
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! تۆۋەندە ( ئاق ئەتىرگۈل ) ناملىق پوۋېست ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !

بۇ ئەسەرنىڭ9 - قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
بۇ ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىگە يوللاندى ، تۆۋەندىكى سۆرەتىنى بېسىپ تولۇق قىسىمىنى ئاڭلاڭ .
بۇ پوۋېستنىڭ ئاۋازلىقىنى تولۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

ئاق ئەتىرگۈل
ئاپتورى : راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال
ئۇدارىم مىدىياسىدا ئىشلەندى
8- قىسىم
بوۋاي ئۇنىڭغا يەنە نىمىلەرنىدۇ دىمەكچى ئىدى لىكىن بوغۇزىغا قاپلىشىپ قالغان گەپ يەنە ئىچىگە چۇشۇپ كەتتى
ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ بولغىچە موماينىڭ ئاياق تىۋىشى بىنادىن يوقاپ ئۆستىدىكى قەۋەتىتكى ئىشىكنىڭ يىپىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى .
ئانا ئۆيگە كىرگەندە روخسار خۇددى لاي بۇتتەك كارۋاتقا تاشلىنىپ تامغا يۆلەنگەنچە ئولتۇراتتى .
ئانا ئىشىكنى ئىچىپ كىرىپ روخسارنىڭ تاتارغان چىراينى كۇرۇپ ھاڭۋىقىپ بىر ھازا تۇرۇپ قالغاندىن كىين ئۇنىڭ يىنىغا كىلىپ ئۆيدە بارمىدىڭ بالام دىدى قىزنىڭ يىنغا كىلىپ ئولتۇرۇپ روخسار ئانىسىنىڭ قىزىم دىگەن گىپىنى ئاڭلىمىغىلى ناھايىتى ئۇزاق زامانلار بولغاندەك قايرىلىپ قاراپ ئاننىڭ مۇلايىم چىرايغا تىكىلىپ تۇرۇپ كىتىپ ئۇنىڭغا ئىسلغانچە بىر ئۇزاق يىغلىدى .
ئانا قىزىنىڭ مىجەزىنى بىلەتتى . ئۇ كىچىگىدىن تارتىپ بىرەر كۇڭۇلسىزلىككە يولۇقسا ئاۋازىنى تىشغا چىقارماي جىممىدە بۇلىۋالاتتى . قىزنىڭ ئۆزىگە ئىسلىپ يىغلىشى ئۇنىڭ يۇرىگىنى پارە پارە قىلىپ تاشلىدى.
بىشىغا دەرىت كەلگەندە ھەممە ئادەمنىڭ ئەنە شۇنداق ئىسلىپ يىغلايدىغان ئانسى بولسا نىمە دىگەن ياخشى بۇلاتتى . لىكىن نۇرغۇن ئادەملەر ھايات ۋاختىدا قەدىرسىز ياشاپ ئۆلگەن ۋاختىدا ئاندىن ئانىسدىن بۇرۇنلا ئايرىلىپ قالغان باللار تامغا تىرەككە ئىسلىپ يىغلاپ ھەسرەت چىكىدىغان زامانلىرى كۆپ بۇلىدۇ . بىر ئۆينىڭ غىمى تەشۋىشى . ئىشى بىلەن ئەقىلدىن ئېزىپ قالغاندەك بولۇپ قالغان ئانىلار خۇددى ئەسەبى ساراڭغا ئوخشايدۇ . ئۇلار قەلبىدە مىھىرى مۇھەببەتتىن ئەسەر قالمغاندەك ھەممىگە قوپال مۇئامىلە قىلىدۇ . تۇرمۇشنىڭ ئىغىرچىلىقلىرى چارچىتىپ ھالىدىن كەتكۇزگەن بىر ئاننىڭ نازاۇك قەلبىنى كىممۇ چۇشەنسۇن ؟ ئانا بىر ئۆمۇر ئۆزىنىڭ ئائلىسىگە مىھىر قويۇپ باللىرىنى چوڭ قىلدى . ئۇنىڭ باشقا ئاياللاردەك پۇتلىرىنى مىنگەشتۇرۇپ ئولتۇرۇپ خەقنىڭ غەيۋىتىنى قىلىدىغانغا پۇرسەت بولمىدى . ئۇنداق ئاياللاردىن قاچتى . يىرگەندى . ئىرى ئەسكىلىك قىلسىمۇ يولسىزلىق قىلسىمۇ چىدىدى . پىشانىگە پۇتكەندىن قىچىپ ئامال قىلغىلى بولمايدۇ دىگەن نىيەت بىلەن ھەممىگە چىشىنى چىشلەپ مۇشۇ ھاياتقا كەلدى . ياش چاغلىرىدا نۇرغۇن يىگىتلەر ئۇنىڭغا ساقال تاشلىغان بولسىمۇ ئۆزى ھەم ئىرىنىڭ ئابرۇي ئىناۋىتىنى ساقلاش ئۇچۇن ھەركەت قىلىپ باشقىلارنىڭ تىتقسىز گەپ سۆزلىرىگە شىرىك بولمىدى . يولدىن چىقمىدى . ئازمىدى لىكىن قىرىغاندا بولسا بىر ئۆمۇر جاپا چىكىپ ئرىىشكىنىم نىمە دەپ ئويلنىپ قالاتتى لىكىن يەنە كۆڭلىگە تەسەللى بىرەتتى . ئۆزى بىلەن تەڭتۇش ئاياللار ھەۋەس كوچلىرىدا لاغايلاپ يۇرۇپ نىمە تاپتى ؟ خانىۋەيرانچىلىق . سورۇقچىلىقتىن باشقا نىمىگە ئىرىىشتى ؟ ئۇ ھىچ نىمنى بىلمەيدىغان قىياپەت بىلەن يۇرگەن بىلەن قانداق قىلىشنى ۋە ئائىلگە سادىغلىق بىلەن ياشاشنى بىلەتتى . ئۇ باشقىلار نىمە دىسۇن بىشنى ئىچگە تىقىپ بىر ئۆيدە مىھىر يارىتىپ بىر ئەردىن مھىىر ئىزدەپ مۇشۇ ياشقا كەلدى . باشقىلار بىلەن سىلشتۇرغاندا ئۆزىنى كۆپ بەختلىك ھىس قىلىش ئۇنىڭ ئۆمۇر خاتىرىسنىڭ كۆپ قىسمنى ئىگەللەيتتى . ئۇ بىرىنچى قىتىم قىزى بىلەن كۇرۇشۇپ ئۇنىڭ چىرايىدىن ۋە زىيادە چۇشكۇنلۇك زەئىپلىك قاپلاپ كەتكەن بىر خخل روھى ھالەتنى سەزدى . قىزىنىڭ ئىچى كۇچلۇك ڭۇڭلىگە بىرەر ئىش بۇلۇپ قالسا ئۇزاق ۋاقىت ئۇنتۇلالمايدىغان مىجەزىنى بىلەتتى .لىكىن ئۇكۇندۇزلىرى ئادەم كەلكۇندەك ئاقىدىغان. كىچسى زۇمرەتتەك ئوردىدەك چىراقلىرى لاپىلداپ يىنىپ ئادەمنىڭ مەيلىنى تارتىدىغان شەھەرنىڭ ئەڭ پىنھان بىر جايلىرىدا يۇز بىردىغان جىنايەتلىك قىلمشنىڭ ئۇۋىسى بولغان بۇ شەھەر كىشلىرىنىڭ ئورتاق ئاجىزلىغى . گۇناھ ۋە جىنايەتكە . ئازاپلىق تۇرمۇش جەريانى ۋە خىيانەتكە شۇنچىلىك بىرىلىپ كەتكىندەك بىر رىئاللىقنى كۆرەلمەيتتى ھىس قىلالمايتتى.
ئۇ قىزىغا قاراپ ئىچى تىتىلدىسىمۇ قىزى ئەمدى كىچىك ئەمەس. جەميەت ئۇنىڭ ئائىلىسى ئەمەس . ئائىلىدىن ھالقىغان بىر چوڭ كۇچنى كونترۇل قىلىش ئۇچۇن بىر ئاننىڭ قولدىن كىلەمدۇ ؟ جەميەتنى مەلۇم بىر نىيەت ۋە بىرلىككە كەلگەن ئىدىيە كۆز قاراش بىرلىككە كەلتۇرمىگەندە بىر ئىككى قىزنىڭ ئۆلىۋىلىشى . بىر ئانىنىڭ ھەسرەت چىكىشى بىلەن كونتىرۇل قىلغىلى ، يارا ئىغىزدىن يىرىڭ ئاققاندەك ھەر كۇنى سادىر بۇلىۋاتقان مەسىللەرنى ھەل قىلغىلى بولمايتتى شۇنىڭ ئۇچۇن سەۋرى قىلىش كىرەك . تاقەت قىلىش كىرەك . كۇتۇش كىرەك . چۇنكى ھەممە ئادەم تىگىشلىك بولغان يۇكنى كۆتىرىپ ھايات كىچىكىلىرىدە سىنىغاندىن كىين ئاندىن ئارمانلىرىنى ئۇ ئالەمگە ئىلىپ كىتىدۇ .روخسار يىغىسىغا قانغاندىن كىين قورسىغى بوشاپ قالغاندەك ھىس قىلىپ ئانىدىن سورىدى .
-تاماق يىدىڭمۇ ؟ تاماق ئىتىپ بىرەيمۇ ؟
ياق بولدى دىدى ئانا قىزىنىڭ چاچلىرىنى سىلاپ تۇرۇپ پەس قەۋەتتىكى بوۋاي كېسەل بوپ قاپتىكەن شۇنىڭغا تاماق ئىتىپ بەرگەچ تويۇپ قالدىم بىر نەرسە يىگۇم يوق .
روخسار ئانىسىنىڭ بىپەرۋالارچە گىپىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى . ئۇ ئۆمىرىدە ئانىسنىڭ دادىسدىن باشقا بىر ئەرگە تاماق ئىتىپ بىردىغانلىغىنى ئويلاپمۇ باقمىغاندى.
سەن ئۇنى تونامتىڭ دىدى روخسار ھەيرانلغىنى يوشۇرالماي . تۇنۇگۇن پەلەمپەيدىن چۇشكىچە تونۇشۇپ قالغان . كەچتە قارىسام كېسەل بۇلۇپ يىتىپ قاپتۇ. ئاش ئىتىپ بىرىپ چىقتىم دىدى ئانا
روخسار بىردىنلا ئانىسىنىڭ تولىمۇ ئوماق ۋە ئاقكۇڭۇل بىر ئانا ئىكەنلگىدىن سۇيۇنۇپ ئۇنى يەنە قۇچاقلىۋالدى . شەھەر دىگەن شۇ ھەممىلا ئادەم تەسىۋىرلەپ بولغۇسىز بىر خىل بىچارىلىك ئىچىدە ياشايدۇ . يالغۇزلۇق ۋە غىرىپلىق ئويلاپ باقىمغان بىر ئادەملەر بىلەن تونۇشۇپ قىلشقا ، ھسداشلىق قىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ . مانا يىشى بىر يەرگە بارغان ئانا بىر دەمدە بىر ئەر بىلەن تونۇشۇپ ئۇنىڭغا كۆڭۇل بۆلۇپ تاماق ئىتىپ بەردى . ئەزەلدىن باشقا ئەرگە نىسبەتەن كۆڭلىدە قىزىقىش ۋە ھەۋەس بولمىغان ئانا بۇ ئىشنى مەجبۇريتىم دەپ قارىدى . ئەگەر ئۇمۇ روخساردەك ياش بولغان بولسا ئۇ نىمە كۇنلەرنى كۇرەتتى بۇنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس .
ئەمسە ئۇخلايلى دىدى روخسار ئانىسنىڭ كارۋىتىنى تۈزەپ بولغاندىن كىين ئۇلار جىمجىت يىتىپ قىلىشتى . لىكىن روخسارنىڭ پىكىرى ئويغاق ئىدى . ئۇ ساراڭنىڭ چىچىدەك چىگىشلىشىپ كەتكەن خىياللىرى ئىچىدە باش ئايىغى يوق خىياللار بىلەن ھەلەك ئىدى . ئەڭ ئاخىرىقى مەسىلە يەنە ئۇنىڭ بىشنى قاتۇرغاچقا يەنە شۇ خىيالنى قىلىشقا باشلىدى . بولدى بىرەر تاللا بازىرىدا ئىشلەيمەن . بالىنى تۇغىمەن . خەق نىمە دىسە كارىم يوق . مىنىڭ ئابرۇي ئىناۋىتىم دىگۇدەك نىمەم بار ئىدى دەپ ئويلاپ يىتىپ ئۇخلاپ قالدى
ئەتىسى تاڭ سەھەردە ئىشىك چىكىلدى . روخسار ئورنىدىن تۇرۇپ كىيىملىرىنى تىزلىك بىلەن ئوڭشاپ ئەينەككە قارىۋەتكەندىن كىين بىرىپ ئىشىكنى ئاچتى . ئىشىكنىڭ ئالدىدا بوۋاي ئۆرە تۇراتتى . بوۋاي ئادەتتە ساقاللىرى ئۇسۇك ھالەتتە بۇلاتتى . بۇگۇنكى تۇرقىدىن پاكىزلىق نۇرى تۇكۇلۇپ تۇراتتى . ساقاللىرىنى پاك پاكىز قىرىپ ئاپپاق شىلەپە كىيىۋالغان بوۋاينىڭ تۇرىقى باشقا چاغلاردىكىدىن خىللا ياش كۆرۇپ كەتتى.
ئاپىڭىز ئويغاندىمۇ دىدى بوۋاي روخسارغا سالام قىلۋىتىپ روخسار ئارقىغا قاراپ بىر نىمە دەي دەپ بولغىچە ئانا ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشكنىڭ يىنىغا كىلىپ بولغاندى.
سىلەرنى ناشتىلىققا تەكلىپ قىلاي دەپ كىردىم دىدى بوۋاي مۇلايىملىق بىلەن
روخسار بوۋايغا قاراپ ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان بىر خىل ھىسياتتا سۇيۇنۇپ كەتتى.
بۇلىدۇ ھازىرلا چىقايلى دىدى روخسار . ئۇ بۇ ئۆيگە كەلگەندىن بىرى ھىچكىم بۇنداق سەھەردە ئۇنىڭ ئىشكىنى چىكىپ باقمىغاندى . ئۇنىڭ ئۆستىگە ئەتتىگەندە بۇنداق ياخشىلىق بىلەن باشلانغان ھايات كەچكىچە ياخشىلىقتىن بىشارەت بىرەتتى.
ئانا كىيملىرىنى كىيىپ يۇزنى يۇغاندىن كىين روخسار بىلەن پەسكە چۇشتى . ئۆي ئاخشامقىغا ئوخشمايتتى . ھەممە يەر ئاپتاپتەك يورۇق ھەم پاكىز بۇلۇپ كەتكەندى .
قارىغاندا بوۋاي كىچىچە ئۇخلىماي تازلىق قىلىپ چىققاندەك تۇراتتى . موماي ئۆينى كۇرۇپ كۈلۈپ قويدى . بوۋاي ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئېىسسق بىر چىنىدىن سۇتنى قويغاندىن كىين تونۇرغا يىقىلغان گۆش نان بىلەن بىر نەچچە تۇرلۇك ئىسسىق سەينى ئالدىغا قويدى . ئانا ئالدىرىماي سەينى تىتىپ كۆرۇپ ئاندىن سۇتنى ئېچىشكە باشلىدى . روخسار بوۋاينىڭ ئانسنى ياخشى كۇرۇپ قالغانلىغىنى ھىس قىلىپ قىرى پاھشىۋاز دەپ قويدى ئىچىدە . لىكىن تىشىدا ئۇنىڭغا قاراپ كۇلۇمسرەپ قوياتتى . بوۋاي ئانىنىڭ سەي يەۋاتقان تۇرقى ۋە ئۇنىڭ سەينى ئىلىپ تەمىنى تىتىۋاتقان ھالەتلىرىنى كۆرۇپ ئۇنىڭغا ياراتماي قالامدىكىن دىگەندەك ئىككىلىنىش ئىچىدە ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى
تاماق يەيلى . مەن سىزنى تاماققا تەكلىپ قىلاي . ۋاختڭىز بولسا بىر دەم ئەھۋاللىشايلى . مانا بۇ ئەرلەرنىڭ ئاياللارنى جەلىپ قىلىپ ئۇلار بىلەن بۇلۇشنى خالايدىغان نىيتنىڭ بەلگسى . قايسى ئەر بىر ئايالغا ئوچۇق قىلىپ مەن سىز بىلەن ياتماقچى تولغان بەدىنڭىزگە ، قارا كۆزلىرىڭىزگە ئامراق بۇلۇپ قالدىم . كەچتە مىھمانخانىدىن بىرنى ئىچىپ ياتايلى دىگەن . ھەممسى ئاۋال ئاشۇ ئۆلگۇر تاماقنىڭ ئىسمنى تىلغا ئالىدۇ . تاماققا چىققان ئايال بىلەن قارىشپ . سۇركىشىپ مۇناسىۋەتنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئويلايدۇ . تاماق چىقىدۇ . كەينىدىن ھاراق چىقىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر قىتىملىق تاماق يىيىش ئىشى ئىككى ئادەمنى ئىتتىرىپ بىر كارۋاتقا چىقىرىپ قويىدۇ . ئۇلارنىڭ تاماق يەيلى دىگەن گىپىنىڭ ئۆزى نىيەتنىڭ ئاللىقاچان بۇزۇلغانلىغىدىن بىشارەت بىرىدۇ . ئاياللارمۇ بىرەر ئەر بىلەن چىققۇسى بولسا دەرھاللا ماقۇل بۇلىدۇ . ئۇلارمۇ ئەرلەرنىڭ ئۆزىگە باشقا بىر نيىتىنىڭ بارلىغىنى بىلىدۇ . ئۇلارنىڭ بىر يەردە ئولتۇرۇپ تاماق يىيشى ئۇلارنى يىرىم قۇبۇل قىلغانلىغىنىڭ بەلگىسى شەھەردە ئەر ئاياللىق مۇناسىۋىتىنىڭ باشلنىشى ئەنە شۇ « تاماق » دىگەن گەپتىن باشلىنىپ تەرەققى قىلىدۇ قىزلار ئاياللار خەقنىڭ بىر قىتىملىق تامىغىنى يىدىمۇ بولدى ئۇلار قەرىزدارغا ئايلىنىدۇ . شۇنىڭدىن كىين ئەرلەر خالىغان چىغىدا ئۇلارنى چاقىرىپ كۆڭلۇمنى ئاچالايمەن دەپ قارايدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئايالنىڭ كۇڭلىنى چىكىپ بىقىپ ئۆمىت بار يوقلىغىنى كۆزلىرى . ئىش ھەركەتلىرى ھىس قىلىپ بۇلىدۇ . ئەگەر ئۆمىت بولسا ئۇلارنى داۋاملىق تاماققا تەكلىپ قىلىپ ئاياللارنى قاتمۇ قات قەرىزگە بوغىۋەتكەندىن كىين ئاخىرى تاقەت قىلالماي مەخسدىگە يىتىدۇ . مەخسدىگە يىتەلمسە ياكى ئاياللار خالمايدىغانلىغىنى بىلدۇرۇپ ئۇلارنىڭ تەلىۋىنى چىرايلىقچە رەت قىلسا باشتا چىرايلىق گەپ بىلەن ئالدايدۇ . ئۇمۇ ئاقمسا يۇزىنى ئۆرۇپلا ھاقارەتلەيدۇ . ئۇرىدۇ ھەتتا باسقۇنچىلىق قىلىدۇ . كۇڭلى بولمسا تامىغىمنى يەمتى دەپ ئويلاپ ئۇلار خۇددى ئۆمۇر بويى تۆلىسمۇ قايتۇرالمىغىدەك قەرىز بولغاندەك ھىساپلايدۇ . باشقىلار بىر ئەر بىلەن ئايالنى تاماق يەۋاتقاندا بىللە كۇرسە ئۇ بۇزۇق پالاننىڭ كەينىدىن يۇرەتتى دەپ قارايدۇ. ھىچكىممۇ پالانى ئەر پالانى ئايالنىڭ كەينىدىن يۇرەتتى دىمەيدۇ . ئاياللارنى پەس كۇرۇش . ئۇلاردىن يىرگىنىش لىكىن تىللاپ تۇرۇپ ئۇلاردىن ئايرىلالماسلىق ئەرلەرگە ھەم ئاياللارغا نسبەتەن ئاقىۋىتنى سۆزلەپ تۇگەتكۇسىز پاجىئە ئىدى.
روخسار بۇ خىياللارنى قىلىۋىتىپ تۇيۇقسىز دىمىغىدا كۇلۇپ تاشلىدى .بوۋاي ئۇنىڭ كۆلكىسدىن چۈچۈپ نىمە سەي قاملاشماپتىمۇ ؟ مەن تازا ياخشى قورىيالمايمەن دىدى ئۇ كىچىك بالىدەك يەرگە قاراپ تۇرۇپ .ئانا دەرھال جاۋاپ بىرىپ ياخشى بوپتۇ . ئۇستىكەنسز دىمىگەن بولسا بوۋاي يىغلاپ تاشلاشقا ئازلا قالغانلىقتىن يۇزلىرى ھۆپپىدە قىزىرىپ كەتكەندى . ئۇلار ناشتىلىقنى قىلىپ بولغاندىن كىين ئۆيدىن چىقتى . بوۋاي بۇگۇن باشقچە جانلىنىپ كەتكەندى . ئانا بالا ئىككىسى ئاپتۇز بىكىتىگە كىلىپ بولغىچە بۇۋاي ئىتىنى ئەگەشتۇرۇپ چىقىپ ئۇلار ماڭىدىغان يولنىڭ قارشى تەرىپىگە يىتىلەپ كىتىپ قالدى.
روخسار ئاپتۇزغا چىقىپ جايلىشۋالغاندىن كىين ئانىسغا بۇ ئادەمنى بەك غەيرى ئادەم دەپ ئاڭلىغاندىم . قارىسام شۇنداق قائىدىلىك ئىكەن مەن بىنادىن چۇشۇپ چىققىچە گەپ قىلمايتتىم شۇڭا دىدى ئانىسنى گەپكە سالماقچى بولغاندەك
قانداق غەيرى دەپ ئاڭلىغان دىدى ئانا بىئارام بولغاندەك قىلىپ ئىش قىلىپ داۋاملىق ئىتى بىلەن بىللە تۇرىدۇ . بىر ئۆيدە ئىت بىلەن تۇرغان ئادەمنى خەق غەيرى ئادەم دىمەي نىمە دەيدۇ دىدى روخسار
-خەقنىڭ ئىشى بىلەن نىمە كارىمىز بالام . ئۆزىمىزنىڭ ئىشىغا پۇختا بولساقلا بولدى خەقنى ئۇنداق مۇنداق دەپ بىزنىڭ نىمە كارىمىز دىدى ئانا سىرىتقا قارىغاچ روخسار قايتا گەپ قىلمىدى .
داۋامى بار
داۋامىنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى كۆرسىتىلگەن رەسىمنى چىكىپ ئەپچىمىزدىن ئالدىن ئاڭلىسىڭىز بولىدۇ ئەپچىمىزگە تولۇق يوللاندى
بۇ پوۋېستنىڭ ئاۋازلىقىنى تولۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى

ساياھەت قىلشىنى ياخشى كۆرەمسىز ؟ ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟ ئۇنداق بولسا شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ،
ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ، يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ، شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى ئېچىلدى . ساياھەت شىركىتىمىز يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ ، تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ .
ئالاقىلاشقۇچى : ئايبەر
ئالاقىلىشىش تېلىفون ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى : 19999706319










سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە :
سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )
ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ