大数跨境

جۇدالىق سىرى (رومان ) 36ـ قىسىم

جۇدالىق سىرى (رومان ) 36ـ قىسىم aybarawazi
2022-10-23
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر !  تۆۋەندە  يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي قەلمىدە  پۈتكەن ( جۇدالىق سىرى ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 37 - قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمىلىرىنى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ 

    

1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35






 ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى . جەمئى 54 قىسىم 

ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ،  رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ  كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە  ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت . 





 (  جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن تۇلۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 


جۇدالىق سىرى


(رومان)


36-قىسىم

 


سەردار بىلەن خوجايىننىڭ كېيىنكى سودىسى،رىسالەتنىڭ كۆز ئالدىدىلا پۈتتى.

ــ تۇرغىن، رىسالەت، بىز ئەمدى بۇ يەردە تۇرساق بولمايدۇ...ـــ خوجايىننى ئۇزىتىپ قويغان سەردار رىسالەتنىڭ يېنىغا كەلدى. بۇ چاغدا رىسالەت ئۆزىنى خېلىلا توختىتىۋالغان، ئۆزىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قايسى ھالدا ئىكەنلىكىنىمۇ تولۇق چۈشىنىپ يەتكەن ئىدى.

ــ نەگە بارىمىز؟ــ دېدى ئۇ ناتونۇشلا بىرسىگە گەپ قىلغاندەك.

ــ ئەمدى يالغۇز تۇرمايسەن، قىزلار بىلەن تۇرىسەن...

ــ مېنى ئەتىۋارلىمىساڭمۇ مەيلى، ھېچ بولمىغاندا چاكار قىل، ئاشپەز قىل... ئۆزۈڭدىن ئايرىما سەردار، ئۆمرۈم بويى سىزىقىڭدىن چىقماي، خىزمىتىڭنى قىلاي...ــ دېدى رىسالەت ئەڭ ئاخىرقى بىر ئۆتۈنۈش بىلەن. ئۇ مۇشۇنداق قىلىپ سەردارنىڭ يېنىدا يۈرۈپ، ئىنتىقام ئۈچۈن پۇرسەت كۈتۈشنى ئويلاۋاتاتتى.

ــ ياق... بولغۇلۇق بوپ بولدى،رىسالەت... سەن سودامنىڭ بىر قىسمى بولۇپ بولدۇڭ. ئەمدى كەينىمگە يانسام قەتتى بولمايدۇ، يەنە كېلىپ مېنىڭمۇ ئۈستۈمدە «چوڭام»دەيدىغان چوڭ خوجايىنىم بار،سېنى بۇنداق ئوڭچە ئىگىلىۋېلىش،بىزنىڭ قائىدىمىزگە كەلمەيدۇ ...مېنىڭ سەن ئۈچۈن قىلالايدىغىنىم،سېنى ياخشىراق بىر خېرىدارغا بېرەي...جەمىلەگە بېرەي، جەمىلە بىر سودىگەر،بەزمىخانا ئاچىدۇ.ئۇنىڭغا بويۇنتاۋلىق قىلمىساڭلا  ساڭا ياخشى قارايدۇ،يەنە تېخى ئەركىن بولۇش، باي بولۇش پۇرسىتىنىمۇ يارىتىپ بېرىدۇ. ئۆزىمۇ بەزمىخانىدىن چىقىپ،ھازىرقىدەك بېيىغان،ئۇنىڭ مىجەزىنى،مەن ئوبدان بىلىمەن، مەرد، كەسكىن ئايال.ئىشقىلىپ، ئۇنىڭغا يامانلىق ئويلىمىساڭلا، ئۇمۇ قىلغىنىڭنى بىلىدۇ، ئەمدى گەپ تۈگىدى.

ــ ئۇ يەر پاھىشىخانىما؟- رىسالەت سورىدى.

ــ شۇنداق دېسىمۇ بولىدۇ، ئەمما خېرىدارنىڭ تەلىپىگە قارايدىغان گەپ... كاللاڭدىن بىردەمدىلا ئۆتۈپتۇ-دە! بىلەمسەن؟ ئاشۇ يېزىدا سەن ھېچكىمگە ئوخشىمىدىڭ، كاللاڭمۇ ئوچۇق، ئىدىيەڭمۇ ئازاتكەنتۇق. دەسلەپ چىرايىڭغىلا ئەمەس، شۇ ئوچۇق مىجەزىڭگىمۇ ئاشىق بولغان ئىدىم.

ــ ئاشىق؟... سەن ئاشىقلىقنىڭ نىمىلىكىنى بىلەمسەن؟ ئالۋاستىمۇ ئاشىق بولامدۇ؟ بۇ سۆز  سەندەكلەرگە ئەسلا ياراشمايدىكەن!

ـــ ھا... ھا... ھا... كىتابتىكى سۆزلەرنى ئىشلىتىشكە بەكلا ماھىر ھە؟ھەم شۇنداق سۆزلەرگە بەكلا چوقۇنىسەن، ئىشىنىسەن.ئەمما كۆزۈڭنى يوغان ئېچىپ قارا،كىتابتا يېزىلغان ئۇ ئاشىقلىق،مۇھەببەت دېگەنلەر،بۇ يەردە ئاقامدىكەن؟!ھەرگىز ئاقمايدۇ،ھەم ھېچكىممۇ ئۇنداق نەرسىلەرگە ئىشەنمەيدۇ!مەنمۇ شۇ!سەن توغرا دەيسەن،ئۇنداق نەرسىلەرگە مەن ئەزەلدىن ئىشەنگەن ئەمەس!مەن پەقەت پۇلغىلا چوقۇندىغان تولىمۇ ئەمەلى ئادەم!بۇ جاھاندا پۇل تېپىشلا ھەممىدىن مۇھىم ئىش، پۇللا بولسا قىلغىلى بولمايدىغاننېمە ئىش بار دەيسەن؟شۇڭا،سەنمۇ ئەمدى چۈشەكىگەندەك،پەلەمپەتىش گەپلەرنى،ئاقماس ئىشلارنى قىلىپ يۈرمەي،مۇشۇ پۇرسەتتە،قانداق قىلغاندا پۇلنى جىق تاپقىلى بولىدۇ،شۇنىڭ يولىغا كىر! ئېسىڭدە بولسۇنكى، پۇللا بولسا داداڭمۇ، ئاناڭمۇ ھەممىسى بۇ يەردە!

ــ سەن مېنى بوزەك ئەتتىڭ،سەردار!سەن مېنى ئالدىدىڭ!سېنىڭمۇ ئېسىڭدە بولسۇنكى،مەن يالغۇز قىز ئەمەس،تاغدەك ئاكىلىرىمدىن تۆتى بار،ئۆز دادام ،قولىنى نەگە سۇنسا،شۇ يەرگە يەتكۈزەلەيدىغان داڭلىق سودىگەر!ناۋادا،ئۇلار،سېنىڭ مېنى مۇشۇنداق دەپسەندە قىلغانلىقىڭنى بىلىپلا قالسا،تۈگەشكىنىڭ شۇ! 


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ


ــ ھا ھا ھا!ئاتە پونى!ئەمما،بۇ ماڭا بەرىبىر،قىزچاق!بۇ يەردە ھەرقاچان،جاننى ئالقانغا ئېلىپ قويۇپ يۈرىدىغان گەپ.ئۇنىڭ ئۈستىگە،مۇشۇ چاققىچە،سەندەك قىزدىن نەچچە يۈزىنىڭ سودىسى پىشتى.ئۇلارنىڭمۇ دادىسى، ئانىسى بار قىزلار.شۇ ئاتا-ئانىلار نېمە قىلالىدى؟ نېمىسىنى قۇتقۇزالىدى، بىلەمسەن؟ ئۆلۈكىنى! ھا... ھا... ھا...چوڭ سودىگەر دەپ قاپسەن تېخى! مەن كۆرگەن سودىگەرلەرنىڭ ئالدىدا،سېنىڭ داداڭ قانچىلىك نېمىتى؟بۇندىن كېيىن،كۆزۈڭنى يوغان ئېچىپ،ئوبدان قارىۋال،ئۆز پەرزەنتلىرىنى، قوشنىسىنىڭ، يۇرتىنىڭ،تۇققانلىرىنىڭ قىزلىرىنى،ئالداپ ئەچىقىپ،سودىسىنى قىلىدىغان سودىگەرلەرنى قەدەمدە بىر ئۇچرىتىسەن!سېنىڭ ئاكىلىرىڭ سەھرايىڭدىلا قالدى قىزچاق...ھەي، مېنى تۇغۇلىشىدىنلا مۇشۇنداق قارا قورساق دەپقۇ قالمىغانسەن؟ مەنمۇ سەھرادا چوڭ بولغان،سەھرالىق ئانامنىڭ ئەتىۋارلىق بالىسى ئىدىم. ئالتە ياشقىچە دادامنىڭ كىملىكىنى بىلمەي چوڭ بولدۇم.ئانامنىڭ قورسىقىغا تۆرۈلۈشىمگىلا،دادام بىزنى تاشلاپ كېتىپتىكەن، كېيىنچە دادامنى سورىسام، ئانام: «داداڭ چوڭ سودىگەر، كۇلىدا چوڭ تىجارەت قىلىدۇ، كەلسە بىزنى ئېلىپ كېتىدۇ، بۇنداق يوقسۇل ئۆتمەيمىز...» دەپ مېنى ئۈمىدلەندۈرۈپ يۈردى.ئەمما ئالتە ياشقا كىرگەن چېغىمدا،ئانام ئاياللار كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتتى.شۇنىڭ بىلەن،مەن،ھاممىلىرىمنىڭ قولىغا قالدىم.ھامىللىرىمنىڭ ئۆگەيلىكى تولىمۇ قاتتىق ئادەملەر ئىدى.قېقىندى سوقۇندى يۈرىۋاتقان كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە، دادام راستلا مېنى ئىزدەپ كېلىپ قالدى.شۇ چاغلاردا،دادام مېنىڭ يۆلەنچۈكۈم،باش پاناھىم،بەختىم ئىدى.شۇڭا  ئىككىلىنىپ قالمايلا ئۇنىڭ بىلەن شىئەنگە باردىم.ئويلايتىم، دادام بولغاندېكىن،مەن بۇ شەھەردە، راھەتتە ئۆتىمەن، ھېچكىم مېنى دادىسى يوق دەپ بوزەك قىلالمايدۇ،مەكتەپتە ئوقۇيمەن، ئانام ئېيتقاندەك چوڭ كادىر بولىمەن. لېكىن ئىشلار ئويلىغىنىمدەك بولمىدى، دادامنىڭ يېنىدا ئۈچ ئايلا تۇرۇپتىمەن شۇ. ئۈچ ئاي ئۆتكەندە دادام مېنى «ئۇستام»غا شاگىرتلىققا سېتىۋەتتى. قانداق ئۇستامنىڭ قولىغا چۈشكىنىمنى بىلەمسەن؟ قانداق ھۈنەرگە كىرگىنىمنى بىلەمسەن؟ سېتىلىپ كېتىش دېگەننىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن؟... سەن ھەرگىز بىلمەيسەن، قىزچاق! ــ سەردار سۆزلە،سۆزلە،تۇرۇپلا قاتتىق ھاياجانلىنىپ كەتتى، ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا بالىلىقىدىكى ئاشۇ ئېچىنىشلىق كەچمىشلىرى بىر-بىرلەپ كەلمەكتە، ئۇ ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا بۇقۇلداپ يىغلىماقتا ئىدى.

سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ئۇ ئۆزىنى كۈچەپ بېسىۋېلىپ تاماكا تۇتاشتۇردى، ئەمما قوللىرى تىترەپ تۇراتتى، نېمە دەپ رىسالەتكە بۇ ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئويلىغۇسىمۇ يوق ئىدى.

ــ دادام مېنى چوڭ يانچۇقچىنىڭ قولىغا شاگىرتلىققا تۇتۇپ بەردى.ھەم مېنىڭ يەتتە يىللىقىمنى،پەقەت بەش مىڭ كويغىلا سېتىۋەتتى. بۇ يەتتە يىل ئىچىدە ئەقلىم بولسا، چېچەن بولسام، يانچۇقچىلىقنىڭ ئېپىنى بىلىپ، ئىسسىق-سوغوقتا چېنىقىپ ھەقىقىي ئەركەك، ھەقىقىي «ھۈنەرۋەن» بولۇپ چىقسام ئۇنىڭ ئارزۇسىمۇ شۇكەن. ئەگەر دىتىم يوق، قورقۇنچاق، گالۋاڭ بولسام، ساقچىغا تۇتۇلامدىم ياكى بىرلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرىۋېتىلەمدىم، بۇنىڭ بىلەن دادامنىڭ چاتىقى يوق،ھەم ھېچقانداق دەۋا-دەستۇرىمۇ يوق ئىكەن...

مەن ئۇستامنىڭ قولىغا كىرگەندە، ماڭا ئوخشاش شاگرتتىن 21 بالا بار ئىكەنمىز. بۇلارنىڭ ئىچىدە ماڭا ئوخشاش ئاتا-ئانىسى «ھۈنەر»گە تۇتۇپ بەرگەن بالىلار يېرىمدىن كۆپرەك ئىدۇق. چوڭىمىز 16ياش، كىچىكىمىز ھەتتا بەش ياشتا ئىدى... بالىلارنىڭ بەزىلىرى شىنجاڭدىن ئادەم سودىگەرلىرىگە ئەگىشىپ كەلگەن، بەزىلىرى ئاتا-ئانىسىنىڭ تىللاپ، ئۇرۇپ قويغىنىنى باھانە قىلىپ، نادانلىقتا قېچىپ چىققان بالىلار ئىدى... رىسالەت، بىلەمسەن؟ بىز 21 بالىنىڭ ھەممىمىز شۇ چاغدا تولىمۇ ساددا، بىغۇبار،نارسىدىلەردىن ئىدۇق. ئەمما بىز ئۇستامنىڭ قولىدا نارسىدىلەر ئەمەس، ئالۋاستى بولۇپ يېتىلدۇق. ئالۋاستى بولماي ئامالىمىز يوق ئىدى. ھە دېسە تاياق ئاستىدا قالاتتۇق. مۇشت، پەشۋا، شاپىلاق دېگەن ئادەتتىكىلا گەپ ئىدى. قايناق سۇغا قول تىققۇزۇش، «ئايروپىلان»دا ئۇچۇرۇش، بىنادىن تاشلاش... دېگەنلەرنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى بېشىغا كەلگەن ئادەم بىلمىسە، ساڭا ئوخشاش قىزلار ھەرگىزمۇ چۈشەنمەيدۇ. ئۇ يەردىكى ئازابنى مىڭ ئۆلۈپ، مىڭ تىرىلىپمۇ چۈشەنمەيسەن، رىسالەت... بىزنىڭ ۋاقتىمىز توشۇپ، ئاتا-ئانىمىزنىڭ قولىغا قايتقاندا ئاشۇ 21 بالىدىن قالغىنىمىز پەقەتلا يەتتە بالا. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچى مېيىپ، بىرسى گاچا...كۆردۈڭمۇ؟مېنى سەن ئىپلاس،نومۇسسىز،دەپ،تىللايسەن،

بىلسەڭ،مېنىڭ مۇشۇ قانخورلىقىم، ئىپلاسلىقىم، نۇمۇسسىزلىقلىرىمنىڭ ھەممىسى،مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن ئاشۇ سانسىزلىغان بەختسىزلىكلىرىمدىن كەلگەن! ئېيتقىنا؟! يۈرىكىم، باغرىم تاشتەك قېتىپ،خۇددى ئۆلۈكتەك ھېسىياتسىزلىشىپ،مۇزلاپ كەتمىگەن بولسا، ماڭا كەلگەن بۇ سانساناقسىز زەربىلەرگە قانداق بەرداشلىق بېرەلەيتتىم؟ قانداق ياشايتتىم؟!

سەردار ئەمدى گېپىنى داۋاملاشتۇرالمىدى. ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ، ھۈ تارتىپ يىغلاشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ئىچ-ئىچىگە چىڭدىلىپ تاشتەك قېتىپ كەتكەن دىل يارىسى بۈگۈن تۇرۇپلا ئېچىلىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بىر چاغلاردىكى ساددا ھالىتىنى، ئالتە يىللا داۋام قىلغان بالىلىقىنى، زادىلا ئەسلىيەلمەيدىغان ياۋاش، مۇلايىم ئانىسىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرەلىگەن ئىدى.

ــ ئۇ بالىلار قېنى؟...ــ دەپ سورىدى رىسالەت. ئۇ تۇرۇپلا سەردارغا ئىچ ئاغرىتىپ قالغان، ئۇنىڭ ئازابلىق كەچۈرمىشلىرى ئۆزىنىڭ بېشىدىكى كۈلپەتنى ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئۇنتۇلدۇرغان ئىدى.

ــ ئۆلۈپ كەتمەمدۇ؟!.. يانچۇق كولاپ پۇل تاپالمىغانلار، ھۈنەرگە چىڭ بولمىغانلار، بىكار نان يەپ قالغانلار، ساقچىغا چېقىلىپ قويغانلار، ئۇستامنىڭ «قارا» سودىسىنى جايىدا قىلالمىغانلار... قالغانلىرىمىزغا ساۋاق قىلىنىپ كۆز ئالدىمىزدىلا ئۆلتۈرىۋېتىلدى. ئېگىز بىنادىن تىرىك پېتى تاشلىۋېتىلدى، نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن خۇددى چىۋىن-پاشىنىڭ ئورنىدا  ئۆلتۈرىۋېتىلدى، دېڭىزدا بېلىقلارغا يەم بولۇپ كەتتى...

رىسالەت سەردارغا داڭ قېتىپ قاراپ تۇراتتى. ئۇ كۈندە كۈلۈپ، يايراپ تۇرىدىغان بۇ قاملاشقان يىگىتنى بۇنچە دەردمەن، بۇنچە ئېچىنىشلىق قىسمىتى بار دەپ ئەسلا ئويلىمىغان ئىدى.

ــ مەن شاگىرتلىقتىن قۇتۇلۇپ، دادامنىڭ يېنىغا كەلگەندە، دادام ئاللىبۇرۇن تۈرمىگە كىرىپ،ئون بەش يىللىق قاماققا چۈشۈپ قالغان ئىكەن. ئۇنى تۈرمىگە بىر قېتىممۇ يوقلاپ بارمىدىم، يوقلاپ بېرىشنى ھەتتا ئويلاپمۇ باقمىدىم، دادامنى ساقچىلار كۆز ئالدىمدىلا ئېتىۋەتسىمۇ، ئۇنىڭ ئۆلۈكىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتەرمەن، دەپ ئويلايتتىم...

كېيىن،مەن بىر گۇرۇھقا كىرىپ ئىشلىدىم. گاھىدا پالتا پىچاق،گاھىدا،كالتەك،پالتىلارنىڭ ئىچىدە جان ساقلاپ يۈردۈم. گاھىدا ساقچىلارنىڭ توك كالتەكلىرىنىڭ ئاستىدا مىجىلدىم. تۈرمە مەن ئۈچۈن،كىرىپ،چىقىپ يۈرىۋېرىدىغان ئادەتتىكىلا بىر يەر بولۇپ قالدى...كېيىن بۇ يانچۇقچىلىق دېگەننىڭمۇ ئۇنچە ئابرۇيى،چوڭراق پۇلى بولمايدىكەن دەپ، ئاۋۋال جەمىلەگە ياردەملىشىپ، ئۇنىڭ قىزلارنى يۆتكەيدىغان سودىسىغا قاتنىشىپ، كۆز پىشۇرۇپ يۈردۈم. كېيىن جەمىلە مېنى چوڭ خوجايىنغا خوشامەت قىلىپ،ئۇنىڭغا بېرىۋەتتى.«چوڭام»غا ئەگىشىپ،ئاۋال كىچىك بالىلارنىڭ سودىسىنى،كېيىن قوشۇپ،قىزلارنىڭمۇ سودىسىنى قىلدۇق.بۇ سودىدىن كىرىدىغان پايدا كۆپ، زەھەر ساتقاندەك خەتەرلىك ئەمەس، ساقچىلار تۇتۇۋالدى دېگەندىمۇ، مېنى كۆپ بولسا ئىككى-ئۈچ يىل كېسىدۇ. چۈنكى مەن ئېلىپ چىققان، سودىسىنى قىلغان قىزلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قورامىغا يەتكەن، ئۆزى خالاپ چىققان قىزلار-دە! شۇڭا ئۇنچىلىك تەۋەككۈلچىلىكتىن قورقۇپ قالمايمەن... بۇ قېتىم شىنجاڭغا چىقىپ، سېنىڭ يېزاڭدا پەيدا بولۇپ قېلىشىمدىمۇ قىلىۋاتقان ئىشىمنىڭ ساقچىلارنىڭ بىر ئەنزىسىگە چېتىلىپ قالغانلىقىدىن بولغان ئىدى. مېنى شۇ ئەترەتكە چوڭام ئورۇنلاشتۇرغان. يىراق سەھرادا توك تارتىپ يۈرگەن مېنى كىممۇ ئېسىگە ئالالىسۇن دەيسەن؟ بىزنىڭ چوڭامنىڭ قول ئاستىدىكىلەرنى قوغداشتا ھەر قانداق خوجاينلاردىن بەكرەك ئېپى بار... رىسالەت، سەنمۇ، مەنمۇ ئەمدى ئۇنىڭ ئادىمى بولدۇق. جەمىلەگە ئىشلىگەندەك قىلغىنىڭ بىلەن، جەمىلە بىلەن  چوڭامنىڭ   سودىسى بىر! چوڭام مەرت ئادەم،جەمىلەگە ئوخشاش ئىشلىگەننى بىلىدۇ، ھەرگىز نادانلىق قىلىپ قېچىپ يۈرمە.يەنە كېلىپ،جەمىلەنىڭ بەزمىخانىسىدىن ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلغان يوق، قېچىپ كەتكىنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىڭ بىلەن ئوخشاشلا بىر ئىش...

ــ «چوڭام»دېگەن نېمە ئىش قىلىدىغان ئادەم؟ـــ قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن رىسالەت شۇنداق دەپ سورىدى.

ــ نېمە قىلىدىغانلىقىنى يەنە بىلەلمىدىڭمۇ؟ ئۇنىڭدىنمۇ ئوچۇقىنى مەن بىلمەيمەن، ھەم ساڭىمۇ دەپ بېرەلمەيمەن. سەن «كۈتكۈچى»لىكىڭنى قىلىپ يۈرۈشنى بىلسەڭلا بولدى. يەنە كېلىپ سەن خېلى يىللارغىچە «چوڭام»نىمۇ كۆرەلمەيسەن، ئۇ بۇ يەرلەرگە شامالدەك تېز كېلىپ، شامالدەك تېز كېتىدۇ. ھېچكىمگە تۇتۇق بەرمەيدۇ. ئۇنىڭ قانات-قۇيرۇقلىرى كۆپ، ئۇ بارالمايدىغان، قول سوزالمايدىغان يەر يوق. يەنە بايىقى گەپ، ئېزىپ-تېزىپ قېچىپ قالما، ئۇ چاغدا مەنمۇ ئارىغا چۈشەلمەيمەن...

رىسالەت سەردار ئەنسىرىگەن «قېچىش»نى تېخىچە ئويلاپ باقمىغان ئىدى، قېچىپ نەگە، كىمنىڭ ئالدىغا بارالىسۇن؟ ئەمدى ئۇنىڭ قېچىپ، خەقنىڭ ئالدىغا كۆتۈرۈپ بارغۇدەك قايسى يۈزى قالدى؟ ئۇنىڭ قېچىشى مۇمكىن ئەمەس، مۇمكىن بولىدۇ دەپ قارالغان ئىشنىڭ ئۆزى بىر نىشان... رىسالەت ئۈچۈن سەردارنىڭ،قان ئىچىدە يېتىپ، كۆز ئالدىدىلا قىينىلىپ ئۆلۈشىنى كۆرۈشنىڭ ئۆزى شۇ تاپتا بىردىنبىر نىشان، ھەم ئۇنى ياشاشقا ئۈندەپ تۇرىدىغان بىردىن بىر كۈچ.شۇنداق قىلىپ،رىسالەتنىڭ بۇ نىشانىغا،شۇ تاپتا ئۆزىمۇ كۆرۈپ باقمىغان يەنە بىر نەپرەتلىك ئادەم ـــ «خوجايىن» قوشۇلدى...

رىسالەت پۈتۈنلەي تۈگەشكەن ھالدا ئىگىز-پەس تىنىپ، سەردارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىدى، ئەمدى سەردارگە يالۋۇرۇش پۈتۈنلەي ئارتۇقچە ئىدى.

ــ سەن بىلەن يەنە كۆرۈشەلەمدىمەن؟ــ سورىدى ئۇ سەردار بىلەن يەنە مۇشۇنداق روبىرو تۇرىدىغان پۇرسەتنىڭ يوق بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ.

ــ ساراڭ قىز، ئەلۋەتتە كۆرۈشەلەيمىز... مەن ۋاقتانى ۋاق كەلسە ئۆزۈمگىمۇ ئىگە بولالمايدىغان ئادەممەن. مېنىڭ شىنجاڭدىن بىر قىزنى ئېلىپ چىققىنىمنى «خوجايىن» بىز ئايرودرومدا چاغدىلا بىلىپ بولغان ئىكەن... ئۇ سېنى بالىلاردىن سۈرۈشتۈرۈپتۇ، سېنى دەپ ھېلىمۇ جىق يالغان توقۇپ كەتتىم. بىلسەڭ، سېنى قانداق قىلسام قوغداپ قالارمەنكىن، دەپ كۆپ تىركەشتىم. ئەمما ماڭا ئامال بولمىدى، پاختىنىڭ ئىچىدە چوغ ساقلىغىلى بولمايدىكەن... مەندىن رەنجىمە...

ــ...

رىسالەتنىڭ ئەمدى يەنە ئارتۇق گەپ قىلىشىنىڭ ئورنىمۇ قالمىغان ئىدى، ئۇ ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە بايا قولىدىن چىقىپ كەتكەن پىچاقنى كۆزلىرى بىلەن ئىزدىدى، پىچاق توڭلاتقۇنىڭ يېنىدا، پولدا پارقىراپ تۇراتتى.

ـــ يەنە شۇ پىچاققا قاراپ قېلىۋاتىسەن ھە، نادان قىز؟... ئۇنداق پىچاقتا ئادەم ئۆلتۈرگىلى بولمايدۇ جۇمۇ؟ ئادەم ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن، نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرۈش، يۈرەكنى زەھەر بىلەن سۇغۇرۇپ تۇرۇش كېرەك. ساڭا ئوخشاش تىترەك قۇشنىڭ قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ، مەن ساڭا ئوخشاش قىزلارنى جىق كۆردۈم، ئاۋارە بولما، بالا!...

رىسالەتنىڭ مادارى قۇرۇپ، گىلەمگە تېخىمۇ چاپلىشىپ ئولتۇرۇپ قالدى...

5



        داۋامى  بار .......


 ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319







سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k