
بۇ ئەسەرنىڭ 9 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
|
ھەممە ئىشلارنى تۈگىتىپ، ئۈمىدنىڭ ماشىنىسى بىلەن ئۆيگە قايتقان ۋاقتىمدا يامغۇر چىلەكلەپ قۇيغاندەك يېغىۋاتاتتى. يولبويى ئىچ باغرىم تۆكۈلۈپ كەتكۈچە يىغلىدىم، ئۈمىد بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى، ئەمما سول قولۇم ئۇنىڭ ئالقىنىدا ئىدى. بەكرەك ئىسەدەپ كەتسەم قولۇمنى سىقىپ قوياتتى، بۇ ماڭا ئۈنسىز تەسەللى بېرىۋاتقىنى ئىدى. كوچا ئاغزىغا بارغاندا ماشىنىدىن چۈشمەكچى بولۇۋىدىم، ئۈمىد يامغۇر سەل پەسەيسۇن دەپ چۈشكىلى قويمىدى. مەن چىڭ تۇرىۋېلىۋىدىم، مەن ئەكىرىپ قوياي دەپ، ماشىنىدىن كۈنلۈكتىن بىرنى ئېلىپ، ئاۋۋال ماشىنىدىن چۈشۈپ، مەن تەرەپكە كېلىپ ئىشىكنى ئېچىپ بەرگەندىن كېيىن ئاندىن مەن ماشىنىدىن چۈشتۈم. شامالمۇ خېلى كۈچلۈك چىقىۋاتاتتى، بىنانىڭ ئالدىغا كېلەي دېگەندە كۈنلۈك ئۇچۇپ كەتتى. ئامالسىز يۈگۈرۈپ ماڭدۇق. ئۇ مېنى ئۆيگە ئېپ چىقىپ قويىمەن، بولمىسا خاتىرجەم بولالمايدىكەنمەن دەپ تۇرىۋالدى. «يامغۇر تېخى توختىمىسا، بىنانىڭ ئالدىدىن كوچا ئاغزىغا خېلى بار، بوپتۇ، ئۆيدىن كۈنلۈك ئېلىپ بېرەمەن» شۇنى ئويلاپ ماقۇل بولدۇم. پەلەمپەيدىن ئۈن تىنسىز چىقتۇق. ئۆينىڭ ئالدىغا چىققاندا ئۇ «خوش ئەمىسە، ھېچنېمىنى ئويلىماي ياخشى ئارام ئېلىڭ» دەپ مېڭىشقا تەمشىلىۋىدى، «توختاڭە، كۈنلۈك ئېپ چىقىپ بېرەي» دەپ ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ كىرىپ بولۇپ، كۈنلۈكنى نەچچە كۈن بۇرۇن ئەزىمەتنىڭ ئېلىپ كەتكىنى ئېسىمگە كەلدى. يېڭى كۈنلۈك ئەكىرىپ قويۇشنىمۇ ئۇنتۇپتىمەن ئەمەسمۇ. . ئۈمىدكە بۇ ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ قوياي دەپ ئەمدى ئىشىك ئالدىغا چىقىشىمغا ئۇنىڭ تېلېفونى سايرىدى، ئۇ ئىكرانغا قاراپ، تېلېفوننى تەستە ئالدى«ۋەي. » « ۋەي» تېلېفوندىن بىر قىز بالىنىڭ ئاۋازى چىقىۋاتاتتى. قارشى تەرەپنىڭ نېمىلەرنى دېگىنىنى ئاڭقىرالمىدىم، ئۈمىد«ھە بىلدىم، ھازىرلا باراي» دەپ، ماڭا خوش دەپ قول ئىشارىسى قىلىپلا چۈشۈپ كەتتى.
ئۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە قېتىم كۆرۈشۈش جەريانىدا ئۇنىڭ ھېچبىر قىز دوستى ياكى ئايالى باردەك ھېس قىلمىغانتىم، تېلېفون قىلغان كىمدۇ؟
ئۆيگە كىرىپ، كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ، تېلېفونۇمنى توكقا چېتىپ قويۇپ، ئاندىن يۈز كۆزلىرىمنى يۇيۇپ كارىۋاتقا چىقىپ ياتتىم. خىيالىم مېنى بۇرۇنقى ۋاقىتلارغا ئېلىپ كەتتى.
كىچىكىمدە مۇشۇ ئۆيدە تۇراتتۇق، ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئاپام مېنى ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇپ مەكتەپكە ئۇزىتىپ قوياتتى، كەچتە مەكتەپتىن قايتىپ كەلگىنىمدە ئىشىكنى ئاپام ئېچىپ «كەلدىڭىزمۇ، قىزىم»دەپ سومكامنى قولۇمدىن ئالاتتى. ھەركۈنى مەن مەكتەپتىن كەلگۈچە تاماق ئۈستەلگە چىقىپ بولاتتى، بىز خۇشال خورام ھالدا تاماق يەيتتۇق، ئاندىن مەن تاپشۇرۇقۇمنى ئىشلەيتتىم، ئاپام ئۆيلەرنى يىغىشتۇراتتى، دادام كرىسلودا ئولتۇرۇپ گېزىت كۆرەتتى. ئۇ چاغدا تۇرمۇشىمىز ئانچە باياشات بولمىسىمۇ، ئەمما ئىنتايىن بەختلىك ئىدۇق. لېكىن بۇ بەختلىك كۈنلىرىمىز ئۇزۇنغا بارمىدى. كېيىن بىر قېتىملىق ماشىنا ھادىسىسىدە دادام ئۆلۈپ كەتتى، ئاپام ئۆسۈملۈك ئادەم بولۇپ قالدى، بەلكىم شۇ كۈنلەر ھاياتىمدىكى ئەڭ ئازابلىق كۈنلىرىم بولسا كېرەك. شۇنىڭدىن كېيىن مەن دائىم باشقىلارنىڭ ئىئانە قىلغان پۇللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالىدىغان بولۇپ قالدىم، ئۇلارنىڭ ئىچىدە «چايكا» ئىسىملىك بىرى ماڭا ھەر ئايدا پۇل ئۇرۇپ بېرىدىغان بولۇپ قالدى، پۇلنىڭ سوممىسى كۆپ بولمىسىمۇ ئەمما بىرەر قېتىم ئۈزۈلۈپ قالمىدى. مەن 16 ياشقا كىرگەن يىلى، تىببىي شۆيۈەندە ئوقۇيدىغان بىر ئوقۇغۇچى ئالايىتەن بىزنىڭ مەكتەپنىڭ ئىشخانىسىغا كېلىپ، ماڭا مىڭ يۈەن ئىئانە قىپتۇ. ئۇ چاغلاردا مىڭ يۈەن پۇل خېلى كۆپ پۇل ھېسابلىناتتى. ئۇنىڭغا يۈز تۇرانە رەھمەت ئېيتقۇم بار ئىدى، ئەمما مەن مەكتەپ ئىشخانىسىغا كىرگەندە ئۇ ئاللىبۇرۇن كېتىپ بوپتىكەن. ئۇ پۇل بىلەن بىر ئۈنئالغۇ لېنتىسى ۋە كيۇ كيۇ نومۇرىنى قالدۇرۇپ قويۇپتۇ. مەن ئۇنى قوشقاندىن كېيىنلا ئاندىن ئۇنىڭ ماڭا ئىزچىل ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقان «چايكا» ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ھېلىقى ئۈنئالغۇ لېنتىسى تىكەنقۇش مۇزىكا ئەترىتىنىڭ لېنتىسى ئىكەن. تىكەن قۇش مۇزىكا ئەترىتى ئوقۇغۇچىلار قۇرغان مۇزىكا ئەترىتىمىش دەپ ئاڭلىغان ئىدىم. لېنتىدىكى «خۇشال ياشا» دېگەن بىر ناخشا ماڭا مەدەت بولاتتى، كۆڭلۈم يېرىم بولغاندا، تۇرمۇشتىن ئۈمىدسىزلەنگەندە شۇ ناخشىنى ئاڭلاپ قايتا كۈچكە تولاتتىم. شۇنىڭدىن كېيىن «چايكا» بىلەن كيۇكيۇدا ئالاقىلىشىپ تۇردۇم، ئەمما تا ھازىرغىچە ئۇنى كۆرۈپ باقمىدىم.
ئاپام ئۆسۈملۈك ئادەم بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئاپام ھايات دەپ كۆڭلۈم توق تۇراتتى، ئازراق ئۇۋالچىلىققا ئۇچراپ قالسام دوختۇرخانىغا بېرىپ ئاپامغا دەپ ئىچىمنى بوشىتىۋالاتتىم. مانا ئەمدى ئاپام يوق. كىچىكىمدىن تارتىپ ماڭا كۆڭۈل بۆلىدىغانلار بەك ئاز، دادام، ئاپام، نىگارە، ھە راست، «چايكا». ئۈمىد مەن ئەڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا ماڭا ياردەم قولىنى سۇنۇپ، ئاستا ئاستا تۇرمۇشۇمغا سىڭىپ كىرىۋاتاتتى، بۇنىڭدىن ھەم خۇش بولىمەن، ھەم ئەنسرەيمەن. چۈنكى بايا ئۇنىڭغا تېلېفون قىلغىنى بىر قىزكەن، قىز دوستى ياكى ئايالى بولۇشى مۇمكىن، مەن ئۇنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئۈچىنچى شەخس بولۇپ قالسام بولمايدۇ، ئۈچىنچى شەخستىن يەتكۈچە زەربە يىدىم، شۇنداق تۇرۇپ مەنمۇ مەن ئەڭ نەپرەتلىنىدىغان ئۈچىنچى شەخسكە ئايلىنىپ قالسام بولمايدۇ.
دەل شۇ ۋاقىتتا تىت تىت قىلىپ ئۇچۇر كەلدى، قارىسام ئۇچۇر «چايكا»دىن كەلگەن ئىكەن. «دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئادەم خاسىيەتلىك ئادەم ئەمەس، بەلكى نەچچە قېتىملاپ مەغلۇبىيەتكە باش ئەگمەي قايتا ئورنىدىن تۇرالىغان كىشى. خەيرلىك كەچ». ئۇ دائىم مانا مۇشۇنداق ئاكتىپ ئېنىرگىيەلىك سۆزلەر بىلەن ماڭا مەدەت بېرىدۇ، مېنى توختاپ قالماي داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەشكە، خۇشال ياشاشقا ئۈندەيدۇ. ئۇنىڭغا ئۇچۇر يازدىم:«چايكا، ئاپام ئۆلۈپ كەتتى». ئۇنىڭدىن ئۇچۇر قايتماي تۇرۇپلا تېلېفونۇم سايراپ كەتتى، تېلېفون ئەزىمەتتىن كەلگەن ئىدى. ئالغۇم كەلمەي بىر يانغا تاشلاپ قويدۇم، مەن ئالمىغانچە ئۇمۇ جاھىللىق قىلىپ ئۇرىۋەردى. ئاخىرى تېلېفوننى ئالدىم.
_ نازىيە_، ئۇ ناھايىتى جىددى گەپ قىلىۋاتاتتى، تېلېفوننى قويۇۋېتىشىمدىن ئەنسىرىگەن بولسا كېرەك:_ تېلېفوننى قويۇۋەتمەڭ، بولامدۇ؟ ئۆتۈنۈپ قالاي.
مەن ئۈندىمىدىم.
_ ئىشىمىزنى بۇنداق سۆرەپ كېتىۋەرسەك ياخشى ئەمەس. شۇڭا مەن...
_ ئاجرىشىدىغان ئىشقۇ شۇ. ماقۇل، مەن قوشۇلدۇم_، ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغۇم كەلمەي گەپنىڭ بېلىگە تەپتىم.
_ راستما؟_ ئەزىمەت قۇلاقلىرىغا ئىشەنمىگەندەك بىر خىل ھاياجان ئىچىدە ۋارقىرىۋەتتى.
_ سىزگە چاقچاق قىلىپ ئولتۇرۇشقا رايىم يوق مېنىڭ. كېيىنكى دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 9دا خەلق ئىشلار ئىدارىسىنىڭ ئالدىدا كۆرۈشەيلى.
_ ماقۇل_، ئەزىمەتنىڭ ئاۋازىدىن ئېغىر يۈكتىن قۇتۇلغاندەك تۇيغۇدا بولىۋاتقىنىنى پەرق قىلىش تەس ئەمەس ئىدى. ئايگۈزەل ئۇنىڭغا كۈن بەرمەيۋاتقان بولسا كېرەك. مەن ئايگۈزەل بىلەن بىر مەزگىل خىزمەتداش بولۇپ ئىشلىگەچكە ئۇنىڭ قانداق ئادەملىكىنى خېلى ئوبدان بىلىمەن، ئۇ ماڭا ئوخشاش نېمە دېسە ھەئە دەپ ئولتۇرىدىغانلاردىن ئەمەس. تېلېفوننى بېسىۋېتىپ بىر يانغا تاشلاپ قويۇپ، كۆزۈمنى يۇمۇپ خىياللىرىمنى داۋاملاشتۇردۇم.
يەكشەنبە كۈنى كەچقۇرۇنلۇقى چىرايلىق كۆڭلىكىمنى كىيدىم، سۇس گىرىم قىلىپ، كۆڭلىكىمگە ماسلاشتۇرۇپ سومكامنى ئېسىپ، ئەينەككە قارىسام ماڭا خېلى ئىسكەت كىرىپ قاپتۇ. ئۆيدىن چىقىپ ، شەھەر مەركىزىدىن چەترەك جايدىكى «ئارام»دەيدىغان بىر قەھۋەخانىغا باردىم. كۆڭلۈمگە باشقا بىر پىلاننى پۈكۈپ بارغان ئىدىم.
_ نېمە ئىچىسىز؟_، كۈتكۈچى كېلىپ سورىدى.
_ شىكەر قوشمىغان قارا قەھۋەدىن بىر ئىستاكان بېرىڭ_ دېدىم مەن، ئاندىن _ تېلېفونىڭىزنى ئىشلىتىۋالسام بولامدۇ، تېلېفونۇمنىڭ توكى قالماپتىكەن.
_ ئەلۋەتتە بولىدۇ_ ئۇيانچۇقىدىن تېلېفونىنى چىقىرىپ ماڭا ئۇزاتتى. تېلېفوننى قولۇمغا ئېلىپ بىر قىسقا ئۇچۇرنى يوللىدىم، ئاندىن قىسقا ئۇچۇرنى يۇۋېتىپ تېلېفوننى قايتۇرۇپ بەردىم.
_ رەھمەت سىزگە.
_ ئەرزىمەيدۇ.
قەھۋەخانا ئاددىي، ئەمما ئىنتايىن راھەت بېزەلگەن، قويۇلىۋاتقان مۇزىكىمۇ ئادەمنىڭ مېڭىسىنى ئارام ئالدۇرىدىغان يىنىك مۇزىكا ئىدى. دېمەك بۇ ئىسمى جىسمىغا لايىق ئارام قەھۋەخانىسى ئىدى. مەن بويرۇتقان قەھۋە چىقتى، مەن ئادەتتە قەھۋە ئىچىپ كەتمەيمەن، شۇڭا قانداق قەھۋە ياخشى، بۇنىمۇ بىلمەيمەن. شۇڭا كىنولاردا كۆرىۋالغىنىم بويىچىلا بويرۇتتۇم، ئەمما مەن بويرۇتقان قەھۋە بەك قىرتاقكەن، ئازراق ئىچىپلا ئىچەلمەي قويۇپ قويدۇم. بىردەمدىن كېيىن ئالدىراپ-تېنەپ بىرەيلەن كىرىپ، ئۇدۇل مېنىڭ يېنىمغا كەلدى. ئۇ ئەزىمەت ئىدى.
_ نېمە ئىشىڭىز بار ئىدى، مەن ئالدىرايمەن.
_ ھېچقانداق ئىشىم يوق، شۇ پاراڭلىشىپ ئولتۇرايلىمىكىن دەپ چاقىردىم.
_ سىز بىلەن قۇرۇق پاراڭ قىلىپ ئولتۇرىدىغان ۋاقتىم يوق مېنىڭ._ ئۇ جىددى بىر ھالەتتە ئەتراپىغا قاراپ قويدى.
_ قانداقلا بولمىسۇن ئىككى يىل سىزنىڭ خوتۇنىڭىز بوپتىمەن. ئەتە ئاجرىشىپ كېتىمىز، ماڭا دەيدىغان بىرەر گېپىڭىز يوقما؟
_ ۋاي ۋۇي، نازىيە. سىزگە دەيدىغان نېمە گېپىم بولاتتى، بولدى، ئەتە خەلق ئىشلار ئىدارىسىنىڭ ئالدىدا كۆرۈشەيلى._ دەپ ئورنىدىن تۇردى ئۇ.
_ راستلا ھېچقانداق گېپىڭىز يوقما؟ مۇشۇنداق قىلسىڭىز گېپىمدىن يېنىۋالىمەن جۇمۇ؟
مەن ۋاقىتنى قەستەن سوزۇۋاتاتتىم. گېپىمدىن يېنىۋالىمەن دېگەن گېپىمنى ئاڭلاپ، ئەزىمەتنىڭ چىرايى ئۆزگەردى.
_ ئاجرىشىشقا ماقۇل بولغانتىڭىزغۇ، يېنىۋالىمەن دېگىنىڭىز نېمىسى؟
دەل شۇ چاغدا ئىشىكتىن بىرى كىردى، مەن ئالايىتەن ئىشىككە ئۇدۇل ئولتۇرغاچقا كىرگەن ئادەمنى ئېنىق كۆرۈپ تۇراتتىم. ئۇنى كۆرۈپلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئەزىمەتكە ئېسىلىپ پىچىرلىدىم:
_ مېنى ئاخىرقى قېتىم قۇچاقلاپ قويمىسىڭىز، گېپىمدىن يېنىۋالىمەن.
ئەزىمەت ئامالسىز قولىنى ماڭا ئۇزىتىشىغا بىر قول كېلىپلا ئۇنىڭ ياقىسىغا ئېسىلدى، بۇ ئايگۈزەل ئىدى.
_ بۇ بىر نېمىنى بۇنداق ئۇنتۇيالمايدىغان ئادەم نېمىشقا مېنى ھامىلدار قىلىپ قويدۇڭ؟ ئۆيۈڭنى تۇتساڭ بولمامتى؟
ئەزىمەت تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بۇ ئىشتىن قاتتىق چۈچۈپ نېمە قىلارىنى بىلمەي تۇرۇپلا قالدى. مېنىڭ قولۇم تېخىچە ئەزىمەتنىڭ بېلىكىدە ئىدى.
_ مەن سىزگە چۈشەندۈرەي، گۈزەل.
_ قولۇڭنى تارت، مېنىڭ ئېرىمغا ئېسىلىپ يۈرگىنىنى بۇ رەسۋانىڭ.
ئۇنىڭ گېپىگە بەك كۈلگۈم كەلدى. ئەمما قايتۇرۇپ بىر نېمە دېگۈم كەلمىدى. ئايگۈزەلنىڭ ئاغزى رەسمى بۇزۇلدى، ئۇ مېنى تىللاۋاتاتتى، ئەزىمەتنى تىللاۋاتاتتى. تىللاپ ھاردى بولغاي، مېنى ئۇرىدىغانغا تەمشەلدى، ئۇ ئەمدى قولىنى كۆتۈرۈشىگە بىر قول كېلىپ تۇتىۋالدى.
_ ھە؟ ئۈمىد؟
توغرا، ئۇنىڭ قولىنى تۇتىۋالغىنى ئۈمىد ئىدى. ئۇ مېنىىڭ بۇ يەردىلىكىمنى قانداق بىلدىكىنە؟
_ ئىززىتىڭىزنى بىلىپ بۇ يەردىن كېتىپ قېلىڭ، ھېلى بىكار ھە. _ دېدى ئۇ، ئاندىن ئەزىمەتكە قاراپ_ بىر ئەر كىشى تۇرۇپ، ئىككى ئېغىز گېپىڭنى ئۆتكۈزەلمەمسەن؟
ئەزىمەت بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىنلا ئەقلىنى تاپقاندەك ئايگۈزەلنى سۆرەپ دېگۈدەك ئېلىپ چىقىپ كەتتى. ئۈمىد ئاستا كېلىپ ئۇدۇلۇمدا ئولتۇردى.
_ سىز...مېنىڭ بۇ يەردىلىكىمنى قانداق بىلدىڭىز؟- دېدىم مەن ھەيرانلىق بىلەن.
_ بۇ قەھۋەخانا مېنىڭ بىر دوستۇمنىڭ. ئۇ ھېلىقى كۈنى كېچىلىك بەزمىخانىدا ئىككىمىزنىڭ بىللە تۇرغىنىمىزنى كۆرگەن، شۇڭا سىزنىڭ يالغۇز بۇ يەرگە كىرگىنىڭىزنى كۆرۈپلا ماڭا تېلېفون قىپتىكەن.
ئۇ تونۇيدىغان ۋە ئۇنى تۇنۇيدىغان ئادەملەر ھەقىقەتەن ئاز ئەمەسكەن، بۇ ئۈمىد زادى قانداق ئادەمدۇ؟
_ ئۇنىڭ بىلەن يەنە كۆرۈشۈپ يۈرۈپسىزغۇ؟_ ئاغرىنىش ھەم ئازراق ھەسەت ئارىلاش شۇنداق دېدى ئۇ.
_ ئەتە ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىمەن. شۇڭا ئاخىرقى قېتىم ئۆچۈمنى ئېلىۋالاي دېدىم_، دېدىم مەن.
ئۈمىد قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.
_ يەردىن بېشىنى كۆتۈرەلمەي، تارتىنىپ ئولتۇرىدىغان نازىيە خېنىمنىڭ گەپلىرىنى قانداق قىلاي.
_ توشقانمۇ ئاچچىقى كەلسە ئادەم چىشلەيدۇ دېگەن گەپ بارغۇ؟
_ ئۇ تېخىمۇ قاتتىقراق كۈلدى. ئۇنىڭ كۈلگەن ھالىتىمۇ شۇنچىلىك يېقىملىق ئىدى.
_ ماڭا نېمىشقا بۇنداق ياردەم قىلىسىز؟_ دېدىم مەن.
_ئادەمنىڭ ئىچىنى ئەزگۈدەك يىغلاپ تۇرغان بىر ئايال كىشىگە ياردەم قىلماي ئۆتۈپ كېتىدىغان ئەر كىشى يوقمىكىن دەيمەن. _ تومتاقلا شۇنداق جاۋاب بەردى ئۇ.
تاغدىن باغدىن بىردەم پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن قەھۋەخانىدىن چىقتۇق. ئۇ مېنى يەنە ئۇدۇل ئۆيۈمگە ئاپىرىپ قويۇپ كەتتى. ئۆيگە كىرىپ تۇرۇشۇمغا كيۇكيۇغا ئۇچۇر كەلدى. ئۇچۇر «چايكا»دىن كەلگەن ئىدى. «نازىيە، ئادەم كۆڭلى خالىغان ئىشنى قىلىشى كېرەك، بىھۇدە ئىشلار ئۈچۈن ئۆزىنى ئازابلىغۇدەك ھايات ئۇنچىۋالا ئۇزۇن ئەمەس» ھەر قېتىم ئۇنىڭدىن ئۇچۇر كەلگەندە بىر خىل غەيرەتكە تولىمەن. ھە راست، ئالدىنقى قېتىم ئاپامنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىك ئۇچۇرىنى يېزىپ بولۇپ ئۇنىڭغا يوللىماپتىكەنمەن، دەيمۇ دېمەيمۇ، نەچچە ئويلىنىپ ئاخىرى ئۇنىڭغا دېيىش قارارىغا كەلدىم:«چايكا، ياخشىمۇسىز، ئاپام ئۆلۈپ كەتتى. مەن ئەتە ئاجراشقىلى بارىمەن. ئەمدى راستلا ھېچنېمىسى يوق، تىكەندەك يالغۇز قالدىم» ئۇ ئاۋۋال «ئاپىڭىزنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىدىن كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى. كۆپ ئويلىماڭ» دېگەن ئۇچۇرنى يوللىدى، كەينىدىنلا يەنە بىر ئۇچۇر يوللىدى:«ئۆتمۈشكە خوش دىيىشكە جۈرئەت قىلالىسىڭىزلا، ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىسىغا ئېرىشەلەيسىز» .
ئەتىسى ئەتىگەندە ئورنۇمدىن تۇرۇپلا تېلېفونغا قارىسام «چايكا» قۇياش چىققان سۈرەتنى يوللاپتۇ. «نازىيە، گەرچە ئىككىمىز دۇنيانىڭ ئىككى چېتىدە بولساقمۇ، ئەمما ئوخشاش بىر قۇياش نۇرىنى كۆرىمىز. بۈگۈنكى ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».
ئورنۇمدىن تۇرۇپ يۈز كۆزۈمنى يۇيۇپ تۇرۇشۇمغا ئەزىمەتتىن تېلېفون كەلدى.
_ تەييارلىق قىلىپ تۇرۇڭ، سىزنى ئالغىلى بارىمەن.
_ ياق، مەن ئۆزۈم بارىمەن، مەينەتلەر ئولتۇرۇپ مەينەت قىلىۋەتكەن ماشىنىدا ئولتۇرغۇم يوق.
ئەزىمەت مېنىڭ بارماي قېلىشىمدىن ئەنسىرىگەن بولسا كېرەك، بولمىسا ھەرگىز مېنى ئالغىلى كېلىمەن دېمەيتتى. مەن ئالدىرىماي كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ، گىرىمىمنى قىلىپ، كىيمىگىلى ئۇزۇن بولغان ئېگىز پاشنىلىق ئايىقىمنى كىيىپ ئەينەككە قاراپ باقسام خېلى روھلۇق بولۇپ قاپتىمەن. ئۆزۈمدىن رازى بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئىشىكتىن چىقتىم.....
كوچا ئاپتوبۇسىدىن چۈشۈپ قارىسام، ئۇ خەلق ئىشلار ئىدارىسىنىڭ ئالدىدا بىردەم بىردەم سائەتكە قاراپ تىتىلداپ تۇرغان ئىكەن، مېنىڭ كەلگىنىمنى كۆرۈپ كۆڭلى جايىغا چۈشتى بولغاي. يۈگۈرۈپ ئالدىمغا كەلدى ۋە ئاجرىشىش كېلىشىمنامىسىنى ماڭا سۇندى. ئۇنى ئوقۇپ كۈلۈپ كەتتىم. ماشىنا، ئۆي ھەممە نەرسە ئۇنىڭغا قالىدىكەن، مەن كىيىم-كېچەكلىرىمنى ئېلىپلا چىقىپ كېتىدىكەنمەن. ئىككى يىل جەريانىدا ئاپامنى داۋالىتىشقا ئىشلەتكەن پۇللارنىڭ ھېسابىنى قىلمايدىكەن. راستىمنى ئېيتسام ئۇنىڭ بىلەن قەتئىي ئارتۇق پاراڭلاشقۇم كەلمىدى. ئۇ تەييارلاپ قويغان قەلەمنى ئېلىپلا قول قويۇپ ئۇنىڭ يۈزىگە ئېتىۋېتىپ، كەينىمگە بۇرۇلدۇم. ئۇ مېنى تارتىپ:
_ ھېلىقى ئۈمىد دېگەندىن يىراق يۈرۈڭ، ياخشى نېمە ئەمەستەك قىلىدۇ._ دېدى.
_ سىز ياخشى ئادەمما؟
بەلكىم ئۇنىڭغا يەنە باشقا گەپلەرنىمۇ قىلار بولغىيتتىم، تۇيۇقسىز ئۇنىڭغا ئېتىلغان بىر مۇشتتىن مەنمۇ ئەندىكىپ كەتتىم.
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
…
………
…………

………
…………
















