
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر !تۆۋەندە ( ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ) ناملىق پوۋېست ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !
بۇ ئەسەرنىڭ 2-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ
ئاپتۇرى: ئەخمەت نىياز (تىلماچ ئەپەندى)
(1)
سىرتتىكى سىم- سىم يامغۇر ئۇشۇق خوتۇننىڭ پوتىلىسى، كۆكەمە جۇۋاننىڭ كۆز يېشىدەك توختىماستىن تامچىپ تۇراتتى. ئەتراپقا پۈتۈنلەي گۇگۇم پەردىسى يېپىلغان بولۇپ، يەنە بىرەر سائەت ئۆتسە، سىرتتىكى ھېچقانداق نەرسىلەرنى ئېنىق ئىلغا قىلغىلى بولمايتتى. چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ ئېرىنچەكلىك بىلەن شىرىلداپ چۈشۈۋاتقان سىم- سىم يامغۇر، كەچ كىرىش بىلەن ئازىراق كۈچىيىپ قالغاندەك قىلاتتى. بىر قارىغان ئادەمنىڭ مەستلىكى كېلىپ، يەنە بىر قېتىم كەينىگە ئۆرۈلۈپ بويۇنداپ قارىۋالغۇسى، ئىچىگە كىرىپ قاراپ باققۇسى كېلىدىغان بۇ ئەپچىل قورۇنىڭ كۆلىمى ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ، ئەمما ھويلا دەرۋازىسىدىن تارتىپ ياۋۇرپا ئۇسلۇبى بىلەن مىللىيچە يەرلىك ئۇسلۇپ بىرلەشتۈرۈپ بىنا شەكلىدە سېلىنغان ئۆينىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلگىچە، ئىككى مېتىر كەڭلىكتە رەڭلىك چاقچۇق ياتقۇزۇلۇپ يول چىقىرىلغان، يولنىڭ ئىككى تەرپى ھەر خىل گۈل- گىياھلار بىلەن تولغان، ھويلىنىڭ شىمال تەرپىدىكى رىشاتكىلىق خىش تام ئىچىگە شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ھەر خىل مىۋىلىك كۆچەتلىرى تىكىلىپ چىرايلىق باغ بىنا قىلىنغان ئىدى؛ ئۆي بىر مېھمانخانا، ئىككى ھوجرا، بىر ئاشخانا، تازىلىق ئۈيىدىن ئىبارەت بەش ئېغىزلىق بولۇپ، كارىدۇرسىز سېلىنغان ئۆينىڭ ئىشىكىدىن كىرسىلا، تاملىرى سۇس ھالرەڭدە سىرلىنىپ گۈل بېسىلغان مېھمانخانا، مېھمانخانىغا يانداش شىمال تەرەپكە، يەنى باغ تەرەپكە قارىتىپ سېلىنغان بىر ئېغىزلىق ھوجرا ئۆينىڭ تاملىرى ھاۋارەڭدە، شەرىق تەرپىگە يانداشتۇرۇپ سېلىنغان يەنە بىر ئېغىزلىق ھوجرا ئۆينىڭ تاملىرى سۇس كۆك رەڭدە سىرلانغان بولۇپ، ئاشخانا ئۆي بىلەن تازىلىق ئۈيى ئايرىم- ئايرىم ھالدا غەرىپ ۋە شىمال يۆنىلىشىدە ھوجرا ئۆيلەرگە ئارىلىق قالدۇرۇپ، تاملىرىغا نەقىشلىك چاقچۇق چاپلىنىپ چاققانلا جايلاشتۇرۇلغان ئىدى. ئۆي ئىچىدىكى پولغا پۈتۈنلەي خوتەننىڭ قولدا توقۇلغان ئوتقاشتەك گېلەملىرى سېلىنغان، مېھمانخانا ۋە ھوجرا ئۆينىڭ تاملىرىغا مەنزىرە رامكىلىرى ئېسىلغاندىن سىرت، ئەسلى سىرلانغان رەڭ ھالىتى ساقلاپ قېلىنىپ، باشقا ھېچقانداق نەرسىلەر ئېسىلمىغان ياكى چاپلانمىغان بولغاچقا، ھويلىغا، ئاندىن ئۆيگە كىرگەن ھەرقانداق ئادەمگە بىر خىل يېقىملىق ھەم رومانتىكىلىق تۇيغۇ بېرەتتى. سىرتتىكى يامغۇر يا توختىماي، يا شاقىراپ يېغىۋەتمەي، ئوتتۇرا ھال رېتىمدا توختىماستىن شىرىلداپ چۈشىۋاتاتتى. يامغۇردىن قورققان جان- جانىۋارلار ئاللىبۇرۇن ئۇۋىسىغا مۆكۈنگەن ئىدى. ئەتراپ يامغۇر تامچىسىنىڭ ئاۋازىنى ھېسابقا ئالمىغاندا تىمتاس بولۇپ، يامغۇر ھېدىگە قوشۇلۇپ كەتكەن سەلكىن شامال ئادەمگە بىر خىل ھوزۇر بېغىشلايتتى.
ھاۋارەڭ سىرلانغان ھوجرىنىڭ دېرىزىسدىن سىرتقا قاراپ قويغان گۆھەر، سىرتقا چىقىپ بىردەم ئايلىنىپ كېلىشنى ئويلاپ ئورنىدىن تۇردىيۇ، لېكىن يامغۇرغا چېلىشىپ، سۇغا چۈشكەن مۈشۈكتەك بولۇپ قېلىشنى خالىماي، دېرىزە ئالدىغا قويۇۋالغان يېزىق ئۈستىلىنىڭ يېنىدا بويۇن قىسىپ تۇرغان ئورۇندۇقنىڭ يەرگە چۈشۈپ كەتكەن سېلىنچا- ياپقۇچلىرىنى ئوڭشاپ قويغاچ، ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھالدا چوڭ بىرنى كېرىلىپ قويغاندىن كېيىن، ئورۇندۇق ئۈستىگە كېلىپ ئولتۇردى. ئۇ چۈشتىن كېيىندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە ھېلى ئورنىدىن تۇرۇپ، ھېلى ئولتۇرۇپ يېزىش بىلەنلا بولۇپ كىتىپ، كۈننىڭ كەچ بولۇپ كەتكىنىنىمۇ تۇيماي قالغان ئىدى. ئۇ دېرىزە سىرتىغا يەنە بىر قېتىم بويۇنداپ قاراپ قويدى. مانا ئەتراپقا ئوبدانلا گۇگۇم پەردىسى يېيىلغان بولۇپ، يامغۇردىن قورقۇپ ھويلىدىكى لەمپىنىڭ ئاستىغا مۆكۈنىۋالغان، قويۇق دەرەخ شاخلىرىنىڭ ئارىسىغا قونۇۋالغان قۇچقاچلارنىڭ ۋېچىرلاشلىرى بېسىقىپ قالغان، چوڭ يولدا ئاندا- ساندا ئۆتۈشۈپ تۇرغان ماشىنىلارنىڭ سېگنال ئاۋازىدىن باشقا، ئەتراپ زۇۋانىدىن قالغان تۇل موماينىڭ غېرىپ كۈلبىسىدەك جىمجىتلىققا چۆمگەن ئىدى. يەنە ئازىراقلا ۋاقىت ئۆتسە، قېرىلىق دەستىدە كۈيە يەپ كەتكەن كونا كىگىزنىڭ يىرتىقىغا، سۈيى قۇرۇپ كەتكەن ئېرىق بويىدىكى يىگانە ئازگالدەك نۇرى ئۆچۈپ خۇنۈكلىشىپ، چانىقىغا پېتىپ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كۆزىگە يۇقۇرى گىرادۇسلۇق كۆزئەينەك تاقىمىغىچە، قارغۇ چاشقاندەك بۇلۇڭ- كۇلۇڭغا ئۈسۈپ مۈدۈرۈپ يۈرىدىغان يىراقنى كۆرەلمەس كېسىلىگە مۇپتىلا بولغان بوۋاي ھېچنىمىنى كۆرەلمەي قالغىنىغا ئوخشاش، نەچچە مېتىر يىراقتىكى نەرسىنىمۇ ئېنىق ئىلغا قىلغىلى بولمىغىدەك. گۆھەر باغ تەرەپكە قاراپ بىردەم تۇرىۋالغاندىن كېيىن، قولىدىكى ئالتۇن ھەل بېرىلگەن قەلەمنى ئىختىيارسىزلا يېزىق ئۈستىلىگە توك- توك قىلىپ بىر قانچە قېتىم ئۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، تۇيۇقسىز ئېسىگە بىر نەرسە كەچكەندەك، ئۆزىگە ئىلتىجالىق قاراپ تۇرغان ئورگىنالنى ئالمان- تالمان ئالدىغا تارتىپ، بايىلا ئېسىگە كەچكەن جۈملىلەرنىڭ بىر يەرگە قېچىپ كىتىشىدىن، تەپەككۇرىنىڭ مىتە يىيىشكە باشلىغان تېرىقتەك چېچىلىپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ، پوكىنىنى يېزىق ئۈستىلىگە ئارتقىنىچە شىرتىلدىتىپ بىر نەرسىلەرنى يېزىشقا كىرىشىپ كەتتى .
ئۇ يېرىم يىلدىن بۇيان باشقا ھېچ ئىش قىلماي، دەم ئېلىش ۋاقتىدىكى دەقىقە- سىكۇنتنىمۇ قولدىن بەرمەي، مۇبارەك كاسسىسىنى ئولتۇرىۋېرىپ ئىچىگە بېسىلىپ لىگەنگە ئوخشاپ قالغان ئورۇندۇققا مەھكەم چاپلاپ، پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن باش چۆكۈرۈپ يېزىۋاتقان رومانىنىڭ ئادەمنى ھەممىدىن بەك ھاياجانغا سالىدىغان يۇقىرى پەللىسىگە كەلگەن بولۇپ، بايا ئۇ ئەسەردىكى باش پېرسوناژ قىزىنىڭ قانداق بولۇپ تۇيۇقسىزلا ئۈچىنچى شەخسكە ئايلىنىپ، مەزمۇت بىر ئائىلىنى چىلان كۆتىگىنى پالتا- كەكىسىزلا قۇرتتەك غاجاپ پارچىلاپ، ئۆز مەقسىتىگە يىتىش ئالدىدا تۇرغان چاغدىكى كەيپىياتىنى، روھى ھالىتىنى قانداق تەسۋېرلەش، قىزنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى قانداقراق سۆز- جۈملىلەر ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرگە روشەن ئىپادىلەپ يورۇتۇپ بېرىشنى بىلەلمەي توختاپ قالغانىدى.
ــ توغرا، شۇنداق يېزىش كېرەك! مۇشۇنداق يازغاندىلا بۇ قىزنىڭ، ياق- ياق، ئۈچىنچى شەخىسنىڭ خاراكتېرنى تولۇق يورۇتۇپ بەرگىلى، ئوقۇرمەنلەردە ئۈچىنچى شەخىسكە بولغان ئۆچمەنلىك، غەزەپ ياكى ھېسداشلىق تۇيغۇسىنى قوزغىغىلى بولىدۇ. ــ ئۇ خۇددى بىر جىڭ ئالماس تېپىۋالغاندەك خوش بولۇپ، ئالدىدىكى بەشتىن ئىككى ئۈلۈشىنىمۇ تولۇق يېزىپ بولمىغان ئەسىرىنىڭ داۋامىنى يېزىشقا باشلىدى. ئۇ ھەر قېتىم ئەسەر يازغاندا، بولۇپمۇ ئەسەرنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە كەلگەن چاغدا، بەكلا ھاياجانلىنىپ كىتەمدۇ ياكى كاللىسى تۇرۇپلا تورمۇزلىنىپ قالامدۇ، ئىشقىلىپ ئىچىنى مۈشۈك تاتلىغاندەك بىئارام بولۇپ، سىرتقا چىقىپ بىردەم ئايلىنىپ كېلەتتى ياكى دېرىزىنى يوغان ئېچىۋېتىپ، يىراق- يىراقلارغا تىكىلگىنىچە قاراپ تۇرۇپ كېتەتتى. ئېسىگە بىر نەرسە كېلىشى ھامان، خۇددى باشقىلار ئۇنىڭ ئىچىدىكىنى بىلىۋېلىپ، تارتىپ بۇلاپ ئېلىپ كېتىدىغاندەك جىددىيلەشكەن ھالدا، دەرھال ئۆز ئورنىغا قايتىپ كېلىپ، ھېچنەرسە بىلەن كارى بولماستىن، يېزىق ئۈستىلىگە دۈم چۈشكىنىچە مۇشۇنداق ئۈن- تىنسىز ئولتۇرۇپ يېزىشقا كىرىشىپ كىتەتتى. ئۇ قەلەم تۇلپارىنى ئىشقا سېلىپ، يېزىقچىلىققا كىرىشىپ كەتكەن چاغلىرىدا، ئەتراپىدا قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى، بىر كىملەرنىڭ بېشىدا ياڭاق چېقىشى بىلەنمۇ كارى يوق، گاس- گاچچا، قارغۇ ئادەمگە ئايلىنىپ، پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن ئەسىرىگە قانداق قىلىپ ئەڭ سەرخىل جۈملىلەرنى قوراشتۇرۇپ ئىشلىتىش، ئەسەرگە جان كىرگۈزۈپ ئوقۇرمەنلەرنى جەلب قىلىشنى ئويلاش بىلەنلا بولۇپ كىتىپ، خىيالىغا ئەسەردىن باشقا ھېچقانداق نەرسە كىرىپ چىقمايتتى. شۇڭلاشقىمۇ تېخى نەچچە ئاي ئىلگىرى ئۇ ھويلا ئىشىكىنى كونا قوتاننىڭ بۇزۇلۇپ كەتكەن چىتەنىدەك ھاڭغىرتاي يوغان ئېچىپ قويۇپ، ئۆزى ھۇجرا ئۆيىدە باش كۆتۈرمەي بىر نېمىلەرنى يېزىۋاتقاندا، ئۆزى بىلەن بولغان ئارلىقى ئىككى مېتىرمۇ كەلمەيدىغان مېھمانخانا ئۆيىگە كىرگەن ئوغرىنىڭ ئۆي ئىچىنى ئوڭتەي- توڭتەي قىلىپ، ئالىدىغاننى ئېلىپ، قۇرۇقداپ قويۇپ چىقىپ كەتكىنىنىمۇ سەزمىگەن ئىدى.
ــ ھوي- ھوي، قارىغۇ بولۇپ قالسىز جۇمۇ، قارغۇ! ناۋادا قارغۇ بولۇپ قالسىڭىز، مەن سىزنى ھەرگىزمۇ يېتىلەپ يۈرۈپ باقمايمەن ھە، ھىم! ئەسەردىكى ئۆلۈكتىن پەرقى يوق مەۋھۇم پېرسوناژلارغا كۆڭۈل بۆلگەندەك، ئۆزىڭىزگە بولسىمۇ ئازىراق كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆزىڭىزنى ۋە مېنى جىقمۇ ئەمەس، مۇشۇنچىلىكلا، ــ ئۇ قولىنىڭ بارماقلىرىنى سوزۇپ، تىرنىقىنىڭ يېرىمىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ گېپىنى داۋام قىلدى: ــ ئاسراشنى، ئاياشنى، كۈيۈنۈشنى ئۆگىنىپ قويسىڭىز بولمامدۇ؟ قاراڭغۇ ئۆيدە ئېشەك ھاڭگىرتىپ، كىرپىدەك تۈگۈلۈپ ئولتۇرۇپ، يا تاماقمۇ ئەتمەي، يا چىراقنىمۇ ياندۇرماي، ئەسەر يېزىۋاتامسىز ياكى بىرەرسىگە ئوغۇرلۇقچە مەكتۇپ يېزىۋاتامسىز؟ مەن كەلدىم، ئەمدى بولسىمۇ ھاياجىنىڭىزنى بېسىۋېلىڭ ھە؟!
قۇلاق تۈۋىدىلا قارا ھېرىگە ئوخشاش غوڭشۇپ چىققان ئاۋازدىن چۆچىگەن گۆھەر ئىتتىك بېشىنى كۆتۈرۈپ يېنىغا قارىدى. يېنىدا كۆزلىرىدىن نارازىلىق نۇرلىرى چاچراپ، چىرايىنى ئىشىك قىسىۋالغاندەك پۈرۈلۈپ كەتكەن يولدىشى يۈسۈپ ئۆزىگە غەلىتە بىر نەزەردە مىقتەك قادىلىپ قاراپ تۇراتتى. گۆھەر ئېرىنچەكلىك بىلەن قولىنى بوش سۇنۇپلا ئالدىدىكى ئۈستەل چىرىغىنى ياندۇردى. ئۆي ئىچىگە يامان ئەمەس يورۇقلۇق چۈشتى. ئۇ شۇندىلا ئۆزىنىڭ ئوبدانلا قاراڭغۇ چۈشكەن ئۆيدە يالغۇز ئولتۇرۇپ، ئەسەر يېزىش بىلەنلا بولۇپ كەتكەنلىكىگە ھەيران قالدى. ئۇ قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكىنىنىمۇ تۇيماي، يېزىۋاتقان ئەسىرىنىڭ ئىچىگە باشچىلاپلا كىرىپلا كەتكەن بولۇپ، ئۆزىنىڭ بۇنداق قاراڭغۇدا قانداقمۇ بىر نەرسىنى يېزىپ ئولتۇرغىنىغا ھەيران قالدى.
ــ جان كۈندە چېچەكلىمەيدۇ. كەسلەنچۈك مىڭ قىلغان بىلەنمۇ يىلانغا ئايلىنالمايدۇ! مۇشۇنداق ئاچ قورساق، ئۇيقۇسىز، قاراڭغۇدا ئولتۇرۇپ، ھە، مىڭ كۈچەپ يېزىپ كەتكىنىڭىز بىلەنمۇ، نوبېل مۇكاپاتى سىزگە مەڭگۈ نائىل بولمايدۇ، شۇ كەمگە بارغۇچە قۇيرىقىڭىزنى قۇم باسارمىكىن دەپ ئەنسىرەۋاتىمەن. شۇڭىچۇ جىددىيلەشمەي، ھاياجانلانماي، ئورنىڭىزدىن دىككىدە تۇرۇڭدە، ماۋۇ بىچارە مەسۇم قورساقنى تويغۇزۇشنىڭ ئامالىنى قىلىڭ. ئەمدى تاقەت قىلىپ بولالمايدىغاندەك قىلىۋاتىمەن جۇمۇڭ، ئۆزىڭىزنى ئازىراق بولسىمۇ سوراشنى ئۈگىنىۋېلىڭ، ئاتالمىش يازغۇچى خېنىم!!!
گۆھەر ئىشىككە يۆلەنگىنىچە زەردە بىلەن چېچىلىپ سۆزلەۋاتقان يولدىشىغا ئايانچىلىق نەزەرى بىلەن قاراپ قويدى ۋە قولىدىكى قەلەمنى ئۈستەل ئۈستىگە تورۇككىدە تاشلاپ قويۇپ، ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ ئېرىگە قارىدى:
ــ ھەجەب بىر قاقشاپلا كەتتىڭىز يۈسۈپ، مۇشۇ كۈنلەردە گېپىڭىز سېسىق تۇخۇمغا ھىڭنى ئارلاشتۇرغاندەك بەك ئېچىمال چىقىدىغان بولۇپ كىتىۋاتىدۇ جۇمۇ. نېمانداق سېسىق گەپ قىلىپ ئادەمنىڭ غۇرۇرىغا تىگىدىغانسىز؟ مەن قاچان سىزنى ئاچ قويۇپ باققان، دەڭا قېنى؟ ئادەمنىڭ ئىلھامى ھەر قاچان كېلىپ، دائىم ئۇرغۇپ تۇرمايدىكەن، يارقىن سۆز- جۈملىلەر ھەرقاچان ئادەمنىڭ مىڭىسىدە ئەگىپ يۈرمەيدىكەن. ئەسەر دېگەننى تۇيۇقسىز ئىلھامى تۇتقان چاغدا يېزىپ پۈتتۈرۋالمىسا، كۆرگەنلا چاغدا ئاغزىغا كەلگەننى دەپ، تاققا- تۇققۇ بىر نىمىلەرنى يېزىپ قويغىلى بولمايدۇ. ئۇنداق قاقشاپمۇ كەتمەڭ ئەمدى، قولۇمدىكى ئەسەرمۇ پۈتەي دەپ قالدى، مۇشۇ ئەسىرىمنى پۈتتۈرۋالساملا، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزۈمنى ئۇنداق زورلاپ كەتمەيمەن. كەچكىچە ئادەمدىن ئورۇنسىز ئاغرىنىپ يۈرمەي، دوپپامدەك ئاشقازىنىڭىزغا بالانى يىمىگەندىكىن، ماڭا چېچىلىپ، بىر يەرنىڭ دوتەي- ئامبىلىدەك ئادەمنىڭ بېشىدا ئۆرە تۇرۋالغىچە، دىككىدە سىرتقا چىقىپ يەپ كىرسىڭىز ياكى تاماق بۇيرىتىپ ئەكەلتۈرۈپ يەپ تۇرسىڭىز بولىدىغۇ ئادەمنىڭ ئىلھامىنى قاچۇرماي، ماقۇلمۇ؟ ماقۇل دەڭە، ھە، ماقۇلمۇ؟ ــ گۆھەر يولدىشىنىڭ كۆزىگە ئوتلۇق مېھرى بىلەن باققىنىچە سۇس كۈلۈمسىرەپ قويدى.
ــ ۋاي تايىنلىق، ۋاي چاغلىق. «تېزىنى باسسا مېزى چىقىپتۇ» دېگەندەك، بۇ بىرنىمىڭىز پۈتسە، تام تۈۋىدىن ھوشۇر قوقاق چىققاندەك يەنە بىرسىگە تۇتۇش قىلارسىز ھەقىچان. ئىلھامى كەلگەن چاغدا دەپ قويۇڭ، ۋاي سىزنىڭ بۇ ئىلھامىڭىز قاچانلا قارىسا كېلىپلا تۇرىدىكەن، ئۇنىڭدىن ماڭا ھېسىياتىڭىز كېپلا تۇرسا بولمامدۇ دەيمەن. ھېلىمۇ مېنى مۇشۇنداق ئەخمەق قىلىپ گوللاپ كېلىۋاتقىلى بەش يىل بولۇپ قالدى، بەش يىل! تولا ئادەمنىڭ نېرۋىسىغا تېگىپ چېچىلدۇرماي، تېزراق بىر نەرسە ئېتىڭ! ماۋۇ قورساق كوكىراپ، كىندىكلەر دۈمبىگە چاپلىشىپ كەتتى. سىرتنىڭ تامىقىنى تولا يەپ ھۆ بوپ كەتتىم ھۆ، بىر چىرايلىق ئۈيۈم تۇرۇپ ئاچ يۈرىمەن كەچكىچە. يا سىزنىڭ ماۋۇ ئالدىڭىزغا دۆۋىلەپ قويغان پالچىنىڭ پالاز دەپتىرىدەك بىر نەرسىلىرىڭىزنى يېگىلى بولمىسا. ئەمدى يەنە تاماقمۇ ئەتمەي مېنى قىينىسىڭىز، نامى چىقماس پىسپاس ئورگىناللىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى ئوتقا سېلىپ كۆيدۈرۈۋېتىمەن جۇمۇ! مەن چاقچاق قىلمىدىم! بولۇڭ، ماڭا ۋەز ئېيتىپ ئولتۇرماي تاماق ئېتىڭ!
يۈسۈپنىڭ غەزەپ چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىدىن ئەيمىنگەن گۆھەر ئاستا ئورنۇدىن تۇرۇپ، ئاشخانا ئۆيگە قاراپ ماڭغاچ غۇدۇڭشۇپ قويدى:
بۇ ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى
ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ، رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت .
بۇ روماننىڭ ئاۋازلىقىنى تولۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
…………………













