大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 6- قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 6- قىسىم aybarawazi
2023-06-16
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !



بۇ ئەسەرنىڭ 7 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ

1
2
3
4
5




















ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات
6 - قىسىم


   كەينىدىنلا «پاق پۇق» قىلغان، ئاندىن  بىر ئەر كىشىنىڭ «ۋايجان» دېگەن  ئاۋازى ئاڭلاندى. كۆڭلىكىمنىڭ سىرتمىسىنى ئالدىراپ تىنەپ ئېتىپلا چىقتىم.  قارىسام ئەزىمەت بېقىنىنى تۇتقان پىتى جايىدا مىدىرلىماي تۇرۇپتۇ.  نىگارە تەيچۇەنداۋ ئۆگەنگەن، شۇڭا ئۇنىڭ مۇشتى بەك قاتتىق.

_ ئەزىمەت، مەن بۇ بىر مۇشنى نازى ئۈچۈن ئۇردۇم. ساڭا دەپ قوياي،  سەن بوزەك قىلىدىغان نازى ئەمدى يوق.

  ئەزىمەت قەددىنى رۇسلاپ، جاۋغىيىدىكى قاننى سۈرتىۋېتىپ، ماڭا قارىدى.

_  نازىيە، ئىشىمىزنى بىر تەرەپ قىلىۋەتسەك بولمامدۇ؟

ئاھ، بۈگۈن ئاشىق مەشۇقلار بايرىمى ھە. مۇشۇنداق كۈندە ئاجرىشىمەن دەپ كەلگىنىنى.

_  ئىشىڭنى قىلە. بىر تەرەپ قىلىمىز دەپ كەتكىنىنى.  كۆزۈمگە سەت كۆرۈنمەي يوقىلە.

  ئىشىكتىن چىقىدىغان ۋاقىتتا نىگارە قەستەن ئەزىمەتنى سوقۇۋېتىپ ئۆتۈپ كەتتى.   ماڭغاچ مۈرەمنى قۇچاقلاپ، قەستەن ئەزىمەتكە ئاڭلىتىپ تۇرۇپ:

_ نازى.  بۈگۈن سېنى راسا بىر ئوينىتىپ كېلەي ھە. كېلىشكەن يىگىتتىن بىر نەچچىنى چاقىرىۋالايلى. بىرەسى كۆڭلۈڭگە يېقىپ قالامدۇ تېخى ھە.

مەن ئەزەلدىن ئويۇن تاماشىغا بەك قىزىقىپ كەتمەيمەن. ئەمما نىگارەنىڭ بۇ گەپلىرىگە  پاس چىقارغاچ ماڭدىم.  قايرىلىدىغان دوقمۇشقا كەلگەندە ئەزىمەتنىڭ چىرايىنىڭ شۇ دەرىجىدە بەدبەشىرە بولۇپ كەتكىنىنى كۆرۈپ گۈلقەقەلىرىم ئېچىلىپ كەتتى.  نىگارە مېنى ئاۋۋال گۈزەللىك سالونىغا ئېلىپ بېرىپ چېچىمنى ياسىتىپ قويدى.  ياساپ بولغاندىن كېيىن ئەينەككە قاراپ ئۆزۈمنى تونۇمايلا قالدىم.  مۈرەمدىن سەل ئاشقان چېچىمنى قارا رەڭدە بوياپ، ئۇچىنى ئازراق بۈدۈر قىلىپ قويغان ئىدى، چېچىم مېنى نەچچە ياش ياشارتىۋەتكەن ئىدى.  نىگارەمۇ مېنى ماختاپ ئاغزى يۇمۇلمايلا قالدى:

_ مانا مانا، مەن دېمىدىممۇ،  بىزنىڭ نازى تەڭداشسىز  ساھىبجامالنىڭ ئۆزى.  بۈگۈن سېنى كۆرگەن ئەرلەرنىڭ ئاغزى ئېچىلىپ قالمىسا مانا مەن.

   بىز بىللە گۈزەللىك سالونىدىن چىقىپ خېلى ئېسىل بىر كېچىلىك كۇلۇبقا باردۇق.  مەن ئادەتتە بۇنداق جايلارغا كۆپ كەلمەيمەن،  شۇڭا ئىشىكتىن كىرىشىمىزگىلا ئاڭلانغان قۇلاقنى يارغۇدەك مۇزىكا ئاۋازى بىلەن ئالا بۇلىماچ رەڭلىك چىراقلاردىن بىئارام بولۇپ كەتتىم.  نىگارە مۈرەمدىن تۇتقان ھالەتتە دىسكو ئويناۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆتكۈزدى. ئارىدا بىزگە قاراپ ئاغزىنى ئىسقرتقانلارمۇ بولدى.  نىگارە ھە دەپ قۇلىقىمغا پىچىرلايتتى:

_ نازى، ئۆزۈڭنى قويۇۋەت، قورۇنما.  ئەزىمەت دېگەن بىر نىمە ساڭا قانداق ئەسكىلىك قىلدى؟ سېنىڭمۇ خۇشال ياشاش ھوقۇقۇڭ بار. بىرەر يىگىتكە كۆزۈڭ چۈشۈپ قالسا كەلتۈرىۋالساڭمۇ بولىدۇ جۇمۇ.

   ئۆزۈمنى پەقەتلا ئەركىن تۇتالمايۋاتاتتىم. پۇتلىرىم ئالمىشىپ قېلىۋاتاتتى. شۇ ھالەتتە كېتىۋېتىپ بىر تونۇش چىرايغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى.  يېقىنلا يەردىكى ئەزىز مېھمانلار ئورنىدا ئۈچ ئەر، ئىككى ئايال ئولتۇراتتى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئۈمىد ئىدى.  جايىمدا تۇرۇپلا قالدىم.

_ قايسى يىگىتكە كۆزۈڭ چۈشۈپ قالدى؟_ نىگارە سورىدى.

 ئۇنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدىم:

_  ھېلىقى كۈنى مېنى دوختۇرخانىغا ئاپارغان ئادەمنى كۆرگەندەك قىلدىم.

_  قېنى؟ _ نىگارە مەن قارىغان جايغا قاراپ _ دەۋاتقىنىڭ ئاق كۆينەك كىيىۋالغان ئاۋۇ كېلىشكەن يىگىتما؟

     ئۈمىد كېلىشكەن بولۇپلا قالماي، بىرلا قارىسا ئادەمنىڭ كۆزىگە تاشلانغۇدەك سالاپەتلىك ئىدى.  شۇڭا نىگارەمۇ بىر قاراپلا ئاشۇ شۇمۇ دەپ سورىغان ئىدى.  مەن بېشىمنى لىڭشىتتىم. نىگارە مېنى ئۇدۇل ئۇلارنىڭ قېشىغا باشلاپ ماڭدى.

_ نىگارە، ئۇنداق قىلما، بارمايمەن._،، ئۈمىدكە رەھمەت ئېيتقۇم بار بولسىمۇ، بۇنداق جايدا ئۇچرىشىپ قېلىشنى خالىمايتتىم. 

_ نېمىدىن قورقىسەن، تونۇش بولغاندىكىن، سالاملىشىپ قوي.

   نىگارە مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلامدىغان. ماھارەت ئۆگەنگەن ئادەمنىڭ كۈچىگە مەن تەڭلىشىپ بولالايتتىممۇ؟

_  كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ ھە.

   نىگارە ئۈمىدنى كۆرۈپ باقمىغان، ئەمما كونا تونۇشىنى كۆرگەندەك ھېچ قورۇنمايلا  ئۈستەلدىكىلەرگە قاراپ گەپ باشلىدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن تونۇشساممۇ، خىجىللىقتىن ئاغزىمغا گەپمۇ كەلمىدى.  كرىسلوغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ تېلېفونىغا قاراپ ئولتۇرغان ئۈمىد  نىگارەنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىدى، كەينىدىنلا مېنى كۆردى.  بۇ تاساددىپىي ئۇچرىشىشتىن تولىمۇ ئوڭايسىزلىنىپ كېتىۋاتاتتىم.

_  كەچۈرۈڭلار، كونا تونۇشلار. بىردەم ئولتۇرساق كۆڭلۈڭلارغا ئالماسسىلەر؟

  نىگارە شۇنداق دېگىنىچە مېنى ئۈمىدنىڭ يېنىغىلا ئىتتىرىپ، ئۆزى قارشى تەرەپتە قىستىلىپ ئولتۇردى  مەن ئۆزۈمنى دەڭسىيەلمەي  ئۈمىدنىڭ قۇچىقىدىلا ئولتۇرۇپ قالغىلى تاس قالدىم.  ئۇ كۈچلۈك قوللىرى بىلەن مېنى تۇتىۋالدى.  يۈزۈم ئوت بولۇپ ياندى.  مەن ئىنتايىن ئوڭايسىزلاندىم ۋە ئۇنى ئىتتىرىۋەتمەكچى بولدۇم، ئەمما ئۈمىد مېنى تېخىمۇ چىڭ تۇتىۋالدى.  ئاندىن قۇلىقىمنىڭ يېنىغا كېلىپ:« مەندىن تېخىچە  خاپا بولىۋاتامسىز، قوزام؟ خاپا بولماڭە».  ئۇ  بۇ گەپلەرنى ھەممەيلەن ئاڭلىغۇدەك ئاۋازدا دېدى.  ئۇنىڭ تۇيۇقسىز دېگەن بۇ گېپىدىن خىجىل بولۇپ يەرگە كىرىپ كېتەي دېدىم.  ئارىدىكى ئوتتۇرا ياش بىر تاقىرباش ئەر غەلىتە بىر نەزەردە ماڭا بىر قارىۋېتىپ ئاندىن ئۈمىدتىن:

_  بۇ ياق كىم  بولىدۇ؟_ دەپ سورىدى.

_ قىز دوستۇم._،  ئۈمىد ھېچ ئويلانمايلا شۇنداق دېدى، بۇ گەپ بىلەن ھەممەيلەننىڭ ھەيرانلىقتىن ئاغزى ئېچىلىپلا قالدى.  ھەتتا نىگارە بىلەن مەنمۇ ھەيران قالدىم.  تاقىرباش كىشى ھەيرانلىقىنى تەستە يوشۇرۇپ، يېنىدىكى قىزغا قاراپ:

_ قىزىمنى تونۇشتۇرۇپ قوياي دېسەم، يەنە كىچىكىپ قاپتۇق تە_، دېدى.

_  شۇنى دېگىنە، بىزنىڭ قىزلىرىمىزغا ھەر قېتىم نۆۋەت تەگمەي قالىدىكەن. لېكىن ئۈمىد ئەپەندى بەك مەخپىي ئىش قىلىدىكەنسىز جۇمۇ. كۆڭلىڭىزدىكى ئادىمىڭىزنى تېپ بولغان تۇرۇپ بىزگە ئىس بۇسىنى بىلدۈرمەي يۈرگىنىڭىزنى دەيمەن_ يوغان قورساق كەلگەن يەنە بىر كىشى ئېغىر تىنىپ قويدى.

   ئەمدى ئازراق چۈشەنگەندەك قىلدىم.  بۇ ئىككىيلەن قىزلىرىنى ئۈمىدكە تونۇشتۇرۇپ قويماقچى ئىكەن،  ئۈمىد ئۇلارنى قانداق رەت قىلىشنى بىلمەي تۇرغاندا نەق ئۈستىگىلا مەن كېلىپ قاپتىمەن.  بۇ ئىككى قىز ياش ھەم چىرايلىق ئىكەن،  ئۇلار ماڭا بىر خىل ئاغرىنىش ۋە ھەسەت نەزىرى بىلەن قاراپ قويدى. بۇنىڭدىن سەل ئۇۋالچىلىق  ھېس قىلدىم، ئەمما بۇنى چاندۇرسام بولمايدۇ دە،  ئۈمىد ماڭا شۇنچە كۆپ ياردەم قىلغان تۇرسا، مەن بىر قېتىم ياردەم قىلسام نىمە بوپتۇ؟

_ بۇ خانقىز قايسى خۇجايىننىڭ ئەتىۋارلىق مەلىكىسىكىن؟_ تاقىرباش قەستەن مېنى ئوڭايسىزلاندۇرماقچى بولغاندەك سورىدى. بۇ سوئالغا مەن جاۋاب بېرەلمەيمەن.  چۈنكى مەن ھېچقانداق خۇجايىننىڭ ئەتىۋارلىق مەلىكىسى ئەمەس،  مېنىڭ ئائىلە  كېلىپ چىقىشىمنى دەيدىغان بولسام ئۈمىدنىڭ يۈزى چۈشۈپ كېتەر.  ئۈمىد قولىدىكى تاماكا قالدۇقىنى كۈلدانغا سېلىپ مىجىپ ئوتىنى ئۆچۈرىۋېتىپ، ئاندىن تىزىمغا قويۇۋالغان قولۇمنى ئىككى قولىنىڭ ئالقىنىغا ئېلىپ تۇرۇپ:« ئۇ مېنىڭ بولغۇسى ئايالىم» دېدى.  ئۇ ھەر قېتىم مېنى ئوڭايسىزلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالىدۇ. دوختۇرخانىدىكى ۋاقىتتا مېنى قانات ئاستىغا ئېلىپ ئېيتقان سۆزلىرى ھېلىمۇ قۇلاق تۈۋىمدە.  ئۇنىڭ بايىقى ئىش ھەرىكىتى ۋە  دېگەن گېپى بىلەن ئۈستەلدە ئولتۇرغانلار نىمە دېيىشىنى، نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدى. بىردەملىك سۈكۈتتىن كېيىن ھېلىقى يوغان قورساق ئەر ھاراق رومكىسىنى قولىغا ئالغاندىن كېيىنلا قالغانلارمۇ ئۆزىنى تاپقاندەك بولدى.  ئۇلارنىڭ ھەر بىر گەپ سۆز، ئىش ھەرىكەتلىرىدىن ئۈمىدكە ياخشىچاق بولماقچى بولۇۋاتقانلىقى چىقىپلا تۇراتتى،  بۇنى كۆرۈپ گۇمانىم تېخىمۇ كۈچەيدى.  ئۈمىد زادى نىمە سودا قىلىدىغاندۇ؟ ئۇ زادى قانداق ئادەم؟ مەن ئۇلارنىڭ  قىلىشىۋاتقان پاراڭلىرىدىن بىرەر يىپ ئۇچىنى بىلگىلى بولامدىكىن دەپ خېلى زەن سېلىپ ئاڭلاپ باقساممۇ ئۇلار ئادەتتىكى گەپلەرنىلا دىيىشىپ ئولتۇردى، سودا ياكى خىزمەت توغرىلىق گەپ بولۇنمىدى.  ئىككىيلەن نۆۋەت بىلەن ئۈمىدكە ھاراق تۇتىۋەردى، ئۇمۇ ئالدىغا  كەلگەننى قايتۇرماي ئىچىۋەردى.  ئەمما  مېنىڭ قولۇمنى تۇتىۋالغان قولى ھېلىمۇ قولۇمنى چىڭ تۇتۇقلۇق ھالەتتە ئىدى.

بىردەمدىن كېيىن تازىلىق ئۆيىگە بارماقچى بولۇپ ئورنۇمدىن تۇردۇم، تېلېفوندىن بېشىنى كۆتۈرمەي ئولتۇرغان نىگارە «مەن سەن بىلەن بىللە باراي»دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭدى. ئۇنىڭ مەندىن ئۈمىد بىلەن قانداق مۇناسىۋىتىڭ بار دەپ سورىماقچى ئىكەنلىكىنى پەملەپ بولدۇم. ھېلىمۇ ئۇنىڭ خېلىدىن بېرى جىم ئولتۇرالىشىنىڭ ئۆزى چوڭ ئىش ئىدى.  دەرۋەقە، ئازرراق ماڭا ماڭمايلا ئۇ بوينۇمدىنلا قاماللىدى:

_ئېيتە، ئۇ زادى كىم؟ سېنىڭ نېمەڭ؟ ئەجەب ئىس بۇسىنى چىقارماپسىنا.

    مەن ئۇۋالچىلىق  تارتقاندەك تەلەپپۇزدا:

_ شۇنداق ئەقىللىق ئادەم شۇنىمۇ بىلەلمىدىڭما؟ ئۇنىڭ يېنىدىكىلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن مېنى قالقان قىلغىنى ئېنىقلا تۇرمامدۇ؟_ دېدىم.

_ شۇنداقمۇ؟ ئويۇن ئوينىدى دېگىنە، لېكىن مەن قارىسام ئۇنىڭ ساڭا قاراشلىرىدىن ھېچ ئويۇن ئوينىغاندەك قىلمايدۇ.

_   سەن بىلەلمىگەن يەردە يېنىدىكىلەر تېخىمۇ بىلەلمىدى دېگەن گەپ_ دېدىم مەن.  ئۇنىڭ ماڭا قارىغاندىكى چىراي ئىپادىسىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى بىلمەيمەن، چۈنكى ئۇ چاغدا جىددىيلەشكىنىمدىن يەرنى ئارانلا دەسسەپ تۇرغان تۇرسام.   ئۈمىد بىلەن ھېچقانداق ئىشىم يوقلۇقى توغرىلىق خېلى سۆزلەپ نىگارەنى ئىشەندۈرگەندىن كېيىنلا ئاندىن ئۇ مېنى قويۇۋەتتى.

بۇ ئېلاننى  دەسسەپ  ئۈتۈپ  كىتىڭ


 تازىلىق ئۆيىدىن چىقىپ بىر نەچچە قەدەم مېڭىپ، تانسا ئويناۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدا بىر-بىرىگە چاپلىشىپ دېگۈدەك تانسا ئويناۋاتقان ئىككىيلەنگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. ئۇلار ئەزىمەت بىلەن ئايگۈزەل ئىدى.  مەن تېخى يۈرىكىم خېلى قاتتىق بولۇپ قالدى دەپ ئويلاپتىكەنمەن، كۆز ئالدىمدىكى بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ يەنە يۈرىكىم پۇچۇلىنىپ كېتىۋاتقاندەك بولۇپ ئۇلارغا قاراپ تۇرۇپلا قاپتىمەن. قولىدا بىر مۇنچە ئەتىرگۈل كۆتۈرىۋالغان بىر ئەرنى كۆرگەندە ئاندىن ئېسىمنى يىغدىم، «ھە راست، بۈگۈن ئاشىق مەشۇقلار بايرىمى ھە؟ بۇ ئىككىسىمۇ بۇ يەرگە ئاشىق مەشۇقلار بايرىمى ئۆتكۈزگىلى  كەپتۇ-دە. » ئەزىمەت  بۇرۇن بۇنداق بايراملارنى ئېسىدە تۇتىۋالالمايتتى، مەن تېخى «مېنىڭ ئېرىم بەك ئەمەلىي، مۇشۇنداق ئادەم بىلەن ئۆي تۇتسا خاتىرجەم ئۆي تۇتقىلى بولىدۇ» دەپ ئۆزۈمگە ئۆزۈم تەسەللىي بېرىپ  كەپتىكەنمەن.  ئەمدى ئويلاپ باقسام، ئۇ بايراملارنى ماڭىلا ئۆتكۈزۈپ بەرمەيدىكەنتۇق ئەمەسمۇ.

_  ۋوي، بۇ ئەزىمەت دوختۇرغۇ؟ ئاشنىڭىزنى ئېلىپ ئوينىغىلى كەپسىز دە؟

  نىگارەنىڭ بۇ سۆزى بىلەن نۇرغۇن كۆزلەر بىزگە تىكىلدى. بىر بىرىگە چاپلىشىپ قالاي دەپ تانسا ئويناۋاتقان ئىككىيلەن دەرھال  قەدەملىرىنى توختىتىپ بىز تەرەپكە قارىدى. ئەزىمەت ماڭا قاراپ قېتىپلا قالغان ئىدى، بۇ قېتىپ قېلىشىدا باشقا بىر ئايال بىلەن چاپلىشىپ تانسا ئويناۋاتقىنىنى ئايالىنىڭ كۆرۈپ قالغىنىدىن نۇمۇس قىلدىمۇ،  ياكى باشقا ئىش سەۋەبىدىنمۇ بىلگىلى بولمايتتى.

_ نازىيەكەنغۇ؟_، ھەيرانلىقتىن  ئايگۈزەلنىڭ ئاغزىمۇ ئېچىلىپلا قالغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەيران قالغىنىمۇ بىكار ئەمەس.   مەن بۇرۇندىن تارتىپ ياسىنىشنى ياخشى كۆرۈپ كەتمەيمەن، ئاددى ساددا كىيىملەرنى كىيىمەن، كىيىم يىرتىلىپلا كەتمىسىلا يۇيۇپ كىيىۋېرىمەن.  ئەمما قايسى ئايال يېڭى كىيىم كىيىشنى، چىرايلىق ياسىنىپ يۈرۈشنى خالىمايدۇ دەيسىز؟ مەن ئىقتىسادىي ئەھۋالىم ئانچە ياخشى بولمىغاچقا، ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئۆي تۇتاي دەپ پۇلنى بۇزۇپ چېچىشنى خالىمايتتىم. ئەمما شۇنداق تىجەپ يۈرۈپ ئۆي قىلغان ئۆيۈمدىن ھەيدىلىش ئالدىدا تۇرغىنىم قىزىقتە.  بۈگۈن نىگارە مېنىڭ بېشىمدىن ئايىقىمغىچە يېڭىلاپ، ئەينەككە قارىسام ئۆزۈمنى ئۆزۈممۇ تونۇيالمىغىدەك قىلىۋەتكەن ئىدى. ئەزەلدىن مېنى كۆزگە ئىلمايدىغان ئىككىيلەننىڭ ھەيران قېلىشى شۇنىڭدىن ئىدى.

_  ئەزىمەت دوختۇرنىڭ ئوقۇرى خېلى ئېگىز جۇمۇ، ئۆزىڭىزگە لايىقنى تېپىپسىز. ئاشنىڭىز تور چولپانلىرىغىلا ئوخشايدىكەن.

 نىگارەنىڭ ئەزىمەت بىلەن ئايگۈزەلنى مازاق قىلىپ دېگەن گەپلىرى ئۇلارنىڭ تىتاڭ تۇمۇرىغا  تېگىپ كەتكەن بولسا كېرەك، ھەر ئىككىسىنىڭ چىرايى تامدەك تاتىرىپ كەتتى.

_  نازىيە، خىزمىتىڭىزدىنمۇ ئايرىلىپ قالغان تۇرۇپ بۇ يەرگە قايسى پۇلىڭىز بىلەن ئوينىغىلى كەلدىڭىز؟ قارىغاندا سىزگە ئاپىڭىزنىڭمۇ كېرىكى يوقكەندە_، ئايگۈزەل نىگارەنىڭ چىشىغا تەگكىلى بولمايدىغىنىنى سېزىپ قالدىمۇ، ماڭا ھۇجۇم باشلىدى.

 ئاپامنىڭ ئىسمى چىقىشى بىلەن يەنە كەيپىياتىم بۇزۇلدى. نىگارە گەپمۇ قىلماي ئۇدۇل ئايگۈزەلنىڭ ئالدىغا ماڭدى، قارىغاندا ئەلپازىدىن ئۇنى ئۇرىدىغاندەكلا قىلاتتى.  دەرھال ئۇنى تارتتىم. ئايگۈزەلگە ئىچىم ئاغرىپ قالغىنى ئەمەس، بەلكى ئەتراپىمىزدا بىزگە دېققەت قىلىۋاتقانلار كۆپىيىپ كېتىۋاتاتتى، بۇ يەردە ئۇرۇشۇپ قالساق ھەممىمىزنىڭ يۈزىگە سەت.  نىگارەمۇ كۆڭلۈمدە ئويلىغانلىرىمنى ھېس قىلغان بولسا كېرەك،  نىگارەنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا بېشىدىن ئايىقىغىچە قاراپ چىقتى:

_ ھەي، ئۈچىنچى شەخس. قانداق قىلغاندا بىر كېچىدە نام چىقارغىلى بولىدۇ، بىلەمسىز؟_، تۇيۇقسىزلا سورالغان بۇ سوئالدىن ئايگۈزەلمۇ مەڭدەپ تۇرۇپلا قالدى. نىگارەنىڭ كۆزى ئايگۈزەلنىڭ قورسىقىغا چۈشكەندە، كالپۇكىنى بىر يالىۋېتىپ گەپ باشلىدى_  قورسىقىڭىز تومپايغاندا ياكى بالىڭىزنى يېتىلەپ تويىڭىزنى قىلغاندا بىراقلا نامىڭىز چىقىپ، بىر كېچىدىلا خەقنىڭ ئاغزىغا چىقىپ بولىسىز.

  مەن نىگارەنى ئوبدان بىلىمەن،  بىر ئادەم كۆزىگە سىغمىدىمۇ بولدى، قانداقلا قىلىپ بولسىمۇ ئۇ ئادەمنى كەمسۇندۇرغىنى كەمسۇندۇرغان.  ئەمما ئايگۈزەل ھازىر نىمە دېيىشىنى، نېمە قىلىشىنى بىلمەي ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالغان ئىدى. ئۇ خېلى تەستە ئېسىنى يىغىپ، يەنە ماڭا قاراپ  گېپىنى داۋاملاشتۇردى:

_  ئۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ؟ ئەزىمەت بالا بىلەن مېنى قوبۇل قىلىشنى  تاللىدى. ئەمما سەنچۇ، نازىيە، بۈگۈن ئالايىتەن بۇنداق ياسىنىپ بۇ يەرگە كېلىپ بىرەرىنى ئازدۇراي دېگەنما؟ سېنىڭ ئۇ شارائىتىڭ بىلەن ساڭا كىممۇ قارا؟

   راستىمنى ئېيتسام، نىگارە  ئۇلارغا گەپ قىلمىغان بولسا،  مەن كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كېتەتتىم.  ئالدىمدا تۇرغان بۇ ئايالنىڭ ئېرىمنى تارتىۋېلىپ ئۆيۈمنى بۇزغىنى ئاز كەلگەندەك مېنى مەسخىرە قىلىپ ئېيتقان بۇ سۆزلىرىدىن ھەقىقەتەن چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى.

_  توغرا، ئەينى يىلى كۆزۈم كور بولۇپ قېلىپ مۇشۇنداق بىر پەسكەش ئەر بىلەن توي  قىلىپ قاپتىكەنمەن، ئەمدى ئۇمۇ ئۆز خىلىنى تېپىپتۇ، گۈل گۈلىگە كەلدى دېگەن شۇدە.

  بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ نىگارە يارايسەن دېگەندەك باشمالتىقىنى چىقىرىپ قويدى.  ئەزىمەت بۇ گېپىمدىن ئىنتايىن ئوڭايسىزلاندى.  ئايگۈزەلمۇ ئۆزىنىڭ دېگەن گېپىگە گەپ قايتۇرۇپ ئەزىمەتنى تىللايدىغىنىمنى ئويلىمىغان بولسا كېرەك، دەماللىققا ماڭا گەپ تېپىپ بېرەلمەي، ئەزىمەتنى قولتۇقلىدى.

_  قاراڭ، ئوبدان قاراڭ، ئۇنىڭ بۇرۇن يۇۋاش تۇرغانلىرىنىڭ ھەممسى يالغان. بايا دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلىغانسىز، ئۇ ئەسلى مۇشۇنداق زەھەرخەندە ئايال.

 _  مەن ئەزەلدىن زەھەرخەندە گەپلەرنى قىلمايمەن، ئەگەر گەپلىرىم سىلەرگە شۇنداق ئاڭلىنىپ كەتكەن بولسا مەنمۇ مەقسىتىمگە يەتكەن بولىمەن.  

  ئەسلى كۆڭلىگە كەلگەن گەپنى دەۋېتىش ئىچىگە يۇتۇپ يۈرۈشتىن راھەت بولىدىكەن ئەمەسمۇ. بۇ چاغدا تۇيۇقسىز كاللامغا بىر ئىش كېلىپ، ئاستا مېڭىپ ئەزىمەتنىڭ ئالدىغا كەلدىم.

_ نازىيە، نېمە قىلاي دەيسەن؟_،  ئايگۈزەل ئەزىمەتكە تېخىمۇ چىڭ ئېسىلدى، قارىغاندا ئۇ مېنى يېنىدىكى ئەرنى تارتىۋالمىسۇن دەپ ئەنسىرىگەن بولسا كېرەك.  بەلكىم ئۇ يېنىدا تۇرغان ئەرنىڭ قانۇن جەھەتتىن ھېلىمۇ مېنىڭ ئېرىم ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا كېرەك، ئەمما ئەمدى مېنىڭ پەرۋايىم پەلەك.  مەن بىر تال سېغىزنى ئۇنىڭ مەيدە يانچۇقىغا سېلىپ قويغاچ، ئىنتايىن مۇلايىم ئاھاڭدا ئۇنىڭغا :

_  سىزنىڭ ئاغزىڭىز پۇرايدۇ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا گەپ قىلغاندا پۇراپ كەتسە   سەت تۇرىدۇ. شۇڭا بۇ نەرسىنى يېنىڭىزدىن ئايرىماڭ ھە_، دەپ مەيدە يانچۇقىىنىڭ سىرتىدىن يىنىككىنە ئۇرۇپ قويدۇم.

 بۇ گەپلىرىمنى ئاڭلاپ ئەزىمەتنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلۈپلا كەتتى. ئۇ مېنى بۇنداق گەپلەرنى قىلالايدۇ دەپ ئويلىمايتتى. مېنى ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتكەندە ئۇنىڭ ئايىقىغا يىقىلىپ يالۋۇرۇشۇمنى، بۇرۇنقىدەك نېمىلا دېسە ھەئە دەپ قول قوشتۇرۇپ تۇرۇشۇمنى ئۈمىد قىلاتتى. ئەمما  ھازىر ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرغان مەن پۈتۈنلەي باشقىچە مەن ئىدىم. ئۇنىڭ چىرايىنىڭ ئۆزگەرگىنىنى كۆرۈپ كەينىمگە ئۆرۈلۈپلا ماڭدىم.

_ نازىيە، ئۇنى بۇنداق دەيدىغانغا سەن كىمتىڭ؟ ئېرى ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتكەن بىر تاشلاندۇق نىمە سەن_،  ئايگۈزەل كەينىمدىن يەنە تىللاشقا باشلىدى. ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ جايىمدا توختاپ قالدىم. باشقىلارنىڭ ئۆيىنى بۇزغان بىر ئادەمنىڭ بۇ يەردە مېنى بۇنداق ھاقارەتلىشى ھېچ كاللامدىن ئۆتمەيۋاتاتتى.  

  ئۇنىڭ گېپىگە بىر نېمە دەپ گەپ قايتۇرماقچى بولۇپ ئۆرۈلەي دېيىشىمگە كۈچلۈك بىر قول قولۇمدىن تارتىپلا مېنى مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا ئەكىرىپ كەتتى.



داۋامى  بار





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 


………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k