
ياخشى كۆردۈڭمۇ ئىشەن، چۈشەن، قەدىرلە، ئاسرا. چۈنكى بۇ يۈرەك كىمنى كۆرسە سوقىۋەرمەيدۇ...

سېنى سۆيىمەن دىگەندىن تېخىمۇ مۇھىم بىر جۈملە بار، يەنى ساڭا ئىشىنىمەن. چۈنكى ھەركىم ھەركىمنى سۆيىشى مۇمكىن، ئەمما ئىشىنىشى ناتايىن...

ھالىڭ بار دەمسەن؟ ھېس قىلالىساڭ يىتىپ ئاشقۇچە مىھرىم بار. ھايات شۇنداقكەن، ياخشىلارغا ياخشىچە، بەزىلەرگە بەزىچە...

بىلەمسەن، ھېچكىمنىڭ ھەققى ھېچكىمدە قالماس. يا بىر قەدەم نېرى، يا بىر قەدەم بېرى. دەل مېنى ئاغرىتقان يېرىدىن ئاغرىتار سېنى...

مەڭگۈ باشقىلار ئۈچۈن ئۆزۈڭنى ئۆزگەرتمە، ئەڭ ناچار ھالىتىڭدە سېنى قوبۇل قىلالمىغان بىرىنىڭ ئەڭ ياخشى ھالىتىڭنى تەلەپ قىلىدىغان ھەققى يوق...