大数跨境

ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ (پوۋېسىت ) 3 ـ قىسىم

ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ (پوۋېسىت ) 3 ـ قىسىم aybarawazi
2023-01-19
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر !تۆۋەندە ( ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ) ناملىق  پوۋېست ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 4-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
















ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ


ئاپتۇرى: ئەخمەت نىياز (تىلماچ ئەپەندى)

(3)

كەچ  كۈز ئايلىرىدىكى ھاۋا خېلىلا سالقىنلاپ قالغان بولۇپ، ئوچۇق تۇرغان دېرىزىدىن كىرگەن سوغۇق شامال گۆھەرنى ئەندىكتۈرۈۋەتتى. ئۇ ئۈستىدىكى يېپىنچىسىنىڭ يېڭىنى بوش تارتىپ قويۇپ، ئورگىنالنىڭ ئاخىرى بېتىگە بىر نەچچە قۇر خەت يېزىپ بولۇپ، ئاغزىنى تۇتۇپ ئەسنىگىنىچە ئورنىدىن تۇرغاچ،  قولىدىكى ئورگىنالغا يەنە بىر قېتىم تېز- تېز كۆز يۈگۈرتۈپ قويغاندىن كېيىن، قانائەتلەنگەندەك بېشىنى بوش لىڭشىتىپ قويدى ۋە چوڭقۇر بىرنى تىنىۋالدى.   ئۇ ئەسنىگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ، يېزىق ئۈستىلىدىكى قالايمىقان چېچىلىپ ياتقان ئورگىناللارنى رەتلىدى. ئورگانلارنىڭ ئىچىدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆزىگە يازغان بىر نەچچە پارچە خېتى تۇراتتى. ئۇ كونۋېرتنى ئېچىپ خەتنى ئوقۇپ بېقىشنى ئويلىدىيۇ، لېكىن بەكلا كەچ بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، كونۋېرتلارنى چىرايلىق رەتلەپ بىر چەتتە تۇرغان كىتابنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇپ قويدى. 

گۆھەر ھەر قايسى چوڭ مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭغا كېلىدىغان خەتلەر، ئۇرۇلىدىغان تېلېفونلارمۇ كۆپىيىپ قالغان ئىدى، ئۇ بۇنىڭدىن چەكسىز خۇشاللىق ھېس قىلاتتى، بوش ۋاقتى چىقىپ قالسىلا بۇ خەتلەرنى بىر- بىرلەپ كۆرۈپ چىقىپ، ھەممىسىگە ئۆز لايىقىدا ئېرىنمەي جاۋاب قايتۇراتتى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ «قېرىلىقتىكى مىسكىنلىك»، «ئازغۇن سەتەڭ»، «سۆيگۈڭىزنى ماڭا ئۆتۈنۈڭ» ناملىق ھېكايە- پوۋېستلىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، جەمئىيەتتە كۈچلۈك غۇلغۇلا ۋە ئالقىش قوزغىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭغا كېلىدىغان خەتلەر- تېلېفۇنلارنىڭ ئايىقى ئۈزلمەي تېخىمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى. ئۇ باشتا ئوقۇرمەنلەرنڭ ئۆزىنى شۇنچىلىك قوللىغىنىغا مىننەتدار بولغان بولسا، ئەمدىلىكتە بىر قىسىم ۋاقتىنىڭ ئۇلاردىن كەلگەن خەتلەرنى ئوقۇش، جاۋاب يېزىش، تېلېفۇن قوبۇل قىلىش بىلەن بىھۇدە ئىسراپ بولۇپ كىتىۋاتقانلىقىغا قۇرسىقى ئاغرىپ قالدى. 

گۆھەر يۈز- كۆزلىرىنى يۇيۇپ، چىشلىرىنى چوتكىلاپ، يۈزىگە كېچىلىك سۇ تولۇقلاش مەھلىمىنى سۇيۇقلۇققا ئارىلاشتۇرۇپ چېپىپ، ھويلىغا چىقىپ شامالدىغاچ بىردەم تۇرىۋالدى، ئىككى كۈندىن بۇيان مىسىلداپ يىغىۋاتقان يامغۇر توختىغان بولۇپ، كېچىلىك ھاۋا خېلىلا سوۋغۇق ئىدى. ئۇ بەدىنى سوغۇقتا توڭلاپ يەلكىسىنى قورىغاندەك بولۇپ ھوجرىسىغا قايتىپ كىردى ۋە يۈزلىرىگە سۈرىۋالغان مەھلەمنى تېز- تېز چايقىۋېتىپ، كىيىمنى ئالماشتۇرۇپ ئۆز ئورنىغا كېلىپ ياتتى. ئۇ يىنىك خورەك تارتىپ ئۇخلاۋاتقان يۈسۈپكە قاراپ قويدى. يۈسۈپ گەرچە كىنو چولپانلىرىدەك دەھشەت كېلىشكەن ئەرلەردىن بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قامەتلىك بەستى، كەڭ يەلكىسى، قاپقارا قويۇق قاشلىرى، ئويناپ تۇرىدىغان شوخ كۆزلىرى، ئېقىپ چۈشۈپ كىتىدىغاندەك كۆرۈنىدىغان قاڭشارلىق بۇرنى، دولقۇنلاپ تۇرىدىغان قويۇق ھەم قوندۇزدەك قاپقارا، تەبئىي بۈدرە چاچلىرى، ئىشقىلىپ بەدىنىنىڭمۇ ياكى چىرايىنىڭمۇ بىر يەرلىرىگە يوشۇرۇنغان سېھىرلىك جەلپ قىلىش كۈچى بىرلا كۆرگەن ھەر قانداق ئادەمدە يېقىملىق تۇيغۇ بېرىپ، ئىختىيارسىز كەينىگە بۇرۇلۇپ قاراشقا مەجبۇر قىلاتتى. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدا ئۇنى قوغلاشقان، يۈزىدىن- يۈزىگە بىۋاستە سۆيگۈ ئىزھار قىلغان، كۈيۈك ئوتىدا پۇچىلىنىپ، قىزلار ياتىقىنىڭ تۆتىنچى قەۋىتدىن ئۆزىنى تاشلىۋالغان ئاشىق قىزلارمۇ بولغان ئىدى. يۈسۈپ مانا مۇشۇنداق نۇرغۇن قىزلارنىڭ قايناق سۆيگۈسىنى دەشتى باياۋاندا تەنھا قالدۇرۇپ، ئۆزىنى مەن چاغلايدىغان نى- نى مەكتەپ گۈزەللىرىنى ھەسرەت داۋىنىغا ياماشتۇرۇپ قويۇپ، تەققى- تۇرقى ئادەتتىكىچە، ئەمما خۇشخۇي، چېھرىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان، ئىسمى- جىسمىغا لايىق مېھرى نۇرنى ئۆزىگە مەڭگۈلۈك ھەمراھ قىلىپ تاللىغان ئىدى. شۇڭا، گۆھەرمۇ يۈسۈپكە چىن ئىخلاس قىلاتتى، ئۇنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر ئۆزىگە ئەقىدە قىلىدىغانلىقىغا شەكشۈبھىسىز ئىشىنەتتى. گۆھەر ئەمدىلا ياستۇققا باش قويۇشىغا، يۈسۈپ يانغا ئۆرۈلۈپ چۈشەكەپ بىر نىمىلەرنى دەپ كەتتى، گۆھەر قۇلىقىنى ئۇنىڭ ئېغىزىغا يېقىن ئەكەلدى:

ــ بولدى، بولدى قىلىڭە ئەمدى، بەك چارچاپ كەتتىم، مۇشۇ كۈنلەردە ئەجەب بىزار بولۇپ كىتىۋاتىمەن سىزدىن.

گۆھەر ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپلا قالدى، كاللىسىدا مىڭ خىيال يامغۇر يېغىش ئالدىدىكى قارلىغاچلاردەك تۆۋەن بوشلۇقتا ئەگىيتتى: ــ ئەجەبا يۈسۈپ مەندىن راستىنلا بىزار بولىۋاتقانمىدۇ؟ مەن بەك ئاشۇرۋەتتىممۇ- يە؟ ئۇنداق ئەمەسقۇ؟ شۇ بەزى كۈنلىرى يېزىش بىلەن بولۇپ كىتىپ، تاماقنى ۋاقتىدا ئېتەلمىگەندىن باشقا، ئۆز بۇرچۇمنى جايىدا ئادا قىلىپ كېلىۋاتىمەنغۇ؟ لىكىن يۈسۈپ نىمىشقا بىزار بولدۇم دەيدۇ؟ ئۇ سىرتتىن بىرەرسىنى تېپىۋالمىغاندۇ ھە؟ بۇ مۇمكىن ئەمەس، ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس، مۇمكىن بولغان تەقدىردىمۇ ئاتا- ئانىسى ئۇنىڭ مۇنداق قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايدۇ. بەلكىم ئۇ چۈشەكەپ شۇنداق دىگەندۇ. بولدىلا، زىغىرلاپ نىمىمۇ قىلاي، گەپ بولسا ئەتە دىيىشەرمەن. ــ ئۇ ئىچىدە شۇنداق دەپ ئويلىسىمۇ، لېكىن كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرى داۋالغۇپ كەتكەندەك بولدى. يۈرىكى بىلىنەر- بىلىنەمس چىم قىلىپ قالدى. ئۇ ئېسەنكىرەش ئىچىدە ئاستا يۈسۈپنىڭ يېنىغا قىيسىيىپ، ئۇيقۇ دېڭىزىغا غەرىق بولدى.

بۈگۈن شەنبە كۈنى بولۇپ، ئەر- ئايال ئىككىلىسى ئوخشاشلا دەم ئالغان ئىدى. گۆھەر بۈگۈن قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن قولىدىكى ئەسەرنىڭ ئاخىرىنى يېزىۋېتىپ، تۇنجى ئورگىنالنى پۈتتۈرۋېتىشنى ئويلىدى. سەھەردىلا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتكەن يۈسۈپ ئەينەك ئالدىدا يۈزىگە بىرنىمىلەرنى سۈرۈپ ئولتۇرغان گۆھەرگە قاراپ خۇشخۇيلۇق بىلەن سورىدى:

ــ گۆھەر قاراڭ، بۈگۈن ھاۋا بەك ياخشى ئىكەن، كەچكىچە مەكتەپ بىلەن ئۆي ئارىلىقىدا قاتراپ يۈرۈپ چارچاپمۇ كەتتۇق. بۈگۈن ئاران بىر دەم ئالغاندا، بىزمۇ بالىنى ئېلىپ تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىدىن تەڭ ھوزۇر ئېلىپ، سىرتلارغا چىقىپ ئايلىنىپ كەلمەيمىزمۇ. ھېچ بولمىسا نىلۇپەر كۆلىگە بېرىپ كەلسەكمۇ بولىدۇ. قانداق دېدىم؟ ئىشتىھايىڭىز باردەكمۇيا. 

ــ ۋاييەي، يەنە شۇ نىلوپەر كۆلىگىما؟ ئۇ سېسىق كۆلگە ئاشىق بولۇپ قالمىغانسىز ھە؟ نىمانداق شۇ يەرگىلا بارغۇڭىز كېلىپ تۇرىدىغاندۇ؟ ئۇنىڭدىن باشقا جاي تېپىلمامدۇ سىزگە؟ــ گۆھەر ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ، تۇمشىقىنى ئۇچلاپ، كۆزلىرىنى ئالايتىپ قويدى. يۈسۈپ بىر پەس جىم تۇرۋالغاندىن كېيىن:

ــ ماقۇل، ئۇ يەرگە بارغۇڭىز كەلمىسە، ئەمىسە ئورمان باغچىسىغا بېرىپ كېلەمدۇق؟

ــ ھەي بۈگۈن سىزگە نىمە جىن چاپلاشتىدەيمەن، نىمانداق بېرىپ بولغان يەرگە يەنە بارغىڭىزلا كېلىپ تۇرىدىغاندۇ- ھە؟! ئۇ يەرلەرگىچۇ مەن تولا بېرىپ ھېرىپ ھۆ بولۇپ كەتتىم. بولدىلا، بەك بارغۇڭىز كەلسە ئۆزىڭىزلا بېرىپ كېلىڭا، مەن ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئەسىرىمنىڭ داۋامىنى تۈگىتىۋالاي. ــ دېدى گۆھەر گەپتىن بىزار بولىۋاتقاندەك بېشىنى قاشلاپ قويۇپ.

ــ ئەمىسە چوڭ ئۆيگە بېرىپ، ئاتا- ئانىمىزنى يوقلىغاچ، شاتگۈلنى ئوينىتىپ كېلەيلى، ھېلىمۇ ھەپتىدە بىر بېرىپ، ئۇ بىزنى كۆرسە يوچۇقاپ ياتسىرايدىغان بولۇپ قاپتۇ، ئەتە- ئۆگۈن بىزنى تونىماس بولۇپ قالمىسۇن يەنە. ــ دېدى يۈسۈپ گۆھەرگە ئۈمۈدسىز قاراپ.

ــ ھەي بۇگۈن سىزگە زادى نېمە بولدى يۈسۈپ؟ ئەتىگەندىلا قېرى خوتۇندەك ئاغزىڭىز ئېچىلىپ كوتۇلداپلا كەتتىڭىزغۇ؟ ۋاي بىر يەرگە بارغۇڭىز كەلسە، مېنى سايىدەك ئەگەشتۈرۋالماي، شاتگۈلنى ئېلىپ ئۆزىڭىزلا بېرىپ ئايلىنامسىز، چۆرگىلەمسىز، بىر يەرلىرىڭىزنى شامالغا سالامسىز، نىمە قىلغۇڭىز كەلسە شۇنى قىلمامسىز، ئەتىگەندە مېنى تولا ئېلەشتۈرمەي، مېنى خاتىرجەم ئولتۇرۇپ بىرنىمە يازغىلى قويسىڭىزچۇ، ئەركىشى تۇرۇپ بۇنداق كوتۇلداپ كەتسىڭىز ھەجەپ ياراشمايدىكىنا سىزگە!. ــ دوق قىلدى گۆھەر قولىدىكى تارغاقنى گىرىم ئىشكابىنىڭ ئۈسىتگە زەردە بىلەن تاشلاپ. ئۇنىڭ كەيپىياتى بەكلا ناچاردەك قىلاتتى. يۈسۈپنىڭ قاپىقى تۈرۈلدى. ئۇ ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ گۆھەرنىڭ ئالدىغا دېۋەيلەپ كەلدى: 

ــ ھەي كىتاپ خالتىسى، يازغۇچى ساراڭ، ئەتتىگەندە ئىشت پوق يىمەستە، دورىنى خاتا يەۋالمىغانسىز؟ مەن يامان گەپ قىلدىممۇ سىزگە؟ ماۋۇ ئېلىشىپ قالاي دىگەن ساراڭ كاللىڭىزنى ئارام ئالدۇرۇپ كېلەي، ئەتە- ئۈگۈن ئېلىشىپ قېلىپ ئىشتاننى بېشىغا كىيىپ كوچىغا چىقىپ كەتمىسۇن دەپ، ئىچ ئاغرىتقىنىمنىڭ نەرى يامان ھە؟ سىز كۈندە مۇشۇنداق تاڭ ئاتاردىن كۈن پاتارغىچە دوك مومايدەك تۈگۈلۈپ ئولتۇرۇپ، ئايىغى چىقماس بىرنىمىلەرنى يېزىپ، يا مەن بىلەن، يا بالىڭىز بىلەن كارىڭىز بولمىسا، سىزگە ئەشۇ قۇرۇق ئابرۇي، نام- شۆھرەت بولسىلا بولامدۇ؟ نېمانداق تۈگىمەيدىغان يېزىش بۇ؟ مۇشۇ كۈنلەردە مەن بويتاق ئەرگە ئوخشاپ قېلىۋاتىمەن، بويتاققا! بىلەمسىز شۇنى. ئەلۋەتتە كېرەك ئەر- خوتۇن بولغاندىكىن، باشقا كۈنىغۇ مەيلى، مۇشۇنداق ئاران بىر دەم ئېلىش كۈنى كەلگەندە بالىنى ئېلىپ بىرگە ئايلىنىپ كەلسەك، بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولۇپ، بالىغىمۇ ئاتا- ئانا مېھرىنى ھېس قىلدۇرساق بۇنىڭ نەرى يامان؟ بەك يازغىڭىز كېلىپ كەتسە، بارىدىغان يەرگە بېرىپ، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن كېچىچە يازسىڭىزمۇ بولىدىغۇ؟ ئىت پوقىدىن بەسىنگەندەك بەسىنىپ كىتىۋاتىمەن بۇ ئۆيدىن. ــ دېدى يۈسۈپ كۆزلىرىدىن غەزەپ ئۇچقۇنى چاچراتقان ھالدا. ئۇنىڭ ئەلپازىدىن دەھشەت ئاچچىقى كېلىۋاتقاندەك قىلاتتى. گۆھەر يۈسۈپنىڭ كۆزىگە قاراشقا جۈرئەت قىلالماي، قوللىرىنى بىر- بىرىگە ئىشقىلىغىنىچە تۇرۇپلا قالدى. بىر نەرسىلەرنى دىگۈسى كەلدىيۇ، لېكىن ئەتىگەندىلا ئورۇنسىز كۆڭۈلسىزلىك تۇغۇلۇشتىن ئەنسىرەپ، چىرايىغا سۇس كۈلكە يۈگۈرتۈپ تۇرۇپ:

ــ چېچىلماڭا يۈسۈپ، شۇ قولۇمدىكى ئىش تۈگىمىگەنچە، ۋاقتىمنى يىتىشتۈرۈپ بولالماي جىلى بولۇپ كىتىپ، سىزنى چېچىلدۇرۇپ قويدۇم، خاپا بولماڭ ھە، ماڭا مۇشۇ بىر ھەپتە ۋاقىت بېرىڭ، تېشلىق بولسا ئالدىمىزدىكى شەنبە كۈنى نەگە دېسىڭىز شۇ يەرگە باراي، ھازىرچە مېنى ئۆز رايىمغا قويۇپ، قولۇمدىكى ئەسىرىمنى تۈگىتىۋالغىچە ئازىراق ۋاقىت بەرسىڭىز، ماقۇلمۇ؟ ماقۇل دەڭا تاتلىق.

ــ كۆرىمىز ۋاقتى كەلگەندە، سىز قاچان بىر گېپىڭىزدە تۇرۇپ باققان، مۇشۇنداق كېلەر ھەپتىدىن قانچىسى ئۆتۈپ كەتتى بىلەمسىز؟ سۈت چىقماس قۇرۇق ئەمزۈكنى ئىمىۋېرىپ، ئېڭىكىمنىڭمۇ كۈچى قالمىغىلى تۇردى مۇشۇ كۈندە. ــ دېدى يۈسۈپ زەردە بىلەن: ــ مۇشۇنداق كەچكىچە مىچىلداپ ئولتۇرۇپ يېزىشتىن بەسىنمەمسىز؟ مەنغۇ ھۆ بولۇپ كىتىۋاتىمەن قىلىقلىرىڭىزدىن.

ــ بەسىنىش؟ نېمىشقا بەسىنىدىكەنمەن؟ مەن مۇشۇنداق ئولتۇرۇپ يېزىشقا رازىمەنكى، مەڭگۈ بەسىنىپ قالمايمەن، بىلسىڭىز يۈسۈپ، يېزىقچىلىق دىگەن بىر قىزىقىش، ئىقتىدار، قابىلىيەت، كىشىلەرگە مەنىۋى ئوزۇق ئاتا قىلىدىغان پۈتمەس بۇلاق، سىز نەچچە يىلنىڭ بېرى ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ بەسىنمىگەنگە، ئۆز كەسپىڭىزنى ياخشى كۆرگەنگە ئوخشاش، مەنمۇ يېزىقچىلىقتىن بەسىنمەيمەن، يېزىقچىلىقنى ياخشى كۆرىمەن. ھەر قېتىم كۆڭلۈم يېرىم بولغاندا، ئوقۇرمەنلەردىن كەلگەن خەتنى ئوقۇغىنىمدا، ئەسەرلىرىمگە قارىتا بەرگەن تەكلىپ- پىكىرلەرنى كۆرگىنىمدە، جىسمىمدىكى غەم- قايغۇ نەلەرگىدۇر تاراپ، ئۆزەمنى چەكسىز كۈچ قۇۋەتكە تولغاندەك ھېس قىلىمەن، بۇنى سىز چۈشىنەسىز يۈسۈپ؟ ياق، سىز مەڭگۈ چۈشەنمەيسىز ھەم چۈشىنىشنىمۇ خالىمايسىز! بىلسىڭىز يۈسۈپ يېزىقچىلىق مېنىڭ قان- قېنىمغا، ھەر بىر ھۈجەيرىلىرىمگىچە سىڭىپ كەتكەن ئوخشايدۇ! مەنمۇ قاچان ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ، ئايشەم ئىسمائىل، ماھىنۇر ئابدىلىمغا ئوخشاش بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر ئايال يازغۇچىلاردەك يىتىشىپ چىققانغا قەدەر يازىمەن، توختىماستىن يازىمەن، سىز مېنى بۇ يولدىن ھەرگىز توسۇپ قالالمايسىز! شۇڭا، سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي جېنىم، ماڭا يول قويۇڭ، يېقىن كەلگۈسىدىكى بىر نۇرلۇق يۇلتۇزنى كۆكتە چاقناش ئىمكانىيتىدىن مەھرۇم قىلماڭ!

ــ بولدى، بولدى، بولدى-بەس!!! نۇرلۇق يۇلتۇز دەپ قويۇڭ، شۇ يۇلتۇزىڭىز كۆككە چىقىپ چاقناپ بولغىچە، ئاقار يۇلتۇزدەك كۆك قەرىدىن شۇرررررر قىلىپ ئېقىپ چۈشۈپ كەتمىسىلا، مەن شۇنىڭغا شۈكرى دەيمەن! سىز بىلەن گەپ تالاشقىچە لالما ئىتتىن سۆڭەك تالاشقان مىڭ ئەۋزەل! ــ يۈسۈپ قولىنى قاتتىق سىلكىپ قويۇپ ئىشىكنى جاققىدە ياپقىنىچە سىرتقا چىقىپ كەتتى



  بۇ ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى 

ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ،  رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ  كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە  ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت . 




 بۇ روماننىڭ  ئاۋازلىقىنى تولۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ


………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .


ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k