大数跨境

ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ (پوۋېسىت ) 4 ـ قىسىم

ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ (پوۋېسىت ) 4 ـ قىسىم aybarawazi
2023-01-20
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر !تۆۋەندە ( ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ) ناملىق  پوۋېست ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 5-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3















ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ


ئاپتۇرى: ئەخمەت نىياز (تىلماچ ئەپەندى)

(4)


ئۇنىڭ بۈگۈن سەھەردە كۆز ئالدىدا نامايەن بولغان ئايالى، قىزىنى ئېلىپ كۆل بويدا بىرگە ئايلىنىۋاتقان، ئايالىنىڭ خۇمارلىق كۆزى بىلەن ئۆزىگە چوڭقۇر مۇھاببەتتە قاراۋاتقان، قىزىنىڭ تايچاقتەك چېپىپ، قۇشلاردەك توختىماي ۋىچىرلاپ، ئاتا- ئانىسىنىڭ باغرىدا غەم- ئەندىشىسىز بەخىت ھوزۇرىنى سۈرىۋاتقان، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ شاتلىق ئىچىدە توختىاماستىن قاقاھلاپ كۈلىشىپ، بىر- بىرىنى قوغلىشىپ ئويناپ سەيلە قىلىۋاتقاندىكى تاتلىق كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئورنىنى، ھازىرقى بوران ئېغىزىدا قاڭقىپ يۈرگەن قامغاقتەك بىر خىل قىرتاق تەم ئىگىلىدى. 

يۈسۈپ ناشتىمۇ قىلماي چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، گۆھەر روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك ئۇزۇندىن- ئۇزۇن خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا مەكتەپ ھاياتى، يۈسۈپ بىلەن مۇھابەتلىشىپ يۈرگەن كۈنلىرى، تويدىن كېيىنكى خاتىرجەم تۇمۇشى، قىزى تۇغۇلغاندىن كېيىن ئېلىپ كەلگەن چەكسىز خۇشاللىق، خىزمەتتە بولۇپمۇ يېزىقچىلىقتا قولغا كەلتۈرگەن ھەم كەلتۈرۈش ئالدىدا تۇرىۋاتقان نەتىجىلەر...كېلىش بىلەن روھى كۆتۈرۈلۈپ قالغاندەك ھېس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى يېرىم يىلدىن بۇيان يۈسۈپدە كۆرۈلىۋاتقان ئۆزگۈرۈش، ئۆزىنى قوللىماسلىق، چۈشەنمەسلىك، ئورۇنسىز گەپ- سۆزلەر بىلەن چېچىلىپ چالۋاقاش، يېزىۋاتقان ئەسىرىدىكى پىرسۇناژلارنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرى... گۆھەر ئاخىرىنى ئويلاشقا پېتىنالمىدى. ئۇ ئورنىدىن ئاستا تۇرۇپ دېرىزىنى يوغان ئېچىۋەتكەندىن كېيىن باغ تەرەپكە قاراپ خېلى ئۇزۇن ھاڭۋېقىپ قاراپ تۇرۇپ كەتتى، قۇرسىقى ئاچقاندەك قىلغاننى ھېس قىلغان گۆھەر ئازىراق بولسىمۇ ناشتا قىلىشنى ئويلاپ، ئاشخانا ئۆيگە كىردى، ئۇ توڭلاتقۇدىن ناشتا تەييارلاشقا كېرەكلىك نەرسىلەرنى قولىغا ئېلىش بىلەن تەڭ، بوغۇزىغا ئاچچىق بىر نەرسە تۇرۇپ قالغاندەك بولۇپ، ناشتا قىلىشتىن يالتايدى، ھەمدە قولىدىكى نەرسىلەرنى يەنە جايىغا سېلىپ قويۇپ، ھوجرا ئۈيىگە قايتىپ كىرىپ، يېزىق ئۈستلى ئالدىغا كەلدى. ئۇ قولىغا قەلەم ئالغان ئەشۇ دىقىقىدە، كاللىسى تورمۇزلىنىپ قالغاندەك، تەپەككۇرى ئەسكى تاغارغا قاچىلاپ دەريادىكى قىيان سۇغا تاشلىۋېتىلگەندەك، مىڭىسىگە مىڭلاپ ھېرە كىرىۋىلىپ كۆنەلگە ياساۋاتقاندەك بىئارام بولۇپ، قەلەمنى ئۈستەلدىكى ئورگىنال ئۈستىگە تورۇككىدە تاشلاپ قويۇپ، ئويچان كۆزىنى دېرىزىدىن ھويلىغا، ھويلىدىن باغقا، ئاندىن باغدىن ھالقىتىپ يىراق- يىراقلارغا تىكتى. ئەجەبا مەن خاتا قىلىۋاتىمەنمۇ ياكى يۈسۈپ مېنى چۈشەنمەيۋاتامدۇ؟ ئېرىشكەن نەتىجىلىرىم كۆپەيگەنسىرى كۆزى قىزىرىپ، قەستەن مەندىن قۇسۇر ئىزدەپ، ئەمدىلا قانات قېقىپ پەرۋاز قىلىش ئالدىدا تۇرغان يۇمران قاناتلىرىمنى بوغۇچلاپ قويۇشنى ئويلاۋاتامدىغاندۇ؟ ئانچىكىم بىر سەۋەنلىكىمنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئانىلىق، ئاياللىق بۇرچۇمنى جايىدا ئادا قىلىپ كېلىۋاتىمەنغۇ؟ ئىمكانىيىتىمنىڭ بېرىچە مۇشۇ ئۆي ئۈچۈن جان كۆيدۈرۋاتسام، ئۇنىڭ ياقىسىغا كىر قوندۇرماي، نىسىۋېسىنى دېگەن ۋاقىتتا كەم قالدۇرماي بېرىپ، ھەممە ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن ئەتراپلىق چىقىۋاتسام، ئۇنىڭ يەنە نىمىسىگە نىمە يەتمەي مەندىن ئورۇنسىز ئاغرىنىپ يۈرىدىغاندۇ؟ تېخى قىزلاردەك بۇتناپ، ناشتا قىلماي قىيداپ چىقىپ كىتىشلىرى قىززىققۇ؟ گۆھەرنىڭ دىققىتى چېچىلدى، بىر نەرسە يېزىشقا رايىمۇ بارماي، ئۈستەل ئۈستىدىكى كىتاپ ئارىسىغا قىستۇرۇلغان بىر توپ كونۋېرتنى ئېلىپ، ئۆزىنى كارۋات ئۈستىگە تاشلىغىنىچە، كورنۋېتنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ، ئوقۇرمەنەردىن كەلگەن خەتلەرنى ئوقۇشقا باشلىدى. خەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاساسەن ئەسەرلىرى ئۈستىدە بېرىلگەن باھا، مەمنۇنلۇق؛ ئۆزلىرىنى قايسى بىر ئەسەردىكى قايسى بىر پىرسۇناژغا سېلىشتۇرۇش؛ ئۆز كەچمىشىنىڭ قايسى بىر ئەسەردىكى ۋەقەلىك بىلەن ئوخشاپ كىتىدىغانلىقى، ۋاھاكازالار... بىلەن تولغان بولۇپ، ئارىدىكى بىر پارچە خەت ئۇنىڭ دېھقىتىنى تارتتى. خەت تولىمۇ رەتسىز، پەش- چېكىتسىز يېزىلغان بولۇپ، گۆھەر بۇ خەتلەرنى قۇراشتۇرۇپ ئوقۇپ بولغىچە خېلىلا چارچىدى. تەلىيىگە بۇ خەت ئانچە بەك ئۇزۇن يېزىلمىغان ئىدى. خەت ئادەتتىكى ئىش قەغىزىگە ئىمكان بار رەتلىك يېزىشقا تىرىشىۋاتقاندەك قۇر تاشلاپ يېزىلغان ئىدى:

ــ سالام، سۇنۇق قەلبىمنىڭ ئالتۇن تۆرىدىن ئورۇن ئالغان سۆيۈملىك گۆھەر ھەدە، ياخشىمۇسىز: ئالدى بىلەن سىزنىڭ مۇبارەك ئىسمىڭىزنىڭ چېھرىڭىزگە ئوخشاشلا ئىللىقلىق بىلەن تولغانلىقىدىن تولىمۇ سۆيۈنگەنلىكىمنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتمەكچىمەن، مېھرىڭىز ھەقىقەتەن نۇرلۇق ئىكەن، «سۆيگۈمگە چاڭ سالما» ناملىق ئەسىرىڭىزنى قانچە رەت ئوقۇپ چىققىنىمنى، ئەسەردىكى دىلدارنىڭ ئۆز سۆيگۈسى ئۈچۈن قانچىلىك پىداكارلىق كۆرسىتىپ، ئۆز مۇھەببىتى ئۈچۈن جېنىدىن ۋاز كېچىشتىنمۇ باش تارتمىغانلىقىنى ئوقۇپ، دىلدارنىڭ ۋېسال ئىزدەپ تارتقان ئازاپلىرىغا قانچە كېچە، قانچە كۈن يغىلاپ چىققانلىقىمنى بىلمەيمەن. قەلىمىڭىز بەكلا ئۆتكۈر ئىكەن، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن، تەپەككۇر قەلىمىڭىز ئاسماندا پەرۋاز قىلسۇن. ئەمدى ئۆز گەپكە كەلسەك، قايسى كۈنى يېڭىدىن نەشىردىن چىققان ھېكايە- پوۋېستلار توپلىمىڭىزنى شىنخۇا كىتاپخانىسىدا كۆرۈپ، ئالتۇن تېپىۋالغاندەك خۇش بولۇپ، بىراقلا بەش پارچە سېتىۋالغان بولسام، ئەسەر مۇقاۋىسىنىڭ ئىچىگە بېرىلگەن سۈرىتىڭىز، قىسقىچە تەرجىمھالىڭىزنى كۆرۈپ، خىزمەت ئورنىڭىزنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بىلىپ، خۇشاللىقتىن كىتاپخانا ئىچىدىلا سەكرەپ توۋلاپ كىتىپتىمەن. تەقدىر مەندەك يېتىم قىزنىڭ سىزگە بولغان ئىخلاسىغا رەھىمى كېلىپ، مېنى سىز بىلەن بىر شەھەردە ياشاشقا، بىر شەھەرنىڭ سۈيىنى ئىچىپ، بىر شەھەرنىڭ ھاۋاسىدىن نەپەس ئېلىشقا نىسىپ قىلغىنىغا مىڭ تەشەككۇر. مەن ھازىر ئۆزەمنى چەكسىز بەخىتلىك سېزىۋاتىمەن.

سۆيۈملىك گۆھەر ھەدە، سىزدىن بىر ئۆتۈنۈشۈم بار ئىدى، مۇمكىن بولسا تەلىپىمنى رەت قىلماي، 10- ئاينىڭ 12- كۈنى شەنبە چۈشتىن بۇرۇن سىز بىلەن كۆرۈشۈپ، يۈزتۇرانە مۇڭدىشىۋېلىشىمغا ئىجازەت بېرىشىڭىزنى تولىمۇ تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆتۈنۈپ سورايمەن، تەلىپىمنى رەت قىلمىغان بولسىڭىز. ۋاقتىڭىزنى زايە قىلماسلىق ئۈچۈن مەن ئۇتتۇرلا ئۈيىڭىزگە بارسام دەيمەن، ماقۇلمۇ؟

ئەسەرلىرىڭىزنى جېنىمدىن ئەزىز كۆرۈپ، سۆيۈنۈپ ئوقۇيدىغان ئىخلاسمەن ئوقۇرمىنىڭىز: زىبانۇردىن.

2017- يىل 10- ئاينىڭ 3- كۈنى

10- ئاينىڭ 12- كۈنى؟ بۈگۈن ئىكەنغۇ؟ دېمەك بۇ قىز بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئۆيۈمگە ئىزدەپ كېلىدىكەندە؟ بۇنى مەن بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن دەپ چۈشىنەيمۇ ياكى مېنى يوقلاپ كېلىش ياكى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن دەپ بىلەيمۇ؟ مەيلى نىمە ئۈچۈن بولسا بولسۇن، ئۈيۈمگە تۇنجى قېتىم قەدەم تەشرىپ قىلغان بىر ئوقۇرمىنىمنى نائۈمۈد يولغا سېلىپ قويسام قانداق بولىدۇ؟ ھېلىمۇ ياخشى بۈگۈن يۈسۈپ بىلەن لەپشىگىلى چىقىپ كەتمەپتىمەن، بولمىسا، مېنى ئالاھىيتەن ئىزدەپ كەلگەن بىر ئىخلاسمەن ئوقۇرمىنىمنى تاقاق ئىشىكنىڭ ئالدىدىلا نائۈمۈد ئۇزۇتۇپ قوياركەنمەن. بۇمۇ ياخشى بولدى، شۇ باھانىدە بۇ قىزنىڭ ئاغزىدىن كىيىنكى ئەسىرىم ئۈچۈن بىرەر خام ماتېرىيالغا ئېرىشىپ قالسام ئەجەپ ئەمەس. گۆھەر باشقا كونۋېرتلارنى ئېچىپ ئوقۇشتىن يالتىيىپ، ئورنىدىن ئېرىنچەكلىك بىلەن تۇردى-دە، گىرىم ئۈستىلى ئالدىغا كېلىپ ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈشكە، سۇس گىرىم قىلىشقا تۇتۇندى، بۇ يەردىكى ئىشى تۈگىگەندە بولسا، كىيىم ئىشكابىنى ئېچىپ، ئۆزى ئەڭ ياقتۇردىغان بىنەپشىرەڭ ئۇزۇن يۇڭ كۆينىكىنى كىيىپ، بوينىغا بىر تال ئەتىرگۈل غۇنچىسى نۇسقىسىدىكى كىچىك مىدالىيۇن ئېسىلغان ئالتۇن زەنجىرىنى تاقىدى، ئاندىن تىكلىمە ئەينەك ئالدىدا ئۇيان- بۇيان ئۆرۈلۈپ، مودىللاردەك ئالدى- كەينىگە بىر نەچچە قەدەم مېڭىپ قويغاندىن كېيىن، رازىمەنلىك بىلەن سۇس جىلمىيىپ قويۇپ، ئوتتۇرىدا چېچىلىپ ياتقان قوليازما، ئورگىنال، كىتاپ- ژۇرنال قاتارلىق نەرسىلەرنى جايجايىغا يىغىشتۇرغاچ، كەلمەكچى بولىۋاتقان بۇ ئوقۇرمىنىنىڭ تەققى- تۇرقىنى خىيالەن پەرەز قىلدى. گۆھەر قولىدىكى ئىشىنى تۈگىتىپ بولۇپ، يېزىق ئۈستىلى ئالدىغا كەلدى. ئۇ ئوقۇرمەننىڭ سائەت نەچچىدە كېلىدىغانلىقى ئېنىق يېزىلمىغان بولغاچقا، گۆھەر ئىككى قۇر بولسىمۇ بىر نەرسە يېزىۋېلىشنى ئويلاپ يېزىق ئۈستىلى ئالدىغا كەلدى. بىراق ئۇنىڭ خىيالىغا ئۆزىنى ئىزدەپ كەلمەكچى بولغان ھېلىقى ئوقۇرمىنى، ئىسمىنى نېمىتى؟ ھە راست، زىبانۇر كېلىپ، ئۇنىڭ تەققى- تۇرقىنى خىيالەن پەرەز قىلدى: ــ ئۇ قانچە ياشلاردا باردۇ؟ بويى ئىگزمىدۇ- پاكارمىدۇ؟ گەپ- سۆزلىرىدىن قارىسامغۇ تېخى كىچىك قىز بالىدەك قىلىدۇ. ئوقۇمدىغاندۇ ياكى ئىشلەمدىغاندۇ؟ ــ گۆھەرنىڭ دېھقىتى چېچىلدى. ئوھۇش! دېدى ئۇ ئۆز- ئۆزىگە پىچىرلىغاندەك قىلىپ، قانداق بولسا بولمامدۇھە، ئۇ يا مېنىڭ چوڭ دادامنىڭ ھاممىسىنىڭ ئوغلىغا تونۇشتۇرىدىغان قىز بولمىسا، قانداق بولىشىنى پەرەز قىلىپ نىمە قىلاي، ئىشقىلىپ ئىككى پۇتى، ئىككى قولى، ئىككى كۆزى، ئىككى قۇلىقى .... ۋاي، ۋاي، ۋاي، ساراڭ بولدۇممۇ مەن. «كېلىننى كەلگەندە، يېلىننى سالغاندا كۆرۈڭ» دەپتىكەنغۇ كونىلار، نېمە ئۇ قىز كەلمەي تۇرۇپ، بەش كۈن بۇرۇن تەققى- تۇرقىنى پەرەز قىلىپ كەتكەندىمەن مېڭەمنى چارچىتىپ! ھېلى كەلگەندە كۆرسەم بولمىدىمۇ! ــ گۆھەر يەنە ئورندىن تۇرۇپ دېرىزىدىن سىرتقا قارىدى. ھويلىسىدىكى كەچ كۈز ئايلىرى كىرىپ قالسىمۇ پىسەنتىگە ئېلىپ قويماي پورەكلەپ ئېچىلىۋاتقان ئەتىرگۈل، قىزىلگۈل، مودەنگۈل، كەترەگۈلدىن كېلىۋاتقان خۇشپۇراق ئادەمنى مەستخۇش قىلسا، كىچىككىنە بېغىدىكى مىۋىلىك دەرەخلەرگە قونىۋېلىپ، دۇنيادىن بىغەم سايرىشىۋاتقان قارغۇجا، كاككۇك، تۇمۇچۇقلارنىڭ زىل ئاۋازىغا خۇددى كىنۇلاردا يانداشما رول ئېلىۋاتقان ئارتىستەك پىشايۋانغا چىقىۋېلىپ بوغۇق ئاۋازدا بۇقۇلداپ سايراپ جۆر بولىۋاتقان كەپتەر، ئەنجان پاختىكىنىڭ تەڭكەش ئاۋازى ئادەمنىڭ دىل تارىنى چېكىدىغان مۇقام كۈيىدەك ناۋا قىلىشماقتا ئىدى. گۆھەر خۇددى ئەسەرلەردە تەسۋېرلىنىدىغان بۇ گۈزەل كۆرۈنۈشنىڭ ئۆز ھويلىسىدا نامايەن بولۇپ، ئۆچمەس مىلودىيە ئاڭلاۋاتقاندەك كۆزىنى چىڭ يۇمغىنىچە جىممىدە تۇرۇپ قالدى. مۇشۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆزىگە ھويلىسىدىكى گۈللەر، قۇلىقىغا باغدىن، پىشايۋاندىن كېلىۋاتقان قۇشلار ناۋاسىدىن باشقا ھېچنىمە كىرمەيتتى، ئاڭلانمايتتى. ئۇ تامامەن مەستخۇش بولغان ئىدى، ھەتتا بىر نەچچە قېتىم مەقسەتلىك يۆتىلىپ قويۇپ مېھمانخانىدىكى كىرىسلوغا چۆكۈپ ئولتۇرغان يۈسۈپنىڭ تېلېۋىزۇرنىڭ ئاۋازىنى گاس ئادەمدەك بولىشىغا ئېچىۋېتىپ، «پىلانتلار ئارا جەڭ» ناملىق فانتازىيىلىك كىنۇنى كۆرىۋاتقانلىقىغىمۇ دىققەت قىلمىغان ئىدى. ئەگەر مۇمكىن بولغىنىدا ئىدى، ئۇ بۇ گۈزەل مەنزىرىنى ئۆز ئاۋازى بىلەن ماي بوياق رەسىمىدەك سىزىپ مېھمانخانا ئۈيىنىڭ تۆرىگە ئېسىپ قويغان بولاتتى. ئەپسۇس، تولىمۇ ئەپسۇس، بۇ مەنزىرلەرنى ھەر قانداق ئۇستا رەسساممۇ ئاۋازلىق قىلپ سىزىپ چىقالمايدۇ. سىن ئالغۇغا ئالغان بىلەنمۇ، ئۇنى تامغا ئېسىپ قويغىلى بولمايدۇ- دە! 


  بۇ ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى 

ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ،  رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ  كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە  ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت . 




 بۇ روماننىڭ  ئاۋازلىقىنى تولۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ


………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .


ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k