大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 5- قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 5- قىسىم aybarawazi
2023-06-15
0
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !



بۇ ئەسەرنىڭ 6 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ

1
2
3
4





















ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات
5 - قىسىم



   ئالدىمدا ئايگۈزەلنىڭ بېلىكىنى تۇتۇپ تۇرغىنى ئۈمىد ئىدى.  بۈگۈن ئىچىگە ئاق كۆينەك ، كاستيۇم بۇرۇلكا، پاكىزلىقىدىن ئادەم ئەكسىنى كۆرگىلى بولغىدەك پارقىراق قارا خۇرۇم ئاياق كىيىۋالغان بولۇپ، ئىلگىرىكىدىنمۇ بەك سالاپەتلىك بولۇپ كەتكەن ئىدى.

_ خەقنىڭ بىر ئوبدان ئۆيىنى بۇزغاننى ئاز دەپ، نومۇس قىلماي بۇ يەردە ئۇنى ئۇرماقچى بولىۋاتامسىز؟ «مال ئىگىسىدىن ئوغرى كۈچلۈك دېگەن شۇ دە».

   ئۈمىدنىڭ كۆزلىرىدە غەزەپ ئۇچقۇنلىرى چاقناپ كەتكەن ئىدى. ئۇ مۇنداقلا بىر سىلكىۋىدى، ئايگۈزەل ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغاندەك كەينىگە نەچچە قەدەم يېنىپ كەتتى. ئەزىمەت تۇتىۋالمىغان بولسا بەلكىم يىقىلىپ چۈشۈشى مۇمكىن ئىدى.  ئەزىمەت ئايگۈزەلنى قويۇپ، ئۈمىدنىڭ ياقىسىدىن سىقىپ تۇرۇپ:

_ بۇ مېنىڭ ئائىلەمنىڭ ئىشى، سەن بىلەن ئالاقىسى يوق_، دېدى.

_ ئەلۋەتتە ئالاقىسى بار_، ئۈمىد شۇنداق دەۋېتىپ مېنى قۇچىقىغا تارتىپ_ سەن بۈگۈن ئۇنىڭ بىلەن ئاجراشساڭ مەن ئەتە ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىمەن. ئەزىمەت، ئۆزۈڭنى ئەركەك چاغلىساڭ ئىشنىڭ ئالدى-كەينىنى دەڭسەپ باق_ دېدى.

 ئۈمىدنىڭ ئەزىمەتنىڭ ئىسمىنى چاقىرغىنىدىن ھەيران قالدىم، مېنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغىنى ئۇنىڭ مېنى بۇلارنىڭ ئالدىدا قوغدىغىنى بولدى.  چۈنكى ئەزەلدىن ھېچكىم مېنى بۇنداق قانات ئاستىغا ئېلىپ باقمىغان.  ئۇ كېلىپ مېنىڭ غورۇرۇمنى قوغداپ قېلىش بىلەن بىللە بۇ ئىككى نۇمۇسسىزنىڭ ئالدىدا ئاچچىقىمنى چىقىرىپ بەرگەن ئىدى. ئەلۋەتتە ئۇ ئەزىمەتكە ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى باردەك تۇيغۇ بېرىپمۇ ئۈلگۈرگەن ئىدى. ئەزىمەت قارىماققىلا ئۆزىدىن مۇنەۋۋەر كۆرۈنىدىغان بۇ ئەرگە قاراپ بىر نىمە دېمەكچى بولدى يۇ ، ئەمما قايتۇرۇپ ھېچنېمە دىيەلمەي، بۇرۇلۇپ ماڭا قارىدى.

_ نازى،  سىزنى بۇنداق ئايال دەپ ئويلىماپتىكەنمەن. مەندىن يوشۇرۇن مۇنداق ئىشلارنى قىلىپ يۈردىڭىز دەڭە.

  ئۇنىڭ بىر تاتىرىپ، بىر قىزىرىپ تۇرغان چىرايىغا قاراپ پۇخادىن چىققاندەك بولۇپ قالدىم. ئۇ ئالدىنىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھەر ھالدا بىلگەندەك قىلاتتى.  ئۇنىڭ مېنىڭ نىمە بولۇشۇم بىلەن كارى بولمىغىنى بىلەن  يۈز ئابرويىنى بەك ئايايدۇ ئەمەسمۇ.  ئۇ بىرەر نەرسسىنى تاشلىۋېتىشكە رازىكى ھەرگىز باشقىلارغا بېرەي دەيدىغان ئادەم ئەمەس .توغرا، ئۇ مانا  مۇشۇنداق ئادەم.

_ خىزمەت ۋاقتىدا بۇ يەردە نىمە قىلىۋاتىسىلەر؟

   ئاۋاز چىققان تەرەپكە تېزلىكتە قارىدىم،  خەمىت دوختۇرخانا باشلىقى يېقىنلا يەردە تۇراتتى،  ئۇ ئايگۈزەلگە ئالىيىپ قاراپ قويدى، يۈزۈمنى تۆكتى دەپ خاپا بولىۋاتقان بولسا كېرەك. ئەزىمەت ئۈمىد ئىككىمىزگە نەچچە رەت قارىۋەتكەندىن كېيىن ئايگۈزەل بىلەن سۆرىشىپ كېتىپ قالدى.  ماڭغاچ ھەتتا يەردىكى بانكا كارتىسىنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ئەتراپتىكىلەر «ئەمدى قىزىقى قالمىدى» دىيىشتىمىكىن ئاستا ئاستا تارقاپ كېتىشتى،  ئۇ يەردە ئۈمىد ئىككىمىزلا قېپ قالغان ئىدۇق.

_ ئاپامنىڭ يېنىغا كىرىپ چىقاي_، ئاۋازىم ئارانلا چىقىۋاتاتتى.

_ ماڭالامسىز؟_ ئۈمىد ئەينەك پارچىسى تىلىۋەتكەن پۇتۇمغا قاراپ قويدى.

    مەن ھەئە دەپ بېشىمنى لىڭشىتىپ ئۇنىڭ قۇچىقىدىن چىقتىم، ئەمما قوللىرىم ئاجرىشى بىلەنلا كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ پۇت قوللىرىم بوشاپ كەتتى.  كۈچلۈك بىر جۈپ قولنىڭ كېلىپ مېنى يۆلىگەنلىكىنى ئاران ئىلغا قىلالىدىم.      

ھۇشۇمغا كەلگەن چېغىمدا بۇرنۇمغا دېزىفىكسىيە سۇيۇقلۇقى  پۇراپ تۇراتتى.  ئەتراپىمغا قاراپ ئۆزۈمنىڭ دوختۇرخانىدا ياتقىنىمنى بىلدىم،  يېنىمدا نىگارە بېشىنى سېلىپ ئولتۇرۇپ ئالما ئاقلاۋاتقان ئىدى.  ئۇ دائىم قىسقا چاچ قويۇپ يۈرەتتى، چېچى قارا ھەم  شۇنداق جانلىق ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە چېچىغا ئىچىم كۆيۈپ سىلاپ كىتىمەن.

(نىگارە بىلەن نازىيە ئىككىسى بىر بىرىنى نىگار، نازەك دەپ ئەركىلىتىپ چاقىرىشىدۇ)

_ نىگار.

   نىگارە ئاۋازىمنى ئاڭلاپ بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قارىدى، مېنىڭ كۆزۈمنى ئېچىپ ياتقىنىمنى كۆرۈپ رەنجىگەن قىياپەتتە ماڭا ئالايدى.

_ ھەي، نازەك. بولىدىكەنسەن جۇمۇ، مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالغۇچىمۇ ماڭا دېمەيسەن دېگىنە.  مېنى زادى دوستۇڭ قاتارىدا كۆرەمسەن يوق؟  ئاغرىق بوپ قاپسەن، بولمايدىغان بولسا تايىقىڭنى يەيتتىڭ بۈگۈن.

 ئۇ قولىدىكى ئالما بىلەن ئالما ئاقلايدىغان پىچاقنى قويۇپ، مۇشتىنى كۆتۈرگەن پىتى يېنىمغا كەلدى، مەنمۇ ئۆزۈمنى قاچۇرمىدىم. ئۇنىڭ مۇشۇ تۇرقى  شۇنچىلىك سۆيۈملۈك، شۇنچىلىك مېھرىبان، شۇنچىلىك يېقىملىق تۇيۇلۇپ كېتىۋاتاتتى.   قاراپ تۇرۇپ كۆزلىرىمدىن يەنە ياشلىرىم قۇيۇلۇشقا باشلىدى.  نىگارە ئىككىمىز ئىككى خىل مىجەزلىك، ئۇ ئەزەلدىن يىغلىمايدۇ، ئىشقىلىپ مەن ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقان ئون يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ بىر قېتىممۇ يىغلىغىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم.  مەن دەل ئەكسىچە،  بەك يىغلاڭغۇ، ھە دېسىلا مىشىلداپ يىغلىغىلى ئارانلا تۇرىمەن.  نىگارە مېنىڭ يىغلىشىمدىن بىزار، كۆز يېشىڭ بىكارلىق سېنىڭ دەپ تۇرىۋالىدۇ.

_  ھە، بولدى، دېگىنە، نىمە ئىش بولدى؟ _، ئۇ بۇ قېتىم مېنى يىغلىدىڭ دەپ تىللىمىدى.  ئەمدى ئىشلارنى ئۇنىڭدىن يوشۇرۇپ قالالمايدىغىنىمنى بىلەتتىم،  شۇڭا  بولغان ئىشلارنى باشتىن ئاخىر دەپ بەردىم. ئەمما ئۈمىدكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى دېمىدىم. ئۇ گەپلىرىمنى ئاڭلاپ بىر ياندا تۇرغان ئورۇندۇقنى زەردە بىلەن تېپىۋەتتى.

_ قانداق نېمە ئۇ؟ ئادەم دېگەنمۇ شۇنداق بولامدۇ؟

  نىگارە ئەزەلدىن مېنىڭ ئىشىمنى ئۆزىنىڭ ئىشى دەپ بىلىدۇ، ماڭا بىر ئىش بولسا مەندىن بەكرەك تىنەپ تۇرىدۇ.

_  ھە راس، مېنى قانداق تاپتىڭ؟  بۇ بەخت دوختۇرخانىسى ئەمەستەك قىلىدۇغۇ؟ بۇ قايسى دوختۇرخانا؟

_  بۇ شەنخۇا دوختۇرخانىسى.  تۆنۈگۈن كەچتە سەن بىلەن تېلېفوندا پاراڭلىشىپ بولۇپ قانچە ئويلاپ باقسام بۇ ئىشنىڭ بىر يېرى بىر قانداق.  بۈگۈن تېلېفون قىلسام بىر ئەر كىشى ئېلىپ سېنى مۇشۇ يەردە دېدى، شۇنىڭ بىلەن يېنىڭغا ئۇچۇپلا كەلمەمدىم.

ئۇنىڭ دەۋاتقىنى ھەقىچان ئۈمىد بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم.  ئۇ ئېسىمگە كېلىشى بىلەنلا ئۇنىڭ ھېلىقى  مەردانىلىك بىلەن ئېتتقان سۆزلىرى قۇلاق تۈۋىمدە قايتا جاراڭلىدى« ئۇنىڭ بىلەن بۈگۈن ئاجراشساڭ مەن ئەتە ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىمەن».

__ ئۇ ئۆزى قېنى؟

_   تېلېفوندا جىددى ئىشىم بار، مەن كېتىۋېرەي دېگەنتى،  مەن كەلسەم يوقكەنغۇ. مېڭىشتىن بۇرۇن دوختۇرخانىنىڭ پۇلىنى تۆلىۋېتىپتۇ جۇمۇ.   كىمۇ ئۇ؟ بولىدىكەن ھە.  ئاۋازىمۇ شۇنداق يېقىملىق.

  نىگارە بىر خىل قىزىقىش بىلەن سورىدى.  ئۈمىد يا يېقىن ئادىمىم بولمىسا، ھېلىمۇ ئۇنى شۇنچە ئاۋارە قىلىۋەتتىم، ئۇنىڭمۇ خىزمىتى ، ئائىلىسى باردۇ.

_ سەندىن سوراۋاتىمەن._،  نۇقۇشلىدى نىگارە.  مەن ئۇنىڭغا ئۈمىدنىڭ مېنى ئەكىلىپ قويغان جەريانلارنى بىرمۇ بىر سۆزلەپ بەردىم، ئۇمۇ ئارتۇق گەپ سورىمىدى.  نىگارە ئاقلاپ بولغان ئالمىنى ماڭا سۇندى. ئالمىنى ئالاي دەپ قولۇمنى چىقارغاندا ئاندىن قولۇمنى تېڭىقلىق ئىكەنلىكىنى سەزدىم.  نىگارە ئاغزىدا ئۇنى بۇنى دەپ قاخشىغاچ ئالمىنى ئۇششاق پارچىلاپ ئاغزىمغا سېلىشقا باشلىدى.

_  ئېسىڭدىمۇ؟ ئەينى ۋاقىتتا سەن ئەزىمەت بىلەن يۈرىۋاتقاندا مەن ئۇنى خېلى سۈرۈشتۈرگەن. ئۇ تىببىي ئىنىستىتۇتتا ئوقۇۋاتقان چېغىدا باشقىلارغا بەرگەن تەسىرى تازا ياخشى ئەمەسكەنتۇق. بىر قىز ئۇنى دەپ بىنادىن سەكرەپ ئۆلىۋالغان ئىكەن،  كېيىن ئۆلىۋالغان قىزنىڭ يىگىتى كېلىپ ئۇنى ئۇرۇپ ئورنىدىن تۇرالماس قىلىپ قويۇپتىكەن.  ئۇ خىزمەت تېپىش جەريانىدىمۇ قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمىغان ئىكەن،  بۇ ئىشلارنى ساڭا دېسەم، يەنىلا جاھىللىق قىلىپ ئۇنى ئاقلاپ تۇرىۋالغانتىڭ.

   شۇنداق. ئەينى ۋاقىتتا نىگارە ئەزىمەتنى خېلى سۈرۈشتۈرگەن، ئەمما ئۇ چاغدا مەن ئەزىمەتنىڭ شىرىن شىكەر گەپلىرىگە ئالدىنىپ كېتىپتىكەنمەن.  نىگارە ئاۋۋال ئەزىمەتنى تازا تىللىدى، ئۇنى تىللاپ ھارغاندىن كېيىن ماڭا ئۆتتى.

_  سەندىن خاپا بولدۇم مەن.  شۇنچە چوڭ ئىش چىقسىمۇ ماڭا دېمەپسەن.  ئۇ  يىراققا كەتمىسەڭمۇ مېنىڭ ئۆيۈمدىن بىر كىشىلىك ئورۇن چىقاتتى ساڭا.

نىگارەنىڭ ئۆيى ھەقىقەتەن چوڭ. ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئۆزىنىڭ شىركىتى بار، ئۇ كىچىكىدىنلا پۇلدار ئائىلىدە چوڭ بولغان، ئۇنىڭغا پۇل كەم ئەمەس، ئەمما دوست كەم، مۇھەببەت كەم ئىدى.  ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقاندا ئۇنىڭ دادىسى بىلەن ئاپىسى ئاجرىشىپ كېتىپ، دادىسى نىگارەدىن بىر نەچچە ياشلا چوڭ بىرى بىلەن توي قىلىپتۇ. نىگارەنىڭ مىجەزى شۇنىڭدىن باشلاپ ئۆزگىرىپ كەتكەن،  ئۆگىنىشتە چىكىنىپ،  نەتىجىسىمۇ بىراقلا تۆۋەنلەپ كەتكەن ئىدى.

_ سېنى ئاۋارە قىلغۇم كەلمىدى.
_ ئەمدى شۇنداق دەيدىغان بولساڭ سەن بىلەن دوستلۇقتىن چىقىپ كېتىمەن جۇمۇ.  ئاۋارە قىلغۇم كەلمىدى دېگەن نىمە گەپ ئۇ؟ مەن نىمەڭ؟ مەن يېقىن دوستۇڭمۇ ئەمەسمۇ؟   مەن ئەڭ قىيىنچىلىقتا قالغاندا مېنى ئۆيۈڭگە ئېلىپ كېتىپ تۇرغۇزغىنىڭنى  ئۇنتۇپ قالدىڭما؟
تولۇقسىز ئوتتۇرىنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىز ئىدى.  نىگارە دادىسى بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ ئاچچىقىدا ئۆيىدىن چىقىپ كېتىپتۇ.  ئۇ زىمىستان قىش ۋاقتى ئىدى، ئۇنى ئۇچراتقان ۋاقتىمدا ئۇ يول بويىدا توڭلاپ  تىترەپ ئولتۇرغان ئىكەن.  مەن ئۇنىڭ بىلەن ساۋاقداش بولساممۇ بەك ئارىلىشىپ كەتمەيتتىم،   نېمىلا بولمىسۇن ئۇ پۇلدارنىڭ قىزى،  مەن بولسام نامرات ئوقۇغۇچى، ئىككىمىز ئىككى دۇنيانىڭ ئادەملىرىدە.  ئادەتتە نىگارە ھاكاۋۇر ھەم قوپال ئىدى.  شۇڭا تۈزۈك دوستىمۇ يوق ئىدى.  ئەمما شۇ كۈنى ئۇنىڭ يول بويىدا ئولتۇرغان ھالىتىنى كۆرۈپ ئىچىم ئاغرىپ كەتتى، كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كېتەي دېدىميۇ، ئۇنداق قىلالمىدىم.   شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ئۆيۈمگە ئېلىپ كەتتىم.  دەسلەپتە  بۇ باي خېنىم كونا ئۆيىمىزنى ياراتماي قالارمۇ دەپ ئەنسىرىگەن ئىدىم، ئەمما ئۇ مەن ئويلىغاندەك ئەمەسكەن. شۇ قېتىمدىن باشلاپ ئىككىمىز يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالغان ئىدۇق.  

بۇ ئېلاننى  دەسسەپ  ئۈتۈپ  كىتىڭ



مەن دوختۇرخانىدىن چىقىپ كېتىمەن دەپ تۇرىۋالدىم،  نىگارە چىقىپ دوختۇر بىلەن كۆرۈشۈپ، مەندە چوڭ ئىش يوقلىقىنى، بەدىنىم ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنى، ياخشى كۈتۈنۈشۈم كېرەكلىكىنى ئاڭلاپ كىرگەندىن كېيىنلا ئاندىن چىقىپ رەسمىيەت بىجىرىپ كىردى. نەرسە كېرەكلەرنى ئېلىپ سىرتقا چىقتۇق، ئۇ ئاق رەڭلىك چىرايلىق يېڭى ماشىنا  ھەيدىۋالغان ئىكەن، ماشىنىسى  قارىماققا خېلى ئېسىل ماشىنىدەك كۆرۈنەتتى.  مەن ماشىنىغا چىقىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۇ:«دادام ئېلىپ بەردى، رەھمەت دەپلا ئالدىم. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ماڭا قەرزى تۈگىمەيدۇ تېخى» دېدى.  مەن ئەزەلدىن ئاتا بالا ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت بولمايدۇ دەپ قارايتتىم، ئەمما نىگارەگە بۇ جەھەتتە گېپىمنى پەقەتلا ئاڭلىتالمىدىم.   مەن ماشىنىنى بەك بىلىپ كەتمەيمەن.  نىگارەنىڭ ماشىنىسىنىڭ ئۇ يەر بۇ يېرىنى سىلاپ باقتىم،  بۇنداق ماشىنىغا ئولتۇرۇپ باقماپتىكەنمەن.  نىگارە ماڭا بۇ ماشىنىنىڭ ماركىسىنى مىرسىدىس دەپ بەردى.
_  مىرسىدىس؟ ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن. ئەزىمەتنىڭ نىسسان دېگەن ماشىنىسىنىلا بىلىدىكەنمەن.
_ قويە شۇنىڭ گېپىنى.
   تۇيۇقسىز ئۈمىدنىڭ ماشىنىسىنى بىلگۈم كېلىپ نىگارەدىن سورىدىم:
_ ب م ۋ دېگەن ئۈچ تال ھەرپى بار ماشىنىنى نىمە دەيدۇ؟
   نىگارە بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ كۈلۈپ ماشىنىنىڭ  رولىغا چاپلىشىپلا قالدى.
_ جېنىم دوستۇم، ب م ۋ دېگەن نېمە ئۇ؟ بى ئېم دابلىيۇ دەيسەن.   ھا ھا ھا. ئۇ ماشىنىنى باۋما دەيدۇ، ئېسىل ماشىنا ئۇ.  مېنىڭ ماشىنامدىن ئېسىل،   ياخشىلىرى ئىككى  مىليون ئەتراپىدا.
_ نە...نەچچە دېدىڭ؟
نىگارە قولى بىلەن بېشىمنى نۇقۇشلاپ تۇرۇپ:
_  ماشىنىنىڭ ئىسمىنىمۇ ئوڭلاپ دىيەلمىگەن. يەنە مۇشۇنداق دۆتلۈك قىلىدىغان بولساڭ  سېنى تىللايمەن جۇمۇ.  ماشىنىلارنىڭ ماركىلىرىنى بولسىمۇ ئۆگىنىپ قوي.  گېپىمىزگە كەلسەك، ئەزىمەتنىڭ قانداق ئادەملىكىنى بالدۇر بىلگىنىڭمۇ ياخشى بولدى،  سەندە چىراي دېسە چىراي بار، فىگور دېسە يېتىپ ئاشقۇچە، ياخشى ئەر تاپالماسلىقتىن ئەنسىرىمىسەڭمۇ بولىدۇ.  ئەزىمەتنىڭ كۆزىدىن  ئوت چىقىرىۋەتكۈدەك ئەردىن بىرنى تاپە تازا.
            ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ تۇرغىنىم بىلەن كاللامدا باشقا ئىشنى ئويلاۋاتاتتىم. ئۈمىد ئۆزىنى مەن سودىگەر دەۋاتاتتى، ئىككى مىليونلۇق ماشىنا ھەيدىگىنىگە قارىغاندا قىلىدىغان سودىسىمۇ كىچىك ئەمەس ئوخشايدۇ.  
        
    نىگارە مېنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىمەن دەپ خېلى زورلىدى، لېكىن كۆنەلمەيمەن دەپ ئۇنىماي تۇرىۋالدىم، ئۇ ئامالسىز مېنى ئۆيۈمگە ئاپىرىپ قويدى، ۋە ئۆيىدىكى ئائىلە خىزمەتچىسىگە تېلېفون قىلىپ ئەكىلىپ، ماڭا ياخشى قاراشنى، قولۇمدىكى يارا ساقايغاندا ئاندىن قايتىپ كېتىشنى ئېيتىپ كېتىپ قالدى.  ئۈمىد شۇ كۈندىن كېيىن ماڭا تېلېفون قىلىپ باقمىدى.  ھەر قېتىم تېلېفونۇمنى قولۇمغا ئېلىپ ئۇنىڭ نومۇرىغا كۆزۈم چۈشكەندە تېلېفون قىلماقچى بولىمەن يۇ،  يەنە ئىككىلىنىپ توختاپ قالىمەن.  ئۇنى ھېلىمۇ ئاز ئاۋارە قىلمىدىم. ئۇ چوڭ سودا قىلىدىغان ئادەم،  قىلىدىغان ئىشى  بەك كۆپ،  مەندەك ئادەمنىڭ بارلىقىنىمۇ ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇپ كەتتىمۇ تېخى.

      ئۆيدە ئارام ئالغان بۇ بىر مەزگىل شۇنچىلىك سىقىلىش ئىچىدە ئۆتتى. نىگارە  دائىم كېلىپ مەن بىلەن پاراڭلىشىپ تۇردى، ھەر كېلىشىدە قۇۋۋەت قىلىدۇ دەپ بىر مۇنچە نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ كېلەتتى.  ئەمما ئەزىمەتنىڭ ماڭا قىلغانلىرىنى ئۇنتۇپ كېتىش ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس ئىدى. ئويلىمايمەن دېسەممۇ خىيالىمدىن نېرى بولماي مېنى بىئارام قىلاتتى.  ئەزىمەت بىر نەچچە قېتىم تېلېفون قىلدى،  مەن ئالمىدىم. ھەر قېتىم تېلېفونۇمنىڭ ئىكرانىدا ئۇنىڭ ئىسمىنى كۆرسەم ساقىياي دېگەن دىل يارام قايتىدىن قوزغىلىپ قالاتتى.  مەن ئىزچىل تېلېفوننى ئالمىغاندىن كېيىن ئۇ ئۇدۇل ئۆيگىلاپ كەپتۇ.  بىر كۈنى ئولتۇرسام ئىشىك چېكىلدى، بېرىپ ئېچىپ ئۇنى كۆرۈپلا ئىشىكنى يېپىۋەتمەكچى بولدۇم، ئۇ چىڭ تۇتۇپ تۇرىۋالدى.

_ نازىيە، ئىككىمىزنىڭ ئەمدى بىللە ئۆتۈشىمىز مۇمكىن ئەمەس، ھامان ئاجرىشىدىغان بولغاندىكىن،  رەسمىيەتنى ۋاقتىدا بىجىرىۋېتەيلى. بۇنداق كېتىۋەرسەك ھەر ئىككىمىزگە ياخشى ئەمەس.

ئۇ خاتالاشتى، بۇنداق كېتىۋەرسەك ھەر ئىككىمىزگە ياخشى ئەمەس ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا ياخشى ئەمەس، چۈنكى ئاشنىسىنىڭ بويىدا بار ئەمەسمۇ.  ئۇ قانچە ئاالدىرىسا مەن شۇنچە ئالدىرىمايمەن. ئۇمۇ ئازابلانغاننىڭ تەمىنى تېتىپ باقسۇن.

_  سىزگە دەپ قوياي، ئەزىمەت. ئاشنىڭىز بىلەن قانداق يۈرسىڭىز كارىم يوق. ئەمما ئاجرىشىش كېلىشىمنامىسىگە ھەرگىز قول قويمايمەن. ئۇنىڭ قورسىقى يوغىناپ، ھەممە ئادەمنىڭ ئالدىدا نومۇسقا قالسۇن، شۇ چاغدا خەق ئۇنى تىللامدىكەن مېنىمۇ، كۆرەمىز قېنى.

   گېپىمنى دەپ بولۇپ ئىشىكنى يېپىۋەتتىم. ئۇ ئىشىكنى بىردەم ئۇرۇپ باقتى، ۋاقىراپ مېنى چاقىرىپ باقتى. ئىشىكنى ئاچمىدىم.  كېيىن نىگارە كەلگەندە بولغان ئىشنى سۆزلەپ بەرسەم، ئۇ مېنى ماختىدى؛

_  ياخشى دەپسەن، نازىم.   قول قويما، ئىشقىلىپ سەن ئەرگە تېگىشكە ئالدىرىمايسەن،  خالىغىنڭچە ياشا. ھېلىقى بىر نىمىنىڭ ئەزىمەت بىلەن توي قىلغۇسى بار ئىدىغۇ، قىلالمىسۇن تازا. قورسىقى يوغىناپ كېتىپ توي كۆينىكى كىيەلمەي قالسۇن.  

  نىگارەنىڭ دېگەنلىرى توغرا.  مەن ئۆزۈمنى كۈچلەندۈرۈشۈم كېرەك. ئويلاپ باقسام، ئەزىمەت بىلەن ئايگۈزەلنىڭ مېنى ئوچۇق ئاشكارا بوزەك قىلىشى يالغۇز مېنىڭ ئارقا تىرىكىم  بولمىغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، مەن بەك ئاجىزكەنمەن.  شۇڭا مەيلى ئۇلاردىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن بولسۇن ياكى كېيىن باشقىلارغا بوزەك بولماسلىق ئۈچۈن بولسۇن، چوقۇم ئۆزۈمنى ئۆزگەرتىشىم كېرەك ئىكەن.

   مەن ئۆيدە ياتقىنىمغا بىر ئاي بولۇپ ئاشقاندا ئاشىق  مەشۇقلار بايرىمى بولدى.  شۇ كۈنى نىگارە كەلدى. ئالايىتەن ماڭا ئاتاپ يېڭى كىيىم سېتىۋالغان ئىكەن.  تېزرەك جابدۇن، ئويناپ كېلىمىز دەپ تۇرىۋالدى، مەن بارغۇم يوق دەپ تارتىشىپ باقتىم، لېكىن ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلەيتتىممۇ؟  ئامالسىز كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئىچىدىكى ئۆيگە ماڭدىم.  ئەمدى ئۇچامغا نىگارە ئالغان كۆڭلەكنى كىيىپ، سىرتمىنى ئېتەي دەپ تۇرسام بىرى ئىشىكنى ئۇردى. نىگارە بېرىپ ئىشىكنى ئاچتى كەينىدىنلا نىگارەنىڭ بىرىنى تىللىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.

_ ھو نۇمۇسنى بىلمەيدىغان ئىشەك، بۇ يەرگە قايسى يۈزۈڭنى كۆتۈرۈپ كەلدىڭ؟  تاياق يىگۈڭ كېلىپ كەپسەندە.



داۋامى  بار





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 


………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0