大数跨境

ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ (پوۋېسىت ) 10 ـ قىسىم تۈگدى

ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ (پوۋېسىت )  10 ـ قىسىم تۈگدى aybarawazi
2023-01-26
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر !تۆۋەندە ( ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ) ناملىق  پوۋېست ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ10-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9









ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ


ئاپتۇرى: ئەخمەت نىياز (تىلماچ ئەپەندى)

(10)

ئەمدى قانداق قىلاي دەيلا مۇئەللىم؟ــ  دېدى گۆھەرگە قاراپ نومۇس ۋە خىجالەت ئارلاشقان ھالدا.

ــ مەنمۇ بىلمىدىم، مېنىڭ ئېسىيادىم زىبانۇردا، ئۇ تېخى كىچىك، بىردەملىك ھېسىياتنىڭ كەينىگە كىرىپ، تۈگىمەس ئازاپقا قالدىغانلىقىنى سەزمەيۋاتىدۇ. مەنغۇ مەيلى، بىراق شۇ قىزىمنىڭ كەلگۈسىدىن ئەنسىرەيمەن، سىلەرنىڭ خەلقى- ئالەم ئالدىدا شەرمىساز بۇلۇپ باش كۆتۈرەلمەي قېلىشىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن. ــ دېدى گۆھەر ئوت ئۈستىگە ماي چېچىپ. مۇشۇ تاپتا ئۇ ئائىلىسىنى ساقلاپ قالىدىغانلا ئىش بولسا، بولۇپمۇ قىزى يېتىم، ئۆزى تۇل بولۇپ قالمايدىغان ئىش بولسا، ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتىن باش تارتمايدىغاندەك قىلاتتى.

ئۆي ئىچىنى جىمجىتلىق باستى. بىر چەينەك چاي قاينىغۇچىلىك ۋاقىت ئۆتكەندە، گۆھەر بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇلارغا قاراپ: ــ ئاكا- ئاچا، سىلەرمۇ زىبانۇرغا ئوبدانراق نەسىھەت قىلىپ بېقىڭلار، ئەگەر ئۇ ئۇنىماي گېپىدە چىڭ تۇرىۋالدىغان بولسا، مېنىڭ ئويۇمغا بىر ئىش كېلىۋاتىدۇ، سىلەر قوشۇلساڭلار شۇ بويىچە بىر ئىش تۇتۇپ باقساقمىكىن، ئاڭغىچە سىلەرمۇ يولدىشىم يۈسۈپنى چاقىرتىپ كېلىپ پاراڭلىشىپ بېقىڭلار، ئىش ئەپلەشمىسە مېنىڭ ئويلىغىنىمچە بولسۇنمىكىن. ــ دېدى گۆھەر خىيالچان كۆزلىرى بىلەن مۇڭلۇق تىكىلىپ.

گۆھەر ئۇلار بىلەن خېلى ئۇزۇن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تېلېفۇن نومۇرىنى بىلىۋالغاندىن كېيىن، مۇشۇ بىر- ئىككى كۈن ئىچىدە ئۆزى دېگەندەك قىلىشنى، ئاندىن ئۆزىگە خەۋىرىنى بېرىشنى تاپىلاپ قويۇپ مەكتەپكە قايتتى. ئۇ بۈگۈن ئەتىگەندىلا ئىشنىڭ ئوڭغا تارتىۋاتقانلىقىدىن خۇشالمۇ بولۇپ قالغان ئىدى. چۈشكە يەنە ئىككى سائەتچە ۋاقىت بار ئىدى، ئۇ سائەت توشقىچە خاتىرجەم ئولتۇرۇپ ئىشىنى قىلدى. چۈشتە ئۈيىگە قايتماستىن، قىزىنى كۆرۈپ كېلىش ئۈچۈن تاكسى بىلەن ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۈيىگە كەتتى.

ئەتىسى چۈش بولغاندا، زىبانۇرنىڭ ئاپىسى تېلېفۇن ئۇرۇپ، ئۇلارنىڭ يۈسۈپ بىلەن زىبانۇرنى دەرقەمدە تۇرغۇزۇپ پاراڭلاشقانلىقىنى، لىكىن گۆھەرنىڭ كەلگەنلىكىنى دېمىگەنلىكىنى، ئۇلار قەتىي توي قىلىشتا چىڭ تۇرغانلىقىنى چالا قويماي تولۇق يەتكۈزدى.

ــ ئۇقتۇم، ــ دېدى گۆھەر ئايالغا رەھمەت ئېيتقاچ، ــ ئۇنداق بولسا سىلەر بۇ تويغا قوشۇلدۇڭلارمۇ؟ــ سورىدى گۆھەر.

ــ بۇ مۇمكىنمۇ سىڭلىم، ئەگەر قانۇن بولمىغان بولسا ئىدى، مۇشۇ تاپتا دادىسى زىبانۇرنىڭ پۇت- قولىنى سۇندۇرۇپ، چالا ئۈلۈك قىلىپ تاشلاپ قويغان بولاتتى. بىچارە ئادەم تۈگىشىپلا كەتتى ھازىر، شۇڭا قانداق قىلساق بولار دەپ سىلىگە تېلېفۇن ئۇرۇشۇم. ــ دېدى ئايال مىچىلداپ يىغلاپ.

ــ ئۇنداقتا ياخشى، ــ دېدى گۆھەر تېلېفۇننى ئاغزىغا يېقىن ئەكىلىپ، ــ ئەمىسە مېنىڭ دېگىنىم بويىچە قىلىپ، ماڭا ماسلىشىپ بېرىڭلار، ھەرگىز چېنىپ قالمىسۇن، تېلېفۇنۇمنى كۈتۈڭلار. ــ گۆھەر گېپىنى تۈگىتىپ تېلېفۇننى ئۈزدى. ھەر نېمە بولسا زىبانۇرنىڭ ئاتا- ئانىسى ئاق- قارىنى بىلىدىغان ئادەملەردىن ئىكەن، گۆھەر ئۇلۇغ بىرنى تىنىۋېلىپ يۈسۈپكە تېلېفۇن ئۇردى، يۈسۈپ تېلېفۇننى ئالمىدى، يەنە ئۇردى، يەنە ئالمىدى. گۆھەر تېلېفۇننى ئۈچىنجى قېتىم ئۇرغاندا، يۈسۈپ تېلېفۇننى ئېلىپلا قوپاللىق بىلەن سۆزلەپلا كەتتى: ــ ھە قانداق ئىشەك يوق؟ ئۇرىۋېرىدىغان گەپما بىكار ئادەم باردەك تېلېفۇننى؟

ــ شۇنداق، سىزگە ئوخشاش قاشاڭ ئىشەكتىن بىرسى يوق! ــ دېدى گۆھەرمۇ زەردە بىلەن، ــ پاقىڭىزغا قاندۇراي دەپ تېلېفۇن ئۇردۇم، مېنىڭمۇ بۇنداق ئۆتكۈم يوق، ئاجراشساق ئاجراشتۇق، بۇ قانچىلىك ئىشتى، ئەتە ئەتىگەندە شەھەرلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسىنىڭ ئىش بېجىرىش زالىدا ساقلايمەن، ۋاقتىدا كېلىپ بېرەلا، خوش! ــ گۆھەر گېپىنى دەپ بولۇپلا تېلېفۇننى قويۇۋەتتى. ئاندىن زىبانۇرنىڭ ئاپىسىغا تېلېفۇن ئۇرۇپ، بەزى تاپىلايدىغان ئىشلارنى تاپىلاپ بولغاندىن كېيىن، ئەتە ئەتىگەندە يولدىشى بىلەن خەلق ئىشلار ئىدارىسىغا بېرىشنى ئېيتىپ خوشلاشتى.

ئەتىسى ئەتىگەندە بۇ ئىككى ئائىلە كىشىلىرى دىيىشىپ قويغان ۋاقىتتا ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ خەلق ئىشلار ئىدارىسىنىڭ ئالدىغا كەلدى. دەرۋازا ئالدىدا زىبانۇرنىڭ ئاتا- ئانىسىنى كۆرگەن يۈسۈپ بىرئاز جىددىيلەشكەن بولسىمۇ، لىكىن چاندۇرماي، ئىشخانا بىناسى تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ئۇ بۇلارنىڭ بۇ يەرگە نىمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى بىلەلمەي ئىچى تىت- تىت بولىۋاتاتتى. شۇ ئەسنادا زىبانۇرنىڭ ئاپىسى يۈسۈپنى چاقىرىپ قالدى: ــ ھوي!... بولغۇسى كۈيئوغلۇم قاراپ قويسىلا مۇنداق، كۆزلىرىگە ياغ توشۇپ كىتىپ، بىزنى كۆرەلمەي قېلىۋاتامسىز؟ بىزمۇ بار بۇ يەردە جۇما!

يۈسۈپ تۇرغان يېرىدە تۇرۇپلا قالدى، ئاڭغىچە گۆھەر ئۇنىڭ يېنىدا پەيدا بولدى. ئۇ زىبانۇرنىڭ ئاتا- ئانىسى بىلەن گەپنى پىشۇرۇپ بولغان بولغاچقا، ئۇلارنى تونۇماسقا سېلىپ، يۈسۈپكە گەپ قىلماقچى بولۇپ تۇرغاندا، زىبانۇرنىڭ ئاپىسى يەنە ئېغىز ئېچىپ قالدى:

ــ سىلەر نېمە دېگەن زەرىل ھە، ئۆز مەنپەتىڭلارنى ئويلاپ، باشقىلارنىڭ نېمە كۈنگە قېلىشى بىلەن كارىڭلار يوقمۇ؟ رەزىللىكتە ۋايىغا يىتىپسىلەر جۇمۇ! قول قويدۇم، راستىنلا قوي قويدۇم! ئاپىرىن سىلەرگە!

يۈسۈپ نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي، كۆزلىرىنى يوغان ئاچقىنىچە زىبانۇرنىڭ ئاتا- ئانىسىغا قارىدى. زىبانۇرنىڭ دادىسى ئۈندىمەستىن يەرگە قاراپ تۇراتتى. ــ نىمە ئىش بولدى؟ سۆزلەپلا كەتتىلە ئاچا، مەن ھېچنىمىنى چۈشەنمىدىمغۇ؟ ــ قايتىلاپ سورىدى يۈسۈپ.

ــ خۇپسەنلىك قىلما تولا! ــ دېدى ئايال بىردىنلا سەنلەپ: ــ سەنلەرمۇ ئادەممۇ؟ سەنلەرنىڭ ھايۋاندىن نېمە پەرقىڭ بار؟ ھە! بىرسىڭ قىزىمنى ئازدۇرساڭ، يەنە بىرسىڭ ئېرىمنى ئازدۇرساڭ، ئۇۋالىمغا قېلىشتىن قورقۇشمامسەن؟ بۇ جاھاننىڭ ئىگىسى يوقمۇ زادى؟

ــ توختاڭ، توختاڭ، نىمە دەۋاتىسىز؟ كىم- كىمنى ئازدۇرۇپتۇ؟ ئېنىقراق دېمەمسىز؟ــ يۈسۈپ جىددىيلىشىشكە باشلىدى. بۇنىڭغا ئۈلگۈرۈپ زىبانۇر ئۈگەي ئۇكىسى دىلمۇراتنى يىتىلىگىنىچە بۇلارنىڭ قېشىدا پەيدا بولدى. ئۇ ئاتا- ئانىسىنىڭ ئاخشام تۇيۇقسىزلا ئۆزىنىڭ ئىشىنى دەپ ئۇرۇشۇپ، بۈگۈن ئەتىگەندە ئاجراشماقچى بولغانلىقىدىن كۆڭلى يېرىم بولۇپ، بۇلارنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن ئالدىراپلا كەلگەن ئىدى. ئۇ ئەتراپىدىكىلەرگە قاراپ ھاڭ- تاڭ بولۇپ تۇرۇپ قالدى. گۆھەر ئۇنىڭغا نەپرەتلىك قاراپ قويۇپ ئېغىز ئاچتى:

ــ ئاڭلاپ تۇرۇڭ يۈسۈپ، سىز زىبانۇر بىلەن توي قىلماقچى بولغاندىن كېيىن، مېنىڭ سىزدىن ئايرىلىپ قالغۇم كەلمەي، داۋاملىق بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك سىزنى كۆرۈپ تۇراي دەپ، زىبانۇرنىڭ دادىسى بىلەن ئارلاشتىم، بۈگۈن غەلبىلىك ئاجراشسام، ئەتىلا ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىمەن، دېمەك، مەن سىزنىڭ قىينىئانىڭىز بولىمەن، قانداق پەيزىمىكەن بولغۇسى كۈيئوغلۇم؟ــ گۆھەر غەلىتە بىر نەزەردە يۈسۈپكە قاراپ كۈلۈپ قويدى. يۈسۈپنىڭ كۆزلىرى چانىقىدىن چىقىپ كىتەيلا دەپ قالغان ئىدى. بولۇپمۇ زىبانۇر گۆھەرنىڭ ئۆز ئۆيىنى پارچىلاپ، دادىسىغا خوتۇن، ئۆزىگە ئۈگەي ئاپا بولماقچى بولىۋاتقانلىقىدىن گاڭگىراپ خۇدىنى يوقاتقان ئىدى. ئۇ ئۇشتۇمتۇت گۆھەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ تىزلاندى:

ــ ئاچا، ئۆتۈنۈپ قالاي، ھەرگىز دادام بىلەن توي قىلمىغان بولسىڭىز، ھەممە خاتالىق  مەندە، يۈسۈپ ئاكامنى مەن ئېزىقتۇرغان، بويۇمدا قالدى دەپ مەن ئالدىغان، خۇش بولۇپ كىتەي ئاچا، بولدى ئاجراشماڭلار، داداممۇ ئاجراشمىسۇن، مەن بىر ئادەمنى دەپ، ئىككى ئۆي پارچىلانمىسۇن! ــ ئۇ يۈسۈپنىڭ ئالدىغا كەلدى: ــ يۈسۈپ ئاكا، مېنى كۈچۈرۈڭ، مەن سىزنى ئالدىدىم، ھېسىياتىڭىزدىن پايدىلاندىم. ئۈچىنچى شەخىسكە شۇنچە ئۆچلۈك قىلىپ تۇرۇپمۇ، ئۆزەم بىلىپ- بىلمەيلا ئۈچىنچى شەخىس بولۇپ قالدىم. مەن گۆھەر ئاچامغا، ئاتا- ئانامغا، جۈملدىن بۇ يەردىكى ھەممىڭلارغا يۈز كېلەلمەيمەن، مەن بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق تۇيۇق يولدا ھەرگىز ماڭمايمەن. ئۆتۈنۈپ قالاي، گۆھەر ئاچام بىلەن يارىشىپ قېلىڭ، مېنى ئۇنتۇپ كېتىڭ! ــ گۆھەر ھۆڭرەپ يىغلىنىغىچە يۈسۈپنىڭ قولىدىن تارتىپ ئەكىلىپ گۆھەرنىڭ قولىنى تۇتقۇزدى.

ــ بەك كېچىكتىڭىز زىبانۇر! بولغۇلۇق بولدى، ئىش بۇ يەرگە يەتكەندە، تولا ئالدىمىزدا ئويۇن قويماڭ! ئىت پوق يەيدىغان مىجەزىنى قاچان ئكزگەرتىپ باققان؟ ئالدىمىزدا شۇنداق دەپ قويغىنىڭىز بىلەن، ئەتىلا يەنە يۈرۈپكە چاپلىشىۋالارسىز؟ بولدى، ئارتۇق ئاۋارە بولماڭ! ئەگەر مېنى ئۆگەي ئاپا قاتارىدا كۆرۈشنى خالىمىسىڭىز بۇمۇ ئۆزۈڭىزنىڭ ئىختىيارى، بىراق مەن يۈسۈپ بىلەن ئاجرىشىپ، دادىڭىز بىلەن توي قىلمىسام قەتئىي بولمايدۇ!

ــ ياق، ياق ئاچا، ھەرگىز ئۇنداق قىلماڭ! مەن ئېزىپتىمەن، مەن پوق يەپتىمەن. ئەگەر گېپىمگە ئىشەنمىسەڭلار ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا بۇ ئەرزىمەس جېنىمنى ھالەك قىلىپ، گېپىمنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەي!

ــ ھاجىتى يوق! ــ دېدى يۈسۈپمۇ زىبانۇرغا چەكسىز ئۆچمەنلىك بىلەن تىكىلىپ قاراپ، ــ گۆھەر مەن بىلەن ئاجراشقان ھالەتتىمۇ، مەن ئۆز ھېسىياتىمنى ئالدىغان سىزدەك تۈلكە جىن بىلەن ھەرگىز توي قىلمايمەن! كىم بىلىدۇ، بۈگۈن مېنى ئالدىغىنىڭىز بىلەن، ئەتە يەنە كىملەرنى ئالدايدىغىنىڭىزنى! ــ ئۇ گۆھەرگە بۇرۇلدى: ــ گۆھەر، مېنى كەچۈرۈڭ، ئالدىڭىزدا گۇناھكارمەن،بىز يارىشىپ قالايلى! مەن ئەمدى بۇنداق ئىپلاسلىقنى ھەرگىز، ھەرگىز قىلمايمەن، بىر ئۆمۈر سىزگە سادىق بلىمەن.

زىبانۇرنىڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ چىرايىدا سۇس تەبەسسۇم پەيدا بولدى، ئەمما ئۇلار يەنىلا چاندۇرماستىن، يۈسۈپكە نەپرەتلىك تىكىلگىنىچە جىم تۇرۇشتى.

يۈسۈپ تېڭىرقىدى، كۆزلىرى چەكچەيدى، بۇرۇن تۈشۈكلىرى يوغىناپ لىپىلدىدى. ئۇ زىبانۇرغا نەپرەتلىك قاراپ قويۇپ، گۆھەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭ قولىنى چىڭ سىقتى. گۆھەرمۇ ئەمدى يەنە تارتىشىپ تۇرۇشنى خالىماي، ئۇنىڭغا بىر قېتىم پۇرسەت بېرىشنى مۇۋاپىق كۆرۈپ، ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتتى. زىبانۇر يۈزىنى ئەتكىنىچە دەرۋازا سىرتىغا قاراپ يۈگۈردى. ئۇنىڭىڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ چېھرىدە يەنە بىر قېتىم مەمنۇنلۇق جىلۋىسى پەيدا بولدى.

ــ ئاپلا، زىبانۇرغا بىر ئىش بولماس؟ ــ يىغلىغىنىچە سىرتقا يۈگۈرۈپ چىقىپ كېتىۋاتقان زىبانۇرنىڭ كەينىدىن قاراپ قالغان گۆھەر ئۇنىڭ ئۆزىئنى بىر نېمە قىلىۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ قالغان ئىدى.

ــ خاتىرجەم بولۇڭ، ــ دېدى زىبانۇرنىڭ دادىسى، مەن قىزىمنى بەش قولدەك چۈشىنىمەن، ئۇ قاتتىق پۇشايمان قىلدى، ئەمدى ھەرگىز تۇيۇق يولدا ماڭمايدۇ، جېنىغىمۇ زامىن بولىدىغان ئىشلارنى قىلمايدۇ. چۈنكى مەن ئۇنىڭ دادىسى!

يۈسۈپ بىلەن گۆھەر بىر- بىرىگە قارىشىپ كۈلۈشۈپ قويدى، زىبانۇرنىڭ ئاتا- ئانىسى ئوغلى دىلمۇراتنىڭ قولىدىن يىتلىگىنىچە چوڭ قەدەملەر بىلەن خەلق ئىشلىرى ئىدارسىنىڭ دەرۋازىسىدىن چىقىپ كەتتى.

2022- يىل 19- ماي بۈگۈردە تاماملاندى.


  بۇ ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى 

ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ،  رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ  كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە  ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت . 




 بۇ روماننىڭ  ئاۋازلىقىنى تولۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ


………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .


ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k