
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! تۆۋەندە يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي قەلمىدە پۈتكەن ( جۇدالىق سىرى ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !

بۇ ئەسەرنىڭ 35 - قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمىلىرىنى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 33 |
|||
ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى . جەمئى 54 قىسىم
ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ، رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت .
( جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن تۇلۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
………
…………
جۇدالىق سىرى
(رومان)
34-قىسىم
رىسالەتنىڭ يۈرىكى ئاغدى، تېخى ھەپتە بۇرۇن،بۇ يەردىكى،بۇ ئۆيدىكى ئىشلار ئۇنداق ئەمەس ئىدى. ياق، ھەپتە ئەمەس، تۈنۈگۈنلا،سەردار تېخى ئۇنىڭغا تېلاۇن قىلغان ۋە شېرىن شېكەر گەپلىرى بىلەن:«سېنى بەكمۇ سېغىندىم،پەقەت شۇ ئالدىراش بولۇپ كەتكەچكىلا،يېنىڭغا ۋاختىدا بارالمايۋاتىمەن» دېگەن ئىدى. مانا، بىر سوتكىغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە،ئۇ،ياۋاش قويدىن،ۋەھشىيانە بۆرىگە ئايلىنىپ قالدى.شۇنداق بولۇپ ئۆزگەرگۈدەك،رىسالەتتىن زادى قانداق سەھۋەنلىكلەر ئۆتتى؟رىسالەتنىڭ قىلغىنى،ئۆزلىرىنىڭ نەدىلىكىنى ئانىسىغا ئېيتىپ بېرىپ،ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىپ قويۇشلا بولدى.ئەجىبا،بۇ يامان ئىشمۇ؟... بايىقى ئادەم، رىسالەت ئاشىق بولۇپ، چوڭ بىلىپ، ئىشىنىپ ئۆزىنى دوغا تىككەن ئاشۇ سەردار شۇمۇ ؟شۇ بولسا، شۇنچىلىك قىسقا ۋاقىتنىڭ ئىچىدە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا نېمە دېگەن چوڭقۇر ھاڭ پەيدا بولغان-ھە؟ قانداق قىلىش كېرەك؟...
رىسالەت ئۆز ئورنىغا لەسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى. سەردارنىڭ:« سېنى پۇل بېرىدىغان چوڭ لاو بەنلەرگە تونۇشتۇرۇپ قوياي،شۇنىڭدا سەنمۇ زېرىكمەيسەن! يىغلىمايسەن! ھەم پۇلمۇ تاپالايسەن!»دېگەن مۇشۇ سۆزىلا ،ئۇنىڭ يۈرىكىنى تىلىم-تىلىم قىلاتتى.بەلكىم،ئۇ ئاچچىقىدا شۇنداق يامان گەپلەرنى ئاغزىغا ئېلىۋاتقاندۇ؟بەلكىم ئۇ رىسالەتنى،بۇندىن كېيىن جاپا چەكمە،دېمەكچىدۇ؟ھەرقانچە شۇنداق بولدى،دېگەن تەقدىردىمۇ،ئۇ ئادەمنى نېمانچە خورلايدۇ ھە؟تېخى رىسالەتكە قول سالدى.رىسالەت،شۇنچە يىراق يەردىن،سەردارنى دەپ بۇ يەرگە كەلگەن ئەمەسمىدى؟ ئېسىت،ئېسىت،ئۇ،ئاتا-ئانىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىماي،قانداق خاتا قىلغان ھە؟«بەلكىم بۇ سەردار،توغرا كەسپ بىلەن شۇغۇللانمايدىغان ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بىر ئادەمدۇ؟ئۇنىڭ مەردلىكى ۋە مۇھەببىتى،بەلكىم مېنى ئالداپ ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن ئەتەي قىلىنغان بىر ھىيلىگەرلىكتۇ؟بۇ نېمە دېگەن قورقۇنچلۇق ھە؟بۇنداق قورقۇنچلۇق ئىشلار،قانداقسىگە مېنىڭ ئۈستۈمدە يۈز بەرسۇن؟ئىشلارنى،بۇ دەرىجىدە يامان تەرەپكە جورىمايچۇ بولدى...»
ئوچۇق ئىشىكتىن كىرگەن ساپ ھاۋا،رىسالەتكە،سەھرادىكى ئاشۇ ئىللىق ھەم گۈزەل مەنزىرىلىك ھويلىسىنى، قارلىغاچلار نەغمە بىلەن ئويغىتىدىغان ئاددى سەرەمجانلىق ئۆيلىرىنى، دېرىزىلەردىن غۇيۇلداپ كىرىپ ئاق پەردىلەرنى ئۇچۇرتىدىغان مەيىن تاڭ شامىلىنى ئەسلەتتى... ئاشۇ مېھرى ئىسسىق ئۆيدە ئۇنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۈۋاتقان ئاتا-ئانىسى زار-زار يىغلاپ ئولتۇراتتى... بۇ دۇنيادا بەلكى ئاشۇ كىشىلەردىن بۆلەك،رىسالەتكە ھەقىقى كۆيۈنىدىغان ئادەملەر بولماسلىقى مۈمكىن. رىسالەت ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلىدى: «ئانا، دادا، مەن ئەقىلسىز قىزىڭلارنى كەچۈرۈڭلار...» دەپ بوز تورغايدەك نالە قىلدى... ھەتتا ئەتىلا سەردارنىڭ مىڭ يالۋۇرىشىغا قارىماي، پويىز بېلىتى ئېلىپ، شىنجاڭغا قايتىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ،خۇددى ھازىرلا مېڭىپ كېتەيمىكىن،دېگەندەك،دېرىزىدىن سىرتقا قارىدى.سىرتتا،كەڭ كەتكەن ئاسمان يۈزىدە،شەپەق يېيىلىپ،پورەك بۇلۇتلار قىپقىزىل قان تامچىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى.رىسالەتنىڭ چىرايلىق كۆزلىرىمۇ تولا يىغلاپ قىزارغان،ئەمما بۇ يەردە ئۇنىڭغا: «يىغلىغۇدەك زادى نېمە ئىش بولدى؟» دەيدىغانغا بىرمۇ ئادەم يوق...
رىسالەت،ئورنىدىن تۇرۇپ،كىيىم كېچەكلىرىنى يىغىشتۇرۇشقا باشلىدى.بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن،خېلى كۆپ كىيىم كېچەكلەرنى سېتىۋالغان،ھەممىسىنى سەردار ئېلىپ بەرگەن كىيىملەر ئىدى.ھەر بىر كىيىمدە،بىر گۈزەل خاتىرە،ھەر بىر كىيىمدە،سەردارنىڭ ئوتلۇق مۇھەببىتى پارلاپ تۇراتتى.ئاشۇ مۇھەببەتلىك كۈنلەر قانداق يېقىشلىق ئىدى ھە؟ئاشۇ كۈنلەردىن،ياق،سەرداردىن ئايرىلىپ ياشاش،يەنە قانچىلىك ئازابلىق!...رىسالەت،شۇنداقلا كېتىپ قالسا،بۇ تازىمۇ ئالدىراڭغۇلۇق بولۇپ قالامدۇ قانداق؟بەلكى رىسالەت سەردارنى خاتا چۈشىنىپ قالغاندۇ؟سەردارنىڭ بايىقىدەك ۋەھشىيانە گەپلەرنى ئاغزىدىن چىقىرۋېتىشى، چارچاپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىندۇ؟شۇنداق ئەمەسمۇ؟بۇ يەردە،ئولتۇرسىمۇ پۇل،تۇرساڭمۇ پۇل،مۇشۇ كىچىككىنە ئۆينىڭ ئايلىق ئىجارىسىمۇ بەش مىڭ يۈئەن.ئەھۋال شۇنداق تۇرسا،سەردارنىڭ كۆڭلى،كۈنى خاتىرجەم بولامدۇ؟شۇنچىۋالا جىق پۇللارنى غەملەش،ئۇنىڭغا ئاسانمۇ؟بولدىلا،ئاچچىقتا قارار چىقارماسلىق كېرەك.ھېلى،سەردار ئۆيگە بىر كىرسۇن،قېنى،ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسى قانداق بولىدۇ،نېمىلەرنى دەپ،يالۋۇرىدۇ،رىسالەت،بىر كۆرۈپ باقسۇن.ناۋادا،ئۇ يەنە بايىقىدەك،يامان ئەلپازدا بولسا،ئۇدۇللا،پويىز ئىستانسىغا بېرىش ۋە شىنجاڭغا قايتىش كېرەك.
مۇشۇنداق ئويلاپ،ئۆز ئۆزىگە ھاي بېرەلىگەن رىسالەت،ساپادا يېتىپ ئۇخلاپ قالدى.قانچىلىك ئۇخلىغانلىقىنى تۇيمىدى.ئەمما ئۇنىڭ چۈشلىرى بۇزۇلغان،تازا ئېنىق بولمىغان بىر قورقۇنچلۇق ۋەھىمىنىڭ ئىچىدە ناتونۇش كوچىلاردا يۈگۈرۈپ يۈرەتتى. ئارقىسىدىن،يەنە كىملەردۇر ئۇنى قوغلاپ، ۋارقىراپ كېلىۋاتاتتى.ئەمما ئۇ توختاي دېمەيتتى،ۋە بار كۈچى بىلەن يۈگۈرۈپ،ئۆزىنى قوغلاۋاتقانلارغا تۇتۇق بەرمەيتتى.ئۇ شۇ يۈگۈرشىدە، پايانى يوقتەك كۆرۈنىدىغان بىر چوڭقۇر ھاڭغا دۇچ كەلدى.«قانداق قىلىش كېرەك»دەيتتى ئۆز ئۆزىگە،ئەپسۇس،شۇنداق دېگىنى بىلەن،يۈگۈرىۋاتقان ئاياقلىرى،خۇددى تۇرمۇزى تۇتمايۋاتقان كونا ماشىنىدەك،ھېچ توختاپ قالاي دېمەيۋاتاتتى.ئاخىرى ئۇ شۇنداق يۈگۈرۈپ قاپقاراڭغۇ بىر بوشلۇققا چۈشۈپ كەتتى...
ــ ئانا!!! ــ ئۇ دەھشەت ئىچىدە ۋارقىراپ ئويغاندى، ئۆز ئاۋازىدىن ئۆزى چۆچۈپ، سافادىنمۇ خۇددى بىرى چۆرۈپ تاشلىۋەتكەندەك تۇرۇپ كەتتى.
«نېمە ئىش بۇ؟»دېدى ئۆز ئۆزىگە.پۈتۈن بەدىنى چىلىق چىلىق تەرگە چۈمۈلگەن،كۆزلىرى،ھېلىمۇ بايىقى قورقۇنچلۇق ھاڭدىن چۆچۈۋاتقاندەك،ئۆينىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىغا ئالاق-جالاق بولغان ھالدا قارايتتى.«ئۇھ،چۈش كۆرۈپتىمەن-دە!»دەپ پىچىرلىدى ئۇ ئۆز ئۆزىگە.ئەمما كۆرگىنى قانداق چۈش بولدى ھە؟نېمە دېگەن روشەن،نېمە دېگەن قورقۇنچلۇق چۈشلەر بۇ!ئۇ،بېشىنى قايتا قايتا سىلكىپ قويدى.يۈزىنى يۇيۇۋېتىش ئۈچۈن،تۇربىنىڭ يېنىغا كەلدى.ئۇنىڭغا،تۇربىنىڭ يېنىدىكى ئەينەك كۆرسىتىپ بېرىۋاتقان،ئىششىق قاپاقلىرى، ياشتىن قىزىرىپ كەتكەن ئاناردەك مەڭزىلىرى، سەردار بىلەن بولۇپ ئۆتكەن كۆڭۈلسىزلىكلەر گويا خىيالدەك،.«ئۆزۈمنى،ئۆزۈم قورقۇتىدىغان بۇنداق خىياللاردا بولىۋەرسەم بولمايدۇ،بۇ ناھايىتى بىر قېتىملىق قارا بېسىش، بەلكىم ھەددىدىن زىيادە زېرىككەن مېڭەم توقۇپ چىقارغان دەھشەتلىك كۆرۈنۈشلەرنىڭ بىرىدۇ؟...بۇ يەرگە سەردارنى دەپ،ئۇنى قۇتقۇزۋالغۇچى ياكى بەختىمنى قولۇمغا بەرگۈچى ئاق ئاتلىق شاھزادە،دەپ،ئۇنىڭغا ئىشىنىپ،قېلىپ كەلمەڭ،دېسىمۇ،ئۇنماي كەينىدىن كەلدىمغۇ،بولدى،بەست،بۇ يولدىن قايتماسلىقىم ئەڭ مۇھىمى سەرداردىن ئەمدى بولسىمۇ ئاغرىنماسلىقىم كېرەك.
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ
رىسالەت،سەردارنى سېغىندى. سەردارنىڭ ئۆيگە ھەپتىلەپ كەلمەي، جاپالىق سودا قىلىۋاتقان چارچىغان بەدىنىگە، روھىغا ئازادىلىك بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن تېخى ئۇنى يەتكۈچە رەنجىتكىنىگە پۇشايمان قىلدى. مۇبادا سەردار ئاچقۇچ سېلىپ ئۆيگە كىرىدىغانلاا بولسا،رىسالەت،ئۇنىڭ ئالدىغا ئۇچۇپ باراتتى-دە: «خاپا بولماڭ، مەن خاتا قىپتىمەن» دەپ،كەچۈرۈم سورايتتى ھەم ئىككىنچىلەپ،سەردار بىلەن سوقۇشمايتتى..
رىسالەت،شۇنداق خىيالدا سەردارغا بىر نەچچە قېتىم تېلېفونمۇ بەردى، ئەمما سەردار تېلېفوننى ئالمىدى، رىسالەتنىڭ كۆڭلى تېخىمۇ غەش بولدى.شۇنداق بىر كەيپىياتتا تۇرغان چاغدا ئىشىككە تىرىققىدە ئاچقۇچ سېلىندى. رىسالەتنىڭ يۈرىكى بىر خۇشاللىق بىلەن تېپىچەكلەپ كەتتى. ئاچقۇچنى تىرىقشىتىۋاتقان بۇ كىشى ئەلۋەتتە سەردار. سەرداردىن باشقا ھېچكىمدە بۇ ئۆينىڭ ئاچقۇچى يوق. ئۇ رىسالەتنىڭ كۆڭلىنى چىگىپ قويغانلىقىدىن قاتتىق ئۇيالغان بۇلۇشى مۇمكىن، چوقۇم كىرگەن پېتى رىسالەتنى قۇچاقلاپ، كۆزلىرىگە سۆيىدۇ...
لېكىن رىسالەتنىڭ خۇشاللىق ھەم ئۈمىد بىلەن كۈلگەن كۆزلىرى ئىشىكتىن كىرىۋاتقان قوپال، كۈچتۈڭگۈر، بىر ئەرنى كۆرۈپ قورققىنىدىن چەكچىيىپ كەتتى. ئەر كىشى غەلىتىلا بىر شۇملۇق بىلەن كۈلۈپ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. كۆزلىرىدىكى شەھۋەت ئۇچقۇنلىرى رىسالەتنىڭ تېڭىرقىغان، قورقۇپ كەتكەن بوتىدەك چىرايلىق كۆزلىرىگە، نازۇك قەددى- قامىتىگە، ئۆي ئىچىدىلا كىيىدىغان نېپىز، يەڭگىل كىيىملىرى ياپالماي قالغان يالىڭاچ ئەتلىرىگە، ئاپپاق كۆكسىلىرىگە خۇددى يەۋېتىدىغاندەكلا قادىلىپ قالغان ئىدى.
ــ سەن كىم؟ سەندە بۇ ئۆينىڭ ئاچقۇچى نېمە قىلىدۇ ؟ چىقىپ كەت!!! ــ ئەر رىسالەتنىڭ ئالدىغا كېلىپ، دىۋىنىڭكىدەك قورقۇنچلۇق قوللىرىنى سوزغاندىلا، ئۇ ئەقلىنى تاپقاندەك چىرقىراپ كەتتى، ھەم بار كۈچىنى يىغىپ، ئەرنى ئىشىك تەرەپكە ئىتتىردى.
ــ ساراڭ بولدۇڭمۇ؟ سەردار سېنىڭ بۈگۈنكى بىر كېچىلىكىڭنى ماڭا سېتىپ بەردى. ئۇنىڭغا 1000 كوي بەردىم، ئال، ساڭىمۇ بېرەي،ـــ ئۇ شۇنداق دەپلا 100 يۇەنلىك قەغەز پۇلدىن ئىككىنى رىسالەتنىڭ يۈزىگە چۆرىدى،ــ سەردار سېنى ياۋايى دەۋاتاتتى، راستلا كۆندۈرمىگەن غۇنىجىندەكلا بىر نېمىكەنسەن! ئەمما ھېچقىسى يوق، مەن مەخسۇس ياۋايى قىزلار بىلەن كۆڭۈل خۇشى قىلىدىغىنىدىن. شۇڭا پۇلنىمۇ كۆپ بېرىمەن، مەن سەندەك،ئىش كۆرمىگەن قىزلارنى ياخشى كۆرىمەن! نى-نى قىزلار مېنىڭ ئالقىنىمدا ياۋايىلىقتىن ئۆزگىرىپ، قوزىدەك مۇلايىملىشىپ كېتىدۇ... ھا... ھا... ھا...
ــ ھۇ شەرمەندە، نېمە دەۋاتىسەن؟ سەردار ئۇنداق قىلمايدۇ! مېنى ئالداۋاتىسەن!... ئادەم چاقىرىمەن! چىقىپ كەت، ئوغرى!...
ــ ئادەم چاقىرامسەن تېخى؟...قېنى چاقىرىپ باققىنا،قانداقراق چاقىرالايسەنكىن؟!...
ــ چىقىپ كەت!! ــ شۇ گەپ بىلەن تەڭ رىسالەتنىڭ ئىڭەكلىرى قاتتىق تەگكەن ئىككى تەستەكتىن لازا سۈيى قۇيغاندەك ئېچىشىپ كەتتى. رىسالەت دەقىقە خۇدىنى يوقىتىپ قويغاندەك، پۈتۈن جاھان ئۇنىڭغا قۇيۇندەك پىرقىراپ كېتىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. لېكىن قىسقا ۋاقىتتىن كېيىن ئۇ يەنە ھۇشىنى تېپىپ، ئۆزىنى كارىۋاتقا كۆتۈرۈپلا تاشلىۋەتكەن ئەر بىلەن قاتتىق تىركەشتى. ئەمما ئەرنىڭ كۈچلۈك بىلەكلىرى ئالدىدا ئۇ بىر ئاجىز چۆجىدەك جانسىز ھەم ئامالسىز قالدى. ئەر ئۇنى خۇددى توشقاننى باسماقدىغان بۈركۈتتەك بىردەمدىلا بۇغۇچلىۋالدى- دە، شۇنچىلىك قورقۇنچلۇق قوپاللىق بىلەن بىردەمدىلا قىپيالىڭاچ ھالغا ئەكىلىپ قويدى...
ئۆزىنىڭ پۈتۈنلەي ماغدۇرسىزلىنىپ كەتكەنلىكىنى، ئەھۋالىنىڭ تولىمۇ ئېچىنىشلىق ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلگەن قىز بوغۇچلانغان قۇشتەك تىپىرلاپ، ھە دېمەيلا يۈزلىرىگە، بەدەنلىرىگە تېگىۋاتقان قاتتىق شاپىلاق ھەم تېپىكتىن چىر-چىر چىرقىراپ، بارلىق كۈچ- قۇۋۋىتىنى چىرقىراش، جانسىز نالە قىلىش، ھەتتا يالۋۇرۇش، رەھىم-شەپقەت تىلەشكە قاراتتى. ئەمما ئۇ يالۋۇرغانسىرى، قارشىلاشقانسىرى ئەر ئۇنىڭ بەدەنلىرىنى مۇرلاپ، چىشلەپ، ئۇرۇپ، ئاغزىغا ئەڭ ئەپسانىۋىي تىللارنى ئېلىپ قىينايتتى، ھۇزۇرلىناتتى...
شۇ ھالدا رىسالەت ئۈچۈن نەچچە ئەسىرگە بويلىشىدىغان ئۇزۇن، بەكمۇ ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتتى. تاڭ ئاتتى، رىسالەت قارشىلىشىپ، پۈتۈنلەي ماغدۇرسىزلىنىپ كەتتى. بەدەنلىرى ئىشىشىپ، كۆكۈرۈپ، قىزىرىپ كەتكەن، ئاغزىدا نەم دىدارى يوق ئىدى. قىپقىزىل قانلار نېپىز لەۋلىرىدە قېتىپ تارتىشىپ قالغان ئىدى...
ــ قارا، تۇرقۇڭ مەن كۆرگەندىكىگە زادىلا ئوخشىماي قاپتۇ، چىرايلىق يەرلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى مەن بىلەن قارشىلىشىپ، بۇزۇپ، ئالۋاستىدەك قىلىۋەتتىڭ! سەندەكمۇ جاھىل قىز بارمۇ دۇنيادا؟ شۇنچە قىلىپ كەتكۈدەك قانچىلىك ئىش بۇ؟ سەن قانچە قارشىلاشساڭ ماڭا ئوخشاش ئەرلەرنىڭ ياۋايىلىقى شۇنچە قۇتراپ كېتىدۇ. شۇنى بىلمەي بىر كېچە قارشىلاشتىڭ، ئەخمەق قىز! بۇنچە كۈچۈڭ بولسا، مەن يەنە كېلىمەن. مەندىن كەتسە سەردارگە يەنە 1000 كوي كېتىدۇ شۇ!
ـــ يوقال، ئىپلاس! ـــ رىسالەت بار كۈچىنى يىغىپ ئۇنىڭغا تۈكۈردى، ئەمما لەۋلىرى ئاللىقانداق شىلىمشىق سۇيۇغلۇق بىلەن چاپلىشىپ قالغاچقا ئاۋازىمۇ جانسىز، ئىڭراپ چىقتى.
ــ بولىدۇ، مەن يوقۇلاي!ـــ ئەر شۇنداق دەپ خىرىلداپ كۈلگىنىچە ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. بىر كېچىنى ئالۋاستىنى يېڭىشكىلا قارىتىپ پۈتۈنلەي ماغدۇرسىزلىنىپ كەتكەن رىسالەتنىڭ مېڭىسىدە ئەمدى بەكمۇ ئوچۇق، بەكمۇ زەھەرخەندە بىر رېئاللىق بىراقلا ئەكس ئەتتى!
رىسالەت ئالدانغان، ئۆزى ئەڭ ئىشەنگەن ھەم ئەڭ چوقۇنغان ئادىمى تەرىپىدىن يەكسان بولغان ئىدى.ئەمدى ھېچقانداق ئادەم ئۇنى پاكىزلىيەلمەيدۇ،ئۆز ئەكسىگە قايتۇرالمايدۇ. رىسالەتنىڭ پۈتكۈل غۇرۇرى ۋە پۈتۈن قۇدرىتى بەربات بولغان ئىدى...
رىسالەت بۇ رېئاللىقنى قوبۇل قىلالمىدى... بۇ نېمە دېگەن قورقۇنچلۇق ھەقىقەت ھە!؟...
تېخى تاڭ سۈزۈلمىگەن ئىدى، ھاۋا تۇتۇلۇپ كەتكەن، يامغۇر ياغىدىغاندەك پۈتۈن جاھان سۆرۈنلىشىپ كەتكەن ئىدى، گويا بۈگۈنكى بو پاجىئەنى كۆرۈشنى خالىمىغاندەك كۈنمۇ قارا بۇلۇت ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ئىدى...
داۋامى بار .......

ساياھەت قىلشىنى ياخشى كۆرەمسىز ؟ ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟ ئۇنداق بولسا شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ،
ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ، يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ، شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى ئېچىلدى . ساياھەت شىركىتىمىز يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ ، تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ .
ئالاقىلاشقۇچى : ئايبەر
ئالاقىلىشىش تېلىفون ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى : 19999706319










سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە :
سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )
ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ



