大数跨境

ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ (پوۋېسىت ) 5 ـ قىسىم

ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ (پوۋېسىت ) 5 ـ قىسىم aybarawazi
2023-01-21
3
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر !تۆۋەندە ( ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ) ناملىق  پوۋېست ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ6-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4














ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ


ئاپتۇرى: ئەخمەت نىياز (تىلماچ ئەپەندى)

(5)



دەرۋازا يېنىغا ئورنىتىلغان ئىشىك قۇڭغىرىقى يىنىك جىرىڭلىدى، گۆھەر بۇنى قۇشلارنىڭ ناۋاسىدىن ئايرىپ بولالمىغاندەك ئۆز ئورنىدا قىمىر قىلماي تۇرىۋەردى. قۇڭغۇراق يەنە بىر قېتىم جىرىڭلىدى. ــ كىمۇ؟ ھە، مانا كەلدىم! ــ دېگەن ئۈنلۈك ئاۋازنىڭ مېھمانخانا ئۆيدىن چىقىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغاندەك قىلغان گۆھەر ئەسلىگە كەلگەندەك بولۇپ، دىققىتىنى دەرۋازا تەرەپكە بۇرىدى. يۈسۈپنىڭ دەرۋازىنى ئېچىشى بىلەن 17- 18 ياشلاردا بار، نامرات ئادەمدەك تىزى، يوتىسى يىرتىق، پاقالچىكىنىڭ ھوشۇقىنىمۇ تۈزۈك ياپالمىغان، سۇس كۆككە مايىلراق پادىچىلار شىمى، ئاق تەنھەركەت ئايىقى كىيىۋالغان، مۆرىسى بىلەن گەجگىسىنىڭ تۆۋەنرەك تەرپىنى شامالدىتىش ئۈچۈنمىكىن تۆڭلۈككە ئوخشاش يوغانلا تۈشۈك ئېچىلغان سارغۇچ مايكا كىيۋالغان، بېغى يوتسىغىچە ساڭگىلاپ تۇرىدىغان قارا رەڭلىك كىچىك سومكا ئېسىۋالغان، بېلىگە كېلدىغان ئۇزۇن قۇڭۇر چاچلىرى يەلپۈنۈپ تۇرىدىغان، كۆزلىرى چوڭ، ئاغزى ئويماقتەك، قاشلىرى قىياقتەك، چېھرىدىن نۇر پارلاپ تۇرىدىغان بىر قىز كىرىپ كەلدىيۇ، يۈسۈپكە  قارىغىنىچە تۇرۇپلا قالدى، يۈسۈپمۇ كۆز ئالدىدا تۇرغان بۇ قونچاققىلا ئوخشايدىغان قىزغا قاراپ بۇتتەك قېتىپ قالدى. ئىككىسى بىر- بىرىگە قارىشىپ بىر مىنۇتچە تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن، يۈسۈپ دۇدۇقلاپراق ئېغىز ئاچتى: ــ تېشلىقمۇ، بىرسىنى ئىزدەمتىڭىز؟

ــ بۇ، بۇ يازغۇچى گۆھەر ھەدەشنىڭ ئۈيىمۇ؟

ــ ھەئە، گۆھەر ھەدىشىڭىزنىڭ مۇشۇ شۇ. ــ يۈسۈپنىڭ ئاۋازىدىن مەسخىرە چىقىپ تۇراتتى.

ــ ھەدەش ئۆيدە بارمىدۇ؟

ــ سىز كىم بولىسىز؟

ــ ھە، مەن ئۆزەمنى تونۇشتۇرماپتىمەن، ئسمىم زىبانۇر، گۆھەر ھەدەشنىڭ ئىخلاسمىنى، مەن ھەدەشنىڭ ئەسەرلىرىنى بەك ياقتۇرمەن، ئالدىنقى ھەپتە خەت يېزىپ، بۈگۈن زىيارەت قىلىپ بارىدىغانلىقىمنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ كېلىشىپ قويىۋېدىم، شۇڭا بۈگۈن مەخسۇس ئىزدەپ كەلگەن. 

ــ ھە، مۇنداق دەڭ، ھەدىشىڭىز ئۆيدە بار، قېنى مەرھەممەت قىلسىلا خېنىم! ــ گەرچە يۈسۈپ تەنە ئارلاش گەپ قىلىۋاتقىنى بىلەن، ئۇنىڭ قىزنى ئۆيگە باشلىغاچ قارىغاندىكى كۆزى بەئەينى بەز مارىغان مۈشۈكنىڭ كۆزىگەىلا ئوخشاپ قالغان بولۇپ، ئۇ بۇ قىزدىن كۆزىنى ئۈزەلمەي تىكىلىپ قاراپ قالغانىدى. گۆھەر بۇ ئىككىسىنىڭ بىر- بىرىنى خام يىۋېتىدىغاندەك قاراشلىرىدىن بىرئاز غەيرىلىك ھېس قىلغان بولسىمۇ، بىراق بۈگۈن ئۆزىنى ئىزدەپ كەلمەكچى بۇلۇپ خەت يازغان ھېلىقى ئوقۇرمىنىنىڭ ئەسلى مۇشۇ قىز ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈپ، ئەدەپ يۈزىسىدىن بولسىمۇ چاندۇرماي ھوجرا ئۆيدىن چىقىپ مېھمانخانا ئۆينىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلگەندە، يۈسۈپنىڭ يول باشلىشى بىلەن ياندىشىپ كېلىۋاتقان قىز بىلەن ئۇچراشتى. دەرۋەقە قىز داۋىنچىغا ئوخشاش داڭلىق رەسسامنىڭ قولىدا پۈتۈپ چىققان ماي بوياق ئەسىرىدەك شۇنچە چىرايلىق بولۇپ، ئۈستىگە كىيىۋالغان پاتىمەمنىڭ كۆينىگىدەك ۋاي دادەي يىرتۇق كىيىملىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئاش- نان يىمەي قاراپ ئولتۇرغىدەكلا ئۇز ئىدى. قىز يۈزلىرىگە گىرىم قىلمىغان بولۇپ، تەبئىيلىكى چىقىپ تۇرغان قىياقتەك قاپقارا ئەگىم قاشلىرى، تال- تال تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان ئۇزۇن كىرپىكلىرى ئاستىغا يۇشۇرۇنغان بۇلاقتەك قارا كۆزلىرى،  تۈپتۈز قاڭشارلىق بۇرنى، جىنەستىدەك قىپقىزىل لەۋلىرى، ئويماقتەك ئاغزى... گۆھەرنىڭ تۇرۇپلا بۇ قىزغا ئۆچلىكى، ھەسەتخورلىقى كېلىپ كەتتى. ھەرقانداق ئۇستا رەسساممۇ بۇ قىزنىڭ تۇرقىنى ئەينەن سىزىپ چىقالمايتتى، ھەرقانداق داڭلىق يازغۇچىمۇ بۇ قىزنىڭ قىياپىتىنى تىل بىلەن ئىنچىكە تەسۋېرلەپ بېرەلمەيتتى. تەسۋېرلەپ بەردى دىگەن ھالەتتىمۇ پەقەتتىن پەقەت ئۇنى ھۆر- پەرى سىياقىدىلا سۈرەتلەپ بېرەلەيتى، خالاس.

ــ تېشلىقمۇ ھەدە، سىز بىلەن كۆرۈشكىنىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن. ــ قىزنىڭ قۇڭغۇراقتەك زىل ئاۋازىدىن ئېسىنى يىغقان گۆھەر ئۆزىگە مۇلايىم قاراپ تۇرغان قىزغا چاقماق تېزلىكىدە يەنە بىر قېتىم قارىۋەتكەندىن كېيىن: ــ ھە، ھەئە تېشلىق، سىزمۇ تېشلىق كېپسىز. ــ دىيەلىدى ئارانلا. 

ئۇ بايا يۈسۈپ قىزغا تىكىلىپ قاراپ قالغاندا، خىيالىغا ھەر خىل ئويلار كېچىپ، يۈسۈپدىن ئورۇنسىز ئاغرىنغانلىقىغا ئىچىدە خىجىلمۇ بولۇپ قالدى. ئۆزى بىر ئايال زاتى تۇرۇپ، كۆز ئالدىدىكى بۇ قىزغا قاراپ قېتىپ قالغان يەردە، يات جىنىستىكى بىر ئەرنىڭ بۇنداق ئۇز، ئوماق قىزغا تىكىلىپ قاراپ قېلىشى قىل سىغمايدىغان نورمال ئىشتە. چۈنكى گۈزەللىكنى سۆيمەيدىغان كىم بار دەيسىز؟ مۇشۇنداق ماي بوياق رەسىمىگە ئوخشاش گۈزەل قىزنى كۆرگەن بىر ئەركەك، ناۋادا ئۇنىڭغا قىزىقسىنمىسا، ئىنتىلمىسە، پەرۋا قىلمىسا، تىكىلىپ قارىمىسا، ھېچ بولمىغاندا لەۋلىرىنى تامشىپ قويمىسا، ئۇنى يۈزدە- يۈز بىنورمال، دەردى بار ئادەم دىيىش كېرەك. 

گۆھەر قىزنى مېھمانخانا ئۆيگە باشلىدى. قىز ئۆيگە كىرىپ كىرسلودىن ئورۇن ئالغاندىن كېيىن، گۆھەر ئاشخانا ئۈيىگە كىرىپ، مەخسۇس خاڭجۇدىن بۇيرىتىپ ئەكەلدۈرگەن، قارىغان ئادەمگە زىننەت بويىمىنى ئەسلىتىدىغان قىزغۇچ قاپارتما نەقىشلىك تۇچ چەينەككە چاي دەملەپ چىقتى. چاي شىرەسىنىڭ ئۈستىنى ئاز- تولا يەل- يىمىش، پىچىنە- پىرەك قاتارلىق تاتلىق تۈرۈملەر بىلەن تولدۇرغاندىن  كېيىن، جانان ماركىسىدىكى پىيالىگە لىقلاپ چاي قۇيۇپ، ئاۋۋال قىزنىڭ ئالدىغا، ئاندىن يۈسۈپكە سۇندى، ئۆزى قىزنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن يېرىم چاي قۇيۇلغان پىيالىنى كۆتۈرگنىچە قىزنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى. ئەر- ئايال ئىككىسىنىڭ كۆزى قىزغا تىكىلگەن ئىدى. قىز چايدىن بىر ئوتلىۋېلىپ، تولىمۇ تارتىنچاقلىق بىلەن ئېغىز ئاچتى: 

ــ ئاكا، ھەدە، بىمەھەل چاغدا كېلىپ ھەرقايسىڭىزلارنى مالال قىلىپ قويمىغاندىمەن ھە؟

ــ ياقەي،ــ دېدى گۆھەر قىزنىڭ گەپنى تولىمۇ ياساپ ناز بىلەن دىيىشلىرىگە قاراپ، بەدىنى بىرئاز تىكەنلەشكەندەك بولۇپ يۈسۈپكە قارىدى. يۈسۈپ تېخىچە قىزدىن كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇراتتى.

ــ سىزنىڭ قايسى ئەسىرىڭىز ئېلان قىلىنىش ياكى نەشىر قىلىنىش بىلەن، ئاڭلاپلا قالسام بىرىنچى بولۇپ سېتىۋالىمەن، بىلمەي قالماي دەپ تېخى كۈندە كىتاپخانىنى بىر- ئىككى قېتىم ئارىلاپ چىقىمەن. نېمىشقىكىن، سىز يازغان ئەسەرلەردىن باشقا ئەسەرلەرگە ئانچى قىزىقىپ كەتمەيدىغان بولۇپ قالدىم، بولۇپمۇ «سۆيگۈمگە چاڭ سالما» ناملىق رومانىڭىزنى ئوقۇغاندىن كېيىن، سىزگە بولغان ھۆرمىتىم، ئىخلاسىم ھەسىلەپ ئاشتى. خىزمەت ئورنىڭىز بىلەن تۇرۇشلۇق ئورنىڭىزنى بىلگەندىن كېيىن، خۇشاللىقتا نەچچە كېچە كىرپىك قاقماي ھاياجانلىنىپ چىقتىم، نەچچە قېتىم سىزنى ئىزدەپ مەكتەپكە بېرىشنى ئويلىغان بولساممۇ، خىزمىتىڭىزگە دەخلى قىلىپ قويماي دەپ ئويلاپ، ئاخىرى يۈرۈگۈمنى قاپتەك قىلىپ ئۈيىڭىزگىلا ئىزدەپ كېلىشنى مۇۋاپىق كۆرگەن بولساممۇ، يەنە ۋاقتى يەتمەي قالمىسۇن دەپ، ئالدى بىلەن خەت يېزىپ كېلىشىپ قويغان ئىدىم. تەلىيىمگە لەۋزىمنى يەردە قويماي ئۆيىڭىزدە ساقلاپ تۇرۇپسىز، سىزگە كۆپ رەھمەت ھەدە. ــ دېدى زىبانۇر ئويماقتەك ئاغزىنىڭ بىر چېتىنى نازۇك بارماقلىرى بىلەن سۈرتۈپ قويۇپ.

ــ سىز شىماللىقمۇ؟ ــ سورىدى گۆھەر قىزنىڭ «ھەدە» دېگەنگە ئوخشاش شىمالىقلار كۆپ ئىشلىتىدىغان شىۋىدە سۆزلەشلىرىدىن گۇمانسىراپ.

ــ ياققۇ، ــ دېدى قىز قولىنىڭ دۈمبىسى بىلەن ئاغزىنى توسۇپ بوش كۈلۈپ، ــ ئۈيىمىز بۇرۇندىنلا مۇشۇ شەھەردە، مەن مۇشۇ شەھەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، ئاتا- بوۋىلىرىمىز شۇ يەرلىك بولسا قانداقكىن بىلمىدىم، ئىشقىلىپ بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسى تىگى- تىگىدىن مۇشۇ يەرلىك.

ــ شۇنداقمۇ، ئەمىسە تەلەپپۇزىڭىزدا غۇلجا پۇرىقى بەكلا كۈچلۈك ئىكەنغۇ؟ ــ سورىدى گۆھەر قىزغا سۇئال نەزەرىدە قاراپ.

ــ ئەمدى شۇ، بىلىملىك زاتلار بىلەن تۇنجى دىدارلاشقاندا مەدەنىي سۆزلەرنى ئىشلىتىپ، قارشى تەرەپتە ياخشى تەسىر بېرىشنى ئويلايدىكەن ئادەم، قارا تۈۋرۈك ئادەمدەك گەپنى ياسىماي ئۇتتۇرلا دېسە ئەدەپسىزلىك بولارمىكىن دەپ قالدىم، شۇڭا...

ــ ھە، ئۇقتۇم، ماڭا قاراڭ سىڭلىم، كۆڭلىڭىزگە كەلسىمۇ دەۋېرەي، ئافىرقىلىق ئادەمنى شىنجاڭغا ئەكىلىپ، ئېقىن سۇدا نەچچە توننا سوپۇن ئىشلىتىپ يۇيسىمۇ ئاقارمايدۇ، چۈنكى ئۇ بەرىبىر قارا تەنلىك. شۇنىڭغا ئوخشاش مەيلى بىز نەدە بولىشىمىزدىن قەتئىي نەزەر، خەقنىڭ نىمە دىيىشى بىلەن كارىمىز بولماستىن، گەپنى ئۆزىمىز تۇغۇلغان يۇرتنىڭ شىۋىسى، ئۆزىمىزنىڭ ئادىتى بويىچە سۆزلەۋېرىشىمىز كېرەك، قارشى تەرەپكە ياخشى تەسىر بېرىش، مەدەنىي- ئىلمىي بولۇش ئەلۋەتتە ياخشى ئادەت، بىراق مەدەنىيلىك بىلەن ئىلمىيلىككە سۈنئىيلىك ئارلىشىپ چېكىدىن ئېشىپ كەتسە، ئادەمگە بىزارلىق تۇيغسى بېرىپ قويىدۇ. كونىلاردا بىر گەپ بارغۇ، ھىم، «كۈلەلمىسەڭ ھىجايما» دەيدىغان، شۇنىڭغا ئوخشاش سىزمۇ باشقىلارنى دورايمەن دەپ گەپنى ياسساپ قىيلىنىپ ئولتۇرماي، ئۆزىمىز دەپ ئادەتلەنگەن تىل بويىچە ئۇتتۇر دەۋېرىڭ، بىزدە كىتابىي تىل ئىشلىتىش تېخى ئوموملىشىپ كەتمىدىغۇ ھازىر، ئۇنداق بولمىغاندا ئادەمگە ياسالمىلىق قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىپ قويىدۇ. ــ دېدى گۆھەر قىزغا كۈيۈنۈش نەزەرىدە قاراپ. 

قىزنىڭ يۈزلىرى ئانارنىڭ پوستىدەك قىزىپ كەتتى. ئۇ كۆزىنى قولىدىكى پىيالىدىن ئۈزمەي بىر ھازا ئولتۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن، يىنىك ئۇھ تارتىپ قويۇپ: ــ كەچۈرۈڭ ھە...دە، ياق، ئاچا، ئالدىڭىزدا بىلەرمەنلىك قىلىپ قويۇپتىمەن، بۇ ھەرگىزمۇ مەقستلىك ئەمەستى.

ــ بىلدىم سىڭلىم، مانا ئۆزىمىز ئادەتلەنگەن تىلدا پاراڭلاشساق نېمە دېگەن راھەت، دۆلەت تىلىدا ئۆلچەملىك تەلەپپۇز ئاساس قىلىنغان پۇتۇڭخۇا بولسىمۇ، بىزدە تېخى رادىئۇ- تېلېۋىزۇرلاردا ئەمدىلەتتىن ئورتاق قوللىنىۋاتقان ئۈرۈمچى دىئالىكتىكىسى ئاساسىدىكى تىل ئوموملاشقىنى يوق، ھەممە ئادەم ئۆز يۇرتىدا سۆزلەپ ئادەتلەنگەن يەرلىك شىۋە، يەرلىك دىئالىكتىكىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ، بىز ئۇيغۇرلار پۇتۇڭخۇاغا ئوخشاش رادىئۇ- تېلېۋىزۇرلاردا ئوموملاشتۇرۇلغان ئۆلچەملىك دىئالىكتىكىنى قوللىنىپ سۆزلەشكە يەنىلا بىر مەزگىل، بىر جەريان كىتىشى مۇمكىن، شۇڭا ھازىرچە بىزمۇ ئۆز تىلىمىزنى راۋان، بىمالال ئىپادىلىسەك، سېغىزخاندەك دورامچىلىق قىلماي، مۇشۇنداق ئەركىن- ئازادە پاراڭلاشساق نىمە دېگەن ياخشى ھە. تۇنجى كۆرۈشۈپلا جىق سۆزلەپ قويسام كەچۈرۈڭ سىڭلىم، سىزنى تەنقىد قىلغىنىم ئەمەس، مۇشۇ جەھەتتە دىققەت قىلسىڭىزلا، ئىسمى- جىسمىڭىزغا لايىق زىبانۇر بولغىدەكسىز. سىزگە قاراۋېرىپ ھەسەتخورلىغىم كېلىۋاتىدۇ مېنىڭ، سىز نىمە دېگەن ئوماق ھە، قۇنچاققىلا ئوخشايدىكەنسىز، مۇشۇ تاپتا سىزنى ئاۋۇ تېلېۋىزۇر ئىشكابىنىڭ ئۈستىگە تىزىپ قويۇپ، ئاش- نان يىمەي قاراپ ئولتۇرغۇم كېلىۋاتىدۇ مېنىڭ. ــ دېدى گۆھەر قىزغا ھەۋەسلەنگەن نەزەردە مەنىلىك قاراپ قويۇپ.

ــ ئاچا، بايا سىز دېگەن دىئالكتىكا دېگەن نېمە ئۇ؟ ئۇنى قانداق سۆزلەيدۇ؟ــ سورىدى زىبانۇر گۆھەرگە سۇئال نەزەرىدە قاراپ. ئۇنىڭ چىرايىدىن يەنىلا بالىلارغا خاس گۈدەكلىك، ئوماقلىق ۋە زېرەكلىك چىقىپ تۇراتتى. يۈسۈپنىڭ بىر كۆزى تېلېۋىزۇردا بولسىمۇ، يەنە بىر كۆزىنىڭ قۇيرىقى زىبانۇرنىڭ ئايدەك جامالىغا يوشۇرۇن تىكىلگەن ئىدى.

ــ دىئالىكتىكا دېگىنىمىز قاراڭ، ئاددىي قىلىپ ئېيىتقاندا يەرلىك شىۋە، يەنى تۇرپان، قۇمۇل، غۇلجا، لوپنۇر، خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى ئاۋام خەلق كۈندىلىك تۇرمۇشىدا قوللىنىۋاتقان، سۆزلىشىۋاتقان گەپنىڭ ھەممىسى يەرلىك دىئالىكتىكىغا كىرىدۇ. مەسىلەن بىزمۇ مۇشۇ يۇرتتا بەزىدە ئىشلىتىدىغان «ئىنەم، سارىي، ئىياققا ماڭدىم، مىياققا ماڭدىم، داق يەرلەردە پىقىراپ، تازا، چىڭ بوش» دېگەندەك سۆزلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ دائىردە. بۇنى سىز مەكتەپتە ئوقۇغاندا دەرسلىك كىتاپتىن ئۈگەنمىگەنمۇ؟ــ سورىدى گۆھەر قىزدىن ھەيران بولغاندەك.

ــ مەن... مەن... ــ قىزچاق دۇدۇقلاپ قالدى، ــ مەن پەقەت تولۇقسىزغىچىلا ئوقۇغان، ئاپام قاتناش ھادىسىسىدە تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن، دادام قايتا ئۆيلەندى، بىر يىل ئۆتكەندە ئۈگەي ئاپام ئۇكامنى تۇغدى، ئۈگەي ئاپام قانداق ۋاستە ئىشلەتتىكىن بىلمىدىم، دادامنى قايىل قىلىپ يۈرۈپ، يۇقۇرى- تۆۋەن يول ماڭدىمىكىن، مەن تولۇقسىزنى پۈتتۈرشۈم بىلەن مەكتەپتىن چېكىندۈرۋالدى. شۇنىڭ بىلەن مەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىدىن قۇرۇق قالدىم. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپمۇ مەجبۇرى مائارىپ دائىرسىدە تۇرسا، ئۇلارنىڭ مېنى قانداقسىگە مەكتەپتىن چىقىرۋالالىغانلىقىغا بەك ھەيرانمەن. شۇڭا بەك قۇرسىقىم كۆپتى، مەجبۇرى مائارىپنى تاماملاشقا دەخلى- تەرۇز قىلغان دەپ ئەرىز قىلاي دېسەم، دادامدىن قورقتۇم، ئۆزۈمنىڭمۇ بۇنىڭغا كۆڭلى ئۇنىمىدى، ئەگەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئوقۇيالىغان بولسام، مەنمۇ بالا باقىمەن دەپ ئۆيدە ئولتۇرماي، باشقا بالىلارغا ئوخشاش تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، ئالى مەكتەپكىچە ئوقۇيالىغان بولاتتىم. ئەمدى مىڭ قاقشىغان بىلەنمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ دەڭا، شۇنداقمۇ ئاچا؟ ــ زىبانۇر كۆڭلى يېرىم بولغاندەك تىرنىقىنى تاتىلاپ يەرگە قارىغانچە خېلى ئۇزاق ئولتۇرۇپ كەتتى.


  بۇ ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى 

ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ،  رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ  كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە  ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت . 




 بۇ روماننىڭ  ئاۋازلىقىنى تولۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ


………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .


ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k