大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 14 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 14 - قىسىم aybarawazi
2023-06-24
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !



بۇ ئەسەرنىڭ 15 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ

1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13












ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات
14 - قىسىم


      بىز ساھىبخان بولغاچقا 520 بەزمىخانىسىغا بالدۇرراق باردۇق، بىز  بارغاندا فەرۇق ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولىۋېتىپتىكەن. بىزنىڭ كىرگىنىمىزنى كۆرۈپ ئالدىمىزغا كەلدى. بىزمۇ خېلى بالدۇر بارغاچقا تېخى مېھمانلارنىڭ كېلىدىغان ۋاقتى بولمىدىمىكىن، ئىشقىلىپ ئادەم يوق دىيەرلىك ئىدى. ئۇ بىزنى ئايلانما كرىسلولۇق بىر ئورۇنغا باشلىدى.

_ ھە،  بۈگۈن ئەجەب قەدىمىڭلار يېتىپ قاپتۇغۇ؟ سىلەرنى مۇھەببەتلىشىپ ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، مەن تەرەپكە ئۆتۈشكە چولىسى تەگمەس بولۇپ كەتتى دەپ يۈرەتتىم تېخى.

_  بىزنى دەيسەن تېخى، ئۆزۈڭ پۇل تاپىمەن دەپ بىزنى ئىزدىمەس بوپ كەتتىڭ. ئۆزۈڭ تېلېفون قىلمايسەن، تېلېفون قىلساقمۇ تاپقىلى بولماسلا بولدى سېنى_ دېدى ئۈمىد.

_ ۋاي نېمىسىنى دەيسەن، ئاداش. بىزنىڭ بۇ كەسىپ شۇنداق كەسىپكەن، كەچتە بەك كەچكىچە ئىشلەيدىكەنمىز،  ئۆيگە بېرىپ كارىۋاتقان گۈپ چۈشۈپ ئۇخلاپ، كېچىنىڭ ئۇيقۇسىنى كۈندۈزى تولۇقلاپ، ئەتىسى يەنە شۇ ئىشلار بىلەن بولۇپ، دوست بۇرادەرلەرنى ئىزدەشكىمۇ ئېشىنىپ بولالمايدىغانلا بولۇپ كەتتۇققۇ.

_ مەيلى، ئاداش. ياش ۋاقتىمىز ئىشلەيدىغان، تىرىشىدىغان ۋاقتىمىز. تىرىشىدىغان ۋاقتىمىزدا راھەتنى تاللىۋالساق بولمايدۇ. ھېچقىسى يوق، سېنىمۇ توغرا چۈشىنىمىز.

_ ھە، بۈگۈن  ئىككىڭلارلىمۇ يا يەنە كېلىدىغانلار بارمۇ؟ _ سورىدى فەرۇق، مەن قارىسام ئۇنىڭ گېپىنىڭ تېگىدە گەپ باردەك قىلاتتى.  ۋېلىسپىت ھەيدەپ تاغقا چىققان كۈنى ئۇنىڭ نىگارەگە باشقىچە قىزغىن مۇئامىلە قىلغانلىقىنى ھېس قىلغانتىم.

_ ھە، نازىيەنىڭ دوستى نىگارەمۇ كېلىدۇ.  تۆتەيلەن مۇڭدىشىپ ئولتۇرمىغىلى ئۇزۇن بوپتۇ،  سېنى باشقا يەرگە  چاقىرساقمۇ قاملاشمىغىدەك، سېنىمۇ ئىشىڭدىن قويمايلى دەپ ئۇدۇللا مۇشۇ يەرگىلا  كەلدۇق.  ئىشلىرىڭنى ئورۇنلاشتۇرىۋېتىپ يېنىمىزغا كەلسەڭ بولىدۇ ئەمەسمۇ.

_ بەك ياخشى ئويلاپسىلەر، ئاداش.  مەن تۇرۇپ، 520 تۇرۇپ، باشقا يەرگە كېتىپ قالساڭلار مېنىڭ كۆڭلۈمگە كېلىدۇ جۇمۇ.   دوست بۇرادەرلەر بىلەن ئانچە مۇنچە ھال مۇڭ بولۇشىمىزمىكىن دەپ ئاچقان يەر بۇ، بولمىسا نىمە قىلىمەن؟_ دەپ كۈلدى فەرۇق.

_  رەھمەت ساڭا. سەن بېرىپ ئىشلىرىڭنى قىلىۋەر. سەل تۇرۇپ نىگارەمۇ كېلىدۇ، ئۇنىڭغىچە ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپ كىلەسەن، سىلەرگە دەيدىغان گېپىمىز بار.

_ ۋوي، خۇش خەۋەر بار ئوخشىمامدۇ؟_ دەپ ئىككىمىزگە قاراپ كۈلدى ئۇ.

_ سەل تۇرۇپ بىلىسەن_ دېدى ئۈمىدمۇ سىرلىقلاشتۇرۇپ.

   فەرۇق ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرىۋېتىپ كىلەي دەپ كەتتى. ئۈمىد  بىر تال تاماكا چىقىرىپ تۇتاشتۇرغاچ ماڭا قارىدى.  ئەزىمەت بىلەن ئايگۈزەلنىڭ، بولۇپمۇ ئايگۈزەلنىڭ زەھەر گەپلىرىنىڭ تەسىرىدىن ھېچ قۇتۇلالمىدىممۇ قانداق، تازا خۇشال بولالمايۋاتاتتىم.

_ نىمە بولدىڭىز مەلىكەم؟ يەنە ئاشۇلارنىڭ گېپىنى ئويلاۋاتامسىز؟_ دېدى ئۈمىد بىلىۋالغاندەكلا.

_ ياقەي _ دېدىم مەن.   لېكىن يالغان ئېيتىۋاتقىنىم چېنىپلا  تۇراتتى.

_ ئۇلارنىڭ ئانچىكى گەپلىرىنى ئىچىڭىزگە ئېلىپ يۈرۈش ئەرزىمەيدۇ. پەس ئادەملەرنىڭ ئاغزىدىن قانداق گەپ چىقماقچىتى دەپلا ئويلاڭە......

گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە نىگارە كىرىپ كەلدى.

_ ھەي، نازىم، سېنىمۇ كۆرگىلى بولىدىكەن ھە؟ مۇھەببەتلەشتىم دەپ مەندەك دوستۇڭنى تاشلىۋەتتىڭ، بولمايدىكەنسەن جۇمۇ. _ چۇۋۇلداپلا كەلدى نىگارە.

 ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈم.

_ مۇھەببەت ئەڭ ياخشى دورا دېگەن راست گەپكەن جۇمۇ. قارا مانا، مۇھەببەتلەشكەندىن بۇيان شۇنداق ئېچىلىپ چىرايلىق بولۇپ كىتىۋاتىسەن، تېرەڭمۇ سۈزۈلۈپ كىتىپتۇ. ياخشى، مۇشۇنداق خۇشال خورام يۈر. بۇ دۇنيادا خۇشال ياشاشقا سەنمۇ ھەقلىقسەن، دوستۇم.

_ ئۆرە تۇرىۋەرمەي، ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىڭلار_ دېدى ئۈمىد تېخىچە ئولتۇرماي ئۆرە تۇرۇپلا پاراڭلىشىپ كەتكىنىمىزگە قاراپ.

_ ياخشىمۇسىز، ئۈمىد ئەپەندىم.  دوستۇمنى بوزەك قىلىۋالمىغانسىز ھە؟  نازى قىز بەك يۇۋاش، ئەمما ئۇنى يۇۋاش دەپ بوزەك قىلىمەن دېسىڭىز، ئۇنىڭ كەينىدە مانا مەندەك دوستى بار جۇمۇ ھايت دەپ بولغۇچە ھۇيت دەپ ئۈنۈپ بولىدىغان.

   ئۈمىد  كۈلۈپ قويۇپلا ئارتۇق گەپ قىلمىدى.  نىگارە ئىككىمىز ئولتۇرۇپ قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق.

_ ۋىيەي، ماۋۇ كۆڭلىكىڭ ئەجەبمۇ يارىشىپتۇ. مۇشۇنداق چىرايلىق كىيىنىپ يۈرسەڭ بولىدىكەنغۇ مانا.

_ ۋاي گپىنى قىلما، بايا ئۈمىد ئېلىپ بەردى، 8 مىڭ يۈەنگە ئالدۇق قارا.  بىر كۆڭلەكنىمۇ ئەمدى.

_ مەيلى.  ھەممە نەرسە پۇلىغا چۇشلۇق بولىدۇ.   قىممەت كىيىملەر سېنىڭ ئۇچاڭغىمۇ يارىشىۋېرىدۇ. بەك يارىشىپتۇ،  خۇددى ساڭا ئۆلچەپ تىككەندەكلا دەل كېلىپ كەتكىنىنى دەيمۇ تېخى.  ئەسلى بەك چىرايلىق قىزتىڭ، ئاشۇ ئەزىمەت دېگەن كۆز كور سېنىڭ قەدرىڭنى بىلمىدىدە، خوپ بوپتۇ.

_ ھە راست، بايا ئۇلارنى كۆرۈپ قالدىم_ شۇنداق دەپ بايا قورساق كۈپۈكى تارتىۋالغىنىمنى نىگارەگە دەي دەپ بولۇپ توختاپ قالدىم_   لېكىن ئۇلار مېنى كۆرمىدى.

_ ھازىر يېنىڭدا ئۈمىد بار، كۆڭلۈڭنى توق تۇت،  مەن ئالدىراپ بىر ئادەمنى ياخشى دېمەيمەنغۇ، بىلىسەن، لېكىن ئۈمىد بولىدىغان يىگىتكەن جۇمۇ.

 شۇنداق پاراڭلارنى قىلىشىپ ئولتۇرۇپ  ئەتراپىمىزدىكى ئۈستەللەرگە مېھمانلارنىڭ كېلىپ ئولتۇرۇپ كەتكەنلىرىگىمۇ دېققەت قىلماپتۇق. بىر چاغدا فەرۇق كەلدى.

_ ياخشىمۇسىز، نىگارە.

_ ۋوي، كاتتا خۇجايىن.  ئالدىڭىزغا كېلىپ قالسىمۇ كېلىپ سالام قىلغۇدەك ۋاقتىڭىز يوقكەن ھە. تونۇشلۇق بەرسەم پۇل بەرمەي چىقىپ كەتمىسۇن دەپ قورقتىڭىزمۇ يە _ دېدى نىگارە چېقىشىپ.

_ ۋوي، خالغىنىڭىزچە يەپ ئىچىڭ، نىگارە، سىزدىن ئايلانسۇن. _ دېدى فەرۇقمۇ.

_ ھە، ئىشىڭ تۈگىدىمۇ، فەرۇق؟_ سورىدى ئۈمىد.

_ ھەئە، ئىشلارنى بىرە قۇر ئورۇنلاشتۇرىۋېتىپ كەلدىم.  بايا خۇش خەۋەر بار دەۋاتاتتىڭ، ئەمدى دېگىنە، كېلىدىغان باشقا ئادەممۇ يوق، ھەقىچان. _ دېدى فەرۇق.

_ ھەئە، كېلىدىغان باشقا ئادەم يوق. ئىككىڭلار نازىيە ئىككىمىزنىڭ يېقىن دوستلىرىمىز. شۇڭا بۈگۈن خۇشاللىقىمىزدىن سىلەر بىلەن تەڭ بەھرلىنەيلى دەپ بۇ يەرگە چاقىردۇق.

_ ۋاي ۋۇي، نىمە خۇش خەۋەر ئىدى، گەپنى ئەگىتمەي، نەق گەپنىلا قىلىڭە_ نىگارە بىلىشكە بەك ئالدىراپ كېتىۋاتاتتى.

_ ئالدىرىماي تۇرمامسىز؟ ئەمدى دەيمەن. نازىيە ئىككىمىز بىر بىرىمىزنى خوپ كۆرۈشۈپ،  ئۆيلىنىش خېتى ئېلىۋالدۇق.

_ ھە؟ نىمانچە تېز؟ _ ھەيرانلىق بىلەن ماڭا قارىدى نىگارە.  

_  بۈگۈن ئالدىڭلارمۇ؟_ قىزىقىپ سورىدى فەرۇقمۇ.

_ راس گەپنىلا دەي،  ۋېلىسپىت ھەيدەپ تاغقا چىققان كۈننىڭ ئەتىسىلا ئۆيلىنىش خېتى ئېلىۋالغان. نازىيە خىجىل بولىمەن، دېمەي تۇرۇڭ دەپ سىلەرگە دېگىلى قويماي_ دەپ ئەركىلەپ تۇرۇپ ماڭا قارىدى ئۈمىد.  خىجىللىقتىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدۇم.

_  بالدۇر بىلسەكمۇ، كېيىن بىلسەكمۇ ئىشقىلىپ بىلدۇق.  مۇبارەك بولسۇن، بەختلىك بولۇڭلار_ ئۈمىدكە قول ئۇزاتتى فەرۇق، ئۈمىدمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ قول ئېلىشتى.

_ ھە، مەن سېنى قانداق تەبرىكلەيمەن ئەمدى_ نىگارە شۇنداق دەپ ئورنىدىن تۇرۇپلا مېنى قۇچاقلىۋالدى. _ چوقۇم بەختلىك بول. بەختلىك بولساڭ ئاندىن بۇ ئىشنى ماڭا بالدۇر دېمىگىنىڭنى كەچۈرىۋېتىمەن، كۆڭلۈڭنىڭ ئاغرىپ قالغىنىنى بىلىپلا قالسام ھەر ئىككىڭلارنى كەچۈرمەيمەن جۇمۇ. _ ئاندىن ئۈمىدكە قاراپ_  ئەمىسە،  بۇ ئۇماق دوستۇمنى سىزگە تاپشۇردۇم. مەن بايا دېگەندەك ھە،  نازى يۇۋاش دەپ بوزەك قىلىۋالىدىغان بولسىڭىز ، ئۇ ھېچنىمە قىلالمىغان بىلەن ئەدىپىڭىزنى مانا مەن بېرىمەن_ دەپ مۇشتىنى كۆرسىتىپ قويدى نىگارە.  ھەممەيلەن پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتۇق.

_ھە، شۇنداق قىلىپ..._ دەپ بولۇپ ئۈستەلگە قاراپ پىشانىسىگە پاققىدە بىرنى ئۇردى فەرۇق_ قاراڭلار، قۇرۇقلا ئولتۇرۇپ كەتكىنىمىزنى.  نىمە ئىچىسىلەر؟

ئۈمىد ماڭا قارىدى.

_ مەن  يەسىمەنگۈل چېيى ئىچەيمىكىن_ دېدىم مەن.  نىگارەمۇ ماڭىمۇ شۇنىڭدىن دېدى.

_ ئۈمىد، سەنچۇ؟  ھە، بولدى، سېنىڭكىنى ئۆزۈم بىلىپ ئەكىلەي ھە. بۈگۈن خۇشاللىق ئىش بوپتۇ، تەبرىكلەپ بىرەر رومكىدىن ئىچمىسەكمۇ بولماس_ دېدى فەرۇق. ئۈمىد ئىنكاس بىلدۈرمىدى.

بىردەمدىلا ئۈستەلگە ئىككى پەتنۇس مېۋە،  تۆت قۇتا يەسىمەنگۈل چېيى، يەنە مەن ئىسمىنى بىلمەيدىغان، كۆرۈپ باقمىغان ، ئېگىز قۇتىلىق ئىچىملىكتىن ئىككى بوتۇلكا،  قوناق ئېتىلدۇرمىسى ئىستاكاندىن تۆتنى ئەكىلىپ تىزىپ قويۇپ كەتتى.

_ ھۆرمەتلىك ئەزىز مېھمانلار،   بەزمىخانىمىزغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭلارغا رەھمەت.  بۈگۈن كەچ قانغۇچە ئويناپ، كۈلۈپ خۇشال خورام قايتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.  مەن بەزمىخانىمىزنىڭ ناخشىچىسى نەرگىزە بولىمەن.  ناخشىلىرىم سىلەرگە ئۆزگىچە زوق ئاتا قىلالىسا مەنمۇ قىلغان ئەمگىكىمدىن رازى بولغان بولاتتىم.

لىرىك مۇزىكا ئاۋازى بىلەن نەرگىزەنىڭ ناخشىسى باشلاندى. بۇ قىز ناخشىنى بەك ياخشى ئېيتىدىكەن، ئاۋازىمۇ شۇنداق چىرايلىق.  نىگارە ئىككىمىز تاغدىن باغدىن پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق، ئۈمىد بىلەن فەرۇق ھېلىقى ئىچىملىكنى ئىچكەچ مۇڭدىشىشقا چۈشۈپ كەتتى.  نەرگىزە بىر نەچچە مەيدان ناخشا ئېيتتى، نىگارە ئىككىمىز ئۇسسۇل ئوينىدۇق، ئىشقىلىپ ۋاقىت بەك خۇشال ئۆتىۋاتاتتى.

_ ھۆرمەتلىك مېھمانلار، ئەمدى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدىغان ناخشام ئۆزۈم ئەڭ ياخشى كۆرۈپ ئېيتىدىغان ناخشا. «ھىجران»

قىز ئولتۇرۇپ گىتارنى ئۆزى چېلىپ ناخشىسىنى باشلىۋەتتى.

بۇ ناخشىنى مەن بۇرۇنمۇ بەك كۆپ ئاڭلايتتىم،ئەمما بۈگۈن نەرگىزەنىڭ ئېيتقىنى ماڭا بەكلا يېقىملىق بىلىندى، ناخشىنىڭ ئۆزىمۇ بەك يېقىملىق، لىرىك ناخشا بولغاچقا ھەممەيلەن مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇپ كەتتۇق. تۇيۇقسىز يېنىمىزدىكى ئۈستەلدىكى بىر نەچچەيلەننىڭ ئۈنلۈك ئاۋازدا ئېيتقان گەپلىرى قۇلىقىمىزغا كىرىپ قالدى.

_ بۇ ناخشىنى ئەڭ دەسلەپتە تىكەنقۇش مۇزىكا ئەترىتىدىكىلەر ئېيتقانغۇ. ھېلىقى ناخشىچىنىڭ ئىسمى نىمىتى؟

_  نازىيە.

_ ھە توغرا.  ئاشۇ نازىيە دېگەن ناخشىچى ئېيتقان.  ئاڭلىسام تازا دۇرۇس قىز ئەمەسكەنتۇق.  كېيىن ئۆزىنىڭ شاللاقلىقى ئۆزىنىڭ بېشىغا چىقىپ ئۆلۈپ كىتىپتۇمىش.

_ ھە، نىمە دەيدىغانسەن، راستما؟

_  بەك چىرايلىق قىزكەنتۇق، قارىغان كىشىنىڭ ئېپ قاچقۇسى كەلگۈدەكلا. كىم بىلسۇن ئۇنىڭ ئۇنداق يولدىن چىققان بىر نىمە ئىكەنلىكىنى.

 «پوڭ» قىلغان ئاۋاز بىلەن شۇنچىلىك قاتتىق چۈچۈپ قارىدىم،  ئۈمىد ئۈستەلدىكى بوتۇلكىدىن بىرنى ئېلىپ تامغا ئۇرۇپ چېقىپلا بايا گەپ قىلىۋاتقانلارنىڭ ئۈستىلىگە قاراپ  ماڭغان ئىدى.  قورققىنىمدىن جايىمدا تۇرۇپلا قالدىم.  مەن ئېسىمنى تېپىپ بولغۇچە نىگارە بېرىپ ئۈمىدنىڭ قولىدىكى بوتۇلكا پارچىسىنى ئېلىۋالدى. ئەمما ئۈمىد يەنىلا ئالدىغا قاراپ مېڭىۋەردى،  ئۇدۇل بارغانچە بايا گەپ قىلغان  ئەرنىڭ يۈزىگە بىر مۇشت قويدى.  قارشى تەرەپمۇ نىمە بولغىنىنى ئاڭقىرالمىغان بولسا كېرەك. ئېسىنى يىغىپ بولغۇچە ئۈمىد ئۇنى يەنە نەچچە شاپىلاق ئۇرۇۋەتتى.  شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بىر ئۈستەلدىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.  ئۇرە ئۇر بولۇپ كەتكەن ئىدى.  مەن قورققىنىمدىن تۈگۈلۈپلا قالدىم، يېنىمغا قارىسام نىگارەمۇ يوق. ئۇ بۇنداق ئۇرۇش بولغان يەردىن قاچىدىغان قىز بالا ئەمەس.  ئۇمۇ ئۇرۇشىۋاتقانلارنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكەن ئىدى.  فەرۇقمۇ بىرى بىلەن پومىداقلىشىپ كىتىپتۇ. بىر چاغدا بىرى قارا دېگەندەك شۇنداقلا قارىسام بىرەيلەن بىر بوتۇلكىنى ئېلىپ ئۈمىدنىڭ يېنىغا قاراپ كېتىۋاتمامدۇ؟ يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۈمىدنى توسۇۋالماقچى بولدۇم،  ئۈمىد مېنى ئىتتىرىۋەتتى، ئەمما ئۆزىنى دالدىغا ئېلىشقا ئۈلگۈرەلمەي بوتۇلكا كېلىپ ئۇنىڭ بېشىغا تېگىپ چېقىلىپ كەتتى.  ئۈمىدنىڭ بېشىدىن قان چىقىۋاتاتتى.  بەزمىخانىدىكى باشقا مېھمانلارمۇ تەرەپ تەرەپكە قېچىپ كېتىشكەن، پەقەت ئۇرۇشىۋاتقانلارلا  قېپ قالغان ئىدى.  بايىقى ناخشا ئيتقان قىز قولىدا گىتارنى تۇتقان پېتى قېتىپلا قالغان ئىدى، قارىغاندا ئۇ قىزمۇ قورقۇپ كەتكەن بولسا كېرەك.

ئۈمىدنىڭ بېشىلا ئەمەس، قولىدىنمۇ قان چىقىۋاتاتتى.  ئۇنى كۆرۈپ ئۈمىدكە تېخىمۇ ئىچىم ئاغرىپ كەتتى«ئۈمىد، بولدى ئۇرۇشماڭ.» لېكىن مېنىڭ ئاۋازىم ۋاراڭ چۇرۇڭنىڭ ئارىسىغا سىڭىپلا كەتتى.  بىرەيلەن فەرۇقنىڭ مۈرىسىگە بىر بوتۇلكا بىلەن ئۇرۇپ چېقىۋەتتى، فەرۇقنىڭ كىيىم كېچەكلىرىمۇ قانغا بويىلىپ كەتتى.  فەرۇق كەينىگە بۇرۇلۇپ بايىقى ئۇرغان ئادەمگە قاراپ«مېنى ئۇرۇشقا پىتىندىڭما»  دەپلا مۇشلىتىپ كەتتى.  نىگارەمۇ تەيچۇەنداۋ ئۆگەنگەن بولغاچقا مۇشتى خېلى قاتتىق ئىدى، قارىسام ئۇمۇ  ئەرلەر بىلەن مۇشتلىشىپ كېتىۋاتاتتى.

 ئۇچىسىغا گۈللۈك كۆينەك، بېشىغا شىلەپە كيىۋالغان بىرى نىگارەنىڭ يېنىغا كېلىپ«مۇشتلىشىشقا يامانكەنسىز »ھە دېدى، نىگارە« ئىشىڭنى قىلە» دەپ بىر مۇش ئاتقانتى، قارشى تەرەپ ئۆزىنى قاچۇرىۋالدى.  نىگارە ئۇ ئە ر بىلەن تۇتۇشۇپ كەتتى، ئەمما ئۇ ئەرنىڭ نىگارەگە  بەكلا يول  قويۇۋاتقىنىنى بايقاپ قالدىم.  مەن بىردەم نىگارەگە، بىردەم ئۈمىدكە قاراپ  قورقۇپ كەتتىم.  بۇ چاغدا ئۈمىد بايا غەيۋەت قىغان ھېلىقى ئەر بىلەن مۇشلىشىپ ئاغزىنىڭ ئەتراپى كۆكىرىپ كەتكەن ئىدى.  مەن ئەرلەرنىڭ بۇنداق مۇشلاتقان ھالىتىنى كۆرۈپ باقمىغاچقا بەكلا قورقۇپ كەتكەن ئىدىم.  ھېلىمۇ ياخشى ساقچىلار كەلدى.  مەيداندىكىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئازدۇر كۆپتۇر يارىلانغان بولغاچقا ساقچى ئۇلارنى ئاۋۋال دوختۇرخانىغا بېرىپ يارىسىنى تاڭدۇرۇشنى ئېيتتى.

 مەن دوختۇرنىڭ ئۈمىدنىڭ بېشىدىن ئەينەك پارچىلىرىنى تېرىپ ئالغىنىغا قاراپ تۇردۇم، ئۇ بەك  چىداملىقكەن،  باشتىن ئاخىرغىچە ۋايجان دەپمۇ قويمىدى.  ئەمما مېنىڭ بەك ئىچىم ئاغرىپ كەتتى.  ئۈمىدنىڭ قولى بىلەن بېشىنى تېڭىپ قويدى. نىگارەنىڭ  قولىنىڭ دۈمبىسى ئازراق يېرىلىپتۇ، دوختۇر دېزىنفىكسىيە قىلىپلا تېڭىپ قويدى.  دوختۇر فەرۇقنىڭ يارىسىنى تېڭىۋاتقاندا ئۇ نىگارەنىڭ قولىغا قاراپ «قىز بالا تۇرۇپ، ئەر كىشىلەر ئۇرۇشقان يەردە نىمە قىلىدىغاندۇ؟» دېدى غۇدۇراپ.  نىگارە بۇنى ئاڭلاپ:«قىز بالا بولسام نىمە بوپتۇ؟ مەن بولمىغان بولسام سىز تېخىمۇ ئېغىرراق يارىلىناتتىڭىز،  رەھمەت ئېيتماقتا يوق تېخى» دېدى.  ئۇلارنىڭ يارىسىنى بىرە قۇر تېڭىپ بولغاندىن كېيىن ساقچى ئىدارىسىگە ئېلىپ باردى.  

 ئۇلارنى ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ كەتتى، مەن سىرتتا يالغۇز قالدىم.  بۇنداق ۋاقىتتا ۋاقىت بەك ئاستا ئۆتىدىكەن.  ھازىر ئۈمىدنىڭ نىمە ئۈچۈن تۇيۇقسىزلا ئۇرۇشۇپ كەتكىنىنى ئويلىغۇدەك ھالىم يوق، ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ كېتىۋاتاتتىم.  بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، ئەمما بىلىدىغىنىم بۇ جىدەلنى باشلىغىنى ئۈمىد ئىدى.  شۇڭا ئۇ ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى مۇمكىن.

بىرىنچى بولۇپ نىگارە چىقتى. ئۇ كېلىپلا يېنىمدا ئولتۇرۇپ:

_   چوڭ ئىش يوق. ئەنسىرىمە، نىمە ئىش بولغانلىقىنى سورايدىكەن دەپ بەرسىلا ھېچ ئىش بولمايدىكەن. _ دېدى.  ئۇنىڭ مېنىڭ كۆڭلۈمنى ياساش ئۈچۈن مۇنداقلا دەپ قويغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئۇ يەنە :

_ ئەنسىرىمە، نازى، ئۈمىد ئىشنىڭ ئالدى كەينىنى دەڭسىيەلمەيدىغان ئادەم ئەمەس.  ماڭا ئىشەن، ئۇنىڭغا ھېچ ئىش بولمايدۇ. »

_ راستما؟_ دەپ ئۇنىڭغا قارىدىم. ئۇ بېشىنى لىڭشىتتى. نىگارە ئىككىمىز بىر سائەتتىن كۆپرەك ساقلىدۇق، بۇ بىر سائەت بىزگە بىر يىلدەك تۇيۇلۇپ كەتتى.

ئاخىرى ئۇ سوراق قىلىش ئۆيىدىن چىقتى. ئۇنىڭغا قاراپ داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم.





داۋامى  بار





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 


………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k