大数跨境

جۇدالىق سىرى (رومان ) 28ـ قىسىم

جۇدالىق سىرى (رومان ) 28ـ قىسىم aybarawazi
2022-10-15
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

  سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر تۆۋەندە ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى  ئاتاقلىق يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي قەلمىدە  پۈتكەن ( جۇدالىق سىرى ) ناملىق رومان ،  بۇ روماننى شىنجاڭ ئايبەر خەلقئارا ساياھەت شىركىتى ئالاھىدە قوللىغان ،  ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن  گۈل قەلەم   سالۇندا  تارقتىدۇ ،  ئايبەر ئاۋازى سالۇندا  ئۇلاپ تەكرار  تارقىتىلىدۇ ، بۇ روماننى  دەل ۋاقتىدا ئاڭلاشنى خالىساڭلار  ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ گۈل قەلەم سالۇننى قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ  ، ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى ، 

ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ،  رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ  كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە  ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت . 




 (  جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

(  جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ خەتلىكىنى ئالدىن ئوقۇماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ


………………… 


ئاۋازلىقى



1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27













جۇدالىق سىرى


(رومان)


ئاپتۇرى:نۇرگۈل ئەبەي


28-قىسىم


ھاياتلىقتا ئىنسان تەقدىرى، كىشى قىياس قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە تېز ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.ياشلىقتىكى ئوتلۇق ۋەدىلەر،ۋاختى كەلسە، تاشتەك قاتتىق مۇھتاجلىقلار، تاسادىپىي ۋەقەلەر، كەينىگە قايرىلىپ قارىغىلىمۇ بولمايدىغان مەلۇم باھانە-سەۋەبلەر بىلەن، توزغاقتەك توزۇپ، يوقىلىپ كېتىدۇ.بۇنى سەلىمە تولۇق چۈشىنىدۇ. شۇڭا ئۇ روزىنىڭ:«ساڭا يۈزسىزلىك قىلسام، تەبىئەت غايەت زور كەلكۈنلىرى بىلەن ماڭا تاشسۇن! يانغىنلىرى بىلەن مېنى كۆيدۈرسۇن! قاراسلاپ يېرىلىپ، مېنى قارا يەرگە كۆمۈۋەتسۇن!» دېگەن سۆزلەرنى ئاغزىدىن چىقارغۇزمىدى.ئۇ ئەمەلگە ئاشمىغان ۋەدە سەۋەبلىك،روزى بىلەن ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى،بۇ قەدەر گۈزەل تۇيغۇنىڭ ۋەدىگە ۋاپا قىلالمىغانلىق سەۋەبلىك،كۆڭۈلدە مۇڭلۇق جاراھەت بولۇپ قېلىشىنى خالىمايتتى.

 توغرا،سەلىمە مەكتەپكە كىرىپ،مۇشۇ يېشىغا كەلگۈچە،روزى ئۇنىڭ ساپ مەنىۋىي شادلىقى بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئەمەلىيەتتە مۇھەببەت ئۇنىڭ كىچىكىدىن تارتىپلا ئىنتىلىپ كېلىۋاتقان ئارزۇسى ئىدى. ئۇ ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ مۇھەببىتىگە، بىر توپ خۇش چاقچاق قېرىنداشلىرىنىڭ مۇھەببىتىگە، مەھەللىدىكى تەڭتۇش دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ، يۇرتداشلىرىنىڭ مۇھەببىتىگە، ئەڭ مۇھىم ھەم تاتلىق بولغىنى بىر كۈچلۈك ئەرنىڭ، ئۆمۈرلۈك بىر ھەمراھنىڭ مۇھەببىتىگە تەشنا ئىدى...

ــ مەن قىسمىتى ئاچچىق بىتەلەي قىز... ساڭا ھېچنېمە قىلىپ بېرەلمەيمەن، ھەتتا ساڭا مەھەللىدىكىلەر ئېيتقاندەك پالاكەتچىلىك بېرىشىممۇ مۇمكىن...

ــ باشقىلار نېمە دېسە دېسۇن، ئەمما سېنىڭ مەن ئۈچۈن قانچىلىك دەرىجىدە ئەزىز ئىكەنلىكىڭنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن. بۇنىڭغا سۆزۈممۇ، كۈچۈممۇ ئاجىزلىق قىلىدۇ.ئەمىليەتتە، ساڭا پايدام تەگسە، ساڭا كېرەك بولسام، مېنىڭ بەختىم شۇ، سەلىمە...

ئەتراپ قاراڭغۇلۇققا پاتماقتا ئىدى. ئۇلارنىڭ قوللىرى، يەلكىلىرى بىر-بىرىگە تېگىپ تۇراتتى. سەلىمە روزىنىڭ سۇمباتلىق قەددى-قامىتىگە قاراپ-قاراپ تويمايتتى. ئۇ مۇشۇ مېڭىشنىڭ روزى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق مېڭىش، مۇڭدىشىش بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئويلىغىنىدا، يۈرىكى سىرقىراپ ئېچىشاتتى، ھەم ئىچ-ئىچىدىن ئۆرتىنىپ ۋارقىراپ يىغلىۋېتىشكە ئارانلا تۇراتتى.شۇ چاغدا، سەلىمەدە بىردىنلا روزىنى چىڭڭىدە قۇچاقلىۋېلىش ئىستىكى پەيدا بولدى. سىرلىق بىر نەرسە، چۈشىنىپ يەتكىلى بولمايدىغان بىر ئۈمىد ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى جۇغۇلدىتاتتى. ئۇ بۇرۇلۇپلا ئۆزىگە قاراپ تۇرغان روزىنىڭ كەڭ يەلكىلىرىگە بېشىنى قويدى،قويدى-يۇ، بۇقۇلداپ يىغلىۋەتتى... ئۇلار مەھكەم قۇچاقلاشتى...

 سىم-سىم يامغۇر ئاستا-ئاستا ئۆتۈپ كەتتى. پەقەت تۇمانلار ئارىسىدا ئاندا-ساندا يەرگە چۈشۈۋاتقان ئۇششاق-ئۇششاق يامغۇر تامچىلىرىلا قالدى. بىپايان زېمىن يامغۇر تامچىلىرىنىڭ قالدۇق رېتىمىغا بۆلىنىپ تىنچ ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى. پەقەت بىر جۈپ ئوتلۇق يۈرەكلا يامغۇرنىمۇ، سوغوقنىمۇ سەزمەس ھالدا بىر بىرىنىڭ قولىنى تۇتۇشۇپ كېتىۋاتاتتى.

قاراڭغۇلىشىپ كېتىۋاتقان تۈن پەيتى،ئۇلارغا ۋىدالىشىش پەيتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن بىشارەت بەرمەكتە ئىدى.مۇشۇ ۋىدالىشىش بىلەن تەڭ قىز،سادىق دادىسى بىلەن نامەلۇم يۇرتلارغا، روزى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ئالىي مەكتەپ ھاياتىغا قاراپ ماڭىدۇ. ئۇلارنىڭ يۈرىكىگە ئوت سالغان بۇ بەختسىز، ئۈمىدسىز مۇھەببەت ۋاقىت ھەم جۇدالىقنىڭ ئېغىر سىناقلىرىغا بەرىبىر بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.

 شۇ تەرىقىدە كۈنلەر، ئايلار، يىللار توسۇن ئاتتەك بىر-بىرىنى قوغلاپ ئۆتۈپ كەتتى. سەلىمە،تۆمۈر تايغا كەلگەندىن كېيىن،روزىنىڭ ھېچقانداق خەۋىرىنى ئالالمىدى. ئۇ روزىنىڭ دېرىكىنى بىلىش ئۈچۈن ئانچە-مۇنچە يېقىن ئۆتكەن بىر نەچچە ساۋاقداشلىرىغا خەت يازدى. بىراق ئۇلاردىن زادىلا جاۋاب كەلمىدى... ئۇ روزىنى دائىم چۈشلىرىدە كۆرەتتى. ئۇلار چۈشلىرىدە بىر-بىرنى قانماي سۆيەتتى، قۇچاقلايتتى، يامغۇرغا بۆلەنگەن ھالدا دالىدا بىر-بىرىگە ھىممىدە يېپىشىپ، تاڭلارنى ئاتقۇزاتتى...

كېيىنكى كۈنلەردە سەلىمە ئۈچۈن سۆيگۈ دېگەن روھىي جەھەتتىكى بىرىكىش ھەم مۇڭدىشىشلا بولۇپ قالدى. ھاياتتا مانا مۇشۇنداق روھىي جەھەتتە بىر ئۆمۈر بىر-بىرىدىن ئايرىلمىغان مۇھەببەتلا ۋاقىت ۋە جۇدالىقتىن قورقۇپ قالمايدۇ. پەقەت مۇشۇنداق ياخشى كۆرۈش ۋە سۆيۈشلا خۇسۇسىي غەرەزدىن مۇستەسنا، گۇماندىن خالىي،  ھەمدە ئۇزۇنغىچە داۋاملىشىدۇ، دەپ ئويلايتتى ئۇ، ھەم شۇنداق ھېسسىيات ئىچىدە روزىنىڭمۇ بىر يەرلەردە بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىغا ئىشىنەتتى. ئۆزىنى ئاۋۇندۇراتتى. شۇنىڭ بىلەن روزىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئارزۇ-ئىستەكلىرى ئۇنىڭ كۆڭۈل قاتلىرىغا چوڭقۇر يوشۇرۇندى. ئۇنى روزىغا تەشنا بولدى، ئۇنىڭ بىلەن مەڭگۈلۈك بىرلىشىشنى ئويلىدى، دىگەندىمۇ، بۇ تەشنالىق ئۇنىڭ ئۈچۈن رېئاللىقتا مۇھىم، ئەمما قۇرۇق ئۇرۇنۇش ئىدى.

سەلىمە بارا-بارا روزى بىلەن ئۆتكەن كۈنلىرىنىڭ، يېزىشقان خەتلىرىنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ ۋەقە، ئۆمرىنىڭ ئەڭ ئېسىل مەزمۇنى ۋە مەنىسى بولۇپ قالغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى...شۇنداق قىلىپ سەلىمەنى ئىچ-ئىچىدىن سەۋدايى قىلغان بۇ ئوڭۇشسىز مۇھەببەت ئۇنىڭ ئەرلەرگە بولغان بارلىق قىزىقىشلىرىنى، كۆز قاراشلىرىنى ئۆزگەرتتى...

16

سەلىمە نۇرغۇن يىللار ئىلگىرىكى ۋەقەلەر، ئەسلىمىلەر ئارىسىدىن تەستە سۇغۇرۇلۇپ چىقتى... ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا روزىنىڭ چىرايى پەيدا بولدى، بۇ چىراي ئۇنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىدا ساقلانغان ئىدى. روزى مىيىقىدا كۈلۈمسىرەيتتى، كۆزلىرىدە سەلىمەگە تەسەللى بولىدىغان بىر كۈچلۈك نۇر چاقنايتتى. سەلىمە ھەر نۆۋەت ئاۋارىچىلىققا دۇچ كەلگەندە، روزىنىڭ چىرايى شۇ ھالدا پەيدا بولاتتى. بۇ چىرايغا تېخىمۇ چوڭقۇر مەنا يوشۇرۇنغاندەك قىلاتتى. روزى ئۇنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرىدىغان،مەڭگۈ ئاياغلاشمايدىغان رومانتىك ھېكايە ئىدى. روزى ـــ ئۇ ئېسىدە تۇتقان ئوغۇللارغا تەۋە بارلىق بەختنىڭ ئۆزى ئىدى... پەقەت مۇشۇ تۇيغۇغا چۆمگەندىلا سەلىمە ئۆزىنى ئەڭ گۈزەل، قەدىر-قىممىتى ھەسسىلەپ ئېشىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلەتتى... مۇشۇ تۇيغۇ، مۇشۇ ئاغرىق پەسەيتكۈچ مەلھەم بىلەن ئۇ روزى بولمىغان ھەر قانداق جىددىيلىك ھەم ئازابقا چىداپ كەلگەن ئىدى...

مانا شۇ تاپتا ئۇ ھەر قانچە يېلىنىپ-يالۋۇرۇپمۇ، ئەتراپىدىكىلەرگە ئۆزىنىڭ پاك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىدى... روزى بولغان بولسا قانداق قىلار بولغىيدىكىن؟ مۇشۇ سوئال بىلەن تەڭلا ئۇنىڭ يۈرىكى سىرقىراپ كەتتى.ھەنىم بولسا! رەشىد نېمىلا دېگەن بىلەن روزى ئەمەس ئىدى، مۇبادا ئۇ روزى بىلەن توي قىلغان بولسا، روزىنىڭ يۈرىكىمۇ بۇ ئايىغى چىقمايدىغان، چۈشەندۈرۈپمۇ بولمايدىغان «بۇلغانغانلىق»نى قوبۇل قىلالماس بولغىيمىدى؟... بۇ بەختسىزلىك ئۇنى خۇش قىلدى. دېمەك، تەقدىرنىڭ ئۇنى روزى بىلەن قوشماسلىقى توغرا بولغان ئىدى، شۇنىڭدىلا ئۇ روزىنىڭ قەلبىدىكى مۇكەممەل ئوبرازىنى ساقلاپ قالالايتتى...

ــ ئەمدى ئوكۇلىڭىز تۈگىدى، ياخشى ئارام ئېلىڭ، بىر ئىش بولسا مۇنۇ كۇنۇپكىنى باسسىڭىزلا مەن يېنىڭىزغا كىرىمەن،ـــ سېستىرانىڭ ئىللىق كۈلۈمسىرەشلىرى سەلىمەنى چوڭقۇر ئوي خىياللىرى ئارىسىدىن قايتۇرۇپ كەلدى.


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ


ـــ رەھمەت سىزگە ،ـــ دېدى ئۇ زورىغا كۈلۈمسىرەپ.

ـــ ھېچقىسى يوق، سىز مېنىڭ كىچىك سىڭلىمنىڭ مۇئەللىمى، بىزنىڭ ئائىلىدىكى ھەممىمىز سىزنى بەك چوڭ بىلىمىز. سىز ھۇشسىز ياتقاندا سىڭلىممۇ كېلىپ سىزنى يوقلاپ كەتتى،ــ دېدى سېستىرا. سەلىمە بۇ گەپنى ئاڭلاپ بىر ھازاغىچە گەپمۇ قىلالماي قالدى. ئۇنىڭ پۈتۈنلەي ئۈمىدسىزلىككە پاتقان يۈرىكى بىر ئىللىقلىقنى سەزمەكتە ئىدى. توغرا، بۇ دۇنيادا،ئىنسانلاردىن ئۇنى ھېچكىم ياخشى كۆرمەيدۇ دېگەندىمۇ، ئاشۇ ناتىۋان بالىلار، ئۇنىڭ ئەتراپىدىن كەتمەيدىغان، قۇچقاچتەك چۇۋۇلدىشىپ، ئۇنى كۈلدۈرىدىغان مەسۇم بالىلار ئۇنى ياخشى كۆرەتتى. سەلىمەنىڭ قۇلىقىغا: «مۇئەللىم، مۇئەللىم!» دەپ چۇۋۇرلىشىۋاتقان مىڭلىغان ئاۋازلار ئاڭلانغاندەك بولدى. ئۇنىڭ بۇرۇنلىرى ئېچىشتى، ئاشۇ ئوماق بالىلارنى سېغىندى، ئۇلارنىڭ ساپ، سەبىي قاراشلىرى بىلەن ئاغرىقلىرى پەسەيگەندەك بولدى.

ــ سىڭلىڭىز كىم ئىدى؟ـــ دەپ سورىدى ئۇ ئاۋازىدىكى تىترەكنى بېسىشقا ئۇرۇنۇپ.

ــ مىھرىبان... 3-يىللىقتا ئوقۇيدۇ.

ــ ھە... ئۇ قىز ياخشى ئوقۇيدۇ، ئۆگىنىش ھەيئىتى تېخى...

ـــ شۇنداق، ئۇ سىزگە بەكلا چوقۇنىدۇ، ھە دېسە سەلىمە مۇئەللىمدەك ئادەم بولىمەن، سەلىمە مۇئەللىمدەك بالىلار ئامراق مۇئەللىم بولىمەن، دەپ ئارزۇ قىلىدۇ.

ــ ئۇنىڭ بەختىنى بەرسۇن، ئەمما مېنىڭ قىسمىتىمنى كۆرسەتمىسۇن...ــ سەلىمەنىڭ گېلىغا ئاچچىق بىر نەرسە كەپلىشىپلا قالدى.

ــ دېگىنىڭىز كەلسۇن...يېيىپ قويغان كىرلىكلەر بار ئىدى،يامغۇر ياغىدىغاندەك قىلىدۇ، مەن يىغىۋېتىپ كىرەي، ـــ سېستىرا شۇنداق دەپ كېسەلخانىدىن چىقىپ كەتتى.

سەلىمە يەنە يالغۇز قالدى.ئۇ غەيرىتىگە ئېلىپ ئاستا ئورنىدىن تۇرماقچى بولدى.راست گەپ قىلغاندا، ئۇنىڭ شۇ تاپ دېرىزە تەكچىلىرىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ،شارقىراپ يېغىۋاتقان يامغۇرغا چىلانغۇسى كېلىپ كېتىۋاتاتتى. لېكىن ئۇنىڭ يەرگە تەگكەن پۇتى ئۇرۇپ چېقىۋەتكەندەكلا ئاغرىپ كەتكەچكە،خېلى ئۇزۇنغىچە دەسسىيەلمىدى.«سېستىرا پۇتىڭىز ساقكەن دەۋاتاتتى» دەپ ئويلىدى ئۇ، ھەم ساق پۇت بولسا نېمىشقا دەسسىيەلمەيمەن؟ ئۇ قېيىدىغاندەك قىلىپ يەرگە زورۇقۇپ دەسسىدى. ئوڭ قولى بىلەن كارىۋاتنىڭ گىرۋەكلىرىنى تۇتۇپ مىڭ تەسلىكتە دېرىزە يېنىغا كەلدى.دېگەنكىدەك ھاۋا تۇتۇلۇپ كەتكەن ئىدى، پۈتۈن كائىنات يىغلىيالماي قالغان كىچىك بالىدەك ئۆمچىيىپ تۇراتتى. سەلىمە ئاسماننى پۈتۈنلەي ئىگىلىۋالغان سۈر رەڭ بۇلۇتلارغا قارىدى، ئۇلار خۇددى سەلىمەنىڭ ئىچ باغرىغا چىڭدىلىپ كەتكەن زەرداپلاردەك قېلىن ھەم قاتتىق ئىدى...

ـــ ئۇ بۇ يەردە... ئويغاندى،ـــ سېستىرانىڭ ئاۋازى ئىشىك تۈۋىدىنلا ئاڭلاندى. سەلىمە ئۆزىنى بىرسىنىڭ يوقلاپ كەلگەنلىكىنى بىلدى. كىم بولۇشى مۇمكىن؟... باياتىندىن بېرى روزى ئۇنىڭ خىيالىغا كىرىۋالغاچقىمىكىن، سەلىمە بىر تەشنالىق بىلەن ئۆرۈلۈپ ئىشىككە قارىدى. ئىشىكتە،تۆرە باقىنىڭ چىرايى پەيدا بولدى. ئۇنىڭ  ئاپپاق تونى، مېھرىبانلىق، چەكسىز ئىچ ئاغرىتىش بىلەن قاراشلىرى... سەلىمەنىڭ بىردىنلا نەپرىتىنى قوزغىدى. ئەمدى نېمە پايدىسى؟ بۇنداق ھېسداشلىقنىڭ نېمىگە دالدىسى؟...ئۇ بېشىنى بۇراپ دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ تۇرىۋەردى. مۇبادا يۈگۈرەلىگەن بولسا، ھەتتا ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماي دەريا ياكى شارقىراتما تامان يۈگۈرۈپ كەتكەن بولار ئىدى. مۇشۇنداق جىددى پەيتتە ئۇنىڭ كاللىسىغا يەنە دەريا، شارقىراتما كېلىۋالدى...

ـــ تىنچلىق تۇردىڭىزمۇ، بالام؟ـــ تۆرەمنىڭ مېھرىبان ئاۋازى ئاڭلاندى، تۆرەم ئۇنىڭ ئارقىسىدىلا تۇراتتى. سەلىمە بېشىنى بۇرىمىدى، بىر ئېغىزمۇ زۇۋان سۈرمەي تۇرىۋەردى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا تۆرەمنىڭ ئائىلىسىدىكى خورلىنىش ھەم سوغوق قاراشلار بىلەن ئۇنى قوغلاپ چىقارغان نەپرەتلىك چىرايلار پەيدا بولغان ئىدى. ھېلىقى داستىخانچۇ تېخى!؟... ئاشۇ داستىخاننى مۇشۇ كىشىلەر تەييارلىغان ئىدى... سەلىمەنىڭ ئوغىسى قاينىدى. لەنەت بولسۇن، كىشىلەرگە دىل ئىزاسى قىلغان، بىر قىزنى ۋەيران قىلغان،بۇ ئاتالمىش ئېسىلزادىلارگە! ئۇ ئەزەلدىنلا باشقىلارغا كەڭ قورساق بولۇش بىلەن ئۆزىگە تەسكىنلىك تېپىپ كېلىۋاتاتتى. بىراق ئۆزىنىڭ شۇ تاپتا بۇ كىشىلەرگە نېمە دەپ بۇنچىلا نەپرەتلىنىدىغانلىقىنى دەرھال چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيتتى. ئۇ ئۆزىدە تۇنجى قېتىم بىراۋلارغا قارىتا مۇشۇنداق كۈچلۈك نەپرەتنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى سەزدى.

ــــ سىزنى قوغدىيالمىدىم، قىزىم...ـــ يەنە شۇنداق مىسكىن ھەم تىترەك ئاۋاز...

ـــ مېنى بىراۋنىڭ قوغدىشى ھاجەت ئەمەس چوڭ ئاتا...

ـــ ماڭا ئاچچىق قىلىشىڭىزنىڭ سەۋەبىنى بىلىمەن،بالام... رەشىدنى ئالدىڭىزغا ھامان بىر كۈنى ئېلىپ كېلىمەن،سىز ھازىرچە ئارامنى ياخشى ئېلىپ تۇرۇڭ، بىزنىڭ ئۆيدىكى ئەقىلسىزلەرنىڭ سىزگە بۇ دەرىجىدە ئازار قىلىدىغىنىنى بىلمەپتىمەن... كەچۈرۈڭ، بالام.

ـــ بولدىلا...ئۇنى زورلىىسىلا،بەرىبىر مەنمۇ ئۇ ئادەمنى كۆرۈشنى ئەسلا خالىمايمەن، ئاۋارە بولمىسىلا.

تۆرەمنىڭ يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ قالدى، ئۇ قىزنىڭ چىرايىنى كۆرمىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ زەئىپلەشكەن بارلىق تۇيغۇلىرىنى ئېنىق ھېس قىلىپ يېتەلەيتتى.

ــ سىز تېخى ياشسىز، يەنە نۇرغۇن قىسمەتلەرگە دۇچ كېلىسىز. ئوتقىمۇ، سۇغىمۇ... ھەممىسىگە دۇچ كېلىسىز...

ــ سىلى بىلمەيلا، مەن مۇشۇ يېشىمغىچە كۆرگەن ئوتمۇ، سۇمۇ... 100 ياشلىق بوۋاينىڭ كۆرگىنىدىن جىق ئارتىپ كەتتى...

ـــ مەن قېرىنى قورقۇتماڭ... سادىق مېنىڭ قېرىندىشىم ئىدى، سىزنىڭ مۇشۇنداقلا تۈگىشىپ كېتىشىڭىزنى ھەرگىزمۇ خالىمايمەن... سەلىمە، سىز ھېچ بولمىسا بالىلار ئامراق مۇئەللىمسىز، ھۆكۈمەت قوينىغا ئالغان، ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىۋاتقان مۇئەللىمسىز. مۇشۇمۇ سىزگە تەسەللىي بولالماسمۇ، قىزىم؟ ــ تۆرەمنىڭ ئاۋازى تىترەپ كەتتى. مۇبادا سەلىمە بىر بەختسىزلىككە يولۇقسا، ئۇ ئۆزىنى سادىقنىڭ روھى ئالدىدا ھەرگىز كەچۈرەلمەيتتى. شۇڭا ئۇ ئىمكان بار ئاۋازىنى يۇمشاق ھەم تەسىرلىك چىقىرىشقا تىرىشتى.

سەلىمە زۇۋان سۈرمىدى...

ـــ سەلىمە، رەشىد سىزگە ئىشەنمىگەن بولسا، مانا مەن سىزگە ئىشىنىمەن. ھايات سىزنىڭ، قانداق ياشاش سىزنىڭ ئىلكىڭىزدىكى ئىش. دىلىڭىز كۆيىدىغان ئىش قىلمىغان بولسىڭىزلا باشقىلار بىلەن، ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشلىرى بىلەن كارىڭىز نېمە؟ كۆڭلىڭىزنى ئۇنداق گەپلەردىن نېرى تۇتۇڭ، ھەممە كۆڭۈلسىزلىكلەر ئۆتۈپ كېتىدۇ، ۋاقىت نى-نى ئىشلارنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ.

تۆرەمدىن،بۇنداق گەپنى كۈتمىگەن سەلىمەنىڭ ياشلىرى باشقىدىنلا ئۇلغىيىشقا باشلىدى. نېمىلا دېگەن بىلەن شۇ تاپتا ئۇنىڭغا: «سىز پاك، مەن ئىشەندىم» دەيدىغان ئادەم چىققان ئىدى.

ـــ ئەمما مەن بۇ يەردە قانداق ئۇسۇلدا ياشايمەن؟ كىملەرنى دەپ، كىملەر ئۈچۈن ياشايمەن؟ مەن تارتىشىدىغان نېمىمۇ قالدى شۇ تاپ؟ ــ دېدى ئۇ ئېسەدەپ.

ـــ بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ، پەقەت ئۆزىڭىزنى زورلىيالىسىڭىزلا كۆنگىلى بولمايدىغان تۇرمۇش بولمايدۇ، قىزىم.

ـــ مەن ھەر قانداق يوقسىزلىققا، ئاچ-زېرىنلىققا چىدايمەن، ئەمما بۇ ئازابقا، ماڭا زادىلا ئادىل بولمىغان تەڭسىزلىككە قانداق قارايمەن؟

ـــ مانا مەن بار، بالام، ھەممىگە مەن بار. ھاياتلا بولسام، سىزنى قانىتىم ئاستىغا ئالىمەن، رەشىد كىچىكلىك قىلدى... ئۇنى كەچۈرىۋېتىڭ... ئۇنىڭ ئورنىدا مەن ناماقۇل بولاي...

ـــ ....

تۆرەم كېسەلخانىدىن خۇددى ھازىرلا ئۆرۈلۈپ چۈشىدىغاندەك ئارانلا دەسسەپ چىقالىدى. ئۇنىڭغا سەلىمەنىڭ قارىغۇسىز دەرىجىدە قارىداپ كۆكەرگەن، پۈتۈنلەي سولغان روھى دۇنياسى قاتتىق تەسىر قىلغان ئىدى. قانداق قىلىش كېرەك؟ قانداق قىلغاندا سەلىمەنىڭ نام-ئابرۇيىنى، ھاياتىنى قوغداپ قالغىلى بولار؟... ئۇ رەشىدنى ئويلىدى، رەشىد سەلىمەنى ھەيدىۋىتىپ، ئاللىقاياقلارغا يوقالغان ئىدى. تۆرەم تەرەپ-تەرەپكە ئادەم ئەۋەتىپمۇ ئۇنى ھېچيەردىن تاپالمىدى. تېلېفونىمۇ ئۇلانمايۋاتاتتى. ئۇنىڭ دادىسىدىن، قىلىپ قويغان يەڭگىلتەكلىكىدىن قاتتىق ئۇيالغانلىقى ئېنىق ئىدى. پەقەت مۇشۇنداق بېشىمنى ئىچىمگە تىقىپ ئازراق ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋالساملا ھەممە ئىش جايىغا چۈشىدۇ، دەپ يۈرىۋاتاتتى.


داۋامى  بار


 ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319




سالون تەۋسىيەسى


ياخشى مەزمۇن يوللىيالمىساق تىللايدىغانلار كۆپ. ياخشى مەزمۇن يوللىساق قوللايدىغانلار يوق. ئۆزئارا قوللايلى ئەزىزلەر. سىلەر قوللاپ قويۇڭلار. بىزمۇ ياخشى مەزمۇن يوللاشقا تىرىشايلى،

گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە   ھەمراھ 


قىممەتلىك تەكلىپ  پىكىرىڭىزنى  ئايىمىغايسىز ، ئىنكاس رايۇنىدا كۆرۈشەيلى

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0