大数跨境

ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ (پوۋېسىت ) 6 ـ قىسىم

ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ (پوۋېسىت ) 6 ـ قىسىم aybarawazi
2023-01-22
0
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر !تۆۋەندە ( ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ) ناملىق  پوۋېست ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ7-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5













ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ


ئاپتۇرى: ئەخمەت نىياز (تىلماچ ئەپەندى)

(6)




ــ كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ سىڭلىم، ئوقۇيمەنلا دېسىڭىز پۇرسەت دېگەن تېپىلىدۇ، دۆلىتىمىز ھازىر يېزا ئىگىلىك رادىئۇ- تېلېۋىزيە مەكتىپى، چوڭلار مائارىپى، ئۆزلىگىدىن ماتېرىيال ئارقىلىق ئوقۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق سىزدەك ئوقۇشسىز قالغان، داۋاملىق ئوقۇش قىزغىنلىقى بار كىشىلەر ئۈچۈن كەڭ شارائىت ۋە پۇرسەت يارىتىپ بەردى. سىز يۇقۇرقى مەكتەپلەردە ئوقۇش ئارقىلىق ئارزۇيىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر ئوقۇش قىزغىنلىقىڭىز بولسا بىز سىزگە ياردەم قىلىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن سىزدە قەتئىي ئىرادە بولىشى كېرەك. ــ دېدى گۆھەر قىزغا ئىچ ئاغرىتقاندەك قىلىپ.

ــ راستما؟ ئۇنداق بولسىغۇ بەك ياخشى بولاتتى، مېنىڭمۇ شۇنداق ئوقۇغۇم، سىزدەك يازغۇچى بولغۇم بار، بىراق شۇ دۆلەت تىلىدا ئاساسىم يوق، ئۆزلىگىمدىن ئوقۇسام، دۆلەت تىلىدا قىيلىنىپ قالارمەنمىكىن دەيمەن شۇ. ــ دېدى قىز تولىمۇ بوش ئاۋازدا بېشىنى يەردىن كۆتۈرمەي تۇرۇپ.

ــ بۇ ئاسانغۇ، ــ دېدى يۈسۈپ خۇددى مۇشۇ گەپنى ساقلاۋاتقاندەك بىردىنلا روھلىنىپ، ــ ئاچىڭىزدىن ئەدەبىيات ۋە يېزىقچىلىققا دائىر بىلىملەرنى ئۆگەنسىڭىز، مەندىن دۆلەت تىلى ئۆگەنسىڭىز، ھەر ئىككى ئارزۇيىڭىز بىراقلا ئەمەلگە ئېشىپ قالغۇدەك، پەقەت سىزدە ئالغا ئىنتىلىش روھى بولسىلا.

ــ شۇنداق بولسىغۇ بەك ياخشى بولاتتى، مەنمۇ مۇشۇنداق بىر كۈنلەرنىڭ كېلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈپ، تىجارەتتىن كىرگەن پۇللىرىمنى مەخسۇس ئوقۇش ئۈچۈن ئامانەت قويۇپ كېلىۋاتقان ئىدىم، ناۋادا ئىككىڭلار ياردەم قىلىدىغان ئىش بولسا، ھەق تۆلىسەمۇ بولىدۇ ئاكا. قارىغاندا مەن بۈگۈن بىكارغا كەلمەپتىمەن. ــ دېدى قىز بېشىنى كۆتۈرۈپ گۆھەرگە قاراپ. ئۇنىڭ كۆزلىرى خۇشاللىقتىن چاقناپ كەتكەن ئىدى. ئۇلار تاغدىن- باغدىن پاراڭلىشىپ خېلى ئۇزۇن ئولتۇردى. سائەت 12 بولاي دېگەندە زىبانۇر گۆھەرنىڭ تاماق يەپ قايتىش ھەققىدىكى تەكلىپىنى چىرايلىق رەت قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق پات- پات كېلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، خوشلىشىپ چىقىپ كەتتى.

شۇنىڭدىن كېيىن زىبانۇر ئۈچ كۈندە بىر كېلىپ، گۆھەردىن ئەسەر يېزىشقا دائىر نۇرغۇن نەرسىلەرنى سورايتى، ئىلگىرى يېزىپ ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىنى، يېزىپ تەييار قىلىپ قويغان ئورگىناللارنى، ھەمدە  خام ماتېرىيال قىلىش ئۈچۈن تەييارلاپ قويغان قوليازمىلارنى بىر بىرلەپ كۆرەتتى، يېنىدا ئېلىپ يۈرىدىغان كىچىك خاتىرسىگە كىرتىلدىتىپ بىرنىمىلەرنى يازاتتى. بەزىدە تېخى گۆھەر يېزىقچىلىق قىلىۋاتقان ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭغا تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا، گۆھەر يېزىقچىلىق قىلىۋاتقان ھوجرىدىن باشقا ئۆيلەرنى، ئاشخانا، تازىلىق ئۈيى قاتارلىقلارنى پاك- پاكىزە تازىلاپ چىققاندىن كېيىن، ھويلىدىكى چاقچۇق ياتقۇزۇلغان يوللارنى پول سۈرتكۈچ بىلەن ئېرىنمەي تازىلاپ چىقاتتى؛ گۈللەرگە سۇ سېپەتتى، بۇنى ئاز دەپ چۈشلۈك ياكى كەچلىك تاماققا تۇتۇش قىلاتتى. زىبانۇرنىڭ پۇت- قولى ھەقىقەتەن بەك چاققان بولۇپ، بىر مۇنچە ئىشلارنى بىردەمدىلا قىلىپ تۈگىتىپ بولاتتى. گۆھەر ھەر قېتىم ئۇنىڭ پېشانىسىدە ئاق مەرۋايىتتەك پاقىراپ ئېسىلىپ تۇرغان كىچىك- كىچىك تەر تامچىلىرىنى نازۇك بارماقلىرى بىلەن سۈرتۈپ قويۇپ، يەنە داۋاملىق ئىشقا كىرىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگىنىدە، بۇ قىزغا بولغان ئامراقلىقى بارغانسىرى ھەسسىلەپ ئېشىشقا باشلىدى. گۆھەر زىبانۇرنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى شاتگۈلنى چوڭ ئۆيدىن ئۆزىنىڭ ئۆيىگە قايتۇرۇپ كېلىدىغان بولدى. شاتگۈل ئۈچ ياشتىن ئاشقان بولۇپ، ھەممە گەپلەرنى شۇنداق راۋان دېيەلەيتتى. چۈچۈك تىلىدا ناخشا ئېيتسا، ئۆيدىكى ھەممىسى ئامراقلىقى كېلىپ، مەڭزىنى بېسىپ سۆيۈپ شالتاق قىلىۋېتەتتى. زىبانۇر شاتگۈل بىلەن بەكلا چىقىشىپ كەتكەن بولۇپ ، ھەر قېتىم ئۆيگە كەلگەندە شاتگۈل بىلەن خۇددى كىچىك بالىلاردەكلا بىرگە ئوينايتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي شاتگۈلمۇ زىبانۇرغا بەكلا ئىچەكەپ كەتتى. زىبانۇر كەچتە ئۆيگە كېتىدىغان چاغدا تېخى ئەگىشىپ يىغلايتتى. يۈسۈپ بىلەن گۆھەر شۇنچە بەزلىسىمۇ، ئۇلار بىلەن ئەسلا كارى يوق ــ ئاچام، ئاچام كەتتى، ئاچام كەتمىسۇن، مەن بىلەن ئوينىسۇن. ــ دەپ قەغىشلىك قىلىپ تۇرۋالاتتى. بارا- بارا زىبانۇر مۇشۇ ئۆينىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلىنىپ قالدى. كۈندۈزى گۆھەردىن ئەسەر يېزىش ھەققىدە تەلىم ئالسا، كەچ ۋاقىتلىرى يۈسۈپتىن دۆلەت تىلى ئۆگىنەتتى. ئۇنىڭ زېھنى تولىمۇ ئوچۇق، تۇتىۋېلىش قابىلىيىتى يۇقۇرى بولۇپ، تەلەپپۇزىمۇ ئىنتايىن توغرا چىقاتتى، يۈسۈپ ياكى گۆھەر ئورۇنلاشتۇرغان ھەر قانداق تاپشۇرۇقنى ۋاقتىدا سۈپەتلىك ئىشلەپ كېلەتتى. مانا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە، زىبانۇر بۇ ئۆيگە كېلىپ كىتىۋاتقىنىغا ئۈچ- تۆت ئاي بولۇپ قالدى. يۈسۈپ بىلەن گۆھەرمۇ ئۇنى ئۆز سىڭلىسىدەك كۆرىدىغان، بازارغا ئېلىپ چىقىپ كىيىم- كىچەك قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىدىغان بولدى. بىر كۈنى ئەتىگەندە گۆھەر ناشتىلىق تەييارلاۋېتىپ، مېھمانخانا ئۆيدىكى چاي شىرەسىنىڭ ئاستىغا چۈشۈپ قالغان بىر پارچە كىملىكنى كۆرۈپ ھەيرانلا قالدى. بۇ زىبانۇرنىڭ كىملىكى بولۇپ، ئەسلىدە بۇ قىز ئون يەتتە - ئون سەككىز ياشلاردا بولماستىن بەلكى يىگىرمە ئۈچ ياشقا كىرگەن ئىدى.  ئۇنىڭ چىرايى ئەسلى يېشىدىن ساق ئالتە ياش كىچىك كۆرۈنەتتى. گۆھەر شۇندىلا بۇ قىزدىن ئەسلى يېشىنى سوراپ باقمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، كىملىكنى چاي شىرەسىنىڭ ئۈستىگىلا تاشلاپ قويۇپ، ناشتىلىق تەييارلاشقا كىرىشىپ كەتتى. ناشتىدىن كېيىن شىرە ئۈستىنى يىغىشتۇرىۋاتقان گۆھەر كىملىكنىڭ ئۆزى قويغان جايدا يوقلىقىنى كۆرۈپ تېخىمۇ ھەيران قالدى، ئۇ ھەممە جاينى ئىزدىگەن بولسىمۇ، كىملىك قانات چىقىرىپ ئۇچۇپ كەتكەندەك كۆرۈنمىدى. ئۇ كىملىكنى بەلىكم يۈسۈپ بىر يەرگە ئېلىپ قويغان بولىشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ، ئەمدى ئىشقا مېڭىش ئۈچۈن ھوجرا ئۆيدىن چىقىپ كىلىۋاتقان يۈسۈپدىن سورىدى: 

ــ يۈسۈپ، مەن ھېلىلا چاي شىرەسىنىڭ ئاستىدىن زىبانۇرنىڭ كىملىكىنى تېپېۋېلىپ، شىرە ئۈستىگە قويۇپ قويغان ئىدىم، بىردەمدىلا يوق تۇرىدۇ، سىز بىر يەرگە ئېلىپ قويمىغانسىز ھە؟

ــ قىززىق گەپ قىلىدىكەنسىز، مەن ئۇ قىز بالىنىڭ كىملىكىنى نىمە قىلاي، ئۆزىڭىز قويغان يەرنى تاپالمايۋاتامسىز ياكى چۈشىڭىزدە كۆردىڭىزمۇ؟ــ يۈسۈپ ھېچ ئىش بولمىغاندەك پەرۋاسىزلا چىقىپ كەتتى. گۆھەر بۇ تۇيۇقسىزلىقتىن گاڭگىراپلا قالغان ئىدى. ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ھەرقانچە تۆۋەنلەپ كەتسىمۇ، ئۆزى تېخى بايىلا قولىغا ئالغان نەرسىنى قويغان يېرىنى تاپالمىغۇدەك دەرىجىدە ناچارلىشىپ كەتمىگەندۇ؟ گۆھەر چاي شىرەسىنىڭ ئەتراپىنى قايتىدىن ئىزدەپ چىقتى. كىملىك يەنىلا كۆرۈنمەيتتى. داۋاملىق ئىزدەي دېسە، خىزمەتكە كېچىكىپ قېلىشتىن ئەنسىرگەن گۆھەر كىملىكنى ئىزدەشتىن توختاپ، ئالدىراش كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشقا كەتتى. ئارىدىن ئىككى ھەپتىدەك ئۈتۈپ كەتتى. زىبانۇر نىمىشقىدۇر بۇ ئۆيگە كەلمەس بولۇپ قالغان ئىدى. گۆھەر ئۇنىڭغا تېلېفۇن قىلىپ سوراپ بېقىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تېلېفۇن نومۇرىنى سوراپ بىلىۋالمىغان بولغاچقا، بۇ ئويىدىن ۋاز كەچتى. بىر كۈنى كەچتە يۈسۈپ گۆھەرگە ئۆزى دەرس بېرىۋاتقان سىنىپتا دۆلەت تىلى ئاساسى ناچارراق بىرقانچە ئوقۇغۇچىنىڭ بارلىقىنى، ئاتا- ئانىلارنىڭ كۈچلۈك تەلىپى، مەكتەپ رەھبەرلىرى ۋە مائارىپ تارماقلىرىنىڭ قوشۇلىشى ئارقىلىق، ھەپتىدە ئۈچ كۈن كەچتە ئۇلارنىڭ ئۈيىگە بېرىپ دەرس تەكرارلاپ بېرىدىغانلىقى، مەكتەپ ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىگەن قاتاردا ھەق بېرىدىغالىقىنى ئېيتتى. گۆھەر بىردەم تۇرىۋالغاندىن كېيىن سورىدى: 

ــ بۇغۇ ياخشى ئىشكەن، بىراق سىز كۈندۈزى دەرس ئۆتۈپ، ئاخشىمى يەنە تەكرار قىلىشقا بېرىپ، بەك چارچاپ كىتەرسىزمۇ؟ بۇلارنىڭ ئۈيىگە ئايرىم- ئايرىم بارامدىكەنسىز ياكى ئۇلارنى بىر ئۆيگە يىغىپ تەكرار قىلىپ بېرەمدىكەنسىز؟ تاماقنىچۇ، ئۇنى قانداق قىلىدىكەنسىز؟

ــ چارچاپمۇ كەتمەسمەن، يېڭىدىن سېلىنىۋاتقان بىنا ئۆيگە تىزىملىتىپ قويايمىكىن دەيمەن، بۇنىڭغىمۇ بىرمۇنچە پۇل كىتەر ھەقىچان، ياش بولغاندىكىن ئازراق جاپا تارتساممۇ، ئاز- تولا ئىشتىن سىرت كىرىم بولۇپ قالسا، ۋاقتى كەلگەندە ئانچە بەك قىيلىنىپمۇ قالماسمىز، بىزدەك ئىش ھەققىىگىلا قاراشلىق ئادەمگە بۇنداق ياخشى ئىش كەچكىچە چىقىپ تۇرمايدۇ دەڭا، شۇڭا ماقۇل دەپ قويدۇم، ئەتە كەچتىن باشلاپ ھەپتىنىڭ تاق كۈنلىرى تەكرار قىلىشنى باشلايمەن، تاماق مەسىلىسى بىر گەپ بولار. ــ دېدى يۈسۈپ كىيىمىنى ئالماشتۇرغاچ.

ــ ھە راست، زىبانۇر يېقىندىن بۇيان كەلمەس بولۇپ قالدىغۇ؟ بىزدىن ئاغرىنىپقۇ قالمىغاندۇ ھە؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاڭلىسام شاتگۈل كەچكىچە شۇ قىزنىڭ جدىلىنى قىلىپ يىغلايدىكەن، تېلېفۇن ئۇرۇپ باقاي دېسەم، مەندە ئۇ قىزنىڭ نومۇرى بولمىغاچقا ئۇرالمىدىم، سىزدە بارمۇيا؟ــ سورىدى گۆھەر يۈسۈپدىن.

ــ مەندە ئۇ قىزنىڭ نومۇرى نىمىش قىلىدۇ، سىز ئايال كىشى تۇرۇپ سورىمىغان يەردە، مەن سوراپ نىمە قىلاي. بويىغا يىتىپ قالغان بىر قىزنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئىشى باردۇ، ياكى چوڭ ئانىسى ئاغرىپ قالغان بولسا، ئانىسىنى باقىمەن دەپ كېلەلمىگەندۇ، ئارتۇقچە ئويلاپ كەتمەڭ، ئەتە- ئۈگۈننىڭ ئىچىدە ياكى شەنبە كۈنلىرى كېلىپ قالار. ــ دېدى يۈسۈپ كارۋات ئۈستىدە سوزۇلۇپ ياتقىنىچە.

گۆھەر ئارتۇق گەپ قىلماي، يېزىق ئۈستىلىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، نەچچە ئايدىن بۇيان يېزىپ ئاران تاماملىغان رومانىنىڭ ئىملا- ھەرىپ خاتالىقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئولتۇردى. ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى ئىخچام، تىلى ئامىباپ، چۈشىنىشلىك، راۋان بولۇپ، ئەسەردە ھازىر جەمئىيەتتە باشقىدىن ئەۋج ئېلىپ كىتىۋاتقان ئاشنىدارچىلىقنىڭ پاجىئەلىك ئاقىۋېتى، ئۈچىنجى شەخىسنىڭ قانچىلىغان ئىناق ئائىلىلەرنى پارچىلىۋەتكەنلىكىدەك تۇرمۇشتىكى رىئاللىق قاتتىق قامچىلانغان ئىدى. ئەگەر بۇ ئەسىرى ئوڭۇشلۇق ئېلان قىلىنىپلا قالسا، جەمئىيەتتە چوقۇم كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغاپ، ئەر- ئاياللاردا مەسئۇلىيەت ئېڭىنى قايتىدىن قوزغىتىشقا زور تۈرتكىسى بولاتتى. گۆھەر يېرىم يىلدىن ئارتۇق ئەجرى سىڭگەن بۇ ئەسەرنى مۇھەررىرلەرنىڭ قىينالمايلا تەھرىرلەپ چىقىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئۆزى ئالدى بىلەن بىر نەچچە قېتىم ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىپ، بايقالغان خاتالىقلارنى، جايىغا چۈشمىگەن جۈملىلەرنى ئەستايىدىل تۈزىتىپ چىققاندىن كېيىن، بىر ھەپتە ئىچىدە نەشىرياتقا ئېۋەتىپ بېرىشنى ئويلىدى. ئۇ پۈتۈن زېھنىنى يىغىپ، ئەسەرنىڭ مۇقەددىمە قىسمىدىن باشلاپ تۈزىتىشكە كىرىشتى. ئۇ قولىغا قىزىل سىياھلىق قەلەمنى ئېلىپ، مۇقەددىمە بۆلىكىدە يېزىلغان تۆۋەندىكى قۇرلارغا قاراپ تۇرۇپ قالدى، ــ ئەسەرنى بۇنداق باشلىسام، ئاڭلىغۇچىلاردا ئۈچىنچى شەخىسكە نىسبەتەن ھېسداشلىق تۇيغۇسى پەيدا بولۇپ قالارمۇ؟ بۇ بىر ئابزاسنى چىقىرۋېتەيمۇ ياكى بىرەر كەسپىي يازغۇچىنىڭ مەسلىھىتىنى ئېلىپ بېقىپ، ئاندىن شۇ بويىچە رەتلەپ چىقسام بولارمۇ؟ ــ گۆھەرنىڭ تەپەككۇرى قالايمىقانلىشىپ كەتتى، ئۇ تۆۋەندىكى قۇرلارغا قايتا كۆز يۈگۈرتتى: 

ــ مەن كىچىك چاغلىرىمدا ئاپام: قىزلار بەك ھېسسىياتچان بولۇپ كەتسە بولمايدۇ، ھېسسىياتچان قىزلار ئاسانلا ئۆزىنى ئازابلىۋالىدۇ، دەيدىغان. ئۇ چاغلاردا مەن بەك كىچىك بولغاچقا، ئاپامنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشەنمىگەن ئىكەنمەن. ئەمدىلىكتە چۈشۈنۈپ يەتكىنىمدە، بەكلا كېچىككەنىدىم، يۈرۈكۈم لەختە- لەختە قان بولدى. ھېسىياتنىڭ كەينىگە كىرىپ، ئۆزەمدىن نەچچە ياش چوڭ، ئىناق ئائىلىسى، ئوماق پەرزەنتى بار بىر ئائىلىنى ۋەيران قىلىپ، كىشىلەرنىڭ، موھىمى ئاتا- ئانام، قېرىنداشلىرىم، دوستلىرىمنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈپ كەتتىم. بىراق مەن بۇنىڭغا ئۆكۈنمەيمەن، ئازابلانمايمەن، كىشىلەر كەينىمدىن نېمە دېسە دىسۇن، پەرۋايىم پەلەك. مەن ئاخىرى ئۆزەم ياخشى كۆردىغان، مېنىمۇ ياخشى كۆردىغان يۆلەنچۈككە، تاغقا ئىگە بولدۇم، پەقەت ئۇنىڭ ئەشۇ كۆرۈمسىز، مۆرىمەس، ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ يۈرۈشنى بىلمەيدىغان يارىماس ئايالى ئاجرىشىشقا قوشۇلسىلا، بىز ئىككىمىز مۇراد- مەقسىتىمىزگە يىتىپ، سۆيگۈ ئاسمىنىدا ئەركىن پەرۋاز قىلىمىز. ناۋادا ئۇ خوتۇن ئاجرىشىشنى رەت قىلىپ تۇرىۋالسا، مەن ئۇنى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن قىينايمەن، ئازابلايمەن، سۆيگۈم ئۈچۈن جېنىمنى پىدا قىلىشقىمۇ رازىمەن! مەن چوقۇم شۇنداق قىلمەن، مۇھاببەت ئۈچۈن ئۆزەمنى قۇربان قىلىپ بولسىمۇ سۆيگۈ شارابىدىن لەززەت ئالىمەن ....

ــ بۇ ئابزاس بىر قارىسام ئەسەرنىڭ مەزمۇنىدىن چەتنەپ كەتكەندەك، يەنە بىر قارىسام جايىغا چۈشكەندەك قىلىدۇ، زادى قانداق قىلىشىم كېرەك؟ ــ گۆھەر ئويلىنىپ ئولتۇرۇپ كەتتى، قولىدىكى قەلەم قۇرلار ئۈستىدە بوش يورغىلايتتى، بۇ ئابزاسنى قانداق ئۆزگەرتىشنى بىلەلمىگەن گۆھەرنىڭ مىڭىسى چىڭقىلىپ كەتتى، ــ بولدىلا، چارچاپ كەتكەندەك قىلىمەن، بۇنداق چاغدا ئۆزگەرتكەن بىلەن «چاپىقىنى ئالىمەن دەپ قارغۇ قىلىپ قويۇپتۇ» دېگەندەك بىر ئىش بولمىسۇن يەنە، ئەڭ ياخشىسى ئەتە زېھنىم ئوچۇق چاغدا مەسلىھەت سوراپ، ئاندىن تۈزىتىش كىرگۈزەي. ــ گۆھەر شۇلارنى ئويلاپ، قولىدىكى قەلەمنڭ بۆكىنى كىيدۈرۈپ، ئورگىنالنى چىرايلىق رەتەپ بىر چەتكە ئېلىپ قويغاندىن كېين، يىنىك پۇشۇلداپ، خاتىرجەم ئۇخلاۋاتقان يۈسۈپكە مەستلىكى كەلگەندەك قاراپ قويۇپ، ئۆز ئورنىغا كېلىپ ياتتى ھەم ھايالشىمايلا شېرىن ئۇيقىغا كەتتى.




  بۇ ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى 

ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ،  رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ  كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە  ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت . 




 بۇ روماننىڭ  ئاۋازلىقىنى تولۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ


………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .


ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k