
بۇ ئەسەرنىڭ 4 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
||
ئۇ مېنى ئولتۇراق رايوننىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ قويدى. ماشىنىدىن چۈشىۋېتىپ مەن ئولتۇرغان جاينىڭ قېپقىزىل قان بولۇپ كەتكىنىنى كۆرۈپ بەك خىجىل بولۇپ كەتتىم. مەن ئىنتايىن ئوڭايسىز بىر ھالەتتە ئۇنىڭغا:«رەھمەت سىزگە، كېيىن پۇرسەت بولۇپ قالسا، ماشىنا يۇغۇزغان پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىمەن» دېدىم. ئۈمىد چۈشىنىكسىز بىر خىل نەزەردە كۈلۈپ قويدى، يا «ھەئە» يا «ياق» دېمىدى. ئۇنى ماڭا ئىشەنمەيۋاتقان بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ، ئالدىراپ تېنەپ:« يا بولمىسا بۇ يەردە مېنى بىردەم ساقلاپ تۇرۇڭ، مەن كىرىپ نەرسە كېرەكلىرىمنى ئېلىۋالغاچ سىزگە پۇل ئېپ چىقىپ بېرەي، ئۇزۇن ھايال بولمايمەن» دېدىم. ئۇ كالپۇكىنى چىشلەپ، بارماقلىرى بىلەن رولنى تاتىلاپ تۇردى، تۇرقىدىن بىر ئىشنى ئويلاۋاتقاندەك قىلاتتى، بىردەمدىن كېيىن ئېغىز ئاچتى.
_ مەن سىزنى بۇ يەرگە ئەكىلىپ قويۇشتىن بۇرۇنلا بۇلارنى ھېسابلاشنى ئويلىشىپ باقمىغان، ئوت ئۈستىگە ياغ چاچىدىغان ئىش قىلىدىغان ئادەم ئەمەس مەن. ئەمما شۇنى سەمىڭىزگە سېلىپ قوياي، ئەڭ ياخشىسى دوختۇرخانىغا بېرىڭ، ئاياللار ئاجىز، بەزى ئاغرىقلارنىڭ ئاسارىتى قېپ قالسا بىر ئۆمۈر دەردىنى تارتىدىغان گەپ.
ئۇ بۇ گەپلەرنى شۇنچىلىك مېھرىبان بىر خىل ئاھاڭدا دېدى، بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ كۆزۈم نەملەندى. گەرچە ئالدىمدىكى بۇ كىشى بىلەن ھېچقانداق تونۇشلۇقۇم بولمىسىمۇ ئۇنىڭ ئاشۇ گەپلىرىدىن ئۇنىڭ ياخشى ئەر ئىكەنلىكىنى جەزم قىلدىم. ئەزىمەت مۇشۇنداق بوپ قالغان بولسىچۇ. ئەزىمەت مېنىڭ جىسمىمنىلا ئەمەس، مۇھىمى يۈرىكىمنى يارا قىلدى. ھەتتا ئەمدى مۇھەببەت دېگەنگە ئىشەنمەيدىغان، پۈتۈن دۇنيادىن خۇدۇكسىرەيدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى. مەن ئۇنىڭغا قاراپ بېشىمنى لىڭشىتتىم ۋە «رەھمەت سىزگە» دېدىم. ئۇ ماشىنىسىنى ھەيدەپ كېتىپ قالدى.
ئۆيگە كىرىپلا تويلۇق سۈرىتىمىزگە كۆزۈم چۈشۈشى بىلەن لەسسىدە بولۇپ قالدىم. سۈرەتتە ئۇ بېلىمدىن قۇچاقلاپ ، مەن ئۇنىڭغا يۆلىنىپ تۇرغان، ئۇنىڭ كۈلۈمسىرىگەن ھالىتى شۇنچىلىك مېھرىبان، مېنىڭ كۈلكەم شۇنچىلىك بەختكە تويۇنغان. ئەمما ھازىر قارىسام بۇ بىر قاباھەتلىك چۈشتەك بىلىنەتتى. ئۇ ئىلگىرى ساختا مېھرىبانلىقى بىلەن مېنىڭ كۆزۈمنى توسۇپ، ئۇنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى كۆرۈشۈمگە توسقۇنلۇق قىلىپ كەپتىكەن. مەن ئەزىمەتنىڭ كەينىمدىن كېلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىدىم، ئۆيدە ئۇزۇن تۇرسام بولمايتتى. دەرھال مەينەت كىيىملىرىمنى سېلىۋېتىپ بەدىنىمنى لۆڭگە بىلەن سۈرتتۈم، لۆڭگە بىلەن داستىكى سۇ قېپقىزىل قان بولۇپ كەتتى. بەدىنىمنى سۈرتىۋېتىپ يەنە يىغلاپ كەتتىم. قورسىقىم چىدىغۇسىز ئاغرىۋاتاتتى، لېكىن يۈرىكىمدىكى يارا ئالدىدا بەدىنىمدىكى ئاغرىقنى سەزگۈچىلىكىم يوق ئىدى.
كىيمىمنى ئالماشتۇرۇپ، بىر نەچچە قۇر كىيمىم بىلەن زەرەتلىگۈچنى ئېلىپ ماڭدىم. ئىشىكتىن چىقاي دەپ تۇرسام، «پاق» قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى. بۇ ئاۋاز كۇتۇپخانىدىن كەلگەندەك قىلاتتى. كۇتۇپخانىنىڭ ئىشىكىگە تىكىلىپ تۇرۇپ قالدىم. ماڭا كۇتۇپخانىنىڭ ئىچىدە مەن بايقىيالمىغان بىر سىر باردەك، شۇ سىر يېشىلسە ئەزىمەتنىڭ ھەقىقىي ئەپتى بەشرىسى ئاشكارىلىنىدىغاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. مەن ئاستا مېڭىپ كۇتۇپخانىنىڭ ئالدىغا كېلىپ پۈتۈن كۈچۈمنى يىغىپ ئىشىكنى ئىتتىردىم. كۇتۇپخانىنىڭ ئىچى قاپقاراڭغۇ، دېرىزە پەردىسى شامالدا يىنىك ئۇچۇپ لەپىلدەپ تۇراتتى. چىراقنى ياندۇرۇپ كۇتۇپخانا ئىچىگە كىرىپ، كىتاب جازىسىنىڭ ئالدىدا يەردە بىر كىتابنىڭ تۇرغىنىنى كۆردۈم. بايىقى ئاۋاز مۇشۇ كىتابنىڭ يەرگە چۈشكەن ئاۋازى ئىكەندە.
بىنانىڭ ئالدىغا بىر ماشىنىنىڭ كېلىپ توختىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. دېرىزە يېنىغا بېرىپ قاراپ باقسام ئەزىمەت قايتىپ كەپتۇ. ئۇنى كۆرۈپ ئالدىراپ تىنەپ كۇتۇپخانىدىن چىقتىم. لىفىتنىڭ چىرىقى يېنىقلىق تۇراتتى، دېمەك ئۇ لىفىت بىلەن چىقىۋاتاتتى، ئۇنىڭ بىلەن دۇقۇرۇشۇپ قېلىشنى خالىمايتتىم، شۇڭا دەرھال ئۆزۈمنى دالدىغا ئالدىم. ئۇزۇن ئۆتمەي «دىڭ»قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى. مەن دالدىدا تۇرۇپ ئەزىمەتنىڭ لىفىتتىن چۈشكەن ئاياق تاۋۇشىنى ئاڭلىدىم كەينىدىنلا ئۆينىڭ ئىشىكىنىڭ ئېچىلغان، يېپىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى. يوشۇرنۇپ تۇرغان يېرىمدىن چىقىپ ئۆينىڭ ئىشىكىگە قاراپ قويدۇم، ئۆيدىن ئاۋاز چىقىۋاتقاندەك بىلىندى. يۈرەك سوقۇشۇم تېزلىشىپ كەتتى، ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىش ئستىكىدە ئىشىكنىڭ ئالدىغا بېرىپ قۇلىقىمنى ياقتىم. ئۆيدىكى ئاۋاز ئېنىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى. چىرقىرىۋەتكىلى تاس قالدىم، چۈنكى ئۆيدىن بىر ئايالنىڭ ئاۋازى چىقىۋاتاتتى. مېنىڭ ئۆيۈمدە قانداقسىگە باشقا بىر ئايال بار بولىدۇ؟
_ ئەزىمەت، بالا راستلا يوق بولدىما؟
ئايالنىڭ ئاۋازى دەل مەن مەخپىي تىڭشىغۇچتا ئاڭلىغان ئاۋاز شۇ ئىدى. بۇ ئاۋاز ماڭا ئىنتايىن تونۇش بىلىندى، ئەمما قەيەردە ئاڭلىغىنىمنى ئېسىمگە ئالالمىدىم.
_ھەئە، ئەمدىغۇ ماڭا ئىشەنگەنسىز؟
ئەزىمەتنىڭ ئاۋازى شۇنچىلىك سىلىق، بالامنى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئالغاندىكى ماڭا گەپ قىلغان تەلەپپۇزى بىلەن ئاسمان زىمىن پەرقلىنەتتى. ياشلىرىم يەنە تۆكۈلۈشكە باشلىدى. مەن ھەقىقەتەن ھاماقەت ئىكەنمەن، كۇتۇپخانىدا گۇمانلىق نەرسىنى بايقىغان تۇرۇقلۇق يەنە ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭغىنىمنى دەيمەن. ئەمما يەنىلا ھەيران قېلىۋاتىمەن، ئۇنىڭ كۆرۈنمەس سېھرى بارمىدۇ ياكى مەن قارىغۇ بولۇپ قالدىممۇ؟ كۆزۈمنىڭ كور ئىكەنلىكىنى تەن ئالىمەن، ئۇنداق بولمىسا ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ ئەپتى بەشرىسىنى كۆرەلمەي، ئۇنىڭغا ئالدىنىپ، ئىشىنىپ يۈرەرمىدىم؟
_ ئەسكى، مەن قاچان سىزگە ئىشەنمەيمەن دېدىم. مەنمۇ سىز بىلەن تېزرەك بىللە بولاي دېدىم شۇ. يەنە بۇنداق ئوغرىلىقچە كۆرۈشۈپ يۈرگۈم يوق.
ئايالنىڭ ئەركىلەپ تۇرۇپ دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلاپ بەدىنىم تىكەنلىشىپ كەتتى. تېخى ئەتىگەندىلا ماڭا زەھەرلىك قولىنى سۇنغان بۇ ئەر ھازىر بۇ ئايالنىڭ ئالدىدا شۇنچىلىك مۇلايىملىشىپ كەتكەن ئىدى. ئۆي ئىچىدىن ئۇلارنىڭ غەلىبە شادلىقىغا چۆمگەن كۈلكىسى ئاڭلاندى، ئەمما مەن بولسام ئېغىر قەدەملىرىمنى سۆرەپ ئىلگىرى ئۆيۈم دەپ قارىغان بۇ جايدىن ئايرىلدىم.
ئولتۇراق رايوننىڭ سىرتىدا ماشىنىلار ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، مەن ئىلاجسىز بىر ھالەتتە يول بويىدا ئولتۇردۇم، پۈتۈن دۇنيا مېنى تاشلىۋەتكەندەك بىر خىل تۇيغۇ پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى چىرمىۋالدى. تېلېفونۇمنى توكدانغا ئۇلاپ ئاچسام ئىككى تال ئۇچۇر كەلدى. ئەزىمەت ماڭا تېلېفون قىلغان ئىكەن. ياتاققا قايتىپ كېلىپ مېنىڭ يوقلۇقۇمنى كۆرۈپ تېلېفون قىلغان بولسا كېرەك. بۇرۇن ئۇ تېلېفون قىلسا خۇشلۇقتىن گۈلقەقەلىرىم ئېچىلىپ كېتىدىغان ئادەم ئەمدى تېلېفونۇمدا ئۇنىڭ ئىسمىنى كۆرۈپ يۈرىكىم بىر قىسما بولۇپ كەتتى. يېڭىلا بالا ئالدۇرغان مەندەك ئايال ھېچقانداق ئادەمنى ئاۋارە قىلسام بولمايتتى، ئەمما بولغان ئىشلارنى نىگارەگە سۆزلەپ بەرگۈم كەلدى، چۈنكى ئۇ ماڭا چىن كۆڭلىدىن كۆيۈنىدۇ ئەمەسمۇ. تېلېفون ئۇلانماي تۇرۇپلا ئىچىمدىن بىر پارچە يىغا ئېتىلىپ چىقتى، تېلېفون ئېلىنغاندا گەپ قىلىشنىڭ ئورنىغا يىغلاپلا چۈشكەن ئىدىم.
_ نىگارە، مەن ھەممە نەرسەمدىن ئايرىلدىم، بالام يوق بولدى، ئۆيۈممۇ يوق بولدى، ھازىر بارغۇدەك يېرىممۇ يوق.
قارشى تەرەپ بىر دەم سۈكۈتتە تۇرۇپ ئاندىن ئېغىز ئاچتى، تېلېفوندىن بىر ئەر كىشىنىڭ ئاۋازى چىقىۋاتاتتى.
بۇ ئېلاننى دەسسەپ ئۈتۈپ كىتىڭ
_ سىز قەيەردە؟
مەن يىغامنى يوختىتىپ تېلېفونغا قاراپ ئاندىن تېلېفوننى نىگارەگە ئۇرىمەن دەپ ئۈمىدكە ئۇرۇپ سالغانلىقىمنى بىلدىم.
_ سىز قەيەردە؟ بايا مەن ئاپىرىپ قويغان جايدىمۇ؟
بۇ كىشىدىن بەك مىننەتدار ئىدىم، ئۇنى يەنە ئاۋارە قىلغۇم كەلمىدى، ئەمما ھازىر ماڭا راستلا باشقا ئامالمۇ يوق ئىدى، ئاخىرى ئارانلا «ھەئە» دىيەلىدىم.
- جايىڭىزدا جىم تۇرۇپ تۇرۇڭ، مەن ھازىرلا بارىمەن. _ ئۇ شۇنداق دەپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى. ئارىدىن بەش مىنۇت ئۆتە ئۆتمەي ئۈمىد يەنە كەلدى. ئۇ ماشىنىنىڭ دېرىزىسىنى ئاستا چۈشۈردى، ئۇنىڭ سۇمباتلىق چىرايى يەنە كۆز ئالدىمدا پەيدا بولدى _ چىقىڭە_، دېدى ئۇ.
- شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ ماشىنىسىغا يەنە چىقتىم. ئۇ ماشىنىسىنى ھېلىلا يۇغۇزغان بولسا كېرەك، ماشىنىنىڭ ئىچى پاك پاكىزە بولۇپ كەتكەن ئىدى. پۇت قولۇمنى قەيەرگە قويۇشنى بىلمەي گاڭگىراپ قالدىم.
_ مېنى شەرقى بازارغا ئاپىرىپ قويغان بولسىڭىز.
بۇرۇن ئائىلىمىز بويىچە شەرقىي بازار دېگەن جايدا تۇراتتۇق. ئۇ جاي چەت جايدا، ئۆيىمىزمۇ كونا ئىدى، توي قىلغاندىن كېيىن بېرىپ باقمىغان ئىدىم.
بىز توي قىلغاندا ئەزىمەت مېنى ئازراقمۇ جاپا تارتقۇزمايمەن دېگەن، ھە، توغرا، ئۇ دېگىنىنى قىلدى، ماڭا سالغان جاپاسى ھەقىقەتەن ئاز بولمىدى. ئەمما ئەينى ۋاقىتتا ئۇ نىمە دېسە ئىشىنىپ يۈرۈپتىكەنمەن. ئويلاپ باقسام بەك ئەخمەقكەنمەن.
ئۈمىد يولبويى بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي تاماكا چېكىپلا ماڭدى، مېنىڭ كۆڭلۈم پاراكەندە بولغاچقا، بېشىمنى تۆۋەن قىلىپ تېلېفوننى مەقسەتسىزلا مىتىلدىتىپ ئولتۇردۇم. كۆزۈم تېلېفون ئىكرانىدىكى مەخپىي تىڭشىغۇچ يۇمشاق دېتالىغا چۈشكەندە قولۇم توختاپ قالدى. تەن بەرمەسلىك، ئۇۋالچىلىق، نەپرەت ئارىلاشقان تۇيغۇ يۈرىكىمنى سىقىۋاتاتتى. ئىختىيارسىز بېسىپ ئۇنى ئاچتىم، تېلېفوندىن ئەركىلىگەن ۋە ئەركىلەتكەن ئاۋاز ئاڭلانغان چاغدىلا ئاندىن نائۇشنىك چاتمىغانلىقىمنى بايقىدىم. ئۈمىد جىددى بىر ھالەتتە ماڭا ۋە تېلېفونۇمغا قارىدى ۋە تاماكىسىنى كۈچەپ شورىدى. ئۇ مېنى قەستەن قىلدى دەپ ئويلاپ قالمىغاندۇ ھە؟
تونۇشقىلى تېخى نەچچە سائەت بولمىغان ئەر كىشىنىڭ ئالدىدا بۇنداق ئاۋازنى ئاڭلاپ، يەنە كېلىپ بۇ ئاۋاز مېنىڭ تېلېفونۇمدىن چىققاچقا خىجىللىقىمدىن بىرەر تۆشۈك بولسا كىرىۋالغۇدەك بولۇپ كەتتىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈمىدنىڭ چىرايىغا ئوغرىلىقچە قاراپ باقسام، ئۇ مېنى باشقىچە ئويلاپ قېلۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ ھامان ئاڭلاپ قالدى، ئالدىراپ تىنەپ ئۇنى ئېتىۋەتسەم ياكى ئىشقىلىپ نىمىلا قىلساممۇ ئارىدىكى ئوڭايسىزلىقنى بېسىقتۇرالمايتتىم. شۇنىڭ بىلەن زورىغا كۈلۈپ قويدۇم، ئەمما شۇ چاغدا كۈلگەندىكى چىرايىمنىڭ قانچىلىك بەدبەشىرە ئىكەنلىكىنى ئۆزۈم پەرەز قىلالايمەن. ئاخىرى ئېغىز ئاچتىم:
_ مەن توي قىلغىلى ئىككى يىل بولغان، ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ قانداق ئادەملىكىنى ھەقىقىي بىلىپ يېتىۋاتىمەن. ئۇ بۇ ياقتىن مېنى قەستلەپ بالامنى چۈشۈرىۋېتىپ، ئۇ ياقتىن باشقا ئايال بىلەن كۆڭۈل ئاچقىلى تۇرۇپتۇ. مەن......
بوغۇزۇمغا بىر نەرسە قاپلىشىپ قالغاندەك بولۇپ، گېپىمنىڭ داۋامىنى دىيەلمىدىم. ئۈمىد سوغۇققىنە بىرنى كۈلۈپ قويۇپ، ماشىنىنىڭ دېرىزىسىنى ئېچىپ تاماكا قالدۇقىنى تاشلىۋەتتى.
_ ئۇ ھەقىقىي ئەر كىشى ئەمەسكەن. ئازراق بولسىمۇ مەسئۇلىيەت ئېڭى بار ئەر كىشى ئۇنداق ئىش قىلمايدۇ. ناچار نېمىكەن ئۇ.
ئۇنىڭ دېگەنلىرى راست. ئەزىمەت ھەقىقەتەن ئەر كىشى دەپ ئاتىلىشقا لايىق ئادەم ئەمەس. ئەمما مەن بۇرۇن ھاماقەتلەرچە ئۇنىڭ بىلەن مەڭگۈ بىللە ئۆتىمەن دەپ ئويلاپ كېتىپتىكەنمەن. تېلېفونۇمدىن تېخىچە ئاۋاز چىقىۋاتاتتى.
_ نازىيە ياخشىمۇ يا مەن ياخشىمۇ؟
تۇيۇقسىز مېنىڭ ئىسمىم چىقىشى بىلەن قۇيۇق چېچىم تىك بولدى. ئەزىمەت ھاسىراپ تۇرۇپ جاۋاب بەردى:
_ ۋاي قويۇڭە ئۇنى، تەپسەم تەۋرىمەسنىڭ ئۆزى. يا ياخشى گەپ تەسىر قىلمايدۇ، يا يامان گەپ تەسىر قىلمايدۇ. سىز ئۇنىڭدىن مىڭ ھەسسە ياخشى، جېنىم، شۇڭا سىزنى ياخشى كۆرىمەن ئەمەسمۇ.
ئەزىمەتنىڭ ئۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم ئېلىشىپ كەتتى. ئۇ ماڭا يۈزسىزلىك قىلغاننى ئاز دەپ، بالامنى چۈشۈرىۋەتتى، ئەمدى قوپۇپ ئاشنىسىنىڭ ئالدىدا مېنىڭ يامان گېپىمنى قىلىۋاتىدۇ. يەنە كېلىپ بۇ گەپلەرنى ئۈمىد ئاڭلاپ قالغاچقا ئۆزۈمنى قويغۇدەك يەر تاپالمىدىم. ئالدىراپ تىنەپ يۇمشاق دېتالنى ئېتىۋەتتىم، ماشىنا ئىچى يەنە تىمتاسلىققا چۆمدى.
بۇرۇن مەن باشقىلاردىن «ئەر كىشى قورساققا ئامراق كېلىدۇ، ئەر كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئۈچۈن ئاۋۋال قورسىقىنى ئۇتۇش كېرەك» دېگەن گەپلەرنى ئاڭلاپ، ھەر خىل تاماقلارنى ئېتىشنى ئۆگەندىم، ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا تىرىشتىم. ئەمما ئاخىرىغا بېرىپ بارلىق تىرىشچانلىقلىرىم نۆلگە تەڭ بولدى. يولدا كېتىۋاتقاچ ئوغرىلىقچە ئۈمىدكە سەپسېلىپ قارىدىم. ئۇنىڭغا قانداقلا قارىسام شۇنچىلىك جەلبكار ئىدى، مەيلى تەقى تۇرقى بولسۇن ياكى گەپ سۆزلىرى بولسۇن شۇنچىلىك يېقىشلىق، ھەتتا گەپ قىلماي ئولتۇرۇشلىرىدىنمۇ ئەرلىك سالاپەت تۆكۈلۈپ تۇراتتى.
_ قەيەردە؟_، ئۇ تۇيۇقسىزلا بۇرۇلۇپ ماڭا قارىدى.
_ ئاۋۇ يەردە_، ئالدىمىزدىكى بىر كوچىنى كۆرسەتتىم.
ئۇ ماشىنىنى توختاتتى، مەن بىردەم ئويلىنىپ تۇرىۋالغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا:
_ بۈگۈن سىزنى بەك ئاۋارە قىلىۋەتتىم. قانچە پۇل بېرىمەن؟ تاغدىن كەلگەن ھەقنىمۇ قوشۇپلا بېرەي_، دېدىم.
ئۈمىد ماڭا قاراپ بىرنى كۈلىۋېتىپ، ئاندىن كالپۇكىنى بىر يالىۋېتىپ جاۋاب بەردى:
_ مەن بىر سودىگەر، ئەمما نەزىرىمدە پۇلدىن باشقا نەرسە يوق ئادەم ئەمەس، يەنە كېلىپ مەن بىر ئەر كىشى، بىر ئايال بارىدىغان يېرىم يوق دەپ يىغلاپ تۇرسا، مېنىڭچە ئۆزىنى ئەر سانايدىغان ھەرقانداق ئادەم قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرمايدۇ.
مەن تەسىرلەنگىنىمدىن ئاغزىمغا ھېچقانداق گەپ كەلمەي ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپلا قالدىم، كۆز ئالدىمدا ئەزىمەت بىلەن ئۈمىد چۆرگىلەۋاتاتتى. بىرى ماڭا كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ئازابنى يۈكلەپ قويغان ئادەم، يەنە بىرى مەن ئەڭ قىيىن ھالدا قالغاندا ھېچقانداق تاماسىز ھالدا ماڭا ياردەم قىلىۋاتقان ئادەم. ئەينى ۋاقىتتا مېنى خېلى كۆپ ئەرلەر قوغلاشقان، قانداق بولۇپ ئەزىمەت بىلەن توي قىلىپ قالغان بولغىيتتىم دەيمەن؟ قىز بالىنىڭ تويدىن بۇرۇن كۆزى كور بولۇپ قالىدۇ دېگەن گەپ راست ئوخشايدۇ.
ئۈمىد كەتتى، ئۇنىڭ قارىسى يۈتكەندىن كېيىن ئاندىن كوچىنىڭ ئىچىگە قاراپ ماڭدىم. كوچا تار، كونا، يول چىرىقىمۇ يوق. ئاي نۇرىدا يولدىكى ئوي چوڭقۇرلارنى، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تامغا ئەينى يىللىرى سىزىپ قويۇلغان ئىزلارنى پەرق قىلغىلى بولاتتى. ئىشىكنى ئېچىپ كىرىشىم بىلەن شۇنچىلىك يېقىملىق بىر تۇيغۇ قەلبىمنى چۇلغىۋالدى-دە، كۆز ياشلىرىم يەنە دومىلاپ چۈشۈشكە باشلىدى.
بۇ ئۆيدە ئادەم تۇرمىغىلى ئۇزۇن بولغاچقا ھەممە يەر توپا چاڭ بولۇپ كەتكەن ئىدى، ئەمما پاكىزە تازىلىغۇدەك مادارىم يوق، مۇنداقلا يىغىشتۇرۇپ يېتىۋالدىم. تېلېفونۇمغا توك قاچىلاپ ئېچىپ ، كيۇ كيۇنى ئېچىپ قارىسام «چايكا»نىڭ باش سۈرىتى يېنىقلىق تۇرۇپتۇ. «خەيرلىك كەچ، نازى. تۆنۈگۈن ھەرقانچە گۈزەل بولسىمۇ ئۇنىڭغا قايتىپ بارالمايمىز. ئەتە ھەرقانچە مۈشكۈل بولسىمۇ يەنىلا مەردانىلىك بىلەن مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ». بۇ چايكانىڭ ماڭا يازغان ئۇچۇرى ئىدى. مەن ھازىرغىچە «چايكا»نىڭ كىملىكىنى بىلمەيمەن، ئۇ دادام ئۆلۈپ كېتىپ، ئاپام ئۆسۈملۈك ئادەم بولۇپ قالغاندىن باشلاپ ئىزچىل ماڭا ياردەم قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، ھەتتا ھازىرمۇ ھەر كۈنى كەچتە «خەيرلىك كەچ» سۆزى بىلەن بىللە ئاكتىپ ئېنىرگىيەلىك سۆزلەر بىلەن ماڭا مەدەت بېرىپ تۇرىدۇ. مەن ئەڭ ئېغىر كۈنلىرىمنى ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى ۋە مەنىۋى مەدەتلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن. بۈگۈن ئۇنىڭ قالدۇرغان بۇ سۆزلىرى ھازىرقى كەيپىياتىمغا نەقلا چۈشكەن ئىدى. توغرا، ئەتە ھەرقانچە مۈشكۈل بولسىمۇ چوقۇم ماڭماي بولمايدۇ. ئۇنىڭغا ئۇچۇر قايتۇردۇم«رەھمەت سىزگە، چايكا». ئۇنىڭغا بۈگۈن بولغان ئىشلارنى دېمىدىم. ئويلىمىغان يەردىن ئۇ تېزلا جاۋاب قايتۇردى«شۇنچە كەچ بولغىچە ئۇخلىماپسىزغۇ؟» سائەتكە قارىدىم، سائەت ئىككىدىن ئاشقان ئىكەن، راستلا بەك كەچ بولۇپ كېتىپتۇ. «بىر دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈن زىياپىتىگە بارغان، كەچ قالدىم. سىزمۇ كەچكىچە ئۇخلىماپسىزغۇ؟» دەپ يالغان ئېيتتىم. ئۇ «سىزدىن ئۇچۇر كەلمىگەچكە ئەنسىرەپ قالدىم» دېدى. ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرىگەن ئىپادىدىن بىرنى ئەۋەتىپ«مەن ياخشى، خەيرلىك كەچ» دەپ قايتۇردۇم. ئۇمۇ ماڭا «خەيرلىك كەچ» دېگەن ئىپادىنى ئەۋەتتى. ئەمما مەن شۇنىڭدىن كېيىنمۇ تاڭ ئاتقىچە ئۇخلىيالمىدىم. بولغان ئىشلار خۇددى قاباھەتلىك چۈشتەك بىلىنىپ، ئاشۇ قورقۇنۇچلۇق كۆرۈنۈشلەرنى خىيالىمدىن نېرى قىلالمىدىم. ئەزىمەتنىڭ ئوپېراتسىيە قىلىۋاتقان چاغدىكى تاشيۈرەكلىكى، ئۆرۈلۈپ قارىغاندىكى زەھەرخەندە چىرايى،ئۇنىڭ ئاشۇ گەپلىرى، ھەر ئېسىمگە كەلسە بىر يۈرىكىمنى ئاغرىتىۋاتاتتى.
ئۇزۇن ئويلانغاندىن كېيىن ئاخىرى بۈگۈن دوختۇرخانىغا بېرىش قارارىغا كەلدىم.
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
…
………
…………

………
…………
















