大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 12 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 12 - قىسىم aybarawazi
2023-06-22
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !



بۇ ئەسەرنىڭ 13 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ

1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11














ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات
12 - قىسىم


  ئەزىمەتنىڭ ئۆيىدە ئېلىۋالىدىغان نەرسىلىرىم بار ئىدى.  ئۇ كۈنلۈكتىن تارتىپ ئېلىپ كەتكەندىكىن، مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ نەرسىلىرىمنى بولسىمۇ ئېلىۋالاي دەپ ئويلىغان ئىدىم. گەرچە قىممەت پۇللۇق  نەرسىلەر بولمىسىمۇ، ئەمما ئۆزۈمنىڭ ئىشلىتىپ كۆنگەن نەرسىلىرىم ئەمەسمۇ.  تېلېفون بىر نەچچە قېتىم سايرىغاندىن كېيىن ئاندىن ئالدى. ئۇنىڭغا «ئۆيۈڭلاردىن نەرسىلىرىمنى ئېلىۋالاي دېگەنتىم» دېدىم. ئەزىمەت بۇ قېتىم ئازراق بولسىمۇ ئادەمدەك ئىش قىلدى، ئارتۇق گەپ قىلمىدى پەقەت«قۇلۇپنى ئالماشتۇرىۋەتكەن، بۇرۇنقى ئاچقۇچىڭىزدا ئاچالمايسىز، مەن ئاچقۇچنى دەرۋازىۋەنگە بېرىپ قوياي، شۇ يەردىن ئېلىپ كىرەسىز» دېدى.

ئۇ يەرگە تاكسى بىلەنلا باردىم. بېرىپ دەرۋازىۋەنگە دېسەم ئاچقۇچنى بەردى.  بۇرۇن ھەركۈنى كىرىپ چىقىپ تۇرىدىغان بۇ يەر ماڭا ئىنتايىن ناتونۇش بىلىندى. يەنە كېلىپ خېلى ئۆزگىرىشمۇ بولغان ئىدى. شۇندىلا بۇ يەرگە  كەلمىگىنىمگە خېلى ئۇزۇن بولغىنى ئېسىمگە كەلدى.  دەرۋازىۋەن بەرگەن ئاچقۇچ بىلەن ھەرقانچە ھەپىلىشىپمۇ ئىشىكنى ئاچالمىدىم.  ئەجىبا خاتا كىرىپ قالمىغاندىمەن؟ بېشىمنى كۆتۈرۈپ قاراپ باقتىم. 703-ئۆي توغرا.  ئەزىمەت ئەمەس ئاچقۇچنى بەرگەن ئوخشىمامدۇ؟ ئاچقۇچنى قولۇمغا ئېلىپ سىنچىلاپ قاراپ باقتىم. ئاچقۇچنىڭ ئۈستىگە  8-2-7-1   دەپ يېزىلغان قەغەز چاپلاقلىق ئىكەن.  بۇ 8-بىنا، 2-ئىشىك 7-قەۋەت 701-ئۆي دېگەن گەپ ئىدى.  ئەمما بۇرۇن بىز ئولتۇرغان ئۆي  بىرىنچى ئىشىك 7-قەۋەت 703-ئۆي ئىدى.  توغرا ئەمەسقۇ. ئوخشاش 7-قەۋەت، ئەمما ئاچقۇچ 701-ئۆينىڭ، بۇ 703-ئۆي. ئەجىبا دەرۋازىۋەن خاتا بېرىپ قويغانمىدۇ؟ ياق، مۇمكىن ئەمەس، ئاچقۇچقا ئىككى تال بۇلاپكا ئېسىقلىق، ئۈستىگە «ئە» ھەرپى بىلەن «ئا»ھەرپى يېزىقلىق ئىدى، دېمەك بۇ ئەزىمەت بىلەن ئايگۈزەلگە تەۋە ئاچقۇچ.  مەن سەل گۇمان قىلىپراق پەسكە چۈشۈپ، ئىككىنچى ئىشىك 701-ئۆينىڭ ئالدىغا بېرىپ ئاچقۇچنى كىرگۈزۈپ بۇرىساملا ئېچىلىپ كەتتى.  دەل شۇ ۋاقىتتا ئەزىمەتتىن تېلېفون كەلدى. تېلېفونغا پەرۋا قىلماي، ئىشىكنى ئىتتىرىپ ئېچىپ كىرىپ ھەيران بولۇپ تۇرۇپلا قالدىم. كىرىپلا ئايگۈزەلنىڭ سۈرىتى بىرىنچى بولۇپ كۆزۈمگە چېلىقتى. گۇمان، قىزىقىش ئارىلاش ھەر خىل خىياللار ئىلكىدە ئىچىگە قاراپ ماڭدىم، ئەزىمەت تېلېفون قىلىۋەردى، مېنىڭ كارىم بولمىدى.  مېھمانخانا ئۆينىڭ تېمىغا بىر كەلگۈدەك قىلىپ ئۇلارنىڭ تويلۇق سۈرىتى ئېسىلغان،  سۈرەتتە ئايگۈزەل ئەزىمەتنىڭ بوينىدىن قۇچاقلىۋالغان، ئۇنىڭ كۈلكىسى شۇنچىلىك بەختكە تويۇنغان، ئەمما مېنىڭ  يۈرىكىمگە زىق بولۇپ ئۇرۇلدى، چۈنكى بۇ يېقىندا چۈشكەن سۈرەتتەك قىلمايتتى.  چۈنكى سۈرەتتە ئايگۈزەلنىڭمۇ، ئەزىمەتنىڭمۇ چېچى ھازىرقى پاسوندا ئەمەس، ئايگۈزەلنىڭ چېچى ھازىرقىدىن خېلىلا قىسقا،  ئەزىمەتنىڭمۇ شۇنداق. ئەزىمەت ئادەتتە ئىككى ئۈچ ئايدا بىر قېتىم چاچ ياسىتىدۇ.  بۇرۇن كۇتۇپخانىدا كۆرگەن ھېلىقى ئىككى تال چاچ ئېسىمگە كېلىپ، كۆڭلۈمگە قاتتىق گۇمان چۈشتى.

   بۇ ئۆينىڭ قۇرۇلمىسى ئەزىمەتنىڭ ئۆيىنىڭ قۇرۇلمىسىغا ئوخشايدىغان بولغاچقا كۇتۇپخانىنى ئاسانلا تېپىۋالدىم.  ئىشىكنى ئېچىپلا كىردىم. بۇ كۇتۇپخانا ھەقىقەتەن چوڭ ئىدى،  بۇنى كۇتۇپخانا دېگەندىن كۆرە كۇتۇپخانا بىلەن ھۇجرا ئۆينىڭ بىرىكمىسى دېسىمۇ ئارتۇقلۇق قىلمايتتى. كۇتۇپخانىدىكى كارىۋات ناھايىتى چوڭ، ئۈستىدە ئۇ ياقتىن بۇ ياققا دۇمىلاپ ياتسىمۇ چۈشۈپ كەتمىگۈدەك ھالەتتە ئىدى، ئۇنىڭغا سېلىپ قويۇلغان ھال رەڭلىك كىرلىك  قارىغان ئادەمنىڭ يېتىۋالغۇسىنى كەلتۈرەتتى.  گۇمانىم بويىچەتامنىڭ ئۇ يەر يېرىنى سىلاشتۇرۇپ باقتىم، كىنولاردا تامغا بىرەر كۇنۇپكىلارنى ئورنىتىپ قويۇپ باسسا ئېچىلىدىغان مەخپىي ئىشىكلەر بولىدىغان. بۇ يەردىمۇ ئاشۇنداق ئىشىك بارمىدۇ دەپ ئويلاپ ئىزدىدىم، ئاخىرى تامغا ئورنىتىلغان كىتاب جازىسىنى بىر ئىتتىرسەم  ئايلىنىپ ئېچىلىپ كەتتى.  بۇ جازىنى 90 گرادۇس ئايلاندۇرغاندا ئەزىمەتنىڭ كۇتۇپخانىسىغا چىققىلى  بولىدىكەن. ئەمەلىيەتتە بۇ كىتاب جازىسى ئەمەس، مېنىڭ كۆزۈمنى بوياش ئۈچۈن ياسالغان نەرسە ئىكەن ئەمەسمۇ.  شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى بۇنداق ئىشنىڭ بارلىقىنى ئەجەب بىلمەپتىمەن.ئەزىمەتنىڭ قانچىلىك رەزىل، قانچىلىك پەسكەش ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ بەكرەك تونۇپ يېتىۋاتىمەن.  ئەزىمەت تېخىچە تېلېفوننى ئۇرىۋاتاتتى. كۇتۇپخانا ئارقىلىق  يەنە بىر ئۆيگە چىقىپ بولۇپ، ئاندىن تېلېفوننى ئالدىم.

_ ۋەي ، نازىيە، ئالدىراشچىلىقتا ئاچقۇچنى خاتا بېرىپ قويغان ئوخشايمەن، بۈگۈن بارماي باشقا بىر كۈنى بارسىڭىز بولامدۇ؟_، ئەزىمەت بەك جىددىيلىشىپ كەتكەن ئىدى.  

_ كاللىڭىز بەك ئىشلەيدىكەن ھە،  دوختۇر بولماي لايىھىلىگۈچى بولسىڭىز بوپتىكەن ئەسلى. _ مازاق ھەم ئاچچىق ئارىلاش شۇنداق دېدىم.

_ كىردىڭىزما؟ - ئىشەنمىگەندەك بىر خىل تەلەپپۇزدا شۇنداق دېدى.

_ مەن بەك دۆتكەنمەن، كۆزۈمنى شۇنچىلىك بويىغىنىڭلارنى بىلمەي يۈرۈپتىمەن، ئەمما ھەرقانچە دۆت، كالۋا بولساممۇ ئاچقۇچنىڭ ئۈستىگە يېزىقلىق سانلارنى تونۇيالايمەن.

شۇنداق دەپ ئاچچىق بىلەن تېلېفوننى قويۇۋەتتىم.  گەرچە ھازىر ئۇنىڭ بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىم بولمىسىمۇ،  ئەمما كۆڭلۈم يەنىلا بەك يېرىم بولدى. ئۆزۈمنىڭ ئالدانغىنىمغا ئەمەس، دۆتلۈكۈمگە ئاچچىقىم كەلدى. ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىمدا قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىنى بىلمەپتىمەن دەيمەن.  ئىلگىرى ئەزىمەتنى بەك ھۆرمەت قىلاتتىم، ئۇ نېمە دېسە ياق دېمەيتتىم، شۇڭا ئۇ كۇتۇپخانىغا كىرمەڭ دېگەندىن كېيىن بىرەر قېتىم كىرىپمۇ باقمىغان ئىدىم. شۇنداق، مەن شۇنداق يۇۋاش، ساددا، دۆت ئىكەنمەن.  ئۇ مۇشۇ ئۆيدە باشقا بىر خوتۇن بىلەن يوشۇرۇن كۆڭۈل ئېچىپ يۈرگەندە، مەن ئۇنىڭ تامىقىنى ئېتىپ، كىر قاتلىرىنى يۇيۇپ يۈرۈپتىمەن.  ئويلىغانسېرى ئازابلىنىپ كېتىۋاتاتتىم.  

كۇتۇپخانىدىن چوڭ ئۆيگە چىقتىم، ئۆي پۈتۈنلەي ئئۆزگەرتىۋېتىلگەن، مەن تۇتقان ۋاقىتتىكىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى.  تۇيۇقسىز بالكوندىن«مياۋ» قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى.  بالكونغا چىقىپ قارىسام بىر مۇنچە نەرسىلەر دۆۋىلەپ قويۇلغان بۇلۇڭدىن مۈشۈك بەك تەستە ئۆمىلەپ چىقتى.  ئۇ ئورۇقلاپ، مەينەتلىشىپ تولىمۇ بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى.  قارىغاندا بۇلار ئۇنىڭ قورسىقىنىمۇ توقلاپ قويمىغان چېغى.   مەن بۇ مۈشۈكنى ئاسلانچاق دەپ چاقىراتتىم. بۇرۇن ئۇ ماڭا بەك ئامراق ئىدى، مەن زۇڭزىيىپ ئولتۇرساملا كېلىپ قۇچىقىمغا چىقىۋالاتتى.  ھازىرمۇ يېنىغا بېرىپ زۇڭزىيىپ ئولتۇرساملا كېلىپ قۇچىقىمغا چىقتى، ھەرىكىتى بۇرۇنقىدىن ئاستىلاپ قاپتۇ. ئاچلىقتىن ماغدۇرىمۇ قالمىغاندەك قىلاتتى.  ئۇنى مەينەت بولۇپ كېتىپتۇ دېمەي باغرىمغا باستىم.  

ئىشىكنىڭ ئېچىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى، بىردەمدىن كېيىنلا ئەزىمەت ئالدىمدا پەيدا بولدى.

_ ئۇچۇپ كەلدىڭىزما؟ نېمە، مېنى بىرەر نەرسىنى ئوغرىلاپ كەتمىسۇن دەپ ئەنسىرىگەن ئوخشىمامسىز؟_ مازاق قىلغاندەك ئاھاڭدا دېدىم مەن.  ئەزىمەت گەپ قىلمىدى. مەن يەنە _ ئاسلانچاقنىڭ قورسىقى بەك ئېچىپ كېتىپتۇ، ئۇنىڭغا يەم بەرمىگىلى نەچچە كۈن بولدى؟ ئۇنى ئاچلىقتىن ئۆلسۇن دېگەنمىتىڭلار؟

_  ئايگۈزەل مۈشۈكنى ياقتۇرمايدىكەن_، دېدى ئەزىمەت.

_ ئەلۋەتتە، ئۇ سىزنى ياخشى كۆرگەن بىلەن مۈشۈك بىلەن خۇشى  يوق بولىدۇ دە.

_ ئەگەر كۆزىڭىز قىيمىسا ئەكەتسىڭىز بولىدۇ. ئايگۈزەل تاشلىۋېتىمەن دەپ بەك غەلۋە قىلىپ كەتكەن،  ھە راست، نەرسە كېرەكلىرىڭىزنىڭ ھەممىنى يىغىپ قويدۇم. _ ئۇ دۆۋىلەپ قويغان نەرسە كېرەكلەر ئىچىدىن بىر توقۇلما خالتىنى سۆرەپ چىقتى، _ ھەممىسى مۇشۇنىڭ ئىچىدە.  

ئېچىپ قارىدىم، بىر دۆۋە ئەخلەتنىڭ ئۆزىغۇ. ئىچىدە ھەممە نەرسە بار ئىكەن، ئەزىمەت ئىككىمىزنىڭ تويلۇق سۈرىتىمىزنىڭ پارچىلىرى،  مېنىڭ يۇيۇش بۇيۇملىرىم، ئەمما ھېچقايسىسى ساق ئەمەس.

_ بۇ نەرسىلەرنى تاشلىۋەتمەي يىغىپ ساقلاپ قويغىنىڭىزغا رەھمەت ئېيتسام بولغىدەك.

_ ئەسلى سىزگە تېلېفون قىلىپ نەرسىلىرىڭىزنى ئەكىتىڭ دەي دەپ تۇرغانتىم، ئەگەر سىزگە كېرەك بولمىسا تاشلىۋەتمەكچىتىم.

ئەسلى مەن ئاساسلىقى بىر نەچچە قۇر كىيمىمنى ئەكىتەي دەپ كەلگەن، خېلى كىيگۈدەك  كىيىملىرىم بار ئىدى، تاشلىۋېتىشكە كۆزۈم قىماي كەپتىكەنمەن. ئەمما ئۇنىڭ ھەممە نەرسەمنى ئەخلەت دۆۋىسىگە دۆۋىلەپ قويۇشىنى ئويلىماپتىمەن. قاراپ بېقىپ ئەكەتكۈدەك نەرسە يوقكەن دەپ ئويلىدىم.

_ ئۇ تەرەپتىكىسى ئايگۈزەلنىڭ ئۆيى_ ئەزىمەت خېلىدىن كېيىن ئېغىز ئاچتى.

بىردەم تۇرىۋېتىپ ئاندىن كۈلۈپ كەتتىم ۋە:

_ قاراپلا بىلدىم. ئۇ سىزنى بەك ياخشى كۆرىدىكەن جۇمۇ. سىز بىلەن بىللە بولۇش ئۈچۈن تام تېشىپ، ئۆينى بىرلەشتۈرۈپتىكەن. مۇھەببىتىڭلار چىن بولغاچقا مۇرادىڭلارغا يېتىپسىلەر. بولدى،  ماڭا بۇ توغرىلىق ئىزاھ بېرىمەن دەپ جاپا تارتماڭ، مېنىڭ ئاڭلىغۇممۇ يوق.

 بۇ گەپنى دەپ بولۇپ ئاسلانچاقنى ئېلىپ ماڭدىم.

_ ئۈمىد بىلەن راستلا توي قىلامسىز؟

_  ئۇنۇتقاق بولۇپ قالدىڭىزمۇ قانداق؟ تۆنۈگۈن  خەلق ئىشلار ئىدارىسىدە ئۇچرىشىپ قالغىنىمىزنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزما؟

ئۈمىد بېشىنى پەس قىلىپ تۇرىۋالدى، نېمە دىيىشىنى بىلەلمىدى بولغاي.

_ ئەزىمەت، ئۈمىد بىلەن توي قىلغىنىمدىن ئىچىڭىز ئاچچىق بولدى، شۇنداقمۇ؟ سىزنىڭچە بولسا مەن سىزدىن ئايرىلىپ ياشىيالمىغان بولسام، ياكى پۇتىڭىزغا ئېسىلىپ تۇرۇپ مەندىن ئايرىلىپ كەتمەڭ دەپ يالۋۇرغان بولسام ياخشى بولاتتى، شۇنداقمۇ؟

_ ئۈمىد سىزنى ھەرگىز ياخشى كۆرمەيدۇ.

ئەزىمەتنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بىر خىللا بولۇپ قالدى،  ئۈمىڭ مېنى بەك ياخشى كۆرۈپ كېتىپ مەن بىلەن توي قىلماقچى بولغان ئەمەس، بۇنى ئوبدان بىلىمەن.  ئەمما ئەزىمەتنىڭ بىر خىل مەنسىتمەسلىك تەلەپپۇزى بىلەن  دېگەن گېپىدىن سەل ئاچچىقىم كەلدى. ئۇ مېنى ياخشى كۆرمىگەندىكىن، ئۈمىدنىڭمۇ مېنى ياخشى كۆرۈشى مۇمكىن ئەمەس دەپ قارايدىغان چېغى.

_  ئۈمىد مېنى ياخشى كۆرەمدۇ، كۆرمەمدۇ، سىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق.  بۇنىڭدىن كېيىن ھەر ئىككىمىز ئۆزىمىزنىڭ يولىغا ماڭىمىز، شۇڭا مېنىڭ ئىشىمغا بەك باش قاتۇرۇپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

بۇ ئېلاننى  دەسسەپ  ئۈتۈپ  كىتىڭ


شۇنداق دەپلا ئىشىك تەرەپكە ماڭدىم.

_ توختاپ تۇرۇڭە__، ئەزىمەت شۇنداق دەپ ھۇجرىغا  كىرىپ، بىر جۈپ توقۇلما ساپما كەشنى كۆتۈرۈپ چىقتى.

_  بۇنى ئاپام سىزگە ئاتاپ توقۇپ بەرگەن. ئېلىپ كېتىڭ.

ئەزىمەتنىڭ ئاتا ئانىسى يېزىدا دېھقانچىلىق قىلىدۇ. ئاپىسى ئېتىز ئىشىدىن ئېشىنىپ ماڭا توقۇپ بەرگەن ساپما كەش ئىدى، بەك چىرايلىق، بەك سىپتا توقۇلغان ساپما كەش، كىيىشكە كۆزۈم قىيماي ئېلىپ قويغان ئىدىم.

بولدى، ئاپىڭىز بۇنى كىلىنىگە توقۇپ بەرگەن، ھازىر مەن ئۇلارنىڭ كىلىنى ئەمەس، شۇڭا بۇنى ئېلىپ كەتمەي بولدى. ئەزىمەت بىر نىمە دېمەكچى بولۇپ تۇرىۋىدى، تېلېفونۇم سايرىدى.  تېلېفون قىلغىنى ئۈمىد ئىدى.

_ مەلىكەم،  نېمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟

 دەقىقە ئارىلىقىدا ئۇنىڭغا بۇ يەردىلىكىمنى دەيمۇ دېمەيمۇ دەپ ئارىسالدى بولۇپ، ئاخىرى راست گەپنى ئېيتتىم.

_ ئەزىمەتنىڭ ئۆيىگە ئازراق نەرسە كېرەكلىرىمنى ئالغىلى كەلگەنتىم.

_ ئىشىڭىز تۈگىدىمۇ؟ تۈگىگەن بولسا سىزنى ئالغىلى باراي.  سىزنى بەك سېغىندىم.

مەن ماقۇل دەپ تېلېفوننى قويۇۋەتتىم. ئەزىمەت بۇ گەپلەرنىڭ ھەممىنى ئېنىق ئاڭلىدى بولغاي، چىرايى غەلىتە بىر خىل ئۆزگىرىپ كەتتى.  مەن ئاسلانچاقتىن باشقا ھېچقانداق نەرسىنى ئالماي يېنىپ چىقتىم. ئۈمىد يېقىن ئەتراپتا بولغىيمىتى، بىردەمدىلا كەپ بوپتۇ.  ئولتۇراق رايوننىڭ ئالدىغا چىقسام ئۇ مېنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن. ماشىنىغا چىقىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۇ قولۇمدىكى مۈشۈككە قاراپ قويدى.  مەن ئالدىراپ تىنەپ ئۇنىڭغا چۈشەندۈردۈم:

_ بۇ مۈشۈك ئەسلى بەك ئۇماق ئىدى، ئۇلارنىڭ مۈشۈك بىلەن كارى بولماپتۇ، يا يەم بەرمەپتۇ، يا يۇيۇپ قويماپتۇ.  شۇڭا مۇشۇنداق مەينەت بولۇپ كېتىپتۇ، ئىچىم ئاغرىپ ئەچىقىۋالدىم.

_ ھە بوپتۇ، ئۆيگە ئاپىرىپ يۇيۇپ قويارسىز.  ھە راست، بۇ يەرگە نېمە قىلغىلى كەلدىڭىز؟  _، سورىدى ئۈمىد ماشىنىنى قوزغاتقاچ.

_  ئازراق نەرسە كېرەكلىرىم بىلەن كىيىم-كېچەكلىرىم بار ئىدى، شۇنى ئېلىپ كېتەي دەپ كەلسەم، ئۇلار  ھەممە نەرسەمنى ئەخلەت قاتارىدا دۆۋىلەپ قويۇپتۇ. شۇڭا ھېچنىمە ئالغۇم كەلمەي يېنىپ چىقتىم_ دېدىم مەن.

_ يەنە ئاچچىق يۇتۇۋالدىڭىزما؟_ سورىدى ئۈمىد.

_ ياقەي. ئۇلار بىلەن پەرۋايىم پەلەك. شۇ مۈشۈككە ئىچىم ئاغرىپ ياندۇرۇپ چىقتىم.

ئۈمىد كۆڭلۈمنىڭ پاراكەندە بولغىنىنى بىلىپ قالغان بولسا كېرەك، قولىنى ئۇزىتىپ مېھرىبانلىق بىلەن بېشىمنى سىلىدى.  ئۇ ماشىنىنى ئۇدۇل شەھىرىمىزدىكى خېلى داڭلىق بىر سودا ساراينىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ توختىدى.

_ بىرەر نەرسە ئالامسىز؟

_  سىزگە كىيىم ئېلىپ بېرىمەن.

_ بولدى، مېنىڭ كىيىملىرىم بار.

_ بۇرۇنقىلىرىنى تاشلىۋېتىڭ، سىز ھازىر ئۈمىدنىڭ ئايالى، شۇڭا ئېسىل كىيىنىپ يۈرۈشىڭىز كېرەك. _ شۇنداق دەپلا قولۇمدىن تارتىپ سودا سارايغا باشلاپ ماڭدى. بۇ سودا ساراينىڭ نەرسىلىرىنىڭ قانچىلىك قىممەت ئىكەنلىكىنى بۈگۈن بىلدىم، ئىلگىرى قىممەت دەپلا چۈشىنەتتىم، ئەمما ئىچىگە كىرىپ نەرسە كېرەكلەرنى كۆرۈشكىمۇ پېتىنالمايتتىم. ئۈمىد ماڭا ئۇ يەردىن بىر مۇنچە كىيىم كېچەك، ئاياق، سومكا ئېلىپ بەردى، پۇل تۆلەيدىغان ۋاقىتتا پۇلنىڭ سوممىسىنى كۆرۈپ بۇغۇزۇمغا بىر نىمە كەپلىشىپ  قالغاندەك تۇرۇپ قالدىم، ئەمما ئۈمىد خۇددى بىر تال چوكا مۇزنىڭ پۇلىنى تۆلىگەندەك قىياپەتتە كارتىسىنى سۈركەپ ھېساباتنى قىلىۋېتىپ، سېتىۋالغان كىيىم كېچەك، ئاياقلارنى كۆتۈرۈپ يېنىپ چىقتى.

_   قولىڭىزنى تۇتۇپ ماڭىدىغانغا قولۇم يېتىشمىدى، مەلىكەم. كەينىمدىنلا مېڭىڭ ھە، بىرەسىنىڭ كۆزى چۈشۈپ ئېپ قېچىپ كەتمىسۇن_ دەپ چاقچاق قىلدى ئۇ.

نەرسە كېرەكلەرنى ماشىننىڭ كەينى كۇزۇپىغا سېلىۋېتىپ ماشىنىغا چىقتۇق. ئۈمىد بىر ئىشنى خىيال قىلىۋاتقاندەكلا قىلاتتى. مەن سوراپ باقاي دېدىميۇ، يەنە سوراشقا پېتىنالماي جىم ئولتۇردۇم.  بىردەمدىن كېيىن ئۇ:

_ مەلىكەم، بۇنىڭدىن كېيىن ئاشۇ ئادەملەر بىلەن ئالاقە قىلمىسىڭىز بولامدۇ؟_ دېدى.

_   بۈگۈنمۇ باشقا ئىش بىلەن بارمىغان، شۇ نەرسىلىرىمنى.....

_ سىزگە ئىشەنمەي بۇنداق دەۋاتمايمەن. سىزنىڭ يەنە كۆڭۈل ئاغرىقى تارتىۋېلىشىڭىزدىنلا ئەنسىرەيمەن. ھېلىمۇ ئۇلار سىزگە ئاز دىشۋارچىلىق سالمىدى.  مەن يېنىڭىزدا بولسامغۇ ياخشى، يالغۇز بولۇپ قالسىڭىز ئۇلارغا بوزەك بولۇپ قالىسىز.

_   بولىدۇ. ئەمدى ئۇلارنى ئىزدەيدىغان ئىشىممۇ يوق.

_ گەپ ئاڭلايدۇ، مېنىڭ مەلىكەم_  دەپ بېشىمنى سىلىدى ئۇ. شۇنىڭ بىلەن ئارىدىكى كۆڭۈلسىزلىك تۈگەپ، ھەر ئىككىمىز چوڭقۇر بىرنى تىنىۋەتتۇق.

_ قورسىقىڭىز ئاچتىمۇ؟

_ ئاچتى.

_ ئەمىسە تاماق يەپ كېلەمدۇق؟

_ مەيلى. _ دېدىم  مەن. يەنە ئۆيدە ئېتەي دېسەم، ئۇ ئۇدۇل ئۆزىنىڭ ئۆيىگە باشلايتتى، شۇڭا ھېچ قارشىلىقسىزلا  سىرتتا يىيىشكە ماقۇل بولدۇم.  

چۈشلۈك تاماققا  بۇرۇن سىرتىدىن قاراپلا ئۆتۈپ كېتىدىغان بىر رېستۇرانغا كىردۇق. تاماق تىزىملىكىگە قاراپ ھەيران قالدىم،  تاماقلىرى نىمانداق قىممەت؟

_ تاماقنىڭ باھاسىغا قارىماي نېمە يەيدىغىنىڭىزنى دېسىڭىزلا بولىدۇ_ دېدى ئۈمىد مېنىڭ تاماقنىڭ باھاسىنى كۆرۈپ چىرايىم ئۆزگىرىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ.

_ سىز نىمە يىسىڭىز مەنمۇ شۇنى يەي.

ئۇ بىر نەچچە خىل تاماقنى بويرۇتتى،  مەن بولدى يەپ بولالمايمىز، ئىسراپ بولمىسۇن دېمىگەن بولسام ئۈستەلنى توشقۇزىۋېتەمدىكىن.

_ كەچتە يېنىڭىزغا بارالمايمەن، كەچلىك تاماقنى ئۆزىڭىز يەپ تۇرۇڭ. كەچتە بىر زىياپەت بار ئىدى.

_ يەنە بىرەرسى لايىق تونۇشتۇرامدىكەن؟_ بۇ گەپنى دەپ بولۇپ نىمىشقا دېگەندىمەن  پۇشايمان قىلىپ قالدىم.

_ئەمدى بىرەرسى لايىق تونۇشتۇرىمەن دېسە، ئۆيلىنىش خېتىمىزنى چىقىرىپ كۆرسىتىپ قويىمەن_ دەپ كۈلدى ئۇ.

_ ھە؟ باشقىلارغا كۆرسىتىدىغان ئىش بولسا سۈرەتكە قايتىدىن چۈشسەم بولامدۇ نىمە؟ بۇنىڭدىكىسىگە بەك سەت چۈشۈپ قاپتىمەن. سۈرەتچىمۇ يا تۈزۈكرەك قىلىپ ئوڭشاپ قويماپتۇ.  باشقىلار نىمە دەپ قالىدۇ؟ _ دېدى مەن كىچىك بالىدەك تۇمشۇقۇمنى ئۇچلاپ.

_ مېنىڭ مەلىكەمنى كىم بىر نىمە دەيدىكىن قېنى؟

تاماقلىرىمىز چىقىپ، بىرە قۇر يەپ قورسىقىمىز تويدى، ئەمما تاماق ئېشىپ قالدى، مەن ئېلىۋالايلى دېسەم   ئۈمىد ئۇنىمىدى.  مەن «پۇلۇم بار   دەپ بۇنداق ئىسراپچىلىق قىلساق بولمايدۇ، ئېلىۋالاي، كەچتە مۇشۇنى يەيمەن» دەپ چىڭ تۇرىۋالدىم، ئەزىمەتمۇ ئارتۇق گەپ قىلمىدى.  تاماقلارنى قاچىلارغا سېلىپ  ئەزىمەت مېنى ئۆيگە ئاپىرىپ، نەرسە كېرەكلەرنى ئۆيگە ئېپ چىقىپ بېرىپ، ئەتە ئەتىگەن ناشتىغا كېلىمەن جۇمۇ دەپ قويۇپ كەتتى.









داۋامى  بار





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 


………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k