大数跨境

ئاق ئەتىرگۈل ( رومان ) 2 ـ قىسىم

ئاق ئەتىرگۈل ( رومان ) 2 ـ قىسىم aybarawazi
2022-12-19
1

 سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر !  تۆۋەندە ( ئاق ئەتىرگۈل ) ناملىق پوۋېست ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !



بۇ ئەسەرنىڭ 3 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1









بۇ ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىگە يوللاندى  ، تۆۋەندىكى سۆرەتىنى بېسىپ تولۇق قىسىمىنى ئاڭلاڭ ..






 بۇ پوۋېستنىڭ  ئاۋازلىقىنى تولۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




ئاق ئەتىرگۈل


(پوۋسىت)

ئاپتورى : راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

ئۇدارىم مىدىياسىدا ئىشلەندى

2 - قىسىم



لىكىن ئۇ بىنادىن كىرىپ ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندە تاقىتى تاق بۇلۇپ روخسارنى تامغا يۇلەپ سۆيىۋالدى . روخسار خىلى سەگىپ قالغاندى . شۇڭا ئۇ شەرەپنىڭ گىلدىن ئىتىرۋەتتى . شەرەپنىڭ ئاچچىغى كىلىپ ئۇنىڭغا ۋاقىراپ كەتتى . روخسار ئۇنىڭ قولىدىن ئاجىراپ چىقىپ بىر دەم ئاچقۇچنى ئىزدىگەندىن كىين ئىشىكنى چىكىشكە باشلىدى .   

ئانا ئۇخلاپ قىتىپ كەتكەندى . بىر چاغدا ئشىكنىڭ ئالدىدا روخسارنىڭ بىر ئەر بىلەن ۋارقىراشقان ئاۋازىنى ئاڭلاپ چۈچۈپ ئويغىنىپ كەتتى. 

پەقەت بىر قىتىملا ،بىر دەمدە كىتىمەن دىدى ئەر ئۇنىڭغا: -يوقال دىدى روخسار ۋاقىراپ. بۈگۇن ئۆيدە ئانام بار دىدىمغۇ . بولمايدۇ دەيتتى روخسار بىردەمدىن كىين بىر ئىتنىڭ ئۇنلۇك قاۋىغا ئاۋازى ئاڭلنىپ يەنە پەسىيپ قالدى.  

بىر چاغدا ئىككسنىڭ سۆرەشكەن ، يىقىلغان ،غەيرى ئاۋازلىرى ئاڭلاندى . ئانا ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ چىراقنى ياندۇرغاندىن كىين ئشىكنىڭ ئالدىغا كىلىشگە ئىشك ئۆرۇلگەندەكلا بۇلۇپ قاتتىق ئىچىلىپ ئۇنىڭ يۇزىگە تەككىلى تاس قالدى . روخسار ئانسغا پەرۋا قىلمايلا بىرىپ كارۋىتىغا ئۆزىنى تاشلىدى. ئۇنىڭ ئارقىسدىن ئوغىرىدەك ماراپ تۇرغان شەرەپ روخسارنىڭ ئانسنى كۆرۇپ ئاستا ئۆزىنى ئوڭشاپ 

-ياخشىمۇ سىز ؟ دىگەندىن كىين ئانىنىڭ ئۆزىگە قاراپ ھەيران قالغانچە ھاڭۋىقىپ قالغىنىنى كۆرۇپ ئاستا كۆزدىن غايىپ بولدى . روخسار ئۇيقۇغا كەتكەندى . ئانا ئشىكنى مەھكەم تاقاپ ئاستا كىلىپ ئۇنىڭ بىشىنى سىلىغانچە يىنىدا ئولتۇردى . بىچارە قىز غەرىق مەس بۇلۇپ ئانسنىڭ بىشدا ئولتۇرغانلىغىنى سەزمەيتتى . ئۇ چىراق يورىغىدا قىزنىڭ ئۇخلاپ ياتقان تۇرقىغا قاراپ ئۇنىڭ چاچلىرىغا ئاق سانچىغانلىغىنى، كۆز ئەتراپىدىكى قورۇقنىڭ چۇڭقۇرلاشقانلىغىنى سەزدى . بىچارە قىزىم توي قىلىۋالساڭ ياخشى بۇلاتتى . ھاياتنىڭ جاپاسىنى بىللە تارتىدىغان ئادەم بولغان بولسا بۇنچىلىك بۇلۇپ كەتمەيتتىڭ دىدى ئۇ ئىختيارسىز ئۇخلاپ ياتقان قىزغا قاراپ . ئانا قىزىنى ھاراق ئىچىدۇ دەپ ئويلىمىغان ئىدى . شۇڭا ئۇ بىر تۇرۇپ قىزىنىڭ بۇ ھالىتىگە قاراپ نەپرەتلىنەتتى.  مەن ئانا بۇلۇپ ئەرلەرمۇ بەرداشلىق بىرەلمەيدىغان مۇشۇ نەرسىنى ئچىىدىغان بىر قىزنى تەربىيلەپ چىقتىممۇ دەپ ئويلاپ ئۆزىنىڭ ئۆمۇرلۇك ئەمگىكى بىكارغا كەتكەندەك ھىسيات بىلەن قىزنىڭ ئۇخلاپ ياتقان ھالىتىگە قاراپ ئچىناتتى .  ئانا بىر ئۇزۇن تەگسز خىياللار بىلەن  قىزنىڭ  بىشدا ئولتۇرۇپ كارۋىتىغا چىقىپ ئۇخلاپ قالدى.  

ئانا ئەتسى سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ ئاشخاننىڭ قالايمىقان مەينەتلىگگە كۆزى چۇشۇپ ئۇنى بىر دەم تازلاپ يىغىشتۇردى. كونا توڭلاتقۇ قۇرۇق بولغاندىن سىرت ئاشخانا ئۆيدە  ناشتا قىلغىدەك ھىچ نەرسە بولمغاچقا ئاشخانىنى تازلاپ بۇلۇپ قىزىنى ئويغتىۋەتمەسلىك ئۇچۇن پۇتىنىڭ ئۇچى بىلەن مىڭىپ پەم بىلەن ئىشكنى تاقاپ بىنادىن چۇشتى. ئۇ ئىككىنچى قەۋەتكە چۇشكەندە پەلەمپەينىڭ ئالدىدا بىر بۆرە ئىتنىڭ تۇرغانلىغىنى كۆرۇپ ئىختىيارسىز ۋاقىراپ تاشلىدى . ئۇنىڭ ۋاقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئۇدۇلدىكى ئوچۇق ئىشكتىن بىر بوۋاي چىقىپ كەلدى . ئۇ مومايدىن ئەپۇ سورىغاچ ئىتنى سۆرەپ ئۆيگە كىرگۇزۋەتكەندىن كىين ئارقىغا قورقۇمسىراپ قاراپ تۇرغان ئانىنىڭ ئارقىسدىن كىلىپ يۇرۇڭ مەن سىز بىلەن بىللە چۇشەي دەپ ئانا بىلەن بىللە بىنادىن چۇشتى . بىنانىڭ دەرزىسى چىقىلغان بولسمۇ لىكىن كۇنگە تەتۇر بولغاچقا يەنىلا قاراڭغۇ ئىدى . شۇڭا بوۋاي ئىختيارسىز ئانىنى قولتۇقلىۋالدى . ئانا بوۋاينىڭ ئۆزىنى قولتۇقلىشنى پەقەت ئۆزىنى قىرى كۆرۇپ بۇ ناتۇنۇش يەردە يىقىلىپ چۇشمەسلىك ئۇچۇن دەپلا چۇشەنگەچكە غەيرىلىك ھېس قىلمىدى . ئانا  ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ گويا ئىككىسى بۇرۇندىن تونۇشىدىغاندەك ئىللىق بىر تۇيغۇ ئۇنىڭ ھاياجاننى ئۇنتۇپ كەتكەن يۇرىكىگە كىلىپ تىگىۋاتاتتى . ئۇلار سۇنۇق دەرىزىلىرىدىن تارام - تارام نۇرلىرى ئىچىدە بىر جۇپ پەرىشتە ئۈچۈپ زىمىنغا چۇشكەنگە ئوخشاش ئاستا سىيرىلىپ تۆۋەنگە چۇشتى . ئۇلار قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن چىقىپ چوڭ يولغان چىقتى . يولنىڭ قارشى تەرىپىدە بىرىنچى يولنىڭ ئاپتۇزى بۇلۇپ ئاپتۇزنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى بىكىتى دوختۇرخاننىڭ ئالدىدا توختايتتى . 

نەگە بارسىز دىدى بوۋاي ئانىغا تىكىلگەنچە دوختۇرخانىغا . لىكىن دوختۇرخانىغا بىرىشتىن ئاۋال ناشتىلىق ئىلىۋىلىشىم كىرەك دىدى ئانا. يىقىن ئەتراپتا بىر ياخشى ئاشخانا بار يۇرۇڭ مەن باشلاپ باراي دىدى بوۋاي سۇكۇتسىزلا ياق بولدى دىدى موماي . مەن ئۇزۇم بىرىۋىرەي سىزىنى ئاۋارە قىلماي دىدى تۈزۈت قىلىپ بىراق بوۋاي چىڭ تۇرىۋالغاچقا ئانا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئاشخانىغا باردى . ئىككلىسى يولدا بارغىچە بىر - بىرىگە ئارتۇق گەپ قىلشمىدى . لىكىن بوۋاي زىرىكىشتىن ئۆلەي دەپ قالغاچقا ئۇنىڭغا تۇگمەيدىغان گىپى باردەكلا قىلاتتى .  ئۇلار بىللە ئولتۇرۇپ ناشتا قىلغاندىن كىين موماي بىكەتكە بىرىپ ئاپتۇزغا چىقتى . بوۋاي قەدىناس يولدىشنى ئۇزىتىۋاتقاندەك قايغۇلۇق كەيپىيات بىلەن قولىنى كۆتۇرگەنچە بىكەتتە قالدى . موماي يولدا بارغىچە بوۋاينىڭ ۋۇجۇدىدىن ئۆزى ياش چىغىدا ئارزۇ قىلىپ كەلگەن بىر خىل مىجەزنى كۆرگەندەك بۇلۇپ قالغاندى. ئۇ ئاپتۇۋۇزغا چىقىپ دۆڭكۇرۋرۇك بازىرىدىن ئۆتكەندىن كىين چوڭ بازارنىڭ ئالدىدا كۆشگەنچە ياتقان تۇگىگە قاراپ ئىچ ئاغىرتقانچە ئارقسغا قايرىلىپ قاراپ قويدى . شەھەر دىگەن راستىنلا غەيرى بۇلىدىكەن . قۇملۇقتا ياشايدىغان ھايۋاننى نەم سىمنۇتتا ياتقۇزۇپ قويغىنى نىمىسى بىچارە تۇگە دەپ ئۆزىگە سۆزلىگەچ تۇيۇقسىز قىزىنىڭ ئاخشامقى ئەھۋالىنى ئەسلەپ ئاچچىغى كىلىپ كەتتى .  ئانا بىر تۇرۇپ قىزىغا ئىچ ئاغىرىتسا يەنە بىر تۇرۇپ ھەر ھالدا ئۇنى ئىزدەيدىغان ئەرلەر بار ئىكەن  . بىر كۇنلەردە مۇشۇنداق بىر يىگىت بىلەن توي قىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ خۇشال بولدى . ئۇنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان بىر يىگىت ئۆزى بىلەن تەڭتۇش بىر  قىزنى قۇچىقىغا ئىلىۋالغان بۇلۇپ ئادەملەر سەللا قىستلىپ كەتسە يىگىت قىزنىڭ ئالمىدەك قىزىل چىرايلىق مەڭزىگە  سۇيىۋالاتتى. قىز نازلىنىپ يۇمشاق قوللىرى بىلەن يىگىتنىڭ پىشانىسنى ئىتتىرىپ قوياتتى .  موماي نىمە ئالامەت بۇ دەپ يەنە سىرىتقا قاراشقا باشلىدى . قىز يىگىتنىڭ بەختلىك ھالەتلىرى ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئىللىق بىر سىزىم پەيدا قىلدى  . لىكىن نىمە بۇلۇپ كەتتى بۇ ئادەملەر شۇنچە ئادەم بار يەردە ھىيىقماستىن سۇيۇشۇپ دەپ ئويلاپ يەنىلا سىرىتقا قارىۋالدى . ئاسمان پەلەك بىنالارنىڭ ئاستىدا ئادەملەر خۇددى ئەرزىمەس قۇرۇتتەك ئۇيان بۇيانغا خوشياقماسلىق بىلەن مىڭىشپ يۇرەتتى . ئۇ بىكەتتىن چۇشۇپ يەنە ئەرزىمەس خىياللار بىلەن بۇلۇپ ئىرى ياتقان بىناغا بارىدىغان يولدىن ئىزىپ قالغاچقا ئوماققىنە كەلگەن دوختۇر يىگىتتىن سورۇشتۇرۇپ يۇرۇپ ئىرى ياتقان ياتاقنى ئاران تاپتى . ئۇ دوختۇرخانىغا كەلگەندە ئەتتىگەن سائەت ئون بولغاندى . سابىر بوۋاي ئۇنى ساقلاپ تاقىتى تاق بولغاچقا ئاچچىغىدا قاپاقلىرى چۇشۇپ كەتكەندى .  

ئانا ياتاققا كىرگەندە بوۋاي يالغۇز بۇلۇپ ئۇ كىرىشگىلا ئادىتى بويچە يىقىنراق كەل دىدى ئانىغا گۆلىيىپ قاراپ . ئانا بىرسى بىلەن گۇناھلىق ئىش قىلىپ قويغاندەك كەيپىيات بىلەن  ئاستا مىڭىپ ئۇنىڭ يىنىغا كەلدى. 

ئەر كىشىنىڭ ھىدى كىلىۋاتىدۇ دىدى بوۋاي ئادىتى بويىچە  ئاپتۇۋۇزدا مەندىن باشقا ئەركىشلەر جىقكەن دىدى ئانا دىمى سىقىلغاندەك بۇلۇپ دەرىزنىڭ ئالدىغا بىرىۋىتىپ.بوۋاي بىر ئۆمۇر ئۇنى ئەنە شۇنداق كۇنلەپ كەلگەندى . لىكىن نەزىرىدە ئۇنىڭ ئاچچىغىمۇ بار تاتلىغىمۇ بار ئەر ئىدى . جەنۇپ تەرەپتە ئەرلەر تەلۋىلىگى تۇتقاندا خوتۇننى ئەڭ ئۆچ رەقبىنى ئۇرغاندەك خوتۇننى رەھىم قىلماي دۇمبالىيالايدىغان ۋە خوشى تۇتقاندا بازارغا ئىلىپ چىقىپ  ئىككى كىيىم كۆينەك ئىلىپ بىرەلەيدىغان ئەرلەر ئەنە شۇنداق ئاچچىغىمۇ بار تاتلىغىمۇ بار ئەر كىشلەر ھىساپلىناتتى. ئانا ئۇنىڭغا ئالغاچ كەلگەن ناشتىلىقنى ئالدىغا قويدى.  

-قىزىڭ نىمە ئىش قىلىۋاتىدۇ دىدى بوۋاي زەرىب بىلەن ئانا  ئۇنىڭغا قايرىلىپ قاراپ سۇكۇتتە تۇرۇپ كەتكەندىن كىين  

ئۇخلاۋاتىدۇ دىدى راس گەپنى دەپ .

-ئىشلىمەمدىكەن ئۇ كۇن چۇشكىچە ئۇخلاپ سىنىڭ باققان باللىرىڭنىڭ بىرسى ياخشى ئادەم بولمىدى دىدى مومايغا چىشلىرىنى غۇرۇچلىتىپ تۇرۇپ. 

ھازىر ناشتا قىلىڭ. كېسلىڭىز ئۇچۇن ئاچچىغلاش زىيانلىق دىدى موماي دەرىزىدىن سىرىتقا قاراپ تۇرغانچە.  

بوۋاي يەنە نىمىلەرنىدۇ دىمەكچى ئىدى . بىراق ئاغزىغا كەلگەن گەپنى يۇتىۋىتىپ ناشتا قىلىشقا باشلىدى .

ئۇلارنىڭ ئۇچ بالىسى بار ئىدى . ئەڭ چوڭى ئوغۇل ، مەكتەپتە ياخشى ئوقۇماي كىينلىكتە كۇننى ئالالمايدىغان بىر بايقۇشقا ئايلىنىپ قالدى . شۇڭا ئۇ كەيىپكە بىرىلىپ كەتتى . بىچارە ئايالى تايىنىدىغان ئەرنىڭ تايىنى بولمىغاچقا يىڭىنى شىمايلاپ ئوتتۇرغا چۇشۇپ بىر ئائىلىنى ئۆزىلا باشقۇرۇپ گۇللەندۇرۇپ كەتتى . ئىككىنچىسىمۇ ئوغۇل ئىدى . ئۇنىڭ تىجارەتكە ئىپى بار بۇلۇپ ھەر ھالدا مىدىرلاپ يۇرەتتى . لىكىن تاپقان پۇلنىڭ تايىنى يوق ھە دىسە يامان ئىشلارغا چىتىلىپ قىلىپ پات پات تۇرمىگە كىرىپ يىتىپ چىقاتتى . ئۇچىنچىسى روخسار بۇلۇپ مەكتەپ پۇتتۇرۇپ خىزمىتىنىڭ تايىنى يوق . بىر يەردە ئورنى مۇقىم ئەمەس بىراق ئۆزىگە تايىنىپ ياشايتتى . ئۇنىڭ توي قىلمىغانلىغى دادىسىنىڭ ئاچچىغىنى كەلتۇرەتتى . شۇڭا ئۇ بۇ توغۇرلۇق سۆزلەپ قالسا بىر ئىككى ئىغىز گەپ بىلەن توختاپ قالمايتتى . موماي دەرىزىنىڭ سىرىتىدىن شەھەرنىڭ مەنزىرىسگە قاراپ تۇرغاندەك قىلسمۇ لىكىن كۆزلىرى بىلەن ئەمەس نىرۋىسى بىلەن بىر ئىشلارنى كۇرىۋاتاتتى . ئۇ ئەتتىگەنكى ھىلىقى ئىتنىڭ ئىگىسنى ئەسلەۋاتاتتى . بەلكىم ئۇ يالغۇز بولسا كىرەك . خوتۇن بالىلىرى يوقمۇ يا ؟ بىرەر پىشكەللىككە ئۇچۇرىغا بولسا كىرەك . قىرىغاندا يالغۇز قىلىش نىمە دىگەن قورقۇنۇشلۇق دەپ ئويلاپ بوۋاينىڭ تۇرقىنى ئەسلەش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ھاياتى ئۆستىدە تۇرلۇك ھۇكۇملەرنى چىقىرۋاتاتتى . ئۇ بوۋاينىڭ پەلەمپەيدىن چۇشكىچە بولغان ئارلىقتا ھاياجان بىلەن بىلەن خۇددى كىچىك بالىدەك تىتىرەپ كەتكىننى ئىسگە ئالغان موماي تۇيۇقسىز قىز چاغلىرىدىكدەك پىخىلداپ كۇلۇپ تاشلىدى.  

-زادى قوسىغىڭدا جىن بار دىدى ناشتا قىلىۋاتقان بوۋاي ئۇنىڭ گۆلىيىپ قاراپ؛ 

ئانا ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماي بىنانىڭ ئاستىدىكى گۇلەڭگۇچتە ئويناۋاتقان ئىككى قىزغا قاراۋاتاتتى. ئۇ داۋاملىق ئۆزىنى قىرىدىم دەپ قارايتتى . جىنسيەت ئەركىنلىگى بىلەن چەكسىز غىرىپلىقتىن باشقا ھىچ نەرسە بەرمەستىن جاننى ئالىدىغان بۇ شەھەر شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆڭلىنى غىدىقلاشقا باشلىغانلىغىدىن ھەيران قالاتتى .    






داۋامى بار


………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k