大数跨境

ئاق ئەتىرگۈل ( پوۋېسىت ) 9- قىسم تۈگدى

ئاق ئەتىرگۈل ( پوۋېسىت ) 9- قىسم تۈگدى aybarawazi
2022-12-26
0
导读:سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! تۆۋەندە ( ئاق ئەتى

 سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر !  تۆۋەندە ( ئاق ئەتىرگۈل ) ناملىق پوۋېست ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ9 - قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ

ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
  3
4
5
6
7
8


بۇ ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىگە يوللاندى  ، تۆۋەندىكى سۆرەتىنى بېسىپ تولۇق قىسىمىنى ئاڭلاڭ .




 بۇ پوۋېستنىڭ  ئاۋازلىقىنى تولۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




ئاق ئەتىرگۈل

(پوۋسىت)
ئاپتورى : راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال
ئۇدارىم مىدىياسىدا ئىشلەندى

    9- قىسىم



ئۇلار دوختۇرخانغا بارغاندا دادىسى دەرىزىنىڭ يىنىغا كىلىۋىلىپ تاماكا چىكىۋاتاتتى . ئۇ روخسارنى كۇرۇپ قاپىغىنى تۇرۇپ كۇرۇشكەندىن تاماكىنى تاشلاپ كارۋاتقا كىلىپ ئولتۇردى . ياخشى بوپ قالدڭىزمۇ دادا دىدى روخسار يىنىك ئاۋاز بىلەن دادىنىڭ باغرى ئىرىپ كەتكەندەك بۇلۇپ بىردىنلا يۇمشاپ ئالدىراشلىغىڭ تۇگىدىمۇ ؟ دىدى ئاۋازىنى پەس چىقىرىپ -تۇگىدى مەندىن خاپا بولمىغانسەن دىدى روخسار دادىسىنىڭ يىنغا كىلىپ ئولتۇرۋىتىپ  
ياق سەندىن خاپا بولمدۇم لىكىن كۆرگۇم كەلدى دىگەنچە كۆزىنى ئىلىپ قاچتى دادا. روخسار دادىسىنىڭ تۇنجى قىتىم مۇشۇ گىپىنى ئاڭلاۋاتاتتى . شۇڭا ئۇ تەسىرلەنگىندىن ئاران ئاران ئۆزىنى تۇتىۋالدى . سېسترا كىرىپ دۇرىڭىزنى بۇگۇندىن باشلاپ ئىچىڭ . دوختۇر سىزنى ئۆيگە بىرىپ ياخشى ئارام ئالسۇن . ئىغىر ھەركەت قىلمسۇن دەيدۇ . دۇرىنى ئىچىپ بولغاندىن كىين يەنە بىر قىتىم تەكشۇرتىكىلى كىلىڭ بۇگۇن ياتاقتىن چىقسڭىز بۇلىدۇ دەپ چىقىپ كەتكەندىن كىين روخسار ئەمسە ھازىرلا كىتەيلى دادا دىدى دادىسىغا قاراپ  
مەيلى ئۇزۇممۇ ئىتتىن زىرىككەندەك زىرىكتىم بۇ يەردىن دىدى دادا يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ روخسار ئەسلى ئۇلارنى ئۆيدە بىر نەچچە كۇن تۇتۇپ قالماقچى بولغاندى . لىكىن دادىسى جاھىللىق بىلەن دوختۇرخاندىن چىقىپ بىر ۋاخ تاماق يەپلا ئۇدۇل ئاپتۇز بىكىتىگە چىقىپ يۇرىتقا كەتتى . روخسار كۇڭلى يىرىم ھالدا ئۆيگە قايتىپ كىلىپ بۇ شەھەردە يالغۇز ياشانىڭ مەنسىزىلگى دەستىدىن ئۆرتەنگەن يۇرىگىنى چىڭ مۇجىغانچە بىنادىن چىقتى. ئانىڭىز قىنى؟ دىدى بىر ئاۋاز تۇيۇقسىز 
-روخسار چۇچىگەنچە ئۆزىگە كىلىپ بوۋاينى كۆردى . ئۇلار كەتتى دىدى ئۇ يەن بىنادىن چىقىۋىتىپ
-نەگە كەتتى دىدى بۇۋاي تىخىمۇ جىدىدىلىك بىلەن 
-ئۆيگە كىتىدۇ دە نەگە كىتەتتى دىدى قىز بىنادىن چىقىۋىتىپ  
-مەن سىلەرنى مىھمان قىلىمەن دەپ تەييارلىق قىلىپ قويغان . رىستۇرانغا سەيمۇ بۇيرۇپ قويغان دىدى بوۋاي 
-ھاراق بارمۇ دىدى روخسار تۇيۇقسىز ئاڭسزلا 
بار ھەممە نىمە تەييار ، دىدى بوۋاي روخسار ئارقىسغا يىنىپ ئانام كەتتى . ئەمدى مەن بولسىمۇ سىزگە مىھمان بۇلاي دىدى بوۋايغا تىكىلىپ قاراپ بوۋاينىڭ كۆڭۇل يىرىمچىلىغى بىر ئاز بىسلغاندەك بۇلۇپ ئۇنداقتا ياخشى بولغىدەك قىنى ئۆيگە كىرىڭ دىدى بوۋاي ئۇنى ئۆيگە باشلاپ
بوۋاي چاي قاينىتىپ ئىلىپ چىقتى. روخسار كىتاپ ئىشكابىدىكى كىتاپلارغا قاراپ ئۆرە تۇرغاندىن كىيىن قايتىپ كەلدى . بىر دەمدىن كىين سەيلەر كەلدى. ئەزەلدىن قاراڭغۇ تۇرىدىغان ئۆينىڭ چىراقلىرىنىڭ ھەممسى يورۇتۇلدى . ئۇلار تاماققا بىر قۇر ئىغىز تەككەندىن كىين روخسارنىڭ تەلىۋى بويىچە ھاراق ئىلىپ كىلىندى . قىزنىڭ غەمكىنلىگى ھاراقنى ئىچكەندىن كىين تىخىمۇ ئەدەشكە باشلىدى
قارىسام بىر دەردىڭىز باردەك تۇرىدۇ. مەن سىزنىڭ دادىڭىزدەك ئادەم . مەندە پۇل بار . لىكىن خەجلەيدىغان يەر يوق . سىزگە قايسى تەرەپتىن ياردەم كىرەك بولسا مەن ياردەم قىلاي ئىيتىڭ دىدى بوۋاي 
بۇ گەپنى ئاڭلىغان روخسار ئۆزىنىڭ دادىسى بىر قىتىم سوراپ باقمىغان گەپنى قىلغان بوۋاينىڭ سۆزىدىن تەسىرلىنىش ئىچىدە گەپ سۆزسىزلا يىغلاشقا باشلىدى . بالامنى قانداق قىلىمەن . سىز دەڭە مىنىڭ قورساقتا بالام بار دىدى ئۇ يىغلىغانچە. بالا دىگەننى تۇغماي نىمە قىلىدۇ . تۇغۇڭ دىدى بوۋاي كەسكىنلىك بىلەن 
-بىراق بالىنىڭ دادىسى مىنى تاشلاپ كەتتى . مەن ئۇنى تۇغسام خەق نىمە دەيدۇ . مەن ھىچ قەدىرىم يوق ياشاپ كەلدىم  . يالغۇزلۇق باغرىمنى ئەزدى . مەن ئۇلىۋالىمەن دىدى روخسار ئۆكسۇپ يىغلاپ. سىزنى بىر ئادەم تاشلاپ كەتكەن بولسا مىنى بىر ئائىلە ئادەم تاشلاپ كەتتى . سىز تىخى ياش . ياش ئادەم دىگەن تاياققىمۇ . مۇھتاجلىققىمۇ . بار يوققىمۇ چىدايدۇ . مەنچۇ ؟ ماڭا ئەمدى پۇرسەت يوق .مەڭگۇ پۇرسەت يوق ئادەمنى ئادەم تاشلىۋەتسە ھىچگەپ يوق لىكىن ئۆز ئۆزىنى قەدىرلەش كىرەك. خەقلەر تەرىپىدىن تاشلىۋىتلىش بەختسزلىك ئەمەس . ئەڭ زور بەختسزلىك ھىچكمنىڭ سىزگە مۇھتاج بولماسلىغى. ھىچكىمنىڭ سىزنى ئىتبارىغا ئالماسلىغى . ئەگەر سىز تۇغسڭىز بالىڭىز سىزگە مۇھتاج بۇلىدۇ.  مانا بۇنىڭ ئۆزى ھايات سىز ئۇنى بىقىپ چوڭ قىلسز . بالىڭىز بۇلاقتەك كۆزلىرى بىلەن سىزگە تەلمۇرۇپ ئانا دەپ چاقىرغاندا ئاندىن ھاياتنىڭ قەدىرىنى ئۆزىڭىزنىڭ قىممتىنى چوقۇم ھىس قىلسز . سىز چۇشكۇنلشىپ كىتىپسز . چۇشكۇنلۇك بىلەن ھىچقانداق ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ . قاراڭ دۇنيا ۋاپاسىز ئادەملەر ۋاپاسىز بىر كۇنلەردە ھەممە نەرسە ئادەمنى تاشلاپ كىتىپ بىزنى يالغۇزلۇقنىڭ ئادەم قۇتۇلغىلى بولمايدىغان قارا ئۆڭكۇرىگە بەنىت قىلىپ قويىدۇ . ئاخىرى جانمۇ تەننى تاشلاپ كىتىپ بىزنى مەڭگۇلۇك يوقۇتۇش ۋە ئەبەدىيلىك جۇدالىققا مەجبۇر قىلىدۇ . لىكىن ھاياتنى ئۆزىنىڭ پەسلى بىلەن ئەھمىيەتلىك ياشاش كىرەك .  مەن شۇڭا ئىت باققان . ئىت ئادەمگە قارىغاندا ئەقىدىسگە سادىق . مىنىڭ قولۇمدىن كىلىدىغىنى مۇشۇ . باشقا ئىش قىلالىغان بولسام ئاللىقاچان باشقىچە ياشاش ئۇسۇلىنى تاللىۋالغان بۇلاتتىم . لىكىن قىرىپ كەتتىم . نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مەنمۇ سىزدەك قىران يىگىت ئىدىم. مۇشۇنداق بۇلارىنى چۇشۇمدىمۇ كۇرمىگەنمەن دىگەنچە رۇمكىغا قول ئۇزۇتۇپ بىر رۇمكا لىق توللاپ ئىچىۋەتتى بوۋاي. 
روخسار بوۋاينىڭ گەپلىرنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلىدى . بوۋاي قىرىغان بولسمۇ لىكىن يىقىشلىق ئادەم ئىدى . گەپ سۆزلىرى جايىدا تەلەپپۇزى ناھايىتى جاراڭلىق چىقاتتى . ئىش قىلىپ ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلىغان ئادەم زىرىكىپ قالمايتتى .
بوۋاي پۇتۇن دەردىنى سۆزلەپ بولغاندىن كىين ئاپىڭىز ئالامەت ئىسىل ئايالكەن . سىز ئۇنىڭ قىزى . سىز مىنىڭ قىزىم . مەندىن كىين قالسا مۇشۇ ئۆي جاي سىزگە  قالىدۇ . بۇنىڭدىن كىين سىز مۇشۇ ئۆيدە تۇرۇڭ . مەن سىزنىڭ بالىڭىزنى باقاي . سىزنى ياتلىق قىلاي . بىز دادا بالا بۇلايلى قوشۇلامسز دىدى بوۋاي ناھايىتى سەممىلىك بىلەن . روخسار ئۇنىڭ گىپىگە نىمە دەپ جاۋاپ بىرىشنى بىلمەيتتى . ياق ياكى ھەئە دىيشنى بىلمەي بىر ھازا تۇرغاندىن كىين ئۇنىڭغا بىر رۇمكا ھاراق سۇندى . بوۋاي ھاراقنى ئىچىۋىتىپ ئۆزىنىڭ سەممى گەپ قىلىۋاتقانلىغىنى يەنە بىر قىتىم ئەسكەرىتتى . روخسار مەسلىھەت قىلاي دىگەنچە يەنە بىر دەم ئولتۇرۇپ بوۋاينىڭ ئالدىدا مەس بۇلۇپ قالماسلىق ئۇچۇن ئۆيىگە چىقىپ كەتتى .
نەچچە ئايدىن كىين روخسارنىڭ ئانىسى تۇيۇقسىز قازا قىلدى. بۇ چاغدا روخسارنىڭ قوسىغى خىللا پومىپيىپ قالغاندى .  بوۋاي ئۇنىڭغا قاراۋاتقان بۇلۇپ ئىككى ئاجىز بىر بىرگە مەدەتكار بۇلىۋاتاتتى. ئارقىدىن دادىسى ئۇلۇپ كەتتى.  بۇ چاغدا روخسار تۇغۇپ ياتقان ئىدى. روخسار ئورنىدىن تۇرغىدەك بولغاندا ئۆيگە قايتىپ كەلدى . بوۋاي ئۇنىڭغا ئۆز قىزىدەك قارىدى . ئۇنى ياخشى كۇتتى . بانكا چىكىنى ۋە مەخپى نۇمۇرنى ئۇنىڭغا دەپ بىرىپ قانچىلىك لازىم بولسا ئىلىڭ دىگەندە روخسار نىمە قىلشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالدى. بوۋاي خوشنا ئاياللاردىن مەسلىھەت سوراپ ئۇنىڭغا قۇۋۋەت بۇلىدىغان تاماقلارنى ئىتىپ بىرىش ئۇچۇن تاماق ئىتشنى ئۇگۇنۇپ كۇندە ئاشخانا ئۆيدىن چىقمايتتى . بەزىدە پولو ئىتىمەن دەپ شوۋىگۇرۇچ ئىتەتتى . ئىش قىلىپ كۈن بويى ھەركەت قىلىپ يۇرۇپ يەنە ئون نەچچە ياش ئارقىغا يانغاندەك بۇلۇپ قالدى بىر كۇنى بوۋاي يىگىتلەردەك ياسىنىپ سىرىتقا چىقىپ كىتىپ چۇش بۇلاي دىگەندە قايتىپ كەلدى ئۇنىڭ قولىدا بىر دەستە ئاپپاق ئەتىرگۈل تۇراتتى ئۇ گۈلنى ئىلىپ كىلىپ ئۇخلاپ قالغان روخسارنىڭ بىشىغا قويۇپ قويۇپ يەنە چىقىپ كەتتى . روخسار كۆزىنى ئىچىپ گۈلنى كۆرگەندىن كىين مۇشۇ يىشىغا كىلىپ بىرەر ئەرنىڭ ئۆزىگە ئەڭ ياخشى كۇرىدىغان ئاق ئەتىرگۈل سوۋغا قىلمىغانلىغىنى ئېسگە ئىلىپ كۆزلىرىگە ياش ئالدى . ئەگەر بىرەر ئەركەك ئۇنىڭغا بىر دەستە گۈل سوۋغا قىلىپ ماڭا تىگەمسز دىگەن بولسا ئۇ ھىچقانداق سىلىقسزلا ئۇنىڭغا تەگگەن بۇلاتتى. تالاي كەچۇرمۇشلەرنى ئاتا قىلغان ھايات جەريانى ۋە ھىسسى جەريانلار ئۇنىڭغا ئاددىلىقتىن ئىبارەت بۇيۇك بىر پەلسەپنىڭ قىممىتى ۋە ھەققىتنى ھىس قىلدۇرغاندى . ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ گۈلنى باغرىغا باسقانچە يىنىدا ياتقان ئوغلىغا قاراپ قويۇپ دەرىزنىڭ تەكچسگە قويدى . كۆڭلىدە ئەزەلدىن يۇز بىرىپ باقمىغان ھاياجان ھۈكۈم سۇرۇپ ئۆزىنى تۇغۇلغاندىن بىرى ئەڭ بەختلىك مىنۇتلاردا ياشاۋاتقاندەك ھىس قىلدى  . ئۇ گۆلنى جايىغا قويۇپ ھاياجان ئىچىدە بىر پەس ئۆيدە پىقىراپ يۇرگەندىن كىين بالا يىغلىدى . ئۇ بالىنى ئىمىتتى . بەختسزلىكنى بەخىتكە ئايلاندۇرغان بالا ئۇنىڭ بىردىن بىر ئۆمىت چىرىغى بۇلۇپ قالغاندى . كۈن كەچ بولدى لىكىن بوۋاي قايتىپ كەلمىدى . ئۇ يىرىم كىچە بۇلاي دىگەندە ئىتنىڭ توختىماي قاۋاۋاتقانلغىنى ئاڭلاپ كۇڭلى بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك بالىغا قاراپ قويۇپ ئىشىكنى ئاچتى . پەلەمپەينىڭ يىندىكى قاراڭغۇلۇقتا بوۋاي تۇگۇلگىنچە ئولتۇرغاندەك قىياپەت بىلەن يىتىپ قالغاندى . روخسار بوۋاينى مىدىرلاتتى لىكىن ئۇنىڭ ھەممە يىرى تەڭ مىدىرلىدى . ئۇ جان ئۇزگەندى . قولىدا بولسا ئۆينىڭ يەر خىتىنى مەھكەم تۇتىۋالغاندى . روخسار يىغلاپ نالە پەريات چىكىپ خوشنىلارنى ئاران چاقىرىدى . بۇۋاي ئەتىسى دەپنە قىلىندى . بىر ئۆيدە يالغۇز ياشاشقا ئۇ كۈنۈپ قالغان بولسىمۇ بىچارە بوۋاي ئۇنىڭغا خۇددى ئۆز قىزىدەكلا كۇيۇنگەندى . بوۋاي ئۇلۇپ كەتكەندىن كىين روخسار بوۋاي ئۇنىڭغا بەرگەن گۈلگە پات پات قاراپ قوياتتى . گۈل ئاستا – ئاستا قۇرىۋاتقان بولسىمۇ لىكىن ئۇنىڭ كۆزىگە يەنىلا يۇمران كۇرىنەتتى . تالاي يىگىتلەر ئۇنىڭغا تالاي ئىشلارنى ۋەدە قىلغاندى . بىراق ھىچكىممۇ ئۆزىنىڭ قىلغان ۋەدىسى ھەققىدە كىين بىر نىمە دىمىگەندى . لىكىن ھىچقانداق بىر ۋەدە ۋە مەجبۇرىيەت تۇيغۇسىنىڭ ئازاپلىشىغا ئۇچۇرىمايدىغان بىر ئادەم ئۇنىڭ كۆڭلىنى سۇيۇندۇردى . بەزىدە ئادەمنىڭ ئەقىلى ۋە ھۆكۆم قىلىش ئىقتىدارىمۇ ئازىدۇ . ئىغىز دىگەن نىمە ؟ ئۇ پەقەت يالغان گەپ قىلىش ئۇچۇن يارالغان تۈشۈك . شۇڭلاشقا ئادەملەرنىڭ گىپىگە ئەمەس قەلبىگە ئىشىنش كىرەك . ئۇنىڭغا ھۆكۇم قىلىش كىرەك . ئۇ كارۋاتتىن تۇرغىدەك بولغاندا بالسىنى ئەركىلىتىپ نەچچە كۈن باققاندىن كىين يۇرتىغا بىرىشنى ئويلىدى . خەقلەرنىڭ ئۇنى نىمە دىيشى ئۇنىڭ ئۈچۈن بەرىبىر ئىدى . ئۇنىڭ ھازىر ئويلىغىنى پەقەتلا ئاتا  ئانسىنىڭ قەۋرىسىنى يوقلاش ئىدى .  كىين ئۆينى قۇلۇپلاپ يۇرتىغا ماڭدى . بىر قولىدا گۆل بىر قولىدا قۇرىغان ئاپپاق ئەتىرگۈلنى تۇتقان روخسار ئاتا ئانىسىنىڭ قەبىرىسىدە يۇكۇنۇپ ئولتۇرۇپ يىغلاۋاتاتتى . ئۇنىڭ كۆزلىرى يىغىدىن ئىششىپ كەتكەندى . ئۇ ئورنىدن تۇرۇشتىن بۇرۇن گۆلنى ئاۋايلاپ ئانىسىنىڭ قەبىرىسگە قويۇپ بىر ئۇزۇن خىيال سۇرگەندىن كىين ئورنىدىن تۇرۇپ ئارقىسىغا ياندى
شۇ تاپتا كائىنات قان رەڭگىگە كىرگەن بۇلۇپ بۇنىڭدىن كىينكى ھاياتنىڭ ئۇنى نەگە باشلايدىغانلغىنى ھىچكىم بىلمەيتتى . لىكىن بىر دەستە ئەتىرگۈل . ئانىسىغا ھەم ئۆزىگە تەۋە بولغان بىر دەستە ئەتىرگۈل ئۇنىڭ نەزىرىدە مەڭگۇ سۇلمايتتى  . ھاياتنىڭ بىر چىمدىم پاكلىغغا ۋەكىللىك قىلىدىغان گۈل ئۇنى يىڭى بىر ھاياتقا . يىڭى بىر يولغا باشلايتتى.

تۈگىدى





 بۇ پوۋېستنىڭ  ئاۋازلىقىنى تولۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0