۈرىكىنى يېرىۋېتەتتى... سەلىمە كىچىك چاغلىرىدىن باشلاپلا قىسماققا چۈشۈپ قالغان توشقانلارنى قۇتقۇزۇپ ئاۋارە بولاتتى، ئەمما توشقان بىچارىلەر قىسماقتىن چىقىپ بولغۇچە ئۆلۈپ بولاتتى:
ـــ توشقان قورقۇنچاق بولىدۇ، ئوۋچىنىڭ قولىغا چۈشۈپلا قالسا، قورقۇپ يۈرىكى يېرىلىپ كېتىدۇ،ـــ دەپ چۈشەندۈرەتتى مەرەم ئانا ئۇنىڭغا.
سەلىمە نېمىشقىدۇر توشقانلارنىڭ ئاجىزلىقىغا ئېچىناتتى، ئۆزىنىمۇ ئاشۇ توشقانلاردەك بىچارە سېزەتتى. ئۇمۇ ئەقلىنى بىلگەندىن باشلاپلا كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە نەپرەت بىلەن قارايدىغانلىقىنى سەزگەن ئىدى. ئادەملەر بولمىغان كەڭ تەبىئەتلا ئۇنىڭغا ئەڭ تىنچ، خاتىرجەم ماكان ئىدى. ئۇنىڭ دوستلىرى كۆپ ئىدى، توشقانلار ئۇنى كۆرۈپ پېتىراپ قاچمايتتى. كالىلار، قوي-قوزىلار ئۇنىڭ ئەتراپىدا مەرىشەتتى. بوۋىسىدىن قالغان ئالا بويناقنىڭ بىر مۇنچە كۈچۈكلىرى بار ئىدى. سەلىمەنى كۆرسە ئەركىلەپ قىلىدىغان قىلىق تاپالماي قالاتتى. ياز كۈنلىرى توپ-توپ بولۇپ ئۇۋا سالىدىغان قارلىغاچلارنىڭ تۇشمۇ-تۇشتىن ۋىچىرلاشلىرى ئۇنىڭغا ئاجايىپ يېقىملىق تۇيۇلاتتى. سېغىزخانلار شاراقشىيتتى، كاككۇكلار ئۈنىنى قويۇۋېتەتتى. ئوغلاقتەك يوغىناپ كەتكەن ئوغرى مۈشۈكلەردىن تارتىپ ئۇچار قاناتقىچە ھەممىسى سەلىمەنىڭ دوستى ئىدى.
كىشىلەر كۈندۈزلىرىمۇ كىرىشتىن قورقىدىغان كەڭ كەتكەن چىغلىقتىلا ئۇ ئۆزىنى شۇنداق مەغرۇر ھەم قورقۇمسىز ھېس قىلاتتى. پەقەت شۇ يەرلا ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس ماكانى ئىدى... چىغلىق، چىغلىقتا ئۇنىڭغا تونۇش بولغان بارلىق جانلىقلار يادىغا يېتىپ، قىزنىڭ چوڭ-چوڭ قارا كۆزلىرى لىققىدە ياشقا تولدى. شۇ تاپتا ئۇ يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئاشۇ چىغلىقنىڭ ئوتتۇرىسىغىلا كىرىۋالالىغان بولسا قانداق ياخشى بولاتتى-ھە! شۇنداق بولغان بولسا، ئۇ بوۋىسىنىڭ، مومىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ چىغلىقنى قوغدىسا، كۈز كۈنلىرى چىغلىققا بىر كېلىدىغان چىغ ئورۇغۇچىلارغا ئاش-تاماق ئېتىپ بەرسە، كېچىلىرى ياپيېشىل چىغلىقلار يەلپۈنگەن مەيىن شامالدا ئوڭدىسىغا يېتىپ، باش ئۈستىدىلا ئېسىلىپ تۇرغان ئاي، يۇلتۇزلار بىلەن مۇڭداشسا؟... ئەگەر شۇنداقلا بولسا، ئۇ ھاياتىنى يەنە قايتا باشلىيالايتتى-دە...
سەلىمە ئۆزىنىڭ يەنە «قايتا ياشاش» دېگەن ئۇقۇمنى كاللىسىغا ئەكەلگەن ئەقلىگە ھەيران بولدى. «قايتا ياشاشمىش تېخى!... مۇمكىنمۇ؟» ئۇ ئازاب بىلەن پىچىرلاپ، ئۆز-ئۆزىنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈمسىرىدى. شۇنىڭ بىلەن كېيىنكى ھاياتىغا مۇنداقلا شولا چۈشۈرگەن ئارزۇ- ئىستەكلىرى يوپۇرۇلۇپ كەلگەن قورقۇنچلۇق ئۈمىدسىزلىك بىلەن مىڭ قات يەرنىڭ تېگىگە كىرىپ كەتتى...
شۇ تاپتا ھېچقانداق ئاۋاز ئاڭلانمايۋاتقان بۇ ئازادە ياتاقتا ئۇنىڭغا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى خالىغانچە ئويلاشقا، تەسەۋۋۇر قىلىشقا، ئۆزىنىڭ چەكسىز بەختى قارىلىقىدىن زارلىنىشقا ۋاقىت يېتىپ ئاشاتتى...شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ خىيال يىپلىرى رەشىد بىلەن تويى بولغان ئاشۇ كېچىگە ئولاشتى. ، نېمىشقا پاكىز چىقمىدىم؟... ئۇ توي قىلمىغان، قىزلىق دېگەننىڭ زادى قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما مەكتەپتە مۇئەللىملىك قىلىۋاتقان مۇشۇ بىر نەچچە يىلدا، تويى بولغان بىر مۇنچە قىزلارنى ئۇزاتقان، ئۇلارنىڭ تويدىن كېيىن ھەم ئۇيات ھەم بەخت بىلەن بىر-بىرىگە پىچىرلاشقانلىقلىرىنى ئاڭلىغان شۇ تەڭتۈشلىرىنىڭ تويدىن كېيىن شاپتۇل چېچىكىدەك قىزىرىپ كەتكەن ئاشۇ ئوتلۇق چېھرىلىرىدە پارلاپ تۇرغان چىن بەختنىڭ نېمىدىن كەلگەنلىكىنى بىلگەن،شۇنداقلا،بىر قىز ئۈچۈن ئاشۇ ھايالىق پەردىنى جان تىكىپ قوغداشنىڭ نېمىدىن بىشارەت بىرىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەنگەن ئىدى. ئەمما ئۇ قىز چىقماي قالدى. ئۇنىڭ ھايا بىلەن يۇغۇرۇلغان ناتىۋان جىسمىدا بۇ پەردە قاچان، كىملەر تەرىپىدىن يىرتىلغان بولغىيدى؟ ئۇنىڭ ھېچقاچان بىرەر ئەركەك بىلەن بىر يەرگە كەلگىنى يوققۇ؟...
ئۇنىڭ ئېسىگە تۇرۇپلا بىر چۈش كەلدى. بۇ چۈشنى ئۇ 16 ياشقا كىرگەن ئاشۇ بىر ئاخشىمى، روزى بىلەن يانمۇ-يان مېڭىپ چارچىغان كېچىسى كۆرگەن ئىدى. ئەجەبا؟... چۈشلىرىدكى قۇچاقلىشىش... سۆيۈشۈش... بىرلىشىش...؟! بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ ياق، مۇمكىن ئەمەس!ئۇ كاللىسىغا كەلگەن گۇمان ھەم ئىشەنچسىزلىكنى نېرى قوغلىۋېتىش ئۈچۈن قوللىرىنى يايدى.دېمىسىمۇ، پۈتۈنلەي مۇمكىن ئەمەس!ھالبۇكى، ئۇ پۈتۈنلەي مۇمكىن ئەمەس، دەپ قارىغانسېرى كۆز ئالدىغا، ئوي-پىكىرلىرىگە ئاشۇ كېچە، پۈتكۈل جاھان ئاپپاق مانانغا پۈركەلگەن يامغۇرلۇق كېچە كېلىۋالدى.
15
داۋامى بار

ساياھەت قىلشىنى ياخشى كۆرەمسىز ؟ ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟ ئۇنداق بولسا شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ،
ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ، يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ، شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى ئېچىلدى . ساياھەت شىركىتىمىز يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ ، تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ .
ئالاقىلاشقۇچى : ئايبەر
ئالاقىلىشىش تېلىفون ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى : 19999706319






سالون تەۋسىيەسى


گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز ، ئىنكاس رايۇنىدا كۆرۈشەيلى




