
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر !تۆۋەندە ( ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ) ناملىق پوۋېست ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !
بۇ ئەسەرنىڭ9-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ
ئاپتۇرى: ئەخمەت نىياز (تىلماچ ئەپەندى)
(9)
ئەتىسى سەھەردە تولىمۇ روھسىز ئورنىدىن تۇرغان گۆھەر ناشتىمۇ قىلماستىن، ئۆزىنى بىر قۇر تۈزەشتۈرۈپلا مەكتەپكە قاراپ يول ئالدى. بۈگۈن ئۇ سەھەردىلا ئۆيدىن چىققان بولغاچقا، كوچا ئاپتۇبۇسىغىمۇ ئولتۇرماي، پىيادە يول يۈرۈشنى خالاپ قالدى. ئۇ خىيال دېڭىزى ئىچىدە ئۈزىۋېتىپ مەكتەپ ئالدىغا كېلىپ قالغىنىنىمۇ تۇيماي قالغان ئىدى. ئۇ ئەمدىلا ئىشخانا بىناسى ئالدىغا كېلىشىگە، بىنا ئىچىدىن چىقىۋاتقان ئىلمىي بۆلۈمنىڭ مۇدىرى خالىدە بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. خالىدە مۇدىر گۆھەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن، بۈگۈن چۈشكىچە دەرسكە كىرمەي، ئالدى بىلەن يىغىنباغ كەنتىگە بېرىپ، سىنىپىدىكى دىلمۇرات ئائىلىسى بىلەن سۆھبەتلىشىپ كېلىشنى ئورۇنلاشتۇردى. دېمىسىمۇ گۆھەرنىڭ ھە دېسە مەكتەپتىن قاچىدىغان، سىنىپقا كىرسە جىم ئولتۇرماي ئىنتىزامنى بۇزۇپ، نورمال دەرس ئۆتۈشكە تەسىر يەتكۈزۈپ كېلىۋاتقان بۇ قۇلاقكەستى بالىنىڭ ئۈيىگە بىر بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ كېلىش نىيىتى بار ئىدى. ئۇ خالىدە مۇدىرغا «ماقۇل» دەپ قويۇپ، ئىشخانىغىمۇ كىرمەي، كەينىگە بۇرۇلۇپلا مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىپ كەتتى.
يىغىنباغ كەنتى بىلەن مەكتەپ ئارلىقى ئىككى كىلومېتىرچە بولۇپ، گۆھەر مىڭىسىنى سەگىتكەچ پىيادە بېرىشنى ئويلىدى. ئۇ بىر ئاش پىشىم ۋاقىتتا كەنت ئالدىغا كېلىپ، كىشىلەردىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق دىلمۇراتنىڭ ئۈيىنى ئاسانلا تاپتى. ئۇ دەرۋازا ئالدىغا كېلىپ بىردەم تۇرۋالغاندىن كېيىن، قىيپاش ئوچۇق تۇرغان دەرۋازىنىڭ سول قانىتىنى يىنىك ئىتتىرگىنىچە ھويلىغا كىردى. ھويلىدا 50 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر ئايال سۈپۈرۈپ بىر يەرگە دۆۋىلەپ قويۇلغان ئەخەتلەرنى كونا چىگە تاغارغا ئۇسىۋاتاتتى. گۆھەرنىڭ يەر تىگىدىن چىققاندەك تۇيۇقسىزلا ئالدىدا پەيدا بولۇپ قالغانلىقىدىن چۆچىگەن ئايال، كۆزلىرىنى ياغ سالغان چايدەك پاقىراتقىنىچە گۆھەرگە قاراپ تىكىلىپ تۇرۇپلا قالدى. ئۇزايىدىن بەكلا قورقۇپ كەتكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى.
ــ كەچۈرۈڭ ئاچا، ــ دېدى گۆھەر ئايالغا سالام قىلغاچ ئەدەپ بىلەن، ــ تۇيۇقسىزلا كىرىپ سىزنى چۆچىتىپ قويدۇم، سەت بولدى، مەن دىلمۇراتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى گۆھەر بولىمەن، سىلەر بىلەن دىلمۇرات ھەققىدە ئازىراق پاراڭلىشىپ كىتەي دەپ كىلىشىم ئىدى.
ئايال گۆھەرنىڭ ئۈستى بېشىغا مۇنداقلا قاراپ قويۇپ، قولىدىكى تاغارنى ئەخلەت بىلەنلا قوشۇپ بىر چەتكە تاشلاپ قويغاندىن كېيىن، گۆھەرگە خالا- خالىماس سالام قايتۇرۇپ بولۇپ ئۆيگە باشلىدى. گۆھەر بۇلارنىڭ مېھمانخانا ئۈيىگە كىرىپ ئەتراپقا سەپ سېلىپ قارىدى. ئۆي ئىچى ئاددىيلا سەرەمجانلاشتۇرۇلغان بولۇپ، تولىمۇ رەتسىز ۋە قالايمىقان ئىدى. كونا كىرىسلو ئۈستىدە ئىشتان- چاپان، كۆينەك، ، يوتقان كىرلىكى، بېغىرداق دېگەندەك نەرسىلەر چەرچىن مال ساتقۇچىنىڭ كەچلىك بازاردا رەتلەپ بولالمىغان يايمىسىدەك قالايمىقان چېچىلىپ ياتاتتى. چاي شىرەسىنىڭ ئۈستى تېخىمۇ قالايمىقان بولۇپ، چالا يەپ تاشلاپ قويغان تاۋۇزنىڭ شاپىقى، شاپتۇلنىڭ پوستى چىۋىن ماكانىغا ئايلانغان، چاي دېغى تۇتۇپ ساغىرىپ كەتكەن پىيالە چىنىلەر شىرە ۈئستىنى بىر ئالغان ئىدى. ئايال ھاپىلا- شاپىلا كىرىسلودىكى نەرسىلەرنى تارتىپ يىغىپ ئېلىپلا، كارىۋات ئۈستىگە يېقىن بارمايلا ئاتتى. ئۇ نەرسىلەر خۇددى بوراندا قالغان قامغاقتەك يېرىمى يەرگە، يېرىمى كارۋات ئۈستىگە يېيىلىپ چۈشتى. گۆھەر بۇ بولۇمسىز خوتۇننىڭ قوپال قىلىقلىرىدىن ھەيرانلا قالدى. ئۇ ئايال شىرە ئۈستىدىكى شاپاق- شۇپۇكلارنى بىر لىگەنگە سېرىىپ چۈشۈرۈپ ھويلا تەرەپكە ماڭدى. گۆھەر خىيالىدا بۇ نەرسىلەرنىمۇ خۇددى بايامقى كىيىم- كىچەكلەرنى ئاتقاندەك چۆرۈپ تاشلارمۇ دەپ ئويلىغان ئىدى، بىراق ئۇ ئايال ئۇنداق قىلماي، سىرتقا ئېلىپ چىقىپ كىتىپ ھايال بولمايلا قايتىپ كىردى. گۆھەر بۇ ئۆيدىن بالدۇرراق ئۇزاپ چىقىشنى ئويلاپ، ــ ئاچا، بولدى جاپا تارتماڭ، قېنى قېشىمغا كېلىپ ئولتۇرسىڭىز، ئازىراق پاراڭلاشساق بوپتىكەن، مەنمۇ ئالدىرايتىم. ــ دېدى تۈزۈتسىزلا.
ئايال گۆھەرگە لەپپىدە بىرنى قاراپ قويۇپ، ئۈندىمەستىن ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ ئولتۇردى. گۆھەر ئايالغا دىلمۇراتنىڭ شۇنچە ئەقىللىق ھەم چېچەن ئىكەنلىكى، قۇلىقى يۇمشاق ئوبدان بالا بولغانلىقىنى بىردەم ماختىغاندىن كېيىن يېقىندىن بۇيانقى ئىپادىسىنىڭ ئانچە ياخشى بولمايۋاتقانلىقىنى، پاتپاتلا دەرس تاشلاۋاتقانلىقىنى قىسقىچىلا سۆزلەپ ئۆتتى. ئايال بىردەم سۈكۈت قىلىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن ئېغىز ئاچتى: ــ ھەي، نىمىسىنى دەي، قېرىغاندا تۇغقان بالام دەپ كۆزىگە قاراپ ئەركە ئۈگىتىپ قويۇپتىمەن قاراڭ، مانا ھازىر 8 ياشتىن ئاشقان بولسىمۇ گىپىمگە كىرمەس بولىۋالدى، قاتتىقراق گەپ قىلسام دادىسى ئۆكتە قوپىدۇ، دادىسىغا چۈشەندۈرۈپ بولغىچە ئاچىسى قوپىدۇ. ئۇلار ھە دېسە بالىنىڭ پۇتىغا ھۆل خىش قويۇپ، مۇشتۇمدەك بالىنىڭ خورىگىنى يوغىنىتىۋەتتى. مەن ئاپىسى تۇرۇپ گېپىمگە كىرمەسلا بولدى، مانا تۈنۈگۈن كەچتە ئاچىسى زىبانۇر بىلەن دۇكانغا بارىمىز دەپ چىقىپ كەتكەنچە، ھازىرغىچە يوق، نەلەردە پوق دەسەپ يۈردىكىنتاڭ بۇ شۇملار!
ــ نېمە، نېمە دىدىلە؟ زىبانۇر؟ زىبانۇر دىگەن سىزنىڭ قىزىڭىز بولامدۇ؟ ــ سورىدى گۆھەر ھەم ھەيران بولغان ھەم جىددىيلەشكەن ھالدا.
ــ ھەئە، مېنىڭ ئۆگەي قىزىم بولىدۇ، قانداق سىلىمۇ تونۇملا ئۇنى؟ ــ سورىدى ئايال ھەيران بولۇپ.
ــ ھە، ياق، ھەئە، تونۇيمەن، ئۇ قىز بۇرۇن بىزنىڭ ئۆيگە پات- پات بېرىپ، يازغان ئەسەرلىرىمنى ئوقۇپ كىتىدىغان، يېقىندىن بېرى كەلمەس بولۇپ قالدى، قارىغاندا ئالدىراش بولۇپ قالدىمىكىن.
ــ ھەي، نىمىگە ئالدىراش بولاتتى، قارىمامسىز ماۋۇ ئۆينى قىلىۋەتكىنىنى، مەن تازىلاپ يىغىشتۇرۇپ بولالماي ئاۋارە، ئاچا- ئۇكا ئىككىسى قالايمىقان قىلىپ بولالماي ئاۋارە، بۇ خېنىم مۇشۇ ھالىغا توي قىلىمەن دەپ، ئۆزىنىڭ توي تاييارلىقى بىلەن ئالدىراش يۈرىدۇ. ئاڭلىسام ئايالى تۈگەپ كەتكەن بىر كادىر يىگىت بىلەن تېپىشىپ قالغان ئوخشايدۇ، دادىسى بولغان ئادەم بوپتۇ دېگەن يەردە مەن نىمە دەي، قىز بالىنى باقماق بەك تەسكەن، قاتتىقراق باشقۇرسىڭىز «ئۆلىۋالىمەن» دەپ قورقۇتۇپ، قوقاق سالىدىكەن، شۇڭا مەنمۇ بەك ئارلىشىپ كەتمىدىم. ئۆزىمىزنىڭ گېپىگە كەلسەك، دىلمۇراتنى ئاشۇ ئاچىسى يامان ئۈگىتىپ يولدىن چىقىردىغان بولدى. مەكتەپكە ماڭدىم دەپ ئاچىسىنىڭ دۇكىنىغا يۈگۈردىكەن، مەنمۇ ھېچ ئىلاج قىلالمىدىم. ــ ئايال ئېغىر خۇرسىنىپ ئۇھ تارتىپ قويدى. ئۇنىڭ بايىقى قوپال مىجەزى تۇرۇپلا ئوڭشىلىپ قالغاندەك قىلاتتى.
ــ بۇ جاھاننىڭ تارلىقىغا نېمە دەي؟ باردىغان يەر تېپىلمىغاندەك ئېزىپ- تېزىپ دەل مۇشۇ ئۆيگە كېلىپ قالغىنىمنى قارىمامدىغان؟ بۇمۇ بىر ھېساپتا ياخشى بولدى، شۇ باھانىدا بۇ ئايالغا ھەممە ئىشنى دەي. ــ شۇلارنى ئويلىغان گۆھەر ئايالغا قاراپ ھەسرەتلىك تىنىپ قويۇپ دېدى: ــ ئاچا، زىبانۇر توي قىلماقچى بولغان ئەرنىڭ ئايالى ئۈلۈپ كەتكىنى يوق، ئۇنىڭ شۇنداق ئىللىق ئائىلىسى، تۆت ياشقا كىرگەن بىر قىزى بار، ھازىر زىبانۇر بۇلارنىڭ ئائىلىسىنى بۇزماقچى بولىۋاتىدۇ، سىلەر بۇ ئىشقا كەلگەندە قاتتىقراق بولۇپ، ئۇنى قەتئىي توسۇڭلار.
ــ توختاڭ، توختاڭ، سىز ئۇ ئەرنىڭ ئۈيى بارلىقىنى قانداق بىلىسىز؟ــ گەپنى بۆلدى ئايال جىددىيلەشكەندەك قىلىپ.
ــ مەن ھەممىنى ئوبدان بىلەنمەن ئاچا، مەن دەل ئاشۇ ئەرنىڭ ئايالى، ئوغلىڭىزنىڭ سىنىپ مەسئۇلى گۆھەر بولىمەن. زىبانۇر باشتا بىزنىڭ ئۆيگە ئەسەرلىرىمنى ياخشى كۆرگەن قىياپەتتە بارغان، مەنمۇ ئۇنى ئۆز سىڭلىمدەك كۆرۈپ ياخشى مۇئامىلە قىلغان، ئويلىماپتىكەنمەن بۆرىنى قوتانغا باشلاشنى، ئۇ مۇشۇنداق كېلىپ- كىتىپ يۈرۈپ ئېرىم بىلەن چىقىشىپ قاپتۇ. ئەمدى ئاڭلىسام زىبانۇر ئىككى قات بولۇپ قالغانمىش، شۇڭا يولدىشىم يۈسۈپ مەن بىلەن ئاجرىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلماقچى بولىۋاتىدۇ ئاچا. ــ زەردە بىلەن ئۈنلۈك توۋلاپ كەتتى گۆھەر.
ــ ۋاي نىمە دەيدىغانلا مۇئەللىم، ماۋۇ جۇۋاينىمەكنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشىنى قارىمامدىغان، دوپپىمىزغا جىگدە سېلىپ بىزنى گوللاپتۇدە بۇ ئۆلگۈر. مەن تېخى ئۇنىڭ گېپىگە كىرىپ ئىشىنىپ قاپتىمەن، دادىسىمۇ ئاق- قارىنى سۈرۈشتۈرمەيلا ماقۇل دەپ قوشۇلغان. بۇ بولمامتۇ سىڭلىم، مەن بۇ توينىڭ ئىشىنى دادىسىغا دەي، بىر ئامال قىلمىساق بولمىغىدەك. خەلقى ئالەم ئالدىدا نېمە سەتچىلىك بۇ بىزگە. ــ ئايالمۇ بەكلا جىددىيلەشكەندەك قىلاتتى.
ــ شۇڭا، ــ دېدى گۆھەر ئايالنىڭ قولىنى ئۆز قولىنىڭ ئالقىنىغا ئېلىپ تۇرۇپ، ــ بۇ ئىشتا ماڭا ياردەم قىلىپ، بۇلارنىڭ توي ئىشىنى توسمىساق بولمايدۇ، قاراپ تۇرۇپ بىر ئائىلە ۋەيران بولۇپ كەتسە، سىلىمۇ قاراپ تۇرالاملا، مەنغۇ مەيلى، بىراق ئەللە- مەھەللىنىڭ ئالدىدا ئەر- ئايال ئىككىڭلارغا سەت ئەمەسمۇ، بۇنى مەن دېسىمەممۇ ئۆزلىرى بايا دېدىلە ئەينا.
ئۇلار پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندا، ئۆيگە 50 ياشلاردىن ئاشقان، ئۆڭى قارا، چاچلىرىغا ئوبدانلا ئاق سانجىلغان، ئوتتۇرا بوي، ئورا كۆز بىر ئادەم كىرىپ كەلدى. گۆھەر ئەدەپ يۈزىسىدىن ئورنىدىن يېرىپ تۇرۇپ سالام قىلدى. ئۇ ئەرمۇ گۆھەرگە ئەجەپلەنگەندەك قاراپ قويۇپ سالام قايتۇردى.
ــ دادىسى، ــ دېدى ئايال ئەرگە قاراپ: ــ بۇ ياق ئوغلىمىز دىلمۇراتنىڭ سىنىپ مەسئۇلى ئىكەن، بالىمىزنى مەكتەپكە بارمىغىلى نەچچە كۈن بولدى دەپ ئىزدەپ كېپتۇ. ماۋۇ ئىككى بالىغا قاتتىقراق گەپ قىلمىسىڭىز ئەتە- ئۆگۈن بېشىمىزغا بالا بولىدىغان ئوخشايدۇ، ئوبدانراق گېپىڭىزنى ئۆتكۈزۈڭ ئەمدى.
ــ نېمە كەچكىچە دىلمۇراتنىڭ گېپى چىقىشى بىلەنلا، زىبانۇرنىمۇ قوشىۋالىسەن، مۇشۇ ئۈگەيلىكىڭ قاچانمۇ تۈگەر سېنىڭ! ــ ئەر چېچىلىپ كايىپ كەتتى. ئۇنىڭ قارامتۇل چىرايى تېخىمۇ قارىداپ كەتتى.
ــ مەن قوشىۋالمىدىم، ــ دېدى ئايالمۇ ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ: ــ ئەتىۋارلىق قىزىڭىز تېخى ماۋۇ خانىمنىڭ ئېرىنى تارتىۋالماقچى بولىۋېتىپتۇ بىلەمسىز؟ ساپساق بىر ئادەمنى ئۆلدىگە چىقىرىپ، بىزنى ئالداپ، خەقنىڭ ئۆيىنى بۇزۇپ ئەرگە تەگمەكچى بوپتۇ ئۇ تۇتۇيارىڭىز!
ــ ئۇنداق ئەمەستۇ؟ــ سورىدى ئەر گۆھەر بىلەن ئايالىغا تەئەجۈپلەنگەندەك قاراپ: ــ بۇ راستمۇ؟ سىلى راستىنلا ئاشۇ ئەرنىڭ ئايالىمۇ؟
ــ شۇنداق ئاكا، بۈگۈن مەن دىلمۇراتنىڭ ئىشىنى دەپ كەلمىگەن بولسام، سىلەرنىڭ زىبانۇرنىڭ ئاتا- ئانىسى ئىكەنلىكىڭلارنى، زىبانۇرنىڭ سىلەرگە يالغان ئېيتقانلىقىنىمۇ بىلمەي يۈرەركەنمەن. مەنمۇ يولدىشىم بىلەن سۆزلەشتىم، يولدىشىم يۈسۈپ ئۆزىنىڭ بىردەملىك ھېسىياتقا بېرىلىپ كىتىپ ئازغانلىقىنى ئېتراپ قىلدى، بىراق ھازىرچە زىبانۇر بىلەن توي قىلمايدىغانلىقىنى، پەقەت بىر مەزگىل ئارلىشىپ ئۆتۈپ كۆڭلىنى خۇش قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىۋېدى، غەزىپىم كېلىپ ئۇرۇشتۇم، ئاجرىشىپ كىتىمەن دەپ غەلۋە قىلدىم. شۇڭا، سىلەر زىبانۇرنىڭ ئۇۋالچىلىققا قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنى بۇ يولدىن ھازىر توسۇپ قالساڭلارمۇ كېچىكمەيسىلەر. ــ دېدى گۆھەر ئۆزىگە يات بولغان يالغان بىلەن راستنى ئارىلاشتۇرۇپ.
ئەرنىڭ چىرايى تېخىمۇ بەك قارىداپ كەتتى، چىشلىرى غۇچۇرلىدى. ئۇ ئۆزىنى كارۋاتقا لەسسىدە تاشلاپ بىردەم ئولتۇرۋالغاندىن كېيىن: ــ ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق دەپ، ئاپىسىنى تارتىپتۇ- دە بۇ قانجۇيق. ئاپىسىمۇ بىر چىرايلىق ئۈيى، باللىرى تۇرسا تاپتىن چىقىپ، خەقنىڭ ئۈيىنى بۇزۇپ، يا ئۆزى ئۇ ئەرگە تىگەلمەي، يا ماڭا يۈز كېلەلمەي، ئاخىرى كىشىلەرنىڭ سېسىق گەپ، تاپا- تەنىسىگە چىدىماي ماشىنىنىڭ ئالدىغا ئۆزىنى تاشلاپ ئۈلىۋېلىپ، شوپۇرغا بىرمۇنچە ئاۋارچىلىق كەلتۈرگەن ئىدى، مانا ئەمدى قىزىمۇ شۇ يولنى تۇتاي دەپتۇ-دە، ھېييي، پوق يەپ چوڭ بولغان شوۋۇچى.
بۇ ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى
ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ، رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت .
بۇ روماننىڭ ئاۋازلىقىنى تولۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
…………………













