大数跨境

جۇدالىق سىرى (رومان ) 35ـ قىسىم

جۇدالىق سىرى (رومان ) 35ـ قىسىم aybarawazi
2022-10-22
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر !  تۆۋەندە  يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي قەلمىدە  پۈتكەن ( جۇدالىق سىرى ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 35 - قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمىلىرىنى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ 

    

1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34







 ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى . جەمئى 54 قىسىم 

ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ،  رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ  كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە  ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت . 





 (  جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن تۇلۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 


جۇدالىق سىرى


(رومان)


35-قىسىم

 

رىسالەتنىڭ ياشلىرىمۇ قۇرۇپ تۈگدى، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ يەردىكى بىر نەچچە ئايلىق، ئاشۇ جەلب قىلارلىق شەھەر مەنزىرىسىنى،شېرىن-شىكەر گەپ-سۆزگە ماھىر سەردارنىڭ يىرگىنچلىك تۇرقىنى ھەقىقىي ھايات، ھەقىقىي مۇھەببەت، گۈزەل كەلگۈسى، چىن مېھىر-سۆيگۈ ھەم ۋاپادارلىق دەپ بىلىپ، قانچىلىك دەرىجىدە خاتالاشقانلىقىنى،ھەقىقى چۈشەندى.ئۇنىڭ پۇتلىرىدىن باشلانغان بىر تىترەك شۇ تاپتا ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى چىرمىۋالغان ئىدى. سۆيگۈ، قورقۇنچ، ئۈمىدسىزلىك ۋە ئەنسىزلىك... ھەممىسى ئارىلىشىپ، گويا كۆكرەك قەپىسىنى تېشىپ چىقىپ كېتىدىغاندەك سۈرەن سېلىپ، مېڭىسىنى گادىرماچ قىلىۋەتتى... ئەمدى ئۇنىڭ يەنە كەلگۈسى ئۈچۈن، كىشىلىك ئەركىنلىكى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش، كۆرۈش، تۇيۇش، ھېس قىلىش، ئويلاش... لىرىنىڭ قىلچىلىكمۇ ئەھمىيىتى قالمىغان ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ كېيىنكى تەقدىرىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەندى، ئۆزىنى مۇشۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان سەردار دېگەن ئىپلاسنى پارە-پارە قىلىپ بوغۇزلىۋەتكۈسى، ئېغىزىغا ئېلىپ چىشلەپ پۈركۈۋەتكۈسى كېلىپ كەتتى. شۇنداق، ئۇنى چوقۇم پۇخادىن چىققۇدەك بىر ئۇسۇلدا ئەدەپلەش،ئۇنىڭدىن ئىنتىقام ئېلىش كېرەك! 

بۇنداق قىساس ئېلىش تۇيغۇسىغا كېلىش بىلەن رىسالەت ئورنىدىن قاڭقىپ تۇرۇپ كەتتى. قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىكى بىر يوشۇرۇن كۈچ شۇ تاپتا باش كۆتۈرۈپ، ۋۇجۇدىدىكى زەئىپلىكتىن ئەسەرمۇ قالمىدى. ھامىنى بىر ئۆلۈم،ناھايىتى كەلسە، ئۇ،ئۆز ھەدە-سىڭىللىرىنى پايخان قىلىدىغان بىر مەرەزنى يوقىتىدۇ. شۇندىلا يۈزى يورۇق بولىدۇ، بەدىنىدىكى مەينەتچىلىك ئۆز جايىنى تاپىدۇ،جەمىيەتمۇ پاكىزلىنىدۇ!شۇنداق، ئەمدى بۇ ھالدا يېتىۋېرىشكە بولمايدۇ! 

ئۇنىڭغا قەلبىنىڭ چوڭقۇر يېرىدە تۇغۇلغان قىساسخورلۇق تۇيغۇسى بارغانسىرى كۈچىيىپ، شىددەت بىلەن ئۆرلەۋاتقاندەك تۇيۇلدى... رىسالەت ۋۇجۇدىدىكى ئاغرىقنى سەزمىگەن ھالدا يۇيۇنۇپ، قېتىپ كەتكەن قانلارنى پاكىزلىدى، چۇۋۇلغان چاچلىرىنى تاراپ تۈزەشتۈردى. سەردار ئېلىپ بەرگەن، ئۇ خىجىل بولىمەن دەپ كىيمىگەن كىيىملىرىنى كىيدى. سەردار كۆڭلۈڭ تارتقاننى ئېلىپ يەرسەن، دەپ تاشلاپ قويغان پۇللارنى تارتمىدىن ئېلىپ سانىدى. يەنە ھېلىقى نەپرەتلىك ئەر بەرگەن 200 يۈەن پۇلمۇ كارۋاتنىڭ ئايىغىدا تۇراتتى، رىسالەت شۇ پۇلنىمۇ قولىغا ئالدى، ياشلىرى شۇندىلا يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلۈپ كەتتى.

شۇ ھالدا ئۇ خېلى بىر مەھەلگىچە ئۆزىنى باسالمىدى، ھۇجرىنىڭ ئىچىدە ئۇياندىن بۇيانغا ماڭغىنىچە بۇ بىر كۈندە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى بىرمۇ بىر خىيالىدىن ئۆتكۈزدى... ئەمدى ئۇ سەردارنى كۈتۈپ ياتسا بولمايدۇ...

ئۇ سەردارغا تېلېفون قىلدى، ئويلىمىغانلا يەردىن تېلېفون ئۇلىنىپ، بىردەمدىلا سەردارنىڭ ئاۋازى كەلدى:

ــ ياخشى تۇرامسەن، ئومىقىم؟...ــ سەردارنىڭ ھېچ ئىش بولمىغاندەك، خۇددى بۇرۇنقىدەكلا ئاھاڭدا ئەھۋال سوراشلىرىنى،رىسالەت يەنە كۈتمىگەن ئىدى. ئۇ ھېچ بولمىسا سەردار ئۆزىنى ئاقلاپ كېتىدۇ، خاپا بولما دەيدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى. بۇ نومۇسسىزلىقتىن ئۇنىڭ تەنلىرى جۇغۇلداپ كەتتى.

ــ ياخشىغۇ... ئۆلمىدىم سەردار، كېلىپ كۆرۈپ كەتمەمسەن ھالىمنى؟!...ـــ رىسالەتنىڭ نەپرىتى چىشلىرى ئارىسىدا غۇچۇرلاپ چىقتى.

ـــ بولىدۇ، مېنى سەنلىسەڭ ئاۋازىڭ تېخىمۇ تاتلىق ئاڭلىنىدىكەن. ئەمدى بىز سەنلىشەيلى، تاتلىقىم. ئون مىنۇتتىن كېيىنلا ئۆيگە كىرىمەن، مېنى كۈتكىن...

رىسالەت مېۋە ئاقلايدىغان ئۇچلۇق پىچاقنى سافانىڭ يان تۇتقۇسىنىڭ ئارىسىغا تىقىپ قويدى، ھەم سېپىنى ئوڭ قولىغا ئاسانلا چىقىدىغان قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى: «يەنە 10 مىنۇتتىن كېيىنلا ئەجىلىڭ توشىدۇ. ئىپلاس!...» دەپ شىۋىرلىدى ئۇ غەزەپ بىلەن.

ئەمما سەردار 10 مىنۇتتىن كېيىن ئەمەس، دەل ئىككى سائەتتىن كېيىن، رىسالەتنىڭ سەۋر قاچىسى توشۇپ، ئېلىشىپ ۋارقىرىۋېتىشكە تاس قالغاندىلا ئۆيگە كىردى. يالغۇز ئەمەس، يېنىدا يەنە بىر ئەر كىشى بار ئىدى.

ئۇنى يالغۇز كىرىدۇ، دەپ ئويلاپ يەنە ساددىلىق قىلغانلىقىنى، ئۇنى سەزدۈرمەي بىر پىچاق بىلەنلا ئۆلتۈرىۋېتىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، باشقا پىلان تۈزمىگەن رىسالەت بىردىنلا ئۈمىدسىزلەندى. قارىغاندا ئىشلار سەردارنى ئۆلتۈرۈپ بولۇپ، ئارقىدىنلا ساقچىخانىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلىشتەك ئاددى جەريان ئەمەس ئىدى...

ـــ قانداقراق تۇرۇپسەن، مەلىكەم؟...ــ سەردار تاتىرىپ كەتكەن رىسالەتنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭ پېشانىسىدىن سۆيدى. ئۇ ھەتتا رىسالەتنىڭ شۇ دەرىجىدە ئۆزىنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى كۆرمىگەندەكلا ئىدى. رىسالەتنىڭ نەپرىتى چىرايىغا تېپىپ چىققان ئىدى. ئۇ سەردارنىڭ يىرگىنىچلىك تۇرقىنى، ئاۋازىنى، ھەرىكىتىنى ئاڭلاپ ھەم كۆرۈپ ئۆزىنى زادىلا باسالماي قالدى:

ــ ساختىپەز، كاززاپ! سېنىمۇ ئەركەك دەپ يۈرۈپتىمەن، ھۇ ئىپلاس! تۇزكور!... قانۇننىڭ جازاسىدىن قورقمامسەن چۈپرەندە؟! مېنى مۇشۇ دەرىجىدە خارلاپمۇ يەر دەسسەپ مېڭىپ كىرەلەپسەن ھە ئالدىمغا؟!

ــ ھا... ھا... ھا...ـــ سەردار قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى. ئۇنىڭغا ياندىشىپ كىرىپ كەلگەن ئەرمۇ تەڭلا كۈلدى.ــــ يەر دەسسەپ كىرەلمەسمىشمەن تېخى!... ھا... ھا... ھا... سەن بىر قىز بالا تۇرۇپ، ئاتا-ئاناڭنىڭ يۈزىنى سىيرىپ يەر دەسسەپ، بىر ئەر كىشىنىڭ كەينىدىن كۇسۇك ئىتتەك قېچىپ كېلىسەنۇ، مەن نېمە دەپ يەر دەسسىيەلمەيدىكەنمەن؟! مەن سېنى باغلاپ ئەكەلگەن ئىشقۇ يوقتۇ؟ مەن بىلەن ماڭمىغىن، جاپا تارتىپ قالىسەن، دېسەم نېمە دېگەن ئىدىڭ؟! تاغقا چىقساڭ تاغقا كۆنەي، باغقا كىرسەڭ باغقا كۆنەي، دېگەن مەنمۇ، سەنمۇ؟ مۇشۇنداق كۈننى ھەر قاچان خالىمايدۇ دېسەم، زېرىكتىم، ئۆلدۈم، پۇل تاپىمەنيەي، سودا قىلىمەنيەي... دەپ مېڭەمنى يېگەن يەنە سەن ئۆزۈڭ! ئەمدى نېمە گەپ؟!... كۆنگىن ئەمدى! بىلسەڭ، مەن ساڭا ئوخشاش قونچاقلارنى بازارغا سېلىپ، ئىشرەتخانىلارغا سېتىپ، خېرىدارغا ھەمراھ قىلىپ پۇل تاپىمەن! سودا دېگەن مانا شۇ! يەنە كېلىپ ئۆزۈڭ خالىغان سودا! كۆنمەي ئىلاجىڭ قانچە؟ بۇ يولغا ئۆزۈڭ كىردىڭ، ھېچكىم زورلىغان ئىش يوق! كاللاڭ يەتسىچۇ، بۇ يولدا خوجايىنلا ئەمەس، ئۆزۈڭمۇ تازا پۇل تاپالايسەن، ئۆزىنىمۇ، خوجايىنىنىمۇ باي قىلىپ تىقىلىپ كەتكەن ساڭا ئوخشاش قونچاقلار  بۇ يەردە بەكلا جىق!...

رىسالەتنىڭ نەزىرى ئىختىيارسىز سەردارنىڭ چىرايلىق دۈگلەك كۆزلىرىگە، لەۋ سۇرۇخى سۈرۈۋالغاندەك ھەر ۋاقىت قىزىرىپلا تۇرىدىغان نېپىز لەۋلىرىگە ۋە قىزلارنى ھەر ۋاقىت مەپتۇن قىلىپ تۇرىدىغان جەلپكار تۇرقىغا، قاملاشقان بوي-تۇرقى، كىيىنىشلىرى، كۈلۈمسىرەشلىرىگە  چۈشۈپ، كۆڭلى بىردىنلا ئاينىپ كەتتى...

ئىسىت! ئۇنىڭ ئاشۇ قاملاشقان چىرايىنىڭ، ساختا تەبەسسۇمىنىڭ تېگىدىكى چەكسىز ۋەھشىلىك، شەپقەتسىزلىك ۋە زەھەرخەندىلىكنىڭ خۇددى يانار تاغنىڭ ئاستىدىن ئېتىلىپ چىققان لاۋىدەك رەھىمسىز ھەم ئەجەللىك ئىكەنلىكىنى، سەرداردا ھېچكىمگە ئوخشىمايدىغان بىر مۇدھىش قارا كۆڭۈلنىڭ بارلىقىنى،بۇ نادان قىزنىڭ  زادىلا بىلمىگىنىنى قارا!

ــ نومۇسسىز، ئىپلاس! ھامان بىر كۈنى جاجاڭنى يەيسەن!مىڭ زىخنىڭ ئىچىدە قىيلىنىپ، كۆيۈپ ئۆلىسەن،چۈپرەندە نىجىس! ...ــ رىسالەت ئىچ-ئىچىدىن قايناپ چىقىۋاتقان نەپرەتلىرى قار يامغۇر تىللىغاچ، ئۇنىڭغا شالاققىدە تۈكۈرۈۋەتتى.

ــ ھا... ھا... ھا... قىينىلىپ ئۆل؟ ئۆلۈش دېگەن كېيىنكى گەپ ئۇ!؟ يا قىينىلىپ ئۆلەرمەن يا بىرسىنىڭ پىچىقىدا گاچچىدە ئۆلەرمەن... ئۇ سەن بىلەن مېنىڭ ئىشىم ئەمەس! ئەمما،شۇ تاپتا،مەن تېخى ھايات، چوڭ سودا قىلىۋاتقان ھايات سودىگەرمەن! سېنىڭ ھازىرقى نەرقىڭ ماۋۇ خوجايىنغا ئوتتۇز مىڭ كويغا پۈتتى!بۇ سودىنى كېچىكتۈرۈشكە قەتتى بولمايدۇ، قىزچاق! ھېلىمۇ سېنى ئالقىنىمدىن چىقارماي شۇنچە كۈنلەرنى ئەخمەقلەرچە ئۆتكۈزىۋەتتىم. سېنى خۇش قىلىمەن دەپ،قىلمىغىنىم قالمىدى دېسە...شۇنىڭغا قارىغاندا،مەن ساراڭ بوپ قاپتىمەن جۇمۇ! نېمىش قىلىسىز،قانداق سودا قىلىسىز؟دەپ،تولا سورايتتىڭغۇ؟مانا كۆرۈپ تۇرۇپسەن،مەنچۇ،مانا ساڭا ئوخشاش قىزلارنىڭ،ئۆيىدىن يامانلىغان ئۇششاق شۇمتەكلەرنىڭ سودىسىنى قىلىمەن!بۇمۇ يامان ئىش ئەمەسكەن،مەن سودىسىنى پۈتكۈزگەن نۇرغۇن قىزلار،ھازىرغىچە،ماڭا رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ ئاۋارە بولۇشىدۇ. قاراپ تۇر، سەنمۇ بىر كۈنى مەندىن سۆيۈنۈپ قالىسەن، شۇ چاغدا پۇلنىڭ، سودىنىڭ،يەنە مېنىڭ مېھرىمنىڭمۇ نەقەدەر يامانلىقىنى چۈشىنىپ قالىسەن!...

رىسالەتنىڭ كۆزلىرى  قاراڭغۇلاشتى، ئۇ ھاياتىنىڭ بىردىنلا مۇشۇنداق نەپرەتلىك، كېلەچىكى ئېنىق بولمىغان بىر تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغانلىقىنىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپ  كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ بېشى قېيىپ، ئاياغلىرى ئاستىدىكى پول گويا چايقىلىۋاتقان كېمىدەك لەپپەڭشىشكە باشلىدى... ئۇ نېمە دېگەن دۆت!نېمە دېگەن بەغەرەز!ۋاي ئېسىت،ۋاي ئېسىت!...ئۇ بۇ ئەرگە قارىغۇلارچە ئىشىنىپ كەتكەن، ئۇنى يۈزىگە ئاياغ قويار، ۋاپاسىزلىق قىلار دەپ ئويلاپ باققانمىدى؟.ئويلىيالىغان بولسا، ئاخشام سەردار ئاچچىقىدا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۆزى يالغۇز قالغان ئاشۇ قىسقىغىنە ۋاقىتتا،قېچىپ كېتەلەيتتى،ھېچ بولمىغاندا ساقچىخانىغا بېرىپ ياردەم تاپالايتتى.


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ



ــ نومۇسسىز ئىپلاس! رەزگى ئىت!! سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن!...ــ دېدى رىسالەت  جېنىنىڭ بېرىچە ۋارقىراپ، ھەم شۇنچىلىك چاققانلىق بىلەن كىرىسلونىڭ تۇتقىسى ئارىسىغا يوشۇرۇپ قويغان پىچاقنى ئېلىپ، ئۇدۇللا سەردارغا ئېتىلدى. لېكىن ئۇ يەنىلا چاققانلىق قىلالمىدى، سەردارنىڭ رىسالەتكە تەييارلىقى پۇختا ئىدى. ئۇ قولدىن چىقارغان، ئۆزىگە مۇشۇنداق پىچاق كۆتۈرگەن قىزلارغا تەڭ كېلىشتە قېرى قاقباش ئىدى... رىسالەتنىڭ قوللىرى سەردار ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە كىرگەن ئادەمنىڭ كۈچلۈك قوللىرى ئىچىدە بىراقلا ماغدۇرسىزلاندى، قاتتىق سىقىلغانلىقتىن ھەتتا قول-پۇتلىرىدا جان دىدارىمۇ قالمىدى.

ــ مېنى ئۆلتۈرىۋېتەمسەن تېخى؟ ھۇ پاسكىنا! ئىززىتىنى قىلغاننى بىلمەيدىغان رەسۋا! مانا ئۆلتۈرۈپ باقە قېنى! ئۆلتۈرۈۋېتە، قانداق ئۆلتۈرىسەنكىن! ھۇ قانجۇق!... سەن دېگەن ئالقىنىمدىكى بىر قونچاق، ئالقىنىمنى تۈز تۇتقىنىم سېنىڭ بەختىڭ، مۇبادا ئالقىنىم شۇنداقلا دۈم بولسا، ئۆلۈكۈڭنى كۆرىسەن...

سەردار رىسالەتنى قار-يامغۇر ئۇرۇپ، تېپىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ئادەتتە ئورۇق كۆرۈنگەن بىلەكلىرى، پۇتلىرى شۇ تاپتا لوم تۆمۈرنىڭ ئۆزىلا ئىدى.

ــ ھەي، ھەي، بولدى قىل! بولدى!... بۇ ساڭا يېڭىللىق ئەمەسقۇ؟ ئاخشامنىڭ ياقى «ياۋا قوتاز»غا چىشلىتىپ، ئۇردۇرۇپ، ئوبدانلا پۇل تېپىپسەن ئەنە. ئاشۇ كۆك، ئىششىقلارنى قاچان يوقىتارمەن، دەپ تۇرسام، يەنە تۆپىلەپ كۆكەرتىپ قوياي دەمسەن؟ بۇ مېنىڭ مېلىم جۇمۇ! ئىتنى ئۇرساڭمۇ ئىگىسىگە قاراپراق ئۇرارسەن؟! ــ خوجايىن سەردارنى شۇنداق دەپ تۇتۇۋالدى ۋە ھۆركىرەپ يىغلاپ،چاچلىرىنى يۇلۇپ ياتقان رىسالەتنى يۆلەشتۈردى:

ــ يىغلىما، قىزچاق، بولار ئىش بولدى، يۈر، كېتەيلى... سەردار توغرا دەيدۇ، بۇنىڭغا ئۇنچىلا يىغلاش كەتمەيدۇ، ساڭا دېسەم، سەن بەك چىرايلىقكەنسەن. پۇلنى چوقۇم جىق تاپىسەن... ماڭا ئىشەن،خالىساڭ،بۇ يەردىن ئۆيمۇ ئالالايسەن،بۇمۇ بىر كەسپ...

بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ،رىسالەتنىڭ يۈرىكى سىقىلىپ ھاسىرىدى.ئۆزىنى يۆلەۋاتقان بۇ قول، ئۇنى سەرداردەك ئىپلاسنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۋالغاندەك قىلغان بىلەن، تېخىمۇ قاراڭغۇ، تېخىمۇ مۇدھىش بىر قاراڭغۇلۇققا ئېلىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ يۈرىكى ئازاب-ئەلەمدىن ئۆرتەندى. ئۇ گويا ئېگىز يار لېۋىدىن تېگى يوق قاراڭغۇ ھاڭغا چۈشۈپ كەتكەندەك تىپىرلاپ ئۇيان بۇيان قارىدى.ئەمما ئۇنىڭ ئالدىدا قارا قۇيۇن كۆتۈرۈلۈپ، كىملەرنىڭدۇر چىرايى غۇۋا كۆرۈنۈۋاتقاندەك بولدى. بۇ چىرايلار ئۇنىڭغا قول سوزۇپ، زار-زار يىغلاپ تۇرغان قاسىم، ھەنىپە، تۆرەم، ھەسەلخېنىم، رەشىد...لەرنىڭ چىرايى ئىدى...

ــ ماڭا رەھىم قىلغىن، سەردار... مېنىڭ قانداق ئائىلىدە چوڭ بولغىنىمنى، قانداق يەردىن كەلگىنىمنى سەنلا بىلىسەن، سەردار. مەن پاكىز يۈرگەن قىزىمەن، بۇنداق مەينەت يولدا ماڭسام ئاتا-ئانامغا قانداق قارايمەن؟... ماڭا ئىچىڭ ئاغرىسۇن! نېمە قىل دېسە،مەن شۇنى قىلاي! ساڭا بويسۇناي... ئەمما مېنى بۇ ئادەمگە سېتىۋەتمە!سېنى باققان ئاتاڭنىڭ،سېنى ئەمدۈرگەن ئاناڭنىڭ ھەققى ھۆرمىتى!يالۋۇراي!... مېنى سېتىۋەتمە!...

رىسالەت ئەقلىنى قولىغا ئېلىپ، سەردارنىڭ ئاياغلىرىغا بىردىنلا ئۆزىنى ئاتتى. ئۇ شۇنداقلا كېتىپ قالسا، ئۆزىنىڭ نەگە، قاياقلارغا چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى، بۇ ئۆمرىدە سەردارنى مەڭگۈ كۆرەلمەي قەپەستە قالغان ئەرمەك ھايۋاندەك قەدىرسىز، قىساسسىز، ئارماندا ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى،شۇنچىلىك قىسقا ۋاقىتنىڭ ئىچىدە ھېس قىلىپ يېتەلىگەن ئىدى... ئۇنىڭ سەرداردىن يىراققا كېتىشكە، مۇشۇنداق ئىپلاس بىر جوھوتنى شۇنداقلا قويۇۋېتىشكە ھەرگىزمۇ ۋىجدانى يول قويمايتتى. «ئىنتىقام ئېلىش كېرەك! بۇنىڭ ئۈچۈن سەرداردىن ئايرىلماسلىق كېرەك!» پەقەت ئۇنىڭدىن ئايرىلمىغاندا، ئۇنىڭ بىلەن دائىم كۆرۈشۈپ، ئۇچرىشىپ تۇرغاندىلا، رىسالەتنىڭ،قالغان ئۆمرىدىكى بىردىنبىر ئارزۇسىمۇ ئەمەلگە ئاشاتتى. بۇنىسى ھەممىدىن  مۇھىم...

تېخى مىنۇت بۇرۇن ئۆزىگە پىچاق تەڭلىگەن، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ تۇرۇپ ۋارقىرىغان قىزنىڭ،بىردىنلا،ئاياغلىرىدا ئۆمىلىشىنى كۈتمىگەن سەردار،دەماللىققا بىر نېمە دېيەلمەي تۇرۇپ قالدى.

ــ سەردار، ساڭا ئىشىنىپ كەينىڭدىن چىققىنىمنىڭ ھەققى ھۆرمىتى،بىزنى باققان سان ساناقسىز بىچارە ئاتا- ئانىلارنىڭ ھەققى ھۆرمىتى... مېنى يېنىڭدا ئېلىپ قال!... دېگىنىڭگە كۆنەي، راستلا كۆنەي...ـــ رىسالەت نالە قىلاتتى، ئۇنىڭ نالىسىگە، ئېزىلىشلىرىگە ھەر قانچە باغرى تاش ئادەممۇ قاراپ تۇرالمايتتى.

ــ ھەي،قىز، سەردار بىلەن بىزدە توختام بار،بۇنداق توختامنى ھېچكىشى بۇزالمايدۇ، بۇنداق يىغلالىۋەرمەي،مەن بىلەن ماڭ،ماڭا ئىشەنسەڭ،ساڭا بۇ سەرداردىنمۇ ئوبدان قارايمەن... شۇنداق قىلايلى،تۇرغىنە قىزچاق،ماقۇل،دەپ،چىرايلىقچە ماڭساڭ كىچىك ماشىنامدىلا ئەكىتىمەن.يەنە يىغلاپ قاقشىساڭ، سېنى ۋارقىرىمايدىغان، يىغلىمايدىغان قىلىپ ئەكىتەلەيدىغان ئادىمىم،ھازىرلا كىرىدۇ...ـــ خوجايىن شۇنداق دەپ، سەردارنىڭ ئاياغلىرىغا چىرمىشىۋالغان رىسالەتنى تارتقۇشلىدى،ــــ تۇرە ئورنۇڭدىن،قارا،بىر چىرايلىق قىز،نېمە بولۇپ كەتكەن ھە؟بۇ ياۋا قوتاز سېنى نېمە دېگەن بوزەك قىلغان ھە!مېنىڭ يېنىمدا بۇنداق قوپاللىق بولمايدۇ!...

ــ سەردار!مېنى قۇتقۇزىۋال!...ـــ رىسالەت ئۆزىنىڭ،خوجايىننىڭ كۈچلۈك قوللىرىدا سۆرۈلۈپ ئىشىككىچە بېرىپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ، دەرد-ئەلەمدىن چىر-چىر چىرقىراپ كەتتى. ئۇنىڭ نالىسىدىن، ئېچىنىشلىق ئاھۇ-زارىدىن تىترەپ كەتكەن سەردار بىر چۈشىنىكسىزلىك بىلەن رىسالەتنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپلا كەلدى-دە، ئۇنىڭ قوللىرىنى،خوجايىننىڭ بارماقلىرى ئارىسىدىن تارتىۋالدى:

ـــ مەن بۇ سودىدىن ياندىم،ئاكا... خاپا بولما، مەن پۇلۇڭنى ھازىرلا قايتۇرۇپ بېرەي...ـــ دېدى ئۇ،خوجايىنغا ئۆزرە قويۇپ. ئۇ ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن رىسالەتكە يەنە ئىچ ئاغرىتىدىغانلىقىنىمۇ چۈشەنمەيتتى.

ــ بىز پۈتۈشۈپ بولغان تۇرساق،قائىدىنى ئۇنتۇپ قالدىڭما؟! ـــ دېدى خوجايىن زەردە بىلەن.

ــ ساڭا دېسەم،بىر ئىشنى ئۇنتۇپتىمەن، ئۆتكەندە دېڭىز بويىدا «چوڭ خوجايىن» بۇ قىزغا كۆز تاشلاپ قويغانتى، ماڭا ئېلىپ قوي،ھېچكىمگە بەرمە، دېگەن. قارا،ماۋۇ ئۇنتىغاقلىقىمنى!  خوجايىنغا قارشى چىقىدىغانغا بېشىم ئونمۇ دەيسەن؟شۇڭا دەۋاتقان گېپىم...ــ سەردار شۇنداق دەپ باھانە قىلدى،مۇنۇ خوجايىننىڭ،ھەرقانچە بولسىمۇ،«چوڭامغا»غا قارشى چىقالمايدىغانلىقىنى ئۇ بىلەتتى.

ــ «چوڭام» شۇنداق دېگەن بولسا.... مەيلى، ئەمما مېنىڭ شەرتىم، بۇدا چىقىدىغان شىنجاڭلىق «مال»لاردىن بەشىنى ماڭا ئەرزان بېرىسەن، يېنىۋالساڭ ئوغۇل بالا ئەمەس!

ــ مەيلى، يىقىندىلا يەنە بىر تۈركۈم «مال»كېلىدۇ،ئاۋال سەن تاللىۋال، گېپىم گەپ، بولدى!

ــ پېچىتى بۇزۇلمىغان مالدىن دەۋاتىمەن!

ــ چاتاق يوق!





        داۋامى  بار .......


 ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319







سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k