
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر !تۆۋەندە ( ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ) ناملىق پوۋېست ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !
بۇ ئەسەرنىڭ8-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
||
ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ
ئاپتۇرى: ئەخمەت نىياز (تىلماچ ئەپەندى)
(7)
كۈنلەر بىر- بىرىنى قوغلىشىپ ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۆتمەكتە ئىدى. يېقىندىن بۇيان، يۈسۈپ كۈندۈزى مەكتەپنىڭ ئىشلىرى بىلەن، كەچتە ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس تەكرار قىلىپ بېرىش بىلەن ئالدىراش ئۆتسە، گۆھەرمۇ كۈندۈزى دەرس ئۆتۈش، كەچتە ئىشتىن چۈشكەندە يېڭىدىن تەقسىم قىلىنغان سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ئائىلە زىيارىتى قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۇلار بەزى كۈنلىرى ئۆيگە قايتىپ كېلىپ تاماق يىيىشكىمۇ ۋاقىت چىقىرالماي، ئۆزلىرىنىڭ مەكتەپ ئاشخانىسىدا ياكى سىرتلاردا تاماق يەپ، يەنە خىزمىتىگە كىرىشىپ كىتىۋاتقان بولغاچقا، بىرگە ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىدىغان، چوڭلارنى يوقلىغاچ قىزىنى كۆرۈپ كېلىدىغانغىمۇ ۋاقىت چىقىرالمايۋاتاتتى. گۆھەر ئاساسەن پۈتۈپ قالغان ئەسىرىنى ئاخىرقى قېتىم كۆرۈپ چىقىپ، نەشىرگە ئېۋەتىپ بېرەلمىگەنلىكى ياكى يېڭىدىن بىرەر ئەسەر يېزىشقا ئىمكانىيەت بولمايۋاتقانلىقىدىن ئىچى سىقىلىپ، تىت- تىت بولۇپ كىتىېۋاتاتتى.
بىر شەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇنقى ۋاقىت ئىدى. گۆھەر نەچچە ھەپتىدىن بۇيان ئالدىراشچىلىقتا سۇغۇرۇشقىمۇ چولىسى تەگمىگەن ھويلىسىدىكى گۈللەرنى سۇغۇرغاچ، تېخى قايسى كۈنىلا خىزمەتدىشى مەلىكەنىڭ ئىشخانىسىدىكى كومپىيوتېردىن ئۆزىنىڭ يانفۇنىغا چۈشۈرۋالغان تالانتىلىق ياش يازغۇچى، مۇھابەت تېمىسىدىكى ئەسەرلەرنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ يېزىش بىلەن كەڭ يىگىت- قىزلارنىڭ قەلبىدە مۇھاببەت يالقۇنى يېلىنجىتىپ، ئۆزلىرىنى ماھىنۇر ئابدىلىم ئەسەرلىرىدىكى قايسى بىر پىرسۇناژلاردەك ھېس قىلىشىپ، ھاياجاندا ئۇيقىدىن بىدار قىلىدىغان قەلمى ئۆتكۈر ماھىنۇر ئابدىلىمنىڭ يېقىندا ئاۋازلىق قىلىپ ئىشلەنگەن «تۇمان تارىغان سەھەر» ناملىق ئەسىرىنى قۇلىقىغا تاۋۇشنىك تاقىۋېلىپ ئاڭلاۋاتاتتى. ئۇ ئەسەر ئىچىگە كىرىپلا كەتكەن بولۇپ، ئەسەردىكى باش قەھرىمان ئەنسەر بىلەن ئابىدەنىڭ ئەگرى- توقايلىق مۇھاببەت سەرگۈزەشتىسى، بولۇپمۇ ئابىدەنىڭ قوشدۆڭ سوتىغا بارغاندىن كېيىنمۇ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئۆز كەسپى خىزمىتى ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلاشتەك قەيسەر ئىرادىسىگە ئاپىرىن ئېيتىپ، ئابىدە بىلەن غايىۋانە ئۈنسىز مۇڭدىشىۋاتاتتى. مۆرىسىگە يىنىك تەككەن قولدىن ئەندىككەن گۆھەر قېشىدىلا ئۆزىگە مۇڭلىنىپ قاراپ تۇرغان زىبانۇرنى كۆرۈپ ھەم خۇشال بولدى، ھەم ھايران بولدى. زىبانۇرنىڭ كۆزلىرىدىن ھەسرەت، مۇڭ، تارتىنىش قاتارلىقلار ئەبجەش بولۇپ ئارلىشىپ كەتكەن، دەرمەھەل ئېنىق ئايرىپ بولغىلى بولمايدىغان بىر خىل مۈجىمەل ئىپادە چىقىپ تۇراتتى. گۆھەر قۇلىقىدىكى تاۋۇشنىكنى ئېلىۋېتىپ، قولىدىكى نەرسىنى گۈللۈكنىڭ يېنىغىلا تاشلاپ قويۇپ، زىبانۇرنى خۇش تەبەسسۇم بىلەن ئۆيگە باشلىدى. زىبانۇرنىڭ بۇرۇنقى ئوماق ھەم نۇرلۇق چېھرى بىرئاز قارىداپ قالغان، ئۇنىڭ بۇرۇنقى تاتلىق كۈلۈپ تۇرىدىغان كۆزلىرى ئەمدىلىكتە خۇنىنى بىرئاز يوقاتقان بولۇپ، قارىماققا سەمىرىپ قالغاندەكمۇ كۆرۈنەتتى. ئۇلار مېھمانخانا ئۆيگە كىرىپ كىرىسلوغا جايلاشقاندىن كېيىن، باشقىدىن ھال- ئەھۋال سوراشتى.
گۆھەر شىرە ئۈستىدىكى قۇرۇق چەينەكنى ئېلىپ ئاشخانا ئۆيگە چاي دەملەش ئۈچۈن مېڭىۋېدى، زىبانۇر ئۇنىڭ قولىدىن يىنىك تارتىپ تۇرۇپ: ــ بولدى ئاۋارە بولماڭ ئاچا، سىزگە ھاجىتىم چۈشۈپ كەلگەن ئىدىم، نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان ئانام ئاغرىپ قېلىپ كېلەلمىدىم، ئۆيدە ئانامغا قارىغاچ ئاددىي بىر ھېكايە يازغان ئىدىم، شۇنى تۈزىتىپ بېرەرمۇ؟ ئەگەر ياراپ قالسا نەشىرياتقا يوللاپ بەرسىكەن دېگەن ئۈمۈدتە كەلگەن ئىدىم. ــ دېدى زىبانۇر سومكىسىدىن بىر پارچە دەپتەرنى چىقىرىپ.
ــ ھوي، بۇ ياخشى ئىشقۇ سىڭلىم، مۇبارەك بولسۇن، ئەلۋەتتە ياردەم قىلىمەن، تىرىشچان روھىڭىزغا ئاپىرىن. ــ دېدى گۆھەر زىبانۇر سۇنغان دەپتەرنى ئالغاچ. گۆھەر ئىختىيارسىزلا زىبانۇرغا قارىدى، ئۇ ھازىر خېلىلا رەتلىك كىيىنگەن بولۇپ، تۇنجى قېتىم كۆرگەن چاغدىكى ئۇزۇن- قىسقا ۋايدادەي كىيىملىرنىڭ ئورنىغا ئۆزىگە يارىشىملىق ئازادە ئىشتان، سۇس ھاۋارەڭ پوپايكا كىيۋالغان، ھېلىقى يوتىسىغا ساڭگىلاپ تۇرغان سومكىسىنىڭ ئورنىدا، ماركىلىق قىزىل قول سومكىسى بار بولۇپ، چىرايىدىكى ئازىراق سۇلغۇنلۇقنى ھېسابقا ئالمىغاندا يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئوماق ھەم ئۇز كۆرۈنەتتى. ئۇلار خېلى ئۇزۇن پاراڭلاشقاندىن كېيىن، زىبانۇر ئانىسىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بىر پىيالە چايمۇ ئىچمەي خوشلىشىپ چىقىپ كەتتى. گۆھەر زىبانۇر قالدۇرۇپ كەتكەن ئورگىنالنى نەچچە كۈن باش قاتتۇرۇپ يۈرۈپ، ھەرىپ خاتالىقى، ئىملا تۈزىتىش، باش قۇر، پەش- چىكىتلەرنى ئوڭشاش بىلەن خېلى ئاۋارە بولۇپمۇ، ھېچبىر ئەسەر ھالىتىگە كەلتۈرۈپ بولالماي جىلى بولدى، بىر چەتكە تاشلاپ قويۇشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ئەمما قىزچاقنىڭ قىزغىنلىقىغا سۇغۇق سۇ سېپىشنى خالىماي، ئامالسىز باشتىن- ئاخىر ئەسلى مەزمۇنىغا سادىق بولغان ئاساستا باشقىدىن رەتلەپ يېزىپ چىقتى. ئەسەر پۈتكەندىن كېيىن زىبانۇرنى ساقلىدى، بىراق زىبانۇر شۇ كەتكىنىچە، مانا بىرەر ئايدەك ئۆتكەن بولسىمۇ، خۇددى سۇغا چۈشكەن تاشتەك يەنە يوقاپلا كەتتى.
بۈگۈن ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بېشى ئاغرىغاندەك قىلىپ، بىئارام بولىۋاتقان گۆھەر ئەسەر يېزىشقا قولى بارمىغان ھالدا مېھمانخانا ئۆيدە كىرىسلوغا چۆكۈپ ئولتۇردى، ئۇزۇن ئۆتمەي يۈسۈپمۇ ھارغىن قايتىپ كېلىپ، قولىدىكى خىزمەت سومكىسىنى گۆھەرنىڭ يان تەرپىدىكى بىر كىشلىك كىرسىلوغا تاشاپ قويۇپ، تازىلىق ئۈيىگە كىرىپ كەتتى. يولدىشنىڭ ھارغىن تۇرقىغا قاراپ ئىچى ئاغرىغان گۆھەر ئاستا ئورندىن تۇرۇپ، ئاشخانا ئۆيگە كىردى ۋە توڭلاتقۇدىكى تەييار تۈگۈكلۈك چۆرۈرىنى ئېلىپ، بىر چىنىدىن ئاچچىق- چۈچۈك قىلىپ چۆرۈرە ئەتتى. تاماق پىشتى، ئۇلار ئىككىسى بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىشماستىن جىمجىت ئولتۇرپ تامىقىنى يىيىشتى. جىمجىتلىقتىن ئىچى سىقىلغان گۆھەر يولدىشىغا قاراپ:
ــ يۈسۈپ، قارىسام بەك ھارغىن كۆرۈنىسىز، چىرايىڭىزمۇ ياخشى ئەمەس، مېنىڭچە كەچلىك دەرس تەييارلاشقا بارمىسىڭىز قانداق؟ سالامەتلىكىڭىزدىن ئەنسىرەپ قېلىۋاتىمەن. ــ دېدى كۈيۈنگەن ھالدا.
ــ ئاز قالدى، كۆپ بولسا بىر ئاينىڭ ئالدى- كەينىدە ھەممە ئىش تۈگەيدۇ، شۇ چاغدا ھەممىمىز ئوبدانلا ئارام ئېلىپ قالىمىز. ــ دېدى يۈسۈپ قولىدىكى بوش چىنىنى شىرە ئۈستىگە قويغاچ.
گۆھەر ئۇنىڭ گېپىنىڭ تىگىدە گەپ بارلىقىنى ئەسلا ھېس قىلماي، پەقەت تەكرار قىلىشنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان ئوخشايدۇ، دەپلا چۈشەنگەن ئىدى. ــ شۇنداق بولسىغۇ بەك ياخشى بولاتتى، مەنمۇ ئارام تېپىپ قېلىشنى ئويلاپ يۈرگىلى خېلى بولغان. ــ دىدى ھېچبىر مەقسەتسىزلا، ھەم شىرەدىكى چىنىلەرنى يىغىشتۇرۇپ ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى. ئۇ قاچا- قۇچىلارنى بېسىقتۇرۋېتىپ چىققاندا، يۈسۈپ مېھمانخانا ئۆيدىلا ئولتۇرۇپ بۈگۈنكى چارەكلىك ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈپ ئولتۇراتتى. بېشىنىڭ ئاغرىقىدا ھېچ ئىش خۇشياقمىغان گۆھەر باش كۆتۈرمەستىن ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۋاتقان يۈسۈپكە قاراپ دېدى:
ــ زىبانۇر بىر ئاينىڭ ئالدىدا بىر پارچە ھېكايىسىنى تۈزىتىپ بېرىشكە ئېلىپ كېپتىكەن، مىڭ بىر قىيىندا ئوڭشاپ قويسام ئالغىلىمۇ كەلمىدى، بايا خوشنىمىز مەۋلان ئاكىدىن ئاڭلىسام، ئۇنىڭ قايسى كۈنى كەچتە ئىتتىپاق باغچىسىدا بىر يىگىت بىلەن ياندىشىپ ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپتۇ، لىكىن يىگىت ئارقىسىنى قىلىپ تۇرغان بولغاچقا، كىم ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرەلمەپتۇ. قارىغاندا زىبانۇر بىرەرسى بىلەن ئارلىشىۋاتقان بولسا، مۇھاببەت دېڭىزىغا غەرىق بولۇپ، بىزنىڭكىگە كېلىدىغانغا ۋاقىت چىقىرالمايۋاتامدىكىن.
يۈسۈپ چۆچىگەندەك قىلىپ بېشىنى كۆتۈردى ۋە گۆھەرگە قاراپ قويدى: ــ بويىغا يىتىپ قالغان قىزنىڭ مۇھابەتلىشىپ سىرتلاردا ئايلىنىپ يۈرىشى نورمال ئىشقۇ، ھەممە ئادەم سىزدەك ئۆيگە سولىنىۋېلىپ، ئەرزىمەس بىر نىمىلەرنى يازىمەن دەپ ھەممە نەرسىلەرگە سەل قاراپ يۈرسە بولمايدۇ-دە!
ــ بۇ نىمە دېگىنىڭىز؟ ئەمدى يازغانلىرىم ئەرزىمەس بىر نىمە بولۇپ قېلىۋاتامدۇ؟ مەن قاچان ئۆيگە سولىنىۋېلىپ سىز بىلەن كارىم بولماي باقتى؟ پەقەت شۇ شاتگۈلنى ۋاقتى- ۋاقتىدا ئۆيگە ئەكىلىپ ھالىدىن خەۋەر ئالالمىغانلا يېرىم بارغۇ؟ مېنىڭمىچۇ قاراڭ يۈسۈپ، مۇشۇ ئۆينى دېمىسەم، سىزنى دېمىسەم، باشقا ئاياللارغا ئوخشاش كۈندە چاي ئوينايەن، يىغىلىشقا بارىمەن، ئۇنى قىلىمەن، بۇنى قىلىمەن دەپ غىتىلداپ تالادىن كىرمەي يۈرگۈم كېلىدۇ، بىراق بۇنداق قىلىش مېنىڭ تەبىئىتىمگە قەتئىي ماس كەلمەيدۇ. مۇشۇ كۈنلەردە سىز نىمە بولىۋاتىسىز؟ يا ئادەمگە ئوچۇق چىراي ئاچمايسىز، گەپ قىلساملا زەھەردەك تىگىش قىلىسىز، سىزنى بارغانچە تونىيالمايلا قېلىۋاتىمەن يۈسۈپ. ــ دېدى گۆھەر خۇرسىنغان ھالدا ئۇھ تارتىپ.
ــ مېنىڭ نىمىشقا شۇنداق بولۇپ قېلىۋاتقىنىمنى ئۆزىڭىزدىن سوراڭ، تولا كوتۇلدىماي ئۆزىڭىزنىڭ ئىشنى قىلىڭچۇ ئادەمنىڭ دىققىتىنى چاچماي، مەن ماۋۇ قەغەزلەرنى تىنىچ ئولتۇرۇپ تەكشۈرۋالاي!
گەپ تۈگىدى، ئوتتۇرىنى سۈكۈت قاپلىدى. ئارتۇق گەپنىڭ ئىشەككە يۈك ئىكەنلىكىنى بايقىغان گۆھەر بىرەر كۆڭۈلسىزلىك بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئاستا ئورندىىن تۇرۇپ ھوجرا ئۈيىگە كىردى ۋە ئۆزىنى كارۋاتقا تاشلىغىنىچە خىيالغا پاتتى. ــ يۈسۈپكە زادى نىمە بولغاندۇ؟ مەن زادى نىمىنى خاتا قىلغاندىمەن؟ ئەجەبا مېنىڭ كەسپىي ئالاھىدىلىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى چوڭ- چوڭ مەتبۇئاتلاردا ھەر خىل ژانىردىكى ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئېچىرقىغان مەنىۋىيىتىنى بىيىتىش، مەنىۋى ئوزۇق بېرىش ئۈچۈن ھارماي- تالماي ئىزدىنىشىم، ئەسەر يېزىشىم خاتامۇ؟ مەن راستىنلا ئۆي بىلەن، ئېرىم بىلەن كارىم يوق شەخسىيەتچى ئايال بولۇپ قالغاندىمەنمۇ؟ ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. يۈسۈپ مېنى خاتا چۈشىنىپ قېلىۋاتىدۇ، خەپ- خەپ، قولۇمدىكى مۇشۇ رومانىم پۈتۈپلا كەتسە، بىر مەزگىل ھېچنىمە يازماي، قىزىمنى ئۆيگە ياندۇرۇپ كېلىپ، ئۇلارغا ئىللىق ئائىلىنىڭ مېھرى- بۇھەببىتىنى ھېس قىلدۇراي، ئەسەر يېزىش بىلەن بولۇپ كىتىپ كەم قالدۇرغان جايلارنى تولدۇراي. ــ گۆھەر ئۇزۇندىن- ئۇزۇن خىيال سۈرۈپ يېتىپ، ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھالدا بالدۇرلا ئۇيقىغا كەتتى.
بۇ ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى
ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ، رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت .
بۇ روماننىڭ ئاۋازلىقىنى تولۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
…………………













