大数跨境

ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ (پوۋېسىت ) 2 ـ قىسىم

ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ (پوۋېسىت ) 2 ـ قىسىم aybarawazi
2023-01-18
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر !تۆۋەندە ( ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ) ناملىق  پوۋېست ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 3-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1

















ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ


ئاپتۇرى: ئەخمەت نىياز (تىلماچ ئەپەندى)

(2)

ــ قاچانلاردىن ئاچ قالغان ئەدەمدەك، تاماق- تاماق دەپلا غەلۋە قىلىدىغانسىز، ھېلىمۇ سىزنى ساقلاپ ئولتۇرۇپ ئىڭىكىم چۈشۈپ قالايلا دىدى، تاماقنى ئېتىپ قويۇپ، غوجام ئالىيلىرى قاچان ئىسسىقىدا يەۋالار دەپ يولىڭىزغا قاراپ ئولتۇرغىلى نەۋاق، قارىسام كەلمىدىڭىز، شۇڭا تاماقنى قازاندىلا قويۇپ، ئەمدى تېخى يېزىشقا تۇتۇش قىلىپ ئولتۇرغان، ئۆستەڭدە بىر چىرايلىق توسالغۇسىز ئېقىۋاتقان سۇنى ئېتىزلىققا باشلىماي، جاڭگاللىققا قويۇپ بەرگەندەك، ئاران كەلگەن ئىلھاملىرىمنىڭ بېلىگە تەپتىڭىزغۇ ئەمدى.

يۈسۈپ كۆزلىرىنى ئۇۋىلىغىنىچە ئاشخانا ئۆي تەرەپكە چىقىپ كىتىۋاتقان گۆھەرگە بىر نىمە دېمەكچى بولدىيۇ، ئورۇنسىز تالاش- تارتىشنىڭ جىدەلگە ئايلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىۋېلىشنى خالىماي، ئايالىنىڭ كەينىدىن كۆزىنىڭ پاختىسىنى چىقىرىپ ئالىيىپ قاراپ قويدى.

يۈسۈپ بىلەن گۆھەر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن تارتىپ ئالى مەكتەپكىچە بىرگە ئوقۇغان ساۋاقداشلاردىن بولۇپ، ئالى مەكتەپكە چىققاندىن كېيىنمۇ بىر فاكۇلتېتتا ئوقۇغان بولسىمۇ، بىراق كەسىپلىرى ئوخشىمايتتى، يۈسۈپ سىياسى نەزەرىيە كەسپىدە، گۆھەر ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇيتتى. تۆت يىللىق ئوقۇش ھاياتىنى تاماملىغاندىن كېيىن، يۈسۈپ شەھەرلىك بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتەپتە خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولدى، گۆھەر شەھەرگە قاراشلىق بىر بازارلىق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولدى. گۆھەر ئۆزىنىڭ كەسپىي جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقى، ئۆتكۈر ھەم مول تىل بايلىقىنى ئىشقا سېلىپ، بوش ۋاقىتلىرىنى قولدىن بەرمەي يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللاندى. «قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە» دېگەندەك، گۆھەر خىزمەتكە چىقىپ ئىككى يىل ئۆتمەيلا، ئۇنىڭ پوۋېست، ھېكايە، نەسىر، داستان، باللادا قاتارلىق ھەر خىل ژانىردىكى ئەسەرلىرى ئاپتۇنۇم رايۇن ئىچى- سىرتىدىكى نوپۇزلۇق گېزىت- ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى. «ئەجىرنىڭ تىگى ئالتۇن» دەپ، بىر قىسىم پوۋېست- ھېكايىلىرى دۆلەت تىلىدا تەرجىمە قىلىنىپ، يېزىقچىلىق ساھەسىدە بەلگىلىك شۆھرەت قازىنىپ ئەلگە تونۇلۇشقا باشلىدى. گۆھەر بۇنىڭ بىلەنلا قانائەت ھاسىل قىلىپ قالماي، ئائىلە، خىزمەت، يېزىقچىلىق ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، خىزمىتى بىلەن ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ ھۆددىسىدىن ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە تولۇق چىقىپ كەلدى. يولدىشى يۈسۈپمۇ ئايالىنىڭ ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ئايالىنى ئازادە موھىت بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشتى. بىراق، گۆھەر قولىدىكى بۇ ئىككىنچى رومانىغا قاچان تۇتۇش قىلدى، مانا شۇنىڭدىن بۇيان ئائىلە ئىشلىرىنى ئاساسەن تاشلاپلا قويدى، شەنبە- يەكشەنبە كۈنلىرى ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۈيىگە قۇيۇن تازدەك ئالدىراش كىرىپ، ئەمدىلا ئۈچ ياشقا كىرگەن قىزى شاتگۈلنى مۇنداقلا ئەركىلىتىپ قويۇپ، بىر پۇتى بوسۇغىغا كىرىپ بولغىچە، يەنە بىر پۇتىنى سىرتقا ئىتىپ، ئاتا- ئانىسى بىلەنمۇ بىردەم ھالمۇڭ قىلىشماي، ــ خوش ھە، مەن ئالدىرايتىم، ــ دەپ قويۇپ، قېينىئاتا- قىينىئانىسىنىڭ ئۆيىگە چاپتى، ئۇلارنىڭ ئۈيىگە كەلگەندىن كېيىنمۇ، ئۆزىنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ يوقلىمىدىن ئۆتۈپ قويغاندىن كېيىن، يەنە ئۆز ئۈيىگە بىكىنىۋېلىپ يېزىش بىلەنلا بولۇپ كەتتى. ھېلىمۇ ياخشى ئىككى چوڭ ئۆيدىكىلەر ئۇقۇمۇشلىق، باغرى تەبىئەتتەك كەڭ  كىشىلەر ئىكەن، ئۇلار قىزىدىن، كېلىنىدىن ئاغرىنىشنىڭ ئورنىغا، ئۇنىڭ خىزمىتىنى قوللىدى، مەدەت بەردى. ئىككى چوڭ ئۆيدىكى ئاتا- ئانىلار قىزىنىڭ نىمىگە ئالدىراشلىقىنى بىلەتتىيۇ، ئوغلىنىڭ يېقىنقى مەزگىدىن بۇيانقى تۇرمۇشىنىڭ قانداق كىتىپ بارغانلىقىنى بىلمەيتتى. مۇشۇ كۈنلەردە يۈسۈپمۇ پات- پات چېچىلىدىغان، ئاچچىقلايدىغان، ئايالىنىڭ يېزىقچىلىق ئىشلىرىنى ئىلگىركىدەك ئانچە بەك قوللىماي، ھە دېسە ھىڭدىن سېسىق گەپلەرنى قىلىپ، قىلغان ئىشىدىن قۇسۇر تېپىپ، نازارى بولىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. بۇنىڭغا نېمە ئامال، ئەرنىڭ كۆڭلى ئۆيدىن، ئايالىدىن، مېھىر بىلەن يۇغۇرۇپ ئېتىلگەن بىر ۋاق ئىسسىق تاماقتىن خۇش بولمىسا، ئۆيگە كىرسە كۆڭلى سۇ ئىچمىسە، نارازى بولماي قانداق قىلىدۇ؟ مېنى ئاچ قويغىنىڭغا، مەن بىلەن كارىڭ بولمىغىنىغا رەھمەت دەپ قاقاھلاپ كۈلسۇنمۇ ئېلىشىپ قالغان ئادەمدەك. 

ــ مانا تاماقنى ئىسسىتىپ چىقتىم، ئىسسىقىدا ئىچىۋالسىلا ئاچ قالغان چىرايلىق غوجام! ــ پەتنۇستا ئىككى چىنە ئۈگرە كۆتۈرۈپ كىرگەن گۆھەرنىڭ چىراي ئىپادىسىدىن يا ئەكىلىگەنلىكى يا دوق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى. يۈسۈپ گەپ قىلىشنىڭ ئورنىغا ئېغىر بىرنى خۇرسىنىپ قويۇپ، ھوجرا ئۆيدىلا، گۆھەرنىڭ قالايمىقان چېچىلىپ ياتقان ئورگىنالى بىلەن تولغان يېزىق ئۈستىلىنىڭ يېنىدىلا ئۆرە تۇرۇپ، پەتنۇستىكى چىنىنى ئالدى ۋە سۈمۈرۈپ- سۈمۈرۈپ ئىچىشكە باشلىدى. ئۈستەلدىكى ئورگىنالىغا ئاش چاچىراپ كىتىشىدىن ئەنسىرگەن گۆھەر، قولىدىكى پەتنۇسنى كارىۋات ئۈستىگە قويۇپلا، ئالدىراش ئۈستەلدىكى ئورگىنالنى يىغىشقا باشلىدى. ئۇلار ئۈن- تىنسىز ئولتۇرۇپ ئاش ئىچىشتى. ئاش ئىچىلىپ بولغاندىن كېيىن، گۆھەر قاچا- قۇچىلارنى يۇيۇشنى ئەتىگە قالدۇرۇپ، يەنە يېزىق ئۈستىلىگە دۈم چۈشتى. يۈسۈپ بولسا ئۈن- تىنسىز مېھمانخانا ئۈيگە كىرىپ، خىزمەت سومكىسىغا قاچىلاپ كەلگەن بىر قۇچاق تاپشۇرۇق دەپتەرلىرىنى تەكشۈرۈشكە كىرىشىپ كەتتى. 

بۇلارنىڭ تۇرمۇشى سىرتتىكىلەر ئۈچۈن شۇنداق ئېناق، كۈلكە- چاقچاق ئۈزۈلمەي بەخت ئىچىدە رومانتىك ئۆتىۋاتقاندەك بىلىنسىمۇ، ئەمما بۇ ئىككىسى، بولۇپمۇ يۈسۈپ ئۈچۈن تۇمشىقىنى بوغۇپ قويغاندەك دېمىق بىلىنەتتى. ئەلۋەتتە ئىسنىڭ ئاچچىقىنى پەقەت بىچارە مورىلا بىلىدۇ-دە. گۆھەرنىڭ ئەسىرى تۈگىمىگەنچە، يۈسۈپنىڭ ئىچى سىقىلىپ، كۈنلىرى تولىمۇ مەنىسىز ئۆتىۋاتقاندەك بىلىندى. قىزى شاتگۈلنى ئەكىلىۋېلىپ، كەچلىرى ئەركىتىلىپ ئەرمەك بولۇشنى ئويلىغان بولسىمۇ، بىراق ھەر ئىككىسىنىڭ خىزمىتى ئالدىراش، بولۇپمۇ ماۋۇ داڭلىق يازغۇچى خېنىمنىڭ ۋاقتى يوق دىيەرلىك بولغاچقا، بارلىق ئاۋارىچىلىقنىڭ يەنىلا ئۆزىگە قېلىپ، يىتىشەلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، بۇ ئويىدىنمۇ ۋاز كەچتى. تاپشۇرۇقلارنى تەكشۈرۈپ بولغان يۈسۈپ تېلېۋىزۇرنى ئېچىپ، ئاۋازىنى بولىشىغا يوغان ئېچىۋەتتى، ھېلىمۇ ياخشى بۇلار بىنا ئۆيدە ئولتۇرۇپ قالماپتۇ، بولمىسا تېلېۋىزۇرنىڭ بۇنداق يۇقۇرى ئاۋازىدىن قوشنىلارنىڭ دەم ئېلىشىغا تەسىر يىتىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى. ئۇ بېلى سۇنۇپ كەتكەن موزايدەك ساپاغا يانپاشلىدى. يۈسۈپ كۈنلەرنىڭ بۇنداق مەنىسىز- تېتىقسىز ئۆتۈپ كېتىشنى خالىمايتتى، مىڭبىر جاپادا قۇرغان ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىپ پارچىلىۋېتىشنى تېخىمۇ خالىمايتتى. ئۇ كۆپ ئويلىنىش ئارقىلىق ئەتە بالدۇرراق ئىشتىن چۈشۈپ، گۆھەر بىلەن ئوبدانراق پاراڭلىشىپ بېقىش نىيىتىگە كەلدى. 

ئەتىسى ئۇ ئەمدىلا ئىشتىن چۈشمەكچى بولۇپ ئورنىدىن تۇرىشىغا، قېرىشقاندەك مەكتەپ مۇدىرى ئۇنى ئىككى ھەپتىدىن بۇيان نېمە سەۋەبتىندۇر مەكتەپكە كېلەلمەيۋاتقان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسىگە بېرىپ، ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا- ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، نىمە سەۋەپتىن مەكتەپكە بارالمىغانلىقىنى ئېنىق ئۇقۇپ بېقىشقا بىللە بېرىشنى ئېيتتىپ كىرىپ قالدى. يۈسۈپ مۇدىرغا «ئۇ قايسى سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولسا، شۇ سىنىپقا مەسئۇل ئوقۇتقۇچى بىرگە بارسا بولمامدۇ؟ مەن بىلەن نىمە مۇناسىۋېتى؟ مەن يە سىنىپ تۇتمىسام» دېمەكچى بولدىيۇ، بىراق مۇدىرنىڭ يۈزىنى ئاياپ بىر نەرسە دىيەلمەي، ئامالسىز مەكتەپ مۇدىرىغا ئەگىشىپ ئىشخانىدىن چىقتى. مەكتەپ بىلەن ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆينىڭ ئارىلىقى بەش- ئون كىلومېتىرچە بولۇپ، ئۇلار موتۇسىكىلىت بىلەن ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئەھۋال ئۇقۇپ قايتقان چاغدا، خېلىلا كەچ كىرىپ كەتكەن ئىدى، يۈسۈپ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ زورلاپ چىڭ تۇرۋېلىشى بىلەن، مەكتەپكە يېقىنلا جايدىكى مەدەنىيەت يولى بىلەن يېڭى يۇلتۇز يولىنىڭ كېسىشىش ئېغىزىغا جايلاشقان «خان قەسىر چاي- تائاملىرى» تېز تاماقخانىسىغا كىرىپ تاماقلانغاندىن كېيىن، ھەرقايسىسى ئۆز ئۆيلىرىگە قايتىپ كېتىشتى. 

يۈسۈپ ئۆيگە كىرگەندە، ھۇجرا ئۆيدە پەقەت ئۈستەل چىرىغىلا يېنىقلىق بولۇپ، گۆھەر يېزىق ئۈستىلىدە باش كۆتۈرمەستىن بىر نەرسىلەرنى يېزىۋاتاتتى. يۈسۈپ ئىشىكنى ئاستا ئىتتىرىپ ئۆيگە كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما گۆھەر «ۋايجان» دەپ ئەنسىز توۋلىغىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.

ــ سىزگە نېمە بولدى؟ نىمە چالا بوغۇزلاپ تاشلىۋەتكەن... ــ يۈسۈپ «تۇڭگۇزدەك» دېمەكچى بولدىيۇ، لېكىن يەنىلا گۆھەرنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ گېپىنى تۈزىتىۋالدى: ــ ئۆچكىدەك سەت چىقىراپ كىتىسىز. ــ دېدى تەئەجۈپلەنگەن ھالدا گۆھەرگە قاراپ: ــ داڭلىق يازغۇچى خېنىم، رومان يېزىشىنى تاشلاپ، ئەمدى قورقۇنۇچلۇق ئەسەر يېزىۋاتقان ئوخشىمامسىز. كەچكىچە ئۈستەل چىرىقىنى ياندۇرۋالماي، ئۆينىڭ چوڭ چىرىغىنى ياقسىڭىز بولماسمىدى؟ توك پۇلىنى تىجەپ كەتكەن يېرىڭىزمۇ يە بۇ! ــ يۈسۈپ ئۆينىڭ چىرىغىنى ياندۇرغاچ شۇنداق دېدى. ئۆينىڭ ئىچى نىئۇن لامپىنىڭ يورۇقىدا كۈندۈزدەك يورۇپ كەتتى. گۆھەر مەيدىسىنى تۇتقىنىچە، تېخىچە يۈسۈپكە قادالغىنىچە كۆزىنى تاۋاقتەك يوغان ئېچىپ، مەيدىسىنى تۇتۇپ ھاسىراپ قاراپ تۇراتتى. بىردەمدىن كېيىن گۆھەر چوڭ- چوڭ تىنغىنىچە، خۇددى جاڭگالدىن ئوتۇن كەسلەپ چىققان ئادەمدەك ھۆمۈدىگەن ھالدا: ــ بۇ... بۇ سىزمۇ يۈسۈپ؟ نىمانداق قورقىتىسىز ئادەمنى؟ يۈرۈگۈم قېپىدىن چىقىپ كەتمىگەندۇ- ھە، مولۇندەك تىۋىش چىقارماي ئاستا كىرگىچە، دەرۋازىدىن كىرگىچە قۇڭغۇراقنى بېسىپ قويسىڭىز ياكى ئازتولا بىشارەت بېرىپ قويسىڭىز بولمامدۇ دەيمەن، ئۇھ يۈرۈگۈم! نىمە بولغاندىمەن- ھە؟ شۇنداق سەت قورقۇپ كەتتىميا سىزنى كۆرۈپ. ــ دىدى گۆھەر مەيدىسىگە قويىۋالغان قولىنى چۈشۈرمەستىن. ئۇنىڭ چىرايىدا ئەنسىزلىك، قورقۇنچ چىقىپ تۇراتتى .يۈسۈپ گۆھەرگە قاراپ قويۇپ، ئايىغىنى ئىشىك تۈۋىگىلا سېلىپ قويۇپ، گېلەم سېلىنغان پولدا تىۋىشسىز مېڭىپ، كىيىم ئىشكابىنىڭ ئالدىغا كەلدى، ئاندىن كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ بولۇپ، ئېزىلىپ كەتكەن شاپتۇلدەك ئۆزىنى يۇمشاق كارۋاتقا تاشلىدى. ئۇ گۆھەر بىلەن ھازىر پاراڭلاشسا، ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىغاننى ئاز دەپ، ئورۇنسىز جىدەل چىقىدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، ئۆزى نەچچە كۈندىن بېرى ئوقۇپ كېلىۋاتقان، كارىۋات بېشىدىكى تومپۇچكا ئۈستىدە تۇرغان، ئەسلى نۇسقىسىدا نەشىر قىلىنغان «خەننامە» دېگەن كىتاپنى قولىغا ئېلىپ ۋاراقلاشقا باشلىدى. گۆھەر ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، دېرىزە تەكچىسىنىڭ بىر چېتىدە چۇقچىيىپ تۇرغان ئىستاكاندىن بىر نەچچە يۇتۇم چاي ئىچىۋالغاندىن كېيىن، يەنە يېزىق ئۈستىلىگە قايتىپ كېلىپ يېزىقچىلىقىنى باشلىدى .

ــ تېخى تۈگىمىدىمۇ بۇ تاينى يوق ئەسىرىڭىز؟ ــ دېدى يۈسۈپ قولىدىكى كىتابتىن كۆزنىمۇ ئۈزمەستىن گۆھەرگە كىنايە قىلىپ .

ــ ياق تېخى، نىمانداق گېپىڭىز سەت بوپ كىتىۋاتىدىغاندۇ سىزنىڭ، مۇشۇ كۈنلەردە ئىشىم ئەجەب بىر ئاينىمايۋاتىدۇ. مەكتەپنىڭ ئىشى بەكلا كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ. پەقەت ئۆيدە ئولتۇرۇپ يازمىسام، مەكتەپتە خاتىرجەم ئولتۇرۇپ بەش مىنۇت يېزىشقىمۇ ئىمكانىيەت يوق، شۇڭا ئۆيدە يازماقتىن باشقا قەتئىي ئامال بولمىدى، ئۇنداق قاقشاۋەرمەي مېنىمۇ توغرا چۈشەنگەن بولسىڭىز جېنىم، ماقۇلمۇ؟ ھە راست، تاماق يېدىڭىزمۇ؟ مۇبارەك نازۇك قۇرسىقى ئاچ يېتىپ قالمىسۇن دەپ، ئاتايىن كەسكەن لەغمەن ئەتكەن ئىدىم، بىر چوكا يەۋالامتىڭىز؟

ــ ياق بولدى، مەن كەچتە مەكتەپ مۇدىرى بىلەن بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆيىگە بارغان، ياناشىمىزدا خان قەسىر تېز تاماقخانىسىدا تاماق يەۋالدۇق. بۈگۈن ئەجەب تاماق ئېتىشكە ۋاقتىڭىز چىقىپ قاپتىغۇ؟ ــ دېدى يۈسۈپ يەنىلا تەنە ئاھاڭىدا .

ــ ھوي، سىزمۇ ئەجەپ سىرتتا تاماق يەپ قاپسىزغۇ؟ شۇ سىزنىڭ كوتۇلداشلىرىڭىزدىن قورقۇپ، ئالدى بىلەن كوكىراپ تۇردىغان ئاۋۇ بىچارە قارنىڭىزنى تويغۇزۇۋېتىپ، ئاندىن خاتىرجەم ئولتۇرۇپ يازاي دەپ، ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلىپ تاماق ئېتىپ كىتىپتىمەن ئەمەسمۇ! ئېسىت ئالتۇندەك ۋاقتىم، سىرتتا بىرنىمە يەيدىغان ئادەم تېلفۇن قىلىۋەتسىڭىز بولماسمىدى، تېلفۇن پۇلىڭىزنى تىجەىپ كەتكەن يېرىڭىزمۇ يە بۇ! ــ دېدى گۆھەر بېشىنىمۇ كۆتۈرمەستىن.

يۈسۈپ گۆھەرنىڭ قۇم چۆگۈندەك ۋالاقشىپ سۆزلەپ، بايا ئۆزى دىگەن گەپكە ئەپچىللىك بىلەن قايتۇرما زەربە بېرىشلىرىدىن بەسىنگەندەك قىلىپ، قۇلىقىنى بوش قېقىپ قويدى، ــ ئۇسۇرغاققا ئارپا نېنى باھانە بولغاندەك، ئەمدى تاماق ئەتمەسلىكنىڭ قازىنىنى ئېسىۋاتامسىز؟ سىزنىڭ جۈملە دېڭىزىدا تەنھا سالچىدەك ئۈزۈپ يۈرىدىغىنىڭىزنى جاھان ئەھلى بىلمەيدىغاندەك بۇنچە جاۋۇلداپ كەتمىسىڭىزمۇ، بىر ئېغىز گەپتىن قالسىڭىز، سىزنى ھېچكىم گاچچىكەن دېمەستى. ــ دېدى يۈسۈپ قولىدىكى كىتاپنى ياستۇق قېشىغىلا پاققىدە تاشلاپ قويۇپ. ئاندىن ئورنىدىن ئېرىنچەكلىك بىلەن تۇرۇپ، ھوجرا ئۈيىنىڭ يېنىغا جايلاشتۇرۇلغان تازىلىق ئۈيىگە كىرىپ يۈز- قوللىرىنى يۇيدى، چىشنى چوتكىلىدى، كىيىم ئىشكابىغا ئېسىپ قويغان چاپىنىنىڭ يانچۇقىدىن تېلېفۇنىنى ئېلىپ، تومپۇچكا ئۈستىگە قويغاندىن كېيىن، كارىۋاتقا چىقىپ يېتىشقا تەرەدۇتلاندى. ئۇ گۆھەرگە قاراپ: ــ ئەمدى بولدى قىلىپ، چىراقنى ئۆچۈرۈپ بالدۇرراق ياتاملا چېچەك ئانام، ئەتە يەنە سەھەر تۇرۇپ ئىشقا بارىدىغان گەپ. ــ دېدى ئەسنەپ قويۇپ.

ــ ھە، مانا- مانا، بىر بابنىڭ ئاخىرىنى تۈگىتىۋېتەي دەپ قالدىم. شۇنى پۈتتۈرۈۋېتىپلا مەنمۇ ياتىمەن، سىز ياتقاچ تۇرۇڭ. ــ گۆھەر شۇنداق دېگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆينىڭ چىرىقىنى ئۆچۈرگەندىن كېيىن، ئۈستەل چىقىرىقىنى ياندۇرۇپ يېزىشىنى داۋاملاشتۇردى. 



  بۇ ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى 

ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ،  رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ  كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە  ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت . 




 بۇ روماننىڭ  ئاۋازلىقىنى تولۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ


………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .


ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k