
بۇ ئەسەرنىڭ 8 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
||
قولۇمنى تارتىپ ماڭغان ئادەمنىڭ كىملىكىنى بىلىشكە تېخى ئۈلگۈرمەي تۇرۇپلا تانسا ئويناۋاتقانلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ قالدىم. ئىللىققىنە بىر قول كېلىپ بېلىمنى تۇتتى. بۇ ئۈمىد ئىدى. بىز لەرزان مۇزىكىغا ئەگىشىپ تانسا ئويناشقا باشلىدۇق. ئۇ تانسىنىمۇ ئىننتايىن سىلىق ئوينايتتى، بايىقى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى بىردەمنىڭ ئىچىدە ئۇنتۇپ كەتتىم، خىيالىمدا دۇنيادا ئىككىمىزلا باردەك ئاجايىپ ئىللىق تۇيغۇلارغا چۆمدۈم. بىز مەيدانغا چۈشكەندىلا مۇزىكا يېرىملىشىپ قالغاچقىمۇ بىردەم ئوينىغاندىن كېيىنلا مۇزىكا ئاخىرلاشتى. ئۇ مۈرەمدىن تۇتقان پېتى مېنى مەيداندىن ئېلىپ چىقتى. بۇ چاغدا ئەزىمەت بىلەن ئايگۈزەل بايىقى جايىدا قىمىر قىلماي تۇراتتى.
_ ۋاھ، ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز دېگەن مانا مۇشۇ. نېمىدېگەن قاملاشقان، پۈتۈن مەيداندا ئەڭ جەلپ قىلارلىق بىر جۈپلەر سىلەرلا بولدۇڭلار جۇمۇ، مەيدانغا جان كىرگۈزىۋەتتىڭلار.
نىگارە ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپلا كەتتى، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى قەستەن ئەزىمەتكە ئاڭلىتىش ئۈچۈن دېگەنلىكى ئېنىق ئىدى.
_ مانا ، مانا. ئۈمىد ئەپەندىمنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇۋالغان قانداق قىزكىن دەپتىمەن تېخى. كۆزۈڭ بار جۇمۇ، ئۈمىد_ ئۇچىسىغا چاقماق كۆينەك كىيىۋالغان بىر ئەر شۇنداق دېگىنىچە بىز تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتاتتى، ئۇنىڭغا قاراپلا تونۇپ قالدىم، ئۇ ئۈمىد مېنى تاغدىن ئەكىلىپ قويغان كۈنى تاغقا ماشىنا ھەيدەپ چىقىپ، ئۈمىدكە ۋېلىسپىت مىنىپ كېتىمىز دېگەن ئادەم ماشىنا چاقىرىۋاپسەن دەپ ئاغرىنغان كىشى شۇ ئىدى. ئۇ مېنى تونۇپ قالارمۇ دەپ ئوڭايسىزلىنىپ كەتتىم، ئەمما بۇ ئەندىشەم دەقىقە ئارىلىقىدا يوقاپ كەتتى، ھازىر ئۆزۈمنى ئۆزۈممۇ تەستە تونۇۋاتسام، ئۇ كۈنى ئۈمىدنىڭ ماشىنىسىدا كەتكەن قىزنىڭ مەن ئىكەنلىكىمنى بىلىپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەس تە. ئۈمىد كۈلۈپ قويۇپلا ئارتۇق گەپ قىلمىدى. ئۇ ماڭغان پېتى قەستەن ئەزىمەتنىڭ يېنىغا كېلىپ توختاپ بۇرۇلۇپ ماڭا قاراپ:
_ تانسىنى بەك ياخشى ئوينايدىكەنسىز_، دېدى ۋە بۇرنۇمنى چىمدىپ قويدى. ئەگەر بۇ يەردە ئەزىمەتمۇ بولمىغان بولسا ئۆزۈمنى راستلا ئۈمىدنىڭ قىز دوستىدەك ھېس قىلىپ قالاركەنمەن.
__ سىز دېگەن ئېرى بار ئايال جۇمۇ._ بۇ ئەزىمەتنىڭ ئاۋازى ئىدى.
_ ھا ھا ھا. سەن تاز دېگۈچە مەن تاز دەۋالاي دېگەن شۇدە. _ بۇ نىگارەنىڭ ئاۋازى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئەتراپتىكىلەر پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتى. ئەزىمەتنىڭ نومۇس قىلماي دېگەن گېپىدىن مەنمۇ ھەيران قالغان ئىدىم. ئەجىبا ئۆزى ئايالى بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالدىمىكىنە. ئايگۈزەل پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، ئەزىمەتكە قاراپ كوتۇلداشقا باشلىدى:
_ كۆردىڭىزمۇ، ئەزىمەت. ئەمدىغۇ ئىشەنگەنسىز؟ ئۇ ئەسلىدىنلا بىر پەسكەش بىر نېمە، سىزنىڭ كۆز ئالدىڭىزدا قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىنى كۆرگەنسىز؟ سىزنىڭ ئالدىڭىزدا بۇنداق ئېسىلىپ تانسا ئويناپ يۈرگەن يەردە، سىز يوق يەردە نېمە ئىشلار بولىدۇ، كىم بىلىدۇ دەيسىز؟
راستىمنى ئېيتسام، ئايگۈزەلنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن كۈلگۈم كېلىپ كەتتى. «خۇدۇكى بار سەكرەيدۇ» دېگەن شۇدە. ئۇنىڭ گېپىگە ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدىم، توغرىسى ھېچنېمە دېگۈم كەلمىدى. پەقەت ئەزىمەتنىڭ تاتىرىپ كەتكەن چىرايىغا قاراپ، ئىچىمدە «ھە، قانداق بولىدىكەن؟» دەپ ئويلىدىم. بۇنداق تۇرىۋەرسەكمۇ بولمايتتى، ئۈمىدنى قولتۇقلىغاچ :
_ بايا تاماق يېگىلى بارىمىز دېگەنتىڭىزغۇ؟ ماڭايلى. _ دېدىم. ئۈمىد قەددىنى رۇسلاپ ماڭا بىر قارىۋېتىپ «ماڭايلى» دېدى. مەن تېخى ئۈمىدمۇ بايا ئايگۈزەلنىڭ دېگەن گەپلىرىگە بەك ئىرەن قىلىپ كەتمىدى دەپ ئويلاپتىكەنمەن. ئايگۈزەلنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ قەدىمىنى توختىتىپ ئۇنىڭغا قاراپ:
_ پەسكەش دېگەننىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ بىلمىسىڭىز ئەينەككە قاراپ بېقىڭ، دۇنيادىكى بىرىنچى دەرىجىلىك پەسكەشنى كۆرىسىز_، دېدى. نىگارە مەسخىرىلىك كۈلۈپ، ئەزىمەتكە قاراپ ئالايدى.
_ ئاشنىڭىز بىلەن ئاشىق مەشۇقلار بايرىمىنى ياخشى ئۆتكۈزۈڭلار، بۇ يەرنىڭ ھاۋاسىنى بۇلغىۋەتتىڭلار، بۇ يەرنى سىلەرگە بېرىپ بىز باشقا يەرگە كەتتۇق ئەمىسە_، نىگارە شۇنداق دەپ قاقاقلاپ كۈلگىنىچە كەينىمىزدىن يېتىشتى.
ئۇ يەردىن چىقىپ خېلى ئاۋات بىر مۇزىكىلىق چايخانىغا باردۇق. ئىچىگە كىرىشىمىزگە بىر كۈتكۈچى يۈگۈرۈپ كېلىپ:
_ ۋوي ئۈمىد ئەپەندى قەدەم تەشرىپ قىپتۇغۇ، قېنى، شادلىق ئايرىمخانىسىغا مەرھەمەت_ دەپ بىزنى باشلاپ ماڭدى. قارىغاندا ئۈمىد بۇ يەرنىڭ دائىملىق مېھمىنى بولسا كېرەك، كۈتكۈچىلەردىن تارتىپ ئۇنى تونۇيدىكەن. شادلىق ئايرىمخانىسى دېگىنى خېلى چوڭ ئايرىمخانا ئىكەن، ئايرىمخانا ئىچىگە بىر يانغا ئالتە كىشىلىك ئۈستەلدىن بىرى قويۇلغان، يەنە بىر يان تەرەپكە كرىسلو بىلەن تومپوچكا قويۇلغان، تومپوچكىنىڭ ئۈستىگە بىر لوڭقىغا گۈل سېلىپ قويۇلغان، قارىغاندا بۈگۈن سېلىپ قويۇلغان گۈلدەك قىلاتتى. تامغا ئېسىلغان چىراقتىن چۈشۈۋاتقان نۇردا ئايرىمخانا ئىچى ئاجايىپ بىر خىل رومانتىك تۈسكە كىرگەن ئىدى.
بىز كىرىپ جايلىشىپ ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن سىرتتىن ئالدىراپ تېنەپلا بىرەيلەن كىرىپ كەلدى ۋە:
_ ۋوي، بۈگۈن قەدىمىڭ يېتىپ قاپتۇغۇ، بۇرادەر. بىكار بولۇپ قاپسەندە؟_ دېگەنچە كېلىپ ئۈمىدكە قولىنى ئۇزاتتى.
_ ھە، دوستلىرىم بىلەن ئولتۇرۇپ كېلەيلى دەپ كەلدۇققۇ، ئۆزۈڭ ياخشىمۇ؟ سودىلىرىڭ جايىدىدۇ؟
_ ياخشى، بۇرادەر. شۇنداق قىلىپ كونا قائىدە بويىچە بولامدۇ يا بۈگۈن باشقا نەرسىگە كۆڭلۈڭلار تارتامدۇ؟
_ بۇ خانقىزلار نېمە دېسە شۇ.
مەن بېشىمنى يەردىن كۆتۈرمەي ئولتۇردۇم، چۈنكى بۇ كىشىنىڭ ئاۋازىدىن ئۇنىڭ ھېلىقى كۈنى تاغقا چىققان ئۈمىدنىڭ دوستلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى پەملىگەن ئىدىم.
_ ھە، قېنى خانقىزلار. كۆڭلۈڭلار نېمىگە تارتىدىكىن؟
_ ئاچچىق چۈچۈك سۇيقاش بولسا شۇنىلا ئىچەيلىمىكىن. بۇ كەچتە باشقا تاماق يىيەلمەيمىز، بىز قىزلار گۈزەللىككە بەكرەك ئېتىبار ېبرىمىزچۇ. _ نىگارە شوخلۇق بىلەن كۈلدى.
_ بولىدۇ، بولىدۇ. سەنچۇ، ئاداش؟
_ ماڭىمۇ ئوخشاش بولسۇن.
_ ئىچىملىك كەلتۈرەيمۇ؟
_ يالپۇز چېيى ئىچەيلىمىكىن_ دېدى نىگارە.
ھېلىقى كىشى تاماق ھازىرلا چىقىدۇ دەپ بىر مۇنچە تەكەللۇپ سۆزلىرىنى قىلىپ چىقىپ كەتتى.
_ بولىدىكەنسىز ھە، ئۈمىد . بۇ يەرنىڭ خۇجايىنىمۇ سىزنىڭ دوستىڭىز دەيلى_، دېدى نىگارە. ئۇنىڭ ئۈمىدنىڭ ئىسمىنى بىۋاستە چاقىرغىنىدىن سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالدىم. چۈنكى مەن ئۇلارنى تېخى رەسمى تونۇشتۇرمىغان تۇرسام، ئۇنىڭ ئۈمىدنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ يۈرگىنىنى.
_ ھەئە، يېقىن دوستۇم_ دەپ قىسقىلا جاۋاب بەردى ئۈمىد. مەن ھېچقانداق گەپكە ئارىلاشماي بېشىمنى يەردىن كۆتۈرمەيلا ئولتۇراتتىم. راستىمنى ئېيتسام ئۈمىدنىڭ ئالدىدا خىجىللىقتىن بېشىمنى كۆتۈرەلمەيۋاتاتتىم. بايا ئەزىمەت بىلەن ئايگۈزەلنىڭ ئالدىدىن ئۈمىدنى قولتۇقلاپ چىقىپ كەتكەن جۈرئىتىمدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى.
_ يەردە بىر نېمە بارمىكەن؟ نىمانداق قاراۋېرىسەن؟ بېشىڭنى كۆتۈرۈپ ئولتۇرە_ دېدى نىگارە ، يەرگە قاراپلا ئولتۇرغىنىمدىن ئىچى پۇشتى بولغاي.
_ ھە_، ئاۋازىم ئارانلا چىقتى.
_ بۇ يەردە يا يات ئادەم بولمىسا، نېمىدىن خىجىل بولىسىز؟ بېشىڭىزنى كۆتۈرۈپ ئولتۇرىڭە.
ئۈمىدنىڭ يات ئادەم بولمىسا دېگەن گپىدىن بىر خىل ئىللىقلىق ھېس قىلىپ قالدىم، دېمەك ئۇ مېنى يات كۆرمەيدىكەن دە.
_ ئۈمىد، سىز بىلەن ئۇنداق سورۇندا، ئۇنداق ھالەتتە ئۇچرىشىپ قېلىشىمنى، يەنە ئالدىڭىزدا ئۇنداق سەتلىشىپ قېلىشىمنى ئويلىماپتىكەنمەن. ئايگۈزەلنىڭ گەپلىرى....
_ ۋاي ۋۇي، سىز تېخىچە شۇلارنى ئويلاپ ئولتۇردىڭىزما؟ بولدى، ئۇلارنى ئويلىماي خۇشال خورام ئولتۇرىڭە. ھازىر بۇ يەردە سىز، مەن يەنە دوستىڭىز ئۈچىمىزلا بار. ھە راست، دوستىڭىزنى تېخى تونۇشتۇرۇپ قويمىدىڭىز جۇمۇ.
_ ئۆزىمىزلا تونۇشىۋالمىساق تونۇشتۇرمايدىغان ئوخشايدۇ بۇ. ئىسمىم نىگارە. نازىيەنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ يېقىن دوستى. قېرىندىشى دېسەممۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ.
_ مېنىڭ ئىسمىم_...ئۈمىدنىڭ گېپىنىڭ ئاخىرى چىقمايلا نىگارە گېپىنى تارتىۋالدى.
_ بىلىمەن، ئۈمىد. نازى ماڭا سىزنىڭ ئۇنىڭغا قانداق ياردەم قىلغانلىرىڭىزنى تولا سۆزلەپ ئىسمىڭىزنى يادا قىلىۋەتتى. ھە راست، ئۇ سىزگە رەھمەت ئېيتىۋالمىسام بولمايدۇ دەپ يۈرەتتى، ھە، نازىم، تېز بول،بۈگۈن ياخشى پۇرسەت، ئېيتىدىغان رەھمىتىڭنى ئېيتىۋال.
ئىشىك ئېچىلىپ كۈتكۈچى بويرۇتقان يالپۇز چېيى بىلەن بىر ئىستاكان ھەسەلنى ئەكىرىپ، يالپۇز چاينىڭ ئاستىدىكى شامغا ئوت يېقىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.
_ ھە_، راستىمنى ئېيتسام، ئۈمىدكە رەھمەت ئېيتىۋېلىشنىغۇ ئويلاشقان، ئەمما قانداق رەھمەت ئېيتىشنى، نېمىلەرنى دېيىشنى تېخى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم، يەنە كېلىپ مەن تېخىچە بايىقى كېچىلىك بەزمىخانىدىكى ئوڭايسىزلىقنىڭ ئاسرىتىدىن قۇتۇلۇپ كېتەلمەيۋاتاتتىم. نىگارەمۇ بۇ ئىشنى بەك ئالدىراپ ئېلان قىلىۋەتتى. ئەمدى راستلا بىر نېمىسەم بولمايتتى.
_ ئۈمىد، رەھمەت سىزگە_ دىيەلىدىم، كاللامغا شۇنىڭدىن باشقا گەپمۇ كەلمىدى.
_ بولدىما؟ تۈگىدى؟ رەھمىتىڭ ئاران مۇشۇنچىلىكما؟_ نىگارە ئېچىتقىلى تۇردى.
_ سىزنى شۇنچە يىراق تاغدىن ئۆيىڭىزگە ئەكىلىپ قويدۇم، ئۇ يەردىن شەرقى بازارغا ئاپىرىپ قويدۇم، ماشىنا يۇيۇش ھەققىنىمۇ ئالمىدىم تېخى. ئاران رەھمەت سىزگە بىلەنلا ئىشنى تۈگەتمەكچىما؟_ ئۈمىدمۇ گەپ قىستۇردى. ئۈمىدنىڭ چاقچاق قىلىۋاتقىنىنى بىلەتتىم.
_ ئەمىسە، قانداق رەھمەت ئېيتسام بولىدۇ؟_ بىر خىل ساددىلارچە سورىغان سوئالىمدىن ئۆزۈمنىڭمۇ كۈلگۈم كېلىپ كەتتى.
_ بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلىرىڭلار تېخى ئۇزۇن. رەھمەتنى بىر بىرلەپ ئېيتىۋالارسەن. سىزمۇ بۈگۈنچە مۇشۇ رەھمەتكە قانائەت قىلىپ تۇرۇڭ ھە، ئۈمىد ئەپەندى. دوستۇم سەل كەمسۆزرەك، ئىككىمىز بىللە ئاستا ئاستا ئوڭشاپ كىتىمىزغۇ ھە؟_ شۇنداق دەپ ئۈمىدكە قاراپ كۆزىنى قىستى نىگارە.
_ ھەئە. دوستىڭىز راستلا كەمسۆزكەن. _ دېدى ئۈمىد.
_ شۇنداق، مېنىڭ دەل ئەكسىم دەڭە. بولدى، بولدى، باشقا گەپنى قويۇپ ئىسسىق يالپۇز چېيىدىن ئىچەيلى. ھەسەل قوشامدىم؟_ سورىدى نىگارە ئۈمىدتىن.
_ ھەئە، مېنىڭ ئاشقازىنىم سەل بىئارام بولۇپ تۇرىدۇ، ھەسەلنى كۆپرەك قوشۇۋېتىڭە_ دېدى ئۈمىد.
_ سەنچۇ، مەلىكەم_ سورىدى نىگارە مەندىن.
_ بىلىسەنغۇ_ دېدىم مەن.
_ بىلىمەن، بىلىمەن. سېنى بىلمىسەم كىمنى بىلىمەن جېنىم مەلىكەم. سېنى گەپ قىلدۇراي دەپ قەستەن سوراپ قويدۇم.
بىز بىرەر ئىستاكاندىن چاينى ئىچىپ بولغۇچە ھورى چىقىپ تۇرغان ئىسسىق سۇيقاش كىردى. ئۇنىڭغا يانداشتۇرۇپ ئۈچ خىل سوغۇق سەيمۇ بار ئىدى. بۇ خۇجايىننىڭ كۆڭۈل سوۋغىسى بولسا كېرەك. بىز تاغدىن باغدىن پاراڭلاشقاچ سۇيقاشنى ئىچىپ بولدۇق. تاماقنى يەپ بولۇشىمىزغا خۇجايىن كىردى.
_ قانداق، خانقىزلار، تاماق ئېغىزىڭلارغا تېتىدىمىكىن؟
_ مانا مۇنداق بوپتۇ_ دەپ باشمالتىقىنى چىقاردى نىگارە.
_ سىلەرگە تېتىغان بولسىلا بولدى. ئۈمىدنىڭ دوستى مېنىڭمۇ دوستۇم، بۈگۈنكىسى ھېساب ئەمەس، باشقا بىر كۈنى تۈزۈك بىر داستىخان سالاي.
بىز بىر مۇنچە رەھمەت تەكەللۇپلار بىلەن يېنىپ چىقتۇق. ئۈمىد خۇجايىن بىلەن كەينىمىزدە قېلىپ بىردەم پاراڭلىشىپ قايتىپ چىقتى. نىگارە بۈگۈن ماشىنا ھەيدىمىگەچكە ئۈمىد ئاۋۋال نىگارەنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپ، ئاندىن مېنى شەرقىي بازاردىكى ئۆيۈمگە ئاپىرىپ قويدى. ئۇ كەتكىچە خېلىلا كەچ بولۇپ كەتكەن ئىدى. مەن ماشىنىدىن چۈشكۈچە:
_ سىزنى بۈگۈن بەك ئاۋارە قىلىۋەتتىم. رەھمەت سىزگە. يولدا ئاۋايلاپ ماڭارسىز.
_ نازى.
ئۇنىڭ نازى دەپ چاقىرىشىدىن سەل تەساددىپىيلىق ھېس قىلىپ قالدىم. چۈنكى مېنى پەقەت يېقىن ئادەملىرىملا نازى دەپ چاقىراتتى.
_ قارىسام ئەڭ يېقىن دوستىڭىز سىزنى نازى دەپ چاقىرىدىكەن، مەنمۇ ئۆزۈمنى دوستىڭىز ھېسابلاپ نازى دەپ چاقىردىم، توغرا چۈشىنىڭ ھە. _ كۆڭلۈمدىكى بىلگەندەك چۈشەنچە بەردى ئۈمىد .
_ ھېچقىسى يوق. _ دېدىم مەن.
_ بىر ئىشلارنى بەك ئىچىگە ئالغان ياخشى ئەمەس. ئىچىگە يىغىلىۋەرسە كېسەل بولۇپ كېتىدىغان ئىش چىقىدۇ. ھەممىنى كەينىڭىزگە تاشلىۋېتىڭ. ئەتە ئەتىگەن يېڭى بىر كۈن باشلىنىدۇ، بۈگۈنكى ئىشلار بۈگۈنكى قاراڭغۇلۇق بىلەن تەڭ تۈگىسۇن، ئەتە يېڭىىچە كەيپىياتتا يېڭى بىر كۈننى كۈتىۋېلىڭ.
ئۇنىڭ ماڭا تەسەللى، مەدەت بېرىپ ئېيتقان سۆزلىرىدىن ئىنتايىن سۆيۈندۈم. ئۇنىڭغا يەنە بىر مۇنچە رەھمەتنى ئېيتىپ ماشىنىدىن چۈشتۈم.
ئۆيگە كىرىپ چىراقنى ياندۇرۇپ تۇرۇشۇمغا تېلېفونۇمغا ئۇچۇر كەلدى، نىگارەدىن كەلگەن ئىكەن. «ئۆيگە بېرىپ بولدۇڭمۇ؟ ئۈمىد بولىدىغان ئادەمكەن، ئۇنى چىڭ تۇت ھە». تېلېفوننى تاشلاپ قويۇپ، كىيمىمنى ئالماشتۇرۇپ، يۈز كۆزلىرىمنى يۇيۇپ، يوتقانغا كىرىپ تېلېفوننى ئېچىپ قارىسام كيۇكيۇغا «چايكا»دىن ئۇچۇر كەپتۇ. «ھايات سەن خالىساڭ خالمىساڭ كۈندە بىر ۋارىقى يىرتىلىدىغان ئۆمۈر دەپتىرى. ھەر كۈنىڭىزنى خۇشال ئۆتكۈزۈڭ، خەيرلىك كەچ». ئۇنىڭغا ئارتۇق گەپ قىلماي «خەيرلىك كەچ» دەپ ئۇچۇر قايتۇرۇپ قويۇپلا تېلېفوننى ئېتىۋېتىپ كۆزۈمنى يۇمدۇم، ئەمما ھېچ ئۇيقۇم كېلىدىغاندەك ئەمەس. كاللامدا بۈگۈن ئۈمىد بىلەن ئۇچرىشىپ قالغىنىم، ئۇنىڭ مېنى تارتىپلا ئوتتۇرىغا ئېلىپ چۈشۈپ تانسا ئوينىغىنى، ئەزىمەت بىلەن ئايگۈزەلنىڭ سەتچىلىكلىرى...ئىشقىلىپ ھەممە ئىشلار چۆرگىلەپ يۈرەتتى. شۇ خىياللار بىلەن قاچانلاردا ئۇخلاپ قالدىمكىن. ئەتىسى خېلى ۋاققىچە ئۇخلاپتىمەن. بىرىنىڭ ئىشىكنى ئۇرغان ئاۋازىدىن ئويغىنىپ كەتتىم. قارىسام كۈن چىقىپ بوپتۇ. «بۇ ئەتىگەندە كەلگەن كىمدۇ، ئادەمنى ئۇخلىغىلى قويماي» غۇدۇرىغاچ «ھە مانا» دەپ قويۇپ، ئالدىرىماي كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ، چېچىمنى تۈزەشتۈرۈپ ئاندىن بېرىپ ئىشىكنى ئاچتىم. ئىشىك ئالدىدا ئەزىمەت تۇراتتى.
_ يەنە نېمىگە كەلدىڭىز؟ مەن سىزگە دېدىمغۇ، ئاجراشمايمەن_، شۇنداق دەپلا ئىشىكنى يېپىۋەتمەكچى بولدۇم. ئەزىمەت ئىشىكنى تۇتىۋېلىپ:
_ ئۆزۈمگە تەۋە نەرسىلىرىمنى ئېلىپ كېتەي دەپ كەلگەنتىم_، دېدى.
_ ئۆزۈمگە تەۋە نەرسىلەر؟ بۇ ئۆيدە سىزنىڭ نېمىڭىز بار؟_ دېدىم مەن چۈشەنمەي.
_ بىز توي قىلىشتىن بۇرۇن، ئېسىمدە قېلىشىچە سىزگە بىر توك قازان، يەنە بىر شامالدۇرغۇچ ئېلىپ بەرگەنتىم.
ئەزىمەت شۇنداق دەۋېتىپ دېگەن گېپىدىن خىجىل بولۇپ قالدىمۇ يا باشقا سەۋەبتىنمۇ باشقا گەپ قىلمىدى. ئالدىمدا تۇرغان بۇ ئەرنىڭ مەن ئىككى يىل ئۆي تۇتقان ئەر ئىكەنلىكىگە ھېچ ئىشەنگۈم كەلمىدى. ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ قانداق ئادەملىكىنى بىلمەي كەپتىمەن ئەمەسمۇ.
_ يەنە بىر چايدانمۇ بار ئىدى. ئۇنىمۇ ئەكىتىڭ.
ئىشىكنى ئېچىپ بېرىپ، ئىشىك تۈۋىدە «ئالىدىغىنىڭنى ئېلىۋال» دېگەندەك قىلىپ قاراپ تۇردۇم. ئۇ ھەتتا بىر تال كۈنلۈكنىمۇ ئۇنتۇپ قالماي ئېلىۋالدى.
_ تازىلىق ئۆيىنىڭ تۇربىسىنىمۇ سىز ئالماشتۇرۇپ بەرگەن، سايمان ئېپ چىقىپ بەرسەم ئۇنىمۇ چۇۋۇپ ئېلىپ كېتەمسىز يا؟
ئۇ ماڭا قاراپ قويۇپ ئارتۇق گەپ قىلماي، ئۆزىگە تەۋە نەرسىلىرىنى بىر خالتىغا سېلىپ مېڭىشقا تەمشەلدى. ئاندىن ماڭا قاراپ:
_ ئاجرىشىش رەسمىيىتىنى قاچان بىجىرىمىز؟_ دېدى.
_ بايا دېگەن گېپىمنى چۈشەنمىدىڭىزما؟ مەن ئاجراشمايمەن دەۋاتىمەن.
__ نازىيە، بۇنداق سۆرىشىپ يۈرىۋەرسەك سىزگە ياخشى ئەمەس.
ئۇ چىقىپ كەتتى، ئىشىكنى زەردە بىلەن يېپىۋەتتىم. شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە كۈندە ئۇ ماڭا ھەر كۈنى تېلېفون قىلىپ بەك بىزار قىلىۋەتتى. تېلېفوننى ئالمىسام يەنە قىلىۋېرەتتى، ئاخىرى تېلېفونۇمنى بىراقلا ئېتىۋەتتىم. ئارىدىن بەش كۈن ئۆتكەندە ، دوختۇرخانىدىكى بۇرۇنقى خىزمەتدىشىم ئۆيۈمگە كېلىپ ماڭا بىر شۇم خەۋەرنى يەتكۈزدى. ئاپام جان ئۈزۈپتۇ. بۇنى ئاڭلاپلا ئۆزۈمنى سىرتقا ئاتتىم. يۈگۈرگەن پېتى كوچا ئاغزىغا چىقىشىمغا قارا رەڭلىك ماشىنا يېنىمغا كېلىپ توختىدى، قارىسام ئۈمىد ئىكەن. ئۇ مېنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قويدى.
دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، ئاپام بۈگۈن ئەتىگەن سائەت ئالتە بىلەن جان ئۈزۈپتۇ. تۆنۈگۈن يېرىم كېچىدە ئاپام ئۆزگىرىپ قېلىپ، دوختۇرخانىدىكىلەر ماڭا تېلېفون قىلسا تېلېفونۇم ئېتىك. ھېچ ئامال قىلالماپتۇ. ئاندىن بۈگۈن ئەزىمەتتىن مېنىڭ تۇرىدىغان يېرىمنى سوراپ ئادەم ئەۋەتكەن ئىكەن. چاچلىرىمنى يۇلۇپ يىغلاپ كەتتىم. ئاپامنىڭ يۈزىنى ئاخىرقى قېتىم كۆرۈۋېلىش پۇرسىتىگىمۇ ئېرىشەلمەپتىمەن ئەمەسمۇ. شۇنچىلىك ئېزىلىپ، ئېزىلىپ يىغلىدىم ، ئەمما ھەرقانچە يىغلىساممۇ ئاپام كەتتى، ئەمدى كەلمەيدۇ. مېنىڭ دۇنيالىقتىكى بىردىنبىر مەننىۋى تۈۋرۈكۈممۇ يوق بولدى. ئەمدى مەن قانداق قىلىمەن؟ دوختۇرخانىدىكى بۇرۇنقى خىزمەتداشلىرىم بىردىن ئىككىدىن كىرىپ ماڭا تەسەللى بەرگەن بولدى. ئۈمىد بىلەن نىگارە باشتىن ئاخىر يېنىمدا تۇردى، كېيىنكى ئىشلارنىڭ ھەممىنى ئۈمىد يۈگۈرۈپ يۈرۈپ قىلىشىپ بەردى. ئۇ بولمىغان بولسا قانداق قىلار ئىدىمىكىن تاڭ.
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
…
………
…………

………
…………
















