
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر !تۆۋەندە ( ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ) ناملىق پوۋېست ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !
بۇ ئەسەرنىڭ9-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
|
ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ
ئاپتۇرى: ئەخمەت نىياز (تىلماچ ئەپەندى)
(8)
گۆھەر ئەتىسى بەكلا روھسىز ئورنىدىن تۇردى، قېشىدا يۈسۈپ كۆرۈنمەيتتى. ــ ئۇ مېنى ئويغىتىپمۇ قويماي بۇ سەھەردە نەگە كەتتىكىنە؟ مەكتەپتە جىددىي ئىشى چىقىپ قالغانمىدۇ ياكى؟...ــ گۆھەر ئاخىرىنى ئويلاشنى خالىمىدى، ئۇ ئېرىنچەكلىك بىلەن ئۆزىگە چۇشلۇقلا ناشتا تەييارلاشنى ئويلىغان بولسىمۇ، بىراق بۇمۇ خۇشياقماي، قىززىق چاي دەملىگەندىن كېيىن ئۆزى يالغۇز ئولتۇرۇپ چاي ئىچتى. ئۆي ئىچىنى بىرەر قۇر يىغىشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ مەكتەپكە قاراپ ماڭدى. ئۇ ھويلىدىن چىقىپ، دەرۋازىنى تاقاي دەپ تۇرىشىغا، خوشنىسى ئاسىيە ئاسماندىن چۈشكەندەكلا ئۇنىڭ يېنىدا پەيدا بولدى، ھەم گۆھەرگە خەلقئارالىق چوڭ خەۋەر يەتكۈزمەكچى بولغاندەك:
ــ گۆھەر خانىم، سىزگە دەيدىغان بىر گېپىم چىقىپ قالدى، قارىسام ئېرىڭىز يۈسۈپنىڭ سىرتتا ئارلىشىۋاتقان ئادىمى باردەك قىلىدۇ، قايسى كۈنى بىز رېستۇراندا چاي ئوينىغان، تازىلىق ئۈيىگە ماڭغاچ، يۈسۈپنىڭ بىر چىرايلىق قىز بىلەن ئايرىمخانىغا كىرىپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم، مەن تېخى باشتا ئۇلارنىڭ قېشىدا سىزنىمۇ بارمىكىن دەپتىمەن، بوينۇمنى ئۆردەكنىڭكىدەك سوزۇپ شۇنچە قارىغان بولساممۇ كۆرەلمىدىم، شۇنىڭ بىلەن كۆتكۈچى قىزغا يالۋۇرۇپ يۈرۈپ، ئايرىمخانىدا قانچە ئادەم بارىكەن قاراپ بېقىڭ دېسەم، ئۇ قىز نېمە دېدى بىلەمسىز؟ ــ دېدى ئاسىيە چېقىر كۆزلىرىنى ئوينىتىپ تۇرۇپ: ــ يالغۇز ئىككى ئادەملا باركەن، بىر- بىرىگە چاپلىشىپ دىگۈدەك ئولتۇرۇپتۇ دەيدۇ. يۈسۈپنى خاتا تونۇپ قالمىغاندىمەن دەپ ئويلاپ، خېلى ئۇزۇن ساقلاپ ئولتۇرسام، ئۇلار ئاخىرى چىقتى، ۋاي شۇ يۈسۈپ، سىزنىڭ ئېرىڭىز يۈسۈپكەن قاراڭ، ئۇ باشقا بىرسى بىلەن يىتىلىشىپ رېستۇراننىڭ ئايرىمخانىسىدا تاماق يەپ يۈرۈپتۇ. مېنى كۆرۈپ تاتىرىپ ساغىرىپلا كەتتى. ئۇلارنىڭ چوقۇم چاتىقى بار، سىزمۇ بېشىڭىزنى ئىچىڭىزگە تىقىپ، پىشقەدەم كىرپىدەك تۈگۈلۈپ ئولتۇرماي، ئېرىڭىزغا ھېزى بولۇپ قويۇڭ. مەنچۇ قاراڭ، سىزنى ئۆزەمنىڭ سىڭلىسىدەك كۆرۈپ، كىيىن كۆتىنى سىلاپ، ئاغزىنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ قالمىسۇن، كۆڭلىگە ئازار يەتمىسۇن دەپ، ئەتتىگەننىڭياقى ئىشىكىڭىزگە تەلمۈرۈپ قاراپ، ماۋۇ ئىڭەكلىرىممۇ چۈشۈپ قالاي دېدى. يەنە بۇ گەپنى مېنى دېدى دەپ يۈرمەڭ جۇمۇ، ئۇنداق دېسىڭىزمىغۇ قۇرقۇنچۇم يوق مېنىڭ، مەن بۇ ئىشلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەندىكىن، لىكىن شۇ ئېرىڭىزغا ئوبدانراق كۆز- قۇلاق بولۇپ قويۇڭ....
گۆھەرنىڭ قۇلىقىغا ئاسىيەنىڭ كىيىنكى گەپلىرىنىڭ بىرسىمۇ كىرمىدى، تۇيۇقسىزلا ئېيتىلغان بۇ گەپلەردىن ئۇنىڭغا يەر- جاھان پېقىراۋاتقاندەك، كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشقاندەك بىلىنىپ، پۇت- قولىدا جانمۇ قالمىدى. بۇ مۇمكىنمۇ؟ ئەجەبا يۈسۈپ مەندىن يوشۇرۇن ئەشۇنداق ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەنمىدۇ؟ قايسى كۈنى باغچىدا يانمۇيان ئولتۇرۇشقانلارمۇ يۈسۈپمىدۇ؟ بۇ، بۇ نېمە ئىش بولۇپ كەتتى. سۇنى كۆرمەي ئىشتان سالغىچە، ئەڭ ياخشىسى چۈشتە يۈسۈپ بىلەن ئوچۇقراق سۆزلىشىپ باقاي، ئارىمىزدا ئۇقۇشماسلىق بولۇپ قالمىسۇن. شۇلارنى تېزلىكتە ئويلىغان گۆھەر قېشىدا ئۆزىگە قاراپ تۇرغان ئاسىيەگە قاراپ:
ــ ھە شۇ گەپمىدى خوشنام، ئۇ يۈسۈپنىڭ نەۋرە سىڭلىسى، شۇ كۈنى مىجەزىم يوق ياتسام يوقلاپ كېپتىكەن، ئۆيدە تاماق ئىتەلمىگەچكە، يۈسۈپكە سىرتقا چىقىپ مېھمان قىلىپ كېلىشنى بۇيرىغان، ئۇلار تاماق يەپ بولۇپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە، سىز بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى، بۇ ئىشلاردىن خەۋىرىم بار، كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە رەھمەت ئاچا، سىزمۇ بەك كۆپ ئويلىۋاپسىز. ــ دېدى-دە، ئاسىيەنىڭ يەنە بىر نىمىلەرنى دىيىشىدىن ئەنسىرگەندەك قىلىپ، ئالدىراپ مەكتەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. گۆھەر يول بويى گاراڭ ئادەمدەك ھېچنىمىگە قارىماي خىيال بىلەن ماڭدى، مىڭلاپ چۈمۈلە مېڭىسى ئىچىدە ئۆمىلەۋاتقاندەك بىئارام بولدى. مەكتەپكىمۇ كەلدى، لىكىن دەرسكە كىرىشكە رايى بارمىغان گۆھەر ئىلمىي مۇدىرغا «مىجەزىم يوق تۇرىدۇ» دەپ قويۇپ دەرسىنى ئالماشتۇردى. چۈشكىچە روھى چۈشۈپ كەتكەن ئادەمدەك، ھېچكىم بىلەنمۇ تۈزۈك پاراڭلاشمىدى. كاللىسدا ھەر خىل خىياللار توختىماستىن ئەگىپ، ئۇنى بەكلا ئارامسىزلاندۇردى. كەچ بولغاندا گۆھەر ئۈيىگە روھسىزلا كىرىپ كەلدى. يۈسۈپ بالدۇرلا كېلىپ بولغان بولۇپ، كىرىسلودا تېلېفۇن ئويناپ ئولتۇراتتى. گۆھەر ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئىپادىسىزلا سورىدى: ــ يۈسۈپ، ئاسىيە ئاچام سىزنى بىر قىز بىلەن رېستۇراندا كۆردۈم دەيدىغۇ، قاچان، كىم بىلەن بارغانتىڭىز؟ ماڭا بۇ توغۇرلۇق ھېچنىمە دېمىدىڭىزغۇ؟
ــ ھەئە، مەكتەپكە يېڭىدىن كەلگەن بىر ئايال ئوقۇتقۇچى بىلەن ئائىلە زىيارىتى قىلىپ بولۇپ، كەچ بولۇپ كەتكەچكە بىرگە تاماق يىگەنتۇق، ئەمدى ھەممە ئىشلىرىمنى خاتىرلەپ قويۇپ، سىزگە بىرمۇ- بىر دوكلات قىلىشىم كېرەكمۇ؟ ئۇ ئاچىڭىز يەنە نېمىلەرنى دەپ بەردى، ئېيتىڭا؟ــ قايتۇرۇپ سورىدى يۈسۈپ بىرئاز جىددىيلىك باسقان كۆزىنى گۆھەردىن قاچۇرۇپ.
ــ باشقا گەپ قىلمىدى، شۇ بىر چىرايلىق قىز بىلەن ئايرىمخانىدا ئولتۇرۇپ تاماق يەۋېتىپتىكەن دېدى. مەنمۇ شۇ خىزمەتدىشى بولىشى مۇمكىن دەپ ئويلىغان، مەن سىزنىڭ قالايمىقان ئىش قىلىپ يۈرمەيدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن. مۇنداقلا سوراپ قويسام نىمانداق جىددىيلشىپ كىتىدىغانسىز، مەن سىزگە ئىشىنىدىغان تۇرسام، باشقىچە ئويلاپ قالماڭ يەنە. ــ گۆھەرنىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپلا كەتتى. ئۇ ئىشەنمەي دېسىمۇ يەنىلا گۇمانلىنىپ قالغان ئىدى.
ــ ئۇ خوتۇن چوقۇم سىزگە باشقا گەپلەرنىمۇ قىلدى، بولدى مەندىن يوشۇرماڭ، سىز ھەممە ئىشنى بىلىپ بولدىڭىز شۇنداقمۇ؟ ئەتراپىڭىزدىكىلەر مەن بىلەن زىبانۇرنىڭ ھەر كۈنى دىگدەك باغچىدا ئايلىنىپ يۈرگەنلىكىمىزنى، رېستۇران، تېز تاماقخانىلاردا بىرگە تاماق يىگىنىمىزنى دەپ بولدى شۇنداقمۇ؟ ــ يۈسۈپ زەردە بىلەن ئورنىدىن تۇردى. ــ شۇنداق، ئۇلار توغرا دەپتۇ، خاتا كۆرمەپتۇ، مېنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا دەرس تەكرار قىلىپ بېرىمەن دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى يالغان، مەن مۇشۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ بىلەن ئارلىشىش ئارقىلىق، زىبانۇرنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم، ئۇ ماڭا مۇھەببەتنىڭ لەززىتىنى قايتا ھېس قىلدۇردى، سىز بېرەلمىگەن ھېسىياتنى ئۇ بەردى، سىزدىن چىقمىغان ھارارەتنى زىبانۇر بەردى. مەنمۇ بىر ھېسىياتلىق ئادەم، سىزگە ئەشۇ ئەسەرلىڭىز بولسىلا بولدى، مەن بىلەن، ئۆي بىلەن، بالىمىز بىلەن نىمە كارىڭىز؟ مەن ھاردىم، چارچىدىم، بەسىندىم گۆھەر! ئەمدى چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى! ئاغرىقنى يوشۇرساق، ئۈلۈم ئاشكارە بولىدۇ، شۇڭا ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماي ۋاقتىدا ئاجرىشىپ كىتەيلى، مەن بۇ ئۆيدىن بەكلا بىزار بولۇپ كەتتىم! ــ يۈسۈپ ئەسەبىيلەشكەن شىردەك توۋلاپ كەتتى.
گۆھەرنىڭ كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ كىرىسلونىڭ يېنىغىلا ئولتۇرۇپ قالدى. يۈسۈپ شۇ چىقىپ كەتكەنچە ئۈچ كۈن بولغاندا پەيدا بولدى. ئۇنىڭ نەدە يېتىپ- قوپقانلىقىنى، ئىشقا بارغان- بارمىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى. مۇشۇ كۈنلەردە بۇلارنىڭ تۇرمۇشى قالايمىقانلىشىپلا كەتتى، گۆھەر يۈسۈپ بىلەن نەچچە قېتىم چىرايلىق ئولتۇرۇپ پاراڭلاشقان، ھەتتا ئەسەر يېزىشتىن قول ئۈزىدىغانلىقىنى، ئائىلىسىنى ۋەيران قىلماسلىقنى، بالىنى يېتىم قىلماي بىرگە بېقىپ چوڭ قىلىشنى ئېيتىپ يالۋۇرغان، ئارىغا چوڭلارنى ھەتتا يۈسۈپنىڭ مەكتەپ مۇدىرىنى سالغان بولسىمۇ، يۈسۈپ ئاجرىشىش تەلىپىدە چىڭ تۇرۋالدى. ئامالسىز قالغان گۆھەر قويغان- تۇتقىنىنى بىلمەي گاراڭ ھالدا يۈرىۋەردى. بۈگۈنمۇ تۇيۇقسىز پەيدا بولغان يۈسۈپ يەنىلا ئاجرىشىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. گۆھەرنىڭ نەچچە قېتىملىق ۋاقىراپ- جاقىراپ تۇرۇپ دېگەن قاتتىق گەپلىرى كار قىلمىغان بولغاچقا، تاقىتى تاق بولغان گۆھەر بۈگۈن ئاخىرقى قېتىم يۇمشاق گەپ بىلەن نەسىھەت قىلىپ بېقىشنى ئويلاپ، ئېغىز ئاچتى:
ــ يۈسۈپ، بىز تونۇشۇپ توي قىلغىلى بىر- ئىككى يىل بولغىنى يوق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلاپ ھېسابلىساق يىگىرمە يىل بولاي دەپتۇ، بىز- بىر- بىرىمىزنى چۈشىنىپ، ياخشى كۆرۈشۈپ توي قىلغان، ئىناق بىر ئائىلە قۇرغان ئىدۇققۇ؟ ئەجەبا تونۇشقىلى بىر يىل بولمىغان بىر قىزنى دەپ، بىر چىرايلىق ئائىلىمىزنى پارچىلاپ، ئەشۇ ئوماق بالىمىزنى يېتىم قىلامدۇق؟ ئەجەبا بىزنىڭ مۇھەببىتىمىزنىڭ ئاساسى مۇشۇنچىلىك ئاجىزمىدى؟ قېنى سىزنىڭ ماڭا بەرگەن ۋەدىلىرىڭىز؟ سىز ماڭا يۈز كېلەلەمسىز؟ ئويلاپ باقتىڭىزمۇ يۈسۈپ، ئۇ قىزغۇ تېخى كىچىك، بىردەملىك ھېسىياتنىڭ كەينىگە كىرىپ كەتكەندۇ، بىراق سىزچۇ؟ نەچچە يۈز، نەچچە مىڭ ئادەمنى تەربىيلەيدىغان بىر خەلق ئوقۇتقۇچىسى، بىلىم ئىگىسى تۇرۇپ نېمىشقا ھېسىياتقا بېرىلىسىز؟ مەندىن ئۆتۈپ كەتكەن تەرەپلىرى بولسا تۈزىتەي دېدىمغۇ؟ مەن يەنە سىزگە نېمە قىلىپ بېرىشىم كېرەك؟ سىز مېنى نېمە قىل دەيسىز؟ ئانا- بالا ئىككىمىزنى يالغۇز تاشلاپ قويماقچىمۇ؟ــ گۆھەر ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى. ئۇ ئەسلى ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ، چىرايلىق گەپلەر بىلەن يۈسۈپنى ئويغاتماقچى بولغان ئىدى، ئويلىمىغان يەردىن ئۆزىنى تۇتالماي، كونتۇرۇللىقىنى يوقىتىپ، يەنىلا قاتتىق گەپ قىلىپ يىغلاپ كەتتى.
ــ بولدى قىلىڭ گۆھەر، مەنمۇ كىچىك بالا ئەمەس، قىلىۋاتقان ئىشىمنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى ئوبدان بىلىمەن. توغرا مەن بىر ئوقۇتقۇچى، لېكىن ئوقۇتقۇچىدا ھېسىيات يوق دەپ كىم دەيدۇ؟ سىز نەچچە يىلدىن بۇيان ماڭا مەن تەشنا بولغان مۇھاببەتنى، ھېسسىياتنى قانچىلىك بېرەلىدىڭىز؟ سىزگە ئەشۇ ئەسەرلىرىڭىز، ئوقۇرمەنلىرىڭىز بولسىلا بولىدۇ. ئەمدى بەكلا كېچىكتىڭىز، جىق گەپ قىلىپ چېچىلغۇم يوق، ئەڭ ياخشىسى ئاجرىشىپ كىتەيلى، قانچە تېز بولسا شۇنچە ياخشى، ئۆيدىن نىمە كېرەك بولسا شۇنىڭ ھەممىسىنى ئېلىڭ، مېنىڭ يۈرىگىم مۇزلىدى، ئۆيدىن، سىزدىن، ھەممە، ھەممىدىن رايىم قالدى، بولۇپمۇ سىزنى كۆرسەملا نېرۋام ئۆرلەيدىغان بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.
ــ ئوبدانراق ئويلىشىڭ يۈسۈپ، كىيىنكى پۇشايمان ئۆزىگە دۈشمەن دەپتىكەن، نىمىشقا گۈدەك بالىدەك قىلىق قىلىپ يۈرىسىز؟ مەن دېدىمغۇ بۇنىڭدىن كېيىن ھېچنەرسە يارمايمەن دەپ، ماڭا بىر قېتىم بولسىمۇ پۇرسەت بېرىڭ! زىبانۇر تېخى توي قىلمىغان قىز، تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق- چۈچۈكلىرىنى تېتىپ باقمىغان. ئۇ ھازىر قىزىقىش بىلەن ياخشى كۆرۈشنى، ئامراقلىق قىلىش بىلەن مۇھاببەتنى ئارلاشتۇرۇپ قويىۋاتىدۇ يۈسۈپ!
ــ بولدى قىلامسىزيا؟! ــ قاتتىق توۋلىدى يۈسۈپ، ــ بىلەمسىز بىز ئەمدى كەينىمىزگە يانالمايمىز، مەن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتسەم، ئۇ قانداق قىلىدۇ؟ قۇرسىقىدىكى بالىنى قانداق قىلىدۇ؟ ماڭا تەنبىھ بېرىمەن، نەسىھەت قىلىمەن دېمەي، چىرايلىققچە كېلىشىپ ئاجرىشىپ كىتەيلى! راست گەپنى قىلسام، سىزنىڭ كۈنبويى قەغەز دۆۋىلىرى ئىچىدە مۈكچىيىپ ئولتۇرغان ھالىتىڭىزنى كۆرگۈم يوق! شۇڭا ھەممە ئىشنىڭ سەۋەبىنى كەچكىچە مەندىن ئىزدىمەي، كاللىڭىزنى سىلكىۋېتىپ ئوبدانراق ئويلىنىڭ! ئىدىيىڭىزدىن ئۆتكەندە تېلېفۇن قىلىڭ، خوش!ــ يۈسۈپ سىلكىنىپ ئورنىدىن تۇرپ سىرتقا ماڭماقچى بولدى.
ــ توختاڭ! ــ ئۈنلۈك توۋلىدى گۆھەر، ــ مۇمكىن ئەمەس، مەن سىلەرنى ھەرگىز مۇرادىڭلارغا يەتكۈزمەيمەن! بىز مەڭگۈ ئاجرىشىپ كەتمەيمەز. شۇنى ئويلاپ قويۇڭكى يۈسۈپ، سىز مېنىڭ ھېسىياتىمنى ئالدىغان ئىكەنسىز، مەنمۇ سىزنى خەلق ئالەم ئالدىدا باش كۆتۈرگىسىز قىلىۋېتىمەن، مېنى بەك يۇۋاش چاغلاپ قاپسىز، قاراپ تۇرۇڭ، ھەرگىزمۇ سىز بىلەن زىبانۇرنى توي قىلغىلى قويمايمەن، مەن ئاجراشمىسام سىز قانداق توي قىلالايسىزكىن، قېنى نوچىلىقىڭىزنى شۇ چاغدا بىر كۆرەي!
ــ ئىپلاس خوتۇن! ھېيلىگەر مۇناپىق! ــ يۈسۈپ ئىشىككە ئۇزاتقان قولىنى ئاستا چۈشۈرۈپ ۋارقىرىدى: ــ نوچى بولسىڭىز شۇنداق قىلىڭ! قېنى كىم ئاخىرغىچە كۈلۈلەيدىكىن! ــ يۈسۈپ گۆھەرگە نەپرەتلىك قاراپ قويۇپ، مېھمانخانا ئۆينىڭ ئىشىكىنى زەردە بىلەن قاتتىق ياپقىنىچە چىقىپ كەتتى. گۆھەر ئولتۇرغان جايىدىلا ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى. ئۇ قانچىلىك ئولتۇردى، قانچىلىك يىغلىدى، يۈسۈپكە نىمىلەرنى دېدى، بۇنى بىلمەيتتى. ئۇ چىڭقىلىپ كەتكەن بېشىنى تۇتقىنىچە، ئېلەڭ- سېلەڭ ئورنىدىن تۇرۇپ ھوجرا ئۈيىگە كىردى. يېزىق ئۈستىلىدىكى ئورگىناللار ئۇنىڭغا قاراپ ھېسداشلىق قىلىۋاتقاندەك، يەنە تۇرۇپ مازاق قىلىپ كۈلىۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى. گۆھەر غەزەپ بىلەن يېزىق ئۈستىلى ئالدىغا ئېتىلىپ كەلدى ۋە ئەسەبىيلەشكەن ھالدا بار ئاۋازى بىلەن ۋاقىرغىنىچە ئېتىلىپ بېرىپ، يېزىپ تەييار قىلىپ قويغان، نەشىرياتقا ئېۋەتىش ئالدىدا تۇرغان، ئۆز تۇرمۇشىنى ھالەك قىلغان رومانىنىڭ ئاخىرقى مۇكەممەل پۈتكەن ئورگىنالىنى تەلۋىلەرچە يىرتىپ- يىرتىپ تاشلىدى....
ــ خەپ يۈسۈپ! ــ دېدى گۆھەر ئۆز- ئۆزىگە ئاچچىق نىدا قىلىپ، ــ ساڭا شۇنچە ئەقىدە قىلسام بىلمىدىڭ، بىر كۈنلۈك مۇھابەتنى دەپ، ئۆمۈرلۈك سۆيگۈ بېغىنى خازان قىلماقچى بولىۋاتىسەن، مەن بۇنىڭغا ھەرگىز يول قويمايمەن. مەنلا ھايات بولىدىكەنمەن، سەنلەرنى مەڭگۈ مۇرادىڭغا يەتكۈزمەيمەن! ــ گۆھەر ئەلەملىك تولغاندى، كۆز ياشلىرى سەل بولۇپ ئاقتى. ئۇ ئۆزىنى كارۋاتقا تاشلىغىنىچە بۇقۇلداپ- بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى.
بۇ ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى
ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ، رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت .
بۇ روماننىڭ ئاۋازلىقىنى تولۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
…………………













