
بۇ ئەسەرنىڭ 5 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
|
ئورنۇمدىن تۇرغان چېغىمدا بەدىنىم ئۇرۇپ چېقىۋەتكەندەك ئاغرىپ تۇراتتى. دوختۇرخانىغا بارساملا ئەزىمەت بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشىم ئېنىق بولسىمۇ يەنىلا بارمىسام بولمايتتى، ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ يۈرىۋەرسەممۇ بولمايدۇ، يەنە كېلىپ خاتالىق مەندىن ئۆتمىگەن تۇرسا، مەن نىمىدىن خۇدۇكسىرەيتتىم. چايكا ئېيتقاندەك، ئەتە ھەرقانچە مۈشكۈل بولسىمۇ ھامان ماڭماي بولمايدۇ. ئەزىمەت بىلەن مۇناسىۋىتىمىز قانداقلا بولۇپ كەتسۇن، دوختۇرخانىدا ئاپام ياتىدۇ، مەن ئاپامدىن ئايرىلالمايمەن، ئاپاممۇ مەندىن ئايرىلالمايدۇ. چۈنكى ئاپام ھازىر دۇنيالىقتىكى بىردىنبىر يېقىن ئادىمىم.
بۇرۇن مەن ئەزىمەت ئىشلەيدىغان بەخت دوختۇرخانىسىنىڭ يىڭنە سانجىپ داۋالاش بۆلۈمىدە سىستېرا ئىدىم. دوختۇرخانىغا كىرىشىمگە تونۇيدىغان خىزمەتداشلىرىمنىڭ ھەممىسى ھەيرانلىق بىلەن قورسىقىمغا قاراشتى.
_ نازىيە، بوشىنىدىغان ۋاقتىڭىز بولمىغاندۇ؟
_ ياق، سىزنىڭ مۆلچەر تۇغۇت ۋاقتىڭىز 9-ئايدا ئىدىغۇ؟
_ ئەجىبا بالا....
ئۇلارنىڭ گەپلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇشقا رايىم يوق، ھېچنىمە دېمەستىن ئۇلارغا قاراپ مىيىقىمدا كۈلۈپ قويۇپلا لىفىتقا چىقتىم. لىفىتتىن چۈشۈپ بىر مۇنچە يوغان قورساق ئاياللارنى كۆرگەندىلا ئاندىن ئېسىمنى يىغدىم، بايا ئادەتلەنگىنىم بويىچە ئۈچىنچى قەۋەتنىڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپتىمەن ئەمەسمۇ. ئۈچىنچى قەۋەت تۇغۇت بۆلۈمى، دەل ئەزىمەت ئىشلەيدىغان بۆلۈم.
تېخى ئىشقا چۈشىدىغان ۋاقىت بولمىغاچقا ئۇنىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئىشىكى يېپىقلىق تۇراتتى. ئەمما كارىدوردا نومۇر ئېلىپ ئۆچىرەت بولۇپ تۇرغانلار خېلى بار ئىدى. مېنىڭ يېنىمدىلا بىر جۈپ ئەر_ ئايال ئولتۇرغان بولۇپ، بېشىنى يېقىن ئەكىلىپ، قولىدىكى تەكشۈرۈش قەغىزىگە قاراپ تۇراتتى.
_ئاران بىر كىلو 300 گرامما؟ نىمانداق كىچىك؟
ئەر ئايالىنىڭ قورسىقىنى سىلاپ، كۈلۈپ تۇرۇپ :
ھازىر كىچىك بولغان بىلەن يەنە چوڭ بولىدۇ .
ئۇلارغا ھەقىقەتەن بەك ھەۋەس قىلدىم. گەرچە بۇ يەرگە كېلىشتىن بۇرۇن ھەرقانداق ئېھتىماللىقلارغا ئىدىيەمدە تەييارلىق قىلىپ كەلگەن بولساممۇ، ئەمما بۇ ئىللىق كۆرۈنۈشتىن قەلبىم لەرزىگە كەلدى. باشقىلارغا ئاجىزلىقىمنى بىلدۈرگۈم كەلمىدى، شۇڭا يىغلىۋېتىشتىن بۇرۇن ئۆزۈمنى دالدىغا ئالاي دەپ ھاجەتخانىغا كىرىۋالدىم. مەن كىرىپ بىردەمدىن كېيىنلا سىرتتىن ئادەم كىردى ۋە ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىۋالدى.
_ نىمە قىلىۋاتىسىز؟ ئىشقا چۈشىدىغان ۋاقتىمىز بولدى.
_ گۈزەل، سىزنى بىردەم كۆرمىسەم چىدىمايدىغان بولۇپ قالدىم، مېنى خۇمار قىلىپ قويدىڭىزغۇ؟
قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم. ئەزىمەتنىڭ گۈزەل دەپ چاقىرغىنىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئاندىن ھېلىقى ئايالنىڭ كىملىكىنى بىلدىم. بۇ دوختۇرخانىدا گۈزەل ئىسىملىك بىرىلا بار، ئۇ ناركوز بۆلۈمىدە ئىشلەيدىغان ئايگۈزەل ئىدى. تۇغۇت بۆلۈمى بىلەن ناركوز بۆلۈمى بىر بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملەر، ئەمما بۇ ئىككىيلەننىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇ دەرىجىگە بېرىپ يېتىشىنى ئويلىماپتىكەنمەن.
_ ئەزىمەت، نازىيە يوقاپ كەتتى دېدىڭىزغۇ، قەيەرگە كەتكەندۇ؟
_ بىلمەيمەن. لېكىن ئۇ ھامان دوختۇرخانىغا كېلىدۇ، ئاپىسى بۇ يەردە ئەمەسمۇ.
مېنى ئوبدان بىلىدىكەنسەن ھە دەپ ئويلىدىم.
_ توغرا دېدىڭىز. ئەنسىرىمەڭ، ئۇنىڭ ھېچقانداق ئارقا تىرىكى يوق، ئۇۋالچىلىق تارتقان بىلەنمۇ ھېچنىمە قىلالمايدۇ.
_ ھەئە. ئۇنىڭغا كېرىكى پۇل. ۋاقتى كەلگەندە ئازراق پۇل بەرسەملا غىڭ قىلماي مەن بىلەن ئاجرىشىدۇ.
_ ھېلىمۇ مەن سىزنى ساقلىغىلى بەك ئۇزۇن بولدى، ئەمدى ساقلىيالمايمەن جۇمۇ، تېزدىن ئاجرىشىڭ.
_ خاتىرجەم بولۇڭ، گۈزىلىم، سىزنى ھەرگىز نائۈمىدتە قويمايمەن.
نىمىدېگەن گۈزەل ۋەدىلەر بۇ؟ بۇنداق ۋەدىنى بۇرۇن ئۇ ماڭىمۇ بەرگەن. ئىشىكنى ئىتتىرىپلا چىقىپ ئۇلارنى ئوڭايسىز ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويماقچى بولدۇم-يۇ يەنە توختاپ قالدىم. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۆزۈمنىڭ گاس بولۇپ قېلىشىمنى شۇنچىلىك ئۈمىد قىلىپ كەتتىم. تۇيۇقسىز تېلېفونۇم سايراپ كەتتى.
تېلېفونۇم سايرىشى بىلەن تەڭ سىرتتىكى ئاۋازمۇ بېسىقىپ قالدى. ئىش بۇ دەرىجىگە يەتكەندە يەنە جىم تۇرىۋېلىشنىڭ ئورنى يوقتە. تېلېفون ئۈمىدتىن كەلگەن ئىدى. ئۇ نېمە ئىش بىلەن تېلېفون قىلغاندۇ؟ ئەمما بۇ تېلېفون دەل ۋاقتىدا كەلگەن ئىدى، مۇشۇ باھانىدە ئۇلار بىلەن يۈزمۇ يۈز كۆرۈشىدىغان بولدۇم. مەن ئىنتايىن سالماق بىر ھالەتتە ئىشىكنى ئېچىپ چىققاچ تېلېفوننى ئالدىم.
_ سىز قەيەردە؟ _، سورىدى ئۈمىد تېلېفوندا.
_ مەن بەخت دوختۇرخانىسىدا_، مەن قىسقىلا جاۋاب بېرىپ تېلېفوننى قويۇۋەتتىم. ئۆزۈمنى قەستەن تەمكىن تۇتىۋالغان بولۇپ ئۇلارغا قارىدىم. ئۇلار بىر بىرىگە ئېسىلغان ھالەتتە نىمە قىلارىنى بىلمەي ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالغان ئىدى. بىر نەچچە سىكۇنت شۇ ھالەتتە تۇرۇپ ئاندىن بىر بىرىنى قويۇۋېتىشتى. ئەزىمەت ھودۇققىنىدىن دەرھال قولىنى تارتىۋالدى. ئايگۈزەلنىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ كەتكەن ئىدى، بۇنداق ھالەتتە ئۇچرىشىپ قالسا ھەرقانچە يۈزى قېلىن ئادەمنىڭمۇ نومۇس تۇيغۇسى ئويغىنىپ قالسا كېرەك. يەنە كېلىپ ئۇچرىشىپ قالغىنى باشقا بىرى ئەمەس، بەلكى ئەزىمەتنىڭ قانۇنلۇق ئايالى.
_ نازىيە، ھەممىنى ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆردىڭىز، ئەمدى قايتا ئىزاھلاپ ئولتۇرىشىمىزنىڭمۇ ھاجىتى قالمىدى. ھازىر مېنىڭ بويۇمدا بار، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى كۈدە كۆرپىڭىزنى يىغىشتۇرۇپ يوقىلىڭ.
بۇ گەپتىن ئەندىكىپ ئۇنىڭ قورسىقىغا قاراپ قويدۇم. ئۇنىڭ تۆنۈگۈن مېنىڭ قورسىقىمدىكى بالىنى شۇنچە ئالدىراش بىر تەرەپ قىلىۋەتكىنى بىكار ئەمەسكەن، ئەسلى ئۇنىڭ ئاشنىسىنىڭ بويىدا قاپتىكەن ئەمەسمۇ. مەن «راستما» دېگەن سوئال نەزىرىدە ئەزىمەتكە قارىدىم، ئۇ كۆزىنى مەندىن ئېپ قېچىپ تۇراتتى. ئايگۈزەل بېرىپلا ئۇنىڭ بېلىكىدىن تۇتىۋالدى.
_ ئۇ سىزنى ئەمەس، مېنى ياخشى كۆرىدۇ، شۇڭا باشقىلارنىڭ ئالدىدا سەتلىشىپ قالماي دېسىڭىز، ئۆزىڭىزنى بىلىپ كېتىپ قالغىنىڭىز تۈزۈك.
مەن نومۇسسىز ئادەملەرنى كۆرۈپ باققان، ئەمما بۇ دەرىجىدە نومۇسسىز ئادەمنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن. «كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ» دېگەن مۇشۇ ئوخشايدۇ، دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. مەن ئاچچىققىنە بىرنى كۈلۈپ قويۇپ:
_ باشقىلارنىڭ ئالدىدا سەتلىشىدىغىنى مەنمۇ ياكى سىزمۇ؟ سەتلىشىدىغان ئىشنى ئۆزى قىلىپ دەۋاتقان گېپىنى قارا.
بۇ گېپىم ئايگۈزەلنىڭ تىتاڭ تۇمۇرىغا تىگىپ كەتكەن بولسا كېرەك، مېنى ئۇرىمەن دەپ قولىنى كۆتۈرۈپلا كەلدى. ئەزىمەت ئۇنى توسىۋېلىپ، ماڭا قاراپ:«ئىشخانامغا كىرىڭ» دېدى. تۆنۈگۈن ھېلىقى ئىش بولغاندا ئۇنىڭ بىلەن يۈزلىشىپ قېلىشتىن شۇنچىلىك قورققان ئىدىم، چۈنكى ئۇ نەزىرىمدە شۇ قەدەر قورنۇچلۇق ئادەمگە ئايلىنىپ بولغان ئىدى. ئەمما ھازىر مەندە قىلچە قورقۇنۇچ يوق، ئادەم ھەممىدىن ئۈمىدسىزلەنگەن چاغدا ھېچنىمىدىن قورقماس بولۇپ كەتسە كېرەك. ئىشخانىنىڭ ئالدىدا بىر مۇنچە ئادەم ئۆچىرەتتە تۇرۇپ كېتىپتۇ. ئەزىمەت ئىشىكنى ئاچقاندىن كېيىن، مەن ئۇنىڭ كەينىدە تۇرۇپلا:
_ گەپ بولسا مۇشۇ يەردىلا دەڭ، مەن نومۇس قىلغۇدەك ھېچقانداق ئىش قىلمىدىم_، دېدىم.
مەن ئۇنى ئوڭايسىزلاندۇرۇش ئۈچۈن قەستەن ئۈنلۈك ئاۋازدا شۇنداق دېدىم. ئەزىمەت قوشۇمىسىنى تۈرۈپ ماڭا بىر قارىۋېتىپ، مېنى تارتىپلا ئىچىگە ئەكىرىپ ئىشىكنى ياپتى. ئۇ ئىشخانىسىغا كىرىپ، ئورۇندۇقتا ئولتۇردى، چىرايىدىكى بايىقى ئوڭايسىزلىق ئالامەتلىرى تېخى كەتمىگەن ئىدى، ئاستا بېرىپ بىر ئىستاكان چاي قۇيۇپ ئىچىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ماڭا قاراپ يالغاندىن كۆيۈنگەن قىياپەتتە «ھازىر شامالداپ قالسىڭىز بولمايتتى» دېدى.
_ خاتا ئاڭلاپ قالمىغاندىمەن، ئەزىمەت، ماڭا كۆڭۈل بۆلىۋاتامسىز؟_، ئىنتايىن ئاچچىق كۈلۈپ كەتتىم_ ئۆيدىن ھەيدىلىش ئالدىدا تۇرغان خوتۇنىڭىزغا بۇنداق كۆيۈنۈپ كەتسىڭىز ئاشنىڭىزنىڭ ئاچچىقى كېلىپ قالارمىكىن.
ئۈمرۈمگە كېلىپ بۇنداق زەرخەندىلىك بىلەن گەپ قىلىپ باقمىغان ئىكەنمەن. ئىلگىرى ئەزىمەتنىڭ ھالىدىن بىر ئۆمۈر خەۋەر ئېلىشنى دىلىمغا پۈكۈپ كەلگەن بولسام، ئەمدىلىكتە ئالدىمدا تۇرغان بۇ كىشى كۆزۈمگە ھايۋاندىن بەتەر كۆرۈنۈپ كېتىۋاتاتتى. ئەزىمەتنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلگەن، ئىككى قولىنى جىپىسلاشتۇرۇپ ئۈستەلگە قويۇپ ئولتۇراتتى.
بۇ ئېلاننى دەسسەپ ئۈتۈپ كىتىڭ
_ نازى، ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ، ئىش بۇ دەرىجىگە يەتتى، سىزمۇ ھەممىنى كۆردىڭىز، ئارتۇق سۆزلەپ ئولتۇرۇشۇمنىڭ ھاجىتى قالمىدى، بىز ئاجرىشىپ كېتەيلى.
بۇ ئىككى ناكەسنىڭ سۆرۈشۈپ يۈرگىنىگە خېلى بولغاندەك قىلاتتى. ئەزىمەت بۇرۇن ماڭا يالغاندىن بولسىمۇ يامان ئەمەس مۇئامىلە قىلاتتى، تۇيۇقسىز مۇئامىلىسى ئۆزگىرىپ كېتىشى ئايگۈزەلنىڭ بويىدا قالغانلىقى ئۈچۈنكەن ئەمەسمۇ. مۇرادىڭلارغا يەتكۈزمەيمەنغۇ قانداق؟
_ ئەگەر مەن قوشۇلمىسامچۇ؟ ئەينى ۋاقىتتا كۆزۈم كور بولۇپ سىزنى خاتا تاللاپ قاپتىمەن، قۇلىقىم گاس، كاللام قاپاق بولۇپ قېلىپ شىرىن-شىكەر گەپلىرىڭىزگە ئىشىنىپ كېتىپتىمەن. ئەمدى ئاجرىشىمەن دېيىشىڭىز ئۇخلاپ چۈشىڭىز. ئۇنىڭ بىلەن توي قىلسىڭىز قىلىۋېرىڭ، قوش تويلىشىش جىنايىتى ئۆتكۈزۈشتىن قورقمىسىڭىز ئۇنىڭ بىلەن تويىڭىزنى قىلىۋېرىڭ، ئىشقىلىپ مەن ئاجراشمايمەن.
شۇ گەپلەرنى دەۋېتىپ ئاخىرىغا كەلگەندە ئىختىيارسىز ئاۋازىم چىڭ چىقىپ كەتتى.
_ ھازىر سەل ھاياجانلىنىپ قالدىڭىز، ئۆزىڭىزنى بېسىۋالغاندا ئاندىن سۆزلىشەيلى._، ئۇ بىردەم تۇرىۋالغاندىن كېيىن يۈرىكىمگە خەنجەر بولۇپ قادىلىدىغان گەپتىن بىرنى قىلدى _ لېكىن مەن بىر قارارغا كېلىپ بولدۇم، ئارتۇق گەپ ئارتۇق. گۈزەلنىڭ بويىدا بار، بىز بۇ بالىنى ئېلىشنى قارار قىلدۇق.
ئۇ بالىنىڭ گېپىنى چىقىرىۋىدى، تۆنۈگۈن كەچتە ئۇ كۆتۈرۈپ ماڭغان قارا سۇلياۋ خالتا ئېسىمگە كېلىپ، يۈرىكىمگە قايتىدىن ئاغرىق كىرىپ كەتتى.
_ ھەر ئىككىسى سىزنىڭ بالىڭىز، ئەجىبا ئۇنىڭ قورسىقىدىكى گۆھەر، مېنىڭ قورسىقىمدىكى ئەرزىمەس گۆشمىكەن؟
_ ئىككىمىزنىڭ تويىمىز ئەسلىمۇ بىر چوڭ خاتالىق. نازى، ۋاقتىڭىز چىققاندا كېلىپ نەرسە كېرەكلىرىڭىزنى ئېلىپ كېتىڭ، سەتلىشىپ يۈرمەي، چىرايلىق ئايرىلايلى.
_ چىرايلىق ئايرىلايلى؟_، مەسخىرىلىك كۈلدۈم مەن_ مېنى ئالداپ قورسىقىمدىكى بالىنى چۈشۈرىۋېتىپ ئەمدى قوپۇپ چىرايلىق ئايرىلايلى دەۋاتامسىز؟ ئاشنىڭىز بىلەن توي قىلىشقا ئالدىراپ كېتىۋېتىپسىزدە، مەن سىزگە دەپ قوياي، ئەزىمەت، سىلەر بىلەن قېرىشقىنىم قېرىشقان، ئاجراشمايمەنغۇ تازا. قاراپ تۇرۇڭ. _، شۇنداق دەپ بولۇپ چىقىپ كەتتىم. ئىشىك ئالدىدا تۇرغانلار ماڭا ھېسداشلىق نەزىرى بىلەن قاراشتى. ئۇ يەردىن ئاستا ئايرىلدىم، كاللام غۇڭۇلداپلا كەتكەن ئىدى.
ئۇنىڭ ئالدىدا ئۇنداق دەپ چىققىنىم بىلەن، ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆتۈشۈم مۇمكىن ئەمەس، ئاجراشمايمەن دىيىشىم ئۇنىڭ بىلەن قېرىشىش ئۈچۈنلا خالاس. ئەتە ھەرقانچە مۈشكۈل بولسىمۇ ماڭماي بولمايدۇ دە. يالغۇز قالساممۇ يەنە تۇرمۇشنى داۋاملاشتۇرۇشۇم كېرەك.
بەشىنچى قەۋەتتىكى دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ روخسەتنى بىكار قىلماقچى بولدۇم. كىچىك بولسىمۇ تۇغۇت ئوپېراتسىيىسى قىلدۇردۇم، ئەمما خىزمەت قىلمىسام، پۇل تاپمىسام بولمايدۇ. ئەمدى ئۆزۈمگە تايىنىشىم كېرەك، ئاپامنى داۋالىتىشقىمۇ پۇل كېتىدۇ، دوختۇر ئاپامنى ھۇشىغا كېلىشىدە ئۈمىد بار دېگەن. دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئىشكىدىن قاراپ ئىچىدە ئايگۈزەلنىڭ تۇرغىنىنى كۆرۈپ كەينىمگە يانماقچى بولدۇم يۇ، يەنە كىرىۋەردىم. ئايگۈزەل ماڭا قاراپ سوغۇققىنە بىرنى كۈلۈپ قويۇپ ئىستاكاننى كۆتۈرۈپ سۇ ئالغىلى ماڭدى. مەن كىرىشتىكى مەقسىتىمنى دوختۇرخانا باشلىقىغا ئېيتقاندىن كېيىن ئۇ گەپ سۆز قىلماي بىردەم تۇرۇپ كەتتى. ئاندىن ئوڭايسىز بىر ھالەتتە :
_ نازىيە، مۇنداق ئىش، ئالدىنقى كۈنى بىر نەچچە بىمار سىزنى ئەرز قىلىپ كىرىپتۇ، سىزنى خىزمەت پوزىتسىيىسى پەقەت ياخشى ئەمەس دەيدۇ. شۇڭا دوختۇرخانىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە سىز ئىشتىن بوشىتىلدىڭىز_، دېدى.
تۇرۇپلا قالدىم. مەن ئىشقا كەلمىگىلى بىر نەچچە ئاي بولغان تۇرسا، قايسى ئالدىنقى كۈنى ئەرز قىلغاندۇ؟
_ دادا، چاي ئىچىڭە_، ئايگۈزەل قولىدىكى ئىستاكاننى دوختۇرخانا باشلىقىغا سۇندى.
بەخت دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى خەمىت ئەپەندىنىڭ ئايگۈزەلنىڭ دادىسى ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم، ئەمما مەن ئۇ كىشىنى ئادىل ئىش قىلىدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن. قارىغاندا بەك ساددىلىق قىلغان ئوخشايمەن.
_ نازىيە، دوختۇرخانىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق بەلگىلىمىسى بار، سىزنى دەپ قائىدىنى بۇزساقمۇ قاملاشمايدۇدە، شۇنداقمۇ؟
خەمىت دوختۇرخانا باشلىقى بىر خىل ئوڭايسىزلانغان قىياپەتتە ماڭا قارىدى، ئەمما ئۇنىڭ ئورۇندۇقىغا يۆلىنىپ تۇرغان ئايگۈزەل «قانداق قىلالايتتىڭ» دېگەندەك مەغرۇر قاراپ تۇراتتى.
_ ماقۇل، چۈشەندىم.
ئۆرۈلۈپ مېڭىشىمغا بېشىم قېيىپ، كۆزۈم قاراڭغۇلىشىپ كەتتى، ئەمما ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئاجىزلىقىمنى بىلدۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن قەددىمنى تىك تۇتۇپ چىقىپ كەتتىم. ئەزىمەت ئىشىك ئالدىدا تۇرغان ئىكەن، قارىغاندا مېنىڭ ئىشتىن بوشىتىلغانلىقىمدىن ئۇ ئاللىبۇرۇن خەۋەردار بولغان بولسا كېرەك. توغرىسى ئۇمۇ بۇنى پىلانلىغۇچىلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ئېنىق. ئۇنى كۆرمىگەنگە سېلىپ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋەردىم. بالنىست رايونىغا ئۆتىدىغان قايرىلمىغا كەلگەندە بىرى كېلىپلا كەينىمدىن تارتتى.
_ نازىيە دېگەن قانجۇق، سەندە ئازراق بولسىمۇ نومۇس تۇيغۇسى بولسا ئۆزۈڭنى بىلىپ يوقال، ئەزىمەت قورسىقىمدىكى بالىنىڭ دادىسى. ئەمدى تولا ئۇنىڭغا ئېسىلىۋالما.
ئالدىمدا ماڭا قولىنى نۇقۇشلاپ سۆزلەۋاتقان ئايگۈزەلگە قاراپ، ئەزىمەت ئىككىسىنىڭ ئىشلىرى كۆز ئالدىمغا كېلىپ كۆڭلۈم ئېلىشىپ كەتتى.
_ ئايگۈزەل، بەك ئاشۇرىۋەتمەڭلار.
يېنىمىزدىن ئۆتۈۋاتقانلار بىزگە غەلىتە بىر خىل نەزەردە قارىشىپ ئۆتۈپ كېتىشەتتى. ئەزىمەت كېلىپ ئايگۈزەلنى بىر چەتكە تارتتى ۋە يانچۇقىدىن بىر تال بانكا كارتىسىنى چىقىرىپ ماڭا سۇندى.
_ بۇ كارتىدا 10 مىڭ يۈەن پۇل بار. سىز ئاجرىشىش كېلىشىمنامىسىگە قول قويۇپ، ئۆيدىن كۆچۈپ چىقىپ كەتكەندە ئاندىن مەخپىي نومۇرىنى دەپ بېرىمەن.
بانكا كارتىسىمۇ تەيياركەن، دېمەك ئۇ بۈگۈنكى مۇشۇ كۈن ئۈچۈن خېلى كۆپ باش قاتۇرغاندەك قىلاتتى. ئۇ مۇشۇنچىلىك تەييارلىقلارنى قىلىپ بولغۇچىمۇ ھېچقانداق ئىشنى سەزمەي يۈرگىنىمنى دەيمەن، مەن نىمانچە ھاماقەت. كارتىنى ئالماي، ئۇنىڭغا چەكچىيىپ قاراپلا تۇردۇم. ئويلىمىغان يەردىن ئايگۈزەل ئەزىمەتنىڭ قولىدىن بانكا كارتىسىنى يۇلۇپ ئېلىپلا ماڭا قارىتىپ ئاتتى. ئۇ تۇيۇقسىزلا شۇنداق قىلغاچقا ئۆزۈمنى قاچۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمىدىم، مۇزدەك كارتا كۆز قويرۇقۇمنى جىجاپ ئۆتۈپ كەتتى. كۆزۈمنى تۇتقىنىمچە يەردە ياتقان بانكا كارتىسىغا قارىدىم، كۆڭلۈمدىكى غەزەپ نەپرەتنىڭ ئورنىنى چۈشكۈنلۈك ئىگىلىۋالدى. مەن ئۇلارنىڭ شۇنچە نومۇسلۇق ئىش قىلغان تۇرۇپمۇ يەنە نىمىشقا چوڭ سۆزلەيدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئازراق چۈشەنگەندەك قىلدىم، تازىلىق ئۆيىدە ئايگۈزەل دېگەندەك، مېنىڭ ھېچقانداق ئارقا تىرىكىم يوق، ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان ھالەتتىمۇ ھېچنىمە قىلالمايتتىم.
ئەينى ۋاقىتتا، ئەزىمەت ماڭا توي تەكلىپى قويغان چاغدا مەن ئۇنىڭغا ھەممىنى ئېنىق دېگەن، ئاپامنىڭ ئۆسۈملۈك ئادەم ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىسام بولمايدىغانلىقىنى دېسەم، ئۇ بىر تالاي قۇرۇق ۋەدىلەرنى بېرىپ، كەلگۈسىمىزنى بىللە يارىتىمىز، سىزنىڭ ئاپىڭىز مېنىڭمۇ ئاپام، ئاپىمىزنى بىللە داۋالىتىمىز دەپ كەتكەن ئىدى. شۇ چاغدا ئۇنىڭ مەن بىلەن توي قىلىش ئىرادىسى قانچىلىك كۈچلۈك بولغان بولسا، ھازىر مېنى ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتىش ئىرادىسىمۇ شۇنچىلىك كۈچلۈك ئىدى. تويدىن بۇرۇن ئۇنىڭدىن تەسىرلىنىپ كەتكەن بولسام ھازىر ئۇنىڭ ئورنىنى پۈتۈنلەي نەپرەت ئىگىلەپ بولغان ئىدى. ئۇنىڭغا غەزەپ بىلەن تىكىلدىم.
_ ئەزىمەت، ئون مىڭ يۈەن بىلەن ۋىجدانسىزلىقىڭىزنىڭ ئورنىنى تولدۇرغىلى بولامدۇ؟ سىزغۇ ۋىجدانىڭىزنى يوقاتقان ئادەم، ئەمما مېنىڭ ئۆتۈپ كەتكەن ياشلىقىمنى قايتۇرۇپ بېرەلەمسىز؟
ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىشقا شۇنچىلىك تىرىشىۋاتاتتىم، چۈنكى ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي قالساملا ئۇتتۇرۇپ قوياتتىم. ئەمما يەنىلا ئۆزۈمنى كونترول قىلالماي تىترەپ كەتتىم. ئەزىمەت ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشى ئۆزىگە ئايان بولغاچقا بىر ئېغىزمۇ ئارتۇق گەپ قىلالمىدى. ئەمما ئايگۈزەلنىڭ ئاغزى جىم تۇرمىدى:
_ ياشلىقىم دەپ كەتكىنىنى. توي قىلىپ ئىككى يىلدا قېرى خوتۇننىڭ ئۆزى بوپسەن، ئېرىڭ نىمىشقا تالاغا قارايدۇ، سەۋەبىنى ئويلاپ باقمىدىڭما؟
بۇ گەپنى ئاڭلاپ دەرھال ئەزىمەتكە قارىدىم، ئەزىمەت دەقىقە ئارىلىقىدا ئوڭايسىزلانغانلىقىنى چاندۇرۇپ قويدى. مەن ئۇنىڭدىن كۆزۈمنى يۆتكەپ ئايگۈزەلگە قاراپ دېدىم:
_ توغرا. ئېرىم تالاغا قارىدى، لېكىن بۇنىڭ سەۋەبچىسى پۈتۈنلەي مەن ئەمەس، تالادىكى ئالۋاستى يامان چىقىپ كەتكەننىڭ ئىشى. ئەمما سەن ۋاي دەپ كەتكەن بۇ ئەرمۇ تايىنلىق.
ئايگۈزەل«نېمە دېدىڭ» دېگىنىچە يۈگۈرۈپ كېلىپ مېنى ئىتتىردى، تەييارلىقسىز تۇرغاچقا ئۆزۈمنى كونترول قىلالماي يىقىلپ چۈشتۈم. بۇلۇڭغا داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان كېرەكسىز نەرسىلەر دۆۋىلەپ قويۇلغان بولۇپ، ئەينەك پارچىلىرىمۇ بار ئىدى. يىقىلغان چېغىمدا قولۇم بىلەن يەرنى تىرىۋالغاچقا ئىككى قولۇمنىڭ ئالقىنىغا نۇرغۇن ئەينەك پارچىلىرى كىرىپ، دۈمبەم بىلەن پۇتۇمنىڭ بىر نەچچە يېرىنىمۇ ئەينەك تىلىۋەتتى. ئەمما مەن چىشىمنى چىشلەپ ئاغرىغانلىقىنى چاندۇرمىدىم. ئۇنىڭ مېنى ئىتتىرىۋەتكىنىنى كۆرۈپ تاماشا كۆرۈش ئۈچۈن ئەتراپىمىزغا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر يىغىلدى. ئايگۈزەل يەنە كېلىپ مېنى ئۇرماقچى بولۇۋىدى، ئەزىمەت ئۇنى تۇتىۋالدى.
_ بولدى، گۈزەل، بۇنداق قىلماڭ.
ئۇنىڭ ئىشنى يوغىنىۋەتكۈسى كەلمىگەن بولسا كېرەك. ئۇ يۈزىنى بەك ئايايدىغان ئادەم ئەمەسمۇ.
_ نېمە، ئىچىڭىز ئاغرىپ كەتتىما؟_، ئايگۈزەل ئۇنىڭغا قاراپ ھۆركىرىدى. ئەزىمەت گەپ قىلىشقا پىتىنالمىدى، بۇنى كۆرۈپ سوغۇق كۈلۈپ قويدۇم.
__ قانداقلا بولمىسۇن ئىككى يىل ئۆي تۇتقان خوتۇنى مەن، ئىچى ئاغرىسا بولمامدىكەن؟
_ ھۇ يۈزى قېلىن._، ئۇ يەنە مېنى ئۇرماقچى بولۇپ قولىنى كۆتۈرۈپ يۈگۈردى. مەن ئورنۇمدىن تۇرالمىغاچقا «يەنە تاياق يەيدىغان بولدۇم» دەپ تەييارلىق قىلىپ كۆزۈمنى يۇمۇپ تۇردۇم، ئەمما ئۇنىڭ شاپىلىقى تەگمىدى. كۆزۈمنى ئېچىپ قارىسام باشقا بىر قول ئۇنى بېلىكىدىن تۇتىۋالغان ئىكەن.
بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۇ ئادەمگە قارىدىم،ئۇ ئادەم دەل ئۈمىد ئىدى.
داۋامى بار
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
…
………
…………

………
…………
















