
بۇ ئەسەرنىڭ 11 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
|||
بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئۈمىدنىڭ دوختۇرخانىدا دېگەن گېپى ئېسىمگە كېلىپ جىددىيلىشىپ كەتتىم. ئۇ چاغدا ئۈمىدنى ئۇ گەپنى ئەزىمەت بىلەن ئايگۈزەلگە ئاڭلىتىپ قويۇش ئۈچۈن مۇنداقلا دەپ قويدى دەپ ئويلىغان بولساممۇ، ئەينى ۋاقىتتا چاندۇرمىغىنىم بىلەن قەلبىم لەرزىگە كەلگەن ئىدى. ئەمما ئۇنى دېگەن گېپىنى ئۇنتۇپ كەتتىغۇ دەپ ئويلىسام، يەنە دوختۇرخانىدا دېگەن گەپ دەۋاتىدۇغۇ.
_ مەن ئەزىمەتكە سەن بۈگۈن نازىيە بىلەن ئاجراشساڭ، مەن ئەتىسى ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىمەن دېگەن ئىدىم.
_ مەن سىزنى ئۇ گەپنى چاقچاق قىلىپ دېدى دەپ ئويلاپتىمەن.
_ چاقچاق ئەمەس، مەن راستتىن دېگەن، نازى.
_ لېكىن مەن بىر ئاجراشقان ئايال. سىز تېخى توي قىلمىغان يىگىت، ئىككىمىز بىر بىرىمىزگە ماس كەلمەيمىز. سىزمۇ ئۆزىڭىزگە لايىق قىزدىن بىرنى تېپىڭ. سىز خالىسىڭىزلا مەندىن ياش، مەندىن چىرايلىق قىزلار كۆپقۇ سىزگە.
_ ئەمما مەن خالىمايمەن. چۈنكى مەن سىزگە ئامراق.
_ ئامراقلىق دېگەن ئامراقلىق. ئامراق بولدۇم دەپلا توي قىلغىلى بولامتى؟
«ھەي، يەنىلا ساددا بالىكەن دە بۇ، »دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.
_ توغرا، ئامراق بولدۇم دەپلا توي قىلغىلى بولمايدۇ، ئەمما ياخشى كۆرۈش ئاۋۋال ئامراقلىقتىن باشلىنىدۇ ئەمەسمۇ. بۈگۈندىن بۇرۇن سىز قانداقلا بولمىسۇن ئېرى بار ئايال ئىدىڭىز، شۇڭا مەنمۇ ئارىلىق ساقلاپ، سىزگە ئارتۇق گەپ قىلمىغان ئىدىم. ئەمما بۈگۈن ئاجرىشىپ ئەركىن ئادەم بولدىڭىز، ئەمدى ھەر ئىككىمىز ئوخشاش ئادەم بولدۇق، شۇڭا قورۇنۇپ ئولتۇرۇشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق.
_ لېكىن......
_ سىزگە راست گەپنىلا قىلاي. سىزنى تۇنجى قېتىم كۆرگەن چېغىمدىلا بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ھەرقانداق ئىشقا ئۇچرىسا ئۇنىڭغا چوقۇم ياردەم قىلىمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم. مېنىڭ سىزنى مەڭگۈ قوغداپ، قانات ئاستىمغا ئېلىپ ئۆتكۈم بار.
ئەلۋەتتە ئۈمىدتەك مۇنەۋۋەر، كېلىشكەن ئەرنى كۈندۈزى چىراق يېقىپمۇ تاپقىلى بولمايدۇ. ئەگەر راستلا ئۇنىڭ بىلەن توي قىلالىسام بۇ ماڭا ئامەت كەلگىنى دەپ بىلسەم بولىدۇ. ئۇ تەقى-تۇرقى، مىجەزى جەھەتتىن ھەقىقەتەن يۈز نومۇرمۇ ئازلىق قىلغۇدەك ئەر. ئەمما قايسى كۈنى ئۇنىڭغا بىر قىز بالىدىن تېلېفون كەلدى، ئۇ تېلېفوننى ئېلىپلا ئالدى-كەينىگە قارىماي چىقىپ كەتكەن. ئۇ قىز زادى كىم؟ مەن بۇنى بىلمەي تۇرۇپ ئۇنىڭغا بىر نىمە دېسەم بولمايدۇ دە.
_ سىزگە يەنە بىر گەپنى دەي. چوڭ دادام لىمفا راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قالدى، دوختۇر ئۇنى كۆپ بولغاندىمۇ ئىككى يىللا ياشىيالايدۇ دەيدۇ. چوڭ دادامنىڭ بىر ئارزۇسى بار، ھاياتلىقىمدا سېنىڭ تويۇڭنى بىر كۆرىۋالسام دەيدۇ.
بۈگۈن تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى تىلغا ئېلىشى. ئۇنىڭ خىزمىتى، ئائىلىسى توغرىلىق ھېچقانداق ئىشنى بىلمەيمەن.
_ لېكىن مەن بىر ئاجراشقان ئايال.
_ ئۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ؟ ئۆزىڭىزگە شۇنچىلىك ئىشەنچىڭىز يوقما؟
مېنىڭ ئۆزۈمگە ئىشەنچىم يوق ئەمەس، ئەمما ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتقا، مۇھەببەت دېگەن نەرسىگە ئىشەنچىم يوق، چۈنكى مەن ئىشەنگەن، بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتىمەن دەپ ئەقىدە قىلغان كىشىدىن كۆڭلۈم ئەڭ قاتتىق ئاغرىغان. مېنىڭ ئەمدى، ئېنىقى بۇنداق ئالدىراپ باشقا بىرى بىلەن توي قىلىپ، ئەمدى ساقايغان باش ئاغرىقىمنى يەنە قوزغىغۇم يوق. ئەمما ئۈمىد ھەقىقەتەن بولىدىغان ئەر. يەنە كېلىپ ئۇ مېنى قوغدىماقچى، مەندەك ھېچقانداق ئىگە چاقىسى يوق يالغۇز بىر ئايالنى قانات ئاستىغا ئالماقچى. لېكىن ئۇنىڭغا تېلېفون قىلغان ھېلىقى قىز كىم؟ ئاياللار ھەرقانچە كەڭ قورساق بولسىمۇ، ھېسسىيات ئىشىغا كەلگەندە شۇنچىلىك شەخسىيەتچى بولۇپ كېتىدۇكى، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنىڭ كۆڭلىدە باشقا بىر ئادەمنىڭ بولۇشىنى ھەرگىز قوبۇل قىلالمايدۇ.
_ توغرا دەيسىز، مەن توي قىلىش ئۈچۈنلا توي قىلىمەن دېسەم ئەتراپىمدا ھەقىقەتەن قىز بالا دېگەن كۆپ، ئەمما مەن سىزنىڭ يېنىڭىزدىلا ئۆزۈمنى تاپقاندەك بولىدىكەنمەن.
_ لېكىن....
_ بولدى، باشقا گەپنى قويۇپ، ئەتە نوپۇس دەپتىرىڭىزنى تەييار قىلىپ تۇرۇڭ، سىزنى ئالغىلى كېلىمەن. ئەتىلا بېرىپ ئۆيلىنىش خېتى ئالايلى.
_ ھە؟
بۇ گەپنى ئاڭلاپ تېخىمۇ چۆچۈدۈم.
_ ھېچبولمىغاندا ئازراق تەييارلىق قىلىۋالسام بولار؟
_ نېمە تەييارلىق قىلىسىز؟ تەييارلىقنى ئالدىرىماي بىللە قىلىمىز. دوختۇر چوڭ دادامنى كۆپ بولغاندا ئىككى يىل ئۆمۈر كۆرەلىشى مۇمكىن دېگەن بىلەن، ئىككى يىل ئۆمۈر كۆرەلەمدۇ يا ئۇنىڭدىن قىسقىمۇ ياكى ئۇنىڭدىن ئۇزۇن بولامدۇ، بىلگىلى بولمايدۇ. ماڭا ياردەم قىلغىنىڭىز بولۇپ قالسۇن. نازى.
ئۆيۈمگە كىرىپ كېتىدىغان كوچا ئاغزىغا كەلدىم. مەن ئىشىكنى ئېچىپ بولغۇچە، ئۈمىد چاققانلىق بىلەن ماشىنىدىن چۈشۈپ ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بەردى. مەن ماشىنىدىن چۈشىۋالغاندىن كېيىن، ئۇ ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى يېپىۋېتىپ، مېنى ئۆيگە ئەكىرىپ قويماقچى بولۇپ بىللە ماڭدى.
_ بولدى، سىز كېتىۋېرىڭ، ئۆزۈم كىرىپ كېتىمەن.
_ بەك كەچ بولۇپ كەتتى، خاتىرجەم بولالمايمەن. سىزنى ئۆيىڭىزگە كىرگۈزىۋېتىپ ئاندىن ماڭمىسام بولمايدۇ. كېچىدە باشقا جايغا قېچىپ كەتسىڭىز قانداق قىلىمەن؟_، دەپ كۈلدى ئۇ.
ئۆيۈمنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئۇ قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ:
_ نازى قىز، بۈگۈن كېچە ياخشى ئۇخلاپ، ئەتە كۆتۈرەڭگە كەيپىيات بىلەن ئورنىدىن تۇرۇڭ ھە. ئەتە ھاياتىڭىزدا بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولىدىغان كۈن. ياخشى ئارام ئېلىڭ ئەمىسە. _ شۇنداق دەپ بۇرنۇمنى چىمدىپ قويۇپ كەينىگە بۇرۇلۇپ پەلەمپەيدىن چۈشىۋېتىپ_ ھازىرلا كىرىپ نوپۇس دەپتىرىنى سومكىڭىزغا سېلىۋېلىڭ ھە. ئەتە ئۇنتۇپ قېلىپ ئىش پۈتمەي قالمىسۇن يەنە.
ئۆيگە كىرىپلا كىيمىمنىمۇ ئالماشتۇرماي ئۆزۈمنى كارىۋاتقا تاشلىدىم. بۈگۈن بولغان ئىشلار كۆز ئالدىمدىن كىنو لېنتىسىدەك ئۆتۈشكە باشلىدى. ئەزىمەتنىڭ مەن بىلەن ئاجرىشىشقا ئالدىراپ كېتىشى، ئاجرىشىش كېلىشىمنامىسىنىڭ مەزمونى، كەينىدىنلا ئۈمىدنىڭ كەينىگە مىنگىشىپ ۋېلىسپىت بىلەن تاغقا چىققىنىمىز، ئۈمىدنىڭ بايا يولدا كېلىۋېتىپ دېگەن گەپلىرى، ئەتە خەلق ئىشلار ئىدارىسىگە ئۆيلىنىش خېتى ئالغىلى بارماقچى بولغىنىمىز...... ئەتىگەن تېخى بىر توي تۇرمۇشىدىن چىقىپ ئەتە ئەتىگەندىلا يەنە بىر توي تۇرمۇشىغا قەدەم باسارمەنمۇ؟ ھەرقانچە ئويلىساممۇ بۇ ئىشنى ئەقلىمگە سىغدۇرالمايۋاتاتتىم. يەنە بىر تۇرۇپ ئۈمىدنىڭ چوڭ دادىسىنىڭ كېسىلى يادىمغا يەتتى. چوڭلارنىڭ كۆڭلىدە شۇنداق بىر ئارزۇسى بولىدۇ، بالامنىڭ ياكى نەۋرەمنىڭ تويىنى كۆرىۋالسام دەيدىغان. خىيالىم مۇشۇ يەرگە كەلگەندە كۆزۈم نەملەندى. مېنىڭ ئاتا ئانامنىڭمۇ شۇنداق ئارزۇسى بار بولغىيتتى. لېكىن ئۇلارنىڭ ئۈمرى قىسقا كېلىپ قالدى. مەنمۇ باشقىلاردەك توي قىلغاندا ئاپام ئۆيدىن ئۇزىتىپ قويسا، دادام قىزىمنىڭ تويى بولدى، ئۆيدىن كەتتى دەپ كۆڭلى بۇزۇلۇپ يىغلىغان بولسا...لېكىن ئۇلار كۆرەلمىدى. مۇشۇلارنى ئويلاپ كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ يىغلاپ سالدىم. دەل شۇ چاغدا تېلېفونۇمغا ئۇچۇر كەلدى. ئۇچۇر ئۈمىدتىن كەلگەن ئىدى.
_ ئۇخلىدىڭىزمۇ؟
سائەتكە قارىسام كېچە سائەت بىردىن ئېشىپتۇ. بۇ كېچىدە ئۇچۇر قايتۇرۇپ يۈرۈشنى ئەپ كۆرمەي قايتۇرمىدىم. تېلېفون يەنە سايرىدى.
_ ئۇخلاپ قاپسىزدە. مەن ھاياجاندا ئۇخلىيالمايۋاتىمەن. ئەتە سىز بىلەن بىللە خەلق ئىشلار ئىدارىسىگە بارىدىغىنىمنى ئويلىسام يۈرىكىم باشقىچە تىپچەكلەپ كېتىۋاتىدۇ. بولدى، ئارامىڭىزنى بۇزۇپ قويماي. ياخشى چۈش كۆرۈڭ، تاتلىق.
ئەلۋەتتە ئۈمىد بىلەن توي قىلالىسام بۇ مېنىڭ بەختىم. ئەمما...... مەن تېخى بۈگۈن ئاجراشقان تۇرسام. لېكىن ئۈمىد دېدىغۇ، چوڭ دادىسىنىڭ كېسىلى ئېغىركەن، بوپتۇمۇ يە؟ ئۈمىدكە پۈتۈنلەي كۆڭلۈم يوقمۇ ئەمەس، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلسام بەختىمنىڭ ئېچىلغىنى شۇ. لېكىن بۇنچە تېزلا...... ھەر خىل خىياللار ئىلكىدە ئۇخلاپ قاپتىمەن. ئەتىسى تېلېفوننىڭ سايرىشى بىلەن ئويغاندىم. تېلېفوننى ئۈمىد ئۇرغان ئىكەن.
_ خەيرىلىك سەھەر، گۈزىلىم. ئورنىڭىزدىن تۇردىڭىزمۇ؟
تۆنۈگۈن مەن ئاجراشقاندىن بۇيان ئۈمىدنىڭ گەپ-سۆزلىرىمۇ ئۆزگىرىپ كېتىۋاتاتتى.
_ ئەمدى تۇرىمەن_، دېدىم مەن ئۇيقۇلۇق ئاۋازدا.
_ ئۇيقۇنى بۇنىڭدىن كېيىن ئۇخلىۋالىسىز، مەن سىزنى ئەتىگىنى ماڭا ناشتىلىق تەييارلاپ بېرىڭ دېمەيمەن، قاچان ئورنىڭىزدىن تۇرغىڭىز كەلسە شۇ چاغدا تۇرسىڭىز بولىۋېرىدۇ. ئەمما بۈگۈن چوقۇم بالدۇر تۇرۇپ تەييارلىق قىلمىسىڭىز بولمايدۇ.
ئاۋازىدىن ئۇنىڭ قاتتىق ھاياجانلىنىۋاتقىنى چىقىپ تۇراتتى.
_ ماقۇل.
ئىرىنچەكلىك بىلەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ، يۈز كۆزۈمنى يۇيۇپ، ناشتا قىلىپ بولغىچە ئۈمىد كېلىپ بولدى. ئۇ ئەتىگەندە ئۆيۈمگە كىرىشنى بىئەپ كۆردىمۇ، ماڭا تېلېفون قىلىپ«تېزرەك چۈشۈڭ، مەن كوچا ئاغزىدا» دېدى. كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ، ئازراق گىرىم قىلىپ چۈشتۈم. ھە راست، چۈشكىچە نوپۇس دەپتىرىنى سېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالمىدىم. ئەمما كۆڭلۈمدە يەنىلا دەككە-دۈككە. ئۈمىد مېنىڭ چىققىنىمنى كۆرۈپ ماشىنىدىن چۈشۈپ«ياخشى ئۇخلاپسىزمۇ، مەلىكەم» دېدى ۋە ئىشىكنى ئېچىپ بەردى، مەن چىقىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن بىخەتەرلىك تاسمىسىنى باغلاپ قويدى.
_ ھە راس، نوپۇس دەپتىرىنى ئالغانسىز ھە؟
_ ھەئە، ئالدىم. لېكىن ئۈمىد....
_ ھە.
بۇ ئېلاننى دەسسەپ ئۈتۈپ كىتىڭ
تۇيۇقسىز نېمە دىيىشىمنى بىلمەي قالدىم.
_ بىز بۇنداق تېزلا.....
_ ھە، تېزلا ئۆيلىنىش خېتى ئېلىۋالساق قانداق بولىدۇ؟ مەن سىزنى يا چۈشەنمىسەم، مېنى ياخشى كۆرەمسىز كۆرمەمسىز بىلمىسەم. بۇنداق تەۋەككۈلچىلىكنى قىلالمايمەن، توي دېگەن ئۆمۈرلۈك ئىش، سىزمۇ، مەنمۇ ياخشى ئويلانمىساق بولمايدۇ دېمەكچىمۇ؟
كۆڭلۈمدىكىنى بىلىۋالغاندەك شۇنداق دېدى ئۇ. مەن بېشىمنى لىڭشىتتىم.
_ ماڭا قاراڭ، نازى. ھەر ئىككىمىز كىچىك بالا ئەمەس. يەنە كېلىپ سىز بىلەن توي قىلىش مەن تۆنۈگۈن كاللام قىزىپ قېلىپ بىردەمدە چىقارغان قارار ئەمەس. مەن دوختۇرخانىدا ئەزىمەتكە ھېلىقى گەپنى قىلغاندىلا شۇ قارارغا كېلىپ بولغان. ئەزىمەت بىلەن بەرىبىر ئۆيۈڭلار ئۆي بولمايتتى. شۇڭا مەن سىزنىڭ ئاجرىشىشىڭىزنى ساقلاپلا تۇرغان. ھېلىمۇ بەك كەينىگە سۆرىۋەتتىڭىز_، دېدى ئۇ.
_ بىراق مەن دېگەن بىر ئاجراشقان، يەنە كېلىپ تېخى تۆنۈگۈن.
_ ۋاي ۋۇي، نازى. مۇشۇ ئاجراشقان دېگەن گەپنى ئۇنتۇپ كېتىڭە. تۆنۈگۈندىن باشلاپ يېپيېڭى نازى بولدىڭىز. مېنىڭ مەلىكەم بولدىڭىز. بۈگۈندىن بۇرۇنقى ئىشلارنىڭ ھەممىنى ئۇنتۇپ كېتىڭ، بۈگۈن سىزنىڭ يېڭى ھاياتىڭىز باشلىنىدۇ، مەن سىزنى ئاسرايمەن، قوغدايمەن، كۆزىڭىزدىن بىر تامچىمۇ ياش ئاققۇزمايمەن.
_ نېمىشقا مەن بىلەن توي قىلىشنى ئويلاپ قالدىڭىز؟_، سورىدىم مەن.
_ راست گەپ ئاڭلىغۇڭىز بارمۇ؟
_ ھەئە.
_ چۈنكى سىز ساددا.
_ ساددا؟_ چۈشەنمەي سورىدىم.
_ سىز باشقا قىزلاردەك كاللا ئويناتمايسىز، بەك ئاقكۆڭۈل. ئەمما ئاقۆڭۈللۈكىڭىزدىن باشقىلار پايدىلىنىپ كۆڭلىڭىزگە قاتتىق ئازار بەردى. مەن دىل يارىڭىزنى ساقايتىمەن، مەلىكەم. يەنىمۇ ئېنىقراق ئېيتسام مەن سىزنىڭ يېنىڭىزدا ئۆزۈمنى ئەركىن ھېس قىلىمەن، سىزنى ياخشى كۆرىمەن، شۇڭا سىز بىلەن توي قىلىش قارارىغا كەلگەن مەن.
ئەمدى ئارتۇق گەپ سوراشنىڭ ھاجىتى قالمىدى. شۇنداق قىلىپ خەلق ئىشلار ئىدارىسىگىمۇ كەلدۇق. بىز ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا كىرگەندە ئالدىمىزدىلا تونۇش بىر ماشىنا تۇراتتى. ئۇ ئەزىمەتنىڭ ماشىنىسى ئىدى. دۇنيادا مۇشۇنداقمۇ توغرا كېلىپ قېلىش بولىدىكەن دېسە. ماشىنىدىن ئايگۈزەل چۈشتى، ئۇ بۈگۈن ئۇچىسىغا مۈرىسى كەڭ قىسقا كۆڭلەك، پۇتىغا ئارا پاشنىلىق ئاياق كىيىۋالغان ئىدى. ئۇنىڭ كەيپىياتى خېلى ياخشى كۆرۈنەتتى، ھېلىقى كۈندىكى ئىشتىن كېيىن ئەزىمەت ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ ئەيۋەشكە كەلتۈرۈپتۇ-دە. ئۇلارنى كۆرۈپ چىرايىمنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكىنىگە ئۈمىدمۇ دېققەت قىلغان بولسا كېرەك.
_ نازى، بۈگۈن مەن بىلەن بۇ يەرگە ئۆيلىنىش خېتى ئالغىلى كەلدىڭىز ھە. باشقا ھەرقانداق ئادەم، ھەرقانداق ئىش بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن.
ئۇنىڭغا بۇرۇلۇپ قارىدىم. راستىمنى ئېيتسام ئەتىگەندىن بۇيانقى جىددىيچىلىكتە ئۈمىدكە دېققەت قىلىپمۇ قارىماپتىكەنمەن. ئۇ بۈگۈن ئالاھىدە سالاپەتلىك بولۇپ كەتكەن ئىدى، ئۇچىسىدىكى كاستيۇم بۇرۇلكىسى ئۇنىڭ سالاپىتىگە ھەسسىلەپ سالاپەت قوشقان، قولىغا تاقىۋالغان سائىتى كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇرىدۇ، قارىماققا ئۇنداق ئەرزان پۇللۇق سائەتتەك قىلمايتتى. شۇنى دەيمەن، ئۇنىڭدەك ئەزىمەتتىن نەچچە ھەسسە مۇنەۋۋەر، كېلىشكەن ئەر يېنىمدا تۇرسا نېمىگە كۆڭلۈمنى پاراكەندە قىلاتتىم. ئۇنىڭدىن پەخىرلەنسەم بولىدۇ تېخى. كىرىدىغان يېرىمىز بىر بولغاچقا ئۇلاردىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇشۇممۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. دەرۋەقە بىنانىڭ ئالدىدا دۇقۇرۇشۇپ قالدۇق. مەن ئۇلارنى ئاللبۇرۇن كۆرۈپ بولغاچقا دۇقۇرۇشۇپ قالغىنىمىزدىن ئانچە ھەيرانمۇ قالمىدىم.
_ نازىيە، سىز بۇ يەرگە نېمىگە كەلدىڭىز؟_ ئۇ خۇددى مېنىڭ ئەزىمەتنى تارتىۋېلىشىمدىن قورققاندەك، ئەزىمەتنىڭ بېلىكىگە چىڭ ئېسىلغاچ سورىدى. مىيىقىمدا كۈلۈپ قويدۇم، چۈنكى مېنىڭ قولتۇقلىۋالغىنىم ئەزىمەتتىن نەچچە ھەسسە مۇنەۋۋەر ئەر تۇرسا.
_ سىلەر نېمە قىلغىلى كەلگەن بولساڭلار بىزمۇ شۇنى قىلغىلى كەلدۇق.
ئەزىمەت بۇ گەپنى ئاڭلاپ دەرھال ئۈمىد ئىككىمىزگە قارىدى. ئۇنىڭ ئۈمىدنىڭ راستلا مەن بىلەن توي قىلماقچى بولغىنىغا ئىشەنگۈسى كەلمىگەندەك قىلاتتى. ئايگۈزەلنىڭ چرايىدا بولسا تەن بەرمەسلىك ۋە ھەسەت ئارىلاش ئىپادە ئەكىس ئەتتى. ئەمما ناھايىتى تېزلا ئۆزىنى ئوڭشاپ مەسخىرە تەلەپپۇزىدا گەپ باشلىدى.
_ ئويلىماپتىكەنمەن، بۇ جاھاندا كىيىپ تاشلىۋەتكەن كونا ئاياقنى ئالىدىغانلارمۇ بار ئىكەن دېسە.
ئايگۈزەلنىڭ بۇنداق گەپلىرىگە كۆنۈپمۇ قالغان ئىدىم. ئاستا ئۈمىدكە قارىدىم، ماڭا ھاقارەت قىلغىنى ئۈچۈن ئۇنىڭمۇ ئاچچىقى كەلگەن بولسا كېرەك، كۆزىدىن غەزەپ ئۇچقۇنى چاقناپ كەتتى. مەن ئۇنىڭ بۇ يەردە ئۇلار بىلەن تۇتۇشۇپ قېلىشىنى خالىمايتتىم.
_ توغرا، مەن كونا ئاياق. ئەمما سىزمۇ يېنىڭىزدىكى باشقىلار كىيىپ تاشلىۋەتكەن سېسىق چوخەينى ئەتىۋارلاپ چېكىڭىزگە قىسقۇدەك بولۇپ كېتىپسىزغۇ؟
ئايگۈزەلنىڭ ئاچچىقتىن كۆزلىرى چەكچىيىپلا قالدى، ئەمما ماڭا نېمە دېيىشنى بىلەلمىدى بولغاي، ئاغزى يۇمۇلدى. بۇ گەپنىڭ مېنىڭ ئاغزىمدىن چىققىنىغا ئۈمىدنىڭمۇ ئىشەنگۈسى كەلمىگەن بولسا كېرەك، دەرھال ماڭا قارىدى. مەن كۈلۈپ قويۇپ:
_ بۇنداق ئادەملەرگە ئاغزىمىزنى ئۇپرىتىپ يۈرگىچە، يۈرۈڭ، بىز كىرىپ كېتىۋېرەيلى _، دەپ ئۈمىدنى قولتۇقلاپ ئۇلارنىڭ ئالدىدىن چوڭ چوڭ قەدەم بىلەن ئۆتۈپ كەتتۇق.
بۈگۈن خەلق ئىشلار ئىدارىسىگە ئۆيلىنىش خېتى ئالغىلى كەلگەنلەر خېلى كۆپ بولۇپ، ئۇزۇن ئۆچىرەت بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئىشىكتىن كىرىپ تۇرۇشىمىزغا خىزمەت فورمىسى كيىۋالغان بىر ياش يىگىت كېلىپ ئەدەب بىلەن ئۈمىد بىلەن كۆرۈشتى ۋە:
_ ئۈمىد ئەپەندى، سىز بەك ئالدىراش بولغاچقا، كۆپ ۋاقتىڭىزنى ئالماسلىق ئۈچۈن سىزنىڭ ئۆيلىنىش خېتى ئېلىش ئىشىڭىزنى بىجىرىش ئۈچۈن مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇردۇق.
شۇنداق قىلىپ ئۆچىرەت تۇرىۋاتقانلار ئارىسىدىن ئۆتۈپ بىنانىڭ ئىچكىرىسىگە قاراپ ماڭدۇق. كەينىمىزدىن غۇدۇراشقانلارمۇ، بىزگە ھەۋەس قىلىپ قاراپ قالغانلارمۇ بولدى. مەن بىر تەرەپتىن ئۆچىرەت ساقلىمىغىنىمىزغا خوش بولسام، يەنە بىر تەرەپتىن «ئۈمىد زادى نېمە ئىش قىلىدىغان ئادەمدۇ؟ ھەتتا مۇشۇ يەردىمۇ ئۆچىرەت تۇرماي ئىش بىجىرەلەيدىكىنا» دېگەن گۇمان ۋە قىزىقىش تېخىمۇ كۈچەيدى. ئۈمىدكە يېنىش يېنىشلاپ قاراپ كەتتىم، ئۇ بۇنداق ئىمتىيازدىن ھەيران قالغاندەك قىلمايتتى. خىزمەتچى خادىم ئىش بىجىىرىۋاتقاندا، مەن ئەينەكتىن سىرتقا قاراپ باقتىم. ئايگۈزەلنىڭ بىزنىڭ ئۆچىرەتمۇ تۇرماي كىرىپ كەتكىنىمىزدىن خۇيى تۇتۇپ قالغان بولسا كېرەك، تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ تۇراتتى، ئەزىمەت بىر نېمىلەرنى دەپ يالۋۇرىۋاتاتتى. ئەزىمەتنىڭ ئۇنىڭ ئالدىدا كۈچۈكلىنىپ كېتىۋاتقان ھالىتىنى كۆرۈپ ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قالدى. چۈنكى بىز توي قىلغان ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇ مەيلى خاتا قىلسۇن ياكى توغرا قىلسۇن، بىرەر قېتىم ماڭا يالۋۇرۇپ باققان ئەمەس.
خىزمەتچى خادىم ئۆيلىنىش خېتىگە تامغا بېسىپ قولىمىزغا بەرگەندە بۇ ئىشلار ماڭا چۈشۈمدەك بىلىنىشكە باشلىدى. ئۈمىد بىلەن قانۇنلۇق ئەر خوتۇن بولدۇممۇ؟ بىر ئەر بىلەن ئاجرىشىپ ئىككىنچى كۈنىلا يەنە بىر ئەر بىلەن ئۆيلىنىش خېتى ئېلىش ئەمدىلىكتە بەك بىمەنىلىكتەك تۇيۇلۇشقا باشلىدى. ئەمما ھەرقانچە بىمەنە بىلىنسۇن، چۈشۈمدەك بىلىنسۇن، بولىدىغان ئىش بولدى. ئۆيلىنىش خېتىگە تۆمۈر تامغىمۇ بېسىلىپ بولدى، ئەمدى نېمىلا دېسەممۇ بەرىبىر.
بىز ئىچىدىن چىققاندا، ئەزىمەت بىلەن ئايگۈزەل تېخىچە ئۆچىرەتتە تۇرىۋاتاتتى. ئايگۈزەل بىزنىڭ ئىشنى تۈگىتىپ چىققىنىمىزنى كۆرۈپ ماڭا يەنە زەھىرىنى چاچتى:
_ ياچىۋەكنىڭ ھالىنى قانداق قىلاي. ھەرقانچە قىلسىمۇ ئاققۇ بولالامتى ئۇ. ئەتە ئۆگۈن بۇ ئەرمۇ تاشلىۋەتسە ئولتۇرا ئاندىن.
ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىماسقا سېلىپ ماڭدىم. دەل شۇ چاغدا ئۈمىد تۇيۇقسىزلا توختاپ:
_ ھازىر ئولتۇرىۋاتقان ئۆيىڭىز قانچە كۋادرات مېتىر كېلىدۇ؟_ دەپ سورىدى.
ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن تۇيۇقسىزلا بۇنداق سورىشىنىڭ سەۋەبىنى بىلمەيلا قالدىم.
_ 80 نەچچە كۋادرات مېتىرغۇ دەيمەن. نېمە بولدى؟
_ ئاڭلىسام ئۇ ئۆيلەر پات ئارىدا چېقىلىدىكەن. مۆلچەرىمچە سىزگە ئىككى ئۈچ مىليون يۈەن تۆلەم پۇل بىلەن يەنە بىر يۈرۈش ئۆي كېلىدۇغۇ دەيمەن.
چېقىلىدۇ؟ ئەجەب بۇ گەپنى بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغانتىمغۇ؟ ئۈمىد قەستەن ئەزىمەت بىلەن ئايگۈزەلنىڭ ئىچىنى ئېچىتىش ئۈچۈن شۇنداق دەپ قويدىمۇ يە؟
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
…
………
…………

………
…………
















