
بۇ ئەسەرنىڭ 2 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
بۇ ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىگە يوللاندى ، تۆۋەندىكى سۆرەتىنى بېسىپ تولۇق قىسىمىنى ئاڭلاڭ ..
بۇ پوۋېستنىڭ ئاۋازلىقىنى تولۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
ئاق ئەتىرگۈل
1- قىسىم
رۇخسار ئۆيگە كەلگەندە تام سائىتى كەچ سائەت ئونغا داڭ ئۇرغاندى. دادىسى دوختۇرخانىغا ئورۇنلىشىپ بولغىچە ھېرىپ ھالىدىن كەتكەچكە ئىش پۇتكەندىن كىين تامىغىنى يەپلا ئۆيگە ئارانلا كىلىۋالدى. ئانىسى دادىسغا ھەمرا بۇلۇپ قالماقچى بولغاندى. بىراق يىرىم سائەت ئۆتمەيلا ئانسمۇ يىتىپ كەلدى . ئاپىسى ناھايىتى مۇڭداشقاق ، ئوچۇق يورۇق ئايال بۇلۇپ بۇ يىل ئاتمىش ياشقا كىرگەن بولسىمۇ يىشىدىن ياش ھەم تىتىك كۆرىنەتتى.
قايتىپ كەپسەنغۇ ئانا؟ دىدى روخسار ئانسنىڭ قايتىپ كىلىشىنى خالىمىغاندەك ھىسيات بىلەن بۈگۇن دوختۇر ئۆزى كۆزىتىدىكەن ، ياتىدىغان يەرنىڭ تايىنى يوق، ئۆيگە بىرىپ ئارام ئىلىڭ دەپ يولغا سىلىپ قويدى. دۇنيادا ياخشى ئادەملەر كۆپ جۇمۇ دەپ قويدى ئانا ئارقىدىنلا ئۆز ئۆزىگە ئانسى ئۆيگە كىرىپلا پىشانسىدىكى مۇنچاق مۇنچاق تەرلىرىنى سۈرتكەندىن كىيىن، ئۆزى ئۈچۇن يىڭىدىن راسلانغان كارۋاتقا كىلىپ ئولتۇردى ئانا ھاسىراپ تۇرۇپ . ئۆي ئۈچىنچى قەۋەتتە بولسىمۇ پەلەمپەي تىك بولغاچقا مىڭىپ چىققىچە ياش ئادەممۇ خىلى قىينلاتتى. قىزىنىڭ غەمكىن تۇرقىنى كۆرگەن ئانا روخسارنى ئويلىسلا بىشىغا غەم چۇشىدىغان گەپنى باشلىدى
مۇشۇنداقلا ئۆتۇپ كىتەرسەنمۇ بالام، يىشىڭمۇ بىر يەرگە باردى دەپ ئەمدى گىپىنى باشلاپ بولغىچە روخسار ئانسنىڭ گىپىنى ئۈزۇپلا:
-سىنى كىلىدۇ دىگەننى ئاڭلاپلا بۇ گەپنى سورىسا نىمە دەرمەن دەپ بىشمغا غەم چۇشكەن بولدى بۇگۇن گەپ قىلمىغىنە . بىشم ئاغىرىۋاتىدۇ دىدى روخسار ھارغىنلىق بىلەن كارۋاتقا قايتىدىن ئۇزىنى تاشلاپ .
-ئانا يەنە سۆزلەشكە باشلىدى:
-بەختىڭنى بىرەر دەپ شۇنچە تىلىگەن بولمسا دىدى ئانا قىزنىڭ باش تەرىپىدە ئولتۇرۋىتىپ
-ماڭا بەخىت تىلىمەي ئۆزۇڭگە تىلىگىنە بولدى دىدى روخسار ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتكىنىچە.
-سەن دادام بىلەن توي قىلغىلى نەچچە يىل بولدى ؟ سورىدى روخسار كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنچە ئانىسغا تىكىلىپ قاراپ :
-قىرىق يىللار بولغاندۇ دىدى ئانا قوللىرى بىلەن بىردەم ھىساپلىغاندىن كىين، ئەمەليەتتە ئۇ توي قىلغىلى نەچچە يىل بولغانلىغىنى ئىنىق بىلمەيتتى.
-سەن بەخىتلىكمۇ دىدى روخسار ئارقىدىنلا
-ئانىسى بۇ گەپنى ئاڭلاپ بىر ھازا تۇرۇپ قالدى . ئۇ نىمە دىيشنى بىلەلمەي بىر دەم تۇرغاندىن كىين:
-نىمە دىمەكچىسەن؟ دىدى قىزىنىڭ گىپىنى تازا ئاڭقىرالمغاندەك قاراپ تۇرۇپ كىتىپ .
ھە مانا دىدى روخسار دىمەك سەن بەخىت ھەققىدە ئويلىنىپ باقمىغان ھەم بىر ئەرنىڭ ئايالىنى بەختلىك قىلىدىغانلىغىنى ھەم بەختلىك قىلسا قانداق بۇلىدىغانلىغىنى ، بىر ئايالنىڭ قانداق تۇرمۇشتا ياشسا ئاندىن ئۆزىنى بەختلىك ھىساپلايدىغانلىغىنى بىلمەيسەن.ئانا جىمىپ كەتتى .
جىمجىتلىقنى خالاپ تۇرغان روخسار ئورنىدىن تۇرغانچە ئانىسغا ئاياپ ئولتۇرماي كاللىسغا كەلگەن گەپنىڭ ھەممىنى قىلىش نىيتگە كەلگەندى .
-دادام ھىلىمۇ ھاراق ئىچەمدۇ؟ دەپ سوردى روخسار
-ئىچىدۇ دىدى ئانا ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ :
-ھىلىمۇ قىمار ئوينامدۇ ؟ دىدى روخسار يەنە ئانىنىڭ بىچارە تۇرقىغا قاراپ
-ئوينايدۇ دەپ جاۋاپ بەردى ئانا .
-ئۇ ھىلىمۇ سىنى ئۇرامدۇ ؟ دەپ سورىدى روخسار يەنە ئانا ئۇنىڭ سۇئاللىرىغا بەرداشلىق بىرەلمەي قىلىۋاتاتتى . شۇڭا ئۇ ئۆمچەيىگىنچە بىشىنى لىڭشتتى.
ئەمدى ماڭا قىلىدىغان باشقا گىپىڭ بارمۇ ؟ بولمسا ئارام ئال. بىكار سىنى خاپا قىلىپ قويىمەن دىدى روخسار يەنە كارۋىتىغا ئۆزىنى تاشلاپ ئانا سۈكۇت ئىچىدە كارۋاتقا چىقتى.
كۆڭۇلسىزلىك بىلەن باشلانغان سۆھبەت يەنە كۆڭۇلسىزلىك بىلەن ئاخىرلاشتى . ئانا كارۋاتقا چىقىپ بىر دەمدىلا ئۇخلاپ قالدى . نەچچە مىڭ كىلومىتىر يولنى ئاپتۇز بىلەن بىسپ كىلىپ يەنە بىر مۇنچە ئىشلار بىلەن ھەلەك بۇلۇپ دەسسەپ تۇرماق تەس ئىدى . بىراق ئانىنىڭ تىنى ساغلام كۆرىنەتتى . جاپا تارتىشنى ئەزەلدىن ئۆزىگە خوپ كۆرگەچكە كۇندىلىك ئىشلاردىن پەقەتلا قاخشمايتتى . مەن ئايال جاپا چىكىش مەن ئۇچۇن ھەق دەپ قارايتتى. ئەگەر روخسار ئۇنىڭ ئورنىدا بولسا ئاللىقاچان يىقىلىپ قالاتتى
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ
روخسار ئادىتى بويىچە مەھەللىگە يىقىن موزىكىلىق مەيخانىغا كىرىپ ھاراق ساتىدىغان ئايلانما باۋتەيگە قويۇلغان بوش ئورۇندۇقنىڭ بىرگە كىلىپ ئولتۇردى. شەرەپ بۈگۈن ئىشلىگەن بۇلۇپ ئۇنى كۇرۇپ ئاستا يىنىغا كەلدى . ئۇيقۇ يەنە كەلمەپتۇ دە دىدى شەرەپ ئۇنىڭ كۇزىگە مەنىلىك قاراپ
-شۇنداق ئۇيقۇم قاچتى دىدى روخسار سۇغۇقلا قىلىپ.
ئەمسە بىر نەچچىنى ئىچىڭ دىدى شەرەپ تۇۋەندىن بىر بوتۇلكا قىزىل ھاراقنى چىقىرىپ روخسار ماقۇل دىگەنچە بىشنى لىڭىشتقاچ ئەتراپقا قارىدى . شەرەپ خىلى قاملاشقان لىكىن پۇلى يوق . قاچانلا قارىسا پۇل تاپىدىغان چوڭ پىلانلارنى قىلىپ يۇرۇيدىغان خىيالى لىكىن غەيرەتسز يىگىت بۇلۇپ روخساردىن بىر نەچچە ياش چوڭ ئىدى . ئۇ روخسار بىر قىتىم مەس بۇلۇپ قالغاندا تونۇشۇپ قالغان بۇلۇپ شۇ كۇنى روخسار بىلەن قونۇپ قالغاندى . شۇنىڭدىن بىرى ئىككسى ئىزچىل ئارلىشىپ كىلىۋاتقان بۇلۇپ روخسار ئۇنىڭدىن بىر ئاز زىرىكىش ھىس قىلىپ قالغاندى. بىراق شەرەپ روخسارغا ئامراق ئىدى . چۇنكى ئۇ شەرەپتىن پۇل تەلەپ قىلمايتتى . تەييار ئۆيى بار ياتاق ئىلىپ يۈرۇشنىڭ ئورنى يوق . يەنە كىلىپ ئۇ يەنىلا چىرايلىق . ھىچقانداق چىقىمسز بىر ئايالدىن بەھىر ئىلىش شەرەپكە ئوخشاش قۇرۇق خىيالغا باي لىكىن ئەمەلى ئىقتىسادى يوق زىيالىيلارغا تازا ياقىدىغان ئىش ئىدى . روخسار نەچچە كۇندىن بىرى كەلمىگەچكە شەرەپ ئۇنى سىغىنىپ تۇراتتى . شۇڭا ئۇ روخسارنى كۇرۇپ ئىچ ئىچىدىن خۇشال بۇلۇپ كەتتى . ئۇنىڭغا شوتلاندىيە ۋىسكىسدىن بىر رۇمكا تەڭشەپ بەرگەندىن كىين روخسارنىڭ گۇزەللىگىدىن ھۇزۇر ئالغاچ ئىشلەۋاتاتتى . روخسارنىڭ خيالىدا ئەرلەر ئۇنىڭغا مۇھتاج بولغاندا ئالدىدا مۈشۈكتەك سۇۋۇشۇپ كىتەتتى ھەم ئۇنىڭ كۇڭلىنى ئىلىش ئۇچۈن ھەرقانچە پىخسىق ئادەممۇ پۇلنى سۇدەك خەجلەيتتى . بىراق ئۇ ئۆزىنى بىر قىتىملىق تازلىق قەغىزىدەك، ئىشلىتىپ بۇلۇپلا تاشلىۋىتىشكە تىگىشلىكتەك بۇيۇمدەك ھىس قىلاتتى . ئۆزى بىرەرسىگە مۇھتاج بولغاندا ھىچكىمنى تاپالمايتتى . يالغۇزلۇق ۋە غىرىپسنىش ئۇنى ئۇزاقتىن بۇيان قىيناپ كەلگەندى . ئۇ ئەرلەردىن شۇنچىلىك بىزار بۇلۇپ تۇرسىمۇ لىكىن يەنە يالغۇزلۇقتىن قورقۇپ ئۇلار بىلەن بىللە بۇلۇشنى ئىزدەيتتى . لىكىن ئەرلەر ئۇنىڭ بىلەن بىر قىتىم بىللە بولغاندىن كىينلا تاشلاپ كىتىپ قالاتتى . شەرەپ ئۇنىڭ نەزىرىدە پەقەتلا ئەركەك جىنسلىق بىر ئادەم ئىدى . باشقا ئەرلەردىن پەرىقىلىنىدىغان ھىچقانداق يىرى يوق بىر ئەر كىشى ئىدى خالاس . سەھنىدە بىر يىگىت توپىدىن ئايرىلغان قوزىدەك كۆڭلى يىرىم قىياپەت بىلەن گىتتارنى ياۋرۇپانىڭ لىرىك موزىكىسدىن بىرىگە چىلىپ ناخشا ئىيتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئالدىدا بىر توپ قىز يىگىتلەر تانسىغا چۇشكەن بۇلۇپ ۋال ۋۇل چىراقنىڭ نۇرىدا ئۇلارنىڭ تىنى ئالۋۇندەك گاھ كۆرۇنۇپ گاھ كۆرۇنمەي قالاتتى. روخسارنىڭ كۆزىگە ھەممسى روھىنى يوقاتقان قۇرۇق بەدەنلەردەك كۆرۇندى.
شەرەپ روخسارنىڭ بىر رۇمكا ھاراقنى ئىككى كۆتۇرۇپ ئىچىۋەتكەنلگىنى كۇرگەندىن كىين ئۇزۇن رۇمكىدىن بىرنى ئىلىپ روخسارغا يەنە بىر رۇمكا قۇيدى . روخسار ئاچچىق ھاراقنى يەنىلا بىر كۆتۇرۇپ ئىچىۋەتتى.
شەرەپ روخسارغا قاراپ كۇلۇمسرىگەنچە پەيلىڭىز يامانغۇ ؟ مىنى ئۆيىڭىزگە تەكلىپ قىلىدىغان ئوخشمامسز ؟ دىدى ئۇ شاللاقلىق بىلەن ھىجىيىپ :
-ئۆيدە ئانام بار، بۇگۇن قاملاشمايدۇ دىدى روخسار ئۇنىڭغا قارىماي تۇرۇپ .
ئۆينى مەن تاپاي دىدى شەرەپ ئۇنڭغا كىرىشۋالغانچە
روخسار شەرەپنىڭ سۇئاللىرىدىن قۇتۇلۇش ئۇچۇن قەستەن پەرۋاسىز قىياپەت بىلەن ئولتۇرۇپ قىنى ھىلىغىچە بىر گەپ بولسۇن دىگەنچە سەھنىگە كۆز تىكتى.
ئۇ بىر ئولتۇرغانچە ئۆزىنىڭ تۇگىمەس خىياللىرى بىلەن ئولتۇرۇپ كىچە سائەت ئىككگىچە ئىچتى . ئۇ ئەسلىدە ھىچ نەرسىنى سەزمىگىدەك ئازاپلىق خىياللىرىدىن نىرى بۇلۇش ئۇچۇن كەلگەندى . شۇڭا ئۇ ئۆزى ئۆزى بىلەن مۇڭدىشىپ خىلى كۆپ ئىچىۋەتكەچكە مەس بولغىندىن ئۆرە بۇلالمىغدەك ھالغا كىلىپ قالغان بولسمۇ يەنىلا كۈچەپ ئورنىدىن تۇرۇپ چىقىش ئىشگى تەرەپكە قاراپ ماڭدى .
شەرەپ ئۇنىڭ كەتمەكچى بولغانلىغىنى كۆرۇپ سەل توختاڭ بىللە كىتەيلى دىدى ئۇنىڭغا جىددىلىك بىلەن بۈگۇن ئۆيدە ئانام بار دىدى چىقىپ كىتىۋاتقاچ ئۇ تىك تۇرالماي قىلىۋاتقان بولسمۇ ئانسنىڭ ئۆيدە ئىكەنلىگىنى ئۇنتۇمىغاندى .
شەرەپ بىر دەمدىلا كىيملىرىنى ئالماشتۇرۇپ يولغا چىقىپ ئەمدىلا ماشىنىغا چىقاي دەپ قالغان روخسار بىلەن بىرگە ماشىنىغا چىقتى ماشىنا قوزغىلىشى بىلەن شەرەپ روخسارنى قۇچاقلاپ سۇيۇپ كەتتى. لىكىن روخسار تىنى بىلەن ئاللىقاچان مۇناسۋىىتى قالمىغاندەك ۋە ھىچ ئىش بولمىغاندەك كۆزىنى يۇمۇپ ئۇخلاشقا باشلىدى . شەرەپ ئۇنىڭ مەس بۇلۇپ قالغانلىغىنى ھىس قىلىپ ئۇنىڭ بىشنى مۆرىسگە قويىۋالدى . ئۇلار بىردەمدىن كىينلا ئۆيىگە يىتىپ كەلدى . روخسارنىڭ ۋۇجۇدىدىن تارقاۋاتقان ئاياللىق ھىدى شەرەپنىڭ كۆڭلىنى ۋەسۋەسىگە سىلىۋەتكەچكە كۇڭلىدە يامان خىياللار قۇترىغان شەرەپ ئۇنىڭ ئۆيدە ئانام بار دىگەن گىپىنى مۇنداقلا دەپ قويغان گەپ دەپ چۈشىنىپ قالغاندى . شۇڭا ئۇ روخسارنى يۇلىگەن بۇلۇپ ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرۋىلىپ مەخسىدىگە يەتمەكچى بولغاندى .
داۋامى بار
…………
















